• ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنۋېلىڭ - [تاغدىن_باغدىن]

    Mar 8, 2009 | خەتكۈچ: ئۇيغۇر يېزىقى

    ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارىخى ۋە ئىجتىمائى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپ خىل يېزىق ئىشلىتىۋاتىدۇ !
    شۇڭلاشقا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئۇيغۇر يېزىقلىرنى ئۆگىنۋېلىشى ئىنتايىن مۇھىم
    ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقلار تۆۋەندىكىچە :
    1.قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
    ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنيەت مىراسلىرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالىملار بۇ يېزىقنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ .

    چەكسىڭىز چوڭ كۆرۈنىدۇ

    2. ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى
    ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ئىشلىتىدىغان بۇ يېزىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق يېزىقى

    چەكسىڭىز چوڭ كۆرۈنىدۇ

    3.ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى
    بۇ يېزىق ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيە -ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان يېزىقتۇر !

    چەكسىڭىز چوڭ كۆرۈنىدۇ
    4.ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
    بۇ يېزىق 2001-يىلى كومپيوتېرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تۈرلۈك تېخنىكىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوشۇمچە زۆرۈر بولغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىدىغان
    يېزىق قىلىپ لاتىن ھەرىپلىرى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان . ھازىر بۇ يېزىق جۇڭگونىڭ سىرتى ۋە ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق يېزىقى بولۇپ قالدى

    چەكسىڭىز چوڭ كۆرۈنىدۇ

    ئەسكەرتىش :
    بۇ يازما تىل ۋىكى دۇنيا تىلىرى ۋە يېزىقلىرى تورىدىن كۆچۈرۈلدى
    ھەرقايسى ھەرپلەرنىڭ ئاستىدىكى ئوقۇلىشى فرانسۇزچە( خەلقئارالىق ترانسكىرپسيە ) دۇر .

    ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلەتمەيۋاتقان يېزىقلار :
    1. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ( ئۇرخۇن يېزىقى )

    چەكسىڭىز چوڭ كۆرۈنىدۇ

    2. ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ( ئۇيغۇر پىنيىن يېزىقى )

    بۇ يېزىق خەنزۇ تىلىنىڭ ترانسكىرىپسىيسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەن يېزىق بولۇپ ھەرىپلىرى لاتىن يېزىقى بىلەن ئوخشاش ئەمما
    ترانسىكىرپسىيىسى خەنزۇ يېزىقى بىلەن ئوخشاشتۇر . مەسلەن :
    q - بۇ تاۋۇشنىڭ خەلقالىق ترانسىكىپسىيدە ئوقۇلىشى [K] يەنى < ك ،ق > ؛ ئۇيغۇر پىنيىن يېزىقىدا ئوقۇلىش < چ >
    x- بۇ تاۋۇشنىڭ خەلقائرا ترانسكىرىپسىيدە ئوقۇلىش [kh,k,gh] يەنى < خ > ؛ ئۇيغۇر پىنيىن يېزىقىدا < ش > دەپ ئىپادىلەنگەن

    3. ئۇيغۇر چاغاتاي يېزىقى
    بۇ يېزىق ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدكى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ ، بۇ يېزىق ھازىرقى ئۇيغۇر ( ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدكى يېزىق ) تىن بەزى جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ .
    ئەمما ئۇيغۇر ئەرەب ھەرىپلىرنى تونۇغان ئادەم ئۇيغۇر چاغاتاي يېزىقنى بىمالال ئوقۇيالايدۇ .
    مەسلەن :
    ئۇيغۇر چاغاتاي يېزىقىدا ھازىقى < ئو ،ئۆ > لار ئوخشاشلا < ئو > بىلەن ،ھازىقى < ئۈ ، ئۇ > لار ئوخشاشلا < ئۇ > بىلەن يېزىلغان !

    http://bilik.cn/?dp-bbsthread-7583.html