• 2010-08-15

    بىر شاماننىڭ ھېكايىسى - [ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرى]

     

    بىر شاماننىڭ ھېكايىسى

     ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

    ئاۋاز

    ئەزەلدىن ئىچىمدە بىر قورقۇنچ بار

    بىر قورقۇنچ

    قاتىلدەك ياكى

    قاچاق جەڭچىدەك

    بىر ئاۋازدىن قورقىمەن

    قورقىمەن ئۆلۇپ كەتكۇچە تاكى...

     

    شۇ سەۋەنلىكلىرىم

    شۇسەۋەنلىكلىرىم تۇپەيلى

    قاچۇرۇپ بارچىدىن ئۆزۇمنى

    مەنىسىز ئىشلارغا بېرىلەتتىم

    دەھشەتلىك ئاۋازنى كۈتۈپ

    ئۆيۇمگە مەھكەم بېكىنەتتىم

     

    ئوغرى بولارمەنمۇ؟

    ئوغرىنىڭ قولىدا ئۆلەرمەنمۇ؟!

    يېتىشەر ئارقامدىن قارا سايە

    خەنجەر ئۇرۇشى مۇمكىنغۇ؟!

     

    خۇدا!...

    تۇغۇلۇپ خاتا قىلغان!

    ئەتراپقا ئەنسىز قارايمەن

    كىشىلەرگە سۇركىلىپ شۇركىنەرمەن

    ئاھ،بۇ سادا

    تەڭرى بوپ قالسا...

     

    مۇقەددەس سادالار يۈتكەن

    پەيغەمبەرگە  يەتمىگەن سادا

    بىر مىللەتنىڭ يوشۇرۇن قىياپىتى

    ئايان بولار ئالدىمدا

     

    بىز ئىنتىزار بولغان ئارمان

    مەڭگۈ يېتەلمەيدىغان سىما

    ھەممىمىز مەھكۈم بولغان  سادا

    ياڭرار قۇلاق تۇۋىمىزدە...

     

    مۇشۇ كۇنى تۇغۇلغان

     

    چوڭ كوچىدىن كېسىپ ئۆتكەندە،

    خىيالىمدىن كەچتى بىردىنلا

    قانغا بويالغان چىرايىم

    ‹‹ئادەم  رەزىل ئەمەس، ماشىنا رەزىل››

     

    ئاۋازىڭ مۇڭلۇق ئەتەي

    تېلېفۇنىڭدا مەن ئەمەس ئەمما

    ئىچىمدە ئۇنىڭ  ياڭرىماقتا

    ۋېلسىپىتلىك كېتىۋاتقاندا...

     

    ‹‹ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز ››دېگەن

    مانا ئاخىر ئۆزگۇرۇپ كەتتىم

    تەڭ قايغۇرغان بولدۇڭ

    تەسەللىي بەرمەكچى بولدۇم

     

    ئاھ،مۇمكىن ئەمەس!

    بالىلىرىمىز بولىدۇ نۇرغۇن

    تاتلىق تەبرىكلەيمەن ئىچىڭدە:

    ‹‹تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن››

     

    بىر شاماننىڭ ھېكايىسى

     

    پەرىشتىلەر سۆرەپ چىقارمىش،

    سەن يالۋۇرۇپ قىلساڭ قارشىلىق.

    خۇشلۇق ،ئازاب يوقالغان تۇگەل،

    شاھىدىمەن نۇرلۇق،ئىزگۈلۇك...

     

    زۇلمەتكە كىر ،يورىغاي زېمىن،

    چاچلىرىڭنى يايىسەن تال-تال.

    شامانلاردەك مۇشۇ تۇرقۇمدا،

    قۇچاقلىسام ئاھ،ساھىبجامال.

     

    نۇرئىكىدە ئۇزىغان زېمىن،

    ئات گۇلدۇرى چاڭلاردا يۇتكەن.

    ئۆلىۋالدى سەھەردە شائىر،

    سۆيگۈنىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

     


    收藏到:Del.icio.us