ئۇقتۇرۇش : قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى تەرجىمە فىلىملەرنى يوللاپ بېرىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى،ھازىرچە پەقەت كۆرۈش ئادىرىسىلا تەمىنلىنىدۇ، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز

دىققەت : فىلىملىرىمىزنى رۇخسەتسىز ھەر قانداق تور بېكەتكە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ.

  • 2008-12-14

    بىز ھەققىدە - [بلوگ بىلدۈرگۈسى]

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ ئەزىز تورخۇمار دوستلىرى، كەمىنە ش ئە ئۇيغۇرى ئالدى بىلەن شاھ ئۇيغۇر بلوگى نامىدىن كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىغا ئالىي سالام يوللايمەن، ھەم شۇنداقلا سىزلەرنىڭ كەڭ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىن كەمىنىنىڭ بلوگىنى تاللاپ ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزگە ئالەمچە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.

    شاھ ئۇيغۇر بلوگى 2008-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ دەسلەپتە بلوگ جەھەتتىكى چۈشەنچەم تۈزۈك بولمىغان سەۋەبىدىن بۇنىڭدا ئاساسلىق تارىخ بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ كۆچۈرمە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلگەنىدىم، كېيىنچە بلوگنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تور بەتكە ئوخشاش ئۇنىۋېرسال بولماستىن بەلكىم شۇ بلوگنى قۇرغان كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغىنىنى، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتىرى، قىززىقىشى بولغىنىغا ئوخشاش بلوگنىڭمۇ چوقۇم شۇ بلوگگېرغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان خاسلىققا ئىگە بولىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ ئۆزۈمنىڭ قىززىقىشى بۇيىچە بلوگومنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى مەخسۇس ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ ئىشلەپ چىققان چەتئەلنىڭ نادىر فىلىملىرىنى خەتلىك قىلىپ يوللاپ تىل چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن نادىر فىلىملەرنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان كىشىلەرگە يېڭى فىلىمنى ئۆز يېزىقىمىزدا يوللاش، تىل ئۆگىنىۋاتقان ئەمما ئەتراپىدا ئۈگىنىش شارائىتى تولىمۇ ئاز بولغان دوستلارغا يېڭىچە بولغان تىل ئۈگىنىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ بېرىش، ھەم ئاساسلىق ئىشلىتىش دائىرىسى بارغانسىرى تارىيىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىمىزغا يېڭى بىر يول ئېچىش ئۈچۈن بلوگىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر بلوگى قىلىپ مۇقىملاشتۇردۇم، گەرچە ئارىلىقتا رايونىمىزدا تور توختاپ ئۇزۇن مەزگىللىك دەم ئېلىش قويۇپ بەرگەنلىك سەۋەبىدىن بۇ ئىشلار ۋاقتىنچە توختاپ قالغان بولسىمۇ ئەمما تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم، ھازىرغىچە بلوگومدا گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن ئاز بولمىغان فىلىملەرنىڭ تەرجىمىسى ئىشلىنىپ يوللانغاندىن كېيىن كەڭ دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ئېرىشتى. ئۆزۈممۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تەرجىمە ھەم كوررېكتورلۇق جەھەتتە ئىزچىل باشقىلارنىڭ ئۆگىتىشى ھەم كۆرسىتىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم، ھەم يېقىندىن بۇيان تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنىڭ ئىملا خاتالىقى نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتىم، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەنمۇ بولدى.

     ھازىر شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ زىيارەتچىلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى بلوگ بولۇپ قالدى، بلوگوممۇ بارغانسىرى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ھەتتا يېڭى خەتلىك فىلىم يوللانغان يوللانمىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كۈندە بىر قېتىم كىرىپ چىقىدىغان، تەرجىمە ئىشلىرىدا بۇرۇنقى بىر فىلىمنى بىر ئادەم تەرجىمە ھەم كىرىشتۈرۈش خىزمىتىنى قىلىدىغان ھالەتتىن بىر قانچە ئادەم بىرلىكتە تەرجىمە قىلىپ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ ياخشى فىلىملەرنى دوستلارغا تەمىن ئېتىدىغان ھالەتكە كەلدى، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى بىر يۈزلىنىش، ئاللا خالىسىلا بۇنىڭدىن كېيىن كەڭ تەرجىمان دوستلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەرجىمە خەتلىك ئىشلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ كېتىشكە تىرىشىمىز.

     

    ھۆرمەت بىلەن : شاھ ئۇيغۇر بلوگى

     

    بلوگ قۇرغۇچىسى : ش ئە ئۇيغۇرى (شاھىمەردان ئەخمەت)

     

    شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ۋە ۋەزىپىلىرى

     

    ش ئە ئۇيغۇرى    ­__    تەرجىمان   كوررېكتۇر   كىرىشتۈرگۈچى

    ئەركان خوتەنى   __    تەرجىمان

    Ftx faruk       __    تەرجىمان  كىرىشتۈرگۈچى

    بۇغرا ئەنۋەر      __    تەرجىمان

    خىيال            __     تەرجىمان

     

     

    بۇنىڭدىن سىرت شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ قىززىقىشى بۇيىچە ئازىراقتىن بولسىمۇ تەرجىمە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ فىلىم تەرجىمە قىلغان تورداشلاردىن جەمشىت (قاتىل نىنجا فىلىمىنى تەرجىمە قىلغان)، ئۇيغۇر بالىغ (موڭغۇل فىلىمىنى تەرجىمە قىلغان)، ئابلەتجان (ھىندىستاندىن جۇڭگوغا سەپەر فىلىنى تەرجىمە قىلغان) قاتارلىق ئىسمى ئاتالغان ۋە ئاتالمىغان بارلىق جاپاكەش دوستلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ھەم باشقا تورداشلارنىڭمۇ  ئۆزلىرى ياقتۇرغان فىلىملەرنى شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     

    شاھ ئۇيغۇر بلوگى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

     

    QQ نۇمۇرى : 328847750  (تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ)

    MSN نۇمۇرى : shah@live.cn  (ئامال بار مۇشۇنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)

     

     

    مەزكۈر يازما 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىلاندى





ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق