2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار توختىنىڭ كرېدىت كارتوچكىسى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقىپ جاۋابكار توختىغا مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، جازانى ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈشكە، قۇشۇمچە 30مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىدى. توختى بۇگۈر ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بۇلۇپ، دېھقانچىلىقتىكى ئارسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قوشۇمچە ئۇششاق تىجارەت قىلاتتى، 2008-يىلى 5-ئايلارنىڭ بىر كۈنى ئۇ تىجارەت قلىشقا پۇلى كەملەپ قېلىپ شۇ يېزىدىكى دوستلىرى ئەخمەت، مەمەت، سەمەتلەردىن قەرز پۇل سوراپ باردى، بۇ ۋاقىتتا كونىلارنىڭ « ئۆزىدە يوق، ئالەمدە يوق» دېگىنىدەك ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇردىغانلار چىقماي، ھەممىسى سىلىق-سىپايە گەپلەر بىلەن ئۇنى يولغا سالدى، بىراق توختى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي ئۇلارنىىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى سوراپ ئېلىپ، بانكا كرېدىت كارتا بېجىرىش جەدۋىلىگە يۇقىرىقى دوستىلىرىنىڭ ئىشلەيدىغان ئىدارىسىدىن تامغا باستۇرغۇزۇپ بانكىغا بېرىپ، ئاۋال پۇل چىقىم قىلىپ ئىشلىتىپ، كېيىن پۇلنى قەرەلىدىكى ئۈچ ئاي ئىچىدە قايتۇرسا بولدىغان كرېدىت كارتىسى بېجىردى ھەم بۇ ئۈچ دوستىنىڭ نامىدا بانكىدىن 10مىڭ يۇەن نەق پۇلنى ئېلىپ تىجارىتىگە ئىشلەتتى. بىراق بۇ پۇللارنى ۋاقتىدا بانكىغا قايتۇرماي ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرىۋەردى. ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بانكا يۇقىرىقى ئۈچ ئادەمگە قەرىز سۈيلەش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتتى، بۇ ئۈچى بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ دوستى توختىنى ئىزدەپ ،ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بۇلۇپ، بانكىدىن ئالغان پۇلنى تېزاراق قايتۇرۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ توختى پىسەنىت قىلىمدى، ئاخرى 2011-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە توختى ج خ ئىدارىسى خادىملىرى ئارقىلق بانكا قەرزنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمى بۇلۇپ 22مىڭ يۇەننى قايتۇرغان بولسىمۇ، قلىمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنگەچكە جاۋابكار توختى « جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196-ماددىسىدكى كرېدىت كارتۇچكىسى ئالدامچىلق جىنايىتى بىلەن سوتتا ئەيىپلىنىپ مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ جازانى ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈشكە، قۇشۇمچە 30مىڭ يۇەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلىندى. شۇندىلا توختى ئۆزنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلىپ، قاتتق ئۇھ تارتتى ھەم تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەجىرسىز ھالاۋەتنىڭ ھامان بىر كۈنى سۈرۈشتۈرۈلمىسى بولدىغانلىقىنى ھەقىقي چۈشىنىپ يەتتى. سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |