قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
بۇ بەتتىكى تېما: مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(1) IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 6486 قېتىم كۆرۈلدى
ئۈزۈمچى
مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2269
نادىر تېما : 16
يازما سانى : 1849
شۆھرەت: 13422 كىشىلىك
پۇل : 485256 سوم
تۆھپە: 1580 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3642 نۇمۇر
قوللاش: 2834 نومۇر
ئالقىش: 2944 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1309(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(1)

2
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئىدىرىسجان تەرپىدىن (2008-10-20)دە نادىرلاندى
ئاپتوردىن: ER/\ +Z#Z  
بۇ ھېكايەم ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى «يىگىت قىزدىن كىچىك» بوپ قېلىۋاتقان بەزى ئاشىق - مەشۇقلارغا ياكى ياخشى كۆرۈشۈپ تۇرۇپمۇ رەھىمسىز تەقدىر تۈپەيلى مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ كۆڭلىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي ئېلىپ كېلەلىسەم ياكى شېرىن كۈنلىرىنى قايتا ئەسلەتسەم ۋە ياكى شۇ دوستلارنىڭ ئازابتىن پۇچۇلانغان قەلبىگە ئازراق بولسىمۇ تەسكىنلىك بېرەلىسەم ھەم مۇھەببەتلەشكەنلەرگە ئۆتمۈشكە قانداق مۇئامىلە قىلىش، مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارغا ھازىرقى قەدەمدە قانداق قىلىش توغرىلىق كاللىسىدا مەلۇم چۈشەنچە پەيدا قىلالىسام مەن بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىمگە يەتكەن بولاتتىم.
kg zwlKK  
:p,c%"8  
G1,Ro1  
D "JMSL4r  
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(1)
SZNFE  
*9\oD~2Y  
 
ئۇ _ سەت. 89 _&X[X  
ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چاغدىلا «مەن تازا مۇشۇنداق قىزلار بىلەن چىقىشالمايمەن» دېگەنتىم، ئۇمۇ ماڭا كىنولاردا، ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەندەك بىر قاراشتا ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان، بىر كۈلۈمسىرەشتە جاننى ئېلىپ يانغا قويىدىغان ساھىبجامالدەك كۆرۈنمىگەن. لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە كېچە - كۈندۈز خىيالىمدىن چىقمايدىغان، خۇشال بولساممۇ، قايغۇرساممۇ ئەسلەيدىغان، ھەرۋاقىت ماڭا مەدەت، ئىشەنچ، غەيرەت ئاتا قىلىدىغان روھى تۈۋرۈكۈم بولۇپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىكەنمەن. بىلىپ - بىلمەي قالدۇرغان شېرىن خاتىرىلەرنى ۋاراقلىغىنىمدا بەزىدە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كېتىمەن يەنە بەزىدە ئاخىرى چىقمايدىغان چەكسىز خىياللار دولقۇنىغا شۇڭغۇپ كېتىمەن. . .
:/I={)5  
p8 E;[  
x`&P}4v0  
Br?++\  
تۇنجى كۆرۈشۈش
~}FLn9@*  
#dXZA>b9  
eFeCS{LV+  
ئۇ چاغلاردا مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ تەتىل مەزگىلىدە چاقىرىق قەغىزىنى ساقلىغاچ گۇاڭخۇي ئولتۇراق رايونىدا ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقانتىم. ئادەتتە بىر كۈندە ئۈچ سىمېنا بولۇپ ئالتە ئادەم ھەرسىمېنادا ئىككىدىن بولۇپ ھەپتىدە بىر ئالمىشىپ ئىشلەيتتۇق. ئىشقا چۈشۈپلا خىزمەتداشلار بىلەن ياش پەرقىمىز ئانچە چوڭ بولمىغاچقىمۇ تېزلا چىقىشىپ يېقىن ئاغىنىلەردىن بوپ كەتكەنتۇق. ئۇنى دەل ئىشقا چۈشۈپ بىرىنچى ئايلىق مۇئاشىم چىقىشقا ئاز قالغاندا ياندا پۇل يوق، تاماكىنىمۇ باشقىلاردىن سوراپ چېكىدىغان كۈنلەردە ئۇچراتقانتىم. FZLzu  
ئۇ كۈنى مەن كۈندۈزى ئىشلىگەن. ئادىتىم بويىچە كىرگەنلەرنى خاتىرىلەيدىغان دەپتەرنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپلا كىتابىمنى ئوقۇۋاتاتتىم. توساتتىن بىر چوڭ ماشىنا گۈركىرەپ كەلدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىشىمغا ماشىنىدىن ئوتتۇرا بوي، چېچىنى سۇس قىزىل - سېرىقتا بويىۋالغان، قارىماققا گىرىم قىلمىغاندەكلا كۆرۈنىدىغان بىر قىزچاق سەكرەپ چۈشتى. نېمشقىكىن قىزلارنىڭ بوي - تۇرقى ياكى كىيىنىشىگە قاراپلا ئەخلاقىغا باھا بېرىۋېتەتتىم. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ يېڭى قىسقا مايكىسىغا، پادىچىلار يوپكىسىغا قاراپلا ئۇنى <شەھەرنىڭ سەتەڭ قىزلىرى>دىن بىرى ئىكەندە، دەپ ئويلىدىم - دە، خۇشياقمىغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قوپاللا سورىدىم: h_}BmJh_  
_@}MGWlAPt  
_ بىرەرسىنى ئىزدەمتىڭىز؟ ^~hhdwu3a  
7{6cLYl  
_ ياق... ياخشىمۇسىز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟... مەن يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىدىم. ماشىنىدا يۈك - تاقىلىرىم بار. D=Yag!1  
f%{ag  
ئۇ شۇنداق دېگەچ كەينىدىكى ماشىنىنى كۆرسەتتى. \$0 x8B   
]idD&5gd  
مەن ئۇنىڭ شۇنچە قوپال تەگسەممۇ مەندىن ئەھۋال سورىغانلىقىدىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ گەپمۇ قىلماي بېشىمنى سۇس لىڭشىتىپ قويۇپ جايىمغا كېلىپ كىتابىمنى قولۇمغا ئالدىم. كاللامدىن دەل بايىقى <مەن تازا مۇشۇنداقلار بىلەن چىقىشالمايمەن> دېگەن ئوي كەچكەنىدى. "Z1&z-   
ئۇ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇلارنى مەن بىلەن بىر سىمېنادا ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىم ھەم ئاغىنەم ئوسمان ھاجەتخانىدىن كېلىۋاتقاچ كۆرۈپ قاپتىكەن. ئۇ قىزلارغا ئامراق، لېكىن كۆڭلى تۈز بالا ئىدى. ئۇنىڭغا تازا بولۇپ بەردى. oKqFZ,m[  
=2V;B  
_ كىم ئۇ ئاداش؟ ئەجەپ مۇڭ پاراڭلىشىپ كەتتىڭلارغۇ؟ _ دېدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قارىغاچ. EG:WE^4  
o[+|n[aT)3  
_ يېڭىدىن كۆچۈپ كەپتۇ، نەدە مۇڭ پاراڭلىشىمىز؟ vrEaNT$J-  
lM]),}   
_ ۋاي، كۆرمىدى دېمە! قاراپ تۇرسام يېرىم سائەت پاراڭلاشتىڭلارغۇ؟ m.g@S30  
OU5|m%CmO  
ئۇنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. كۈندە زېرىكىشلىك بولغاچقا بۇنداق گەپتىن گەپ چىقىرىپ ئۆز كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا مەنمۇ قەستەن: Br$PL&e~  
l,2z5p  
_ ھە پاراڭلاشتۇق. گېپى بەك تاتلىق قىزكەن ئۇ، ھەي... _ دەپ بېشىمنى چايقاپ تامىقىمنى چىكىلدىتىپ قويدۇم. -"tgEC\tD  
~F6gF7]z  
_ ئىسمى نېمىكەن؟ >o= p5#{  
e[dRHl  
_ دەپ بەرمەيمەن. ھېلىمۇ قىز دوستۇڭ ئاز ئەمەس سېنىڭ. :P1c>:j[  
9o'6es..@Z  
_ بىر قىزبالا بىلەن تونۇشىۋېلىپلا ئاغىنەڭدىنمۇ قىزغىنىۋاتىسەن ھە؟ ھە بوپتۇ، سورىمىغان بولاي! ck+rOGv7{Z  
i?=.;0[|  
_ ھە سورىمايلا قوي، مەن بىلسەملا بولمىدىمۇ؟ ~B\:  
-;-"i J0  
_ ئەمسە قاچان كەلتۈرىسەن؟ ,O!aRvzap  
KHN ,SB  
_ ئــــــا! چاقچاق مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەمدى بىر قېتىم كۆرۈشسەم ئۇنىڭ بىلەن. =7,U qMl_  
- S-1 
بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق چاقچاقلار راستقا ئايلىنىپ كەتكەنتى. ئوسمان دائىم شۇنداق، باشقا بالىلار بىرەر قىزبالا بىلەن پاراڭلىشىپ بەش مىنۇت تۇرۇپ قالدىمۇ بولدى، ئىككى شەرت قويۇۋالىدۇ. <بىرى، ماڭا تونۇشتۇرۇپ قوي؛ يەنە بىرى، كەلتۈرەلىسەڭ مەن مېھمان قىلىمەن، كەلتۈرەلمىسەڭ سەن مېھمان قىلىسەن> دەپ. شۇڭا مەنمۇ بۇ چاقچاقنىڭ مۇشۇنداق پۇل يوق چاغلاردا راستقا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چىرايلىق باھانە تېپىپ قۇتۇلماقچى بولدۇم. i`'^ zR(`i  
j}l8k@f  
_ ئەمدى بىر قېتىم كۆرۈشكەن بولساڭ نېمە بوپتۇ؟ يۈرەككە ئوت تۇتاشتىمۇ بولدى ھېساب! _ دېدى ئوسمان مېنىڭ ئەنسىراۋاتقانلىقىمنى سېزىۋالغاندەك. =rF8[Q0K  
s3 $Q_8H  
ئۇنىڭ كۈلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چىرايىدىن <يا مېھمان قىلىسەن، يا مېھمان قىلىمەن!> دېگەن مەنا چىقىپلا تۇراتتى. كۆڭلۈم تۈز بولغاچقىمۇ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمىدىم: (=rv `1  
*rT(dp!Y  
_ مېھمان قىل، دېمەكچىغۇ سەن؟ خاتىرجەم بول، يۈرەككە ئوت تۇتاشمىدى. GGtrH~zx  
F9w&!yW:  
_ ئەمسە نېمىشقا ماشىنىنىڭ كەينىدىن قارايسەن؟ "@$STptkc  
HC,@tfS  
_ نېمە؟ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قارىدىمما؟ sb.SpF>  
ZRGZ'+hw  
_ ھەئە! قارىدىڭغۇ؟ ساڭا قاراپ تۇرسام ماشىنا دوقمۇشتىن ئەگىلىپ كەتكۈچە قارىدىڭ! p5VSSvV\K  
r0 C6Ww7u  
_ ۋاي قارىمىدىم. olh3 R.M<  
BK SK@OV  
_ ۋاي قارىدىڭ! ?<^AXLiKV  
n3j h\  
_ مانىڭ جاھىللىقىنى! ھە قارىسام نېمە بوپتۇ؟ بىر قاراش پەرز، ئىككى قاراش سۈننەت دەپتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل دوستى بار ياكى يوقلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. ^QR'yt3e  
Go7hDmu  
_ ئۈچ قاراش ھارام دەپتىكەن. ئوغۇل دوستى بولغان بولسا ئۆي كۆچۈشۈپ بېرەتتى. -8 =u{n  
! H=k7s  
_ لېكىن ماشىنا ئەگىلىپ بولدى، مەن ئۇنى ئىككى قېتىممۇ كۆرەلمىدىم. 'oQP:*Btl3  
^|i\d \  
_ ئەمسە كېيىنكى قېتىم كۆرۈشكەندە كەلتۈرۈۋالىسەن، كەلتۈرەلمىسەڭ مېھمان قىلىسەن! *u;">H*BW  
|$?Ux,(6  
_ مانا، سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم مەن. ھە چاتاق يوق! 7e{X$'  
Dq%r !)  
_ ئەمسە كېلىشتۇق! 3 s_k>cO=  
y(3c{y@~X  
ئوسمان بىلەن قول بېرىشىپ پۈتۈشتۇق. feI[M;7u  
Op/79 ]$  
بۇرۇن بەزى ئاغىنىلىرىم <مابىتىمنىڭ دوستى، ساۋاقدىشى...> دەپ بىرمۇنچە قىزلارنى تونۇشتۇرۇپ قويغان. دەسلەپ گەپدانلىقىم بىلەن كەلتۈرۈۋالغانمۇ بولدۇم. لېكىن ھەممىسى خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا ئايرىلىش تەكلىپىنى مەندىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغانتى. ئەڭ ئۇزۇن مۇھەببەتلەشتىم دېسەم ئىككى ھەپتە. قانداقمۇ مۇھەببەت دېگىلى بولسۇن ئۇنى؟ بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى قىز دوستۇم بىلەن ئىككى ھەپتە يۈرۈپ ئايرىلىپ كەتكەندە ماڭا سەل ئېغىر كەلگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشمۇ كاللامغا كىرىپ چىقمايدىغان بوپ قالغان ئىدى. خۇددى <ئېسىلى مېنى ياراتمايدۇ، مېنى ياراتقىنىنى ئېسىل دېمەيمەن> دېگەندەكلا. ئىشقىلىپ مۇھەببەتنى خىيالىمدىلا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بىرەر قىزبالا مۇھەببەتنىڭ شىرىن شەربەتلىرىنى ئاتا قىلمىغان چاغلاردە ئۇ. شۇڭلاشقىمۇ مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرۈپتىكەنمەن. W93JY0Ls9|  
كەچتە خىزمەتداشلار بىلەن ئاددىي سورۇندىن بىرنى تۈزدۇق. ياندا پۇلنىڭ تايىنى بولمىغاچقا بۇندىن بۇرۇنمۇ بىرىمىز تاماكا، بىرىمىز ئىككى - ئۈچ بوتۇلكا پىۋا، يەنە بىرىمىز گازىر...دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ پاراڭلاشقاچ ئولتۇراتتۇق. باشقا غېمىمىز بولمىغاچقىمۇ كۆپىنچە گىتتار چېلىپ، ناخشا توۋلاپ، بىر - بىرىمىزنى مات قىلىشىپ ياكى مەن مەكتەپتىكى كۈلكىلىك ئىشلارنى سۆزلەپ كۈلكە - چاقچاق بىلەن دېگەندەك. بۈگۈنكى سورۇندا ئوسمان كۈندۈزى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا بولغان گەپلەرنى چىقىرىپ باشقا ئاغىنىلەرنىڭ ئالدىدا ماڭا ۋەدە بەرگۈزدى. مەنمۇ ئىچىمدە <ئويۇن تۇرسا بۇ!> دەپلا ماقۇل بولدۇم. لېكىن بۇ ماقۇل بولۇش قەلبىمنىڭ كىشى ئاياق باسمىغان پىنھان ئېتىزىدىكى يېڭى ئويغىنىۋاتقان سۆيگۈ بىخلىرىنىڭ جانسىز شىۋىرلاشلىرىنى ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا قوبۇل قىلغىنىمدىن بولغانىكەن. X=p3KzzX  
ھەقىقىي مۇھەببەت تۇنجى كۆرۈشۈشتىنمۇ پەيدا بولىدىكەن.
MB8SB   
;N$0)2w  
ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈش
'Uko^R)(  
&>W  (l.  
ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە برىپ ئۇنى «كەلتۈرۈش» ئۈچۈن پىلان تۈزدۈم. پەرىزىمچە بۇنداق قىزلار ئېغىر - بېسىق، بېشىدىن خېلى ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن، كەم سۆز يىگىتلەرنى ياخشى كۆرەتتى. pM&]&Nk  
ئەڭ ياخشىسى ھېسسىياتقا باي، ئورۇنلۇق سۆزلەيدىغان «كىتابپۇرۇش» بولىۋالاي! \]T=j#.S$  
ئۇچاغلار مەن دەل كېچىلىك سىمېنادا ئىشلەيدىغان چاغلار بولغاچقا ئۆيدە ئۇخلاپ قورساقنى توقلاپ تورخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ كەچتە ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىمغا ئۈلگۈرۈپ ئولتۇراق رايونغا باردىم. ئۆزۈمنىڭ سىمېناسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقا بالىلار بىلەن خوشلىشىپ ئوسمان بىلەن ئىككىمىز قالدۇق. mvHh"NJ  
_ ئۇ كەلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدىم مەن ئوسماندىن. G`]v_`>  
_ مەنمۇ سەن بىلەن تەڭ ئىشتىن چۈشۈپ يەنە سەن بىلەن تەڭ ئىشقا چىقتىمغۇ؟ بىر كۈن كۆرمەيلا سېغىنىپ كېتىپسەندە؟ _ دېدى ئوسمان قەستەن تەنە قىلغان ئاھاڭدا. M&qh]v gC  
_ ياقەي، مۇنداقلا سوراپ قويدۇم. تاماكاڭ بارمۇ؟ 9;0V  /y  
_ تۈگەپتۇ، _ دېدى ئۇ يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرغاچ ئاندىن، _ مەن ماگزىنغا كىرىپ تاماكا ئېلىۋالاي ھە! _ دەپلا دەرۋازا سىرتىغا چىقىپ كەتتى. E0"10Qbi  
شۇ چاغدا مۇنداقلا دەپ قويغىنىممۇ تۇنجى كۆرۈشۈشنىڭ سېھىرلىك كۈچىدىن بولغانىكەن. Gn bfy4Z  
مەن خېلى ساقلىغاندىن كېيىن ئوسمان تېز - تېز قەدەملەر بىلەن يىراقتىنلا گەپ قىلغاچ كەلدى: _tWJXv~;  
_ ئاداش... كەلدى، كەلدى! ;^R A!Nj  
_ نېمە كەلدى؟ |@ikx{W  
_ قىز دوستۇڭ كەلدى! `]*%:NZP@  
ئۇنىڭ كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۈزۈپ قويغان پىلانىم بويىچە ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ كىتابىمنى ئالدىمدە ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن چاغدىكىدەك پۈتۈن زېھنىم بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتقان ھالەتتە ئولتۇرۇۋالدىم. ئوسمانمۇ يېنىمغا كېلىپ كىتاب ئوقۇغان بولۇپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ پاشىنىسىدىن مەن ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان «تاق - تاق» قىلىپ چىققان ئاۋازدىن يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ كىتابنى قويۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن قارىغاچ ئوسمانغا دېدىم: XB0a dp  
_ پاشىنىسى بار ئاياق كەيمىسە نېمە بولار مۇشۇ قىزلار؟ كەينىدىن قارىسا ھېساب ئەمەس شۇنداقمۇ؟ wgCvD  
_ قاچان ئىككىڭلارنىڭ كۆزى ئۇچرىشىپ بىر - ئىككى ئېغىز پاراڭلاشقاندا ھېساب، _ دېدى ئوسمانمۇ ماڭا ئوخشاشلا كۆزىنى ئۇنىڭ يېنىك، شوخ مېڭىشلىرىدىن ئۈزمەي. Dc08D4   
_ ئۇنداقتا ياخشى! سائەتكە قاراپ باقە، نەچچە بولدىكىن؟ ]JOephX2R  
_ 11 بوپتۇ. sU\c#|BSC"  
دېمەك ئۇ كەچلىكى 11 لەردە قايتىپ كېلىدىكەن، دېگەن سۆز! ئەمدى ئەتىگەن سائەت نەچچىدە ئۆيىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالسام!  
كەچلىكى سائەت 12 دە دەۋازىنى تاقاپ بىركۈن ئۇ بىركۈن مەن نۆۋەتلىشىپ ئۇخلايتتۇق. ئىككىلىمىز ئۇخلاپ قالساق قىسىم باشلىقىمىز نازارەت قىلىپ كېلىپ قالسا جەرىمانە قويۇۋېتەتتى. كىم ئۇخلىمىسا شۇ قىسىم باشلىقىمىزنىڭ موتوسكلېتىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان ئۇخلاپ قالغاننى ئويغىتىپ قوياتتى. شۇنداق قىلغاندا گەپمۇ كەلمەيتتى. _w 5RK(  
ئادەم دېگەن ئەقىللقتە!؟ ھەرخىل خىرىسلارغا ئامالنى تەييار قىلىپ تۇرىمىز! CdY8 #+"  
بۈگۈن ئۇخلاش نۆۋىتى ئوسمانغا كەلگەنىدى. مەنمۇ ئادىتىم بويىچە گىتتىرىمنى بىردەم تىرىڭشىتىپ قويۇپ تىزىملاش دەپتىرى قويىدىغان ئۈستەلگىلا بېشىمنى قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم... #O"  
ئەتىسى يولدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازلىرىدىن ئويغىنىپ دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ، يۈز - كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، ئولتۇراق رايون بىنالىرىنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتىن كېلىۋاتقان نەمخۇش پۇراقتىن ھوزۇرلىنىپ تۇرسام يەنە ئېگىز پاشىنىلىق ئاياغنىڭ «تاق - تاق» قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئادەم بۇنداق چاغدا بەك سەزگۈر بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ. ئىختىيارسىزلا بۇرۇلۇپ قارىسام راستىنلا ئۇكەن. گەپ قىلاي دېدىميۇ، پاشىنىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا گەپ قىلغۇم كەلمىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشىنى بىردەم تاماشا قىلىپ ئۇ دەرۋازىدىن چىقىپ ئەگىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ سائەتكە قارىسام يەتتىدىن سەل ئۆتۈپتۇ. #/|75 4]]  
دېمەك، ئەتىگىنى سائەت يەتتىدە ئۆيىدىن چىقىدىكەن! P.djd$#  
كەچتە سائەت 11 بولغاندا ئوسمان ئالدىدا بىردەم ساقلاپ تۇرۇپ يەنە ئاۋۋالقى قېتىمقىدەك «كەلدى، كەلدى!» دېگەنتى، مەن راست ئوخشايدۇ، دەپ يەنە كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەندەكلا ئولتۇرۇۋاپتىمەن. خېلى ئولتۇرساممۇ ھېلىقى مەن ئۆچ كۆرىدىغان «تاق - تاق» ئاۋاز ئاڭلانمىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئوسمان دەرۋازىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ. ئالدانغانلىقىمنى ھېس قىلىپ كىتابنى ئۇنىڭغا ئاتتىم. ئوسمان كىتابنى قولىغا ئېلىپ تېخىمۇ بەك كۈلۈپ كەتتى: RPVT*`o  
_ ھا ھا ھا... ساراڭ بوپتۇ بۇ ساراڭ! A3HF,EG  
_ ساڭا ئويۇن بوپ بېرىدىغان بولدى - دە؟ m 41t(i  
_ ئەسلىدىمۇ ئويۇن تۇرسا بۇ؟ ھا ھا ھا... q]\X~ 9#  
ھوي، راست! دېمىسىمۇ بىر - بىرىمىزنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن تاپقان ئويۇن تۇرسا بۇ؟ ھەجەپ ئەستايىدىل بوپ كېتىۋاتىمىنا؟ Q6IQV0{p  
شۇنىڭ بىلەن گىتتىرىمنى ئاچىقىپ چېلىپ ئولتۇردۇم. ئۇخلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەچكە ئوسمان «سائەت 12 گىچە ئۇخلىۋالاي» دەپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىختىيارى ئەمەس ئۇنى ساقلىغانسېرى تىت - تىت بولۇپ ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ كېتىپتىمەن. بىردەم - بىردەم دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ يوللارغا قارىساممۇ ئۇ ھېچ كۆرۈنمەيدۇ. سائەت 12 بولغاندا ئاخىرى ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ ئەمدى دەرۋازىنى تاقاي دەپ تۇرۇشۇمغا كەينىمدىن زىل ئاۋاز ئاڭلاندى:  iEIg:  
_ تاقىماي تۇرۇڭ! fr[3:2g-_  
كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ئۇكەن. يۈگۈرگىنىچە كۈلۈمسىرەپ كەلدى. ئۇنى كۆرۈپ چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرگەن بولسىمۇ بىراق ئاشۇ ئېگىز پاشىنىلىق ئايىقىنىڭ «تاق - تاق» قىلغان ئاۋازىدىن كەيپىم ئۇچتى. y#v"GblM  
_ ئەجەپ كەچ قالدىڭىزغۇ؟ _ دەپ سورىدىم مەن قەستەن قاپىقىمنى تۈرۈپ. WKmbNvN^  
_ بۈگۈن رېستۇراندا يىغىن ئاچقان، دېرىكتور مەست بوپ قاپتىكەن گېپى تۈگىمەيلا كەتتى. تاكسىدا ئولتۇرسام قورقىدىكەنمەن، شۇڭا پىيادە مېڭىپ كەلگەچكە كەچ بوپ كەتتى. J:j<"uPm  
ئۇ شۇنداق دەپلا خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك كۆزىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى. گەرچە بۇرۇن مەن تونۇشقان قىزلار كۆپ بولسىمۇ لېكىن ھېچقايسىسى بۇنداق يۈزى تۆۋەن بولمىغاچقا ئۇنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىيالماسلىقى ماڭا ئالەمچە زوق بەخش ئەتكەن ئىدى. `zpbnxOL$T  
قىز بالا دېگەن شۇنداق بولمامدۇ؟! 1tMQqI`N  
_ ھە، بۇندىن كېيىن كەچ قالسىڭىز تاكسىدا ئولتۇرۇپ كېلىڭ! پىيادە ماڭسىڭىز تېخىمۇ خەتەرلىك ئەمەسمۇ؟ بىلمەمسىز كوچىدىكى ھاراقكەشلەرنى؟ _ دېدىم مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان ئاھاڭدا. xJZ@DR,#  
_ بۈگۈن شۇنداق بوپ قالدى...ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ. مەندىن بەك ئەنسىرەپ كېتىپسىزدە؟ (08I  
دەرۋازىنىڭ بىر قانىتىنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭ دېگەن گېپى كاللامغىلا چىقتى. مەن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىلەلمىسەم ئۇ بىر ئېغىز گېپىمدىنلا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالسا قانداق بولىدۇ؟ ]@^coj[  
_ نېمىشقا سىزدىن ئەنسىرىگۈدەكمەن؟ مەن ئىشىكنى بالدۇر تاقىمىسام بولمايدۇ، كۈندە سىزنى ساقلاپ ئولتۇرامدىم؟ up '  
قەستەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم. ئۇ يەنە ماڭا تىكىلىپ قارىيالمىدى. شۇ تاپتا چىرايىمنى تۇتىۋالغىنىم بىلەن كۈلگۈم كېلىپ ئارانلا تۇراتتىم. D]s]"QQ8  
_ كەچۈرۈڭ! _ دېدى ئۇ كۆزۈمگە قاراپ قويۇپلا يەنە باشقا ياققا قارىۋېلىپ. k0-G$|QgIp  
_ ھە بولدى، كىرىپ بالدۇر ئۇخلاڭ. قىزلار كەچ ئۇخلىسا يۈز تېرىسى يىرىك بوپ قالىدۇ. `qVjwJ!+  
بۇ گەپنى نەدىن ئاڭلىۋالدىمكىن تاڭ؟ L6Wt3U`l  
_ رەھمەت، خوش ئەمسە. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ! xVL5'y1g B  
ئۇنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى ھەرخىل رەڭلىك چىراق نۇرلىرى ئاستىدا تېز - تېز قەدەملىرى بىلەن كېتىۋاتقان ھالىتى بايىقى كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىيالمىغانلىقىغا قوشۇلۇپ ماڭا شۇنچە ئوماق تۇيۇلۇپ كەتتى. دەرۋازىنى تاقاپ ئوسماننى ئويغىتىپ قويۇپ كارىۋاتتا سۇنايلىنىپ ياتقاچ شامالدۇرغۇچنىڭ سالقىن شامىلىدا ئۇنىڭ بىلەن بايا دېيىشكەن گەپلەرنى ئويلاپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتىم. vIl+#9L0  
ئاغزىمدا «ئويۇن» دەپ قويغىنىم ئۆزۈمدىكى ھېسسىيات ئۆزگۈرۈشىنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمىغىنىمدىن بولغانىكەن.
wkqX^i7ls  
'J&f%kx"  
تۇنجى قېتىملىق سىناق
3kcTE&1^  
I):!`R.,  
ئەتىسى سەھەر ئويغىنىپ ئۇنىڭ ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ يەنە قولۇمغا كىتابىمنى ئېلىپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى ئورۇندۇقنى ئاچىقىپ كىتاب كۆرۈپ ئولتۇردۇم. ئوسمان تېخىچە تىزىملاش ئۈستىلىگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاۋاتتى. r 
ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېلىقى «تاق - تاق» قىلغان ئاۋاز كەلدى. g;$Xq)Dd  
_ تېنچلىقمۇ؟ %AOja+  
ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تەنلىرىم يايراپ كەتتى. بەلكىم ئاخشامقى «شاپائىتىم»، «كىتابپۇرۇشلىقىم» ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان بولسا كېرەك. &E xYXI  
كىتابتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا چىرايىمنى قىلچە ئۆزگەرتمەي بېشىمنى لىڭشىتقاچ قوپال ئاۋازدا«تېنچلىقمۇ؟» دەپ قويدۇم. ئۇ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن: lWBb4 !l  
_ كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنسىزھە؟ _ دەپ سورىدى ۋە سوراپ بولۇپلا يەنە خاتا گەپ قىلىپ قويغاندەك باشقا ياققا قارىۋېلىپ قىپقىزىل لەۋلىرىنى ئۇچلۇق قىلىۋالدى. بەلكىم مېنى «نېمە كارىڭىز؟ ئىشىڭىزغا ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟» دەۋىتىشىمدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. توۋا! ھەجەپ قورقۇتۇۋېتىپتىمەن بۇنى. [mEql,x3  
مەن ئوسماننىڭ ئويغۇنۇپ كېتىپ مېنى«كەلتۈرەلمەپسەن، مېھمان قىل!» دېيىشىدىن ئەنسىرەپ قولۇمنىڭ بىگىز بارمىقىنى لېۋىمگە تەگكۈزۈپ: 8NaqZ+5x  
_ ھۈشششششش! ئاغىنەم ئويغىنىپ كەتمىسۇن، _ دېدىم ۋە ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاۋتقان ئوسماننى ئىشارەت قىلىپ قويدۇم. p-1 3H0Kt  
_ ھە، بىلدىم. مەن ئىشقا ماڭاي، خوش! _ دېدى ئۇ ئوسمانغا قاراپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ. P!"&%d  
شۇئان كاللامدىن بىر خىيال كەچتى. «بۈگۈنغۇ ئوسمان تۇيۇپ قالمىدى، لېكىن ئۇ ھەركۈنى ماڭا سالام قىلسا ئەتە بولمىسا ئۆگۈن ئاغىنىلەردىن بىرى بولمىسا بىرى سېزىپلا قالسا پۇل يوقچىلىقتا تازىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشىمەندە؟» 6N)!aT9eo  
_ ھەي، _ دېدىم مەن ئوسمانغا بىر قارىۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، _ مەن ئەتىدىن باشلاپ كۈندۈزى ئىشلەيمەن، كەچلىكى باشقا بالىلار ئىشلەيدۇ. شۇڭا ئىشقا ماڭغان ياكى ئىشتىن كەلگەندە ئۇلارغىمۇ سالام قىلىپ ئۆتۈڭ! شۇنداق بولغاندا ھېلىقى كۈندىكىدەك كەچ قالسىڭىزمۇ ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدۇ. ئۇقتىڭىزمۇ؟ n_3O-X(  
_ ھە ئۇقتۇم. رەھمەت! 0P\$ 2lk  
_ ئەمدى ماڭسىڭىز بولىدۇ، خوش! h6}lpd  
_ خوش! fu90]upz~  
مانا ئەقىل دېگەن! بىرىنچىدىن ئۇنىڭ بىلەن كۈندە سالاملىشىپ ئاشۇ ئىللىق تەبەسسۇمىدىن ھوزۇرلىنالايمەن؛ ئىككىنچىدىن باشقا بالىلارمۇ گۇمان قىلىشىپ كەتمەيدۇ. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك دېگەن مۇشۇدە؟! تازىمۇ ياۋاش قىزكەن بۇ! نېمىلا دېسە «ھە» دەيدىغان
. B" 3dQwQ  
z )HD`Ho  
تۇنجى مۇڭدىشىش
ve\X3"p#  
H<^/Ati,|  
كەچتە ئوسمانغا گىتتار چېلىشنى ئۆگىتىپ ئولتۇرغاندا ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ كەلدى ۋە كېلىپلا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ بىزگە سالام قىلدى. "_`F\DGAZu  
_ تېنچلىقمۇ؟ Dgy]ae(Hb3  
ئوسمان سەل ھاڭۋېقىپ ماڭا بىر قارىۋېىتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ زورىغا ھىجىيىپ: 9]e V?yoA8  
_ تېنچلىقمۇ؟ ئىشتىن چۈشتىڭىزما؟ _ دېدى. ~V$ |i"  
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قويۇپلا گەپ قىلماي يەنە گىتتارغا قارىۋالدىم. Q9Q|lO  
_ ھەئە، ئىشتىن چۈشتۈم. 435;Vns\n  
_ ھە، ياخشى بوپتۇ. ۋۇي راست! نەدە ئىشلەيتتىڭىز؟ EI^06q4x  
_ رېستۇراندا ناخشا ئېيتىمەن. .B\5OI,]  
مانىڭ گېپىنى! مۇسۇلماندارچىلىق يۈزىدىن سالام قىلىپ قويسا قەستەن گەپكە تۇتماقچىدە؟ ئاغىنەم دېگىنىم بىلەن مۇشۇنداق قىلىقلىرىنى ياقتۇرمايتتىم. شۇڭا گىتتىرىمنى كۆتۈرۈپلا ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم.ئۇلار بىردەم پاراڭلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن ئوسمان يېنىمغا كىردى. W16,Alf:  
_ ۋوي ئاداش، بەك بەلەن قىزكەن بۇ! شۇنداق ئەدەپلىك، گەپ - سۆزلىرىمۇ بەك مۇلايىم. ھازىر بۇنداق قىزلارنى كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئۆزۈملا كەلتۈرۈۋېتەيمۇ يە؟ 0)m(;>'70  
مانا، مانا! دەل مۇشۇ مىجەزى ماڭا ياقمايدۇ ماڭا. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلمىدى. vPD] hs  
_ گېپىڭدە تۇرمايسەندە؟ _ دېدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، _ بىز كېلىشىپ بولغاندىكىن لەۋزىڭدىن يانما! rSJ9 v :  
_ ھە ماقۇل، ماقۇل. شۇڭا قەستەن ئۇنىڭغا قارىماپسەندە؟ سەن راستىنلا ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈشتىلا كەلتۈرۈۋالامسەن؟ $k2*[sn,  
_ ئوغۇلبالا دېگەن گېپىدە تۇرىدۇ. مەن ھاجەتكە بېرىپ كېلەي ھە؟ 'UYR5Y>  
شۇنداق دەپلا سىرتقا چىقتىم. ھاجەتخانا ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىن سەل يىراقتا ئىدى. ياز كېچىسىنىڭ بىلىنەر - بىلىنمەس شامىلىدا بوش غىڭشىپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەگىلىدىغان دوقمۇشقا كېلىپ شۇنداق قارىسام ئۇ تۇرىدۇ. جىمجىت كېچىدە ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم زاتى يوق ئىدى. سەل ھەيران بولۇپ ھەم ئەنسىرەپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ يەنە قوپال ئاۋازدا سورىدىم: DuOG {  
_ ھەي، بۇ يەردە تۇرىسىزغۇ كىرىپ كەتمەي؟ 6C+"`(u%V  
ئۇ چۆچۈپ كەينىگە بۇرۇلدى: x(eb5YS  
_ ئاۋۇ يەردە بىر مەست ياتىدۇ. قورقۇپ شۇ... iV eC=^1  
_ مەن قاراپ باقاي، يۈرىكى قاپتەك باركىنا ئۇنىڭ! r9ww.PpNk#  
بېرىپ قارىسام تولا ھاللاردا مەست كېلىپ ئۆيىگە كىرەلمەي بىناسىنىڭ ئالدىدىلا ئۇخلاپ قالىدىغان قايسى بىر ئىدارىنىڭ خىزمەتچىسىكەن. ئۇنى بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم بالىلار ھاجەتكە بارغۇچە كۆرۈپ قېلىپ ئويغىتىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويىمىز دېسە مەستچىلىكتە ئالا - تاغىل سۆزلەپ بالىلارنى «ئىت» دەپ ھاقارەتلەپتىكەنتۇق. ئۇنىڭ بىلەن ئىدارىدا ئىشلەيدىغان يەنە بىر ئادەمنىڭ دەپ بېرىشىچە (ئۇ ئادەم بىكار بولۇپ قالسا بىزنىڭ قېشىمىزغا پاراشلاشقىلى كېلەتتى. بىزمۇ تاماكا چېكىشكەچ ئۇنى - بۇنى سوراپ، چاقچاق قىلىشىپ ياخشى ئۆتەتتۇق) ئۇ ئىدارىسىدىمۇ كاززاپ، كەچكىچە خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان، كىچىككىنە ئەمىلىنى كۆز - كۆز قىلىپ قول ئاستىدىكىلەرگە ھەيۋە قىلىدىغان، ئۆزىدىن چوڭ باشلىقلارنىڭ ئالدىدا توختىماي ھىجىيىپ قۇيرۇق شاپاڭشىتىدىغان بىر نېمىكەن. شۇڭلاشقا بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدۇق. ھالىغا بېقىپ ئىچمەيدۇ، يەنە مەست بوپ قالسا خوتۇنىدىن قورقۇپ ئۆيىگە كىرەلمەيدىغان ھالىغا بالىلارنى«ئىت» دەپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك پەسكەش ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلمەيدۇ. باشلىقىغا خۇشامەت قىلىپ قۇيرۇق شىپاڭلاتسا، خەقنى سۆڭەك غاجىلىغاندەك غاجىلىسا يەنە ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارغا خىرىس قىلىپ ئۇلارنى بوزەك قىلسا ئۇنداقلارنى «ئىت» دېسە غورۇرلۇق ئىتلارنىڭمۇ ئاچچىقى كېلىپ كېتەرمىكى؟ مۇشۇنداق پەس نېمىلەرنى ماڭا ئوخشىتىۋاتامسىلەر، دەپ! \ 5,MyB2/`  
شۇلارنى ئويلاپ ئۇنى ئويغاتقۇم كەلمىدى. 6MxKl D7kl  
_ ئۇنى خوتۇنى چىقىپ ئويغىتىپ ئەكىرىپ كەتسۇن! تولا مەست بوپ قالىدۇ بۇ ئاداش، _ دېدىم مەن قاپاقلىرىمنى تۈرۈپ، _ ئادەم ئەمەس بۇ! بىز بىلەن ئىشلەيدىغان بالىلار بىر نەچچە قېتىم ئويغىتىپ قويسا ئۇلارنى «ئىت» دەپ ھاقارتلەپتىكەندۇق. 6KOlY>m]  
_ ئۇ دائىم مەست بوپ قالامدا؟ q| LDo~H  
_ ھەئە، بۈگۈن بالدۇر مەست بوپ قاپتۇ، باشقا چاغلاردا سىز ئۆيىڭىزگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كېلەتتى. بۈگۈن سىزنى نەس بېسىپتۇ. tT79 p.z B  
_ ۋايجان، نېمە بوپ كەتتى بۈگۈن؟ رېستۇراندا بىر نەس باسسا، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ يەنە نەس باسسا! | a# f\  
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش ئويۇم باتتى. شۇڭا بىزدىن نېرىراقتىكى ئورۇندۇققا قاراپ قويۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم: EVNY*&p  
_ بۈگۈن كەيپىياتىڭىز ناچاردەك قىلىدۇ ھە؟ bHI 
_ قانداق بىلىۋالدىڭىز؟ يىغىن ئاچقانتى رېستۇراندا... E=#0I]v[  
ئۇ كۆزۈمگە قاراپ قويۇپلا يەنە لەپپىدە باشقا ياققا قارىۋالدى. كۈلگۈم كېلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋالدىم. o#hjvg  
_ خاتا چۈشەنمىسىڭىز مەن سىز بىلەن ساقلىشىپ بېرەي، سەل تۇرۇپ ئۇنى خوتۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. 51QRM32Y  
_ سىز قانداق بىلىسىز؟ +d%L\^?F  
_ خوتۇنى تېلېفون قىلسا بۇ ئالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوتۇنى «ھە بۇ يۇمشاقباش ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئۇخلاپ قاپتۇدە؟» دەپ ئويلايدۇ-دە، چېچىدىن سۆرىگەن پېتى ئۇنى ئۇرۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. yZWoN&  
_ ھى ھى...سىز بەك قىززىقچىكەنسىز! ... ئىممممم تونۇشۇپ قالايلى! {H{X[p8  
ئۇنىڭ تونۇشۇپ قالايلى، دېگەن گېپىدىن خۇش بولغان بولساممۇ يەنىلا ئۆزۈمنى زورىغا تۇتىۋالدىم: g9Yz*Nee<  
_ بوپتۇلا، تونۇشۇپ قوياي، ئادەتتىغۇ قىزلار بىلەن ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمەيتتىم. ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تونۇشايلى! E!O\87[  
ئۇ كۈلۈمسىرىگەچ بېشىنى سۇس لىڭشىتىپ مەن بىلەن ماڭدى. g38&P3/  
ئۇنىڭ بىلەن ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق. 0n/gd"M  
_ ئىسمىم قەيسەر. ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى! _ دېدىم مەن بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن. 8j4z{+'TQ  
_ ھى ھى...ئىسمىم ئامىنە. سىزنى تازا مۇز چىرايكەن، دېسەم ئەسلى بىر قىززىقچىكەنسىزغۇ؟ sk|=% }y  
_ ھەممە قىزلارغا قىززىقچىلىق قىلمايمەن. سىز خېلى ئەدەپلىك، ئىش ئۇقىدىغان ھەم مۇلايىم كۆرۈندىڭىز ماڭا... c~o+WI Ym  
_ رەھمەت! |~ _'V "  
