Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

مەنزىل مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاسقاپ ياماق بولدى ياداپ.

ئازغىنە بىر ئىستراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.

گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.

بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.

ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.

جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساب.

ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،
ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.

كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب.

1930 - يىلى
         كۆرۈلۈشى:631     قوشۇلغان ۋاقتى:2013/9/8 18:07:42يوللىغۇچى ئەزا:ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاناتىلىم
ئاناتىلىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتقان ئىككى شېئىر
جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:يوقال تاماكا
يوقال تاماكا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس
دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىسىت ! ئۈرۈمچىدە يەنە ياز كەلدى
ئىسىت ! ئۈرۈمچىدە يەنە ياز كەلدى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com