قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ بەتتىكى تېما: مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(2) IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 4151 قېتىم كۆرۈلدى
ئۈزۈمچى
مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2269
نادىر تېما : 16
يازما سانى : 1849
شۆھرەت: 13422 كىشىلىك
پۇل : 485256 سوم
تۆھپە: 1580 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3642 نۇمۇر
قوللاش: 2834 نومۇر
ئالقىش: 2944 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1309(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(2)

2
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما تۇغرۇل تەرپىدىن (2008-10-20)دە نادىرلاندى
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(1) 5:#|Op N  
./read.php?tid-42069.html NciIqF  
NFC/4  
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(2)
M*C1QQf\N  
.p?SPR  
3+vVdvu%  
شېرىن خىيال
2;J\Z=7  
^4'!B +}F  
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۆزۈمگە ئوخشىمايلا قېلىشقا باشلىدىم. ھەرقېتىم يالغۇز قالغىنىمدا مۇھەببەتنىڭ قاياقتىن كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان سېھىرلىك شاماللىرى خىيال كېمىلىرىمنى ئېقىتىپ ئۆزۈمنىڭ ساددىلارچە تەسەۋۋۇرۇمدىكى كىشى بارسا كەلگۈسى كەلمەيدىغان گۈزەل بەخت ئاراللىرىغا تاشلايتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇنچە قوپاللىق قىلساممۇ كۆڭلىگە ئالماسلىقى، ئۆزىنىڭ يىگىت تاللاش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىكى، تارتىنچاق، ئەپۇچانلىقى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى. ھەرقېتىم شېرىن خىياللار قوينىدىن ئۆزۈم خالىمىغان ھالدا سىرغىپ چىققىنىمدا «ھازىر بۇنداق قىزلارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ، مۇھەببەتلىشەلمىسەممۇ دوست بولۇپ قالساملا بولدى...» دەيتتىم. دائىم ئۇنىڭ ئىللىق چېھرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ خيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنى جىلە قىلاتتىم. ئۇنىڭ جىلە بولغاندىكى قوشۇمىلىرىنى تۈرۈۋېلىپ، ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىۋېلىشلىرىنى، «ئۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟» دەپ ماڭا ھېچقانداق ئىپادىسىز قاراشلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن پات - پات كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىشنى ئۈمىد قىلاتتىم. خىزمەتداشلىرىممۇ مەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ قالدى. مۇئاشىم چىققاندا «ئۇنى كەلتۈرەلمىدىم» دەپ ئۇلارنى مېھمان قىلدىم. توۋا، دەپ قالىمەن بەزىدە. ئۇنىڭ بىلەن كۈندە ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ تۇرساممۇ ئۇنىڭ مەندىن چوڭ ئىكەنلىكىنى پەقەت ئويلاشماپتىكەنمەن. ئۇنىڭ چىرايىدىن قەتئىي بىلىنمەيتتى. خىزمەتداشلىرىم «ئۇ سەندىن چوڭكەن» دېگەندە پىسەنتىمگىمۇ ئېلىپ قويمىدىم. ئاغزىمدا «مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ياخشى دوست» دەيتتىميۇ، قەلبىمدىكى خېلى باش كۆتۈرۈپ قالغان سۆيگۈ بىخلىرى بۇ گېپىمنى رەت قىلىۋېتەتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە «ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن دوست، باشقا غەرىزىم يوق!» دەپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم بەزلەيتتىم. كېچىلىرى بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئەتىگىنى، كەچلىكى سالام قىلىشقاندىكى گەپ _ سۆزلەرنى ئويلاپ چىرايىمدىن ھېچ كۈلكە كەتمەيتتى. @*- 6DG-f  
ئەمدى ئويلىسام ئۇ چاغلاردا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساممۇ قەستەن ئىنكار قىلىۋېتىپتىكەنمەن.
(<-m|H};  
jW-;Y/S  
كۆڭۈل ئىزھار قىلىش
t}?-ao  
bd% M.,  
بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن سىمېنا ئالمىشىپ كۈندۈزى ئىشلىدىم. تۇيۇقسىز كاللامدا ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ بېقىش ئويى پەيدا بولدى. «ئۇنىڭ ئاۋازى چوقۇم يېقىملىق!» دەپ ئويلىغانتىم. كەچلىكى ئۇ ئىشلەيدىغان رېستۇراننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدىم. نەدىكىنى، ئۇنىڭ ئاۋازى مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا يېقىملىقمۇ ئەمەسكەن. بىراق مىللىيچە ناخشىلارنى بەك ياخشى ئېيتىدىكەن. ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ تاماكا چېكىپ تۇردۇم. كەچرەك بېرىپ قاپتىكەنمەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئويۇننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنى نېمىشقا ساقلىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن. رېستۇراننىڭ يېنىدا ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم. C*B5"s"  
_ قەيسەرجان! t)g %9 k^  
يۈرىكىم ئىختىيارسىز دۈپۈلدەپ بۇرۇلۇپ قارىسام ئۇ يوق. يەنە چاقىرىۋىدى بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى قەۋەتكە قارىسام ئۇ ماڭا قاراپ خۇشال ھالدا: v\qyDZVV  
_ قاچان كەلگەنتىڭىز؟ ئۈستىگىلا چىقسىڭىز بولمامدۇ؟ _ دېدى. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوقماقتا. [p}~M-$V8Y  
_ ھازىر كەلگەن ئىدىم، _ دېدىم مەن، _ ئايلىنىپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ ناخشىڭىزنى ئاڭلىغىلى كەلگەن. m({ q<&]Qp  
_ ياخشى ئېيتامدىكەنمەن؟ 0Zo><=  
_ ئانچە ئەمەس. #o9CC)q5G  
_ ساقلاپ تۇرۇڭ ھە، مەن پەسكە چۈشەي! ko'V8r `V  
ئۇ شۇنداق دەپلا مېنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەي كەينىگە ئۆرۈلدى. `w8cV ?  