ئارىنى يەنە سۈكۈت قاپلىدى. گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي سەل ئىككىلەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ خىزمىتىنى سورىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ ئۆيى يېزىدىكەن. شەھەرگە چىققىلى بىر نەچچە يىل بوپتۇ. ئۇ بۇرۇن باشقا رېستۇراندا ئىككى يىل مۇلازىم بولۇپ ئىشلەپتىكەنتۇق. رېستۇراندىكى مۇلازىملار باشلىقى ئۇنىڭغا تېتىقسىز چاقچاقلارنى قىلىپ، زىتىغا تەگكەچكە ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇ رېستۇراندىن قايتىپ چىقىپ ھازىرقى رېستۇراندا ئىشلەپتۇ. ئۇ ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرگەچكە دائىم ئىش قىلغاچ ناخشا غىڭشىپ يۈرەتتىكەنتۇق، بىر قېتىم ناخشا ئېيتقاچ ئۈستەل - ئورۇندۇقلارنى سۈرتىۋاتسا رېستۇراننىڭ دېرىكتورى ئاڭلاپ قېلىپ ئۇنى كەچتە سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېتىپ بېقىشىنى دەپتۇ. ئۆزىنىڭمۇ بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلاردا ناخشا ئېيتىپ ئالغان مۇكاپاتلىرى بولغاچ قورقمايلا سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ ناخشىسى باش دېرىكتورغا ياراپ قېلىپ ئۇنى ناخشىچى بولۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇلازىملىقتىن ناخشىچىلىققا ئالمىشىپتۇ. ئەمما ئىش قىلىپ كۆنۈپ قالغاچقا ھەركۈنى ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ باشقا مۇلازىم قىزلارغا ياردەملىشىپ چىنە - قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، سۈپۈرۈشۈپ بېرىدىكەن. مۇشۇلارنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆڭلۈمدە مەن دەسلەپتە ئويلىغاندەك «شەھەرنىڭ سەتەڭ قىزلىرىكەن» دېگەن ئويۇمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەنمۇ ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ يازلىق تەتىلدە چاقىرىق قەغىزىنى ساقلىغاچ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش چىقىمىنى بىر ئاز بولسىمۇ ئۆزۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى دېدىم. گەپتىن - گەپ چىقىپ مۇھەببەتتىن سۆز ئاچقىنىمدا ئۇ بۇرۇنقى رېستۇراندا ئىشلىگەندە بىر ئاشپەزنىڭ قايتا - قايتا زورلاپ تەلەپ قويۇشى بىلەن ماقۇل بولغانلىقىنى، كېيىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆيىدىكىلەر توي ئىشىغا قىستاۋاتقان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە كۆڭلىگە ياققۇدەك بىرەرىنى ئۇچراتمىغانلىقىنى دەپ بەردى. 4R8G&8b  
_ ئەگەر ئۇ پۈتۈن رېستۇراندىكى بالىلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ گۈل تۇتۇپ تۇرۇۋالمىغان بولسا ئۆلۈۋالىمەن، دېسىمۇ ماقۇل بولمايتتىم، _ دېدى ئۇ. 'r\ V. 4  
_ نېمىشقا؟ BtY%r7^o  
_ ئۇنىڭ قانداقلىقىنى رېستۇراندىكى ھەممەيلەن بىلەتتى. ئۇمۇ ئۆز ئاغزى بىلەن «بەش قىز دوستۇم بار» دەپ ماختىنىپ يۈرەتتى. بىراق مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن بېرى ھەممىسى بىلەن ئايرىلىپ كېتىپتۇمىش. مەنغۇ دەسلەپ ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنتىم. ئاۋۇ كۈنى بالىلارنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كەتمىسۇن، غورۇرىغا تەگمىسۇن، دەپلا ماقۇل بولغان. كېيىنچە چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتەرمەن، دەپتىكەنمەن. بەك تەلۋە نېمىكەن ئۇ! ئايرىلىپ كېتەيلى، دېسەملا بىردەم يىغلاپ، بىردەم قولىغا پىچاقنى ئېلىۋېلىپ ئۆلۈۋالىمەن، دەپ تۇرۇۋالاتتى. مەن ئىشەنگەنمۇ بولدۇم. كۆڭلۈمدە مېنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرگەندىكىن پاك مۇھەببىتىمنى بېغىشلاپ كۆڭلۈمنى بېرەي، دېگەنتىم. مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى دوستلىرىمنىڭلا ئاغزىدىن ئاڭلىغاچقا ماڭا بەك گۈزەل تۇيۇلۇپتىكەن. بىراق ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە رېستۇراننىڭ ئايرىم خانىسىغا «گېپىم بار» دەپ سولىۋېلىپ مېنى بەك زورلاپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىمىغانتىم كاچىتىمغا بىر تەستەك سالدى. ئاچچىقىمدا مەنمۇ ئۇنى بىر تەستەك سېلىپ ئۇنىڭغا ئالغان بىر كۆڭلەكنى بېشىغا ئېتىپلا «قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ بار ئاۋازىم بىلەن توۋلىدىم. باشقا ئاشپەز بالىلار ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىگە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلىغان پېتى رېستۇراندىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم. ئەسلى مېنىڭمۇ بىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيۈپ، بارلىقىمنى ئاتاپ دوستلىرىمدىن ئاڭلىغان ئاشۇ بەختنى ھېس قىلغۇم بار ئىدى، مېنىڭچە ھەرقانداق قىز شۇنداق قىلىشنى خالايدۇ. لېكىن ئۇ يېلىنىپ، يىغلاپ، يالۋۇرۇپ مېنى «ماقۇل» دېگۈزۈۋېلىپلا ئاشۇنداق ھايۋاننىڭ ئىشىنى قىلسا مېنىڭ غورۇرۇم ئەلۋەتتە كۆتۈرمەيدۇ - دە؟! شۇڭا شۇ كەتكەنچە ئىككى ئاي ئىشقا كەلمىدىم. كېيىن دېرىكتور قايتا - قايتا تېلېفون قىلىپ ئۇنى كەتكۈزۈۋەتكەنلىكىنى، مۇئاشىمنى ئۆستۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى دېگەندىلا ئاندىن قايتا بېرىپ ئىشلىدىم. لېكىن ئۇ مەن كەتكەندىن كېيىن پۈتۈن رېستۇراندىكىلەرگە «مەن قىلغۇلۇقنى بۇرۇنلا قىلىپ بولغان، ئەسلىدىمۇ پاك ئەمەسكەن، ئۇكۈنى ئۇ مېنى زورلاپ تۇرۇۋالغانتى، ئۇردۇم...» دېگەندەك سەت گەپلەرنى تارقىتىۋېتىپتۇ. بۇنى مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان قىزلار دەپ بەردى. قىزلار مېنىڭ قانداقلىقىمنى بىلگەچ ئىشەنمەپتۇ. دەسلەپ بىر - ئىككى كۈن يىغا تۇتۇپ تۈزۈك تاماق يېگۈممۇ كەلمىدى، كېيىنچە «ئاشۇنداق پەسلەرنىڭ تاپقان گېپىگە ئۇنچىۋالا قىلىش كەتمەيدۇ» دەپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىۋەردىم. لېكىن مۇلازىملار باشلىقى شۇندىن كېيىن ماڭا باشقىچە قارايدىغان بولۇۋالدى. ھەرقېتىم ئايرىم خانىدا يالغۇز ئىش قىلىۋاتقىنىمدا ئىككى رومكا ئىچىۋېلىپ يېنىمغا كېلىپ ماڭا تەلەپ قويۇپ، بىمەنە چاقچاقلارنى قىلاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن ئۇنىڭغا ماقۇل بولسام ئۇ ئايالىدىن ئاجرىشىپ، توققۇز ياشلىق قىزىنى ئايالىغا بېرىۋېتىپ مېنى ئەمرىگە ئالىدىكەن. مەن دۆت بولمىسام، ئايالىغا، بالىسىغا ۋاپا قىلمىغان ئەردىن ماڭا قانچىلىك ۋاپا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەندىن توپتوغرا 15 ياش چوڭ تۇرسا. ئاتا - ئانام بىز يەتتە بالىنى قاتارغا قوشقۇچە ئاز جاپا تارتمىدى. مەن ئۆينىڭ كىچىكى بولغاچقا باشقىلار بىلمىسىمۇ ئاتا - ئانامنىڭ بىز بالىلارنى دەپ تارتقان جاپاسىنى ئوبدان بىلەتتىم. مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغلاردا دادامنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قالغانتى. دادام ماڭا بەك ئامراق بولغاچقا «قىزىم ئوقۇسۇن، كۆزۈمنى كېيىنچە داۋالىتاي!» دەپ تۇرۇۋالغانتى ئەمما بىز ئۇنىمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر يىل كېچىكىپ ئوقۇماقچى بولدۇم. ئۆيدىكى ھەممە بىساتنى سېتىۋەتكەندىن باشقا چوڭ ئاكاممۇ ئۆيىنى سېتىۋېتىپ پۇلىغا دادامنىڭ كۆزىنى داۋالاتتى. شۇنچە پۇل خەجلەپمۇ دادامنىڭ كۆزىنى سەللىمازا ساقايتالمىدۇق. شۇڭلاشقا مەن ئۆيدە بىكار ئولتۇرغاندىن دەپ شەھەرگە كېلىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ دادامنىڭ كۆزىنى داۋالاتماقچى بولغانتىم. نېمىشقا ئۇلار ماڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ مەن يا ئۇلارغا ھېچقانداق يامانلىق قىلمىسام؟ مۇلازىملار باشلىقىنىمۇ بەك ھۆرمەتلەيتتىم. ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئارتۇق گەپ قىلمىسام مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ. مەن ئۇنداق شاللاق قىزلاردىن ئەمەس! بۇنىڭغا بىر ئاللا گۇۋاھ!... vEG'HOP  
