Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئىسىت ! ئۈرۈمچىدە يەنە ياز كەلدى

بايقىماي يېيىش ئەقىلنىمۇ ، تەننىمۇ ، روھنىمۇ ، ئىماننىمۇ كاردىن چىقىرىدۇ ... ...
غاپىللار ھېچنېمىدىن تەپ تارتمايدۇ ، چوڭلاردىنمۇ ، قائىدە – مۇراسىملاردىنمۇ ، دىندىنمۇ ، پەندىنمۇ ئەيمەنمەيدۇ . باشقىلار تېنىنى يۆگەش ، روھىيەتنى پاك تۇتۇش ئۈچۈن  كىينسە ، ئۇلار زىننەتلىرىنى كۆز–كۆز قىلىش ، ئاشكارىلاش ، باشقىلارنى قاراتقۇزۇش ئۈچۈن كىيىنىدۇ . باشقىلار قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن يەپ–ئىچسە ، ئۇلار ئىچ–پۇشۇقىنى چىقىرىش ، كەيپى–ساپا ئۈچۈن ئىچىدۇ ، چېكىدۇ .ئادەمدىن ئىمان كۆتۈرۈلسە مانا مۇشۇنداق ۋاستە مەقسەتكە ئايلىنىدۇ . كىشىلەر ئارا چىن مۇھەببەت ، ئادەمگەرچىلىك ئۆلىدۇ . ھەممەيلەن ئالدىرايدۇ ، يېتەلمەيدۇ . كوچىلار مىغ- مىغ ، ئەمما غېرىبلىق ئۈنسىز داۋاملىشىدۇ . مۇھەببەت پەلسەپىلىرى ئالەمنى بىر ئالىدۇ ، ئەمما ۋاپا – ھايا يوقاپ كېتىدۇ . ھايادىن ، ۋاپادىن مۇستەسنا مۇھەببەتنىڭ بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، ئەلۋەتتە .
... ...
يۇقارقىلىرى ھوسۇللۇق ، ياش يازغۇچىمىز نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ « تەپەككۇر قاتلىرىنى ۋاراقلاپ » ناملىق كىتابىدىكى « قورقار چاغدا قورققۇلۇق » ناملىق ئەسىرىدىن پارچىلار .

كىتابخانىغا بېرىپ كېلىش يولۇمدىكى كۆرگەن ، ئويلىغانلىرىمنى قايتقاندىن كېيىن خاتىرەمگە پۈتۈۋالغان ئىدىم . ئېھتىمال نۇرغۇنلارغا ئورۇنسىز قاقشاشتەك بىلىنىشى مۇمكىن . لېكىن كۆز يۇمالمايمىزكى ، بۇلار ھەقىقىي كۆرۈنۈش ۋە دىلدىكى ئۆرتۈنۈش ... ...
توردىشىمىز زۇمرەت يوللىغان «شەيتان دىنى ۋە دېسكو» دېگەن تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىزلەر كۆرۈۋاتقان ، بولۇۋاتقان ئىشلارنىمۇ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم .
ئېھتىمال بۇ بەزىلەرگە قۇرۇق قاقشاش بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن ، لېكىن بۇھەقىقەت . ئىللەتنى كۆرسەتمىسەك ، تۈزەتمىسەك ، بىزمۇ تۈزەلمەيمىز ... ... كېسەلنى يۇشۇرساق ، ئۆلۈم ئاشكارە ... ...

ئىست ! ئۈرۈمچىدە يەنە ياز كەلدى
شىۋىرغانلىق ، جۇدۇن كۈنلىرى ، كىيىشەتتى ھەممەيلەن ئۇزۇن ،
ئىشتىن چۈشۈپ ، ئوپۇل – توپۇللا ، قايتىشاتتى ئۆيىگە بۇرۇن  .

باشلىرىدا ئەرلەرنىڭ بەزەن ، پەيدا بولۇپ قالاتتى تۇماق ،
قىز – ئاياللار روماللار ئارتىپ ، بوپ قالاتتى خېلىلا «ئوماق » .

جۇت ، سوغۇقتىن زېرىككەچ جانلار ، ئىنتىلەتتى باھارغا ، يازغا ،
(بىزار بولغان چۈنكى ھەممەيلەن ئىس ، تۇماندا قارايغان قارغا .)

باھاردىنمۇ ئۇچۇرلار بەردى ، ئىللىق شامال سىيپاپ يۈزلەرنى ،
مايسا كۆكلەپ ، چېچەك ئېچىلدى ، قاماشتۇردى ھەممە كۆزلەرنى .

ئەمما ، خۇددى بۇلتۇرقىدەكلا ، ئاچچىق چايقالدى بوۋايلار بېشى ،
قار ، مۇز ئېرىپ ، ئەگىز بىلەن تەڭ ئاقتى يەنە مومايلار يېشى .

كوچىلاردا ماڭماق تەس بولدى ، ھەر قەدەمدە كۆزلەر قينىلىپ ،
قىشتا ئۇزۇن تون – چاپان كەيگەن قىزلار ئەمدى قالغاچ ئېچىلىپ .

بوياقلارنىڭ تېگىدىكى يۈز ، تەپ تارتىشنى بىلمەمدىكىن تاڭ ،
بىرلىرىنىڭ كىندىكى ئوچۇق ، بىرىنىڭ ھەتتا مەيدىسىمۇ ھاڭ .

تىزدىن ئاشماس قىسقا ، تار كىيىم ، قىزىل ، سېرىق بويالغان چاچلار ،
رازى بولماي قوي كۆزلىرىگە ، قارا لايلار سۈرۈلگەن قاشلار .

قايتماس بولدى كەچ بوپكەتسىمۇ ، ئۆيگە بۇرۇن قايتىپ كۆنگەنلەر ،
« مۇساپىرمۇ ؟بىكارچىمۇ ؟ » دەپ سوراپ قالدى يولدىن ئۆتكەنلەر .

يەرگە قاراپ ماڭىمىز يولدا ، باشنى قەستەن تۆۋەن قىلىشىپ ،
نە ئامال بار كۆتۈرسەك ئەمما ، دىل ئاغرىسا ، كۆڭۈل ئېلىشىپ .

نۇرغۇن خەقلەر دەپ بولغان گەپلەر ، قەلىمىمدە يەنە خەتلەندى ،
ئەسكە ئالدىم ، دېدىم ھەم « ئىسىت ! ئۈرۈمچىدە يەنە ياز كەلدى .»
         كۆرۈلۈشى:2598     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/14 12:48:50يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئائىلەڭ
ئائىلەڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاناتىلىم
ئاناتىلىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتقان ئىككى شېئىر
جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:يوقال تاماكا
يوقال تاماكا

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com