قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
بۇ بەتتىكى تېما: مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(3) IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 4873 قېتىم كۆرۈلدى
ئۈزۈمچى
مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2269
نادىر تېما : 16
يازما سانى : 1849
شۆھرەت: 13422 كىشىلىك
پۇل : 485256 سوم
تۆھپە: 1580 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3642 نۇمۇر
قوللاش: 2834 نومۇر
ئالقىش: 2944 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1309(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(3)

4
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرشاھ تەرپىدىن (2008-10-21)دە نادىرلاندى
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(1) N{&Hq4^c  
./read.php?tid=42069&page=1&toread=1 |hD)=sCj  
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(2) #i  5@G*  
./read.php?tid-42154.html `^df la  
FT6~\9m(  
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(3)
]D<3y IGS  
,CIsZ1[VS  
Ey&gZ$|&  
ئۇنتۇلماس كېچە
Yan,Bt{YJ  
\t ^9UN  
بۇنداق كەيىپچىلىكتە ئۆيگە قايتسام بولمايتتى. مېنىڭ كىملىكىم بولمىغاچ ئۇنىڭ كىملىكىگە ياتاقتىن بىرنى ئاچتۇق. رېستۇراندىكى بالىلاردىن ئاڭلىغان ھەرخىل گەپ - سۆزلەر كاللامنى چىرمىۋېلىپ ئۇنىڭ پاك ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ بېقىشقا زورلايتتى. مەستچىلىكتە ھايا پەردىسىنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن كۆزلىرىم ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىغا توشقان تامچىلارنى كۆرەلمىدى ھەم بۇرۇن لەززىتىنى ئانچە - مۇنچە تېتىغان ھايۋانىي نەپسىمنى ئۇنىڭ يىغلاپ - يالۋۇرۇشلىرىمۇ توسۇپ قالالمىدى. }8dS[-.  
_ قەيسەرجان، ئۇنداق قىلسىڭىز ئاتا - ئانامغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن؟ +jyWqld.K1  
_ ماڭا ئىشەنمەمسەن؟  
_ ئىشىنىمەن، سىز ماڭا ئىشەنمەيۋاتىسىز! F/:Jp3@  
_ پاكىت بىلەن ئىشەندۈرمەمسەن ئەمسە؟! cIg+^Tl  
_ مەن راستىنلا پاك. . .بىر ئاللا گۇۋاھ! O"emse}Z  
_ بەرىبىر سېنى ئالىدىغان تۇرسام؟ *eAzk2  
_ ھەممە ئىش ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە بولسۇن. -GT&46hX  
_ ۋاقتى - سائىتى دېگەن مۇشۇ. ماڭا ئىشىنىسەنغۇ؟ wqA7_ -  
_ ھەئە! DwI X\9  
_ ئەمسە رازى بول! uol EX+  
_ . . . m[D]4h9  
سۈكۈتنىڭ ئۆزى «ھە» دېمەك. _qsg2e}n  
ئۇنىڭ ئاپئاق بەدىنى، يۇمران ھەم سىيلىق تېرىسى، تېز - تېز كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىۋاتقان كۆكسى مېنىڭ شەھۋەت ھېسلىرىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. . . q1,jDJglZ  
توساتتىن ئۇنىڭ كىرلىكنى چىڭ قاماللاپ تىترەۋاتقان بارماقلىرىغا، چېكىسىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىغا، يىغىدىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تىترىگىنىچە چىڭ چىشلىۋالغان كالپۇكلىرىغا قارىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ بەدىنىگىمۇ بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەك ئولاشتى. ئويلىنىپ قالدىم: TyN]Pa  
«مەن نېمە قىلماقچى؟ ئۇنىڭ پاكلىقىنى سىنىماقچىما؟ پاكلىق مەن سىنايدىغان بىر ئويۇنچۇق بولغىيمىتى؟ مەن قانداق ئوغۇلبالا ئىدىم؟ ئەجىبا مۇشۇ نۇرغۇنلىغان ياشلارنى تۈگىمەس ئازاب دولقۇنلىرىغا تاشلىغان شەھۋانىي ھېسسىيات مېنى بويسۇندۇرۇۋالامدا؟ ئۇنىغۇ ئالىمەن دەيمەن، لېكىن ئەتىنى بىر ئاللا بىلىدۇ، ئۇنى ئالالماي قالسام مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن قىز باشقىلارنىڭ قولىدا خارلىنىپ زار - زار يىغلاپ ئۆتەمدا؟ ئۇنىڭ شۇنچە ئەقىدىلىرى، پاك تېنى، پاك مۇھەببىتى مەندەك بىر نامەردنىڭ قولىدا ۋەيران بولامدا؟ قاراپ تۇرۇپ ئۆز سۆيگۈنۈمنى ئازاب دېڭىزىغا غەرق قىلامدىم؟ قېنى مەندىكى ۋىجدان؟ قېنى مەندىكى غورۇر؟ قېنى مەندىكى ئەركەكلىك؟ . . .؟» I3d!!L2ma  
_ نېمە بولدى؟ KLCd`vr.xf  
ئۇنىڭ قورقۇش، تەشۋىش، تىترەك ئولاش ئاۋازى خىيالىمنى ئۈزىۋەتتى. eKW^\  
_ باشلىدىم ئەمسە! ##BfI`FJ  
شۇنداق دەپلا يەنە خىيالغا چۆمدۈم: UB,:won  
«ئەگەر ئاشۇ پەسكەش ئىشنى قىلمىسام ئۇ قانچە خۇش بوپ كېتەر؟ توغرا! مەن ئۇنى خۇش قىلىشىم كېرەك! ئۇ ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى بەردى، ئەمدى مەن ئۇنىڭغا نېمە قىلماقچى بولىۋاتىمەن؟ مۇشۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بويسۇندۇرالمىغان ھېسسىياتنى مەن بىر بويسۇندۇرۇپ باقايچۇ! ئۇنىڭ پاك تېنىنى تاكى خۇدايىم بۇيرۇپ بىز توي قىلغۇچە پاك ساقلاي! خۇدايىمنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئامانىتىنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرەي! ئۇنىڭ پاكلىقى مېنىڭ بايلىقىم ئەمەسمۇ؟!» o+F  
ئۆزۈمنىڭ قارارىدىن دىلىم سۆيۈنۈپ ئاجايىپ ئەركىن، ئازادە بوپ قالدىم. ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن كۆزىنى ئاستا ئېچىپ مەندىن سورىدى: J4#rOS  
_ نېمە كۈلىسىز؟ x@? YS  
كۈلۈپ كېتىپ ئۇنىڭغا سەمىمىي تىكىلىپ دېدىم: D]+]Br8  
_ كىيىملىرىڭنى كىيىۋال! cjwc:3 CM  
_ قەيسەرجان!... !yD$fY  
_ ۋوي، يەنە يىغلايسەنغۇ؟ 8 t`lRWJ  
_ رەھمەت. . . رەھمەت. . . كۆپ رەھمەت! GUC.t7!  
ئۇ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ كەتتى. ئەمما بۇ قېتىمقىسى خۇشاللىق يىغىسى ئەلۋەتتە. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى ھەقىقىي ئەركەكلىكىمگە قايتقاندەك، غورۇرۇم، ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلەيدىغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. .O6(QI*  
ئۇنىڭ قورسىقىغا پۇتۇمنى ئارتىپ قويۇپ تولىمۇ راھەت ئۇخلاپتىمەن. ئەتىسى ئىشقا ماڭغۇچە يولدىكى بارچە ماڭا شۇنداق گۈزەل تۇيۇلۇپ كەتتى. بوش شامالدا شىۋىرلاۋاتقان دەرەخ شاخلىرىمۇ «قەيسەر، توغرا قىلدىڭ!» دەۋاتقاندەك، ئالدىراشچىلىقتا ئۇيان - بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەرمۇ بىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقاندەك، بەزىلىرى كۈلۈمسىرەپ مېنى ماختاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. كۆڭلۈم قەلەم بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازادە. ئۇمۇ بىردەم - بىردەم ياقىلىرىمنى، چاچلىرىمنى تۈزەپ ماڭا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ ماڭاتتى. ئەمدى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كېرىلىپ ماڭدىم. S#*aB2ZS  
شۇ كېچىدىن كېيىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان ھۆرمىتى ھەم مۇھەببىتى بۇرۇنقىدىنمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. مېنىڭ غورۇرۇممۇ بۇرۇنقىدىن بەكرەك كۈچىيىپ كەتتى. Kp>fOe'KW  
مەن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى قۇل قىلغان ئاشۇ ھايۋانىي ھەۋەسنى بويسۇندۇردۇم. بەزىلەرنىڭ مەستچىلىكتە بىلمەپتىمەن، دېگەن گەپلىرىمۇ يالغانكەن. مانا مەن غىرىق مەست تۇرۇپمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم، ئاشۇ ھېسسىياتنى بويسۇندۇردۇم. يەنە بەزىلەرنىڭ ئۆگىنىپ قالغان ئادەم ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىكەن، دېگەن گېپىمۇ يالغانكەن. مانا مەن خېلى ئوبدانلا ئۆگىنىپ قالغان، لېكىن ئۆزۈمنى كونترول قىلالىدىم. مۇشۇ ئىشمۇ ماڭا ئۆزۈمنىڭ ۋىجدانىنى، غورۇرىنى ئوبدانلا تونۇتتى... <+_WMSf;4  
ئوغۇلبالا ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى ھەقىقىي تونۇغان چاغدا ۋۇجۇدى پۈتمەس - تۈگىمەس، ئېگىلمەس - سۇنماس كۈچ - قۇۋۋەتكە، مەڭگۈ باش ئەگدۈرگىلى بولمايدىغان غەيرەتكە تولىدىكەن... Xxr"Gc[  
مېنى ھېچكىم بويسۇندۇرالمايدىغان كۈچ - قۇۋۋەتنىمۇ، مەڭگۈ باش ئەگمەيدىغان غەيرىتىمنىمۇ ئۇ ماڭا بەردى.
.4[M7)  
+}iuTqu5  
<&l@ ):a  
چوڭقۇر چۈشىنىش
RV),E:?  
