كەچ قارايدى كەچلىك تاماقنى بالدۇرلا پىشۇرۇپ ئولتۇرغان ياڭ فامىللىك يولدىشىنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئەنسىرىدى بولغاي بىردەم سىرتقا چىقسا بىردەم ئۆيگە كىرىپ تۇردى. --كۈندە بۇ ۋاقىتلاردا ئۆيگە كىلىپ بولاتتى، بۇگۇن ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇر ھە، ياڭ فامىللىك شۇلارنى ئويلاپ سىرتقا چىقىپ ئولتۇرۇپمۇ باقتى ئەمما سىرت ئىنتايىن سوغۇق بولغاچقىمىكىن ياڭ فامىللىك ئازراقلا تۇرۇپ يەنە ئۆيگە كىردى. شۇنداق قىلىپ ياڭ فامىللىك ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تاڭنىمۇ ئاتقۇزىۋەتتى. --چوقۇم بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچرىغان گەپ ،بولمىسا بۇنداق يوقاپ كەتمەيتى ، ياڭ فامىللىك شۇلارنى ئويلىدى دە كىيىملىرىنى ھاپىلا–شاپىلا كەيگىنىچە قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا يول ئالدى. --يولدۇشۇم كونا تۆمۈر تەسەك ئالاتتى، تۇنۈگۈن ئەتىگەن چىقىپ كەتكەن پېتى تا ھازىرغىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى، يولدىشدىم ئەزەلدىن سېرتتا قونۇپ قالمايتى، شۇڭا يولدىشىمنىڭ ئىز–دېرىكىنى قىلىپ باقساڭلار دېدى ياڭ فامىللىك كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا. جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى ياڭ فامىللىكتىن يولدىشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگەللەپ بولغاندىن كىيىن ياڭ فامىللىكنى ئۆيگە قايتىپ خەۋەر كۈتۈپ تۇرىشىنى ئېيىتتى. ياڭ فامىللىك كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغىنىچە ئۆيگە يول ئالدى . جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى ياڭ فامىللىكنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىۋاتقان پەيىتتە بىرەيلەن قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا تېلفۇن قىلىپ قەشقەر شەھەر مورتۇم ئەتراپىدا بىر دانە ئۈچ چاقلىق توكلۇق ھارۋا بىلەن جەسەت بايقالغانلىقى توغرىسىدا دېلو مەلۇم قىلدى . جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى شۇ ھامانلا نەق مەيدانغا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ ۋاڭ فامىللىك ئىكەنلىگىنى مۇقۇملاشتۇردى دە تېخنىكىلىق رازۋىتكا قىلىپ ئەتىسىلا جىنايەت گۇماندارلىرى كامىل بىلەن غۇلامنى قولغا چۈشۈردى . ئىككەيلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا تىزلا قولغا چۈشۈپ قېلىشىنى ئويلىمىغاچقا چاچلىرىنى قاماللىغىنىچە ئولتۇرۇپ قېلىشتى. كامىل (22 ياش ) ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىنىڭ مەلۇم كەنتىدىن بولۇپ تولۇقسىزلا ئارانلا پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم باستى. كامىل ئاتا–ئانىسىغا ياردەملىشىپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. كامىل بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتماقچى بولدى دە ئۇيان چۆگلەپ–بۇيان چۆگلەپ ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىش ئىزدىدى، شۇنداق قىلىپ كامىل مەلۇم بىر پاختا زاۋۇتىنىڭ ئامانلىقىغا قارايدىغان خىزمەتكە مەسئۇل بولدى. كامىل يېڭى خىزمەت ئورنىغا كەلگەندىن كېيىن ياخشى ئىشلەپ زاۋۇتنىڭ ئامانلىقىنى جان پىدالىق بىلەن قوغدىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان ئۇ زاۋۇتنىڭ ئۆزىگە بېرىدىغان ئايلىق پۇلىغا رازى بولمىدىمۇ قانداق تەرلىمەي پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشتى. كېچە، ئەتراپ ئىنتايىن جىمجىت ئىدى، كامىل دىجۇرنىخانىدا ياتقاچ پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشتى . كامىل ئۇيان ئويلاپ–بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئوغۇرلۇق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى، ئەمما كامىل بۇ ئىشتا يالغۇز ھەركەت ئېلىپ بېرىشنى خالىمىدى بولغاي دوستى غۇلامنى يانغا تارتماقچى بولدى. --ۋەي، غۇلامما؟ قەيەردە سەن ئاداش، دەرھال پاختا زاۋۇتىغا كەلسەڭ بوپتىكەن، مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار ئىدى. غۇلام دوستىدىن كەلگەن تېلفۇننى قويۇپلا شۇ ھامان زاۋۇتقا يول ئالدى. --نېمە ئىش بار ئىدى ئاداش بۇنچە كەچ دەيدىغان دېدى غۇلام دوستى كامىل بىلەن دىجۈرنىخانىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ. --قارا ئاداش، بىز قاچانغىچە مۇشۇنداق غورىگۇل تۇرمۇشتا ياشاۋېرىمىز، بىزنىڭمۇ ئىككى قولىمىز ساغلام بولغاندىكىن بىرەر ئىش قىلىپ تۇرمىشىمىزنى ياخشىلىساق دەيمەن. --قانداق قىلىپ تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلايمىز دېدى غۇلام كۆزلىرىنى كامىلدىن ئۈزمەيلا. --ئوغۇرلۇق قىلساقمىكىن دېدى كامىل كۈلۈپ تۇرۇپ. --نېمە؟ ئوغۇرلۇق قىلامدۇق، ياق، ياق، مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمايمەن، ئەگەر قىلىدىغان ئىشىڭ بولسا ئۆزەڭ قىل دېدى غۇلام قەتئى نىيەتتە. --ئوغۇرلۇق قىلىشنى خالىمىساڭ، تۆمۈر ئالىدىغان بىر ئەسكىپۇرۇشنى تونۇيمەن،ئۆتكەندە قارىسام ئۇنىڭ يانچۇقىدا يەتتە–سەككىز مىڭ يۈەندەك جىق پۇللار تۇرىدۇ، بولمىسا شۇ ئەسكىپۇرۇشنى ئۇرۇپ يارلاندۇرۋېتىپ ياكى بىراقلا ئۆلتۈرۋىتىپلا سۇغا تاشلىۋەتسەك ياكى يەرگە كۆمىۋەتسەكلا بولمىدىمۇ دەپ مەسلىھەت سالدى. غۇلام دوستىنىڭ كۆزىگە بىر قاراۋەتكەندىن كېيىن قېنى ئەتە بولۇپ باقسۇن دېگىنىچە ئۆيگە يول ئالدى. ئەتىسى كامىل ئورنىدىن تۇرۇپلا تۆمۈر ئالىدىغان ئەسكىپۇرۇشقا تىلفۇن قىلىپ ئۆزىدە 500 كىلوگىرام ئەتراپىدا تۆمۈرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىۋىدى، ۋاڭ فامىللىك بىر سائەتكىچە بارىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. كامىل خۇشاللىقىدىن غۇلامغا تېلفۇن قىلىپ زاۇۋتقا تىزدىن كېلىشنى ئېيىتتى، غۇلام دوستىنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلغان بولسا كىرەك شۇ ھامانلا زاۋۇتقا ئۈندى. --ئاخشام دېيىشكەچ ئىشنى ئويلاشتىڭما دېدى كامىل غۇلامنىڭ يەلكىسىگە يىنىككىنە ئۇرغاچ. --كاللامدىن تازا ئۆتمەيۋاتىدۇ دېدى غۇلام بوش ئاۋازدا كامىلغا قاراپ. --نېمىشقا كاللاڭدىن ئۆتمەيدىغاندۇر ئاداش، مەن تۇرسام نېمىدىن قورقاتتىڭ؟ ئىككىمىزنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگىنىنى كىم بىلەتتى دېدى كامىل يۈرەكلىك بىلەن، دوستىنىڭ سۆزلىرىدىن غۇلامغا جان كىردى بولغاي تۆمۈر ئالىدىغان ئەسكىپۇرۇش قاچان كېلىدۇ دېدى يۇقۇر ئاۋازدا، مەن ھېلىراقتا تېلفۇندا كۆرۈشتۈم، ھەق ئېلىش پونكىتىغا ئاز قاپتۇ، تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا كېلىپ بولىدۇ دېدى كامىل غۇلامغا قاراپ ھېجايغىنىچە. --ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قانداق قول سالىمىز دىدى غۇلام كامىلنىڭ كۆزىگە تىكىلگەچ ، كامىل دوستىنىڭ سۆزلىرىدىن خوش بولسا كىرەك دىجۇرنىخانىدىن كەكىنى ئېلىپ چىقتى دە بادرىدىن بىرنى تېپىپ كالتەك ياسىغاچ ، --قارا ئاداش دەپ سۆز باشلىدى كامىل ياسىغان كالتەكنى ئوينىتىپ، سەن ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرىسەن، مەن تۆمۈر ئالىدىغان ئەسكىپۇرۇشنى ھاجەتخانا تەرەپكە باشلاپ ماڭىمەن، سەن شۇ ھامان كەينىدىن كىلىپ كالتەك بىلەن بېشىغا ئۇرىسەن دېدى كامىل كالتەكنى غۇلامغا تەڭلىگەچ، شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولۇشتى دە دىجۈرنىخانىغا كىرىپ بىرەر تالدىن تاماكا چېكىشكەچ پاراڭغا چۈشۈشتى. ئالىھىزەل 10 مىنوتلاردىن كېيىن كامىل دېرىزىدىن تۆمۈر ئالىدىغان ئەسكىپۇرۇشنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردى بولغاي خۇشاللىقىدىن. --ئاداش ئاداش، ئۇ كەلدى، سەن دەرھال ھاجەتخانىغا كىرىپ كالتەكنى تۇتۇپ تۇر، مەن ئۇنى باشلاپ كىرەي، سەن ئۇنىڭ بېشىغا كىلىشتۈرۇپ ئۇرساڭلا قالغان ئىشلارغا مەن بار دېدى كامىل خۇشاللىقىدىن، ئۆمرىدە بىرەر ئادەم بىلەن تاكاللىشىپمۇ باقمىغان غۇلام سەل قورقتىمۇ قانداق كەينىگە داجىپ تۇرۇپ. --مەن ئادەم ئۇرۇپ باقمىغان، قورقىدىكەنمەن، ئەسكىپۇرۇشنى مەن باشلاپ كىرسەم سەن قول سالساڭ بوپتىكەن دېدى غۇلام دوستىغا يېلىنغان ھالدا، كامىل دوستىنىڭ يۈرەكسىزلىكىدىن پىلاننى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى دە ئەسكىپۇرۇشنى ئۆزى باشلاپ زاۋۇتتىكى تاشلىنىپ تۇرغان تۆمۈرلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، ئەسكىپۇرۇش تۆمۈرلەرنى جىڭلاشقا كىرىشتى، بۇ چاغدا كامىل ئەسكىپۇرۇشنىڭ قېشىغا كېلىپ، سېنىڭ ئاتۇشقا چىقىپ تۆمۈر سېتىۋالىدىغانلىقىڭنى باشقىلار بىلەمدۇ دەپ سورىۋىدى ئەسكىپۇرۇش ياق دەپلا جاۋاپ بەردى . كامىل بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرغاچ ئالدىن تەييارلاپ قويغان كەكىنى قولغا ئالدى دە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۆمۈرلەرنى جىڭلاۋاتقان ئەسكىپۇرۇشنىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇردى دە يېنىڭدىكى پۇلنى چىقار دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭ يان تېلفۇننىمۇ ئېلىۋالدى. تۇيۇقسز يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قورقۇپ كەتكەن ئەسكىپۇرۇش ھاپىلا–شاپىلا يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ كامىلغا تەڭلىدى، ئىككەيلەن ئەسكىپۇرۇش بەرگەن پۇللارنىڭ ئازلىقىدىن نارازى بولۇشۇپ قوللىرىغا چىققان نوتۆمۈر، كەكە بىلەن ئۇنى يەنە ساۋىداپ پۇل چىقىرىشقا ئۈندىدى. پۇل بېرىپلا قېچىشنى ئويلىغان ئەسكىپۇرۇش مىڭ تەسلىكتە قويۇن يانچۇقىدىن 600 يۈەننى ئېلىپ ئۇلارغا تەڭلىدى، كامىل كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا پۇلغا نەزەر سالغاچ ئەسكىپۇرۇشقا قاراپ يېنىڭدىكى پۇللارنىڭ ھەممىنى چىقار بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن دەپ جار سالدى. قورقۇپ تۈگۈلۈپ كەتكەن ئەسكىپۇرۇش سومكىسىدىكى 50 يۈەنلىك پۇللارنىڭ ھەممىسىنى كامىلغا تۇتقۇزدى. كامىل بىلەن غۇلام ئەسكىپۇرۇشنىڭ ھەممە پۇلنى چىقارمىغانلىقىدىن ئاچچىقى تۇتقان بولسا كىرەك ئۇنى يەنە ئۇرۇشقا باشلىدى، توختاۋۇسىز تىگىۋاتقان تاياققا چىدىمىغان ئەسكىپۇرۇش ئاخىرى يەرگە يىقىلىپ خارقىراشقا باشلىدى. ئىككەيلەن شۇ چاغدىلا ئۇرۇشنى توختاتتى دە ئەسكىپۇرۇشنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ پۇللارنى ئالغاندىن كىيىن پۇت-قوللىرىنى باغلاپ قاپنىڭ ئىچىگە سالغاچ قاپنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئەتتى، بۇ ۋاقىتتا ئەسكىپۇرۇش ئاللىقاچان جان ئۈزگەن ئىدى. ئىككەيلەن نەخ مەيداننى بىر قۇر تازىلىغاندىن كىيىن جەسەتنى توكلۇق ھارۋىغا سېلىپ قەشقەر شەھرىنىڭ مورتۇم ئەتراپىدىكى قومۇشلۇققا تاشلىدى دە ئۈستىگە يېشىك پارچىلىرىنى تاشلاپ، موتوسىكىلىتنى بىر ئازگالغا تاشلىغىنىچە ئۆيلىرىگە قايتىشتى. دېمەك جىنايەت گۇماندارلىرى كامىل بىلەن غۇلام بىرلىشىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ، 2352 يۈەن پۇلنى بولىغانلىقى ئۈچۈن 5–دېكابىر قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈپ توختىتىلىپ، رايون تەۋەلىكى بويىچە 8–دېكابىر ئاتۇش شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 19–دېكابىر جىنايەت گۇماندارلىرىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. |