• 2010-08-15

    يالغۇزلۇقۇم ئىسە قىلغاندا - [ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرى]

     

    يالغۇزلۇقۇم ئىسە قىلغاندا

     

     

    يۇلتۇزلارنى ئەۋەتكىن دىلبەر ،

    چاقناپ تۇرسۇن مەن ئۈچۈن پەقەت .

    دەرەخلەرنى ئەۋەتكىن دىلبەر ،

    قۇچاقلىسۇن بەرسۇن مۇھەببەت .

    ھىدلىرىڭنى ئېپ كەلگەن شامال

    كېزىپ چىقسۇن باغرىمنى تامام .

    كۆيدۈرمىسۇن ئاتەش نەپەسلەر ،

    تەڭلىگىن سۇ ، سۇنغىن قەدە ، جام .

     

    كۆزلەر سۆزلەر ، ئىشقى ئازابى

    ئاھ ، نىمىدىن بېرىدۇ دېرەك ؟

    سۆزلىرىڭدىن ئۆرتەنسە باغرىم ،

    كۆزلىرىڭدىن سۇ ئىچەر يۈرەك .

    ئاقتا بولغان بابا مەشرەپتەك ،

    كەلدىم يىراق چۆللەرنى تاشلاپ

    يوللىرىمغا قالغىن يىقىلىپ ،

    يىراق ئېلىپ كېتەي ھاپاشلاپ ...

     

    مەن ھىچكىمگە قىلمىدىم قۇللۇق ،

    بولدۇم پەقەت ئىشىقنىڭ قۇلى .

    دەرەل دەرەخلەر ئۇخلار خىرامان ،

    ئۇخلىمايدۇ ئاشىق بۇلبۇلى .

    يۇلتۇزلارغا قولۇم سۇنارمەن ،

    ئېقىپ كېرەر باغرىمغا بىر نۇر .

    سەن توغرۇلۇق ئايدىڭ كېچىدە

    شاماللاردىن ئىزدىدىم ئۇچۇر .

     

    مەن ياشىغان خلۋەت شەھەرنىڭ ،

    ئاسمىنىدا ئاي ، يۇلتۇزى يوق .

    قاراڭغۇدا سوزدۇم قولۇمنى

    ۋۇجۇدۇمغا بەرگىن يورۇقلۇق .

    مەن ياشىغان خىلۋەت شەھەردە

    گۈل چېچەكلەر ، دەل - دەرەخلەر يوق ،

    باساي جېنىم باغرىمغا مەھكەم ،

    ئېلىپ كەلگىن ھەممىنى تولۇق .

     

    يالغۇزلۇقۇم ئازابلىغاندا

    نامىڭنى ياد ئەتتىم خۇدادەك .

    بۇ ئادەمسىز تەنھا شەھەردە

    بىر جۈپ گۈل بوپ ئېچىلسۇن يۈرەك .

     

    ---- شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى 1999.8.10

    ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم


    收藏到:Del.icio.us