نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل

يوللانغان ۋاقتى: 14:36 05-03-2011 مەنبە: 7قىزلىرىم مۇنبىرى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى ، مىللى قەھرىمان ، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل 1925 - يىلى قازاقىس

       ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى ، مىللى قەھرىمان ، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چىلەك رايۇنىدا تۇغۇلغان . دادىسىنىڭ ئىسىمى ھاشىم ئاخون ، ئاپىسىنىڭ ئىسمى مەريەمخان بولۇپ ، دادىسى يۇڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى .
       1932 - يىلى رىزۋانگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجا شەھىرىگە ( پۇشمان مەھەللىسىگە ) كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . 1933 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە غۇلجىدىكى شەرق مەكتەپ ۋە ئۈمۈت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان . 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مىللى قىزلار مەكتەپ بوغالتىرلىق كەسپىي سىنىپىدا ئوقۇغان .1943 - يىلى ئوقۇش پۈتتۇرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان .
       رىزۋانگۈل مەرىپەتپەرۋەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولغان . ئۇ ئائىلىسىنىڭ بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان ، ئۆتكۈر پىكىرلىك ، كەمسۆز ، لېكىن دىگىنىنى قىلىدىغان ، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان قەيسەر قىز بولۇپ يېتىشكەن . ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆكتەملەر ئاجىزلارنى بۆزەك قىلىدىغان ، نارسىدە قىزلارنى مەجبۇرى ئەرگە بىرىدىغان ، ئاياللارنى خورلايدىغان ئەھۋاللارنى كۆرگەندە ئۇ ئىشلارغا ھىچ ئىككىلەنمەي قارشى تۇراتتى .
       رىزۋانگۇل پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ يۇرگەن كۈنلەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى باشلاندى . ئىنقىلاپ باشلىنىپ ئالتىنچى كۇنىلا رىزۋانگۈل بىرقانچە دوسلىرى بىلەن پىدائىي بولۇپ جەڭگە قاتناشتى . ئۇ پىدائىي سېپىگە كىرگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن قىسىمنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى بولۇپ قانلىق جەڭلەرگە قاتناشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربى قائىدە ۋە قورال ئىشلىتىشنى قېتىرقىنىپ ئۈگەندى . ئۇ دائىم : << دۇشمەن بىلەن ئەرك ئۇچۇن جەڭ قىلىۋاتقان ۋەتەننىڭ ئوغلانلىرى بولسا ، بىز ۋەتەن قىزلىرى . قىزلارمۇ قولىغا قورال ئېلىپ ئالدىنقى سەپكە بېرىشى كېرەك >> دېسە ، ھەمىشىرە قىزلارغا :<< فاشىزىمغا قارشى كۇرەش قەھرىمانى روس قىزى زويادەك بولايلى >> دەيتى . رىزۋانگۇل جەڭ مەيدانلىرىدىكى جاپا مۇشەققەتنى يېڭىپ ، ئۆلۇمگە پىسەنت قىلماي ، مولدۇردەك يېغىۋاتقان دۇشمەن ئوقلىرى ئارىسىدا قەھرىمانلارچە يۈگۇرۈپ يۈرۈپ يارىدار جەڭچىلەرگە شەپقەت يەتكۈزدى . ئۇ جەڭلەردىكى ئاجايىپ جاسارىتى ۋە يارىدار جەڭچىلەرگە بولغان كۆيۈمچانلىقى بىلەن كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ شەپقەتلىك ، مىھرىبان ھەمشىرىگە ئايلانغان ئىدى .
رىزۋانگۇل 1945 - يىلى 13 - يانۋاردا ھەرەمباغ ئەتراپىدىكى شىددەتلىك جەڭدە ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىلانغان ئۇچ جەڭچىنىڭ يارىسىنى ئارقا - ئارقىدىن تېڭىپ بىخەتەر جايغا ئاپىرىۋېتىپ ، ئارقىغا قاراپ خەۋپلىك جايدىكى تۆتىنچى جەڭچىنىڭ يىنىغا كېتىۋاتقاندا دۈشمەن ئاتقان ئەجەللىك ئۇق بىشىغا تىگىپ قەخىرىمانلارچە قۇربان بولدى . ئۇ قۇربان بولغاندا ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلىمى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ . ئۇنىڭ نامى ۋەتەن، مىللەت ئۇچۇن قان تۆككەن مىڭلىغان ئوت يۈرەك ئوغۇل -قىزلىرىمىز قاتارىدا تارىخ بېتىگە مەڭگۈلۈك يېزىلدى .

         مىللى قەھرىمان رىزۋانگۈل باتۇرانە ئىش ئىزلىرى بىلەن ئەينى دەۋر جەڭ مەيدانىدىكى ھەر مىلەت ئوغۇل قىز جەڭچىلەرنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولۇپلا قالماي ، ھازىرقى دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭمۇ ئۈگىنىش ئۈلگىسىدۇر . ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭگە كىرمەي شۇ چاغدىكى يۇقۇرى بىلىمى بىلەن ئارقا سەپتە تۇرۇپمۇ بۇ ئىنقىلاپتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئىدى ، لېكىن ئۇنىڭدىكى مىللى غورۇر ، ۋەتەن ئانا زىمىن ئۇچۇن ياش تۆكەلەيدىغان ، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىدىمايدىغان باتۇرانە روھى بۇنىڭغا يول قويمىدى . ئۇ بىر باتۇر ، قەھرىمان ، مەردانە ئۇيغۇر قىزى . ئۇ بۇرۇن ، ھازىر شۇنداقلا كەلگۇسىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىمىز ئۇچۇن مەڭگۈلۈك ئۈگىنىش ئۈلگىسى ۋە بايراق بولغۇسى

 

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر