Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتقان ئىككى شېئىر

ئىككى شېئىر

ئاپتۇرى: مۇسلىمە

ئەر ئەمەس

   ئۆز بەختىگە، ئۆيىگە كۆيمىگەنلەر ئەر ئەمەس،
 يارى تۇرۇپ يارىنى سۆيمىگەنلەر ئەر ئەمەس،
    ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماستىن ھاپ ئېتىپ،
رەزىللىكنىڭ ئۆيىدە تۈنىگەنلەر ئەر ئەمەس.
      ۋاي دەپ قۇيۇپ ئالدىدا، غەيۋەت قىلىپ دالدىدا،
  جان دوستىنى ئورىغا سۆرىگەنلەر ئەر ئەمەس.
       پىتنە-ئېغۋا تارقىتىپ، قان-قەۋمىنى قاقشىتىپ،
ئۇرىقىنى جىدەلنىڭ تېرىغانلار ئەر ئەمەس.


         چۆلنى بوستان ئەيلىمەي، ئىش-ئەمگەكنى كۆيلىمەي،
   لالما ئىتتەك نىشانسىز لەيلىگەنلەر ئەر ئەمەس.
           نەشە بىلەن دوست تارتىپ، ھاراق ئىچىپ مەس قايتىپ،
ئەيىپىنى بىر ئۆمۈر كۆرمىگەنلەر ئەر ئەمەس.
     ياخشىلىقنىڭ گۈلىگە پەرۋىش قىلماي بىر قېتىم،،
يامانلىقنىڭ ئوتىنى پۈۋلىگەنلەر ئەر ئەمەس.
    ئەجىر قىلماي بىر ئىشقا، تۇلا قاقشاپ ھاياتتىن،
 ئۆز بەختىنى بىراۋدىن تىلىگەنلەر ئەر ئەمەس،

 

  مەرىپەتكە يول ئالماي، كەڭ جاھانغا كۆز سالماي،
   غەپلەت باسقان روھىنى يۆگىگەنلەر ئەر ئەمەس.
   بىر-بىرىنى كولىشىپ، يوق ئىشقىمۇ توۋلىشىپ،
ئىناقلىقنىڭ نۇرىغا چۆممىگەنلەر ئەر ئەمەس.
   قۇچسا زەپەر ياخشىلار چاۋاك چالماي كۆڭلىدىن،
        ئەل بەخىتىگە ھەسەت قىپ كۈلمىگەنلەر ئەر ئەمەس،
  سوقۇشتۇرۇپ خورازنى، پۈكۈپ دىلغا غەرەزنى،
 توپىلاڭدىن توقاچنى كۆزلىگەنلەر ئەر ئەمەس.
   دۇشمەن كەلسە ئېلىگە، قېلىچ ئېسىپ بىلىگە،
     ۋەتەن ئۈچۈن قان كېچىپ ئۆلمىگەنلەر ئەر ئەمەس

ئەر بارمۇ

               ئەر بارمۇ ئەجىر قىلىپ، تەر تۆكۈپ ئۇرۇق سالسا دېھقانلار، 
      قۇرۇق قۇيۇپ ئەجىرنى ئۇزۇق بەرمەس يەر بارمۇ؟؟؟ 
  جاپاكەش شۇ دېھقاندەك ئەجىر تۆكۈپ تەر تۆكۈپ،
ئادالەت دەپ قەدەملەر ئالىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

   بۈگۈن كۈندە ھەممىسى قاقشايدىكەن قىزلاردىن، 
     ئەمەس قىزلار ئۇلارچە، ئەخلاقلىق ھەم ئۇزلاردىن. 
   ئىزدەپ باقماس ئۆزلىرى يۈتۈپ كەتكەن ئىزلاردىن،
 چىراي ئەمەس قەلبىنى سۆيىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

 بۇزۇلدى دەپ قىزلارنى تىللايدىكەن كەينىدىن،
ھاراق ئىچىپ چېكىشتە يېنىشمايدۇ پەيلىدىن،
  تۈن كېچىدە دالدىدا كېلىشمەيدۇ « سەيلىدىن»
    لېكىن مەيدە ئۇرۇپ ھەم توسايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

  شاراپ سۇندى قىزلارغا غەيۋەت قىلغان يىگىتلەر،
مەس قىلىشتى، كۆڭلىگە پۈكۈپ رەزىل نىيەتلەر.
     شاراپ ئىچمەس قىزلارغا مۇش كۆتۈردى «ئەزمەتلەر»
 قېنى، ئاجىز قىزلارنى قوغدايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

كەلتۈرگىچە قىزلارنى ئاپپاق دەيدۇ، ئۇز دەيدۇ،
  بەزى شەرتكە كۆنمىسە« ئۆمۈرلۈكقۇ بىز » دەيدۇ.
ئېرىشىدۇ كۈتكەنگە« نېرى تۇرغىن بەز» دەيدۇ،
مەسۇليەتنى ئادا قىپ ياشايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

ياغلىق ئارتقان قىزلارنى «موماي» دېدى بەزىسى،
    يوپكا كەيسە ھەم شۇندا «مەتو» بولدى بەلگىىسى ،
ئوچۇق يەرلەر كۆپەيسە خۇشال بولدى بەزىسى ،
  «بىر ماڭىلا تەئەللۇق، ياپقىن» دېگەن ئەر بارمۇ؟؟؟
 

يېقىلسا گەر يوللاردا مەنپەت ئۈچۈن يۆلەيدۇ،
«بىخەتەر» دەپ قىزلارنى ياتاقلارغا زورلايدۇ،
 تېيشسا گەر بىچچارە« بىكارغا ئىش بامۇ»دەيدۇ،
 مېھىر ئۈچۈن قىزلارنى يۆلەيدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟
 

بىلىپ- بىلمەي تالاي قىز پېتىپ قالدى پاتقاققا،
  دېيەلمىگەچ دەردىنى ئەتراپىدىكى تۇنۇش «ياتقا»،
ئىلاج يوقتۇر ئاقىۋەت « بۇزۇق » نامنى ئالماسقا،
  كۆكرەك كېرىپ پاتقاقتىن تارتىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

         كۆرۈلۈشى:2725     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/7/26 17:41:59يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئائىلەڭ
ئائىلەڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاناتىلىم
ئاناتىلىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتقان ئىككى شېئىر
جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:يوقال تاماكا
يوقال تاماكا

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com