@3`Pq2<  
 
بىر ئاي توشقاندىن كېيىن مۇئاشىمنى ئېلىپ رېستۇراندىن يېنىپ چىقتىم. تەتىلمۇ توشۇپ ئۆزۈم ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كەلمىگەچ چوڭلارغا بىر مۇنچە خىزمەت ئىشلەپ يەنە بىر يىل قايتىلاپ ئوقۇماقچى بولدۇم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يىراق شەھەردە ئوقۇشنى خالىمىغاچ قايتىلاپ ئوقۇشمۇ ماڭا ئېغىر كەلمىدى. دەسلەپ ساۋاقداشلىرىمنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويغاندا كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالغان. كېيىنچە كۆنۈپمۇ كەتتىم. لېكىن قايتىلاپ ئوقۇغاچقىمۇ ياكى كاللامغا ئۇ كىرىۋالغاچقىمۇ دەرسلەر پەقەت خۇشياقمىدى. ئۇ كۈندە مەكتەپ ئالدىغا مېنى ئالغىلى كېلەتتى. دەرسكە كىرسەملا دەرستىن چۈشۈشنى ئويلايتتىم. دەرستىن چۈشۈپلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرايتتىم. ھەركۈنى دەرستىن چۈشۈپ مەكتەپنىڭ ئالدىغا چىقسام ئۇنىڭ يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم. ئالدىغا بارساملا چاچلىرىمنى تاراپ، ياقىلىرىمنى ئوڭشاپ قوياتتى. باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا مەغرۇرلىنىپ تۇرۇپ كېتەتتىم. لېكىن ھەممىسىلا ئۇنى «قەيسەرنىڭ ھەدىسى» دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ بىلەن ھەركۈندە بىللە تاماق يەپ، كۆڭلىمىز خالىغان جايلارغا بېرىپ ھاياتىمىزدىكى ئۇنتۇلماس «شېرىن كۈنلەر»نى قالدۇرۇپ قويدۇق. ئۇنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندىم. ئەسلىدە ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىقكەن. مېنى بەك ياخشى كۆرگەچ ھېسسىياتى ئەقلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ماڭا دۆتتەك تۇيۇلۇپتىكەن. ئۇنىڭ ئىش ئۇقىدىغان، قائىدە - يوسۇنلۇق، ئەدەپ - ئەخلاقلىق، كەسكىن مىجەزىنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلاتتىم. ئۇنىڭغا قانچە شېرىن - شېكەر سۆزلەرنى قىلساممۇ پەقەت زېرىكمەيتتىم. ئەكسىچە ئۆزۈممۇ خۇش بولۇپ تېخىمۇ گەپدان بوپ كېتەتتىم. بارا - بارا بۇرۇنقىدەك ئۇششاق - چۈششەك پاراڭلارنى قىلماس بولدۇم. ئۇنىڭدىن ئېغىر - بېسىقلىقنى ئۆگەندىم. ئۇنىڭ ئورۇنلۇق گەپ - سۆزلىرى مەندە ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس سالاپەتنى يېتىلدۈردى. شۇڭلاشقىمۇ ساۋاقداشلىرىم ھەم ئاغىنىلىرىم ئالدىدىكى ئىناۋىتىممۇ خېلى ئېشىپ قالغان ئىدى. تەڭتۇشلىرىم ئارىىسىدا ئۆزۈمنى ئۇلاردىن بىر نەچچە ياش چوڭدەك ھېس قىلاتتىم. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۇنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن «ئەجرى» دىن ئايرىپ قارىيالمايمەن. !:Ob3Mq\  
ئەمدى بىر - بىرىمىزنى چوڭقۇر چۈشىنىپ مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدە بېرىشكەنتۇق. ئەمما ئۇ ماڭا ئۆيىدىكىلەر توي ئىشىغا قىستاۋاتقانلىقىنى، بىر نەچچە ئەلچىنى قايتۇرۇۋېتىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن قىزىرىشىپ قالغانلىقىنى تولا تىلغا ئالىدىغان چاغلاردا، رەھىمسىز تەقدىر دادىسىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان كۈنلەردە ئەرزىمەس بىر كېسەلنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ ئاپىسىنى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئېلىپ كەتتى. ئۇمۇ شۇندىن كېيىن رېستۇراندا ناخشا ئېيتمىدى. ئاپىسىنىڭ يەتتە نەزىرىسىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. دادىسى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا ھەممە ھازىدارلار ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە ئىدى. lJt?0;gn  
شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن. V W(+sSQ  
