تالون مەركىزى مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار 二维码登录كەڭ ھالەت

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 501|ئىنكاس: 0

خوتەن قاشتېشىدىن نۇرۇزلۇق سوۋغات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

6

تېما

1

ئەگەشكۈچى

151

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  242
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 35
تۆھپە : 35
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 16:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
خوتەن قاشتېشىدىن نۇرۇزلۇق سوۋغات



ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار،ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن ھەممىڭلارغا نۇرۇزلۇق سالام!
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك يۇرتىمىز تەبىئىي بايلىقىنىڭ خان تاجى بولغان خوتەن قاشتېشى ۋە قاشتېشى مەدەنىيىتى ئون مىڭ يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ كۈنىمىزگە كەلگەندە مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكىگە دۇچ كەلدى.بىباھا گۆھەر- خوتەن قاشتېشى دىيارىمىزدىن چىقسىمۇ،لېكىن بىزدە ئۇنىڭ مۇكەممەل نەزەرىۋى ئاساسى،ئەنئەنىگە سادىق،زامانغا لايىق سودا رىسالىسى،خام ئەشيا قېزىشتىن پىششىقلاپ ئىشلەپ بازار ئېچىشقىچە بولغان بارلىق ھالقىلاردا پىشىپ يېتىلگەن مۇكەممەل سودىگەرلەر قۇشۇنى تېخى ۋۇجۇدقا كەلمىدى.

ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى 30 يىللىق بازار دولقۇنىدا گەرچە‹‹تاشچىلىق ۋە تاشچى››دىن ئىبارەت يېڭى بىر سەپ بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ،نۆۋەتتىكى كەسكىن رىقابەتكە تولغان بازاردا بۇ قۇشۇن ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا.ئەجداد مىراسى بولغان خوتەن قاشتېشى ئويمىچىلىقىمىزدىن ئېغىز ئېچىش تېخى مۇمكىن ئەمەس.ئاۋام خەلقنىڭلا ئەمەس ھەتتا تاشچىلىرىمىزنىڭمۇ خوتەن قاشتېشى ھەققىدىكى بىلىشىنىڭ بەكمۇ يۈزەكى،چولتا بولۇشى ئادەمنى بىر تەرەپتىن ئەپسۈسلاندۈرسا يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

مەيلى سىز تاشچى بۇلۇڭ ياكى بولماڭ،خوتەن قاشتېشىنى تۇنۇڭ ياكى تۇنىماڭ بۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس.مۇھىم بولغىنى -دىيارىمىزنىڭ قاشتېشىغا ئوخشاش قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى بىلىشىمىز،ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزدۇر!

ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى بولغان خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى ھەققىدە ئاۋامنى دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە شىنجاڭ قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى سۈرەتكە ئالغان،جۇڭگۇدىكى نۇپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەرنىڭ خوتەن قاشتېشى ھەققىدىكى مۇپەسسەل بايانلىرى جەملەنگەن‹‹ئاسايىشلىق يىللاردىكى گۈزەل قاشتېشى›› ناملىق 12 قىسىملىق مەخسۇس فىلىمنى ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىپ ،نۇرۇز بايرىمىلىق سوۋغا سۈپىتىدە ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.ئىشىنىمىزكى خەلقىمىزنىڭ جۈملىدىن تاشچىلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تۇنۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خوتەن قاشتېشىغا ئائىت تەرجىمە فىلىملەرگە قۇشۇلۇپ يەنە كۆپلىگەن مەخسۇس فىلىملەر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى روياپقا چىققۇسى.



قالغان قىسىملىرىنى ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن كۆرگەيسىز

مەنزىل:http://www.uyhqt.com/uy/forum.php?mod=viewthread&tid=3841

ئاپتۇرنىڭ ئاۋات ۋە ئەڭ يىڭى تىلىرى
[ھۈنەر سەنئەت ئەسەرلىرى] نەپ
[مائارىپقا ئائىت] ئ‍وقۇتقۇچى
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] «يولغۇ
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] دۆلەتل

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2016-6-14 14:39 , Processed in 0.400814 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش