كۇچار ناھىيەسىدە تاتار مائارىپچىسى سۇفىيە ئىبراھىم قىزى ئاگىيىېۋانىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللار مائارىپنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدۇ.
سۇفىيە ئىبراھىم قىزى ئاگىيىېۋا 1902-يىلى چار رۇسىيەنىڭ قاسىم شەھرىدە ئىبراھىم ئاگىيىېف دېگەن تاتار دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1917-يىلى موسىكۋا گىمنازىيە (ئوتتۇرا مەكتەپ) سىنىپىنى تاماملاپ، بىر يىتىملار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدى. 1920-يىلى مەرغۇلانلىق ئۆزبىك سودىگەر ئەززەمخان تۆرە بىلەن توي قىلىپ، 1925-يىلى شىنجاڭنىڭ كۇچار ناھىيەسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1935-يىلى كۇچار ناھىيەسىدە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، بۇ جايدىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ناھىيە بازىرىدا قىزلار مەكتىپى قۇرماقچى بولدى. بۇ دەۋىردە كۇچادا يېڭىچە مائارىپ ئەمدى باشلانغان بۇلۇپ، قىزلارنى ئوقۇتۇدىغان ئايال ئوقۇتقۇچى يوق ئىدى. سۇفىيە خانىمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقدىن خەۋەردار بولغان زاتلار ئۇنى قىزلار مەكتىپىنى قۇرۇپ مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ھەم كۆچ ئېرىق بويىدىكى بوش تۇرغان كونا دىنى مەكتەپنى ئۆزگەرتىپ ھەم كەڭ دېرىزىلەرنى بېكىتىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇشقا لايىق مەكتەپكە ئايلاندۇردى. سۇفىيە خانىم يولدىشى ئەززەمخان تۆرىنىڭ بىر ياندىن قوللىشى ئارقىسىدا، جان دىلى بىلەن ئىشقا كىرىشتى. ئۇ كۈندۈزى ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، قىزلارنى مەكتەپكە تىزىملىسا، كېچىسى ئۆزى قازان شەھىرىدىن ئېلىپ كەلگەن تاتارچە دەرسلىك كىتاپلاردىن ۋە ئابدۇللا توقاينىڭ ھەم باشقا يازغۇچىلارنىڭ كىتاپلىرىدىن پايدىلىنىپ، دەرسلىك ماتىرياللىرىنى تۈزۈپ چىقتى. دەرس باشلانغۇچە ئەللىك قىزنى مەكتەپكە تىزىملىدى. مەكتەپ ئېچىلغاندىن كېيىن، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ، ھېساپ، تىل-ئەدەبىيات قاتارلىق پەننى دەرسلەرنى ئوقۇتۇش بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىبادەت قائىدىلىرىنى، قىرائەت سۈرىلىرىنى ئۆگەتتى. يەنە يىڭنە ئىشلىرىدىن، كىيىم-كېچەك تىكىش، دوپپا تىكىش، كانۋا ۋە تۈرلۈك گۈل-نەقىشلەر ئىشلەنگەن، رەشىلىيە چېكىلگەن، چىلتەر تۇتۇلغان ئائىلە بۇيۇملىرىدىن ياستۇق قاپ، كيىىم ياپقۇچ، پەردە قاتارلىقلارنى ئىشلەشنى ئۆگىنىدىغان قول-ھۈنەر سەنئەت دەرسلىكىنى تەسىس قىلىپ ئۆگەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزلا ساۋاتى چىقىپ، خەت يېزىپ ئوقۇيالايدىغان، ئايەتلەرنى قىرائەت قىلالايدىغان بۇلۇپ، خەلقتە زور تەسىر قوزغىدى. سۇفىيە خانىم كۇچاغا كېلىشتىن ئاۋال، كۇچا ناھىيەسىدە ئىلمە-تۇقۇلما، ھۈنەر-سەنئەت، كەشتىچىلىك تار دائىرىدىلا بۇلۇپ، ئانچە ئومۇملاشمىغانىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يىڭنە ئىشلىرىنى رەسمى دەرس قىلىپ ئۆتۈشىدىن كېيىن، قىز-ئاياللارنىڭ قول ھۈنەر سەنئەت ئىشلىرى ئومۇملىشىپ كەڭ تارقالدى. بۇلار يەرلىك ئاھالىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە ئۇيغۇر مىللى گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ قىزلار مەكتىپىنى كۇچا ناھىيلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ، ئۇيۇشما ئىقتىسادى جەھەتتىن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالدى. سۇفىيە خانىم مەكتەپ مۇدىرى ھەم ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەپ، ماتىماتىكا، جۇغراپىيە، تەبىئەت، تارىخ دەرسلىرىنى كۆپەيتىپ كىرگۈزدى. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار يىلسىرى كۆپەيگەنلىكتىن، سۇفىيە خانىم دەرسكە يېتىشەلمەي، بىر تۈركۈم تاتار مۇئەللىملىرىدىن مەريەم خانىم ۋە قىزلىرىدىن زەكىيە بىلەن ئەلفىيەلەر، مۇكەررەم خانىم، شەكۈرە خانىم، خەدىچە ئادۇلخەلەقى (ئۆزبېك) خانىلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شۆھرىتى ئېشىپ، ئوقۇغۇچىلار 4 سىنىپقا يەتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى تېز يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆزلۈكسىز تەربىيلەپ تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن رەيھانەم، ئەختەرنىساخان،مەلىكە، نەرزىپەلەرنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىشلەتتى. 1938-يىلى كۇچا ناھىيلىك ئۇيغۇر مەدەني ئۇيۇشمىسى ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان جىددى ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، قىسقا مۇددەتلىك ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش كۇرسىنى ئاچماقچى بولدى. سۇفىيە خانىمنىڭ قولىدا 4 يىل ئقۇغان 43 ئەلاچى قىز كۇرسقا قۇبۇل قىلىندى. سۇفىيە خانىم كۇرس مۇدىرى ھەم گىرامماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولدى. شەكۈرە خانىم ھېساپ، ماتىماتىكا دەرسىنى، ئابلىمىتخان سىياسەت ۋە جۇغراپىيە دەرسلىرىنى، ئەھەت نايىپ جەمىيەت دەرسىنى، ئابدۇراخمان سەيىپلەر پىداگوگىكا دەرسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئىككى ئاي جىددى تەربىيلەش جەريانىدا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان ئالدى ۋە پىراكتىكا قىلدۇردى. ئوقۇش تاماملىغان بۇ ئوقۇغۇچىلار يېزا كەنىتلەردىكى يىگىرمە نەچچە ئورۇندىكى يېڭى ئېچىلغان قىزلار مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ، كۇچا ناھىيەسىدە قىزلارنى ئوقۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەسلىسى ئاساسەن ھەل بولدى. ئەينى ۋاقىتتا سۇفىيە خانىم 4 يىل ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولالىشى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ئىدى. ئۇزۇندىن بۇيان مۇستەبىت فىئۇدال ھاكىمىيەتنىڭ ۋە كونا ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا ھوقۇقسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ساۋاتلىق بولۇشى بىر مەسىلە ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا ياشىغان خانىم-قىزلار سۇفىيە خانىمنىڭ جان پىدالىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا مائارىپتىن بەھرىمەن بۇلۇپ، جەمىيەتتە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا يۈزلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇفىيە خانىم ساۋاتسىزلىق تۈگىتىش كەچ كۇرسلىرىنى ئېچىپ، چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويدى. خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ئۆسۈپ، قىزلارمۇ ئۇيۇن سەھنىلىرىدە روللارغا چىقالايدىغان بولدى. 1938-يىلى سۇفىيە خانىمنىڭ يولدىشى ئەززەمخان تۆرە جاللات شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. سۇفىيە خانىم ئۈچ پەرزەنتى بىلەن قېلىپ، بۇ ئېغىر مۇسىبەتنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنى كۇچا ئۇيغۇر قىزلىرىنى تەربىيلەشكە بېغىشلاشتەك يۈكسەك دەرىجىدىكى ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى. سۇفىيە خانىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ مەكتەپ تېز تەرەققى قىلىپ، 1935-يىلىدىن 1943-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 14 سىنىپلىق مەكتەپكە ئايلاندى. سۇفىيە خانىم بارلىقىنى مائارىپقا بېشىلاپ، جاپالىق ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆپكە تۇبىركىليۇز كېسىلى ئېغىرلىشىپ، 1946-يىلى مەكتەپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، دەم ئېلىشقا چىقتى. 1950-يىلى 15-يانۋاردا 48 يېشىدا كۇچادا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىغان كۇچا خەلقى قايغۇ ھەسرەت ئىچىدە ماتەم تۇتۇپ، ئۆز ھاياتىنى كۇچا خانىم-قىزلىرىغا بېغىشلىغان تاتار مائارىپچىسىغا ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. |