پەسكە چۈشۈپ يەنە شۇ ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن: f~TkU\Rh  
_ ئىشتىن چۈشتۈم. بۈگۈن كۈندۈزى ئىشلەپتىكەنسىز ھە؟ _ دەپ سورىدى. WX_g  
_ ھەئە، كېچىسى ئىشلەۋېرىپ زېرىكىپ كەتتىم. &TrL!9FtJ  
_ ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولمىسا ئايلىنىپ كەلمەمدۇق؟ DRXUQH  
_ بوپتۇلا، كۆڭلىڭىزنى ياندۇرماي... B> \q!dX3  
_ ھې ھې ھې... ئاغزىڭىز ئەجەپ قاتتىق ھە سىزنىڭ؟! |Zp') JiS  
_ . . . AE`{k-3=%  
ئۇ چاغلاردا يەتتە بۇلاق كۆلى يېڭىدىن پۈتكەن بولۇپ ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بىلمىگەن ئادەم «بۇ يەردە نېمە بايرام ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ؟» دەپ قالاتتى. بۇرۇنمۇ كۈندۈزى ئىشلىسەم كەچلىرى بۇ يەرگە كېلىپ يۇرتۇمنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشقان، تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولغان بۇ يېڭىچە قۇرۇلۇشقا زوقلىنىپ قاراپ كېتەتتىم. كۆل يۈزىدە كاتىرلارغا، كىچىك قېتىقلارغا چىقىۋالغان بىر جۈپلەرگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ تېخىمۇ خۇش بولۇپ كەتكەن بولساممۇ ئەمما ئۇنىڭغا چاندۇرماي يەنىلا كەم سۆز، چوڭ سۈپەت بولىۋالدىم. ئۇ بىردەم «ئۇسسىدىڭىزمۇ؟» دېسە يەنە بىردەم «قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟» دەپ سوراپ تۇراتتى. ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم بىر قىز بالىنىڭ ماڭا ھەقىقىي كۆيۈنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما ئۇنىڭ پات ئارىدا بولىدىغان تويى ئېسىمگە كېلىپ «ئۆزىدىن كىچىك، ئىستىقبالى پارلاق يىگىتكە بۇنچىلىك قىلمىسا بولامدۇ؟» دەپ ئويلايتتىم. IDh`*F  
بىردەم سۇ چېچىشىپ، بىردەم كۆلدە قېيىق ئويناۋاتقانلارنى تاماشا قىلىپ، يەنە بىردەم بېلىقلارغا يەم بېرىپ يەنە ئۇنى توختىماي جىلە قىلىپ، كۈلدۈرۈپ، ئادەملەر شالاڭلاپ خېلىدىن كېيىن قايتتۇق. ئۇنىڭ بىلەن بىللا بولساملا ۋاقىتنىڭ قانداق تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەيلا قالىدىكەنمەن. قايتاشىمىزدا ئۇنىڭ يەنە غەمكىن ھالىتىدىن ئەجەپلىنىپ سورىدىم: .RmoO\ ,Gm  
_ نېمە بولدى؟ T%Zfo7  
_ ھېچنېمە. EUH9R8)  
_ خىيالغا چۆكۈپ كەتتىڭىزغۇ؟ 4mX]JH`UTe  
_ ئۆيدىكىلەر ئېسىمگە كېلىپ... r( wtuD23q  
_ توي ئىشىما؟ ?hIDyM  
_ ھەئە! p#r qe 
_ ئــــا! جىق ئويلانماڭە بولدى. مەن بار تۇرسام... pXh`o20I  
مەن ئەسلى بۇ گەپنى چىن كۆڭلۈمدىن دېمىگەنتىم. ئۇمۇ چاقچاق دەپ چۈشەنگەن بولسا كېرەك، ھەيران بولۇپ مەندىن سورىدى: [W <j  
_ ھە؟... سىز مەندىن كىچىك تۇرسىڭىز؟ 07ppq?,y  
_ مۇھەببەتتە ياش چەكلىمىسى بولمايدۇ. بۇندىن كېيىن بۇگەپنى ئېغىزىڭىزغا ئالماڭ ھە! _ph1( !H$  
_ ھە ماقۇل! 0Q cJ Ek  
بەزىدە ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئويلانمايلا چىقىپ كەتكەن بىر ئېغىز سۆزمۇ شۇ ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا خېلى تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇ «مەندىن كىچىك تۇرسىڭىز» دېگەن چاغدا ئازراقمۇ كۆڭلۈمگە ئالمىدىم. چۈنكى ئۇنى گەپ بىلەن قايىل قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم باتتى. {sq:vu@NC  
ئۇنىڭ ئۆيىگە ئولتۇراق رايوننىڭ كەينى ئىشىكىدىن كىردۇق. ئولتۇراق رايونغا كىرىپ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ يېنىدا كىچىك باغچە بولۇپ كەچلىرىمۇ گۈللەرنىڭ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان نەمخۇش ھەم مەززىلىك پۇراقلىرى كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قىيالماي يەنە سەۋەبنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپ شۇ باغچىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق. ئۇنىڭ غەشلىكى تېخىچە يوقالمىغاچ مەن ئۇنىڭغا دەپ قويۇپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى گىتتارنى ئاچىقتىم. ئۇمۇ گىتتارغا بەك ئامراقكەنتۇق. گىتتارنى قولۇمغا ئېلىپلا مۇھەببەت ناخشىسى دېگەننى تۆكىۋەتتىم. بۇرۇنمۇ گىتتار قولۇمغا چىقسىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئىچىگە كىرىپلا كېتەتتىم. ئۇ يېنىمدا تۇرسا تېخىمۇ شۇنداق بوپ كېتىدىكەنمەن. ھېچنېمىدىن غېمىم يوقتەكلا! مەن ئاۋازىمنى راسا قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتسام ئۇ ئەتراپقا قاراپ مېنى بوشراق ئاۋازدا ئېيتىشقا ئۈندەيتتىيۇ ئۆزى مەندىنمۇ بەكرەك خۇشال بوپ كېتەتتى. مەنمۇ قەستەن ئاڭلىمىغانغا سېلىۋېلىپ ئاۋازىمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئېيتىۋەردىم. بىر چاغدا ماشىنا توختىتىش ئورنىغا قارايدىغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى خەنزۇ كېلىپ: , BZ(-M  
_ ھېي، ناخشا دېگەننى ئاڭلىغۇدەكلا ئېيتمامدۇ؟ سېنىڭ دەردىڭدە ئولتۇراق رايوندىكى كىشىلەر ئۇخلىيالمىسۇنما؟ _ دەپ چالۋاقاپلا كەتتى. ئۇ خەنزۇچىنى تازا بىلمەيدىكەنتۇق. مەن مۇشۇ يەردىن پايدىلىناي، دېدىمدە خەنزۇغا كونا تونۇشۇمغا گەپ قىلغاندەك ئاھاڭدا خەنزۇچە: ,k9.1kjO*)  
_ سەت بولدى ھە تاغا! ئەمدى تۆۋەن ئېيتاي خاپا بولما ھە؟ _ دېدىم. ئاندىن ئۇيغۇرچە: 6_tl_O7  
_ ئېيتىمەن قانداق؟ ياخشىلىقچە غىت قىسىۋال ھە ئاداش؟ مېنىڭ ئاچچىقىمنى بىلىسەنغۇ؟ _ دېدىم. jOK !k  
ئۇ خەنزۇچە يەنە بىر مۇنچە كاپشىۋېتىپ، مەن ئۇيغۇرچە تىللاپ، خەنزۇچە يالۋۇرۇپ ئاران دېگەندە كەتكۈزىۋەتتىم. ئۇمۇ ئىشىنىپلا قاپتۇ. خەنزۇ كەتكەندىن كېيىن ھەيران بولۇپ: PdRDUG{Jy  
_ ئۆزىڭىزدىن چوڭ ئادەمگىمۇ «ئاداش» دەپ گەپ قىلىسىزغۇ؟ ئۇ سىزدىن قورقامدا؟ _ دەپ سورىدى. P4E_ 
نەدىن كەلگەن گەپدانلىقكىن - تاڭ؟ مەنمۇ پونى بولىشىغا ئېتىپ سۆزلەۋېرىپتىمەن: dLR[<@E  
_ ئىچىم پۇشۇپ قالسىلا ئۇرۇپ ئوينايمەن ئۇنى. ئاچچىقىمنى بىلىدۇ، ئەمدى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا گەپ قىلىپ قويغىنى ئۇنىڭ. ھېچقىسى يوق. Pb59RE:7V  
_ ئۇ سىزدىن چوڭ تۇرسا قانداق ئۇرىسىز؟ {OS[0LB  
_ ۋايجان، بىر قولۇمغا پىچاق، بىر قولۇمغا بوتۇلكا ئېلىۋالسام ئۇنىڭدەكتىن تۆتى كەلسىمۇ بىردەمدىلا جايلاپ قويىمەن مەن. zYftgH_o  
گەپ قىلغاچ ئۇنىڭغا قارىسام ئىشىنىپلا قاپتۇ. تازىمۇ دۆتكەن بۇ! )|Ka'\xr  
_ ھەي، ناخشا ئېيتمايلى، بىردەم پاراڭلاشمامدۇق؟ _ دېدىم مەن ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ. )E6E}  
_ ھە ماقۇل. ydE}.0zN  
ئۇنىڭ بىلەن يەنە كونا پەدىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. بارغانسېرى ئۇنى ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىدەكلا ھېس قىلىۋاتاتتىم. قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بۇلاق كەبى بۇلدۇقلىنىپ، داۋالغۇپ تۇرغان ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىش ھېسسىياتى مېنى ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېيىشكە ئۈندەيتتى. بۇرۇنغۇ قىزلارغا «يۈرۈپ باقايلى، كېلىشەلمىسەك ئايرىلىپ كەتمەمدۇق» دېگەندەكلا تەلەپ قويۇپتىكەنمەن. لېكىن ئۇنىڭغا ئۆزىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئۇسۇلدا تەلەپ قويۇپ كۆڭلىنى قاتتىق خۇشال قىلىۋېتىشنى ئويلىدىم. گۈل بېرەي، دېسەم بۇ ئۇسۇل ئاللىقاچان مودىدىن قالغان. خەت يازاي، دېسەم كۆڭلۈمدىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىم ئېنىق. ئۇنىڭدىن ئۇزۇن سوئال سورىۋېتىپ ئۇ گەپ قىلسا گېپىگە قۇلاق سالماي قانداق تەلەپ قويۇشنى ئويلىشىپ ئولتۇرغىنىم ھازىرمۇ ماڭا كۈلكىلىك بىلىنىدۇ. 5R1? jlm  
يېرىم كېچىدىن ئۆتۈپ قايتىدىغان چاغدا ئۇنى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ يەنە بىردەم گەپكە سېلىپ تەلەپ قويۇشنى ئويلاشتىم. ئۇيقۇم كېلىپ گىتتارنى كۆتۈرۈشمۇ خۇشياقماي ئۇنىڭغا بېرىپ قويۇپ تاڭ ئاتقاندا ئېلىۋالماقچى بولدۇم. دەل ئۇ گىتتارنى قولۇمدىن ئېلىپ گىتتارنىڭ قۇلىقىغا قاراپ قويۇپ ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرىشىغا كاللامغا بىر خىيال كەلدى. گىتتارنىڭ قۇلىقىنى كۆرسىتىپ ئەتەي سورىدىم: OgCNq W d-  
_ گىتتارنىڭ قۇلىقى بۇزۇلۇپ قاپتىغۇ؟ UGoB7TEfn  
شۇنداق دېيىشىمگە ئۇ گىتتارنىڭ قۇلىقىغا قارىۋىدى يۈزىگە بىرنى سۆيدۈمدە «خوش ئەمسە!» دەپلا كەينىمگە بۇرۇلۇپ تېز - تېز قەدەم بىلەن كېتىپ قالدىم. يۈرەكلىرىم قېپىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك سوقماقتا ئىدى. بىبانىڭ كەينىگە ئۆتۈپلا خۇشالچىلىق! ۋارقىرىۋېتىشكە تاس قالدىم. ئۇف! ھەجەپ تەس كەلدى. ھەنىم بولسا <ھەي، نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟> دەۋەتمىدى. 2>Qy*  
ئەتە نېمىلا دېسە مەيلى، چىدايمەن. بەك بولسا سەل ئاچچىقلىنىپ «سىزنى يېقىن دوستۇم دەپ بىلەتتىم» دەر. يەنە كۈلدۈرۈپ كۆڭلىنى ئېلىۋېلىشىمغا ئىشەنچىم بار. 6ywO L'OBM  
يۈرىكىم شادلىقتىن بارغانسېرى قېپىغا پاتماي قېلىۋاتاتتى. بايا ئۇيقۇم كېلىپ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىممۇ قايتىدىن يوغان ئېچىلىپ ئولتۇراق رايوندىكى بويى پاكار، رەتلىك چىملارنىڭ، مۈگدەپ قالغان گۈللەرنىڭ، رەتلىك سېلىنغا كۆركەم بىنا ئۆيلەرنىڭ... ئىشقىلىپ پۈتۈن ئولتۇراق رايونىنىڭ گۈزەللىكىنى ماڭا قايتىدىن ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى. خۇشلۇقتىن قىن - قىنىمغا پاتماي ناخشا غىڭشىغاچ ئولتۇراق رايوننى نەچچە چۆرگىلەپ چىقىپ تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلىدىم. k#8E9/ t@  
CH5>u  
ئۆمرۈمدە ئەڭ تاتلىق ئۇخلىغان كۈن ئاشۇ كۈن بولسا كېرەك. ئەتىسى مەن ئىشقا چىقىدىغان چاغدا خىزمەتداشلىرىم ئويغاتسا ئويغىنالماپتىمەن. ئۇ گىتتارنى بالىلارغا بېرىپ قويۇپتۇ. خىزمەت ۋاقتىدا ئۇخلىغانلىقىم ئۈچۈن قىسىم باشلىقىمىز بىر مۇنچە قاقشاپ، تېخى قولۇمغا تەگمىگەن مۇئاشىمدىن تۇتىۋالىدىغانلىقىنى دېدى. شۇنچە ياخشى گەپ قىلساممۇ پەقەت ئۆتمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئاشىمدىن تۇتۇپ قالغىنىنى بېرىۋەتسە ئىشلىمەيدىغانلىقىمنى دەپ خىزمەت فورمامنى ئالدىغا تاشلاپ بەردىم. مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە مۇھىم ئەمەس، ئەلۋەتتە. &@D\4b,?nm  
مەن ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇشۇم كېرەك! بىر كۈندە ئاران ئىككى قېتىم كۆرۈشۈش مېنىڭ تەشنالىقىمنى قاندۇرالمايدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇ ئىشلەيدىغان رېستۇراندا ئىشلەي! سەي توشۇغۇچى بولساممۇ مەيلى. قاچا يۇيغۇچى بولساممۇ مەيلى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ « ئوغۇلبالا دېگەن جاپاغا ئۆلۈپ قالمايدۇ! قانچە جاپا تارتقانسېرى شۇنچە پىشىلىدۇ!» دېگەنتى. . .
