-
2010-08-15
سۇ تالىشىش - [ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرى]
سۇ تالىشىش
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
شۇنچە مەرغۇر، شۇنچە لىۋەنسەن
شۇنچە شېرىن، نازۇك بەدەنسەن
ئويناقشىشىڭ دۇلدۇلدۇر گويا
كۈيلەشلىرىڭ بۇلبۇلدۇر گويا
خىيالىمدا بىر ئۆستەڭ لىق سۇ
ئېقىپ كېرەر ئېتىزلىقىمغا...
تالاشقاندەك ئىككى قەبىلە
ئون تۆت ياشلىق رەسىدە قىزنى
بىر توپ تەلۋە، زوراۋانلاردىن،
تالىشىمەن بىر ئېچىق سۇنى.
ئۇلار سۇنى سۆيگىنى بىلەن
كۆرەلمەيدۇ سۇدىن چىنلىقنى
بىر - بىرىگە كۆتۈرۈپ گۈرجەك،
كۆرسىتىدۇ قەھرىمانلىقنى...
ئېرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا
يۈرىكىمدە ئاقىدۇ دەريا
ئاشىق بولدۇم بىر ئېچىق سۇغا...
قىچقىرىدۇ توپ - توپ ئاياللار،
تەۋەززۇلۇق سۆزلەر ئىقىنلار.
ئاياللارغا ئامراق كىشىلەر
ياش يىگىتتىن سۇنى تالىشار.
شۇنچە ۋەھشى، شۇنچە تەننازسەن،
شۇنچە بۈيۈك ۋە شۇنچە ئازسەن.
سەن زېمىننىڭ ئەمەس مېنىڭكى،
دەريا ئەمەس بىر تامچىدۇرسەن،
ئوردىسىدا سۇ شاھىنىڭكى.
ئىككى ئىرىق - ئىككى قەبىلە،
بىر - بىرىنى قىلىدۇ قەتلە.
ئىرىقتىكى قىزنى دېمىسە،
ئەپ ئۆتەتتى مەڭگۈ - مەڭگۈگە.
ئىرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا،
ئاشىق بولدۇم بىر يۇتۇم سۇغا.
سۇ مۇلايىم، رايىش شۇقەدەر،
راھەتلىنەر، شاتلىنار تەنلەر
بىر - بىرىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن،
جان بېرىدۇ ئەركەك بەدەنلەر.
سۇ كىرگەندە ئېتىزلىقىمغا
شادلىق ئۆرلەپ ئاقتى قېنىمغا
سۇ ئاقماقتا
ئاقماقتا ناخشا
سۇ ئاقماقتا
ئاقماقتا ئاقچا
باشلىرىمدا سايرايدۇ قۇشلار
ئېچىقلاردا تاتلىق كۈلكىلەر
جىرىڭلايدۇ ئالتۇن تەڭگىلەر
سۇ چاچىدۇ
چىچىشىدۇ گۈل
مەن ئالماقچى بولغان گۈزەللەر
历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15كۆيگەن شەھەر 2010-08-15
评论