ئۇنىڭ بىلەن دېيىشىپ قويغىنىمىز بويىچە دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋال سورىدىم. دادىسى قولۇمنى بىر ھازا چىڭ سىقىمدىغاندىن كېيىن گەپ قىلىشقا تەمشىلىۋىدى قۇلىقىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تۇتتۇم. دادىسى ئىنتايىن بوش، زەئىپ ئاۋازدا: a1z*Z/!5  
_ ئوغلۇم، ئامىنە سىزنىڭ گېپىڭىنى قىلىپ بەرگەن. مەن سىزگە ئىشىنىمەن. كۆزلىرىڭىزدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ. مېنىڭمۇ قىزىمنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم كۆز يۇمغۇم بار. ئاپىسى مۇشۇ قىزىمنى بىر ياتلىق قىلىۋالسام دەپ بەك تولا دەيتتى. ئەمدى ئۇ يوق. مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم شۇ... بالىلىرىم ئارىسىدا ئەڭ كىچىك قىزىمنى ياتلىق قىلىۋېتىپ كۆزۈم يۇمۇلسا ئارمىنىم يوق. مېنىڭمۇ كۈنلىرىم ئازلا قالدى. ئاپىسى مېنى چاقىرىۋاتىدۇ... _ دېدى. C0W-}H  
_ ياق، ئۇنداق بولمايدۇ! _ دېدىم مەن قىزىرىپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىمنى زورىغا يوغان ئېچىپ، _ سىز چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز، خۇدايىم شىپالىق بېرىدۇ... I "HEXsSe  
_ رەھمەت! _ ئېسىل ئوغۇلكەنسىز! مېنىڭ كۆزۈمنىڭ يورۇقىدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىڭلار...مەنمۇ كۆزۈم ئوچۇق كەتمەي... Esf\Bo"  
_ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ..._ دېدىم مەن كەسكىنلىك بىلەن، ئاۋازلىرىم بارغانسېرى بوغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى، _ مەن ئامىنەنى ئالىمەن! D&1(qi=x&  
_ ياخشى... ,,;vG6^a  
توساتتىن بىرى كەينىمدىن تارتتى. ئۇنىڭ دادىسىغا قىيالماي كەينىچىلاپ ئىشىك ئالدىغا چىقتىم. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بايا كەينىمدىن تارتقىنى ئۇنىڭ ئاكىسى ئىكەن. ئىككىيلەن ئارقا ھويلىغا چىقىپ پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن مۇشۇ ئىككى ھەپتە ياكى بىر ئاي ئىچىدە توي قىلالمىسام ئۈمىدىمنى ئۈزۈشۈم كېرەككەن. مەن تېخى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى تۇرسام توي قىلدىم دېسەممۇ ئۇنى قانداق باقىمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەممىسى توي قىلىپ بولغاچقا بەزى بىكار تەلەپلەر ئۇنىڭ كەينىدىن «شەھەردە ناخشا ئېيتىپ ئۇنداق بوپ كەتكەن، مۇنداق بۇزۇلۇپ كەتكەن...» دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرۈپتۇ. 7=a e^GKo  
ئاشۇنداق گەپ تاپقۇر سېسىق گۇيلارنى بوغۇزلىۋەتسىمۇ ئاچچىقى چىقمايدۇ ئادەمنىڭ. p5J!j I=  
ئاكىسىمۇ بىر نەچچە ئادەم توپلىشىپ پاراڭلىشىۋاتقان يەرلەرگە بارالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئاكىسى گېپىنىڭ ئاخىرىدا كەسكىن قىلىپ دەۋەتتى: !*o{xq   
_ ئالالىسىڭىز، بېقىشقا قۇربىڭىز يەتسە سىڭلىمنىڭ رايىغا باقىمەن. سىزمۇ خېلى ئوڭ، قائىدە ئۇقىدىغان بالىكەنسىز. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز ياخشىسى ئوقۇشىڭىزنى ئوقۇڭ! قىز بالىنىڭ يېشى چوڭىيىپ كەتسە تازا ياخشى بولمايدۇ بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ يېزىدا شۇنداق. بىزگىمۇ يۈز - ئابروي كېرەك. دادىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنىمۇ قاندۇرۇپ بېرەلمىسەك بۇ يۇرتتا تۇرمىساق بولىدۇ. مۇھەببەت ھەممىدىن مۇھىم ئەمەس! K+`deH_d  
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بوپ قالدىم. كۆرۈۋاتقانلىرىم خۇددى چۈشتەكلا بىلىنىپ، قانچە ئويغىناي دېگەنسېرى گېلىم شۇنچە بوغۇلۇپ كۆزلىرىمدىن مۇنچاق - مۇنچاق تامچىلارنى توسۇپ قالالماي جايىمدا قېتىپلا قالدىم. goc; .~?  
