دىققەت : فىلىملىرىمىزنى رۇخسەتسىز ھەر قانداق تور بېكەتكە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. |
-
2009-01-16
ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يۇمشاق دىتالى <ئويغان كىرگۈزگۈچ>
ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يۇمشاق دىتالى <ئويغان كىرگۈزگۈچ>
<Ölchemlik uyghurche kirgüzgüch ditali
ئۇيغۇرچە فونت ئۈچۈن ھەر قاچان ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە Unicode فونتلارنى تاللىشىڭىز كېرەك.
تۆۋەندە سىزگە <ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمئىيىتى >تەرىپىدىن تارقىتىلغان <ئويغان كىرگۈزگۈچ> تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىمكايىتى يوق Windows مۇھىتىدا ئىشلىتىدىغان، «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيتى» تارقاتقان مەتبەئە ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ئۇيغۇرچە Unicode فونتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، «ئويغان» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنىڭ 3.0 نۇسخىسى.
بۇ نۇسخىسىدىكى ئاساسلىق يېڭىلىقلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈشتە «ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇمىيلاشقان ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى» ۋە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) غا ماسلاشقان «ئۇيغۇر خەلقئارا كونۇپكا تاختىسى» تەمىنلەندى.
1.رەسىم نورمال ھالەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇمىيلاشقان ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى
2.رەسىم Shift كونۇپكىسى بېسىلغان ھالەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇمىيلاشقان ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى
3. رەسىم نورمال ھالەتتىكى ئۇيغۇر خەلقئارا كونۇپكا تاختىسى
4. رەسىم Shift كونۇپكىسى بېسىلغان ھالەتتىكى ئۇيغۇر خەلقئارا كونۇپكا تاختىسى
ئۇيغۇر خەلقئارا كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ULY غا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ ھەر قانداق كىشى ئاسانلا ئۈگىنىۋالالايدۇ. كۆرىۋاتقىنىڭىزدەك، ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى(UEY) دىكى ھەرپلەرنىڭ ئورنى ئىنگلىزچە كونۇپكا تاختىسىدىكى ULY ھەرپلىرىنىڭ ئورنىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېقىنلاشقان. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش 1 ۋە 2 –رەسىمدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆنەلمەيدىغان، UEY بويىچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى خالايدىغان يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە قايتا–قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق قارار قىلىنغان. باشقا يۇمشاق دېتال لاھىيىلىگۈچىلەرنىڭ يۇقىرىدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ قوشۇپ قويىشىنى ۋە ئومۇمىيلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارالمىغان يەرلىرى بولسا، ئۆزىگە خاس ئۇسۇلۇب يولغا قويۇشتىن بۇرۇن UKIJ تور بېكىتىدە مۇۋاپىق پىكىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
2. قاچىلاش پروگراممىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىپ ئىككى خىل كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بىۋاستە قوشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەگەر پروگرامما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېينكى 30 سېكونت ئىچىدە
دىكىدەك تاللاش ئاپتوماتىك قوشۇلمىسا «قاچىلاش ئۇسۇلى» دا كۆرسىتىلگەندەك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قوشۇشمۇ ساقلاپ قېلىندى.
3. ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەرنىڭ باش، ئوتتۇرا ۋە ئاخىر شەكىللىرىنى(مەسىلەن: ڭـ ـڭـ ـڭ ڭ دەك) يېزىشقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇرۇن ئىشلىتىلمىگەن T كونۇپكىسى (يەنى shift+t) غا بوغۇم سوزۇش ياكى ئۇلىنىش بەلگىسى(ـ، كودى0640 ) ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
4. «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيتى» قايتا–قايتا تېىنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن، مەتبەئە ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە چۈشىدىغان، بىر قىسىم ھەقسىز ئۇيغۇرچە Unicode فونتلىرى قوشۇلدى.
UKIJ نىڭ ھەقسىز ئۆلچەملىك فونتلىرىنىڭ نامى UKIJ بىلەن باشلانغان(مەسىلەن: UKIJ Tuz Tom…). ئەگەر باشقا فونتلار لازىم بولسا UKIJ تور بېكىتىدىكى فونتلار بار ئورۇن www.ukij.org/fonts گە پات-پات كېلىپ تۇرسىڭىز يېڭى فونتلار ياسالسىلا ھەقسىز چۈشۈرۈۋالالايسىز.
قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددى بولۇپ بۇ يۇمشاق دىتالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن سىزنىڭ كومپىيوتىرىڭىزغا يەنە چۈشۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ھەم يەنە بارلىق چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ بىرگە چۈشىدۇ .
ئەگەر چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بىسىڭ
مەنبە :ئويغان تور بىتى
بۇ يۇمشاق دېتال ھەقسىز، سېتىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئۇچراتسىڭىز http://www.ukij.org غا كىرىپ پاش قىلغايسىز
评论