ئۇ شۇ گەپلەرنى دېگەچ يىغلاپ تاشلىدى. *x>3xQq&  
شۇنىڭغىمۇ يىغلاش كېتەمدۇ ئەمدى؟ p#KW$OQ]8  
مەن دائىم خۇش تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان تېتىك ھالىتىنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغاچقىمۇ ئۇنىڭ يىغىسى ماڭا تۇرمۇشنىڭ يەنە بىر زۇلمەت كۆلەڭگىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ قەلبىمنى ئاچچىق، غەزەپ، يىرگىنىش ھېسسىياتى ئىسكەنچىگە ئېلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ قويماقچى بولدۇم. q_Lo3|t i  
_ ئۇيەردىن چىقىپ كېتىپ بەك توغرا قىپسىز! بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە داڭلىق چولپان بولۇپ ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى بىر كۆرسىتىپ قويۇڭ! j'p1q  
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يەنە غەزەب يالقۇنجىدى: M|i o4+sy  
_ چولپان بوپ كېتىدىغان بولسام ئۇنداقلارنى كۆزۈمگە ئىلىپمۇ قويمايمەن! 4l8BQz}sb  
_ توغرا! شۇنداق قىلىڭ! _ دېدىم مەن كىنولاردىكى قايسى بىر ئارتىستنى دوراپ، _ ئۇچرىىشىپ قالسىڭىز ئالىيىپ، تۈكۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىڭ، ئىمزايىڭىزنى قويۇپ بېرىڭ، دېسە خاپا بولمايسىز ئىشلىتىۋاتقىنىم ياپوننىڭ قەلىمى ئىدى، سىزگە ماس كەلمەيدۇ، يېنىمغا قېرىنداش قەلەم سېلىۋالغاندا كېلىڭە، دەڭ! 9tg)Mo%  
ئۇ كۆزلىرىدە لىق ياش تۇرسىمۇ يەنە كۈلۈپ كەتتى. e1q"AOV6  
_ ھەي، سىز نېمانداق قىززىقچى؟ يىغلاۋاتساممۇ كۈلدۈرىۋەتتىڭىزغۇ؟ [*m2  
_ ئۇنداق ئەمەسقۇ؟ ئۆزىڭىزچە يىغلاپ يەنە ئۆزىڭىزچە كۈلۈپ كېتىۋاتىسىز، ئەستايىدىل بولۇڭە! _ دېدىم مەن قەستەن باتناپ. o{- 
_ ھە ماقۇل، ھې ھې... سىز بەك ياخشىكەنسىز، بىز دوست بوپ قالايلى بولامدۇ؟ G.U 5)4_^  
يا ئاللا! «مەن نېمە ئويدا، سەن نېمە كويدا» دېگەن شۇدە! مەن كەلتۈرىمەن، دەۋاتسام دوست بوپ قالايلى، دەيدىغۇ بۇ؟ ھەي، بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققان مەن. باشقا قىزلار بىلەنمۇ ئىككى ئېغىز گېپىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالسىلا دوست بوپ قالاي، دەپ تۇرۇۋالغان. يا ياق دېگىلى بولمىغان، تازىمۇ بىر! v@EQ^C2.&  
_ بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدىكى چولپان بىلەن تونۇشۇپ قالدىڭىزدە؟ HT`1E0G8)  
_ نېمە؟ سىزما؟ t"s5\;IJ  
_ سىزما؟ دەپ كەتكىنىنى، _ دېدىم مەن ئۇنىڭ ئاھاڭىنى دوراپ، _ مەنمۇ ناخشى ئېيتىشنى ياخشى مەشق قىلىپ چولپان بوپ كېتىشىمگە ئىشىنىمەن. `EMi0hm&H  
_ مۇنداق دەڭ! ناخشىڭىزنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاش نېسىپ بولارمۇ؟ rj  H`  
_ چېچىڭىزنى قارا رەڭگە بوياپ، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيسىڭىز نىسىپ بوپ قالار! ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇنداق چېچىنى ھەرخىل رەڭدە بوياپ يۈرسە كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنىدۇ. \3PE+$  
_ ئەمىسە ئەتىدىن باشلاپ چېچىمنى قارا رەڭگە بويىۋالاي، يېڭى قىسقا كىيىملەرنى كىيمەي. . . G?V"SU.  
ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، بۇرۇنقى ئىشلار ھەم بۇندىن كېيىنكى ئارزۇلىرىمىز توغرىلىق، جەمئىيەتتىكى ياخشى كۆرىدىغان يامان كۆرىدىغان ئىشلار توغرىلىق سۆزلەشتۇق. كۆز قاراشلىرىمىز ھەقىقەتەن بەك ئوخشاش ئىدى. بەزىدە شۇنچە ئوخشاش چىقىپ قالغانلىقىدىن ئۇ مېنى دوراۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇمۇ شۇنداق ھېس قىلىپ قاپتۇ. پاراڭلاشقانسېرى ئۇنىڭ ئوچۇق - يورۇق، ئىش ئۇقىدىغان، بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىلىدىغان، ھەق - ناھەق قارىشى ئېنىق مىجەزىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. .RRlUWu  
پاراڭلىشىۋېرىپ تاكى يۇلتۇزلار شالاڭلاپ، شەرق ئاققۇچ رەڭگە كىرگەندە ئاندىن ئورۇنلىرىمىزدىن تۇرۇشۇپ كۆزلىرىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. ھېلىقى مەستمۇ ئۆيىگە كىرىپ بوپتىكەن. ئولتۇراق رايوننىڭ كىشىگە ھوزۇر بەخش ئېتىدىغان، سالقىن ھاۋاسىدا كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى خۇشال، بىر يېرى بىر قىسما ھالەتتە ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كەلدىم. . . ?y-s20Kd  
شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى ئويۇمدىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭ دوست بولماقچى بولدۇم. لېكىن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدە «ئۇ ساڭا بەك ماس كېلىدىكەن» دېگەن سادا ياڭراپ تۇراتتى.
kX8=cL9G  
=s[ &;B`s  
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(2) :t2B^})\  
./read.php?tid-42154.html  `$-lL"  
مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(3) R$xY8+}V  
./read.php?tid-42291.html
[ بۇ يازما ئۈزۈمچى تەرپىدىن2008-10-21 22:24دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+30(فائزە) NADER ASARKAN &nbs ..
  • پۇل :+200(تۇغرۇل) قايىل قىلارل ..
  • پۇل :+1000(ئۇيغۇرشاھ) تەربىيىۋى ئە ..
  • شۆھرەت:+500(گۈل-چۈشى) ijadiyat apirin nawram
  • ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-20 00:00 |
    كەنان
    جاھان ئەركىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 3401
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 739
    شۆھرەت: 1016 كىشىلىك
    پۇل : 6079 سوم
    تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 858 نۇمۇر
    قوللاش: 792 نومۇر
    ئالقىش: 967 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 409(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ساۋاپ تاپقۇدەكسەن ، ياخشى بولسىلا بولىۋىرىدۇ قانداق بولسا . (8F?yBu  
    http://blog.salkin.cn/home.asp?uid=113 T js{)r9  
    بۇنى چىكىپ بېقىڭ ، چۇقۇم خۇشال بولىسىز .
