www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇزىكا سەنئىتى ۋە خەلق ئويۇنلىرى
ئاپتور:ئابدۇراززاق قادىر    چېكىلىش سانى:4791    ۋاقتى:2009-3-27    . www.seltenet.com .

     ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە ئويۇن مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۈركىي خەلقلەر ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىلا بىرەر ئىشتىن نەتىجە - مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، خەيرلىك كۈنلەردە قېرى - ياش، ئەر - ئاياللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تەنتەنە قىلىدىغان ئادەتنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قەھرىمانلىق داستانلىرىدىن بىرى بولغان «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى ئوغۇزخاقان ئەل - جامائەتنى تەكلىپ قىلىپ، كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە مۇراسىمدىكى بەزى ئادەتلەرنى قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر قىسىم مۇراسىم - ئادەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا بولىدىغان بۇنداق مۇراسىملار خەنزۇ تارىخچىلىرى تەرىپىدىنمۇ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 5 __ 6 - ئەسىرگە ئائىت «ۋېي يىلنامىسى»نىڭ «گاۋچې» (ئېگىز ھارۋىلىقلار يەنى قاڭقىللار) تەزكىرىسىدە، ئېگىز ھارۋىلىقلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ئۈستىدە توختالغاندا: «ئۇلارنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە، يىغىلغۇچىلار نەچچە تۈمەن بولاتتى، مال سويۇپ، ئات بەيگىسى قىلاتتى، سەيلە قىلاتتى، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 5 __ 6 - ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان قىزىل مىڭئۆي ، قۇمتۇرا مىڭئۆيلىرىگە سىزىلغان بەزى تام رەسىملىرىدىمۇ ئەر - ئاياللارنىڭ بىرلىكتە ساز چېلىپ، نەغمە - ناۋا قىلىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مانا بۇلار بۇنداق نەغمە - ناۋا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا خېلى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
     كىشىلەرگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ناخشا - ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىغا  ھېرىسمەن مىللەت. شۇڭىمۇ قەدىمدىلا «ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر»، «سەنئەتخۇمار» دېگەن ناملار بىلەن جاھانغا مەشھۇر بولۇپ كەلگەن. ئادەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر پائالىيىتى ناخشا - مۇزىكىسىز بولمايدۇ. ئۇ ئەمدىلا مېڭىشقا باشلىغان بالىلاردىن تارتىپ، قېرىلارغا قەدەر چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. نازۇك، نەپىس ۋە كۆپ خىل ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلغان مۇزىكا سەنئىتى بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللىقى، رىتىمىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ۋەزنىنىڭ ئېنىق، ئۆلچەملىكلىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى قەدىمكى دەۋرلەردىلا جاھانغا نامايان قىلغان. ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغان. ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ مىلادىيىدىن ناھايىتى كۆپ ئەسىر ئىلىگىرىلا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا يازما مەنبەلەر بار. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرقانچە تۈرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، «ئىگەمە __ بىر تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابى، قوبۇزغا ئوخشاش چېلىنىدۇ»، «قوبۇز __ ئۇد (باربىت)قا ئوخشايدىغان تارىلىق چالغۇ ئەسۋابى» (1 - توم، 473 - بەت). «سىبىزغۇ __ سىبىزغا نەي» (1 - توم، 636 - بەت) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا چاڭ، بۇرغا قاتارلىقلار.
     مەشرەپ، بەزمە ۋە تۈرلۈك زىياپەت ئولتۇرۇشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ - بەزمىلىرى مۇنداق ئىزاھلانغان: «سۇغدىچ __ قاتار بەزمە، قىش كۈنلىرى دوستلار ئارا نۆۋەت بىلەن بولىدىغان مەشرەپ»، «شۇرچۇك __ مەشرەپ، كېچىلىك ئولتۇرۇش»، «كەتسەم __ كېچىسى ئۆزى كېلىپ قالىدىغانلارغا بېرىلىدىغان زىياپەت»، «كۇدىن __ بالىغا ئات قويۇش زىياپىتى»، «بۇچى __ ئاۋازلىق، مۇڭلۇق بىر خىل ئۇد» (3 - توم، 302 - بەت). «يىراغۇ __ چالغۇچى، سازەندە، ناخشىچى» (3 - توم، 46 - بەت). يۇقىرىقى مەلۇماتلار مەخسۇس خاراكتېردىكى زىياپەت - مۇراسىم ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا قەدىمدىلا ئومۇمىي خاراكتېر ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا نەقىل قىلغان قوشاقلار ئىچىدىمۇ نەغمە - ساز بىرلەشكەن، مەشرەپ شەكلىنى ئەسلىتىدىغان قوشاقلارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
كۆكلەر قامۇغ تۈرۈلدى،
ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى،
سەنسىز ئۆزۈم ئۆزەلدى،
كەلگىل ئامۇل ئاۋنالىم.
مەنىسى:
ھەممە سازلار تۈزۈلدى،
ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى،
سەنسىز كۆڭلۈم بۇزۇلدى،
كەلگىن ئاستا ئوينايلى.

ئىۋرىق باشى قازلايۇ،
ساغراق تولۇ كۆزلەيۇ،
ساقنىچ قۇدى كىزلەيۇ،
تۈن - كۈن بىلە سەۋنەلىم.
مەنىسى:
ئىۋرىق بوينى غاز كەبى،
قەدەھ تولۇق كۆز كەبى،
ھەسرەتنى تۈۋىگە يوشۇرۇپ،
تۈن - كۈن بىلەن سۆيۈنەيلى.

ئوتۇز ئىچىپ قىقىرالىم،
يۇقار قوپۇپ سەكرەلىم،
ئارسلانلايۇ كۆكرەلىم،
ساقنىچ قاچتى سەۋنەلىم.
مەنىسى:
ئۈچ رەت ئىچىپ ۋارقىرايلى،
يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى،
ئارسلاندەك ھۆركىرەيلى،
قايغۇ قاچتى سۆيۈنەيلى.
     نەقىل قىلىنغان بۇ قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىدىن ئەر - ئايال بىرلىكتە ناخشا - ساز بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشىدىغان، شاد - خۇرام كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر خىل مۇراسىم شەكلىنىڭ ئەنە شۇ چاغلاردىلا بىرقەدەر رەسمىي تۈس ئالغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن. يۇقىرىقىلار بىزنى ھازىرقى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ خېلى قەدىمكى زامانلاردىلا بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
     ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا خەلق ئويۇنلىرىمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مەھمۇد قەشقەرى ئېنىق مەلۇمات قالدۇرغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خەلق ئويۇنى خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، ئەينى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇشى ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىنىڭ ئاساسى بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئويۇنلىرى: ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، ئوقيانى ئارقىغا قارىتىپ ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش، ئات ئويۇنى، چۆۋگەن توپ ئويۇنى ، ئوغلاق تارتىشىش، سارغايدى ئويۇنى، دارۋازلىق، سېھرىگەرلىك، موللاقچىلىق، ساقا ئويناش، تەپكۈچ ئويناش، لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن بالىلار ئويۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
     ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئىلىم ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشۇلغان بۇ ئىلمىي ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكى بىزنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىشىمىزگە ۋە ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
     ئۇ تۈركىي خەلقلەر ياشىغان كەڭ زېمىنلاردا 15 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ زور ئىلمىي ئەسەرنى، ئۇلۇغ قامۇسنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
     «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تەڭداشسىز قىممىتى ئۇنىڭ سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ماقال - تەمسىللىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللىرى، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر چوڭ قامۇس بولغانلىقىدا، شۇنداقلا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئېتنىك مەنبەسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى، ھۈنەر - سەنئەت مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ھاياتىدىن بىزگە مەلۇمات بېرىدىغان قىممەتلىك ئەسەر بولغانلىقىدا! شۇڭا، بىز ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىلىمگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى، ئىلىم ئۆگىنىش جەريانىدا جاپا - مۇشەققەتلەردىن قورقمايدىغان ئىزدىنىش روھىنى، شۇنداقلا ئەجدادلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادلارغا ئۇلاپ بېرىشتەك ئالىيجاناب روھىنى، ئىلىم ئۆگىنىشتىكى ئاجايىپ قەيسەرلىكى ۋە شىجائىتىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.
     شۇنىڭدەك، ئىلىمنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن ھارماي ئىلگىرىلەشتەك روھىنى ئۆزىمىزگە قىبلىنەما قىلىشىمىز، ئىلىم ۋە ئىجادىيەت يولىدا توختىماي ئىلگىرىلىشىمىز، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئەبەدىلئەبەد ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم. مەن بۇ شېئىرىم ئارقىلىق ئالىمغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىم ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن:
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد بوۋامغا

يىرتىلدى مىڭ قېتىم كالېندار پۈتۈن،
ئۆتكەزدى بىر - بىرلەپ جاھان مىڭ يىلنى.
پۇرىدى مەرىپەت خەزىنىسىدىن،
ئىپتىخار ئىچىدە مىڭ باھار گۈلنى.

بار شۇنداق رىۋايەت لوقمان ھەكىمنى
ئۈچ مىڭ يىل ياشىدى، دېگەن ھېكايە.
مىڭ يىللاپ ياشىدى شۇنداق بىر ئىنسان،
ئەۋلادلار قەلبىدە يورۇق، نۇرانە.

ئۇ قايسى ئەۋلىيا، قانداق بىر ئىنسان؟
دەپ سوراپ قالسىڭىز تەئەججۈپ بىلەن.
دەيمىز بىز: ئۇ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى،
پەزىلەت ئىگىسى ئالىي مۆھتەرەم!
«مىڭ يىل» دەپ سانىماق ئېغىزدا ئاسان،
ئايلىنار مىڭ قېتىم بۇ چەرخى دەۋران.
ئۇ شۇنداق ياشىدى ئەلنىڭ قەلبىدە،
ئۆلمىگەن، ئۆلمەيدۇ ئۇ ئۇلۇغ ئىنسان.

مىڭ يىلغا ئابىدە تىكلەپ ھە بۈگۈن،
قىلماقتا بۇ جاھان ئەھلى تەنتەنە.
«دىۋانى لۇغەت»نى قولتۇقلاپ بوۋام،
ئالىي بىر نەزەردە قارايدۇ ئەنە.

ئۆتتى بۇ مىڭ يىللىق ھايات مۇساپە،
كىم سىزنى كۆز يۇمدى دەيدۇ تۇپراققا؟
سىز گويا بىر ئېقىن ئۈزۈلمەيدىغان،
ئوخشايسىز ئۇخچىغان سىرلىق بۇلاققا.


(ئاپتور: كۇچا ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن، ھازىر پېنسىيىدە)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ئۇيغۇر مەدەنىيىتىن...
 ئۇيغۇر دولان مۇقام ...
 بايرام - ئالىدىكى ئۇ...
 كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇ...
 ئىپارخان ۋە ئىپارخ...
 ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرىن...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号