ئۇقتۇرۇش : قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى تەرجىمە فىلىملەرنى يوللاپ بېرىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى،ھازىرچە پەقەت كۆرۈش ئادىرىسىلا تەمىنلىنىدۇ، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز

دىققەت : فىلىملىرىمىزنى رۇخسەتسىز ھەر قانداق تور بېكەتكە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ.

  • 1970-01-01

    تەرجىمە فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى - [بلوگ بىلدۈرگۈسى]

    شاھ ئۇيغۇر بلوگى تەرجىمە فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى

     

    شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم ئىشلەش دەسلەپكى قائىدىسى

     

    فىلىم مەسئۇلى ش ئە ئۇيغۇرى ئەپەندى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قىلىدۇ

     

     تەرجىمان تەرجىمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان فىلىمنىڭ SRT ھۆججىتىنى ئۆزى تەييارلىسىمۇ ياكى مەزكۈر گۇرۇپپا تەمىن ئەتسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تاپالمىسا ۋاقتىدا ئېلخەت ئارقىلىق ياردەم سورىسا بولىدۇ. تەرجىمە ئۈچۈن پايدىلىنىغان فىلىمگە ھېچقانداق چەك قويۇلمايدۇ.

     

    تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى

     

    ئۈستىدىكى دەرسلىك فىلىمى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، ئەگەر چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەزكۈر بەتنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويساڭلار بولىدۇ .

     

    فىلىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى تىنىش بەلگىلىرى باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار 

    ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرى قائىدىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بىرلىك تۈزۈپ چىقىلدى. (بۇ مەزمۇن قۇتيار تورىدىن پايدىلاندى)

    1. چېكىت «.»

    قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق جۈملىنىڭ كەينىدە چېكىت «.» قەتئىي ئىشلەنمەيدۇ.

    2. پەش «،»nWyقۇتيار تور بېكىتى

    قوشما جۈملىلەردە پەش «،» نىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. قويۇشقا تېگىشلىك يەرلەردە چوقۇم قويۇش كېرەك.

    3. سوئال «؟»

    خەۋەر جۈملىلەردە چېكىت قويۇلمىغىنى بىلەن سوئال جۈملىلەردە سوئال «؟» بەلگىسى چوقۇم قويۇلىدۇ.

    4. يالاڭ تىرناق «()»

    يالاڭ تىرناق پەقەت تېكىستتىكى ئەسكەرتىش كېرەك بولغان مەزمۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. نېمىنى ئەسكەرتىش كېرەك؟ بۇنى تەرجىمان ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

    مەسىلەن:

    مەن قىزىل پايپاق (داڭلىق زەيتون توپ كوماندىسى) نى ياخشى كۆرىمەن

    5. قوش تىرناق ««»»

    قوش تىرناق ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىغا ماس كەلگەن قوش تىرناق ئىشلىتىلىدۇ.

    6. دىئالوگ بەلگىسى   «—»

    ئىككى ئادەمنىڭ سۆزى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە چوقۇم جۈملە بېشىدا ئىشلىتىلىدۇ.

    7. كۆپ چېكىت «...»

    تولۇق ئاياغلاشمىغان جۈملىدىن كېيىن ۋە، تولۇق باشلانمىغان جۈملىدىن بۇرۇن قويۇلىدۇ. بەزىدە دۇدۇقلىغانغا ئوخشاش شارائىت ئۈچۈنمۇ قويۇلىدۇ. پەقەت ئۈچلا چېكىت كۇپايە.

    8. بوش ئورۇن

     (1) ئىككى سۆز ئارىسىدا بوش ئورۇن قويۇلىدۇ.

    (2) پەشتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، پەشتىن كېيىن چوقۇم قويۇلىدۇ.

    (3) ئېچىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلىدۇ، كېيىن قويۇلمايدۇ. يېپىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.

    (4) سوئال بەلگىسىدىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.

    (5) دىئالوگدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

     (6) ساندىن كېيىنكى ـىنچى، ـنىنچى بەلگىسىنىڭ ئالدىدا قويۇلمايدۇ، كەينىدە قويۇلىدۇ.

    (7) كۆپ چېكىتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قويۇلىدۇ.

     

    تەۋسىيە:

    فىلىمدە ئۇچرىغان ئىسىملارنى بىر باشتىن خاتىرىلەپ ماڭساق، كۆپ ئىشلاردا ئاسان بولىدۇ ھەم بىردەكلىك ساقلىنىدۇ.