ئۇنى قاراپ تۇرۇپ بىرىگە ياتلىق قىلىۋەتسە ئىككىلىمىز ھايات تۇرۇپ، بىر - بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشىدىغان تۇرۇپ توسۇپ قالالمىسام... مەكتەپتىن چېكىنىپ توي قىلدىم دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى قانداق باقىمەن؟ كۆڭلۈمگە پۈككەن نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىمچۇ؟ بىز يا بىرەر ئىشنى خاتا قىلمىساق؟ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنكى ئازۇلىرىمىز، قانداق ئۆي تۇتۇش توغرىلىق دېيىشكەن گەپلىرىمىز پەقەت بىر خام خىيال بوپ قالامدا؟ نېمىشقا بۇنداق ئايىغى چىقمايدىغان مۇھەببەت بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىدىغاندۇ؟ باشقىلار مۇھەببەتلىشىپ ئۆزىنىڭ سۆيگەن يارى بىلەن توي قىلىدىكەنغۇ؟ بىز نېمىشقا؟...تەقدىر! بۇنچە رەھىمسىزلىك قىلمىساڭ بولاتتى...نېمىشقا ھەقىقىي مۇھەببەت ۋىسال شارابى ئىچەلمەيدۇ؟... Kxi@"<`S  
ئۆزۈمگە سوئال قويۇپ ئولتۇرغىنىمدا تامنىڭ كەينىدە ئۇنىڭمۇ ئېسەدەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئالدىمغا قاراپلا ئۇنى چاقىردىم: p,14'HS%@  
_ ئامىنە! oz7=1;r  
_ ھە! . . . TWdhl9Ot  
_ يىغلىما! يىغلىساڭ ئاچچىقىم كېلىدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ؟...ھېلى بىكا تاياق يەيسەن! j9.%(*  
_ مەيلى! k0 D):  
ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا بوغۇق تولا يىغلاپ پۈتۈپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ئۆزىنى ماڭا ئاتتى. ئۇنى شۇنچە چىڭ قۇچاقلىساممۇ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ سىلكىنىشلىرىگە كۈچۈم يەتمىدى. چىشلىرىمنى چىڭ چىشلەپ، كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىۋالغان بولساممۇ ياشلىرىم توختاۋسىز تۆكۈلۈپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى. «مەن يىغلىماسلىقىم كېرەك!» دەيتتىم ئىچىمدە. ئۆزۈمنى ئىنتايىن تەستە بېسىۋېلىپ دېدىم: mteQRgC  
_ يىغلىما...جېنىم... بىز ھېچ ئىشنى ... خاتا قىلمىدۇق... I_|W'%N]  
ئاۋازلىرىم تېخىمۇ بوغۇلۇپ قالدى. CKX3t:HP0  
_ مېنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق...باشقىسىغا تەگمەيمەن... _ دېدى ئۇ بايىقىدىنمۇ بەكرەك ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە. HC"yC;_  
مەن ھېچنېمە دېيەلمىدىم. پەقەت چىڭ قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا بولغان مېھرىمنى ئىپادىلەيتتىم. ئۇمۇ بارغانسېرى قوينۇمغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى... [@NW  
ئۆزۈمنى خېلى باغرىم قاتتىق ئوغۇلبالا دەيتتىم. لېكىن ئۇنىڭ ئۆسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاشلىرىغا پەقەتلا چىدىيالمىدىم. ئۇنى ئېلىپ يىراقلارغا كەتكۈم كەلدى، بىراق خېلى ئىشنىڭ كەينىنى ئويلايدىغان بوپ قاپتىمەن. ئۇ نىيىتىمدىنمۇ دەررۇ ياندىم. ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرماقچى بولۇپ دېدىم: jVna;o)  
_ ئامىنە، سەن چوقۇم بەختلىك بولىسەن! IV%Rph>d  
_ ياق... ياق... ياق! [S0wwWU |0  
_ بىز رېئاللىققا توغرا قارايلى. . . g|j15&x  
_ ياق!... 0iKAg  
_ دوست بوپ ئۆتسەك بولىدۇ. .&n! 4F'  
_ ياق!... sYB2{w   
_ دەسلەپتە «بىز دوست بوپ قالايلى» دېگەنتىڭغۇ؟ SQ<{X/5  
_ ئەمدى مېنى سىزدەك چۈشىنىدىغان بىرسىنى ئۇچرىتالمايمەن... مېنى سىزلا چۈشىنىسىز... ئەمدى مەن كىمگە ئېچىلىپ ئەركىلىيەلەيمەن؟ . . . 7@&kPh}PG  
ئۇ شۇنداق دەپلا تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى... `chD*@76I  
«چۈشىنىمەن جېنىم، مەنمۇ ئەمدى سېنىڭ كۈلكەڭدەك ساپ، سەبىي كۈلكىنى ئۇچرىتالمايمەن. سەندىن باشقىسىنى ئىچىمدىن چىقىرىپ گۈلۈم، جېنىم... دېيەلمەيمەن. مېنىڭ قوپاللىقىمنى، قېتىۋېلىشىمنى، جاھىللىقىمنى سەندىن باشقىسى چىن كۆڭلىدىن كۆتۈرەلمەيدۇ. مەنمۇ باشقا بىرىنى ئىچ - ئىچىمدىن بېرىلىپ، تويماي سۆيەلمەيمەن. . .» دېدىم ئىچىمدە. @QE&D+NS  
NHe[,nIV  
خېلىدىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ «سىرتقا چىقىپ كىرەي»دەپلا سىرتقا چىقىپ ئاكىسىغا ئۇنىڭغا خوش دەپ قويۇشنى تاپىلاپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدىم... #q5tG\gnM  
ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر رازى بولمايمىز دېمىدى. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز دەسلەپ تاققا - تۇققا باشلانغان بولسىمۇ لېكىن بىر - بىرىمىزگە بولغان ئوتتەك ھېسسىياتىمىز سۇسلاپ قالغىنى يوق. ئەمما رېئاللىق «مۇھەببەتتە ياش پەرقى مۇھىم ئەمەس» دېگەن كۆز قارىشىم مېنى ھەم ئۇنى قايىل قىلالىغىنى بىلەن رېئاللىقنى ھەرگىزمۇ قايىل قىلالمىدى. ئەكسىچە ئىككىلىمىز رېئاللىققا قايىل بوپ قالدۇق. رېئاللىق بىزنى بۇندىن بۇرۇنقى ھەم ھازىرقى پولاتتەك دەلىل - پاكىتلىرى بىلەن، ئەمەلىي مىساللىرى بىلەن بىزنى قايىل قىلدى. بىز ھېسسىياتىمىزغا بېرىلىپلا چوڭلارنى داغدا قويىدىغان ئىش قىلساق بولمايدۇ، چوقۇم ئەقىل بىلەن ئەڭ توغرا تاللاشقا ھۆكۈم قىلىشىمىز كېرەك...
_>_ "cKS  
#k,.xMJ~  
;WgzR_'!'  
ئەسلەش
AYDAt5K_  
PGuPw'2;[  
aO 2zD 
شۇندىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ ئۇنى مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۇچراتمىدىم. دائىم ساۋاقداشلار بىلەن ئۇنىڭ بىلەن دائىم تاماق يەيدىغان ئاشخانىغا كىرسەملا ئۇنىڭ ماڭا چاي قۇيۇپ بېرىشلىرى، ئورۇندۇقنى سۈرتۈپ، مۇلازىملاردەك مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشى كۆز ئالدىمغا كېلىپ گېلىمدە بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. يوللاردا ماڭسام ئۇنىڭغا كىيىمى ياكى چاچ پوسۇنى ئوخشىشىپ قالىدىغانلارنى كۆرسەممۇ يۈرەكلىرىم تېپىچەكلەپ كېتەتتى. روھىي - ھالىتىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئوقۇتقۇچىلىرىم سەزگەندىن كېيىن مەندىن گەپ ئالالماي ئاتا - ئانام بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتتى. ئاتا - ئانامغا قايتىلاپ ئوقۇشقا كۆنەلمىگەنلىكىمنى دەپ بۇ يەردىكى بارچە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، سەبىي كۈلكىلىرىمنى، مۇھەببىتىمنى تاشلاپ ئۈرۈمچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتتىم... uc LDl  
N|8^S  
مانا، ھازىر ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. ئۇنى بىرەر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. ھەرقېتىم قىيىن مەسىلىگە يولۇقسام ياكى غېرىپسىنىپ قالسام ئۇ ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. ئىشەنچىمنى يوقىتىپ ئۈمىدسىزلەنگەن، چۈشكۈنلەشكەن، ئازابلانغان چاغلىرىمدا ماڭا روھىي مەدەت بېرىدۇ. خۇشال بولغان، نەتىجە قازانغان چاغلىرىمدا مېنىڭ خۇشاللىقىمغا جۆر بولۇپ مەن بىلەن تەڭ كۈلىدۇ، ياق! مەندىنمۇ ئۆتە خۇشال بولىدۇ. نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالغان چېغىمدا ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ. خاتا يولغا ماڭغان چېغىمدا مېنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر كۈلۈمسىرىشىمۇ، قاپاقلىرىنى تۈرۈۋېلىشلىرىمۇ، قاقاقلاپ كۈلۈشلىرىمۇ شۇنچىلىك تەبئىي، شۇنچىلىك يېقىملىق. ئۇ مېنىڭ روھىي يۆلۈنچۈكۈم! X^i3(N  
E!`/XB/nA  
بىز مۇھەببەتلەشتۇق. ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ گۇناھكارمۇ بولدۇق. لېكىن توي قىلالمىغان بولساقمۇ بەزىلەردەك بىرىمىزنى «ۋاپاسىز» يەنە بىرىمىزنى «ۋىجدانسىز» دېيىشمىدۇق. رېئاللىققا توغرا قارىدۇق. بىز بىر - بىرىمىزگە تەبەسسۇم بىلەن قارىيالايمىز! بىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىمىز باشقىلارنىڭكىدەك تەسىرلىك داستان ئەمەس لېكىن ئىككىمىز ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان بۈيۈك ئابىدە! ئۇنىڭ كىم بىلەن توي قىلغانلىقىنى، قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن ھەم بىلگۈممۇ يوق لېكىن ئۇنىڭ كىم بىلەن توي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر كۆيۈمچان ئايال، مېھرىبان ئانا بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ھەرقانداق ئەرنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقىغا ھەم ئۇنى بەختلىق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن قانائەتچان ھەم پاك! مەن ئۇنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالدىم، ئۆزۈمدىن، مۇھەببىتىمدىن پەخىرلىنىمەن. ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمدا ئەڭ توغرا قىلغان ئىشىم ئۇنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىم. مەن تولىمۇ توغرا قىپتىمەن. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن ھەرۋاقىت خاتىرجەم. ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن بەخت تىلەيمەن. پەقەت ئۇ بولغاچقىلا مەن ھەقىقىي مۇھەببەتنى، ھەقىقىي سېغىنىشنى ھېس قىلالىدىم. قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۇنىڭغا بولغان تەشەككۈر ھېسسىياتىم ھېلىھەم داۋالغۇپ تۇرىدۇ. rddn"~lm1  
ھازىر ئۇنى چوڭقۇر ئازاب ئىچىدە ئەمەس بەلكى چەكسىز ھۆرمەت، ئىپتىخارلىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن... [ C!m,4  
&E@mCQ1  
ئۇ _ سەت، ئەمما مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك!
[ بۇ يازما ئۈزۈمچى تەرپىدىن2008-10-21 22:28دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+29(ئالماچېچىكى@) سۆيۈملۈك قىز ..
  • پۇل :+1000(تۇغرۇل) تەقدىرلەشكە ..
  • پۇل :+1000(چىمەلتەك) hakikatanmu esilakan...
  • پۇل :+333(ئەلكىزەر) مانا دوللار
  • ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-21 21:43 |
    ئۇيغۇرشاھ
    سەلكىن چولپىنى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 980
    شۆھرەت: 977 كىشىلىك
    پۇل : 15 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
    قوللاش: 1003 نومۇر
    ئالقىش: 1218 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇف................ۋەھشىي ياخشى چىقىرىپسەن ...........خۇداغا شۇكرى........ئەمدى ئاخىرى يوقكەن بۇنىڭ..................... $GFR7YC 7  
    xy[#LX)RW  
    سېنىڭ يەنە بىرسىنى توغرا  يولغا  باشلىغىنىڭنى  تەبرىكلەيمەن.........
    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 21:51 |
    قارائەتىرگۈل
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 18937
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 173
    شۆھرەت: 2017 كىشىلىك
    پۇل : 2987 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 240 نۇمۇر
    قوللاش: 305 نومۇر
    ئالقىش: 332 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت سىزگە ئۈزۈمچى . نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي......  سىزنىڭ تىمىلىرىڭىز بولسىلا بەك ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن . ئۆزگىچە ئەسەر يازىسىز . ........ p0bWzIH  
    باشتا ئىنكاس يىزىپ ئاندىن ئوقۇي دىدىمغۇ ! ئەيىپكە بۇيرىماڭ.
    [ بۇ يازما قارائەتىرگۈل تەرپىدىن2008-10-21 22:00دە ق ]
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 21:55 |
    ئەمەتجـان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 21205
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 113
    شۆھرەت: 529 كىشىلىك
    پۇل : 540685 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
    قوللاش: 113 نومۇر
    ئالقىش: 113 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرى 3-نى يوللاپسىز .بەكمۇ تەققەززا بولغان ئىدىم.
    قولۇڭدىن چۈشمىدى ئەينەك يۈزۈڭگە<< گەج-سۇۋاق>> ئەتتىڭ.
    لىۋىڭگە ئەمدى قان ئچكـەن <<قوتۇر جىندەك>>بوياق ئەتتىڭ.
    دىگەنگەبىرقېـتىم<< ئاش ئەت>>قازان مەشـنى چولاق ئەتتىڭ،
    نەسھەت قىلسام ئېسـلـدىڭ سەن ياقامنى مىــڭ ياماق ئەتتىڭ،
    كىلىننىڭ خۇيلىـرى شـۇنداق خېنىم<< مايمۇنمىكىن>> نەسلىڭ.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:05 |
    ئۈزۈمچى
    مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1849
    شۆھرەت: 13422 كىشىلىك
    پۇل : 485256 سوم
    تۆھپە: 1580 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3642 نۇمۇر
    قوللاش: 2834 نومۇر
    ئالقىش: 2944 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1309(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    (1)، (2) قىسىملىرىغا ئىنكاس يېزىپ ماڭا مەدەت بەرگەن، ياخشى تەكلىپ - پىكىرلەر بىلەن ماڭا ئىلھام بەرگەن ھەم ئەسەرلىرىمنى تولۇق ئوقۇپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت! BsQ;`2  
    مەن ھەممە ئىنكاسلارنى بىرمۇ - بىر ئوقۇپ چىقتىم. . . /FcRp,"  
    تەكلىپ - پىكىرىڭلارنى دېمىگەيسىلەر! X0.H(p#s  
    u H[WlZ4  
    ماۋۇ ھېكايىنى يېزىپ بولۇپ مەنمۇ ئىختىيارسىز «ئۇف» دەۋەتتىم. `OfhzOp  
    ئىشقىلىپ ئوقۇمىغانلار ئارماندا```
    ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:12 |
    ئۇيغۇرشاھ
    سەلكىن چولپىنى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 980
    شۆھرەت: 977 كىشىلىك
    پۇل : 15 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
    قوللاش: 1003 نومۇر
    ئالقىش: 1218 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يەنە بىر قىسىم قىلىپ يېزىۋەتمەي............كۆپرەك ئوقۇيتتۇق....ئاندىن 5نى يازاتتىڭ،ئاندىن6-نى............ c:${qY:!  
    ئىشقىلىپچۇ،ۋەھشىي يېزىپ قويىسەن .......... *42KLns  
    ھەممىسى راست ئىشلارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟ھەممە ئەسەرلىرىڭنى كۆرۈپ بولدۇم.........
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    راست دېسەڭ راست. توقۇما دېسەڭ توقۇلما.
    izdax.com
    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:18 |
    kun^kiz
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 22723
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 70
    شۆھرەت: 70 كىشىلىك
    پۇل : 1180 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 90 نۇمۇر
    قوللاش: 97 نومۇر
    ئالقىش: 115 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قەلەم قۇۋتىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم ، كۆز تەگمىسۇن ئىلھاملىرىڭىزغا بەركەر تىلەيمەن قىرىندىشىم .
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    رەھمەت!
    blog.salkin.cn
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:22 |
    xukurmamat
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14155
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 307
    شۆھرەت: 307 كىشىلىك
    پۇل : 1919 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 353 نۇمۇر
    قوللاش: 329 نومۇر
    ئالقىش: 416 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سز دەك بالار بۇلسا  
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    مەندەك بالىلار جىق، مەن پەقەت شۇلار ئارىسىدىكى بىرى.
    blog.salkin.cn
    ھايات قەدىرلىك،
    تۇرمۇش مۇشەققەت.
    سۆيگۈ ئاجايىپ،
    تەغدىر كۈلكۈلۈك.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:22 |
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 7837
    شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
    پۇل : 1157890 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
    قوللاش: 7521 نومۇر
    ئالقىش: 9162 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    بۇ ئۈزۈمچى مۇھەببەت پاتىشاھىكەن جۇما
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    سەندىن ئۆگەندىم. ھا ھا ھا. . .
    blog.salkin.cn
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:23 |
    مۇنقەرىز
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18160
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 178
    شۆھرەت: 65 كىشىلىك
    پۇل : 624 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 143 نۇمۇر
    قوللاش: 102 نومۇر
    ئالقىش: 73 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 540(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماۋۇ ئۈزۈمچى سەلكىننىڭ نادىر تىمىلىرىنى كۆتۈرىگە ئىلىۋالدىمۇ نىمە ؟ ئىلھام دىگەنمۇ ھارماي كىلىدىكەن دەيمەن سىزگە~! [kyIF\0  
    زامانىمىز تور ئەدەبىيات پىشۋاسى   _B5v&# h(.  
    مەن ئۈزۈمدىن باشلىدىم  
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ئاشۇرۇۋەتتىڭىز، لېكىن ماختىسىڭىز خۇش بولىدىكەنمەن. ھى ھى...
    blog.salkin.cn
    بۇ ئادرىستىن يەر شارىدا پەقەت بىرسىلا با جۇما  !

    http://blog.salkin.cn/home.asp?uid=412
    http://munkariz.salkin.cn
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:29 |
    ^زىمىستان^
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 18072
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 65
    شۆھرەت: 65 كىشىلىك
    پۇل : 965 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 81 نۇمۇر
    قوللاش: 73 نومۇر
    ئالقىش: 101 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 156(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كارامەت ...................... ئېسىل ئەسەر .............. داۋامىغا تەشنامەن ........
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    داۋامىنى بولدى قىلايلىمىكىن...
    blog.salkin.cn
    زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقلىرىدا مۇزلاپ كەتكەن يۈرىكىم قاچان ئاتەش كۆزلىرىڭنىڭ ئىللىق تەپتىگە مۇيەسسەر بولار ...
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:31 |
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 7837
    شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
    پۇل : 1157890 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
    قوللاش: 7521 نومۇر
    ئالقىش: 9162 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    باشتىكى تىماڭنى ئۇلىنىشىنى چىقىرىپ قويمىساڭمۇ نادىر  تىمىلار قاتارىدا  بار، ھەممىسى، نادىر  تىمىلارنى سەنلا  تولدىرىۋالدىڭغۇ مۇشۇ كۈنلەردە
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    سەت بوپتۇ، بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي ھە!
    blog.salkin.cn
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:32 |
    ئۇماق520
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19105
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 كىشىلىك
    پۇل : 105 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    قوللاش: 1 نومۇر
    ئالقىش: 1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دەھشەت بالاڭزىدە بۇ   ،ھىكايەڭ بەك ياخشى چىقىپتۇ.  
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    نەرى ھەممىدىن بەك ياخشىكەن؟
    blog.salkin.cn
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:32 |
    مۇنقەرىز
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18160
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 178
    شۆھرەت: 65 كىشىلىك
    پۇل : 624 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 143 نۇمۇر
    قوللاش: 102 نومۇر
    ئالقىش: 73 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 540(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۈزۈمنىڭمۇ داڭقىنى چىقىرىۋەتتى بۇ بالا مۇشۇنداق يىزىپ يۈرۈپ ! aSt:G*a"  
    مەنمۇ ئۈزۈمنى جىق -جىق يەپ بەرسەم سىزدەك بولالارمەنمۇ ؟
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ياڭاق يېسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھې ھې. . .
    blog.salkin.cn
    بۇ ئادرىستىن يەر شارىدا پەقەت بىرسىلا با جۇما  !

    http://blog.salkin.cn/home.asp?uid=412
    http://munkariz.salkin.cn
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:32 |
    پەرى001
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17125
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 358
    شۆھرەت: 428 كىشىلىك
    پۇل : 2666 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 510 نۇمۇر
    قوللاش: 385 نومۇر
    ئالقىش: 476 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 238(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇف..................................... OZ4%6/  
    بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى بۇ ھىكايىڭىز. ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى. F7\nG}#s  
    ئىچىمدە ئىخىتىيارسىز ئامىنەگە، بولۇپمۇ قەيسەرگە بەخىتلەر تىلەپ كېتىپتىمەن. (ھىكايىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن گەپ) 8=-#LVo~c  
    WDF6.i ?  
    ھارماڭ ئۈزۈمچى، ئىلھاملىرىڭىز تېخىمۇ بەرىكەت تاپقاي!!!!!!!!!!!!!!!!!! uQ3W =  
    ZJV;&[$[  
    ئۈمىدىمىز: پاك مۇھەببەتكە تۇيۇنغان نادىر ئەسەرلىرىڭىز سەلكىندىن ئۈزۈلمىگەي!!!!!!!!!!!!!
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ئەمسە سەلكىن پۇلىدىن ئازراق بېرىڭە! خە!
    blog.salkin.cn
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 22:33 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر


    Time now is:10-25 18:40, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation