请点击显示图片
请点击显示图片
请点击显示图片
请点击显示图片
请点击显示图片
 
پەخىرلەن، كەسىپدىشىم سەن ھەم
ئاپتور:ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي    چېكىلىش سانى:106    ۋاقتى:2007-4-3    . www.seltenet.com .
 

بۇ يىل 2004 - يىل، مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىمغا بىر كەم ئوتتۇز يىل بولدى. سەمىمىيىتىم بىلەن دېسەم، مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىلىق ياش ئەۋلادلارغا ئىلىم - پەن ئۆگىتىپ، ئۇلارنى زىيالىي، يەنى دىلى ئىلىم چىرىغى بىلەن يورۇغان ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرىدىغان كەسىپ. شۇڭا، مەن ئويلايمەنكى، مەدەنىي ئىنسانلار دۇنياسىدا، ياش ئەۋلادلارغا، بىلىمسىز ئادەملەرگە بىلىم ئۆگىتىپ، ئۇلارنى ئىلىم - مەرىپەتلىك، مەدەنىيەتلىك ئىنسانلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئوقۇتقۇچى __ مۇئەللىملىك كەسپىنى بېسىپ چۈشىدىغان يەنە بىر ئەۋزەل كەسىپ يوقتۇر.
مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى  __ ئىنساننى بىلىم ساھەسىدە بىر ئىزدا توختاپ قالماي، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشكە، يېڭىدىن يېڭى ئىلىم - مەرىپەت بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى ئاۋۇتۇپ، داۋاملىق تويۇندۇرۇپ تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان كەسىپ. مېنىڭ چۈشەنچەمچە، «ئوقۇتقۇچى» دېگەنلىك ھەرگىزمۇ «ئىچىگە ئىلىم - مەرىپەتنى مەڭگۈگە يەتكۈدەك قىلىپ قاچىلىۋالغان، ئەمدى يەنە بىلىم ئالمىسىمۇ، ئۆگەنمىسىمۇ بولىدىغان كىشى» دېگەنلىك بولمايدۇ، بەلكى ئۇ «ھەم بىلىم ئالغان، مەرىپەت تەربىيىسى بويىچە نىسبەتەن يېتىلگەن ھەمدە يەنە داۋاملىق بىلىم ئالالايدىغان، يېڭى بىلىم ئۇچۇرلىرى بىلەن، يېڭى پەن - تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى داۋاملىق قوراللاندۇرۇپ تۇرالايدىغان كىشى، يەنى باشلامچى ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەنگىنىنى باشقىلارغا ئۆگىتەلىگۈچى» دېگەن بولىدۇ. شۇڭا، مەن كەسپىي ئېھتىياج تۈپەيلى ئىنساننى بىپايان ئىلىم - مەرىپەت دېڭىزىدا، ئۈزلۈكسىز داۋاملىق ھالدا ئالغا قاراپ ئۈزۈشكە مەجبۇرلايدىغان ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرىمەن.
مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان مەكتەپ، خۇسۇسەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر  __ ئوقۇتقۇچى بولغان كىشىنى يالغۇز بىلىم - مەرىپەت تارقىتىش ئىمكانىغا ئىگە قىلىدىغان سورۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىلمىي تەتقىقات، كەشپىيات ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ، ۋەتەن، خەلقنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر تۆھپىلەرنى قوشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان كەڭ مەيدان بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەن بىلىم - مەرىپەت ئوچىقى، ئىلىم - پەن مەرىكە مەيدانى بولغان مەكتەپنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىمەن؛ مۇشۇنداق ئىلىم - مائارىپ سورۇنىنىڭ بىر ئىشچان خادىمى  __ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن.
دەرۋەقە، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى مېڭە قۇۋۋىتى سەرپىياتى ئارقىلىق ئىلىم - مەرىپەت بىناسى بەرپا قىلىدىغان، مەدەنىيەت دۇنياسى ئۈچۈن مەنىۋى بايلىق يارىتىپ بېرىدىغان كەسىپ بولغاچ، دەماللىققا ماددىي بايلىق يارىتالايدىغان تىجارەتچىلىك، سودىگەرلىك كەسپىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئادەتتە بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە مىليونېر، تىرلىيونېرلاردىن بولالمايدۇ. ئەمما، ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم بۈگۈنكى ئاۋاملار جەمئىيىتىدە بازار تېپىپ يۈرگەن «تۇرمۇش دېگەن ئەل ئاجايىپ بىر ژۇرنال، بۇ ژۇرنالدا باش ماقالە پۇل ۋە مال» دېگەن گەپكە ھەرگىز چىن پۈتمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ۋە چىن ئەقىدىسى بىلەن مەزكۇر ماقال خاراكتېرلىك گەپنى«تۇرمۇش دېگەن ئەل ئاجايىپ بىر ژۇرنال، بۇ ژۇرنالدا باش ماقالە < بىلىم ئال>» قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ.
مەن مۇشۇنداق ئەقىدىلىك، ماددىي تۇرمۇشى غورىگىل بولسىمۇ، ئىلىم بايراقدارى بولۇپ ئۆتىدىغان ھاياتىدىن مەڭگۈ مەمنۇن ياشايدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن ھەقىقەتەنمۇ دەپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە پەخىرلىنىمەن !
            2004 - يىل 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، بېيجىڭ.

ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر تىزىم…
 2- ساندىكى «تەلەيلىك ئوقۇرمەن»…
 2007 - يىللىق 3- ساننىڭ بەت ياساش خ…
 خەت ساندۇقىمىز ئارقىلىق قوبۇل…
 3 - سان ژۇرنال بەت ياساش باسقۇچى…
 مېنىڭ يەنە بىر تىلىم
 قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر تىزىم…
 2- ساندىكى «تەلەيلىك ئوقۇرمەن»…
 2007 - يىللىق 3- ساننىڭ بەت ياساش خ…
 خەت ساندۇقىمىز ئارقىلىق قوبۇل…
 3 - سان ژۇرنال بەت ياساش باسقۇچى…
 مېنىڭ يەنە بىر تىلىم
ئەسەر يوق
 

2007 - يىللىق 3- سانن…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…

ۋاقىتنىڭ قىممىت…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:46.88ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社