     

    بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دىئالوگ بىرگە گەلگەندە پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئامال بار ئىككىنچى دىئالوگنى قۇر تاشلاپ يېزىش كېرەك

      

     

    خاتىرە دەپتەرنىڭ ئوڭدىن سولغا تەڭشىكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەم تىنىش بەلگىلىرى، سانلار ۋە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدىغان ھەرپ - بەلگىلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

     

     

     





    评论

  • SSA دىگەن نىمە، تەپسىلىرەك چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز! خەت بىلەن سۈرەتنى قانداق ماس كەلتۇرىدىغاننىمۇ دەرسلىكتە چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى!
    ش ئە ئۇيغۇرى 回复ئۇيغۇر ئوغلى说:
    ئالدىراشچىلىقتا بۇ دەرسلىكنىڭ ئاخىرىنى ئىشلەيدىغانغا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ، ئەمما سىزگە ئابرال بلوگى تۈزگەن خەتلىك، فىلىم ئىشلەش قوللانمىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن، شۇنى كۆرسىڭىز ئاز تولا نەرسىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز
    2010-11-19 16:42:13
  • ئەسسالام، ئالدى بىلەن بارلىق دوستلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
    ھۈرمەتلىك شاھ ئالىلىرى، كىنونىڭ ئۈستىدىكى خەتنى قانداق كىرگۈزىمىز؟
    ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئوغلى
    ش ئە ئۇيغۇرى 回复ئۇيغۇر ئوغلى说:
    ئادەتتە SRTبىلەن بۇ ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا ssaنى قوللىنىمىز
    2010-11-18 02:33:51
  • فىلىم بىلەن خەتنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن قايسى يۇمتالنى ئىشلىتىمىز؟ ياكى باشقا ئامال بارمۇ؟
    ش ئە ئۇيغۇرى 回复ئۇچقۇن说:
    win aviنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
    2010-11-11 15:23:52
  • مەن سىز ئۆگەتكەن ئۇسۇل بىلەن فىلىمى تەرجىمە قىلدىم ،لىكىن قويغۇچتا قويغان ۋاقىتتا خەت سوڭتىدا كۆرىنىپ قېلىۋاتىدۇ.ئۆلچەملىك فونتات كۆرۇلمىدى .بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز
    ش ئە ئۇيغۇرى 回复مۇخلىس说:
    بۇنىڭدا ئىشلىتىدىغان كىرگۈزگۈچ چوقۇم 暴风影音بولىشى كېرەك شۇنداقلا خەتنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە ئايرىم دېتال كېتىدۇ
    2010-11-07 12:37:38
  • كېيىنكىسىگە تەشنامەن، رەھمەت سىزگە!
  • ئۇزۇندىن بېرى تەرجىمىگە قىزىقىپ كېلىۋاتاتتىم ،بۇ دەرسىڭىزدىن ئازراق چۈشىەنچىگە ئىگە بولدۇم ،كۆپ تەشەككۈر
    ش ئە ئۇيغۇرى 回复شاش باللا说:
    كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەن بولساملا ئەمگىكىمدىن رازىمەن
    2010-10-29 01:46:29
  • مېنىڭ شۇنداق ئۈگەنگۈم بار ئىدى ،،مەن بەك دۆتكەنمەن جۇمۇ....
    شاھ ئۇيغۇر ئەپەندىمگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن....
    ش ئە ئۇيغۇرى 回复شەخىس 说:
    ئەرزىمەيدۇ دوستۇم
    2010-10-20 00:55:07
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم، بۇ ئىشنى بەكمۇ ياخشى باشلاپسىز. فىلىم تەرجىمە ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان لىكىن ئىشنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەيۋاتقان دوستلارغا بەك ياخشى دەرىسلىك بوپتۇ.
    ش ئە ئۇيغۇرى 回复خىيال说:
    شۇنداق، تەرجىمە قىلىشقا قىززىقىدىغان ئەمما ئىشنى باشلاشنى بىلەلمەيۋاتقان دوستلار ئۈچۈن ئازىراق پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسىلا قىلغان خىزمىتىمىزدىن رازى
    2010-10-19 21:58:31
  • كاتتا ئىش بوپتۇ،ئۆگۈنۈۋالدۇق!...[cusFace:2]
    ش ئە ئۇيغۇرى 回复ئۇيغۇربەگ说:
    تۇنجى دەرسلىك بولغاچقا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولىشى تەبىئىي، شۇڭلاشقا ھەر قانداق چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
    2010-10-19 21:12:28
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق