تارىخ بەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىخ بەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى:
ئاماننىساخان (1534 - 1567)ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى تالانتلىق شائىر ، مەرىپەتچى ، ئىستىداتلىق مۇزىكانىت . ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى تۇنجى بولۇپ رەتكە سالغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان . مايمىخان (1812 - 1830)غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830 - يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن . نۇزۇگۇم (1808 _ 1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم ، 1826 - يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلىمىغا قارشى خەلىق قوزغىلىدا ئىلى جىياڭجۈنىگە سۈرگۈن قىلىنغان . مانجۇ ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي ،توي كىچىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ ، 6 ئاي قۇمۇشلۇقتا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ، 3 ئاي زىندانغا سولانغان .1827 - يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن . مايسىخان ئۇيغۇر قىزى مايسىخان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرسى.ئۈچتۇرپان ئاقتوقاي باغرىغا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئابىدە قىلىنغان "يەتتە قىزلىرىم" مەقبەرىسى دەل مايسىخاننىڭ مەقبەرىسىدۇر . زۇلەيخان بىگىم - 17ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر . راھىلە خانىم - 1860 )يىللىرى )ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى . " ھۈسەيىنيە " مەكتىپىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن . ئايخان ئانا - 1888)يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 - 1934 - يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكە " ئايخان ئانا مەكتىپى " دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن . شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقات ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا تىرە يۇڭ توقۇمچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .1922 - يىلى رىزۋاگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆچۈپ غۇلجىغا كۈچۈپ كىلىپ 1940 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇپ ، غولجىغا قايتىپ ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ . -1943 يىلى 1- ئاينىڭ 13 - كۈنى ھەرەمباغ لەڭشاڭ رايۇنىدىكى بىر جەڭدە شىددەتلىك ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولىدۇ . ئايشەمخان -1945 يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جەنۇبىي يۆنىلش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن . يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مولجەر تاغ باغرىنىڭ شىمالى يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخى مەنبەلەردىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى چىيەنلۇڭنىڭ 30- يىللىرى ( مىلادى 1765 - يىلى ) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۇز بەرگەن ئاكا - ئۇكا ( بەزى مەنبەلەردە ئاتا - بالا دىيىلىدۇ ) رەخمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىغىدىكى دىخانلار قوزغىلىڭىنىڭ ( جىگدە يىغىلىغى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر . ئۇچتۇرپان دىخانلىرى رەخمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ رەھبەرلىگىدە يىرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئېنقىلاپچىلارنىڭ ئۇچتەن بىرى قىرغىن قىلىنىدۇ ، 10 مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۇرگۇن قىلىنىدۇ ، بارلىق بالايى ئاپەت يۇرتتا قالغان قىزلارنىڭ بىشىغا كېلىدۇ .ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ ۋە ھاكىمبەگ ئابدۇللا ۋەكىللىگىدىكى مانجۇ ھوكۇمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن دەھشەتلىك يۇرگۇزىۋاتقان زۇلۇمغا چىدىمىغان بىر تۇركۇم ئەر - ئايال ئاخىرى رەخمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ تاغ ، جىلغا ، ئورمانلىقلاردا يوشۇرنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ . مانا بۇ تارىختىكى « مايسىخان جىڭى » دۇر. ئېتىلىشىچە بۇ قېتىمقى جەڭ ئۈچ ئاي داۋام قىلىپ ، مايسىخان بىلەن غۇنچى قىز باشچىلىغىدىكى يەتتە نەپەر ئايال قەھىرمان دۇشمەننىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بولىدۇ .كېيىن كىشىلەر بۇ يەتتە نەپەر قەخىرمان قىزلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن مولجەر تىغىنىڭ غەربى شىمالىغا « يەتتەقىز مەقبەرەسى » نى ياساتقان ئىكەن . 1942 - يىلى ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بولۇپ تۇرغان لىنجىلو ( ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلاۋى قۇربانلار بىلەن بىرلىكتە ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولغان ) يازغان « ئۇچتۇرپاندىكى ئاسارى - ئاتىقىلەر ۋە جوڭگۇ - روسىيە چىگرىسى توغرىسىدا ئىزاھات » دىگەن ماقالىسىدا : «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى مۇسۇلمانچە ياسالغان ، ئۇستى يىپىقلىق ، بۇ مەقبەرنى ئۇيغۇرچە يەتتە قىزلىرىم دەپ ئاتايدۇ ، مەقبەرىنى بىر شەيىخ ساخلايدۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر كىشىلىرى كېلىپ مال ئۆلتۇرۇپ نەزىر بىرىدۇ ، ئاياللار دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ يىغا - زارە قىلىشىدۇ ، بۇ ئۇچۇتۇرپاندىكى مۇھىم ئاسارە ئەتىقىلەرنىڭ بىرى » دەپ كۆرسەتكەن . دىمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ئىككى ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپكار ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ كەلمەكتە ، بۇ تاۋاپكار ناھىيە دەرىجىلىق مۇھىم قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكار ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن. |