www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئاپتور:ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران    چېكىلىش سانى:6474    ۋاقتى:2009-3-26    . www.seltenet.com .

     بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم تۇرمۇشىنى نورمال قامداش ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ ئېھتىياجنى ھالال قاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى بىرەر خىزمەت قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىزمەتنى قانداق تاپىمىز؟ بۇ، ھازىر ھەربىر ئاتا - ئانا، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى ئۈچۈن قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدىغان ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ قالدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ تۈركۈملەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىشى ۋە يېقىنقى 5 __ 6 يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ خىزمەتكە بىر تۇتاش تەقسىم قىلىشى ئەمەلدىن قېلىپ، ھەركىم ئۆزى خىزمەت تاپىدىغان ئىسلاھاتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئاتا - ئانىلارغا، جەمئىيەتكە بىر خىل يۈك بولۇپ قالماقتا. ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بىر قىسىملىرى گەرچە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن يول تۇتۇپ، روناق تېپىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىرى ئىلگىرى كۆنگەن تەييارغا ھەييارلاردىن بولغاچقا، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالماقتا. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئۇلاردىنمۇ بەكرەك گاڭگىرىماقتا. بۇنداق بولۇشى ئاساسسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە. قارايدىغان بولساق، بالىلارنىڭ ھاياتلىق يولىنىڭ تۆت كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە بۇنداق تەمتىرەپ قېلىشىدا مۇنداق سەۋەبلەر باردەك قىلىدۇ:
     1. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز. ئۇلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدا تىرىشىپ ئوقۇمايدۇ، ھەتتا ئۇ - بۇ سەۋەبلەر بىلەن دەرسكە قاتناشمايدۇ. كېرەكلىك تېخنىكىلىق بىلىملەرنى ئىگىلەپ ماڭاي دېمەيدۇ. ھە دېسە ئاتا- ئانىسىغا: «ئۇنىڭغا مانچە پۇل تاپشۇرىدىكەنمىز، بۇنىڭغا مانچە پۇل تاپشۇرىدىكەنمىز» دەپ يالغان ئېيتىپ، ئۇلارنى ئالدايدۇ. بىچارىلەر چىشىنىڭ كاۋىكىدا يىغقان پۇللىرىنى چىقىرىپ ئۇلارغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار بۇ پۇلنى رېستورانمۇ - رېستوران يەپ - ئىچىش، «ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈش» ئۈچۈن بۇزۇپ - چېچىپ تۈگىتىشىدۇ. نە بىرەر كىتاب، نە بىرەر ژۇرنال سېتىۋېلىپ ئوقۇمايدۇ. ئاقىۋەتتە ئويناپ - كۈلۈپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بىر ئاماللار بىلەن ئوقۇشنى تۈگىتىدۇ. جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا، قولىدىن بىرەر ئىش كەلمەي، يەنە تېخى ئاتا - ئانىسىدىن قاقشاپ ئۆتىدۇ.
مېنىڭ ئالاقىلىشىپ بېرىشىم بىلەن، بۇلتۇر پېداگوگىكا خاراكتېرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن يۇرتىمىزغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دەرستە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان 20 نەچچە ئوقۇغۇچى شەھەردىكى نۇقتىلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كېيىن مەلۇم بولدىكى، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغىنى بىلەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ دەرسلىكىنى ئوڭلاپ چۈشىنەلمىگەچكە، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە نەچچە سائەتلەپ دەرس ئاڭلاپ، ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ھېلىقى دەرسنى قايتىدىن ئۆگىنىپ ئاندىن دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە پراكتىكا دەرسىنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى توشقۇزالمىغىلى تاس قالغاننىڭ ئۈستىگە، بالىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىگە تەسىر يەتكەن. ئۇلار پراكتىكىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇلار ئۆتكەن دەرسلەرنى قايتىدىن ئۆتۈپ چىققان …
    شۇ چاغدا يەنە پراكتىكانت بالىلاردىن بىرسىنى بىزنىڭ تەھرىر بۆلۈمگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدۇق. مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، بەلگىلىك كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئىگىلىگەن (ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى بىلىدىغان)، قەلەم خېتى چىرايلىق، ئانچە - مۇنچە يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بار بالىدىن بىرنى ئىشخانىمىزدا پراكتىكا قىلدۇرىدىغان بولدۇق. بىر بالا كەلدى، ئۇنىڭ ھەر ھالدا يامان ئەمەس يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بار ئىكەن. بۇ تەرىپى بىزنى خۇش قىلدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىدىن پەقەتلا خەۋىرى يوقتەكلا قىلاتتى. ئۇنىڭغا ئۇردۇرغان بىر ماقالىنى كوررېكتورلۇق قىلىش جەريانىدا خاتا خەتنىڭ جىقلىقىدىن بەتنىڭ تۈزىتىلگەن خەتلىرىنى يازىدىغانغا جاي تاپالماي قالغىنىمدا، ئۇ بالىغا ئېچىنماي تۇرالمىدىم. «مۇشۇ بالىلار يېقىن كەلگۈسىدە ئامىتى كېلىپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشقان تەقدىردە، ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات دەرسى بېرىدۇ. مۇشۇنداق چالا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىغا قالغان تەلەيسىز مەسۇملارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن خەۋەر تېپىشى قانچىلىك بولار؟ بۇ بالىلاردا ئەقەللىيسى ئۆزىنىڭ خېتىنى توغرا يازغۇدەك مەسئۇلىيەت بولمىسا، تىلنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىمۇ پەرۋاسىزلىق قىلسا، باشقا ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ … دېگەنلەرنى خېلى ئۇزاققىچە كاللامدىن چىقىرالمىدىم.
     2. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە مەۋجۇت. بۇ مەسىلە تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە نۇقتىلىق ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، ھازىر ئالىي مەكتەپتە دەرسلەر پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدىغان بولدى. مەيلى قايسى تىلدا ئۆتۈلسىغۇ كارايىتى چاغلىق ئىدى. چۈنكى، ھازىر ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىدىن باشقا بارلىق دەرسلىكلەر مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن(ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلگىنى شۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ تەرجىمىسىدۇر). لېكىن، بۇ يەردە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر مەسىلە مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ، خەنزۇچە دەرس ئاڭلاۋاتقان مۇشۇ بالىلار ئالىي مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن پۈتۈنلەي ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. گەرچە ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر يىل مەخسۇس خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ تىلىدا بىمالال دەرس ئاڭلىغۇدەك، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرسلەردىن خەنزۇچە خاتىرە قالدۇرالىغۇدەك سەۋىيىگە يەتكەن بولۇشى ناتايىن. يەنە بىر جەھەتتىن، «ئۇلارغا خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىۋاتقان ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى زادى قانچىلىك؟» دېگەن مەسىلە تولۇق ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ مۇئەللىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىلىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردۇر. خەنزۇ تىلىنى بولسا خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئېھتىياج سەۋەبلىك پىششىقلاپ، ئۆز كەسپىگە دائىر ماتېرىياللارنى كۆرەلىگۈدەك بولغانلاردۇر. بۇ ئەمەلىيەتتىن ئايان بولدىكى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى (بولۇپمۇ خەنزۇچە ئېغىز تىلى سەۋىيىسى) بىلەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ ئانچە - مۇنچە خەنزۇچە ئاساسىنى سالغان دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ پەرقى زادى قانچىلىك؟
    3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس سالمىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىدە ماس كەلمەسلىك بىرقەدەر ئېغىر. بۇنىڭدىن 20 يىللار بۇرۇن بىر ئوقۇتقۇچى ناۋادا بىر يىل دەرس ئۆتسە، كېيىنكى يىلى يەنە بىر يىللىق دەرس ئۈچۈن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا مەخسۇس ماتېرىيال كۆرۈپ تەييارلىق قىلاتتى. يەنە كېلىپ ھەپتىسىگە كۆپ بولغاندا ئاران تۆت سائەتلا دەرس ئۆتەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەربىر ئاتالغۇ، ھەربىر سۆز - جۈملىلەرگىچە پۇختا تەييارلىق كۆرەتتى. ھازىرچۇ؟«ھەپتىسىگە 30 سائەتتىن دەرس ئۆتىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بار» دېسەم ئىشىنەمسىز؟ لېكىن بۇ كۆز يۇمغۇسىز ئاچچىق رېئاللىق. ئويلاپ بېقىڭ، ئىلگىرى تۆت سائەتلا دەرس بېرىدىغان ئادەم بۈگۈنكى كۈندە 20 __ 30 سائەتلەپ دەرس ئۆتسە، ئۇ دەرسنىڭ تەييارلىق قىلىنىش باسقۇچلىرى قانداق بولار؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەتراپلىق ماتېرىيال كۆرۈشىگە قانچىلىك ۋاقىت چىقار؟ ئۇنداق چالا تەييارلىقتا ئۆتۈلگەن دەرسنى ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالار؟
    ھازىر، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىر تۇتاش تەقسىم قىلىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى تارىختا كۆرۈلمىگەن نىسبەتتە زور دەرىجىدە كۆپەيدى. لېكىن، ئوقۇتقۇچىلار سانى ئاساسەن كۆپەيمىدى. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالغان ھالەت پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس سالمىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. يەنە كېلىپ بۇنداق ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىڭ ھەربىر سائىتىگە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنۋانىغا قاراپ بەلگىلەنگەن دەرس ئۆتۈش پۇلى بولغاچقا، بولغاندىمۇ بىر ئايلىق دەرس ئۆتۈش پۇلىنى جۇغلاپ كەلگەندە شۇ ئايلىق مائاشىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان ئىشلار بولغاچقا، دەرسلەرنى ياخشى ئۆتەلىسۇن ياكى ئۆتەلمىسۇن، پۇل ئۈچۈن تالىشىپ دەرس ئۆتىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى دۆلەت ئۇلارنىڭ ئۇنۋانىغا ئاساسەن مۇقىم مائاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى بۇنداق قوشلاپ مائاشتىن بەھرىمەن بولۇش تۈزۈمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىنى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىنىڭ نىسپىي تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىشكە بولىدۇ.
