خىزمەتچىلەر يىىللىق ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلمىسا ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەن بولامدۇ؟
ئابلەت مەلۈم ئائىلە سايمانلىرى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، ئالدىنقى يىلى، ئائىلە سايمانلىرى شىركىتى ئابلەتكە يىللىق ئارام ئېلىش بەرمىدى، ئابلەتمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىللىق ئارام بېرىشىنى تەلەپ قىلسا، خوجايىننىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يىتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىللىق ئارام بېرىشنى تەلەپ قىلالمىدى. بۇ يىل 5- ئايدا ، شىركەت بىلەن زىدىيەتلىشىپ قېلىپ، ئاچچىقىدا ئىستىپا بېرىپ،شىركەتتىن ئالدىنقى يىلى ۋە بۇ يىلقى يىللىق ئارام ئېلىشى ۋاقتىغا قارتا 300% ئىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بىراق شىركەت ئالدىنقى يىلى ئابلەتنىڭ تەشەبۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلمىغانلىقىنى ئۆزلىكىدىن ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قاراپ، تەلپىنى رەت قىلىپ، بۇ يىلقى يىللىق ئارام ۋاقتىغا قارتا 300% ئىش ھەققى بەردى، ئابلەت قايىل بولماي ئەمگەك ماجرالىرى كىسىم كومتىتىغا ئەرىز قىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكى يىللىق ئارام ئېىش ۋاقتىغا قارتا 300% ئىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قلىدى، ئەمگەك ماجرالىرى كىسىم كومتىىتى سوتلاپ كۆرۈپ ئابلەتنىڭ تەلپىنى قوللىدى.
تەھلىل: « ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىش نىزامى » نىڭ 5- ماددىسىسدا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كونكىرىتىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەم خىزمەتچنىڭ خاھىشى بويىچە بىرتۇتاش يىللىق ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، يىللىق ئارام ئېلىشنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ ھەم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەجبۇرىي ۋەزىپىسى، خىزمەتچىلەر چۇقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغاندىلا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. خىزمەتچىلەر تەلەپ قىلمىسىمۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چۇقۇم ئورۇنلاشتۇرشى كېرەك، خىزمەتچىلەر تەلەپ قىلمىسا ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچتى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئورۇنلاشتۇرغان ، ئەمما خىزمەتچىلەر ئۆزلىكىدىن ئارام ئالمايدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا، بۇخىل ئەھۋالدا تەرەپلەر يازمىچە بېكىتىش كېرەك، بولمىسا ماجرا يۈز بەرگەندە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يىللىق ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتنى تەمىنلىيەلمەي پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەنبە : ۋولقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى