• ئەگەر يەرشارىنى بىر 100 كىشىلىك مەھەللە دېسەك - [تاغدىن_باغدىن]

    Dec 14, 2008 | خەتكۈچ:

    ئەگەر يەرشارىنى بىر 100 كىشىلىك مەھەللە دېسەك

    ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پەيزۇللا زەيدىن

               يۇقىرىقى تېما يېقىندا ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان بىر كىتابنىڭ نامى بولۇپ، بۇنىڭدا يەرشارى ناھايىتى چۈشىنىشلىك تونۇشتۇرۇلغان. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدىن ئۈزۈندىلەر.

     

    --------------------------------------------------------------------------------

    دۇنيادا 6 مىليارد 300 مىليون ئادەم بار بولۇپ، ناۋادا بۇنى كىچىكلىتىلگەن 100 كىشىلىك نوپۇسقا ئىگە بىر مەھەللە دەپ قارىساق، قانداق بولۇشى مۇمكىن؟

    100 ئادەمنىڭ ئىچىدە:
    52 ئادەم ئايال،
    48 ئادەم ئەر؛

    بالىلارنىڭ سانى 30،
    چوڭلارنىڭ سانى 70، بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار 7؛

    90 ئادەم يات جىنس بىلەن مۇھەببەتلەشكەن؛
    10 ئادەم ئوخشاش جىنس بىلەن مۇھەببەتلەشكەن؛

    70 ئادەم رەڭلىك ئېرىقتىكى كىشىلەر بولۇپ،
    30 ئادەم ئاق تەنلىك.

    61 ئادەم ئاسىيالىق،
    13 ئادەم ئافرىقىلىق،
    13 ئادەم شىمالى ۋە جەنۇبى ئامېرىكىلىق،
    12 ئادەم ياۋروپالىق،
    قالغانلار جەنۇبى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كىشىلەردۇر؛

    33 ئادەم خرىستىئان دىنىغا،
    19 ئادەم ئىسلام دىنىغا،
    13 ئادەم ھىندى دىنىغا،
    6 ئادەم بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،
    5 ئادەم دەرەخ ياكى تاش قاتارلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە نەرسىلەردە روھ (ئىلاھ) بولىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە شۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ،
    24 ئادەم يۇقىرىقىلاردىن باشقا خىلمۇ-خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ ياكى ھېچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ؛

    17 ئادەم خەنزۇ تىلىدا،
    9 ئادەم ئەڭلىش تىلىدا،
    8 ئادەم ھىندى ۋە ئورىدۇ تىللىرىدا،
    6 ئادەم ئىسپان تىلىدا،
    6 ئادەم رۇس تىلىدا،
    4 ئادەم ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ،
    بۇلار مەھەللە نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل كۈلىدۇ،
    قالغان يېرىمى بېنگال تىلى، پورتۇگال تىلى، ھىندونېزىيە تىلى، ياپون تىلى، نېمىس تىلى، فرانسۇز تىلى قاتارلىق تىللاردا سۆزلىشىدۇ.

    خىلمۇ-خىل ئادەملەر توپلانغان بۇ مەھەللىدە ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنى چۈشىنىش، قارشى تەرەپنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئەتراپ قىلىش، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن مۇشۇنداق قىلىشنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.

    يەنە مۇنداق نۇقتىدىنمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ!
    مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق 100 ئادەمنىڭ ئىچىدە:
    20 ئادەم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن قىينىلىۋاتقان، بىر ئادەم سەكراتتا ياتقان، 15 ئادەم سەمرىپ تىقىلىپ كەتكەن.

    بارلىق بايلىقلارنىڭ ئىچىدە:
    6 ئادەم 59% بايلىقنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئادەملىرىدۇر. قالغان
    74 ئادەم 39% بايلىقنى،
    20 ئادەم بولسا ئاران 2%نى ئىشلىتىۋاتقان بولىدۇ.

    بارلىق ئېنېرگىيىلەرنىڭ ئىچىدە:
    20 ئادەم ئۇنىڭ 80%نى ئىگىلىۋالغان. قالغان
    80 ئادەمگە 20%تى ئايرىپ بېرىلگەن.

