دۇنيادا گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. بۇ ئىنسان قەلبىنىڭ پاكلىق تەرىپىدۇر. ئەمما گەپ نېمىنى گۈزەل دەپ تونۇشتا. مىللەت، ئېرق ئوتتۇرىسىدا، ئەرلەر، ئاياللار ئوتتۇرىسىدا، ياشلار، چوڭلار ئوتتۇرىسىدا تونۇش - ھېس قىلىش جەھەتتە پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن. خۇددى بىز قاپقارا سۇمبۇل چاچلارنى، قاراقاش، قارا كۆزلەرنى گۈزەللىك دەپ بىلسەك، باشقا ئېرقتىكىلەر سېرىق چاچ، كۆك كۆزلەرنى گۈزەل دەپ بىلگىنىدەك. گۈزەللىكنىڭ تەبىئىيسى ياخشى. ياسالما سۇلياۋ گۈل كۆركەم كۆرۈنگىنى، ئۇزۇنغىچە سولاشمىغىنى بىلەن، تەبىئىي گۈل چېچەكنىڭ خۇش ھىدىنى ئۆزىدە ئەسلا مۇجەسسەم قىلالمايدۇ. بەزى كىشىلىرىمىز ئالتۇن رەڭلىك چاچنى ياخشى كۆرۈپ، ئۆز چېچىنى ئالتۇن رەڭگە ئۆزگەرتكىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ قارا ياكى بوز كۆزىنى سېرىق چاچقا ماسلاشقان كۆك كۆزگە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سالاپەت، ئىسكەت، يۈرۈش - تۇرۇش، ئىش - ھەرىكەتتىمۇ ئۆز تەبىئىتىدە مەۋجۇت ئېلېمېنتلارنىلا ئىپادىلىيەلەيدۇ، خالاس. گۈزەللىكتە، تاشقى گۈزەللىك شاكال، ئىچكى گۈزەللىك مېغىز؛ تاشقى گۈزەللىك باراڭ، ئىچكى گۈزەللىك قاپاقتۇر. ئەمما بەزى ھاللاردا، مېغىزى بىلەن كارى يوق شاكىلىغا قارايدىغان، قاپىقى بىلەن كارى يوق، باراڭنى ئەتىۋارلايدىغان قىلمىشلار مەۋجۇت. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئىنسانلار ئارا بىر - بىرىنى دوراش، بىر - بىرىدىن ئۆگىنىش مەڭگۈ توختىمايدۇ. بەزىلەرگە ئۆزىنىڭكى گۈزەل كۆرۈنسە، يەنە بەزىلەرگە ئۆزگىنىڭكى گۈزەل كۆرۈنىدۇ. بىزنىڭ ئۆزگىلەرنى ھەۋەس قىلدۇرىدىغان، جەلپ قىلىدىغان ياخشى ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز، يارىشىملىق كىيىم - كېچەكلىرىمىز بار. قاچانلاردىدۇ بىر چاغلاردىن باشلاپ، تويى بولىدىغان قىزلار چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى، مارجان دوپپىلارنى تاشلاپ، ئاق لىباسقا ئورۇنىدىغان بولدى. بەلكىم بۇمۇ بىر خىل گۈزەللىككە ئىنتىلىشتۇر. ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەنە شۇ ئاق لىباسنىڭ ئىگىلىرى بىزنىڭ ئەتلەس كۆڭلەكلىرىمىزنى، مارجان دوپپىلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ، توي كۈنلىرىدە شۇنى تويلۇق كىيىمى قىلسا، بىز كۈلەرمىزمۇ ياكى يىغلارمىزمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. دوستۇم، مەن گۈزەللىك ئۈچۈن مەڭگۈ قەلەم تەۋرىتىمەن، مەن مەڭگۈ گۈزەللىك ئاشىقى! ئۆز پىكرىم ۋە بايانىم ئارقىلىق ئاز بولسىمۇ قەغەز يۈزىگە ئۈنچە تىزدىم. مەن يەنە گۈزەللىك ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىشقا موھتاجمەن، تېخىمۇ كۆپ گۈزەللىك ھۈجەيرىلىرىنى ئىزدەشكە تەييارمەن. دېمەك، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەر ھەقىقىي گۈزەللىكنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل گۈزەللىكى بىز ئەۋلادلارنىڭ گۈزەللىكىگە تېخىمۇ گۈزەللىك قوشقۇسى. گۈزەللىككە تولغان ئانا تۇپراق قوينىدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ گۈزەل ھايات قوينىدىن ھەقىقىي گۈزەللىك كۈيىنى ياڭرىتىشىغا تىلەكداشمەن. دوستۇم، ئانا تۇپرىقىمنىڭ ھەربىر شەيئىسى شۇنچە گۈزەل، ئادەملىرى شۇنچە ئاق كۆڭۈل. كەل دوستۇم، گۈزەللىك ھەققىدە ئىزدىنەيلى، گۈزەللىككە ئىنتىلەيلى.
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي مەكتەپ رايونى بىناكارلىق فاكۇلتېتى يول - كۆۋرۈك لايىھىلەش سىنىپىدىن) ژۇرنىلىمىز 2004.6 - سانىدىن
|