چىلبۆرە دېگەن نېمە؟
چىلبۆرە _ ئېكولوگىيىنىڭ تازىلىغۇچىسى، تەبىئەت دۇنياسىدا چىلبۆرە يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. چىلبۆرە بولمىسا، يەرشارىدىكى كېسەل، قېرى، ئاجىز، نىمجان ھايۋانلار كۆپىيىپ كېتىپ، كېسەللىك يامراپ كېتىدۇ. چىلبۆرە بولمىسا، ئوتخور ھايۋانلار شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چىلبۆرە _ جەمئىيەتنىڭ نورمال سەۋىيىسىنى ساقلىغۇچى، ئەگەر جەمئىيەتتە «چىلبۆرە» بولمىسا، ھەرقايسى كەسىپ ۋە ساھەلەر كەسپىي سەۋىيىسى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. پاي چېكى، مەبلەغ ساھەسىنىمۇ قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ مەبلەغ سالغۇچىلار قاپلاپ كېتىدۇ. سودا ساھەسىنىمۇ تەمتىلەپ ماڭىدىغان يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر قاپلىۋالىدۇ. ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. «چىلبۆرە» بار بولغاچقىلا، بارلىق ئۆزىگە نامۇناسىپ رولغا چىقىۋالغان ناچار ئارتىسلار شاللاپ چىقىرىلىدۇ. كىمكى قايسى كەسىپ ساھەسىنىڭ سەھنىسىگە چىقىمەن دېسە، ھەقىقىي ئىقتىدارى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بولمىسا «چىلبۆرە» ئۇنى «يەۋېتىدۇ». شۇڭا «چىلبۆرە» ياخشى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.
چىلبۆرە پەلسەپىسى
چىلبۆرە بىر ئولجىنى نىشانلىغاندا، ئۇنى تۇتمىغۇچە ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەيدۇ. چىلبۆرە مەخسۇس توشقان يەيدۇ، توشقان چىلبۆرىنىڭ ئوزۇقلۇقى. مۇبادا چىلبۆرە توشقان ئالدىدا مۈدۈرۈپ كەتسىمۇ توشقان بەرىبىر توشقان، ئۇ مەڭگۈ چىلبۆرە بولالمايدۇ. قائىدە بويىچە ئىش قىلىش، نېمە دېسە شۇنى قىلىش _ توشقاننىڭ ھاياتلىق يولىدۇر. چىلبۆرىنىڭ ھاياتلىق يولىچۇ؟ كۈتمىگەن يەردىن چىقىش، دائىم ئوت - چۆپلۈككە مۆكۈنۈپ، توشقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈش، ھەرۋاقىت توشقانغا ئېتىلىشقا تەييار تۇرۇش ! چىلبۆرە پەلسەپىسىنىڭ بىرىنچى قائىدىسى، يولۋاستەك يۈرەكلىك بولۇش، ئەپكە ماھىر بولۇش، ئۆزىنى ئەپلەش، ئۆزگىنىمۇ ئەپلەش. ئەپلەشنىڭ تۆت مۇھىم نۇقتىسى بار: بىرىنچى، مەن كىم؟ مېنىڭ ھازىرقى ئورنۇم قايسى؟ ئىككىنچى، ماڭا كېرەكلىكى زادى قانداق نەرسە؟ ئۈچىنچى، ئۇ نەرسە كىمدە بار؟ تۆتىنچى، ئۇ نېمىشقا ماڭا ئۇ نەرسىنى بەرگۈدەك؟ مەن ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىمەن؟ بۇلارنىڭ ئېپىنى قىلماي تۇرۇپ قول سالماسلىق؛ مۇبادا ھەرىكەتنى باشلىسا، جەزمەن ئەڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش. ئىككىنچى قائىدىسى، مەن بىرىنچى. بىرىنچىلەر 100 نومۇرغا ئېرىشكەنلەردۇر. ئىككىنچىلەر بولسا پەقەت ئون نومۇرغا ئېرىشكەنلەردۇر، بىرىنچىلەر ھەممە نەرسىگە ئېرىشىدۇ. ئىككىنچىلەر بولسا پەقەت چىشنىڭ كاۋىكىدىكى نەرسىلەرگىلا ئېرىشىدۇ. ئۈچىنچى قائىدىسى، چوڭغا چوڭچە، كىچىككە كىچىكچە مۇئامىلە قىلىش. شارائىتقا قاراپ ئىش تۇتۇش، كۈچى يەتمىگەندە دەرھال باشقا نۇقتىدىن ھۇجۇم قىلىش. تۆتىنچى قائىدىسى، زەھەرلىك دورىنى ئۈنۈملۈك دورىغا ئايلاندۇرۇش. چىلبۆرە ھۇجۇمدىن قورقمايدۇ. ھۇجۇم _ چىلبۆرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئادەتتە چىلبۆرىنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىشى ھەرگىزمۇ ئىچكى كۈچنىڭ تەسىرىدىن ئەمەس، بەلكى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. بەشىنچى قائىدىسى، توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى. ئاۋۋال يەتمەكچى بولغان مەنزىلنى ئوبدان بەلگىلىۋېلىپ ئاندىن ماڭىدىغان يولنى بەلگىلەش. شۇ چاغدىلا ئاندىن ئوڭۇشلۇق يولنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەلەيسىز. ئالتىنچى قائىدىسى، ئۆزىنى بازارلىق قىلىشنىڭ ئېپى. ئاۋۋال مەنزىلگاھنى بەلگىلىۋېلىش، ھازىرقى باشلىنىش نۇقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىش، ئاندىن ئوتتۇرا يولدا ئېنېرگىيە قاچىلايدىغان پونكىتنى بىلىۋېلىش. بۇ ئۈچ نۇقتىنى ئوبدان ئىگىلىۋالسىڭىزلا، ھاياتىڭىزدىكى ئۈچ ئۈندەش بەلگىسىنى تولۇق ئىگىلىۋالغان، بۇ بەلگىنى دەل جايىغا قويغان بولىسىز.
(خەنزۇچە «ئوقۇرمەنلەر»ژۇرنىلىنىڭ 2000 - يىللىق 17 - سانىدىن نۇرگۈل ھېيت تەرجىمە قىلدى) ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن
|