df&.!7_R`  
KNOVb=# f_  
شېرىن كۈنلەر
lZ) qV!<  
$|AasT5w  
خىزمەتداشلارنىڭ نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي ئۇلارغا كېيىن كېلىپ ئوبدان مۇڭدىشىۋالىدىغانلىقىمنى دەپ ئۇ ئىشلەۋاتقان رېستۇرانغا باردىم. دېرىكتور بىلەن كۆرۈشۈپ پەقەت بىر ئايلا ئىشلەيدىغانلىقىمنى، ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى تەپسىلىي دېگەنتىم، مۇئاشنى باشقىلارغا قارىغاندا ئازراق بېرىدىغانلىقىنى دەپ قوشۇلدى.  EIPXq  
ھە مەيلىلا! مەن بەرىبىر پۇلنى دەپ كەلمىسەم بۇ يەرگە، دەپ مەنمۇ قوشۇلدۇم. M6].V*k'2  
مۇلازىملار باشلىقى ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاندىن قىلىدىغان ئىشلارنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مېنى يەر توبالاشقا بۇيرىدى. ئادەتتە ئۆيدە دېرىزە سۈرتۈشمۇ ئېغىر كېلىدىغان ئادەم ئەمدىلىكتە سۇخانىغا كىرىپ توبا يۇيۇشمۇ ماڭا شۇنچىلىك خۇشاللىنارلىق بىلىنىپ كەتتى. توبانى يۇيۇپ سەھنىنى توبالاۋاتسام ئۇ يەنە ناخشا غىڭشىپ ئۇنىڭغا - بۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ يۈرىدۇ. ئىچىمدە «ھە، ئۇمۇ ئەسلى مېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەندە؟» دەپ ئويلىدىم. ئۇنداق قىلمىسىمۇ ئىشقىلىپ خېلى ئىشەنچىم باتتى. كۈلگۈم كەپلا تۇرىدۇ. ئۇنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دەپ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بېشىمنى سالغىنىمچە توبالاۋەردىم. بىر چاغدا ئۇنى ئاۋاز تەڭشەش ئۆيىدىكى بىرى چاقىرىۋىدى ئۇ مېڭىپ مېنىڭ يېنىمغىلا كەلدى. مەن قەستەن ئۇنىڭ ئالدىنى توبالىغاچ: sFsf~|  
_ ھەي، قاراپ مېڭىڭ! سىزنىمۇ قوشۇپ توبالىۋەتمەي يەنە! _ دېدىم. ئۇ كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ: (ki= s+W-  
_ ھە كەچۈرۈ... _ دەپلا جىممىدە بوپ قالدى. مەنمۇ بىلمىگەنگە سېلىپ: _7dp(R  
_ بىر چەتتە تۇرۇڭ دەيمەن، ئاچچىقىم يامان جۇمۇ! _ دېسەم يەنە بىردەم تۇرۇۋېتىپ بوش ئاۋازدا: flOXV   
_ قەيسەرجان؟ _ دېدى.  {@k , e  
مەن بەدىنىمنى رۇسلاپ يەرگە قاراپ تۇرۇۋالدىم. ئۇ كۈلگەچ مەندىن سورىدى: dXsD%sG @  
_ ھەي، بۈگۈن ئىشلىمىدىڭىزما؟ _ دەپ سورىدى. مەن دەل ساقلاۋاتقان سوئالدە بۇ. مەنمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ئاھاڭدا: ]EG8+K6  
_ ئاخشام شۇ...بەك سەت ئىش قىلدىم ھە؟... سىزنى خاپا قىلىپ قويغان بولسام گۇناھىمنى يۇياي، دەپ... 5hTScnL%  
_ ساراڭ! ngI+afo   
ئۇ شۇنداق دەپلا ئاۋاز تەڭشەش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. t D4-Llj6  
ۋاھ! مەن غەلىبە قىلدىم! #rNc+  
ئۇ چاغدىكى ھېسسىياتنى ماڭا ئوخشاش غەلىبە قىلغانلار چۈشەنمىسە باشقىلارغا قەلەم بىلەن چۈشەندۈرۈشمۇ تەس. 'yV*eG?^&  
شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ شېرىن كۈنلىرىمىز باشلاندى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى «مەن ناخشىچى» دەپ چوڭ تۇتىۋالماي مۇلازىم قىزلارغا ياردەملىشىپ يەر سۈپۈرۈش، توبالاش. . . دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىدىغان بولغاچقا رېستۇراندىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئامراقكەن. ئاشپەزلەرمۇ ئۇنى«قولى تاتلىق» دەپ كۈندە دېگۈدەك چۈشلۈك تاماقنى ئۇنىڭغا ئەتكۈزىدىكەن. مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ ئۆزۈمنى چوڭ تۇتىۋالماي سەي توشۇيدىغان بالىلار بىلەن يېقىن ئاغىنە بولۇپ ئۆتتۈم. ئۇلارمۇ مېنىڭ ئۇنىڭدىن كىچىك ئىكەنلىكىمنى دېگەن چاغدا يەنىلا پىسەنتىمگىمۇ ئېلىپ قويمىدىم. ھەتتا ئۇلارغا «مەن ئامىنەنى چوقۇم ئالىمەن! باغاقنى بىرىنچى بولۇپ رېستۇراندىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىمەن!» دېگەنتىم. 16 \)C/*  
ھەممەيلەن بىزگە ھەۋەس قىلاتتى. بىزنى «خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر» دەيتتى... AWssDbh/[  
كۈندە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قايتاتتۇق. پاراڭلىشىۋېرىپ ئۆزلىشىپ قالغاچقا ئەمدى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىدەك تەپ تارتىپمۇ يۈرمەيدىغان بولدۇم. قايتقىچە كۆل بويىغا «گىتتار چېلىشنى ئۆگىتىپ قويىمەن» دەپ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن يەنە تۈگىمەس پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. بىركۈنى ئۇ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى: 'f.k'2T  
_ سىز ماڭا گىتتار چېلىشنى ئۆگىتىپ قويىمەن، دېگەنتىڭىزغۇ؟ ئەمدى ئۆزىڭىزمۇ تۈزۈك چالمايدىغان بوپ قالدىڭىز. . . L 4Z+8*  
_ ۋايجان، سېنى كەلتۈرۈۋالغۇچە شۇنداق دەپ قويغان. بولدى ئەمدى، كەلتۈرۈپ بولۇپمۇ يەنە گىتتار چېلىپ بېرەمدىم؟ ]cVDXLj$  
_ ئەنە، ئەنە! ئوغۇللار ھەممىڭلار شۇنداق! باشتا شېرىن - شېكەر گەپلەر بىلەن ئالدايسىلەر، كەلتۈرۈۋېلىپلا ئۆزۈڭلارنىڭكىنى راست قىلىۋالىسىلەر! `l/nAKg?W  
_ خې خې... ئۇنىڭغا ئامال يوق. سەنمۇ ماڭا ئالدانمىساڭ بولمامتى؟ دۆتلىكىڭدىن كۆر ئۇنى! 0C  K  
_ سەنلەيسىزغۇ ئەمدى؟ 1i_%1Oip  
_ سەنلىسەم نېمە بوپتۇ؟ }V`_ (%Q-e  
_ نېمىشقا سەنلەيسىز؟ _\Z'Yl  
_ مەنچۇ قارا، سېنى ئۆزۈمنىڭ خوتۇنىدەكلا يېقىن كۆرگەچكە سەنلەيمەن. سېنى سەن دېسەم ماڭا بەك يېقىملىق تۇيۇلىدىكەن. ZbjUOlE02  
_ ساراڭ! سەن دېمەڭا، بەك غەيرىي تۇيۇلىدىكەن. بولمىسا مەنمۇ سىزنى سەنلەيمەن. M_.Jmh<&&  
