-
2010-08-15
كۆيگەن شەھەر - [مۇھەممەدجان سەيدۇللا]
كۆيگەن شەھەر
زور يانغىن ئىچىدە كۆيمەكتە شەھەر،
بەدبۇي ھېد ئۆرلىدى سۈزۈك كۆك تامان.
بۇقەدەر دەھشەتنى كۆرگەن قېنى كىم؟
بۇقەدەر مۇدىھىش بولغان قاي زامان؟
كۆيمەكتە بىنالار، يوللار، دەرەخلەر،
بۇ بەلكىم غايىپتىن كەلگەن بىر جازا.
نېمە ئۇ مۇھەببەت، قەۋم- قېرىنداش؟
ئادەملەر ئاسىيلىق قىلدۇق ئۆزئارا.
ھېلىلا جۇشقۇنلاپ تۇرغان ھاياتتىن،
بىر دۆۋە كاۋاپلا قېپ قالغان بۇئان.
بىلمەيمىز ئاھ، يەنە ئۈنەرمۇ گۈللەر؟
بىلمەيمىز، قوپارمۇ بىر توپ چار يىلان؟
كۆيمەكتە بۇ شەھەر، كۆيمەكتە شۇنداق،
كۆيگەندەك ئاھ، بىر توپ مەينەت پاھىشە.
بەدبۇي ھىد ئۆرلىدى سۈزۈك كۆك تامان،
ئۆلۈمنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى ھەممە.
پەقەتلا ۋەتەن دەپ يىغلىغان شائىر،
خىيالچان، تىنىچ- ئامان تۇرۇپتۇ مانا.
ئېھ، ئۇنىڭ سەھەردەك سۈزۈك روھىدىن،
ئويغانسۇن قەلبىمىز ۋە پۈتكۈل دۇنيا.历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15بوغاز دەرياسى 2010-08-15
收藏到:Del.icio.us