    75 ئادەمنىڭ زاپاس يېمەك-ئىچمىكى بار بولۇپ، ئاپەتلىك يىللارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەمما قالغان
    25 ئادەم ئۇنداق ئەمەس. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى
    17 ئادەم پاكىز ۋە بىخەتەر سۇ ئىچەلمەيدۇ.

    بانكىدا ئامانەت پۇلى بار بولغان،
    ھەميان(پورتمال)ئىدا پۇلى بار بولغان،
    ئۆيىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا پارچە پۇللار چېچىلىپ تۇرىدىغان ئادەم، بۇ مەھەللىدىكى ئەڭ باي دەپ قارالغان 8 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەمدۇر.

    ئەگەر سىزنىڭ شەخسىي ماشىنىڭىز بار بولسا، سىز بۇ مەھەللىدىكى ماشىنىسى بار 7 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇرسىز.

    توڭلاتقۇدا يىمەك-ئىچمەكلەرىڭىز بار بولسا
    كىيىم ئىشكاپلىرىدا كىيىملىرىڭىز، بېشىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئۆگزىڭىز بار بولسا،
    يېتىپ ئۇخلايدىغانغا كارىۋىتىڭىز بار بولسا، سىز بۇ مەھەللىدىكى ئاشۇنداق نەرسىلىرى يوق 75 ئادەمگە قارىغاندا بەختلىكتۇرسىز.

    مەھەللىدە
    1 ئادەم ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولۇپ،
    2 ئادەمنىڭ ئۆيىدە كومپيۇتېر قويۇقلۇق. لېكىن
    14 ئادەم ساۋاتسىز بولغاچقا ئۆز ئىسمىنىمۇ يازالمايدۇ.

    ئەگەردە سىز
    بوزەك قىلىنىش، قولغا ئېلىنىش، قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ۋە ئۆلۈم خەۋپىگە ئۇچراشتىن خالى ھالدا، ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادى، ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدانىڭىز بىلەن ياشاۋاتقان، بولۇپمۇ بېشىڭىزنى تىك تۇتۇپ دېمەكچى بولغان گەپلىرىڭىزنى دىيەلىۋاتقان بولسىڭىز، مۇشۇنداق ئىمتىيازغا ئىگە بولالمايۋاتقان 48 ئادەمگە قارىغاندا، سىزنى ناھايىتى بەختلىك دېيىشكە بولىدۇ.

    ئەگەردە سىز
    ئەتىگىنى كۆزىڭىزنى ئېچىپ ئورنىڭىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا، "خۇداغا شۈكرى سالامەت ئىكەنمەن"، دېيەلىسىڭىز، ھەپتە ئاخىرىغىچە بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا قارىغاندا بەختلىكتۇرسىز.
    ئەگەردە سىز، ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنىش، ئوققا تۇتۇلۇش، مىناغا دەسسىۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىش، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى ياكى تەھدىتىگە ئۇچراش، گۆرۈگە ئېلىنىشلاردىن خالى ھالدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولسىڭىز، مۇشۇنداق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىنتىزار بولۇۋاتقان 20 ئادەمگە قارىغاندا بەختلىكسىز.

    بۇ مەھەللىدە بىر يىل ئىچىدە بىر ئادەم ۋاپات بولىدۇ. لېكىن
    بىر يىلدا ئىككى بوۋاق تۇغۇلىدىغان بولغاچقا، كېلەر يىلى بۇ مەھەللىنىڭ نوپۇسى 101 بولىدۇ.

    ئەگەر سىز مۇشۇ خەتلەرنى ئوقۇيالىغان بولسىڭىز،
    دەل مۇشۇ دەقىقىدە، سىزنى 2 ھەتتا 3 ھەسسە بەختلىك ئادەم دېيىشكە بولىدۇ.
    نېمە ئۈچۈن دېگەندە،
    دۇنيانىڭ قايسى بىر جايىدا سىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، سىزگە مۇشۇ خەتلەرنى يوللاۋاتقان بىرەيلەننىڭ بار بولغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ساۋادىڭىزنىڭ، ھەم كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بار بولغانلىقى،
    تېخىمۇ مۇھىمى، دەل مۇشۇ دەقىقىدە سىزنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىڭىزدىندۇر.

     

    مەنبە:http://hi.baidu.com/aptap/blog/item/6fb716ee9739a9fab2fb9513.html