www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
قايغۇلۇق خەۋەر
ئاپتور:جۇڭگو مىللەتلىرى    چېكىلىش سانى:4657    ۋاقتى:2011-7-23    . www.seltenet.com .

    

 

 

 

 

                         

 قايغۇلۇق خەۋەر:

      ژۇرنالىست، تەرجىمان، تۆھپىكار مۇھەررىر خەمىت نېغمەت ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى


    دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خەمىت نېغمەت ئەپەندى 2011-يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە كېسەللىك بىلەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 45 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى، 23- چىسلا پېشىندە يەرلىكىگە قويۇلدى.
     مەرھۇم خەمىت نېغمەت 1966-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان؛ باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇغان؛ 1983-يىلىدىن 1987-يىل 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پاكۇلتېتىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ، بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىسىنى نەشر قىلىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، خەمىت نېغمەت بۇ ژۇرنال ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تۇنجى مەخسۇس تەھرىرى بولغان، شۇنىڭدەك مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى پېشقەدەم مۇھەررىرلەر ۋە خەمىت نېغمەتنىڭ ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، 1988-يىل 10-ئايدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ  تۇغما (تۇنجى) سانى دۇنياغا كەلگەن.
    دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قارارى بويىچە، 1991-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبىسى» قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندىن ھازىرغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا، ئىزچىل ھالدا «جۇڭگو مىللەتلىرى» (2000-يىلىدىن ئىلگىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى») ژۇرنىلىدا خىزمەت قىلغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك)، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى (ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك)، شۆبە ئىدارە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.
    يولداش خەمىت نېغمەت پىشىپ يېتىلىۋاتقان ژۇرنالىست، تەرجىمان ۋە تۆھپىكار مۇھەررىر ئىدى. 25 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئۆزىدە توغرا، ئىلغار دۇنياقاراش تىكلەپ، « مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلى __ يەنى بۈگۈنكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان. كەسپىي خىزمەتتە ئاكتىپ، تىرىشچان، تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاددىي-ساددا، سەمىمىي، دوستانە، ئەخلاقلىق بولۇپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ بەت-سەھىپىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا، مەزمۇنىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ۋە مول بولۇشىغا، نادىر ئەسەرلەرنىڭ ژۇرنالدا كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشىغا، ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا  ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان. ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مەملىكەت بويىچە 9000 خىلدىن ئارتۇق ژۇرنال ئىچىدە «مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى 100 خىل نۇقتىلىق ژۇرنال» (1988-1999)، «جۇڭگودىكى سەرخىل ژۇرناللار سېپىگە كىرگەن قوش 100 نۇقتىلىق ژۇرنال» (2000-2001)، «3-نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ژۇرنال مۇكاپاتى بويىچە نام-ئاتاق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ژۇرنال» (2002-2003) قاتارلىق شان- شەرەپلەرگە ئېرىشىشىدە، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىر نەچچە قېتىم دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئىلغار پارتىيە ياچېيكىسى بولۇپ تەقدىرلىنىشىدە، يولداش خەمىت نېغمەتنىڭ مۇناسىپ ئەجرى ۋە تۆھپىسى بار.
    مەرھۇم خەمىت نېغمەت كەمتەر، تىرىشچان، سەمىمىي، پەزىلەتلىك، ئىزدىنىش روھىغا باي مۇھەررىر ھەم تەرجىمان ئىدى. ئۇ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ جەلپكار، رەڭدار، قىزىقارلىق چىقىرىلىشى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىپ ياكى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ، ژۇرنالدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن؛ 1997-يىلى، 2000-يىلى ۋە 2003-يىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان «جەزبدار گۈلدەستىلەر» ناملىق 3 كىتابنىڭ ئەسەر تاللاش، تۈزۈش، تەھرىرلەش ۋە كوررېكتورلۇق خىزمەتلىرىگە قاتناشقان؛ ژۇرنالچىلىق ئىشلىرىدا مۇئەييەن تەجرىبە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرگەن، ئاپتورلار ۋە كەسىپداشلار ئارىسىدا مۇناسىپ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئىدى...
    كەسىپدىشىمىز خەمىت نېغمەتنىڭ ۋاپاتى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ژۇرنالچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى گو جېڭيىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى تۇرۇپ بارات قاتارلىق رەھبەرلەر تېلېفون بېرىپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ۋە شىنجاڭ شۆبە ئىدارىمىزدىكى خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، موڭغۇل، چاۋشيەن مىللەتلىرىدىن بولغان بارلىق خىزمەتداشلار مەرھۇمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرىمىز؛ مەرھۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز، نارېسىدە قالغان سەبىي بالىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىكى بارلىق خادىملار ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.

تۆۋەندىكى ئادرېسنى چېكىپ، خەمىت نېغمەت ئەپەندىگە ئالاقىدار سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ

kayhu.html

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللىق 6-سانى نەشردى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 قايغۇلۇق خەۋەر
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللىق 3-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللىق 2-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىلل...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 قايغۇلۇق خەۋەر
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىلل...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2011-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2010-يىللى...

قايغۇلۇق خەۋەر

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھا...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

تـۇرغـۇن ئوبۇلقاسىم يىـلـتىزنىڭ قىسق...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى توربەتكە ئەجىر قىلغانلار توربەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 订阅热线电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
دىلشات ئىدرىس
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى

Copyright © 1996 - 2011
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号