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ماۋۇ ئادرېسنى چەكسەم ساۋاپ تاپامدىم؟
    بىز بىر ئۇمۇر قەرىزدار بولغان ئەڭ ئالىيجاناپ بىر زات بار ، ئۇ بولسىمۇ زىمىندىكى يىگانە تەڭرى - ئانا
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:04 |
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 7837
    شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
    پۇل : 1157890 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
    قوللاش: 7521 نومۇر
    ئالقىش: 9162 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    مىنى داغدا قويغان ساراڭمۇ مەندىن 3ياش  چوڭتى
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:05 |
    ئۈزۈمچى
    مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1849
    شۆھرەت: 13422 كىشىلىك
    پۇل : 485256 سوم
    تۆھپە: 1580 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3642 نۇمۇر
    قوللاش: 2834 نومۇر
    ئالقىش: 2944 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1309(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇ «مەن»دىن تۆت ياش چوڭتى تېخى. . .
    ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:08 |
    گۈلئايىم.
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21389
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 168
    شۆھرەت: 301 كىشىلىك
    پۇل : 1789 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 222 نۇمۇر
    قوللاش: 222 نومۇر
    ئالقىش: 252 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 290(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يەنە سىزنىڭ تىمىڭىزنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم، رەھمەت !
    «سەن دىلىڭدىن رازى بولغان ئادىمىڭنى ھۆرمەتلە.چۇنكى،سەن ئۇنىڭ داھىيىسى.سەن دىلىڭدىن رازى بولغان ئادىمىڭگە تەلەپ قوي.چۇنكى،سەن ئۇنىڭ قۇل ئاستىدىكى ئەسىرگە ئوخشاش..سەن دىلىڭدىن رازى بولغان ئادىمىڭگە خالىغان تەكلىپىڭنى ئىزھار قىلىۋەر.چۇنكى،سەن دىمەك ئۇ،ئۇ دىمەك سەن دىمەكتۇر».
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:08 |
    نۇرلان805
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 4987
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 454
    شۆھرەت: 467 كىشىلىك
    پۇل : 1201866 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 509 نۇمۇر
    قوللاش: 475 نومۇر
    ئالقىش: 559 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 971(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    (ئۆزىدىن چوڭ خاتۇن ئالسا ساۋاپ بولىدۇ) دەپ ئاڭلىغان مەن!!!
    izdax.com
    [size=6][color=#0000FF]ئالتۇن قونداق قەپەزدىن،لىڭ-لىڭ قۇمۇشۇم ياخشى!
    [size=4][color=#FF0000]مەنبە:بىر قۇشقاچنىڭ تىلىدىن.[/color][/size][/color][/size]
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:12 |
    ئۈزۈمچى
    مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1849
    شۆھرەت: 13422 كىشىلىك
    پۇل : 485256 سوم
    تۆھپە: 1580 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3642 نۇمۇر
    قوللاش: 2834 نومۇر
    ئالقىش: 2944 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1309(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوقۇمايلا رەھمەت دەۋەتتىڭىزغۇ؟
    blog.salkin.cn
    ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:13 |
    ئابدىجىلىل
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14125
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 50
    شۆھرەت: 50 كىشىلىك
    پۇل : 525 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
    قوللاش: 64 نومۇر
    ئالقىش: 113 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 600(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىمىنداق مۇشۇنداق مۇھەببەتلىشى،مۇھەببەتلەشىپ مۇشۇنداق رومانتىك گەپ ،تىمىلار مىنىڭ كاللامغا كەلمەيدىغاندۇ،،،،
    blog.salkin.cn
    ئىقتىسات ھەممىنىڭ ئاچقۇچى،
    http://payqeki.cn/
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:21 |
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 7837
    شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
    پۇل : 1157890 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
    قوللاش: 7521 نومۇر
    ئالقىش: 9162 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    نىمە  دىگەن ئۇلۇغ  سۆز  ھە؟<مەبىتىم مەندىن چوڭ> >R6Me*VR  
    مىنىڭچە  بۇ گەپنىڭ نۇمۇس  قىلغۇچىلىكى يوق، بەلكى پەخىرلەنسىمۇ بولىدۇ. >zhbOkR9c  
    |<OZa;c+  
    تىمىنىڭ تىمىسىنى دەپلا  نادىرلاندى،مەزمۇنىنى تىخى ئوقىمىدىم، ئوقىغاندىن كىيىن ئىككى قىتىم نادىرلايمەن تىخى
    blog.salkin.cn
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:21 |
    پەخىركام
    زىنداندىن چىقىش ...
    ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 151
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 5075
    شۆھرەت: 9920 كىشىلىك
    پۇل : 11532258 سوم
    تۆھپە: 5780 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7216 نۇمۇر
    قوللاش: 6555 نومۇر
    ئالقىش: 7533 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
    توردىكى ۋاقتى : 1651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ما ھېكايەڭ ... ماڭا ماس كەلمەيدىكەن ... شۇڭا ئوقۇمۇدۇم ... مەن ئۆزۈمدىن ئاز دېگەندە بەش ياش كىچىك خاتۇن ئالىمەن ... اللە خالىسا ...  
    blog.salkin.cn
    شۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى.... خىيالىمدا ئۆزگۈرۈش بولدى ... شۇنداق خىيال پەيدا بولدى  ... چۈشكۈنلۈك زىندانىغا قاپسىلىپ قالدىم ... ئەسلى ئۇخىيال ماڭا ساتقىنلىق قىلغان ئىكەن ... زىنداندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ... خائىن خىيالنى ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك ..... خىيالنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ..ئىسيانكار قۇربانلىق بەرمىسە بولمايدۇ ...ئەلۋىدا ئىسيانكار !!!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:22 |
    ئۇيغۇرشاھ
    سەلكىن چولپىنى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 980
    شۆھرەت: 977 كىشىلىك
    پۇل : 15 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
    قوللاش: 1003 نومۇر
    ئالقىش: 1218 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي.........................مەندىنمۇ 3ياش چوڭتى ئۇقىز.................
    blog.salkin.cn
    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:23 |
    ئاق-ئەتىرگۈل
    princess
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 144
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1696
    شۆھرەت: 226 كىشىلىك
    پۇل : 7774 سوم
    تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1744 نۇمۇر
    قوللاش: 1612 نومۇر
    ئالقىش: 157 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەرجىمان
    توردىكى ۋاقتى : 1125(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ شۇ ئوقۇمايلا نادىرلاپتۇ دەپ ئويلىغان... Y0g6zHk7  
    w"AO~LF  
    داۋامى پوۋسىتتەك كېلەمدۇ...بەك ئۇزۇن بولمىسا بەك ساقلاتماي گاچچىدە...
    blog.salkin.cn
    مىڭ ئادەم نادانلارچە گەپ قىلسا ئۇ يەنىلا نادانلىق.ھەقىقەت ئەزەلدىن پىكىر بىرلىكىگە تايانمايدۇ...
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:23 |
    ئەلئارا
    ھەقىقىي سۆيگۈ .
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئىلغار باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 6311
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 3311
    شۆھرەت: 5334 كىشىلىك
    پۇل : 2521 سوم
    تۆھپە: 324 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3374 نۇمۇر
    قوللاش: 2044 نومۇر
    ئالقىش: 4903 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 772(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ما مۇنبەرگە ساپلا ساۋاپ ئىزدەپ چوڭ خاتۇنلارغا  كۆزتاشلاپ يۈرگەنلا يىغىلدىمۇ نىمە ... V#\iO  
    ]-g4C t_V  
         قارىغاندا جاپا تاتمايلا 1-2 بالىلىق بولىۋالايلى دەپسىلىدە   ...   بۇمۇ بولغىنى ...    تايىنلىق نەۋرىلىكلا بولدىغان ئىشنى قىلىڭلا  بىر ئۆمۈر خاتىرجەم بولسىلە ... ساۋابىمۇ چوڭ بولىدۇ ...  
    blog.salkin.cn
    كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ ،
    قايغۇدىن كىيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ ،
    تېڭىرقاشتىن يۇلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ ،
    يالغۇزلىقتىن قۇتۇلغان قەلب كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ .
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:29 |
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 7837
    شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
    پۇل : 1157890 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
    قوللاش: 7521 نومۇر
    ئالقىش: 9162 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    ئۈزۈمچى  گۈلچۈشىنىڭ نەۋرسىكەن ،قاراڭلار باھالىغان  يەرگە
    blog.salkin.cn
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:31 |
    ئۈمىد959
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 16302
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 110
    شۆھرەت: 111 كىشىلىك
    پۇل : 640 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 108 نۇمۇر
    قوللاش: 108 نومۇر
    ئالقىش: 108 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ھەممىنى يوللاپ بولغان ۋاقتىڭىز دا ئۇقۇيمەن .....
    blog.salkin.cn
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 00:36 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر


    Time now is:10-25 18:39, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation