ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆججەتنى چۈشۈرەلەيدۇ | |||||||||||||||||
|
![]() |
||||||||||||||||
چۈشەندۈرۈلىشى | |||||||||||||||||
تۆۋەندە سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان دىتال بولسا ھەرقانداق شەكىلدىكى،يەنى ،مەيلى ئۈن-سىن(يەنى توردىلا كۆرۈشكە بولىدىغان كىنو،سۈرەتلىك ياكى سۇرەتسىز ناخشىلار) ھۆججەتلىرى بولسۇن،مەيلى رەسىم ھۆججەتلىرى بولسۇن،مەيلى پىرىسلانغان ياكى پىرىسلانمىغان ھۆججەتلەر بولسۇن....،ئىشقىلىپ ،ھەر قانداق ھۆججەتنى چۈشۈرەلەيدۇ. 1.بۇ دىتالنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئېتى ،ئادەتتىكى چۈشۈرۈش دىتاللىرىنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئېتىنىڭ 5 ھەسسىسىگە باراۋەر كىلىدىغان بولۇپ،چۈشۈرۈش يوللىرىنى رەتلەپ،ئۈزلۈكسىز چۈشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 2.ئۈزلۈكسىز چۈشۈرۈش ئىقتىدارى بولسا ،تور ئۈزۈلۈش،تور لىنىيىسىدە كاشىلا چىقىش،تۇيۇقسىز توك توختاپ قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن چۈشۈرۈش داۋاملىشالماسلىق ...قاتارلىق ئەھۋاللاردىمۇ بىر قىسمىنى يەنىلا چۈشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان دىتال. 3.بۇ دىتال ھەركەتچان ئارخىپنى(يەنى،بوشلۇقتىكى بىز كومپىيۇتىرىمىزغا چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى) كۇپ چۈشۈرۈش نۇقتىسىغا پارچىلاپ چۈشۈرۈپ،كىين،بىرلەشتۈرۈپلا ئەسلى ھۆججەتنى ئەسلىگە ئەكىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،چۈشۈرۈش سۈرئېتى شۇڭا باشقا چۈشۈرۈش دىتاللىرىغا قارىغاندا 5 ھەسسە تېز. 4.ئۇنىڭغا سەزگۈر in-speed تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ،چۈشۈرگىلى بولىدىغانلا ھۆججەت بولسا ،سىزگە ئەسكەرتمە بېرىدۇ،بۇ چاغدا سىز ،ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ،چۈشۈرۈش - چۈشۈرمەسلىكنى ئۆزىڭىز قارار قىلسىڭىز بولىدۇ. 5.چۈشۈرەلەيدىغان ھۆججەت شەكىللىرى: 3GP 7Z A0* A1* AAC ACE AIF ARJ ASF AVI BIN BZ2 EXE GZ GZIP IMG ISO LZH M4A M4V MOV MP3 MP4 MPA MPE MPEG MPG MSI MSU OGG PDF PLJ PPS PPT QT R0* R1* RA RAR RM SEA SIT SITX TAR TIF TIFF WMA WMV Z ZIP FLV RM RMVB قاتارلىقلار. 6. يەنە باشقا شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز،بۇدىتالنىڭ [选项] دىگەن تۈرىگە كىرىپ،[文件类型] نى تاللاپ،ئاندىن [自动开始下载以下文件类型] دىگەن تۈردىكى جەدىۋەل ئىچىدىكى ھۆججەت شەكىللىرىنىڭ كەينىگە سىز چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەت شەكىللىرىنىڭ نامىنى قوشۇپ يېزىپ ،ئاندىن [确定] بېسىپ جەزىملەپ چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.[دىققەت:ھەر بىر خىل ھۆججەت شەكلىنى بوشلۇق كۇنۇپكىسى (空格键)بىلەن ئايرىپ يېزىڭ]. |
|||||||||||||||||
ئالدىنقى پارچە : UKIJTuz خەت نۇسخىسى كىيىنكى پارچە : مۇناسىۋەتلىك ماقالە يوق ! |