دۇنيادىكى داڭلىق باي گايتىسنىڭ 13 يىل ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە نۇرغۇن پايلىق توپلىغانلىقى بارلىق كىشلەرنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق بىرخىل سىھرى كۇچ باردۇر دىگەن قاراشقا كەلتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ تالانتىغا ماسلىشىپ ئاخبارا ۋاستىللىرنىڭ ئۇنى كۆپتۇرۇپ سىرلىقلاشتۇرۋېتشى گايتىسنى ئىلاھلاشتۇرۋەتكەن. ئۇنداق بولسا بىل گايتىسنىڭ قانداق مەخپى مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بار؟ ئۇ قانداق قىلىپ قىسقىغچنە ھاياتىدا بۇنداق كۆپ بايلىقنىڭ خوجايىنى بولالىغان؟ بىل گايتىسنىڭ يۇقۇرى مائاش بىلەن ئىقتىسادشۇناس لاۋسېننى ياللىغانلىقى، ئۇنىڭ كومپىيوتىر ساھاسىسىكى تالانتىغا تايىنىپ ياراتقان پايدىسنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.لاۋسىننىڭ ئۇنىڭغا ياراتقان پايدىسىدىن دۆلەتكە تۆلىگەن باجلا دۇنياكى كۇچلۇك 500 كارخانلارنىڭ ئارقىدىكى نەچچە كارخاننىڭ يىللىق تاپاۋېتدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە بۇلار بىل گايتىسنىڭ مەبلەنى كۆپەيتىش ئۇچۇن قوللانغان چارىللىردىن بىر تامچە. ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى ئاددى بىر مىسال بىلەن بىل گايتىسنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى، بىر قدتىم بىل گيتىس بىر دوستى بىلەن شىردۇن مىھمانخانسىغا يىغىنغا بارماقچى بولۇپ، كىچىكپ قالغانلىقتىن ماشىنا توختىدىغان ئورۇن تاپالمىغان. ئۇنىڭ دوسىتى بىل گايتىسقا ماشىننى يۇقۇرى باھالىق ماشىنا توختىشى ئورنىغا قويۇپ يىغىنغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان،بىراق بىل گايتىس بەك قىممەت ئىكەن 12 دوللار بەك يۇقۇرى بولۇپ كىتىپتۇ بۇ ياخشى باھا ئەمەس دەپ ماشىنا توختىتىشقا قوشۇلمىغان.ھەتتا دوستى مەن تۆلەيمەن دەپ تۇرۋالسىمۇ بىل گايتىس قەتئى قوشۇلمىغان.ئۇنداق بولسا بىل گايتىسنىڭ بۇ رايۇندا ماشىنا توختىتىشقا قوشۇلماسلىقدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نىمە ؟ بۇ ناھايتى ئاددى بولۇپ بىل گايتىس بىر تالانتلىق مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سالايىتى بىلەن قانداق جايدا پۇل خەجلەش كېرەكلىكنى ئېنىق بىلگەن. بۇخۇددى تاماققا تۇزنىڭ مۇۋاپىق بولىشى،كۆپ بولۇپ قالسا تاماقنىڭ تۇزلۇق شاكراپ بولۇپ كىتدىغانلىقى، ئاز بولغان تاماقنىڭ تۇزسىز تەمسىز بولۇپ قالدىغانلىقغا ئوخشاشلا گەپ. يەنى پۇلنىڭ سانى قانچىلىك بولشىدىن قەتئى نەزەر چوقۇم ئىشلىتىشكە تىگىشلىك ئورۇنغا ئىشلىتىلىش ، ئىشلىتىلگەن شۇ پۇلنىڭ چوقۇم ئۆز قېمىتنى جاراى قىلدۇرشى كىرەكلىكنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ. ھەرقانداق ئادەم قولدىكى چەكلىك مەبلەغنى مۇۋاپىق ئورۇنغا ئىشلەتكەندىلا ئۇنىڭدىن چەكىسز بايلىق ياراتقىلى بولدىغانلىقدىن ئىبارەت بىر قانۇنىيەتنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.
|