_ بولمايدۇ. مېنىڭ دادام ئاپامنى سەنلەيدۇ، لېكىن ئاپام دادامنى سىزلەيدۇ. "#-iD  
_ ئۇلار دېگەن ئۇلار. Kg2Du'WQ^  
_ بىزمۇ ئەتە - ئۆگۈن دادا ھەم ئاپا بولىمىز، ئىشەنچىڭ يوقمۇ يە؟ NA'45}fQ  
_ ئىشەنچىمغۇ بار، بىراق... RWo7_XO  
_ ئوخخو، ھېي، مەن سەندىن مۇشۇ چاغقىچە بىرەر ئىشتا ئۆتۈنۈپ باقتىممۇ ھە؟ مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشتىمۇ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالامسەن؟ ;' vkF  
_ ھە مەيلى ئەمسە... /IJy'@B  
شۇنداق قىلىپ ئۇنى «خوتۇن، جېنىم، گۈلۈم...» دەيدىغان بولۇۋالدىم. ئۆزۈممۇ بەك سۆيۈنۈپ كېتىمەن شۇنداق دېسەم. شۇ كۈندىن باشلاپ گىتتارنىمۇ تاشلىدىم. كۈندە پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا بىللە بولغۇم، مۇڭداشقۇم كېلىدۇ. مۇڭداشتىم دېگىنىم ئۇنى كۈندە يىغلىتىپ، جىلە قىلىشلا. ئەمما ئۇ ھەرقانچە جىلە بولسىمۇ پەقەتلا كۆڭلىگە ئالمايتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ مېنى قولتۇقلاپ ماڭسا خۇددى ئۆزىنىڭ يولدىشىنى قولتۇقلاپ ماڭغاندەك ھېس قىلىپ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك قىز، دەپ ھېسابلايدىكەن. ,+6u6  
ئۇ ماڭا مۇلايىم بولغىنى بىلەن رېستۇراندا باشقىلار بىلەن ئاسانلا ئۇرۇشۇپ قالاتتى. بولۇپمۇ سەيگۇيۈەن بىلەن تولا ئۇرۇشاتتى. بىر نەچچە قېتىم مەن يوق چاغدا ئۇرۇشۇپ قاپتىكەن، سەۋەبىنى سورىسام «كىچىك ئىشلار» دەپلا ئېنىق دېمىدى. باشقا بالىلاردىن ئاڭلىسام بۇ سەيگۇيۈن ئۇنى «ئەرگە تېگەلمەي ئولتۇرۇپ قالغان قىز»دەپ جىلە قىلاتتىكەن. . . l 'wu-  
رېستۇراندا ئىشلەپ ئىككى ھەپتىدەك بولغان چاغ. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا سەي توشۇغۇچى بالىلار بىلەن رېستۇراننىڭ ئالدىدا گىتتار چېلىپ ئولتۇرغانتۇق. بىر قىز يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭ ھېلىقى سەيگۇيۈەن بىلەن گەپ تالىشىپ قالغانلىقىنى دېدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپلا يۈگۈرگەن پېتى چىقسام ھېلىقى سولتەك قولىغا ئورۇندۇقنى ئېلىۋاپتۇ، مەن ئۇ سولتەكنىڭ كەينىدە بولغاچقا مېنى بايقىمىدى. نېمىلا ئىش بولمىسۇن قېنىم قىززىقلىق قىلماي، دەپ بىردەم كۆزىتىپ باقماقچى بولۇپ جىم تۇردۇم. مېنىڭچە مەن ھېسسىياتىمغا تايىنىپلا قىز دوستۇمنىڭ چوقۇم توغرا، دېسەم تازا ئادىللىق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭمۇ ئاغزىنىڭ ئىتتىكلىكىنى ئوبدان بىلىمەندە! ss-6b^  
_ سەن ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسەن ئامىنە! _ دېدى ھېلىقى سولتەك. ئۇمۇ بوش كەلمەي: H)gc"aRe;Y  
_ مەن بىلەن نېمە كارىڭ؟ مەن ساڭا ئۆچ! تولا ئىشىمغا ئارىلاشما! KA?%1s(kJ  
_ ۋۇ ساراڭ! كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىغلاپ ئالدىمغا كەلمىگىنىڭنى بىر كۆرەي! _8 0L/92  
_ ئىشىڭنى قىلە! سەن ئۇنداق بەختكە مۇيەسسەر بولالمايسەن! كاللىسى تەتۈر چۆرگىلەيدىغان ساراڭ! 0!0e$!8l  
_ بېشىڭنى يېرىۋېتىمەن جۇمۇ تىللىما! 83/m^^F{]  
_ تىللاپ - تىللىماي قانچىلىك نېمىتىڭ سەن؟ ئۇرە يامان بولساڭ! مېنى بىر چېكىم چېكەلىسەڭ سېنى ئوغۇلبالا دەيمەن! js  
ئۇ سولتەك مەنسىتمىگەندەك كۈلۈپ قويۇپ:  'F.P93  
_ ھې ھې... ئوقۇغۇچى مابىتىم بار، دەپ ئۇنچە چوڭ سۆزلەپ كەتمە! ئۇنداق شۇمتەكلەر بىر شاپىلاق يېسىلا كۈچۈكلىنىپ كېتىدۇ. 3I~.'>Pd  
ئىچىم غۇژژىدە قىپلا قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تۇردۇم. ئۇ مېنى كۆرگەن بولسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ: ;NdH]a {  
_ ساڭا دەپ قوياي، سەن يىگىتىمنى بىر شاپىلاق ئۇرغان كۈنى كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن! _ دېدى. _!DH/?aU  
_ سەنما؟ سەن؟ ھا ھا ھا... 2!B|w8ar  
_ ئىشەنمىسەڭ سىناپ باقمامسەن؟ [[AO6.Z  
_ ھە ماقۇل ھە! كەچتە ئۇ كېلىپ باقسۇن، ئۇنى قانداق قىلىدىغانلىقىمنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ قويىمەن! c]#}#RJ`\  
ئاچچىقتىن مۇشتلىرىم تۈگۈلۈپ، پۇت - قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلى ئاستا ئالدىمغا ماڭدىم: >\? z,Nin  
_ ئامىنە! -`\rDPGf  
ئۇ تېز - تېز كېلىپلا مېنىڭ قولۇمدىن تارتتى: zytN leyc  
_ يۈرۈڭ! ئۇنداق ساراڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن! ~$T>,^K y  
_ سەن جىم تۇرە بىردەم. N^oP,^+U  
ئاۋۇ سولتەكنىڭ چىرايىغا بىردەم زەردە بىلەن قارىۋېتىپ: "*X\'LPs=  
_ ئاداش، ئامىنەنىڭ سەل ئاغزى ئىتتىك، كۆڭلۈڭگە ئالما ھە؟ بۇ قېتىمقىسىنى كۆرمىگەن بولاي، ئەمدى ئۇ ساڭا ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ بىر ئېغىز گەپ قىلىدىغان بولسا ئالدىڭدىلا ئۇنىڭ چېچىنى بىر سىقىپ يۇلۇپ بېرىمەن، _  دەپلا ئۇنىڭ بىلەن پەسكە چۈشۈپ كەتتۇق. پەسكە چۈشۈپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى، بۇندىن بۇرۇنمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقىنى سورىسام ئۇ دېگىلى ئۇنىمىدى. سوراپ تۇرۇپلاۋالغاندىن كېيىن تەستە دەپ بېرىشىچە ھېلىقى سولتەك بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى ئايىغى چىقمايدۇ، قەيسەرنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس، ئۇ سېنى ئالداۋاتىدۇ، دەپ مەندىن ئايرىلىپ كېتىشكە قىستاپتىكەن. تېخىمۇ بەك ئاچچىقىم كەلگىلى تۇردى. قاراپ تۇرۇپ ماڭا تۆھمەت قىلغانلىقىغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيتتى. مەن يا رېستۇراندا بىرەرسى بىلەن گەپ تالىشىپمۇ باقمىسام يا ھېچكىمگە يامان غەرەزدىمۇ بوپ باقمىسام؟ ئۇنىڭ گېپى تۈگىشىگە ئۇنىڭ زەردە بىلەن دېدىم: IW 
_ ھەي، ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋېتەيمۇ؟ سەن بۇ يەردە ئىشلىمە بولدى. ئۇنداق لاتا گۇيلارغا بوزەك قىلغۇزمايمەن سېنى! قەيسەر مەن! مۇۇش كەمگىچە خەقنى ئۇرسام ئۇردۇمكى، تاياق يەپ باقمىغان. نوچىلىق قىلغاننىڭ جاجىسىنى بەردىمكى، ياۋاشنى بوزەك قىلمىغان. ئەمدى جىم يۈرەي، دەپ قويسام ھەجەپ ھەددىدىن ئېشىۋاپتا ما گۇي! i&6U5Va,G  
_ ئۇنداق قىلماڭ! ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭ! ئەڭ ياخشىسى ئۇرۇشماڭ، ئۇنىڭ ئىككى ئېغىز گېپىگە بىر يېرىمىز خوراپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە...مەن سىزگە ئىشىنىمەن. سىز مېنى ئالدىمايسىز. B(s^(__]  
_ لېكىن مېنىڭ غورۇرۇم يول قويمايدۇ! Ss 5@n  
ھەيرانمەن. شۇنچە ئاچچىقىم كېلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ <سىزگە ئىشىنىمەن، سىز مېنى ئالدىمايسىز!> دېگەن گېپىدىن دىلىم سۆيۈنۈپ كەتتى. jnJ*e-AW  
_ غورۇر دېگەننى بۇنداق جايدا ئىشلەتمەيسىز! sv% E5@  
_ ئاغىنىلىرىمنى چاقىرىپ كېلىدىغان بولسام «ۋاي ئاكا!» دەپ ئالدىمدا كۈچۈكلىنىپ كېتىدۇ ئۇ ھېجىقىز! 4pT^ *  
شۇنداق دېيىشىمگىلا كەينىمدىن بايىقى سولتەكنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: D )`(b  
_ ئەمسە ئاغىنىلىرىڭنى باشلاپ كېلە! بىر تۇتۇشۇپ باقمامدۇق؟ tTTHQ7o*BD  
ما گېپىنى ئاڭلاپ ئېتىلىپ بېرىپلا چېچىدىن تۇتۇپ تېپىۋېرىپتىمەن. باشقا بالىلار ئارىغا چۈشۈپ ئاجرىتىپ تۇرۇشىغا كىم دەپ قويدىكىن، دېرىكتور چۈشۈپ بىر مۇنچە قاقشاپ ئۈستىگە چىقىرىۋەتتى. B$2GEg]Ri  
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ مەن ياخشى ئۆتىدىغان بالىلار بىلەن سورۇندىن ئېشىپ قالغان ھاراقلارنى، چوكا تەگمىگەن سەيلەرنى تاللاپ سورۇندىن بىرنى راسلىدۇق. باشقا بالىلارمۇ ئۇنىڭغا بەكلا ئۆچكەن، لېكىن ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرۇشقىمۇ ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدىكەن. ئىچىمدە «ھەممىسىنىڭ قورساق كۆپۈكىنى بىر يولىلا ئېلىپ بېرەي» دەپ بالىلارغا مەسلىھەت سېلىپ ئۇنىڭدىن قورقماسلىقنى، بىرلىشىۋالساقلا ھېچنېمە قىلالمايدىغانلىقىنى دېدىم. ئۇلارمۇ قوشۇلۇپ «بىرىمىزگە چېقىلسا ھەممىمىز تەڭ ئۇرىمىز!» دېيىشتى. ھەممەيلەن خۇشال بولۇشۇپ ئىچىۋېرىپتىمىز. بۇنداق چاغلاردا ئادەمگە ھاراق دېگەنمۇ بەك سىڭىدىكەن. يېرىم كېچىگىچە ئىچىشىپتىمىز. ئۇ بىزدىن نېرىراق جوزىدا ئولتۇردى. كېتىپ تۇر، دېسەم قەتئىيلا ئۇنىمىدى. مەن قايتا - قايتا دېگەندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ كەتكەندەك قىلغان بىردەمدە يېنىپ كىرىپتۇ. كىرىپ يەنە جايىغا بېرىپ ئولتۇردى. بىردەم ئۇخلاپ يەنە بىردەمدىلا ئويغىنىپ كېتىمىز، دەپ تۇرۇۋېلىپ بالىلارنى خىجىل قىلىپ قويدى.<ئەتە ئىشلەيمىز> دېيىشىپ سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتتۇق. كەيىپچىلىكتە باشلىرىم قېيىپ پۇتلىرىممۇ قىيسىق كېتىۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ قولتۇقۇمغا كىرىپ مېنى يۆلىگىنىچە تاپا - تەنە قىلىپلا ماڭدى. مېڭىپ كۆلگە بارغۇچە ئۆتىدىغان ئۇزۇن كەتكەن قاراڭغۇ كوچىغا كەلگەندە مەستچىلىكتە ئۇنىڭ گەپلىرىگە چىدىماي ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم: 1\@PrO35J  
_ تولا ئۇششاق گەپ قىلىپ بېشىمنى ئاغرىتمىغىنە! ئايدا بىر ئازراق ئىچىپ قويغانغا نېمە بوپتۇ؟ مەن يا كۈندە زابويدەك ئىچىپ يۈردۈممۇ؟ ئۇ بالىلار بىلەن ئۇنداق خۇشال ئولتۇرمىقىمىز ئاسانمۇ؟ J2x}@p  
_ ئاشقازىنىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۆزىڭىز ئاشقازان كېسىلىم بار، تولا ئىچىپ تېپىۋالغان دېمىگەنمىتىڭىز؟ .>TG{>sH  
_ بىرەر قېتىم ئىچكەنگە ھېچنېمە بولمايدۇ. نېمانداق ئۇششاق گېپىڭ جىق سېنىڭ ھە؟ كۈندۈزى بولغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ ئاران بىر خۇش بولغاندا كەيپىمنى ئۇچۇرمىساڭ بولمامدۇ؟ :atd_6   
_ ھە ئىچىڭ، ئىچىڭ! جىق ئىچىڭ! مەن سىزنى توسۇپ قالالايتتىممۇ؟ &'k(v(>n,  
_ چىشىمغا تەگمە جۇمۇ! ھېلى بىكا تاياق يەيسەن! `qmwAT  
_ ئۇرۇڭە ھە! ئۇرۇڭە! تاياق يېسەم سىزدىن يەيدىكەنمەنغۇ؟ tik*[1it  
«چاڭ!» FEu}zt@  
ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇرۇشۇمغا ئۇ يۇمىلاپ كەتتى. . . QChWy`x  
-eK0 +beQ  
ئىچىمدە «نېمە قىلىۋاتىمەن مەن؟»> دەپ ئويلىغىنىمچە گاڭگىراپ قالدىميۇ، ئەمما دەررۇ بېرىپ ئۇنى بەزلىمىدىم. بىراق جايىدا ئولتۇرۇپ يىغلاشلىرىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپلا كەتتى. ئاستا دەلدەڭشىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم: Gev\bQa  
_ بولدى يىغلىما! /cdLMm:  
_ راستىنلا ئۇرىسىزغۇ؟. . . ]!S#[Wt {k  
_ ئۇر دېگەندىكىن ئۇرماي قانداق قىلىمەن؟ \ CcVk"/  
_ ئۇنداقمۇ بەك ئۇرامسىز؟ @qcUxu4  
_ بۇندىن كېيىن بوشراق ئۇراي، ھە؟ |j'@no_rv  
_ ھە ئۇرۇڭ! بەك ئۇرۇڭ! 8Wtr,%82  
يانچۇقۇمدىن قەغەزنى چىقىرىپ ئاستا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم. يۈرىكىم ئېچىشىپ ئۆزۈممۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم: pK{G2]OK{U  