     4. ئوقۇغۇچىلاردا يەنىلا يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى ئېغىر، مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسى ۋە دىتى، شۇنداقلا ھازىرقى بازار ئىگىلىكىگە نىسبەتەن پۇختا ئىدىيىۋى تەييارلىقى كەم. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئىشلىمەكچى بولغان، ئۆز كەسپىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ئىدارىلەردە بوش ئورۇن بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا شتاتنى قاتتىق تىزگىنلەۋاتقان شارائىتتا تېخىمۇ شۇنداق. شىركەتلەر بولسا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ نىسبەتەن تار بولۇشى، سېتىلىش يوللىرىنىڭ بەك راۋان بولماسلىقى سەۋەبلىك، چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە ئادەم ئالمايۋاتىدۇ. ئەمىسە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر قانداق قىلىدۇ؟ بىرى، ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرى قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئىمتىھان بېرىپ، تېگىشلىك ئورنىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرىدۇ. يەنە بىرى، ئۆز كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزى مۇستەقىل بىرەر ئىشنى باشلايدۇ. دېمەك، دىتى بارلار بازار قاينىمىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك دۇردانىلەرنى سۈزەلەيدۇ. يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى ئىدىيىسىگە بۇدۇشقاقتەك چاپلاشقان بالىلار بولسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ نۇرغۇن چىقىم تارتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قويغىنى ئاز كەلگەندەك، ھازىرقى كۈندە يولى يوقلۇقىدىن زارلىنىپ، ئائىلە يۈكىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. «تۆمۈر تاۋاق»قا ئىگە بولۇشنى مەڭگۈلۈك بىخەتەر تۇرمۇشنىڭ يول خېتى دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. لېكىن، ئۇلار دەماللىققا ھېس قىلالمايدۇكى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىشتىن مەقسەتمۇ بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ھاياتى كاپالەت ئۈچۈن پۇل تېپىشتۇر. خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش بولسا نورمال تىرىكچىلىك جەريانىدا ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىدىغان ھالەتتۇر. چۈنكى، سىزنىڭ خىزمىتىڭىز مېنىڭ قوللىشىمغا موھتاج بولىدۇ ياكى مېنىڭ مەھسۇلاتىم سىزنىڭ ئىستېمالىڭىز ئارقىلىق قىممەت يارىتىدۇ. نۆۋىتىدە مېنىڭ خىزمىتىممۇ سىزنىڭ رىغبىتىڭىزدە يۈرۈشىدۇ. دېمەك، ئىش ھالقىلىرىدا ھەممە كەسىپلەر بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. سىز ئۇياقتا ئىشلەپ، مەن بۇياقتا ئىشلەپ دېگەندەك ئاقىۋەتتە ھەممىمىز ئۆز كەسپىمىز، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز بويىچە جەمئىيەتكە ھەسسە قوشقۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىمىگەنلەرمۇ ئوخشاشلا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئارقىلىق داۋالىنىش، مال - مۈلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ يەردىكى پەرق پەقەت ھۆكۈمەت خىزمىتى ئېھتىياجى بىلەن ئىشخانىدا بۇيرۇلغان ئىشنى بېجىرىپ مائاشقا ئېرىشىش بىلەن، بازارغا ئاساسەن كەسپىي قابىلىيىتىگە، ئىشلىگىنىگە بېقىپ قىممەت يارىتىشتىلا، خالاس.
يارىتىلغان ساڭا بۇ جاھان،
ئۆز كاللاڭدا ئۆز يولۇڭ ھامان.
چىڭ تۇتمىساڭ كەتمەن، ئارىنى،
دان ئالالماي، ئالىسەن سامان!

(ئاپتور «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 مائارىپتىكى ئادىلل...
 تەۋپىق ئەپەندى كۆرۈ...
 تەربىيىنىڭ قىممىتى...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号