_ مە، يېشىڭنى سۈرتىۋال! يىغلىما ھە! سەن يىغلىساڭ مەن بىر قىسما بوپ كېتىدىكەنمەن. ho^c#>81  
ئۇ مىش - مىش يىغلىنىچە ياشلىرىنى سۈرتتى. شۇنداق قارىسام كۈلىۋېتىشكە ئاز قېلىپ يۈزىنى قولى بىلەن توسۇۋالدى. |I"&Z+m  
ۋۇ، جىن! يىغاڭ شۇنچىلىكمىتى؟ مېنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇپ خۇش بولىۋاتىسەنغۇ سەن ھە؟ 4$2HO `@uN  
ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ كۈلۈپ دېدىم: /P[u vO  
_ ۋۇي، ئامىنە. سەن يىغلىساڭ بەك ئوماقلىشىپ كېتىدىكەنسەنغۇ؟ z/5TYv)S  
_ نەدە؟ It3@ Cd>  
ئۇنىڭ كۈلگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ تۇمشۇقىنى ئۇچلۇق قىلىۋېلىشىغا قاراپ قەلبىمنى ئىللىق بىر سېزىم كېسىپ ئۆتكەندەك بولۇپ ئۇنىڭغا ئاستا يېقىنلاشتىم: gQhYM7NP{5  
_ بىر كۈلۈپ بېرە! buKkm$@w  
_ . . . %ID48_>*  
_ كۈلسەڭ بەك ئوماقلىشىپ كېتىسەن، يۈزۈڭ ئاغرىمايۋاتقاندۇ ھە؟ 4ee-tKH  
ئۇ يەرگە قاراپ تۇرغىنىچە ھېچنېمە دېمىدى. قانداقتۇر بىر كۈچ مېنى ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا ئۈندەيتتى. ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ مېنى مەستخۇش قىلىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ئىسسىق تىنىقلىرى بۇرنۇمغا ئۇرۇلغاندا يۈرەكلىرىم تېخىمۇ بەك دۈپۈلدەپ كەتتى. ئارانلا: SZxnYVY  
_ ئامىنە، سەن مېنىڭ بارلىقىم. . . _ دېيەلىدىم. n%vmo f  
ئىككىمىزنىڭ تىنىقلىرىمىز قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ لەۋلىرى شۇنچىلىك ئوتلۇق ئىدىكى ئۇنىڭ لېۋىدىن تارقىغان ھارارەت مېنىڭ يۈرىكىمدىن ھەربىر قىل قان تومۇرلىرىمغىچە تارايتتى. تۇنجى سۆيۈشۈشىمىزدىن ئاي خىجىل بولۇپ بۇلۇت كەينىگە مۆكسە يۇلتۇزلار مازاق قىلغاندەك توختىماي كۆز قىسىشاتتى. شۇ سۆيۈشكەنچە كېچە قاراڭغۇلىقىغا سىڭىپ كەتتۇق. . . $G /p[JG6-  
خېلىدىن كېيىن پىچىرلاشقانچە قايتتۇق. (ئەسكەرتىش: داۋامى بار) )ZZ6 (O  
_ ماڭا تېگەمسەن؟ FYg{IKg  
_ ھەئە! 8js1m55KT  
_ ۋۇي، ھەجەپ ئاسانلا ماقۇل بولدىڭغۇ؟ 5S! !@P!,  
_ راست تۇرسا، نېمە قىلاتتىم گەپنى ئەگىتىپ... 9PR?'X;4  
_ لېكىن ماڭا تەگسەڭ كۈندە ئۇرىمەن. dP/1E6*m  
_ مەيلى، سىز ئۇرسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ f Lns^  
_ ئەمسە ۋاقتى كەلگەندە يىغلاپ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىمەن دېمە جۇمۇ!
VF:<q  
bqZ5GKUo  
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(3)
[ بۇ يازما ئۈزۈمچى تەرپىدىن2008-10-21 22:30دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1000(تۇغرۇل) تەقدىرلەشكە ..
  • شۆھرەت:+30(فائزە) yahxi baxlinix &nb ..
  • ياخشى باھا:+20(گۈلگۈن) قۇت تىلەيمەن
  • ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-20 21:11 |
    otyak
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 23249
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 137
    شۆھرەت: 155 كىشىلىك
    پۇل : 2525 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 283 نۇمۇر
    قوللاش: 207 نومۇر
    ئالقىش: 390 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تىما يوللاپسىز . ئەڭ يىقىن  كۆرگەن ئادىمىنى  سەن دەيدۇ.
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    مەنمۇ شۇنداق قارايمەن
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:27 |
    قىئات
    خەپ سىنى............
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 1360
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2619
    شۆھرەت: 288 كىشىلىك
    پۇل : 856957 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2891 نۇمۇر
    قوللاش: 2719 نومۇر
    ئالقىش: 3139 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 373(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋوججون ئادەمنى ھەجەپ تەقەززا قىلدا ، داۋامىنى ئەتە ئۇقۇيدىغان ئوخشىمامدىم
    ئويغۇر ، ئويغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر
    ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر                        
    يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز
    دىنىڭ ئىسلامدۇر ، مىللىتىڭ ئويغۇر
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:29 |
    تۇغرۇل
    ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ !
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18964
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1269
    شۆھرەت: 1047 كىشىلىك
    پۇل : 3107 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1105 نۇمۇر
    قوللاش: 1364 نومۇر
    ئالقىش: 1591 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 447(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەنلەشمۇ بىر خىل ھۆرمەتلەش.
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    مەنمۇ شۇنداق قارايمەن
    قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان،      
    ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان.
    ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزسىدىن ، كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن !!!!!
    سەلكىن فوندىنى چۈشۈنۈپ باقامسىز؟
    ./read.php?tid=2118&page=e&#a
    سەلكىن فوندى پائالىيەتلىرى
    ./read.php?tid-2121.html


    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:29 |
    زۇلپۇقار
    مۇنبەر شاھى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 16014
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2498
    شۆھرەت: 2696 كىشىلىك
    پۇل : 15440 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2795 نۇمۇر
    قوللاش: 2641 نومۇر
    ئالقىش: 3157 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1281(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    ھى ھى ھى    ھەي ئۈزۈمچى  مۇشۇ كۈنلەردە  مۇھاببىتىم مەندىن چوڭ دەپلا تىما يوللاۋاتىسىز     راسلا چوڭما؟     شۇنداق بولسا   ساۋاپ تېپىپسىز      -UWyBM3c@  
    VVEJE$  
    ياخشى يېزىلىپتۇ     ئەمدىكى نۆۋەت    مۇھاببىتىم مەندىن چوڭ  (3)  شۇنداقمۇ؟
    [ بۇ يازما خوتەن تىۋىپى تەرپىدىن2008-10-21 11:39دە ق ]
    bugra
                                  دىققەت قىل ئەي دوستۇم بەزى ئىشلارغا،
                                  بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                                  ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                                  تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:30 |
    sirdax0903
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 10594
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 51 كىشىلىك
    پۇل : 380 سوم
    تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    قوللاش: 53 نومۇر
    ئالقىش: 60 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 100(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي ئاۋۇ شاپىلاق مىنىڭ بۇرۇنقى مۇھاببىتىمنى ئەسلىتىپ قويدىغۇ، شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۇنى بىر تەستەك سالغانتىم، ھېلى ھەممۇ يادىمدا، كىيىن ئۇ مىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇر دىسەم شۇنداقمۇ ئۇرامسىز سىز ماڭا ئوچكەن دەپ قېيداشئىرى شۇنىڭدىن كىيىن ئىككىمىز شۇنداق يېقىن بوپ كەتكەن ئىدۇق.....قېنى داۋامىنى يوللاڭ قارىغاندا تۇرمۇشىڭىز خېلى كوڭۇللۇك ئۇتىۋاتقان ئوخشايدۇ
    izdax.com
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:40 |
    تەنھايى
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16830
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 40 كىشىلىك
    پۇل : 375 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
    قوللاش: 46 نومۇر
    ئالقىش: 67 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇھەببەت دېگەن شۇنداق ھەسەلدىن تاتلىق ،زەھەردىن ئاچچىق نەرسە
    blog.salkin.cn
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:41 |
    ئۈزۈمچى
    مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1849
    شۆھرەت: 13422 كىشىلىك
    پۇل : 485256 سوم
    تۆھپە: 1580 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3642 نۇمۇر
    قوللاش: 2834 نومۇر
    ئالقىش: 2944 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1309(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بىر تېمىدا بىر نەچچە ھېكايە يازمىدىم.......بۇ ئالدىنقىسىنىڭ داۋامى.....
    blog.salkin.cn
    ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:42 |
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 7844
    شۆھرەت: 10382 كىشىلىك
    پۇل : 1157926 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7844 نۇمۇر
    قوللاش: 7528 نومۇر
    ئالقىش: 9169 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1523(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    شۇنداق قىلىپ ئۇنى «خوتۇن، جېنىم، گۈلۈم...» دەيدىغان بولۇۋالدىم. t-w4rXvF   
    &M+fb4:_  
    i9y&<^ 
    ۋاي  قىلىن  ۋاي  قىلىن ۋاي  قىلىن، <ئالدىرىماي  ئايرىپ ئوقۇڭلار  ھە  ما ئىنكاسنى>
    blog.salkin.cn
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:56 |
    پەرى001
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17125
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 358
    شۆھرەت: 428 كىشىلىك
    پۇل : 2666 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 510 نۇمۇر
    قوللاش: 385 نومۇر
    ئالقىش: 476 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 238(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    !ilhamingizga barikatlar bolsun ,_2ZKO/k$  
    !ahiriga taxnamiz
    blog.salkin.cn
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 21:57 |
    گۈلگۈن
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9817
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 332
    شۆھرەت: 421 كىشىلىك
    پۇل : 3800 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 356 نۇمۇر
    قوللاش: 353 نومۇر
    ئالقىش: 435 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 328(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەنلەش بەكراق باشقىلارنى ئۆز كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى... 3B5GsI  
    ئەسەردە پىرسۇناژ تىلى بىر خىل يۇمۇرىستىك ھەم تەبىئىي چىقىپتۇ...ۋەقەلىكمۇ ھازىرقى جەمئىيەتكە ئىنتايىن مۇۋاپىق..ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ توختاپ قالدۇق ھە ئۈزۈمچى...
    blog.salkin.cn
    بىلمىگەي ئەھلى ۋاپانى بىۋاپا جانانىلەر
    رابىئە بىلگەن ئىكەن ئىبراھىم ئەدھەم قەدرىنى
    كۆزى شەبنەم كۆرمىگەن باغرى پۈتۈنلەر بىلمىگەي
    بىناۋا دەرتمەن بىلەر كۆزلەردىكى نەم قەدرىنى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 22:11 |
    ئىنـتىـل
    دۇنيا شۇنداق رەھىمسىز
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 9691
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1342
    شۆھرەت: 1158 كىشىلىك
    پۇل : 29943010 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1577 نۇمۇر
    قوللاش: 1434 نومۇر
    ئالقىش: 1833 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 231(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئەڭ يېقىن ئادىمىمنى سەنلەيمەن ......................
    blog.salkin.cn
    بەخىت كەلگەندە شۈكرى قىل.
    دەت كەلگەندە سەۋىر قىل ،
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 22:15 |
    ئۇيغۇرشاھ
    سەلكىن چولپىنى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 980
    شۆھرەت: 977 كىشىلىك
    پۇل : 15 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
    قوللاش: 1003 نومۇر
    ئالقىش: 1218 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق قىلىپ بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى ئەتە كۆرىمىز،ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئۆگۈنلۈككە دېگىنە.....بوپتۇ.........كۆزۈم ئاجىزلاپمۇ كەتتى تېمىلىرىڭنى كۆرىمەن دەپ..........
    blog.salkin.cn
    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 22:24 |
    دىلئاي
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20916
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 351
    شۆھرەت: 528 كىشىلىك
    پۇل : 2162 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 371 نۇمۇر
    قوللاش: 361 نومۇر
    ئالقىش: 396 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇھەببەت  چوڭ -كىچىك  دەپ  ئايرىمايدۇ  ............. 64)Fz}  
    y$ L@!r/s  
    بۇ تىمىنى ئوقۇپ  بەزى  ئىشلار  يادىمغا كەپ قالدى........
    blog.salkin.cn
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 22:32 |
    مەھۋىيە111
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 18445
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 266
    شۆھرەت: 316 كىشىلىك
    پۇل : 1470 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 288 نۇمۇر
    قوللاش: 276 نومۇر
    ئالقىش: 321 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 958(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ، باش  پىرسۇناژ بالىنى بەكلام ياقتۇرۇپ قالدىم
    blog.salkin.cn
    بىر كۆرۈشنى ئىستەيمەن لېكىن،
                    مەۋجۇتلىقىڭ قېينايدۇ مېنى
                            سۆيمەيمەن، سۆيەلمەيمەن ھەم،
                                        سەن بولغاچقا سەندىن باشقىنى.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 22:46 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر


    Time now is:10-25 19:36, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation