نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

خانىم قىزلارغا 101 تەكلىپ

يوللانغان ۋاقتى: 23:49 02-02-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
1.ئىرىڭىزنى تەنقىدلىگەندە دوستانە بولۇڭ ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە تاماكا چىكىش ، ھاراق ئىچىش ، كېچىچە قارىت ئويناش...تەك خۇمارلا

1.ئىرىڭىزنى تەنقىدلىگەندە دوستانە بولۇڭ


ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە تاماكا چىكىش ، ھاراق ئىچىش ، كېچىچە قارىت ئويناش...تەك خۇمارلار بولىدۇ . خۇدا بىر ياخشى ئايالنى ھامان ئاشۇنداق ئازراق ‹‹قېنىدىن چىقىپ كەتكەن ››لەرگە ھەمرا قىلىپ قويىدۇ . بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىشىڭىزنى ، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشىڭىزنى ، باشقۇرۇشىڭىزنى ئورۇنلاشتۇردۇ .
   ئېرىڭىزنى سۆيۈش ، ئۇنىڭغا تېگىش- ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۈزۈل-كىسىل قۇبۇل قىلىشىڭىزدىن دىرەك بىرىپلا قالماستىن ، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنىمۇ قۇبۇل قىلىشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ .
  ئېرىڭىزنىڭ ناچار خۇمارلىرىغا نىسبەتەن ئاقىلانە بولۇشىڭىز زۆرۈر، ئەگەر ھەدىسىلا چالۋاقاپ، قۇلاق- مېڭىسىنى يەپ تىللاپ، ھۆركىرەپ ئۇنى
 بۇ خۇمارلىرىدىن توسىمەن دېسىڭىز، ئەكىسچە ئېرىڭىزنى تىخىمۇ بىزار قىلىپ قويىسىز- دە، ئۇ سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلىمايلا قالماي، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك چىشىڭىزغا تېگىشى مۈمكىن.
  بىر ئادەمىنى ئۆزگەرتىش تولىمۇ تەس، شۇڭا سىز ئېرىڭىزنى ئۆزگەتىمەن دېمەي، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىكى ئاشۇ ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، مۇلايىم، سەۋرىچان، دوستانە بولۇڭ. چۈنكى ‹‹مۇھەببەت- گۈل، پەرۋىش قىلىپ تۇرمىسا ئۆلىدۇ؛ مۇھەببەت- ئوت، ئۇنى قالاپ تۇرمىسا، كوچىلىسا ئۆچىدۇ، سۇسلىشىدۇ؛ مۇھەببەت ئاسراشقا، پەرۋىشكە مۇھتاج››.
  ئەرلەرگە نىسبەتەن خوتۇنىنىڭ خۇشخۇي ھالىتىنى كۆرۈشتىنمۇ بەك خۇشاللىق ئىش بولمايدۇ. ئەگەر سىز دائىم چىشى شىردەك ھۆركىرەپ يۈرسىڭىز ئېرىڭىزنىڭ يەنىلا ئۆيگە قايىتقۇسى كېلەرمۇ؟
  كىمكى سۆيگەن كىشىسىنىڭ نۇقسانلىرىغا كۆز يۇمىۋالمىسا، ئۇ سۆيىمەن دېمىسىمۇ بولىدۇ.
                                            - كالدېرون
  شېرىن سۆزلۈك بولغىن ئەي سەن بىلەرمەن،
  بۇلغىما لېۋىڭنى سوغۇق سۆز بىلەن.
                                    - ئوبولقاسىم فىردەۋىسى


      2.ئېرىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە ئىلھام بېرىڭ

  تۇرمۇش زىددىيەتكە تولغان، بەزىدە ئوڭۇشلۇق، بەزىدە ئوڭۇشسىزلىق بولۇپ تۇرىدۇ. زامانىۋى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكى، تالاش- تارتىش، رىقابەتلەردىن قايسى بىر ئايال ۋايسىمايدۇ؟ قايسى بىر ئەر غەم قىلمايدۇ؟ تەنھالىق، ئەندىشە، ئۈمىدسىزلىك- ئاللىقاچان زامانىۋى كىشىلەرنىڭ ئادەتتكى ئۆي تامىقىدەكلا بولۇپ قالدى.
  ئېرىڭىزنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن چاغدا ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ قويۇڭ ۋە ئىلھام بېرىڭ. ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ روھى چۈشۈپ كېتىش، ئوڭۇشسىزلققا ئۇچراش بىلەن تەڭ سىزنىڭمۇ روھىڭىز چۈشۈپ كەتسە، ئۇنىڭغا توختىماي تاپا- تەنە قىلسىڭىز، بۇ خىل ئوسال كەيپىيات ئېرىڭىزنىڭ روھىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈپ، غەيرەت- شىجائەتنى يوقىتىۋېتىدۇ، بۇنداق خوتۇنلار خۇددى گال پىچاققا ئوخشاش ئېرىنىڭ ھاياتىنى قىرقىيدىغان ئەسكى خوتۇنلاردۇر.
  دۇنيادا ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا، يەشكىلى بولمايدىغان تۈگۈن يوق. ئەگەر سىزنىڭ روھىڭىز چۈشۈپ، تەتۈر پىشانىلىكىڭىزدىن ئاغرىنىپ، ۋايساپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېرىڭىزنىڭ ئىشى ئوڭغا تارتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسە، سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تۇتقان پوزتىسىيىڭىزدىن ئېرىڭىز چۆچۈپ كەتمەسمۇ؟ خوتۇننى توغرا تاللىيالماپتىمەن دەپ ئويلىماي قالارمۇ؟ بۇ خىل ئۇنىڭ سىزگە يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بېرىشىنى توسماي قالارمۇ؟
   شۇڭا، ئېرىڭىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا مۇلايىملىق بىلەن ئېرىڭىزنى رىغبەتلەندۈردىغان گەپلەرنى قىلىسىڭىز، ئېرىڭىز قايتىدىن روھلىنىپ كىتىدۇ، مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمىسىڭىز، ئېرىڭىز بىلەن بىر ئۆمۈر ئىناق، بەخىتلىك بىللە ئۆتۈشتىن ئۈمىد كۈتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
   ئادەم كۆيۈنۈش ئىچىدە چوڭ بولىدىغان مەخلۇق، ئەرلەر تېخىمۇ شۇنداق.
   ئانا مېھرىدىن ئايرىلىش بەك بىچارە ئىش، خوتۇن مېھرىدىن ئايرىلىش بەك ئېچىنىشلىق، دوستلۇق مېھرىدىن ئايرىلىش بەك تەنھا ئىشتۇر.                                                      – زولا
   خوتۇن بولسا ياخشى ۋە يارىسا،
   گاداي ئەرنى ئول قىلۇرلەر پادىشاھ.
                                    -ئەھمەد دانىش

       3.ئېرىڭىزنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە يارىدەم بېرىڭ

   ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە پىشىپ يىتىلىشى ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.
  ئەرلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ زادى نېمە؟
راسىت گەپنى قىلسام مەن ئەرلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى ئاياللار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. مەن ھەققەتەن شۇنداق ئويلايمەن، ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن ئەرلەر مېنىڭ بۇ قارشىمىنى ھىمايە قىلىدۇ.
بەزىلەر ئەمەل، نام- ئابروي، مال- دۇنيا ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە دەپ قارايدۇ. بۇ خىل دۇنيا قاراشنىڭ توغرا- خاتالىقى ئۈستىدە توختالماي تۇرايلى، بىراق شۇنى تەكىتلىمەي بولمايدۇكى، ئەرلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا پەقەت ئاياللار مەۋجۇت بولغان دۇنيادىلا ئەمەل،نام- ئابروي، مال- دۇنيانىڭ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەھمىيتى بولىدۇ. بۇ خۇددى ئادىلمىجىتنىڭ ھېلىقى يۇمۇرلىرىدىكى ‹‹ئەگەر سىلەر ئاياللار بولمىساڭلار،بىز ئىشتان كىيىپ نېمە ئىش قىلىمىز؟››دېگىنىدەكلا بىر ئىش.
   ئەگەر ئەرلەر ئاياللار يوق جەميەتتە ياشايدىكەن گەرچە يۇقىرىدا ئېيتىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ بۇ نەرسىلەرنى ئەھمىيەتسىز ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئاياللار بولمايدىكەن، ئەرلەر جاپالىق ئىشلەپ كەتمەيدۇ، ۋە ياكى نام- ئابرويمۇ قوغلىشىپ كەتمەيدۇ، دۇنيادا ئاياللار بولمايدىكەن...! بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەرلەرگە قارىتا ئاياللار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەرلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ بېرى، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ كۆرەش نىشانىنىڭ بېرى،تېخىمۇ ياخشى« ئايال »غا ئېرىشىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا باسىدۇ.
   ئەرلەر پەقەتلا بىر ساز، ئۇ تەنھا ئۆزىلا بولسا ھېچقانداق ياڭراق ئاۋاز چىقىرالمايدۇ؛ ئاياللار سازەندە ھەر قانداق ساز ئۇلارنىڭ قولىدا ناھايىتى گۈزەل سىمفونىيىلەرنى ياڭرىتالايدۇ.
   ياخشى ئايال خۇددى بىر پېچقا ئوخشايدۇ. ئۇ بىر ياخشى ئەرنى تاۋلاپ چىقالايدۇ.
  ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ، پەقەت ئۇلار ئارقىلىقلا ئۆزىدىكى بارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلالايدۇ.
                                 - ئىبسون
  يارسىز يول بولمايدۇ ھېچ راۋان،
  سۇ بولمىسا سۇ ئاققانىدى قاچان؟
                        - ئەبۇلمەجىد سەنايى 

  4.ئېرىڭىزنى باشقا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرماڭ

  « ئالتۇن ساپ بولماس، ئادەم نۇقسانسىز»دېگەندەك، دۇنيادا كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بىلەن خوتۇن بولۇش ئاز ئۇچرايدۇ. ئادەم جانلىق ۋە ئۆزگىرىپ بارىدىغان مەخلۇق. ھەر كىمىنىڭ ئۆز گۈلى ۋە تىكىنى، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە نۇقسانلىرى بولىدۇ.
   ئېيتىش كېرەككى، ئەر ئائىلىدە ھەقىقىي سىموۋول بولماستىن پاسىق ئايالنىڭ ئويۇنچۇقى، ساختا نىقابى، ھاقارەتلەش ئوبيېكتى بولىدىغان ئەھۋال گەرچە كەمدىن- كەم بولسىمۇ، ئائىلە شەنىگە ئېغىر داغدۇر. بۇنداق ئائىلىدىكى خوتۇن پەرزەنتىنى، ئۆزنى، ئېرىنى قېيىققا سېلىپ ھالاكەت گىردابىغا ھەيدىگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدە پاجىئە ئاقىۋەتلىك تۇرمۇشنىڭ ئىز بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىغا گۇمانلانماسلىق كېرەك.
   بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ ئېرىنى ھەدېسە باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، جېدەل تېرىشقا ئامراق. بۇزغۇنچى خاراكتىرلىك بىر خىل كوتۇلداش، قۇسۇر ئىزدەش ئۇسۇلى- بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە سېلىشتۇرۇش.
    ئادەملەردىكى ئېھتىياجنىڭ ئەڭ يۇقرى قاتلىمى باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە، ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. «نېمىشقا جىق پۇل تاپالمايسەن؟»، « نېمىشقا خەق كىيگەن قاما جۇۋىنى مەن كىيەلمەيمەن؟»، « خەق ھازىر باشلىق بولۇپ بولدى، سەن نېمىشقا بولالمايسەن؟»،« خەق ماشىنا ئاپتۇ، ئېسىت،! ساڭا تەككۈچە ئاشۇنىڭغا تەككەن بولسامچۇ؟ ماشىنىدا ئولتۇرغان بولاتتىم...» دېگەندەك توختىماي كوتۇلداش، سېلىشتۇرۇشلار ئەرلەردىن قان چىقارماي جېنىنى چىقىرىدىغان ئۇسۇللاردۇر.
   خوتۇن ئەرنىڭ تايانچىسى، ئۈمىدى، ئىزدىگىنى، ئارزۇ قىلغىنى ۋە ئېرىشكىنى، خوتۇن ئەرنى قىرقىشى، ئۆستۈرشى مۈمكىن.
   ئەرلەرنىڭ ئەڭ بىزار بولىدىغىنى ئۆزىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش، بىزنىمۇ باشقا ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرسا قورسىقىمىز كۆپىدىغۇ؟ يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمدا بىلىپ- بىلمەي ئېرىمغا:
   - بىزنىڭ مەكتەپتىكى --- بەكلا تىرىشچان، مەكتەپتىكى ئىشىنى قىلىشتىن سىرىت، يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپىدۇ، سەنمۇ شۇنداق قىلساڭ بولمامدۇ؟- دەپتىمەن، ئۇنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى بلەمسىز؟
  - ئەمسە بېرىپ شۇنىڭغا تەگ!
   نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ غەيرەت- شىجائىتىنى يوقىتىپ قويۇشى، ھەتتا كۈرەش پۇرسەتلىرىدىن ۋاز كىچىشىنىڭ سەۋەبى ئايالنىڭ ئۇنىڭ ھەربىر ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىغا سوغۇق سۇ سېپىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ توختىماي قۇسۇر ئىزدىشى، باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، روھىنى چۈشۈرۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
  خوتۇننىڭ بۇرچى ئېرنىڭ غايىسىدىكى كىشى بولۇپ چىقىشىغا يارىدەملىشىش، ئۇنىڭدىن قۇسۇر تاپماڭ، ئارا تام پالانى بىلەن سېلىشتۇرماڭ، شۇنداقلا ئۇنى كۆپ ئىشلىتىشنىڭ ئامالىنى قىلماڭ. ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ، ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن رىغبەتلەندۈرۈڭ. ئۇنى ماختاڭ، مەدەت بېرىڭ، يەل بېرىڭ.
   خوتۇنى تەتۈر بولغان ئەركەكنىڭ دوزىخى مۇشۇ دۇنيادا. 
                                    - زوھۇرىدىن مۇھەممەت باتۇر
    سەن ئادەم ئىكەنسەن ئۆزگىمۇ ئادەم،
    كەمچىللىكسىز ئادەم بولماس ھامانەم.
                                 - ئابدۇراخمان جامى

   5.قانداقلا جايغا بېرىڭ، چوقۇم ئېرىڭىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇڭ

   ئېرىڭىز بەلكىم سىز قىلغان باشقا ھەرقانداق ئىشقا « بىر كۆزىنى ئېچىپ، بىر كۆزىنى قىسىۋىلىش » ھالىتىنى ساقلىشى مۈمكىن، لېكىن پەقەت ھېسسىيات جەھەتتىلا، تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا، ئەرنىڭ ئايالىنى كۆزىتىپ، ئىز قوغلاش مەسىلىسىدە ئۇنىڭ كۆزى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك « ئوچۇق»بولىدۇ.
     ھەر قانداق ۋاقىتتا قانداقلىكى يەرگە بارماڭ، ھەرگىزئېرىڭىزگە ئېيتىپ قويمايدىغان، ئېتىپ قويسىڭىزمۇ ماڭىدىغان شۇ چاغدا ياكى بارىدىغان جايغا بېرىپ بولۇپ، ئاندىن تېلىفون قىلىپ ئۇقتۇردىغان ئىشىنى قىلماڭ.
  ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجى ۋە ياكى بەك زۆرۈر ئىش بولسىلا ئائىلىۋى كەيپىياتنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى «تېز بېرىپ، تېز قايتىڭ». ئەرلەرنىڭ « ھېچقىسى يوق» دېگەن گېپىگە مەڭگۈ ئىشەنمەڭ، كۆپىنچە ھاللاردا ھېچقىسى يوقتەك كۆرۈنگەن ئىشلار ھامان ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئورناپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۆيىڭىزدىن يىراقلىشىپ كەتمەڭ. سىرىتلاردا تۇرۇپ قالماڭ. خىزمەتداشلىرىڭىز، دوسلىرىڭىزنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماڭ، كېچىدە كېلىشتىن، ياكى ئۆيگە قايىتماي قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ. چۈنكى سىز ئەرنى ئالمىدىڭىز، بەلكى ئەرگە تەگدىڭىز، سىز ئېرىڭىزنىڭ ھوقۇقىغا، ئەرلىك غورۇرىغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقىڭىز كېرەك. بۇمۇ نىكاھنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم بىر ئىش.
   ئايال كىشىنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى دەرسى: ئۆزنىڭ ئاياللار جىنسىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت.                                                     – چارلىس روپ    خورلۇق ئىزدىمىسەڭ ئەزىزىم ئەسلا،
   ناباپ ئىشلارنى ئەيلىمە بەرپا.
                          - ناسىر خىسراۋ  

  6.خىزمەتتە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى ياخشى ھەل قىلىڭ، ئۆيگە سۆرەپ كىرمەڭ  

  بىر چۈمۈلە بىر چوڭ پىلىنى يىقىتىۋېتەلەيدۇ، نۇرغۇن ئاياللار دا ئىم بىر تال چۈمۈلىنىڭ ئالدىدا ئېلاجىسىز قىلىپ، ھودۇقۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ، سىزمۇ شۇنداقمۇ؟ 
  ئەرلەر ئاشۇنداق، كۆڭلىدە كۈچلۈك ئاياللارنى رەت قىلىدىيۇ، تۇرمۇشتا بولسا قويدەك ياۋاش- يۇمشاق ئاياللاردىن بىزار، قارىماققا قابىلىيەتلىك ئاياللارنى چەتكە قاققاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆز ئايالىنىڭ قابىلىيەتلىك بولىشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا نام- شۆھرەت قازىنىشىنى، باشقىلارنىڭ ئۆز ئايالىنى ماختىشىنى ، ئايالىنىڭ «كەم- كۈتىسىز» بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. گەرچە ئۆز خوتۇنىنڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە چىن كۆڭلىدىن قابىلىيەتلىك ئايالدىن پەخىرلىنىدۇ.
   ئەگەر ھەدېسە خىزمەت ئورنىڭىزدىكى بىرەرسىدىن قانداق ئازار يېگەنلىكىڭىز، بىرەر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمىغانلىقىڭىز... قاتارلىق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلارنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئېرىڭىزگە توختىماي دەرد تۆكسىڭىز، ھەر دائىم ئاھ ئۇرۇپ، ئازاپلىنىپلا يۈرسىڭىز، كەيپىياتىڭىز دائىم چۈشكۈن ھالەتتە تۇرسا، ئۆزىڭىزنىلا ئەمەس، ئېرىڭىزنىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۋىتىسىز. خىزمەت ئىرادىسىنى بوشتىۋىتىسىز، بىزار قىلىۋېتىسىز. ئەگەر ئېرىم ئەردەك بولسۇن، ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتتە نەتىجە يارىتىپ، مۇۋاپىقىيەت قازانسۇن دېسىڭىز، دائىم ئاكتىپ روھى ھالەت بىلەن ياشاڭ، ئوڭۇشسىزلىقلارنى كەينىڭىزگە تاشلېۋىتىپ، ئۆيگە خۇشال- خۇرام قايتىپ كېلىڭ. ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئېرىڭىزنى كۈتۈۋىلىڭ، چۈنكى ئەرلەر بىلىملىك، ئەقىل- پاراسەتلىك، ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇستەققىل چىقالايدىغان، چېچەن- خۇشخۇي، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان ئايالىنىڭ بولىشىنى خالايدۇكى، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان خوتۇنىدىن بىزار.
   ئەرلەر خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، جانلىق، تېتىك ئاياللارغا ئامراق، كۈن بويى دەككە- دۈككىدە يۈرىدىغان ئاياللاردىن بىزار.
             - چېخوپ
    زېرەك ۋە دانادۇر پەقەت شۇ ئادەم،
    سەۋر- تاقەت قىلسا ئېغىر دەردتە ھەم.
                               - ئابدۇراخمان جامى

   7.ھەرقانداق خاراكتېردىكى يىغىلىشقا بېرىشتىن بۇرۇن، ئېرىڭىزغا چوقۇم ئېنىق ئېيتىپ قويۇڭ

   مەيلى خىزمەتتكى ئاياللار بولسۇن، ياكى ئۆيدىكى ئاياللار بولسۇن، تۈرلۈك يىغىلىشلاردىن خالى بولالمايدۇ، توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ، ساۋاقداشلار يىغلىشى، قاتار چاي، ھېيىت چاي، يوقلاش چىيى، ئۇزىتىش چىيى، ئىدارىدىكى تۈرلۈك شەكىلدىكى يىغىلىشلار... دائىم ئاياللار داخىل بولىدىغان سورۇنلاردۇر. قاتناشماي دېسىڭىز، ئادەمگەرچىلىكى يوق دەۋاتقان، ھەممىسىگە بېرىۋېرەي دېسىڭىز، ئۆيدە ئېرىڭىز ۋە باللىرىڭىز نەچچە كۈندە بىر دىگۈدەك ئاچ ياكى يالغۇز قېلىۋاتقان. ئۆيدە ئانا، ئايال كىشى بولمىسا، ئېرىڭىز ۋە باللىرىڭىزنىڭ قانچىلىك يالغۇزلۇق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ ئايال كىشى ئىككى كۈنلا ئۆيدە بولمايدىكەن، ئۆيدىن « بوران» ئۇچۇپ كىتىدۇ.
   مەن ئارقا- ئارقىدىن ئىككى كۈنلا ئاشۇنداق يىغىلشلارنىڭ گىپىنى قىلىسام ئېرىم:
- خوتۇن ئالماي بىر چايچىنى ئاپتىمەنمۇ نېمە؟ - دەيدۇ. ئايدا بىرەر قېتىم بازارغا چىقىپ قويسام:
   - بىزنىڭ خوتۇن « كوچىغا » چىقىپلا كەتتىغۇ،- دەپ تەنە قىلىشتىن يانمايدۇ. گەرچە سۆز قاتتىقراق ئېتىلغاندەك تۇرسىمۇ، لېكىن ئىچىگە كىرىپ چىقسىڭىز، ئېرىڭىز ۋە باللىرىڭىزنىڭ سىز بولمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى بايقىۋالالايسىز.
    شۇڭا، ئەگەر ئىمكان بولسا بەزى زۆرۈر بولمىغان چايلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ. پەقەت بولمىغانلىرىنى بېرىشتىن بۇرۇن، ئېرىڭىزغا ئىنىق چۈشەندۈرۈپ، رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن ماڭسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ خاتىرجەم ئولتۇرالايسىز، ھەم قايتىپ كەلگىنىڭىزدىمۇ جېدەل- ماجرا چىقمايدۇ. كەچتە قايتىپ كەلگەندىمۇ ئەڭ كېچىككەندە ئوندىن كىيىن قالماڭ. چۈنكى، سىز يەنە ئەتىكى تۈرلۈك ئىشلارغا جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن يىتەرلىك ماغدۇر توپلىمىسىڭىز بولمايدۇ- دە، ئۇندىن باشقا، يىغىلىشلاردا ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەڭ. چۈنكى ئىسلامىيەتتىمۇ مەسىت قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە ئەرلەگىمۇ، ئاياللارغىمۇ ھارام دېيىلگەن.
    ئەرلەرنىڭ ھەممىسىلا« كەڭ قورساق» ئەمەس. ئەگەر سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان، ئەرلىك غورۇرى بار ئەر بولسىلا، سىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپىق تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ. سىزنى بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان ئادەم دەپ قارمىسىلا، ئانچە- مۇنچە «باشقۇرۇپ»قويىدۇ.
    بارلىق ھەقىقى، ئالىجاناپ ئاياللار راسىت گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇكى، ھەرگىز يالغان گەپ قىلمايدۇ، ئۆز مەبۇدلىرىنىڭ كونتۇرۇللىقىدا تۇرۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئىززەت- ئىكرامىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
                              - بالزاك
   شۇنداق ئىشنى قىل كۆتۈرسۇن ھالەت،
   كەلتۈرمىسۇن ساڭا خىجالەت.
                         - نىزامىي گەنجەۋىي 

  8.ئېرىڭىزنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئورتاقلىشىشنى بىلىۋېلىڭ

    ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ. مەسىلەن: مەن كىتاپ ئوقۇشنى، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىشنى، كىنو- تېلېۋىزور كۆرۈشنى، ئۇنى- بۇنى يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن؛ ئېرىم بولسا كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىشنى، ئۆزى چىقىم تارتسىمۇ باشقىلارنى خۇشال قىلىشنى... ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە بەزىدە چىقىمغا چىدىمىساممۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېر بىلەنلا بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىغا ئاچچىقىم كەلسىمۇ، لېكىن ئېرىمنىڭ شۇ ئىشلاردىن تاپقان خۇشاللىقى مېنىمۇ تەڭ خۇشال قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ بىزدىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىنى، ئېرىمىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلىسام ئىنتايىن سۆيىنىمەن.
   ھەۋەس دېگەن ھەر بىر  ئادەمنىڭ بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىشى ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى يۆلەنچۈكى.
   ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدا ئورتاق ھەۋەسنىڭ بولۇشى نىكاھ تۇرمۇشنى تېخىمۇ بېيتىشقا، تۇرمۇشنى مول مەزمۇنلۇق قىلىپ، بىر- بىرىگە بولغان مېھىر- مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە ناھايىتى پايدىلىق. باشقىللارنى جەلىپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ قىزىقىدىغان تىمىدا پاراڭلىشىش؛خوتۇن بولۇشنىڭ بۇرچى نېمە؟ ئېرىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىش.
   ئەگەر ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى سىز ياخشى كۆرمىسىڭىز، ھەرگىز ئۇنىڭ قىزقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ، بىز باشتا ئەرلەرنى « ئادەم بالا» دېسەكمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز دەپ ئېيتقان ئىدۇق. باللىرىڭىزنىڭ ئويۇنچىقىنى تارتىۋالسىڭىز، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناتمىسىڭىز، باللىرىڭىزنىڭ سىزگە قانچىلىك خاپا بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىسىز. ئەلۋەتتە، ئەرلەرمۇ ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان ئىشلارنى ئايالىنىڭ قوللىشىنى، ئورتاقلىشىشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەڭ بولمىغاندا ئاغزىڭىزدا بولسىمۇ ئۇنى قوللاپ قويسىڭىز، سەبى قىزلاردەك: « بۇ ئىشلار راستىنلا شۇنداق قىزقارلىقمۇ؟»، « ۋاقتىڭىز چىققاندا ماڭىمۇ ئۆگىتىپ قويۇڭ، بولامدۇ؟» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قويسىڭىز، ئېرىڭىز چوقۇم ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، ھەم ئۆزنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ.
   نىكاھنىڭ قاتىلى نامراتلىق ئەمەس، ئەرلەر ياكى ئاياللارنىڭ ناچار مىجەزىمۇ ئەمەس، ئەيدىزنىڭ تەھدىتى ياكى ئۈچىنچى شەخىسنىڭ قىستۇرۇۋېلىشىمۇ ئەمەس. بەلكى تۇرمۇشنىڭ زېرىكىشلىك بولغانلىقىدا. ياخشى كۆرۈش بولسا ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى. ئېرىڭىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا قويۇۋېتىڭ. تۇرمۇشۇڭلارغا مەنا قوشۇلسۇن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايال ھەرگىزمۇ ئەرلەرنى قېتىپ قالغان تۇرمۇش ئىچىدە مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋالمايدۇ.
   ئائىلىدە مەنىۋى تەڭسىزلىك بولۇشى مۈمكىن ئەمەس، ئېرىنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقمايدىغان ۋە ئۇنى ئىلھاملاندۇرالايدىغان ئايال، ئېھتىمال ياخشى ياىدەمچى، ئىقتىسادچىل، مىھرىبان بولۇشىمۇ مۈمكىن. لېكىن ئۇ بەرىبىر تولۇق ۋە يۈكسەك مەنىدىكى ئاياللىق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.
                                               - گېرىتىسېن     كىشىنى رەنجىتىش ئاجايىپ ئاسان،
     كۆڭلىنى ئالماق بەكمۇ جاپا يامان.
                              - ناسىر خىسراۋ

    9.ئېرىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە مۇۋاپىق ئەركىنىلىك بېرىڭ 

    ئىشەنچ- مۇۋاپىقىيەتلىك نىكاھنىڭ يەنە بىر ئاساسى ئامىلى. ئادەم ماددى جەھەتتىكى نامراتلىققا ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بىرەلىسىمۇ، ئەمما روھى ۋە ھېسسيات جەھەتتىكى گادايلىققا ئۇزۇن مەزگىل بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىز. ئادەمنىڭ باشقا ئادەملەرگە بولغان ئېھتىياجى ۋە يۆلىنىۋېلىشى بىزنىڭ ئۆزنىمىزنىڭ چۈشىنىشى، تەسەۋۋۇر دائىرىمىزدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ماددى نەرسىلەر بولمىسا بىز ياشاشقا ئامالسىز قالىمىز؛ ئەگەر روھى جەھەتتىكى تەسەللىي بولمىسا، بىر كۈن بىزگە بىر يىلدەك تۇيۇلىدۇ. بىر ئىجتىمائى ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېيىنكىسى تېخىمۇ مۇھىم. باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان ئۈمىدى، ئىشەنچ، دوسلۇقى ۋە ھۆرمىتى بولمىسا، بىز ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرشەلمەيمىز. بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزمۇ قىممىتى ۋە ئەھمىيتىنى يوقىتىدۇ.
   ئىشنىش دەل بىر خىل ھېسسىيات، ئەرلەرمۇ مانا مۇشۇ ئىشىنىشكە مۇھتاج. ھېسسىيات تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. يەنى مۇھەببەت مۇھەببەتنى، ھەسەت ھەسەتنى، نەپرەت نەپرەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ئىشەنچمۇ ئىشەنچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا گەپ يوق.
   زامانىۋى ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بۇ تېخىمۇ مۇھىم. ئەگەر سىز ئېرىڭىزگە ئازراقمۇ ئەركىنىلىك بەرمىسىڭىز، ھەممىلا ئىشىدىن گۇمانلانسىڭىز، سورۇنلارغا بارغىلى قويمىسىڭىز، دوسلىرى بىلەن ئارلاشتۇرمىسىڭىز، ئېرىڭىز قانداقمۇ يۈرەكلىك ھالدا ئىشلىيەلەيدۇ؟ باشقىلار ئالدىدا قانداقمۇ يۈزى بولىدۇ؟ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئەر بولۇشىدىن قاندقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ؟ پىيارسېف شۇنداق دېگەن:ياقتۇرماسلىق، خۇدۈك، گۇمان ۋە ھەسەت- ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
   مۇھەببەت ئۇيۇل تېىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەركىنلىك لەگلەك بولسا، ئىشىنىش لەگلەكنىڭ يىپىدۇر. راسىت گەپنى قىلغاندا، ئەرلەرنى بەك چىڭ تۇتۇۋالماسلىق لازىم. سازنىڭ تارنى بەك چىڭىتىۋەتكەندە، ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئېرىڭىزگە ئىشەنمەي بەك چىڭ يېپىشىۋالسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ نەپسى قىسىلىپ قالىدۇ.   شۇڭا، سىز لەگلەكنى قانداق ئۇچۇرۇشنىمۇ، بەك يىراقلاپ كەتكەندە يىپنى ئازراق تارتىپ قويۇشنىمۇ بىلىشىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە ئاسماندىكى لەگلەكنى چۈشۈرۈۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەك.
   گۈلنى شالاڭ تېرىڭ، يىلتىزلىرى چاپلىشىپ ئاينىيالماي قالمىسۇن، ئېرىڭىزگە چاپلىشىۋالماڭ، خۇشى كېتىپ قالمىسۇن.
                                          - گىيۇل
   ئەقىل سىزىقىدىن چىقما ھېچقاچان،
   كۆڭۈلگە دەرد- ئازاپ سالار پۇشايمان.
                             - ئوبولقاسىم فىردەۋىس

     10.ئېرىڭىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قاراش ۋە ھەركەتلىرىڭىزنى يوشۇرماڭ، سەمىمى بولۇڭ

    سەمىمىيلىك ئادەمنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان بىر خىل پىسخىك ساپا. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى- گەپ – سۆزدە بىردەك بولۇشتىن ئىبارەت. پەقەت بىز سەمىمىيلىكىتىن ئىبارەت ياخشى بولغان پىخسىك ساپانى يېتىلدۈرەلىسەك ھەمدە قەتئى داۋاملاشتۇرالىساقلا، چوقۇم باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىگە، كۆيۈنىشىگە، چۈشىنىش ۋە مەدھىيلىشىگە ئېرىشەلەيمىز.
   بىر سەمىمىي ئادەم ئۆزنى ھۆرمەت قىلىدۇ، كۈچەيتىدۇ، پەۋقۇلئاددە كەمتەر بولىدۇ، باشقىلارغا يارىدەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، ئىشەنچىلىك بولىدۇ، ئۆز كەسپىنى جان تىكىپ ئىشلەيدۇ،ئىزدىنىدۇ.
بەزى ئاياللار ئەرلەرگە ھەممە ئىشىڭنى، خىياللىرىڭىنى دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، بولمىسا ئېرىڭنىڭ ئالدىدا سېھرى كۈچۈڭنى يوقىتىپ قويىسەن، سىرلىق بولىۋالساڭ، ئەرلەرنى ئالقىنىڭدا ئوينىتالايسەن، دەيدۇ. مەن دەۋاتقان سەمىمىيلىك يىپىدىن- يىڭنىسىغىچە ئېرىڭىزغا دوكلات قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. يوشۇرماسلىققا تېگىشلىك بولمىغان ھەر قانداق ئىشنى يوشۇرماسلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.
    دېمەك، سەمىمىيلىك ئۆزىنىڭ قەلبىگە دۇرۇس مۇئامىلە قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا بىرنى بىر دەڭ، راسىت گەپ قىلىڭ ، ئانچە كەڭ قورساق بولمىغان ئادەممۇ سىزنىڭ سەمىمىيتىڭىز، راسىت سۆزىڭىز ئالدىدا تەسىرلەنمەي قالمايدۇ.
   ياخشى ئاياللارغا شۇ نەرسە ئايانكى، دۇنيادا شامال ئۆتمەيدىغان تام يوق، قۇياش نۇرى ئاستىدا مەڭگۈلۈك سىر بولمايدۇ. گۈزەل نىكاھ چوقۇم سۈزۈك، تازا بولۇشى كېرەك. كىمكى نىكاھقا توپا قوندۇردىكەن، شۇنىڭ نىكاھىدا تراگېدېيە يۈز بېرىدۇ.
   ئەر- خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ئىناقلىقمۇ دوسلۇققا ئوخشايدۇ، ئىككى تەرەپ ھەم سىر ساقلىمايدۇ ھەم ماسلىشىپ ئۆتىدۇ.
                                         - ۋۇچى شىيالۇشىما
    ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار،
    بىرى ياخشى تېۋىپ، بىرى سادىق يار.
                                    - پەرىدىددىن ئەتتار

        11.تالاش- تارتىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭ 

 قايسى بىر ئەدىپنىڭ مۇنۇ گىپى يادىمدا: نىكاھ دېگەن ئۈچ كۈلۈمسىرىۋېلىش، ئۈچ يىل جەڭگى - جىدەل قىلىش، 30 يىل لەۋ چىشلەپ ئۆتۈش.
   بەرھەق، قازان- چۆمۈچنىڭ بىر- بىرىگە تېگىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. ياخشى نىكاھ ھەرگىزمۇ تىپتىنىچ، ئۆلۈك كۆل سۈيى ئەمەس. ئۆي دېگەندە ھامان ئۇنداق ياكى مۇنداق جېدەل – ماجرالار بولۇپ تۇرىدۇ. يا پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەيمىز ياكى بالا ئارسىغا كىرىپ قالىمىز ياكى ئۆيدىكى بەزىبىر ئىشلارغا چېچىلىمىز. تالاش- تارتىش قىلىمىز. لېكىن، مۇنداق تالاش- تارتىشلار ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنمىسا ئىككىلا تەرەپنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا بۇتناش، قېيداش، يامانلاپ كېتىش ياكى ئۆيدىكى نەرسىلەرنى چېقىش، ئاخىرقى ھىساپتا نىكاھقا دەز كىتىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. روھىيتى ساغلام بولغان كىشىلەر تالاش- تارتىش بىلەن نىكاھقا دەز كېتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.
   « تالاغا چىققاندا ھاۋا رايىغا باق، ئۆيگە كىرگەندە چىرايىغا » دېگىنىدەك، ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىسا، بىر ئېغىز گەپتىن قىلىڭ، بامەسلىھەت ئىش قىلىڭ، گەپنى بۇيرۇق ئاھاڭىدا، ۋارقىراش- جارقىراش بىلەن ئەمەس، سىلىق ئاھاڭدا دېسىڭىز، زىددىيەت يوغىناپ كەتمەيدۇ، ئون نەچچە يىللىق نىكاھ تۇرمۇشۇمدا ئېرىمىنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلگەن بىر ئالاھىدىلىكىم قۇلىقىمىنىڭ يۇمشاقلىقى، ئىزچىل تۈردە جىدەل چىقىش ئېھتىمالى بولغان تالاش- تارتىشلاردا دەررۇ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىم .
   تالاش- تارتىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش بىر سەنئەت، ئانچە- مۇنچە تالاش- تارتىشلار بىر خىل تاتلىق ھېسسىيات، كەيپىياتنى بوشىتىلىۋېىلىشتىن ئىبارەت. لېكىن تالاش- تارتىش جەريانىدا ئاغزىڭىزدىن ھەرگىز دىلنى ئاغرىتىدىغان گەپلەر چىقىپ كەتمىسۇن. مەسىلەن: « سەن ئاشۇنچىلىك بولالمايسەن »، « ساڭا تېگىپ كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن»، « مەن نېمە دېگەن شور پىشانە»، « بۇ ئۆمرۈمدە ساڭا تېگىپ خوۋلۇق كۆرۈپ باقمىدىم...» دېگەندەك، ئۇنىڭدىن باشقا تالاش- تارتىش چېكىگە يەتكەندە، ئىدراكىڭىزنى يوقىتىدىغان، پۇت- قولىڭىزنى ئىشقا سالىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. ئۇرۇشمىسىڭىزمۇ ئۆيدە « يېپىق قازان يېپىق » پېتى تۈگىتىڭ. بەزى خوتۇنلارنىڭ كوچىغا چىقىپ ئېرىنى تىللاۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن خەلقىئالەمگە ئېرىنى سازايى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ تولىمۇ نۇمۇسسىز ئىش. تالاش- تارتىشتىن كىيىن ئۇنتۇپ كېتىشنى، قايتا تىلغا ئالماسلىقنى بىلىشىڭىز ھەم مۇشۇ قېتمقى تالاش- تارتىشتىن ئۆزىڭىزنى تونۇۋېلىشىڭىز كېرەك.
   شۇڭا، ئەگەر چوڭ جەھەتتە غورۇرىڭىز دەپسەندە قىلىنمايدىغانلا ئىش بولسا، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭدىن ئۆزىڭىزنى تارتسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى « دۈشمەن» سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئەر . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق قۇربان بەرسىڭىز مىنىڭچە ئەرزىيدۇ. ناۋادا جەڭگى- جىدەل، تالاش- تارتىشتا يېڭىۋالسىڭىزمۇ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئېرىڭىزنىڭ قەلبىدە بىر تۈگۈن بولۇپ قالىدۇ، خالاس. بۇنداق تۈگۈن چوڭىيىۋەرسە، ئاخىر چوقۇم يارا ئېغىز ئالغاندەك بىر يەردىن پارتىلاپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا سىز جەڭنى ئاياقلاشتۇرۇشنى ئويلىسىڭىز، ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىڭىز.
  ئائىلىۋى مەسىلىلەردە ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدا ئىناقلىق ۋە كېڭىشىپ ئىش كۆرۈش بولمىسا، بۇنداق ئائىلە ئازاپ ۋە مۇشاققەت ئۇۋىسىغا ئايلىنۇر، بۇنداق ئائىلىدىن لەززەت كېتۇر، راھەت يوقىلۇر، بالىلارنىڭ تىنىچلىقى بۇزۇلۇر، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرسىدا بىر- بىرىگە دۈشمەنلك پەيدا بولۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىلەردە ئۇرۇش –جىدەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاياللىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.
                          - ئالىمەت ئۇل بەنات
    تار ئۆتۈكتىن ساز يۈرۈش يالىڭاياغ،
    ئۆيدە غوۋغا بولسا، غۇربەت ياخشىراق.
                                  - جالالىدىن رۇمى

    12.ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدىكى ئۇششاق- چۈشەك ئىشلارغا ئېتىبار بىلەن قاراڭ

    مېھىر- مۇھەببەت- سەن رەخىت توقۇساڭ، مەن ئېتىزدا ئىشلەي، مەن سۇ ئەكەلسەم سەن سۇغار، مەن دەرەخ تېكسەم سەن ئوغۇتلا، سەن ناخشا ئېيىتساڭ مەن ساز چالاي، دېگەندىن ئىبارەت. تۇرمۇشتا كىچىك ئىش بولمايدۇ، بارلىق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلار تۇرمۇش چوڭ مىلودىيسىدىكى بىر نوتىدۇر.
   تارماق ئېقىن بولمىسا، دەريا بولمايدۇ؛ تىيىن بولمىسا باي بولغىلى بولمايدۇ. نىكاھتىن ئاجرىشىۋاتقانلارنىڭ ئاجرىشىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ مۇشۇنداق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلار ئىكەن. ئاڭلىسىڭىز، توۋا شۇ ئىشقىمۇ ئاجرىشىپ كېتەمدۇكىشى دەيسىز. بىراق،ئەمەلىيەت ئەنە شۇنداق ئۇششاق ئىشلاردىن باشلىنىدۇ.
   ئۇششاق- چۈشەك ئىشلار نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
   ئېرىڭىز مىجەزىم يوق دېگەندە كۆڭۈل بۆلۈپ قويدىڭىزمۇ؟ قېيناتا، قېينانىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئۆيىڭىزگە كەلگەندە ياخشى مۇئامىلە، قىزغىن كەيپىيات، كەڭ داستىخان بىلەن كۈتۈۋالدىڭىزمۇ؟ ئېرىڭىز ئۈستىدىن ھەدەپ ئاتا- ئانىڭىزغا شىكايەت قىلىدىڭىزمۇ؟ كەچكىچە ئويۇن- تاماشا، چاي، مەشرەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئەر، بالا، ئۆينى تاشلىۋەتتىڭىزمۇ؟ ئېرىڭىز ھېرىپ- ئېچىپ كەلگەندە، بىرەر قىتىم دۈمبىسىنى تۇتۇپ قويدىڭىزمۇ؟ ئۆينىڭ رەتلىك، پاكىز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلدىڭىزمۇ؟ ئېرىڭىزنىڭ ۋە باللىرىڭىزنىڭ كىيىم- كېچىكىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا يۇيۇپ، دەزماللاپ بەردىڭىزمۇ؟ ئۆيدە ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرەمسىز؟.. ئېيتىپ كەلسە بۇنداق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلار ئىنتايىن كۆپ، مۇشۇنداق ئۇششاق – چۈشەك ئىشلار توپلىنىپ، ئاندىن بىر ئائىلىنى تەشكىل قىلىدۇ.
   مەن 22 يېشىمدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئىككى ئايدىن كىيىنلا توي قىلىدىم. ئەزەلدىن كىتاپ ئوقۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كىلىۋاتقان مەندەك بىر قىزغا نىسبەتەن، ئائىلىنىڭ ئاشۇنداق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن تەسكە چۈشتى. مۇنداق بىر ئىش پەقەت يادىمدىن چىقمايدۇ؛
    تويىمىزنىڭ ئىككىنىچى ئىيىدا ئېرىم بىر كۈنى پەقەت مىجەزى يوقلىقىنى ئېيتتى. مەن خىيالىمدا ئۇنى مەڭگۈ ئاغرىمايدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئۇ مەن ئۈچۈن دادا ، ئاكا، يولداش، ھەمراھ، دوست... ئىشقىلىپ تۈرلۈك روللاردىكى بىر ئادەم ئىدى. شۇڭا، ئېرىمنىڭ ئاغرىپ قالدىم دېگەن گىپىگە ئىنتايىن كۈلگۈم كېلىپ:
    - سەنمۇ ئاغرىمسەن؟ - دەپ ساپتىمەن. مۇشۇ بىر ئېغىز گېپىمنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق تېگىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي. كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغان ھالدا:
ئەگەر ئاپام بولغان بولسا بۇ چاغقىچە پايپېتەك بولۇپ،تىپىرلاپ كېتەتتى، - دېمەسمۇ، شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم، قاتتىق پۇشايمان قىلدىم.
دېمەك، مۇشۇنداق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلار بىر ئايالنىڭ ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىغا مۇھتاج. شۇڭا، ئۇششاق- چۈشەك ئىشلارنى ئاز- ئازدىن پۈتتۈرۈڭ، ئېرىڭىزنىمۇ پەيدىنپەي مەڭگۈ ياخشى كۆرۈڭ. مۇشۇنداق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلار نىكاھىڭىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.
    ياخشى ئايال ئائىلە ئىشلىرىنى ئوبدان سەرەمجانلاشتۇرغاندىن سىرت، مېھرىبان ئانا، پەزىلەتلىك ھەمراھ ۋە ياخشى مەھبۇبە بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىسلەتنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.
                                        - مونتىلەند
  ئايالى ئەقىللىق، ئېرى ئىش بىلەر،
  دېمەك بۇ ئائىلە كۈندىن- كۈن گۈللەر.
                                  - خۇسراۋ دېھلىۋى

13.ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟

ھاياتلىقىتىن ماماتلىققا قەدەر ھايات- مامات ئالمىشىپ تۇرىدۇ، تۇرمۇشتىن بىزار بولغان كىشىلەر: « تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق قىزىقى يوق» دەيدۇ، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلار:« ھايات نېمىدىگەن گۈزەل» دەيدۇ، تۇرمۇشنى تېزگىنلىۋالغان كىشىلەر بولسا: « ياشىدۇق، مۇھەببەتلەشتۇق، تۇرمۇشنىڭ پەيزنى سۈردۇق» دەيدۇ.
تۇرمۇش- سۆيۈش دېمەكتۇر. ھەقىقى سۆيگۈگە ئېرىشكەن كىشىلەر ئەلۋەتتە تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ. مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما، كىشلەرنى مەسىت قىلىدۇ، قوغلىتىدۇ، ۋە ئىنتىلدۈرىدۇ. شىكىسپىر: « مۇھەببەت- گۈللەرنىڭ دالدىسىدىكى تاتلىق پىچىرلاش ئەمەس، شاپتۇلزارلىقتىكى شېرىن- شېكەر سۆزلەرمۇ ئەمەس، ئاسان تۆكىلىدىغان كۆز يېشىمۇ ئەمەس، مەجبۇرى بويسۇندۇرۇش تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس، مۇھەببەت ئورتاق ئاساسقا قۇرۇلىدىغان ھېسسىيات» دېگەن.
ھەرقانداق بىر ئىنسان مۇھەببەتكە تەشنا. شۇنداقلا ھەقىقى مۇھەببەتكە ئېرىششكە ھەقلىق. ئۇنداقتا ھەقىقى مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ ھەقىقى مۇھەببەت- ئاتا قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش؛ ھەقىقى مۇھەببەت- ئادەمنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ۋە مۇستەقىل قىلىش؛ ھەقىقى مۇھەببەت- كەڭ قورساقلىق ۋە چۈشىنىش؛ ھەقىقى مۇھەببەت- ھۆرمەت قىلىش؛ ھەقىقى مۇھەببەت- تۇراقلىق بولۇشتىن ئىبارەت. مانا مۇشۇنداق ھەقىقى مۇھەببەتلا ئادەمنى چىن دىلىدىن كۈلدۈرىدۇ، خۇشال قىلىدۇ، بەخىتلىك قىلىدۇ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ، ئازاپ ئوقۇبەتتىمۇ، مۇۋاپىقىيەتلەردىمۇ بىللە بولۇپ، مۇھەببەت ئاتا قىلىش- بۇ سىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشۇڭلار ۋە ھاياتىڭلارنىڭ پۈتكۈل ئەھمىيتى.
نىكاھ تەڭلىمىسىدىكى تەڭسىزلىك:
ئاياللار ئەرلەرنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن چىن دىلىدىن سۆيىدۇ، لېكىن ئەرلەر ئاياللارنى بىپەرۋالىق بىلەن سۆيىدۇ.
بىرىنى سۆيۈش نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن خۇشال بولۇش، ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشلارنى قىلىش ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىققا ئېرىشىشتىن دېرەك بىرىدۇ.
          - چېرنىشىۋېسكى
ئىشىق بىلەن تىرىك بۇ ئالەم،
ئىشىق بولمىسا بولماستى ئادەم.
                       - قۇتبى

   14.ئېرىڭىزنىڭ ئاغزىغا تېتىغۇدەك تاماقلارنى ئېتىپ بېرىڭ 

ئەرلەر ئەزەلدىن قورساققا ئامراق كېلىدۇ، ئوخشىغان بىر ۋاخ تاماق يەۋالسا ناھايىتى ھوزۇرلىنىدۇ، مەن كىمدۇر بىرىنىڭ؛
  - خوتۇنۇمنىڭ تامىقىزە،ئەمما ئالامەت ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ باشقا يىتەرسىزلىكلىرىمۇ ئانچە بىلىنمەيدۇ،- دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم.
يەنە كىمدۇر بىر ئەر ئۆزنىڭ ئانچە چىرايلىق بولمىغان ئايالىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېگەن ئىدى:
 - ئەمما مەن قانداق ۋاقىتتا ئۆيگە بارسام، ئايالىم تەييارلىقسىز ھالەتتىمۇ يېرىم سائەتتە تاماقنى ئالدىمغا ئەكىلىپ بولىدۇ ياكى ئۆيگە كىرىشىمگە تاماقنى شىرەگە قويۇپ بولىدۇ.                   توغرا، يېيىش- ئېچىش ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم ئېھتىياج. ئەگەر قورساق ئاچ بولسا ھېچقانداق ئىش خۇش ياقمايدۇ.ئېرىڭىزنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىشى، ھېرىپ كەتكەندە ھاردۇقىنى چىقىرىشى ئۈچۈن چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ بىر ۋاخ ئوخشىغان غىزا تەييارلاش سېزنى تېخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرسىتىدۇ.            بەزىدە بەزى سەۋەپلەر بىلەن ۋاقتىدا كېلەلمەيدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالسا، ھەرگىز قورساق ئېچىپ كەتتى، بولدىلا، ئۇ كەلگۈچە ئولتۇرامدىم، دەپ تامىقىڭىزنى يەپ بولۇپ قاراپ ئولتۇرماي، ئەڭ ياخشىسى ئېرىڭىز كەلگەندە بىللە تاماق يەڭ. بۇنداقتا ئېرىڭىز تېخىمۇ خۇش بولىدۇ، ئۆزىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ئادەم بار دەپ ئويلاپ، ئامال بار تېزراق ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى ئويلايدۇ.                 شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئېرىڭىز ئۆيگە كېلىپ تاماقنى يەپ، ھاردۇقى چىقىپ بولغۇچە ھەرگىز جىق سۆزلىمەڭ، چۈنكى « بىر ھارغانغا، بىر ئاچقانغا گەپ قىلما» دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟ تازا قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ئەرلەر خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن يولۋاسقىلا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەگەر مۇشۇ چاغدا ئۇلاردىن تولا سۇئال سوراپ ياكى جىق گەپ قىلىۋەتسىڭىز شۈبھسىزكى، ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىسىز.                                              مۇھەببەت كونىرىغانچە پىشىدۇ، تاماق يىڭى بولسا ئاندىن ئېغىزغا تېتىيدۇ. ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ قەلبىنى باشقۇراي دېسىڭىز، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنىڭ ئاشقازىنىنى باشقۇرۇڭ.                   يۈزەكى قارىغاندا، بەخىت قانداقتۇر مۇتلەق نەرسىدەك كۆرۈنىدۇ، بۇ يۈزەكى ھادىسلەر نۇرغۇنلىغان ئەخمەقلەرنى بەخىت دېگەن نېمە؟ دەپ سوراشقا دەۋەت قىلىدۇ، ئىنتايىن ئەقىللىق بىر ئايال: « بەخىت سەن بولسىكەن دېگەن يەردە» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.                                                        – بالزاك        چىش بولمىسىمۇ بار يېيىشكە ئىمكان،                          زور مۇسىبەتتۇر گەر بولمىسا نان.                                                          – سەئىدى شىرازى              ئېرىڭىزنىڭ كىيىم-
15.كېچىكىنىڭ پاكىز، رەتلىكلىكىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، پاكىز، رەتلىك، بەدەنگە يارشىملىق، سالاپەتلىك، چوڭ سۈپەت كىيىم- كېچەك كىشىدە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل ئىكەن. ئەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى كىيىم- كېچەككە ئۆزنى ئۇرۇپ كەتمەيدۇ. بىراق، بۇ ئۇلارنىڭ پاكىز، رەتلىك يۈرىشىنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.                    ئىسلام دىنىمۇ كىشلەرنىڭ چىرايلىق كىيىنىشىنى، ياخشى كۆرۈنۈشىنى، ئاللاتائالا يارتىپ بەرگەن زىننەت ۋە كىيىملەردىن پايدىلىنىشنى ھالال قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى تەلەپ قىلغان، چىرايلىق ۋە زىننەتلىك كۆرۈنۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بۇرۇن، پاكىزلىققا تېخىمۇ چوڭ ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى پاكىزلىق ھەرقانداق زىننەت ۋە چىرايلىق كۆرۈنۈشنىڭ ئاساسىدۇر.                                                گەرچە كىيىم- كېچەك بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، ئەقىل- پاراسىتى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بىردىنبىر ئامىل بولمىسىمۇ، لېكىن پاكىز، رەتلىك، يارشىملىق كىيىنگەنلەرنىڭ ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇردىغانلىقىنى ھەمىدە ھەرقانداق يەردە قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.                                            شۇڭا، ئېرىڭىزنىڭ كىيىم ئىشكاپىدا گەرچە ئانچە جىق كىيىم بولمىسىمۇ، لېكىن رەت- رېتى،خىل-خىلى بىلەن ئېسىۋىتىلگەن، دەزماللانغان، ئىچ كىيىم ۋە پايپاقلىرىمۇ ئۆزىگە مۇۋاپىق ئورۇندا پاكىز تۇرغان بولسا، ئېرىڭىزنىڭ ئۆز كۆڭلىدە سىزدىن قانچىلىك سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتمايلا قويۇڭ. ئېرىڭىزنىڭ ۋە باللىرىڭىزنىڭ ياسىنىشى ۋە پاكىز ، رەتلىكلىكى ھەم سىزنىڭ ئابرۇيىڭىزغىمۇ بەلگىلىك دەرجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،ئۇلار ئارقىلىق كىشىلەر سىزگىمۇ باھا بېرىدۇ.
   ئۆزى سۆيىدىغان ئايالنىڭ ئالدىدا ئەر كىشى ھامان پەقەت بىر « ئىش ئۇقمايدىغان بالا» خالاس. ئېرىڭىزنى مەينەت، رەتسىز دەپ قاقشاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن كىيىم- كېچەكلىرىنى رەتلىۋەتكىنىڭىز ئەۋزەل.
   ئىللىق ئائىلە ئەرلەر ھاياتىنىڭ ئارقا ھويلىسى، ئىنچىكە ئايال ئەرلەر قەلبىنىڭ ماكانى، گۈللەر پەسىلگە قاراپ ئېچىلىدۇ، كۈنلەرمۇ بىركۈندىن بىر كۈندىن ئۆتىدۇ، ياخشى ئايال ئەرلەرنىڭ كىيىم- كېچىكىنىڭ ئۇنىڭ تەييارلىشىغا قاراپ تۇردىغانلىقىنى بىلىدۇ.
    ھەر بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە ئۈن- تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بىر ئايال بولىدۇ.
    ئاياللار ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆز قولىدا تۇتقان بولۇپ، گەپ ئۇنىڭ بۇ ئاچقۇچنى ئىشلىتىشنى بىلىش- بىلمەسلىكىدە.                                                –شېكىسپىر
    بىشىدا چېچى بارلارنىلا ئايال دېمەڭلار،
    ئايال شۇدۇر، سىياقىدىن بەلگىلىك.
    كىر قىلماس بالىسىنى ئۆزىنى،
    قېشى، كۆزى، قاپىقىدىن بەلگىلىك.
                        -مەختۇمقۇلى 

    16.ئېرىڭىزنىڭ بارلىق ئاياغلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ، مايلاپ قويۇڭ
    بىر ئەرنىڭ تازلىققا رىئايە قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئايىقىغا قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. نىكاھ بىر كۈنلۈككە ئوخشايدۇ. ئۇ بولسىلا يامغۇردىن پاناھلانغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا تېخىمۇ نۇرغۇن، ئادەتتىكىدەك كۈنلەردە بۇ كۈنلۈك سىلەرگە چەكسىز ھېسسىياتلارنى بېغىشلىيالايدۇ.
    سىز ئېرىڭىز ئۈچۈن تەييارلىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقتى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنىشىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ روھىي ئىرەمبىغىغا ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىغا ئىشىنىڭ .
   مېنىڭ ئېرىم خىزمەت دېسە، ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئۇرۇپ ئىشلەيدىغان كەسىپچان ئەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە قول ئاستىمدىكىلەرگە چوقۇم ئۈلگە بولۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلىغىنى ئۈچۈن، ئەتىگەندە كىيىپ چىقىپ كەتكەن كىيىم- كېچەك، ئاياغ- پايپاقلىرى يا توپا، يا پاتقاق بولۇپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ تاماقلىرىنى يەپ، ئۇخلاشقا ياتقاندا مەن چاندۇرماي چىقىپ ئۇنىڭ پاتقاق بولۇپ كەتكەن ئايىغىنى سۈرتۈپ، مايلاپ پاقىرتىپ قويىمەن. ئېرىمنىڭ ئەتىسى چىقىپ ئايىغىغا شۇنداق قاراپلا چىن دىلىدىن سۆيۈنۈپ كېتىدىغانلىقى ماڭا ئايان.
   ياخشى ئايال ئەرنىڭ ئايىغىنىڭ پاقىراقلىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھملىقىنى بىلىدۇ، دائىم ئېرىڭىزنىڭ ئايىغىنى سۈرتۈپ تۇرۇڭ.
  بىر چېدىرنى ئون ئەركەك قۇرغان بىلەن، ئۆينى بىر ئايال تۇتالايدۇ.
                                   - ئېنگېرسوۋ
  ئۇلۇغلۇق گەپتىن ئەمەس باشتىن ئاياغ،
  يېرىم ئىشمۇ يۈزچە گەپتىن ياخشىراق.
                        -ئوبولقاسىم فىردەۋىس

     17.ھەرگىز ئېرىڭىزنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزىۋەتمەڭ

   قېرى- ياش ئەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان ئائىلە گۆھىرى بار:
  ئەتىگەندە بىر پىيالە قىززىق چاي؛ تاماقتىن كېيىن بىر تال تاماكا؛ چۈشتە بىر پەس ئۇيقۇ. بىر ئايال ئېرىنىڭ ئالدىدا مېھرىبان ئايال، ياخشى ئانا دېگەن گۈزەل مەدھىيىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، بۇنىڭدىكى ئۇدۇل يول – ئەرلەرنىڭ مۇشۇ  بىر نەچچە گۆھىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت.                                                            ئىنقىلابى ئۇستازلار شۇنداق ئېيتىدۇكى، « دەم ئېلىشنى بىلمەيدىغان ئادەم خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ». ئۇستازلارنىڭ سۆزلىرىنى نەزەرىيىۋى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئەڭ ھورۇن ئەرنىڭمۇ ياخشى چۈش كۆرۈش سالاھىتى بار.
   ئۇيقۇسىغا قانمىغان ئادەم دائىم روھى چۈشكۈن، نارازى بولۇپ يۈرىدۇ، ئەگەر سىز ئېرىڭىزنى خاپا قلىماي دېسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا، جاھاندەك ئىشىڭىز بولسىمۇ، ئىمكان بار ئۇنى ئويغاتماڭ.
   ئەرلەرنىڭ يۈكى يېنىك ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەسھۇلىيتىمۇ ناھايىتى ئېغىر. ھەقىقى بىر ئەركەك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىشنى، كىشىلەرگە قولدىن كىلىشىچە يارىدەم بېرىشنى، ئائىلە ئېقتىسادىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، خوتۇن- باللىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەيدىسنى كېرىپ يۈرىدىغان قىلىشنى، ئاتا- ئانىسىنى،قوۋم- قىرنداشلىرىنى رازى قىلىشنى، ياخشى نام قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرشىدۇ، ھەركەت قىلىدۇ. بۇ ئىشلار ئەرلەرنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزىۋىتىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئارام ئېلىپ نېرۋىلىرىنى تىچلاندۇرۇشقا، يېتەرلىك ئۇيقۇغا مۇھتاج. بۇ ئۇيقۇنى پەقەت ئۆزنىڭ ئۆيىدىلا ئەڭ خاتىرجەم ئۇخلىيالايدۇ. شۇڭا، ئېرىڭىزگە خاتىرجەم ئۇخلايدىغان پۇرسەت يارتىپ بېرىڭ.
   ئايال- ھاياتنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا ئەرنى ئاسرىغۇچى پەرىشتىدۇر. ئايال- نازاكەت ئىگىسى، مۇھەببەت كۈيچىسى، پىدائىيلىق سىموۋولى، ئايال- بەخىتسىز ھەمدە غەم- ئەلەملىك كۈنلەرنىڭ تەسەللچىسى، ئەرنىڭ خۇشاللىقى ۋە پەخرى.
                         - بېلنىسكى
   يار شۇدۇر كۆنسە گەر يار جاپاسىغا،
   ئارزۇسىنى كۆندۈرسە يار رىزاسىغا.
                           - سەئىدى شىرازى

     18.ئېرىڭىز مۇزلاپ كەتكەندە ئىسسىقلىق ئاتا قىلىڭ

   ئۇيغۇر خەلقىدە مۇنداق ماقال بار :« خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات». ئەرلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى يۆلەنچۈكىمىز، ئەرلەر بولسا بىزنىڭ كۆڭلىمىز توق، ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلىمىز. باللىرىمىزمۇ دادىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزنى خاتىرجەم، بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ، قورىقمايدۇ. نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن شۇنداق ئورتاق بىر گەپنى ئاڭلىدىم ( ئۆزۈممۇ شۇنىڭ ئىچىدە): ئەرلەر بولمىسا ئادەمنىڭ تاماق ئەتكۈسىمۇ كەلمەيدۇ.
   دېمەك، ئەر كىشى ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى، ئائىلە- ئەرنىڭ بەخىت يېغى، ئەر- مۇقەددەس قەلب ئۆيىدۇر. ئايال روھىيىتىنى ئەر قەلبىدە ئىپتىخار سېزىدۇ. ئايالنىڭ ھەر كۈنى قارايدىغىنى ئەينەكلا ئەمەس، بەلكى ئەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆز شەكلى، ئوبراز ۋە باھالىشى.
   ئەر ئائىلە، خوتۇن، پەرزەنتىنىڭ غەمگۈزارى. «ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى » دېگەن تەمسىل مېنىڭچە ئەرلەرنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا تۇتىدىغان ئورنىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، مۇھىم بىر ئادەمنى خۇشال ۋە بەخىتلىك قىلىش ئايال كىشىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيتىدۇر.
   سىرىتتا مۇزلاپ كەتكەن كىشى تەقەززالىق بىلەن ئۆيىگە قاراپ چاپىدۇ، چۈنكى ئۆيدە ئىللىق چىرايى بىلەن كۈتىۋىلىدىغان، مۇزلاپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئىسسىتىپ قويىدىغان ئايالى بار. ئەرلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت. قايسى بىر ئەر بۇنداق ئىسسىق چىرايغا قاراشننى خالىمايدۇ؟ قايسى بىر ئەر مۇشۇنداق ئىللىق ئائىلىسىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا جايلاردىن ئىللىقلىق ئىزدەشنى خالايدۇ؟
   جاھاننى قېزىۋەتسىڭىزمۇ خوتۇن كىشىنىڭ كۈلۈپ ئالدىڭىزغا چىققىنىدىنمۇ بۆلەك ھاياتنىڭ شەربىتى يوق.
                                - ۋىللىس
    كۈلەر يۈز، شىرىن سۆزلەرگە ئەر ئىسسىنۇر،
   ئىسسىنسا بۇ ئىنسان ئەسىر، قۇل بولۇپ.
                               - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

     19.ئېرىڭىزگە ياردەملىشىپ، بارلىق مەخپى نۇمۇرلارنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ

   ئۇلۇغ ئەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنتۇغاقلىقتەك ئۇششاق- چۈشەك ئىللەتلەر بولىدۇ، ئىشتىنىنىڭ ئېغى يىرتىلىپ كېتىشتەك « چوڭ ئىشلار» دىن باشقا، بارلىق ئادەتتىكى ئۇششاق ئىللەتلەر بىر ھەقىقى ئەركەك ئۈچۈن ھېچقانچە ئىللەت ئەمەسمىش.
   شۇڭا، ئەرلەر ئۈچۈن مائاش كارتىسى، ئېي پى كارتىسى، خاتىرە كومپيۇتېرى، ماشىنا ئاچقۇچى، تور خەت ساندۇقى قاتارلىقلارنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئېسىدە تۇتالماسلىقى خىجىل بولغۇدەك ئىش ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئۆينىڭ ئىشىك نۇمۇرىنى ئېسىدە تۇتىۋالسىلا بولىدۇ.
    مەن ئۆز ئەقىل – پاراسىتىنى نامايان قىلالايدىغان بىر ئايال يوتىسىنى ئېچىپ يۈرىدىغان ئايالدىن تېخىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر دەپ قارايمەن.
                                                - ھىنىفور
    ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلىسا پەقەت،
    تەقدىر يۇلتۇزىدىن نالىماس پەقەت.
                               - ئوبولقاسىم فىردەۋىس

    20.ئېرىڭىزنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئابرۇيى بولسۇن دېسىڭىز، پۇل خەجلەش ئەركىنلىكىنى بېرىڭ 

    ئەتراپقا شۇنداق سەپسالىدىغان بولسىڭىز، كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان، دائىم كەمسىتىلدىغان ئەرلەر دەل پىخسىق ياكى « خوتۇنىدىن قورقىدۇ» غان ئەرلەردۇر. بەزى ئەرلەر كىچىكىدە ئالغان تەربىيسىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى ئىرسىيەت سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئىنتايىن بېخىل بولۇپ، ھەر قانداق چاغدا ئۇ يۈزىنى «قېلىن» قىلىپ خەقتىن پۇل سورىسا سورايدۇكى، لېكىن باشقىلارغا بىر تېيىنلىق پايدىسى تەگمەيدۇ. خەقنىڭكىنى يىسە يەيدۇكى، ھەرگىز باشقىلارغا پۇل خەجلىمەيدۇ. مۇشۇنداق بېخىللىقى سەۋەبىدىن كىشىلەر ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ. يەنە بەزى ئەرلەر خوتۇنىنىڭ ئىقتىسادنى ھەددىدىن زىيادە كونتۇرۇل قىلىۋىلىشى سەۋەبىدىن كۈندىلىك خىراجىتىنى ئايالىدىن ئېلىپ خەجلەيدۇ. ھەر قانداق چاغدا خوتۇنىنىڭ سىزغان سىزىغىدىن چىقالمايدۇ، « خوتۇنىدىن قورقىدۇ» غان بۇنداق ئەرلەرنىڭ كىشىلەر ئالدىدا تېخىمۇ ئابرويى بولمايدۇ.
    « پۇل كەتسە كەتسۇن، يۈز كەتمىسۇن» دەيدىغان گەپ بار، جەميەتتە ياشىغان ئىكەنمىز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بولىدۇ. بىر تىيننىڭ تۆشۈكىدىن نەچچە قېتىم ئۆتۈپ، پۇل يىغىپ باي بولسىڭىزمۇ، كىشىنىڭ ئالدىدا تىيىنلىق ئىناۋىتىڭىز بولمىسا بۇنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق، پىخسىقلىق ئاياللارغا ياراشقان بىلەن ئەرلەرگە ياراشمايدۇ.
   « ئەرنى  ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن»، پۇلنى دەپ ئېرىڭىزنى ئەركەك دېگەن نامدىن مەھرۇم قالدۇرماڭ. ئىقتىسادنى باشقۇرۇڭ، لېكىن خوجايىنلىق ھوقۇقىنى ئېرىڭىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ. بەك بەتخەجلىك قىلمىسىلا، پۇل خەجلەش ئەركىنىلىكى بوغۇپ قويماڭ.
   مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن نام- ئابروي ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ئەڭ خۇسۇسى گۆھەردۇر. كىمكى پورتمىلىنى ئوغىرلىسا، ناھايىتى كەتسە بىر توپ كېرەكىسىز نەرسىللىرىمنى، تۇتامى يوق نەرسىللىرىمىنى، مىنىڭ قولۇمدىن ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇردىغان، شۇنداقلا تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان نەرسىللىرىمنى ئوغىرلىغان بولىدۇ. لېكىن كىمكى نام- ئابرويۇمنى ئوغرىلاپ كەتسە، گەرچە بۇنىڭ بىلەن ئۇ باي بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنى يوقىتىپ قويغانلىقىم تۈپەيلىدىن گادايلىشىپ كېتىمەن.
                                     - شېكىسپىر
   ھېچكىمگە نەپ بەرمىگەن ناكەستىنى قويغىن ئەسلىمەي،
   مال يىغىش بىلەن ئاۋەرە بولدىيۇ كەتتى يېمەي.
                                      - سەئىدى شىرازى

     21.تاشقى قىياپەت گۈزەللىكىڭىزنى چوقۇم ساقلاپ قېلىڭ

     ئاياللارنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بولىدۇ. ئېسىل نۇسخىسى ۋە ئادەتتىكى نۇسخىسى. ئالدىنقىسى كەسپىيى سورۇنلار ۋە ئجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا باشقىلارغا كۆرسىتىلىدۇ، چىرايلىق ھەم قويۇق پەرداز قىلىنغان، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ؛ كىينكىسى ئۆيدە ئېرىگە كۆرسىتىلىدۇ، ئەر پەقەت خوتۇنىنىڭ ئادەتتىكى  نۇسخىسىنىلا كۆرەلەيدۇ، نېمىشقا ئېرىڭىزگە ئېسىل نۇسخىڭىزنى كۆرسىتىپ باقمايسىز؟ گەرچە خۇدا سىزنىڭ چىرايىڭىزنى ئەمدى ئۆزگەرتمىسىمۇ، بىراق سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدىغۇ.
   « ئاناڭنى داداڭغا پەرداسىز كۆرسەتمە». دېمەكچىكى، ھەر قانداق بىر ئەر مەيلى ئۇ قېرى ياكى ياش بولسۇن چىرايلىق ئاياللارغا ئامراق بولىدۇ ھەمدە چىرايلىق خوتۇنى بولۇشنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. گۈزەللىكىنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇغما خۇسۇسىيتى. گەرچە چىن قەلب گۈزەللىكى تاشقى گۈزەللىكىتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ،لېكىن ئىمكانىيتىڭىز يار بەرسە، ئۆزىڭىزنىڭ سىرىتقى قىياپىتىڭىز، كىيىم- كېچىكىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز ناھايىتىمۇ زۆرۈر. چۈنكى سىرتتا ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىدىغىنى بىر- بىرىدىن ئۆتە ياسىنىشىپ، گىرىم قېلىۋېلىشقان ئاياللار، ئۇلار يىراقتىن ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە پەرىزاتتەك كۆرۈنىشى مۈمكىن . ئەگەر ئۆيدە چاچلىرى چۇۋۇق، چىرايلىرى نۇرسىز، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ چارچاپ بولالماي قالغان، ساڭگۇل- سۇڭگۇل ئايالىنى كۆرسە، قانداق ھېسسىياتقا كېلىپ قالار؟
    شۇڭا، ئۆي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆيدىمۇ، تالادىمۇ ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
   كىيىم- كېچەكنى يېشىڭىز، سالاھىتىڭىز، رەڭگىڭىز، بەدەن شەكلىڭىز، سورۇنغا قاراپ كىيىشنى بىلىۋېلىشىڭىز تېخىمۇ مۇھىم. بەزى يېشى 40 تىن ئاشقان سېمىز ئاياللارنىڭ تار، لىققىدە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ياكى كەڭلىكىدىن تېخىمۇ سېمىز كۆرسىتىۋېتىدىغان ئىشتانلارنى كىيىپ، سومكىسىنى كاسسىسىدا پالاق- پالاق قىلىپ ئېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى پات- پات ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
   كىيىم- كېچەك تەتقىقاتچىللىرىنىڭ قارىشچە، تۆۋەندە ئېيتىلغانلارغا دىققەت قىلالىغان ئاياللار تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن.
   سېمىز بولسىڭىز تىك يوللۇق، قارا، كەرشىنىۋاي، توق رەڭلىك كىيىملەرنى  كىيىڭ. بوينىڭىز قىسقا بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۆرە ياقىلىق كىيىملەرنى كىيمەستىن، سەل بوينىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىڭ . چوڭ چاقماقلىق كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ. رەڭگارەڭ رەختلەرنى كىيىۋالماڭ. ئەڭ ياخشىسى، بىر ياكى ئىككى خىل رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان كىيىم كىيىڭ. كىيىمىڭىزنىڭ رەختى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمىسۇن، يۇمىلاق كەلگەن زىننەت بويۇملىرىنى تاقىماڭ.
   ھەم سېمىز، ھەم پاكارراقلار چاچ پوسۇنىغا دىققەت قىلىش، ئامال بار قىسقا چاچ قويۇش ياكى ئېگىز بوغىۋېلىش، بانتىلىۋېلىش كېرەك.
  پايپىقىڭىزنىڭ رەڭگى كىيىمىڭىزنىڭ رەڭگىدىن قېنىق بولسۇن،يەنى قېنىق، قوڭۇر، قارا، سۈررەڭ، قارامتۇل، كەرشىنىۋاي پايپاقلارنى كىيىڭ. بۇنىڭدا پاچىقىڭىز ئىنچىكىرەك كۆرۈنىدۇ. ئەگەر پاچىقىڭىز بەك توم ياكى مايماق بولسا ئەڭ ياخشىسى قىسقا يوپكا كىيمەي، ئۇزۇن يوپكا ياكى كۆينەك كىيىۋېلىڭ. ئاستى كىيىمىڭىزنىڭ رەختى چوقۇم ئۈستى كىيىمىڭىزنىڭ رەختىدىن قېلىن ھەم ئېغىرراق بولسۇن.
    ھەددىدىن ئارتۇق ياسىنىپ تارىنىش دەرۋەقە توغرا ئەمەس، پۈتۈنلەي ياسانماسلىق، تارانماسلىق تۇرمۇشنىڭ خائىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ خۇش قىلالايدىغان ئاياللار قانداق ياسىنىپ تارىنىشنى ئوبدان بىلىدۇ.
                          - ف باكون
    گۈزەل يۈزنى كۆرگەن كىشى خۇشلىنۇر،
   كۆڭۈل ئېچىلۇر ھەم جان زوقلىنۇر.
                         - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    22.ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

   ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگە باب كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇرسىڭىز، ئېرىڭىز چارچىغان ۋاقىتتا بىر قېتىم كۈلۈۋېلىشى، مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرۋېلىشى ۋە سىزنى ئەسلىشىگە پايدىلىق.
   تېلېفۇن ئۇرۇپ قالسىڭىز، تېلېفۇندا ئېرىڭىزنى ھەرگىز ئەيىبلىمەڭ. ناۋادا سىز ئۇرغان تېلېفۇن ئېلىنماي قالسا، سىز يوللىغان ئۇچۇرغا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىسا، ھەرگىز قالايمىقان ئويلاردا بولماڭ. ئېرىڭىز چوقۇم ئالدىراش ياكى بولمىسا تېلېفۇننى ئاڭلىماي قالغان گەپ. مۇشۇنداق ئويدا بولسىڭىز تېخىمۇ راھەت ھېس قىلمامسىز؟
   ئوقۇشنىڭ بېشى ھەرپ ، ھەرپنىڭ بېشى « ئېلىپ» ،
   خوتۇن قەدرىنى بىلمىگەنلەر، ئاخىر بولار غېرىپ.
   ئۇ ئەگەر « ئادەم» بولسىلا سىزنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقانلىرىڭىزنى چۈشىنىدۇ، كەڭ قورساقلىقىڭىزدىن تەسىرلىنىدۇ، سىزنى بارلىقى دەپ بىلىدۇ.
   ئەقىللىق ئاياللار شۇنى بىلىشى كىرەككى، سۆيگۈ يالقۇنىنى مەڭگۈ يالقۇنجىتىپ تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر سىرى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئەپچىل چارىدىن ئىبارەت:
    مۇھەببەتلىك شەكىلدە ئالاقىلىشىش، ئەيىبلىمەستىن كەڭ قورساقلىق قىلىش، تەلەپ قىلىۋەرمەستىن غەمخورلۇق قىلىش.
   ئاۋازلار ئىچىدە ئەڭ يېقىملىقى سۆيگۈنۈڭنىڭ ئاۋازى.
                                    -لابىر يورېر
   سۆزلىسەڭ ياخشى سۆز دېگىن بۇرادەر،
   شېرىن سۆز پايدىدۇر، بى كۆمۈش بى زەر.
                                    - ناسىر خىسراۋ

    23.ئېرىڭىزنىڭ ئاتىلىق غورۇرىنى ھۆرمەت قىلىڭ

   ئاتا- نوقۇل يىگىتلىكىتىن ئائىلىلىك بولۇپ، پەرزەنت دىدارى كۆرۈش بولماستىن، ئۇ يۈكسەك ئاڭ ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كەڭ مەنىدىكى ئىبارە. دەرۋەقە، پەرزەنت تېپىش، پەرزەنتكە ئاتا بولۇش قىيىن ئەمەس، ئەمما پەرزەنتكە ئاتىلىق قىلماق قىيىن.
   ياخشى ئاتا بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئەر بولۇش شەرت. ياخشى ئەر بولۇش ئۈچۈن ئەركەك، ياخشى ئىنسان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ھەممە ئەركەكلەر ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى ئەر ۋە ياخشى ئاتا بولۇشى ناتايىن.
   ئېيتىش كېرەككى، ياخشى ئەر بولۇش، ئەر جىنسىنىڭ ياش، تەمبەل،كېلشكەن بولۇشىنىمۇ ياكى قەھرى- غەزەپلىك، ئىتتىك ۋە ھەركەتچان بولۇشنىمۇ ياكى سۆزمەن، ئويۇنپەز، زېرىكتۈرمەس بولۇشىنىمۇ ئاساسى شەرت قىلمايدۇ. ياخشى ئەر بولۇش ئائىلىدە خوتۇنغا نىسبەتەن، ئائىلە ئىچى- سىرتىدىكى ئەرلىك زۆرۈرىيەتلىرىگە نىسبەتەن يۇقرى ئاڭ، قىزغىنلىق، مەجبۇرىيەت ۋە ئۈنۈملۈك ئەر ئوبرازىغا مۇۋاپىق بولۇش دېمەكتۇر.
   ئاتا بولۇش، ئاتىدەك ئىناۋەتلىك ئۇنۋانغا ئىگە بولۇش ئەرنىڭ ئارزۇسى ۋە بەختى.
   دېمەك، ئايال ئۆز ئېرى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەتتا بىر كارغا كەلمەس ئەر بولسىمۇ، بالا ئالدىدا ئۆز ئېرىنى تىللىماسىلىقى، دادا بالىسىغا تەربىيە ئىشلەۋاتقاندا ئارىغا كىرمەسلىكى، بالىنى تىللىغاندا « داداڭدەك يارىماس نەرسە بوپسەن» دەپ ئېرىگە ھاقارەت قىلماسلىقى كېرەك. ئەرنىڭ ئەڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان گەپ دەل مۇشۇ سۆزدۇر.
   ئەگەر سىز ھەدىسە ئېرىڭىزنى بالىڭىزنىڭ ئالدىدا كۆزگە ئىلمايدىغان سۆز – ھەركەتلەردە بولسىڭىز، بالا ئۆزىنىڭ دادىسىدىن نۇمۇس قىلىدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، كېيىن بالىڭىزنى باشقۇرالماي قالىسىز. « ئاجراشماڭلار ئاتا – ئانىلار» دېگەن ناخشىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن:
   « ئەرنىڭ ھۆرمىتى ئۆينىڭ ھۆرمىتى، ئەر- ئايال كۈلسە پەرزەنت كۈلگۈسى» .
   ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ مەخسىتى بالا تەربىيلەش، بالا تەربىيلەشتە تۇنجى مەكتەپ- ئەر ۋە خوتۇن ھەمىدە ئاتا بىلەن ئانا مۇناسىۋىتى.
                                          - سوخۇملىنىسكى
   ياخشى خوتۇن كۈلۈپ باقار يۈزۈڭگە،
  مىڭ جان قۇربان ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىگە.
                              - مەختۇمقۇلى

    24.بىلىملىك ۋە ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان بولۇڭ

   بىر ئايالنىڭ ئىككىنجى بىر ئايالدىن تۈپ پەرقى شۇ يەردىكى: ئۇلارنىڭ مىجەزى ۋە تەربىيلىنىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى.
   ئەگەر سىز باشقا ئاياللار بىلەن بولغان پەرقىڭىزنى چوڭايتماقچى ھەمدە ئۇلارنى كەينىڭىزگە تاشلىۋەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۆزىڭىزنى بىلىملىك ۋە ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشىڭىز زۆرۈر. بىر ئەقىللىق ئايال گۈزەل تاشقى قىياپەت كۆزگە ئارام بىرىدىغانلىقىنى، ۋاقىتلىق ماختاشلارغىلا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئالىيجاناپ مىجەز- خۇلقنىڭ كىشىنىڭ روھىنى لەرزىگە سىلىپ، ھاياتلىق گۈللىرىنى مەڭگۈ سۇلدۇرمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
  ھەر قانداق بىر ئەر ئۆز ئايالىنىڭ مەيلى تاشقى قىياپەت، مەيلى ئەقىل- پاراسەت ۋە ياكى بىلىم، مىجەز- خۇلق جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئادەمگەرچىلىك ۋە ئىشنىڭ يولىنى بىلىش جەھەتتىن بولسۇن باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئاياللىرىدىن ئېشىپ چۈچۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
   ياياشتىن مەخسەت ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىش، شۇنداق بولغان ئىكەن، ئامال بار ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزنى تەربىيلەيدىغان كىتابلارنىى كۆپرەك ئوقۇڭ، مىجەزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ، ئالىيجاناپ ئاياللار بىلەن دوست بولۇڭ. نەزەر دائىرىڭىزنى كىڭەيتىپ، ئۆيدە ياخشى خوتۇن، مېھرىبان ئانا، سىرتتا مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ .
    ئەقىل- پاراسەت چىرايدىن ئارتۇق، مېنىڭچە ئىقتىدارلىق ياش ئاياللارنىڭ سەت يوق. ئىقتىدارسىز لىۋەن ئاياللارنىڭ چىرايلىقى يوق. 
                                         - ۋىچېلىر
     ئۆزۈڭنى بىلىم بىلەن بېزە ھەر مەھەل،
     پەقەت كىمخاب كىيگەن ئەمەستۇر گۈزەل.
                                  - ناسىر خىسراۋ

     25.دائىم ئېرىڭىزگە ئەركىلەپ تۇرۇڭ

   ئاياللىق خۇلق ئاياللار ئەرلەرگە بېغىشلايدىغان ئاجايىپ مەزمۇلۇق ۋە قالتىس نەپىس بىر خىل پۇرۇق بولۇپ،ئاياللار جىسمىدىكى سەبىيلىك، بالىلارچە قىزىقىش ۋە پاكلىقنىڭ مۇكەممەل بىرلىشىشىدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە مىليۇنلىغان ئەرلەرنى ساراسىمگە سالىدىغان نەرسە!
  قەدىمكىىلەر ئېيتىدۇ: « كۈلۈپ تۇرغان ئايالنى ئالۋاستىمۇ ئۇرمايدۇ!» . بىر ئاق كۆڭۈل، رۇمانتىك ئايالنى ئالۋاستىنىڭ ئۇرۇشقا كۆزى قىيمىغان يەردە، ئېرى قانداقمۇ ئۇرغۇسى كېلىدۇ!
   مۇندقچە ئېيتقاندا، ئەركىلەش ئاياللارنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلدىكى مۇلايىملىقى، نۇرغۇن ئاچچىقى يامان، گۈسمەستەك ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ نازاكىتى ۋە مۇلايىملىقى ئالدىدا باش ئەگمەي قالمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئەركىلەش ئەرلەرنى يېڭىشنىڭ بىر مەخپى قورالى بولۇپلا قالماستىن. نىكاھ تۇرمۇشىدىكى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سىلىقلاش مەلھىمدۇر.
   گۈزەللىك – تاشقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىكنىڭ مۇكەممەل بىرلىكىدىن ئىبارەت.
   تاشقى قىياپىتىڭىز نۇخسانسىز بولسا ئۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز، لېكىن ئۇ پەقەت تاشقى قىياپىتىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قېلىپ، ئۇ سىزدە ئۇ خىل گۈزەللىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردىغان ئىچكى گۈزەللىك بولمايدىغان بولسا سىز ئاخىرقى ھىسابتا يەنىلا بەخىتسىز بولۇپ قىلىشىڭىز مۈمكىن. مۇلايىملىق بىلەن نازاكەت ئاشۇ ئىچكى گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بۇلار ئاياللارنى تېخىمۇ جەزبىدارلىققا ئىگە قىلىدۇ. ھەر قانچە گۈزەل، ھەر قانچە باي، ھەر قانچە يۇقرى ئەمەلدار بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، ئېرىڭىز ئالدىدا سىز يەنىلا ئۇنىڭ خوتۇنى، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئېرىڭىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى ئويلىشىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
   خەقنىڭ ئالدىدا تەمكىن، سالماق، ئېرىنىڭ ئالدىدا نازۇ- كەرەشمىلىك بولۇشنى پەقەت تالانت ئىگىللىرىلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ھالبۇكى بۇنداق ئاياللار ئانچە كۆپ ئەمەس. مانا بۇ ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك ئامراقلىق،مېھرىبانلىقنىڭ سىرى؛ بۇنداق قوش تالانتى كەمچىل ئاياللار ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك مۇنداق ئامراقلىق تاپماق تەس تېپىشماقتەك بىلىنىدۇ.
                                            - بالزاك
     خۇش چىراي ئەمەس ياخشىلىقنىڭ پەللىسى،
     ياخشى خۇلقتۇر ياخىشىلىقنىڭ بەلگىسى.
                                 -خۇسراۋ دېھلىۋى

    26.ئېرىڭىزگە دائىم ھەمراھ بولۇڭ

   ئەرلەر دائىم مۇنداق ئىككى خىل ھالەتتە ئاياللارنىڭ كۆيۈنىشىگە تېخىمۇ مۇھتاج بولىدۇ: مۇلايملاشقاندا ۋە قورقۇنچاقلىق قىلغاندا.
   قانداق ۋاقىتتىكى ئەرلەر مۇلايىم بولىدۇ؟ قانداق چاغدا ئەرلەر « قورقۇنچاق» لىق قىلىدۇ؟ دەل جايىدا چىقىرىلغان ھۆكۈم ئاياللارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى.
   خوتۇن: نېمىگە ئەنسىرەيسىز! بىز نۇرغۇن ئادەملەرگە قارىغاندىمۇ ياخشى ياشاپ كېتىۋاتمامدۇق!
   مانا مۇشۇنداق دەرد ئېتىيش، تەسەللى بىرىشلەردىن كېيىن ئەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەم – غايغۇلار يوقاپ يېنىكلەپ قالىدۇ.
  ياخشى ئاتقا ياخشى ئىگەر لازىم، ياخشى كۈنلەرنىڭ بولىشى ياخشى ئايالنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج.
  ئەر: ماڭا چۈشۈۋاتقان بىسىم بەكلا ئېغىر، ناھايىتى چارچىدىم!
   خوتۇن: سىز چارچىغان بولسىڭىز مەنچۇ؟ ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن سىرىت، تامىقىڭىزنى ئېتىپ، كىرىڭىزنى يۇيۇپ، باللىرىڭىزنى بېقىپ، ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ...
   بۇنىڭ ئاخىرى يا سوقۇش بىلەن ياكى ئەرنىڭ ئىشىكنى جالاقلىتىپ يېپىپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. شۇنداقلا ئاياغلاشسىغۇ مەيلى، لېكىن ئېرىڭىزنىڭ سىزدىن كۆڭلى قالىدۇ، ئىككىنچىلەپ سىزگە دەرد ئېيتمايدىغان بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ دەردنى كىمگە ئېيتىدۇ؟ ھاراق، قىمار ياكى باشقا دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئايالغا.
  بۇلارنىڭ ھەممىسىلا سىز ئۈچۈن پايدىسىز، ئەڭ ياخشىسى ئېرىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. بىر پىسخولوگنىڭ ئېيتىشچە، « بىر ئەرنىڭ خوتۇنى قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم بىر ئىش شۇكى، ئۇ ئېرىنى ئىشخانىدا چىقىرالمىغان دەردنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرەلەيدىغان قىلالايدۇ». بۇ بۇرچنى ئادا قىلالىغان ئاياللار « تىچلاندۇرۇش دورىسى»، « بىللە ھاڭ- مۇڭ بولىدىغان تاختاي»، « يىغلايدىغان تام»، « ماي قاچىلايدىغان بېكەت» دەپ تەسۋىرلەنگەن.
   ئۆزىڭىز سۆيىدىغان بىر ئەر ئۈچۈن يۇقىرقىلارنىڭ قايسىسى بولغىڭىز بار؟
   ئەرلەر ئۈچۈن جەمئىيەت جەڭ مەيدانى، ئائىلە بولسا بىردىنبىر كۆڭۈل بوستانى ۋە ئارامگاھى.
                                        - چىتيەن دازۇ
   ئىككى ئالەمدە مىنىڭ يېنىمدا يارىم بولسا بەس،
   يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۆرۇ- غىلمان كېرەك ئەمەس.
                                 -ھاپىز شىرازى

    27.گەپ ئاڭلايدىغان ئايال بولۇڭ

    ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئەرلەر قارماققا « ئۆكۈزدەك كۈچلۈك» كۆرۈنىدۇ. شۇنداقتىمۇ كىچىك ئىشلار، ئۇششاق- چۈشەك خاھىشلار، بەزىبىر مۇناسىۋەتلەردە ئەرلەرگە ئازراق يول قويۇڭ، ئاخىرقى ھېسابتا پايدا ئالىدىغىنى يەنىلا سىز.
  ياۋاش ئەرلەر ھامان ئۆزىدىن « كۈچلۈك » ئاياللار بىلەن توي قىلىپ قالىدۇ. بۇ بەلكىم « تەڭشەلگەن» لىكىدۇر. بۇنداق « كۈچلۈك» ئاياللار ئۆينىڭ بارلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالغان، ھەتتا ئەرلەر رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان چوڭ- چوڭ ئىشلاردىمۇ يەنىلا ئەرنىڭ پىكرى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىدۇ، جاھىللىق قىلىدۇ، ئەر كىشىنى ئامالسىز ، بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قىلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھىيتىدە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىپ، ئەرنى ئۆزىنى كۆزگە ئىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەرلەر ھاراق، قىمار بىلەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق خوتۇنىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ ياكى خوتۇنىغا بولغان بىزارلىقىنى پەيدا قىلىپ، نىكاھ كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   گەپكە قۇلاق سالىدىغان ئايال ئۆزنىڭ ئېرىگە ناھايىتى زور تەسەللى ۋە خاتىرجەملىك بېرەلەيدۇ. بۇلا ئەمەس، ئۆزىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئىجتىمائىي مۈلۈككە ئېرىشىدۇ. بىر مۇلايىم، شۇنداقلا ياسانچۇق ئەمەس ئايال باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە مەپتۇن بولۇپ تۇرىدۇ.
  ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ھېسسىياتقا تايىنىپ ياشايدۇ. ھالبۇكى ئەرلەر بولسا ئەمەلىيرەك كېلىدۇ. ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر ھالقىسىدا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلىغىنى، ئەرلىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىغىنى ياخشى!
   پۇل بولسا گىدىيىپ كىتىشنىڭ، داۋلىرىڭىز بولسا ھۆكىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئائىلە تۇرمۇشىدا ئېرىڭىزگە ئازراقمۇ پىكىر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، خوجاينلىق ھوقۇقىنى بەرمىسىڭىز، ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز چات كېرىۋالسىڭىز، ئۇنداق ئەرنى ئەڭ ياخشىسى « قويۇۋەتكىنىڭىز» تۈزۈك!
   تەنتەك خوتۇن ئېرىنى جىمغۇر قىلىۋېتەلەيدۇ.
                              - شېكىسپىر
   ھەددىدىن ئارتۇق لاۋۇلدىغان شام،
   مۈمكىن خانىمانىڭ كۆيدۈرۈر تامام.
                         - سەئىدى شىرازى
28.پات-پات رومانتىك ئىشلارنى قىلىپ، تۇرمۇشىڭىزدا يېڭىلىق پەيدا قىلىڭ

  قەھۋەنىڭ تاتلىق ياكى قىرتاق بولۇشى شېكەرنىڭ ئاز كۆپلىكىگە باغلىق. تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئازاپلىق ياكى خۇشال ئۆتۈشى سىزنىڭ پوزتىيىڭىزگە ۋە كەيپىياتىڭىزغا باغلىق. قاچانلا بولسۇن ئۆزىڭىزگە شېكەر قوشۇپ تۇرۇڭ، شۇندىلا ھەر كۈنىڭىز خۇشال ئۆتىدۇ.
   ئېرىم ھەر دائىم كاماندۇرۇپكىغا چىقىشتىن بۇرۇن، چامادانىنى رەتلەپ، ھەر كىيىمنىڭ يانچۇقىغا چاندۇرماي باغاقچىلارنى سېلىپ قويىمەن، يەنى ئاخشىمى ئۇخلاش كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، بىر يانچۇقىغا شۇنداق قول سېلىشىغا « بەك كەچكىچە تېلۋېزۇر كۆرۈپ، ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالما!» دېگەن خەتنى كۆرىدۇ. يەنە بىر يانچۇقىنى ئاختۇرسا«ياخشى چۈش كۆر!» دېگەن خەت چىقىدۇ.
    ئەتىگەندە كاستۇم بۇرۇلكىسىنى كىيگەندە، ھەممىلا يانچۇقىدىن ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەر يېزىلغان باغاقچىلارنى ئۇچرىتالايدۇ. قايسىلا كىيىمنى كىيسە، شۇنىڭ يانچۇقىدىن باغاقچىلارنى ئوقۇپ تۇرىدۇ. بۇمۇ بىر خىل رومانتىكا، مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ، نىكاھ تۇمۇشنى رەڭگارەڭ قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن.
  ناخشا ئېيتىشنى بىلمەيدىغان ئاققاش قۇشقاچ گومۇش قۇش، سۆزلەشنى ئۆگىنەلمەيدىغان شاتۇتى كالۋا قۇش، چۈجىنى تۇتالمايدىغان بۈركۈت دۆت قۇش، ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنى بىلمەيدىغان خوتۇن شەك- شۈھبىسىزكى ياغاچتىن باشقا نەرسە ئەمەس!
   سىز ئېرىڭىزنى قانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ھېسسىياتىڭىزنى ئازراق ئىپادىلەشنىمۇ بىلمىسىڭىز، سىزدىكى مۇھەببەت قانچە چوڭقۇر بولغىنى بىلەنمۇ ئېرىڭىز تەسىرلەنمەيدۇ. شۇڭا، ياغاچتەك خوتۇن بولغاندىن كۆرە ئازراق كاللا قاتۇرۇپ، تۈرلۈك رومانتىكىلار بىلەن ئېرىڭىزگە ھېسسىياتىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرسىڭىز ئېرىڭىز چوقۇم سىزگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىدۇ. قېنى ئېرىڭىزگە ھازىرلا بىر پارچە سۆيگۈ مەكتۇبى يېزىپ ياستۇقىنىڭ تېگىگە باستۇرۇپ قويۇڭ، تېخىمۇ ياخشىسى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، پوچتىدىن ئۇدۇل خىزمەت ئورنىغىلا سېلىۋېتىڭ. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ رومانتىكىلىق بولىدۇ!!!
   ھەركىمگە سۆيگۈدىن قۇۋۋەت يەتسە، ئۇ كىشى سۈت ئىچسە گۆھەر، قان يۇتسا ياقۇت بولىدۇ.
                                - موللا سىدىق يەركەندى
   ئاقىل، تەدبىلىك بولسا گەر ئايال،
   قولىدىكى يىڭنىسى يا ئوقى مىسال.
                            - خۇسراۋا دېھلىۋى

   29. مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ

    مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىڭىز ئىسىڭىزدىمۇ؟
   ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چىرايلىق تەرىپىنى كۆرسىتىشكە تىرشىپ، ئەينەكنىڭ ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇراتتىڭىز، ئەڭ يارشىملىق كىيىملىرىڭىزنى كىيەتتىڭىز، چېچىڭىزنىڭ قانداق پوسۇندا بولۇشىنى ئارزۇ قىلسا شۇ پوسۇندا ياسىتاتتىڭىز، ئۇ نېمىنى ياخشى كۆرسە شۇنى يەيتىڭىز، تاكسىغا چىقايلى دېسە، ئەرزانراق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرايلى دەپ تۇرۇۋالاتتىڭىز. بەتخەجلىك قىلىشنى خالىمايتىڭىز، ئاتا- ئانىسى، دوست – بۇرادەرلىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلاتتىڭىز...
  توي قىلىش بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئىككىسى ئىككى ئىش. ئۇمۇ، سىزمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىسىز، بۇرۇن بىر- بىرىڭلارغا رەڭلىك كۆزئەينەك ئاستىدىن قارىغان بولساڭلار، توي قىلغاندىن كىيىن لوپا ئەينەكتىن قارايدىغان بولىسىلەر، بۇرۇن ئەڭ چىرايلىق تەرەپنىلا كۆرسەتكەن بولسىڭىز، ئەمدى بۇ سەل تەسكە توختايدىغان بولىدۇ.
  لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىزنى يەنىلا ئېرىڭىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سۆيگىنى دەپ قاراپ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان چاچ پوسۇنىنى لاھىھلەڭ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىڭ.
  نىكاھ- بىر جۈپ ئاياغقا ئوخشايدۇ، پۇتىڭىزغا كەيگەندىن كېيىنلا ئاندىن ماس كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى بىلىسىز. ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان «ئەندىزە» بويىچە بىر جۈپ نىكاھ ئايىغىنى تىكتۈرۈڭ، ئاياغ بوغقۇچىنىڭ چىڭ ياكى بوشلۇقى پۈتۈنلەي سىزنىڭ قولىڭىزدا.
  ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۇتى « تەرلەپ تۇرىدۇ»، « نىكاھ ئايىغى» تىكتۈرگەن چېغىڭىزدا يۈزلۈكىگە چوقۇم بىر نەچچە كىچىك تۆشۈكچە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، شۇندىلا ئېرىڭىزنىڭ پۇتى تېخىمۇ اراھەت، تېخىمۇ سالقىن تۇرىدۇ.
   چىن مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتى شۇ يەردىكى، ئىنسان ئۆزىنى ئۇنتۇپ، باشقا بىر « مەن» گە سىڭىپ كېتىدۇ، ئۇنتۇلۇش ۋە سىڭىپ كېتىش جەريانىدا ئۇ ئۆزى تەبىئي ھالىتىنى بايقايدۇ ۋە ئۆز- ئۆزىنى تېپىۋالىدۇ.
                                        - گېگىل
   دىلۇ جان بىلەن ھەركىم بولسا ئاشىق،
   بولۇر مەشۇقىغە جاندەك مۇۋاپىق.
                           - مۇھەممەد ئىمىن خىرقىتى

    30.كىشىلىك ئالاقە سورونلىرىدا يەڭگىلتەكلىك قىلماڭ

   ئەرلەر يېنىدا چىرايلىق ئايالى بار تۇرۇقلۇق ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان باشقا بىر ئايالغا قاراشتىن يانمايدۇ. ئەگەر ئۇ قارىمغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسا بۇ ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئالا ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. دېمەك، بۇ ئەرلەرگە ئەگەر پۇرسەت بولسىلا، باشقا ئاياللار بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇشتىن يانمايدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى. لېكىن سىز باشقا بىر كېلىشكەن ئەر بىلەن تانسا ئويناپ بېقىڭ ياكى ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ، ھەرخىل ئاماللار بىلەن سىزنى ئۇنىڭدىن توسىدۇ.
   ئاڭلىشىمىزچە، ئەرلەرنىڭ مۇنداق كۆپچىلىكى « ئۆزئايالىنىڭ ھەرەمدەك مۇقەددەس بولۇشىنى ، خەقنىڭ خوتۇنىنڭ بۇزۇق » بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان بىر سىرىدۇر. ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ سەل قىنىدىن چىقىپ، باشقا ئەرلەر بىلەن بەكلا يېقىنچىلىق قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسە ھەرگىز چىدىمايدۇ. ئايالىنىڭ تالاغا قاراپ قالغانلىقىنى سەزگەن بۇ ئەر بۇ ئىشنى ئويلىغان ھامان ئايالىغا قارىتا سەسكىنىش پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن ئالدىراپ خوتۇنىدىن ئاجرىشىدىغان ئەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ، چۈنكى ئائىلىسىنى بۇزۇشنى ئۇلارمۇ خالىمايدۇ- دە.
   ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، ئەرلەر ئۆز خوتۇنىنىڭ پەقەت مۇنداق ئئىككى خىل سۆيگۈنى قۇبۇل قىلىشىنىلا ئۈمىد قىلىدۇ: بىرى ئېرىنىڭ سۆيگۈسى، يەنە بىرى ئۆزىنى سۆيۈش.
   ئەگەر سەن قىلغاندىن كېيىن مەن قىلمامدىم ، سەن قارىغاندىن كېيىن مەن قارىمامتىم دېگەن پاسسىپ قارشىلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئېرىڭىزدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز دەرھال بۇ نىيتىڭىزدىن يېنىڭ، جامائەتنىڭ، باللىرىڭىزنىڭ ئالدىدىكى مۇقەررەر ئورنىڭىز ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئامال تېپىڭ .
  ئائىلە تۇرمۇشىدا بەرداشلىق بېرىش- مۇھەببەت؛ يول قويۇش بولسا ھېسسىياتتۇر؛ كەڭ قورساقلىق ئەدەب، ئاددىيلىق ھەقىقەتتۇر.
   كۆكسى – قارنى كەڭ بولۇش تەربىيلىنىش بىلەن ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش، ھېسداشلىق بىلەن مىھرىبانلىقتىن تەركىپ تاپقان گۈزەل ئەخلاقتۇر. كۆكسى- قارنى كەڭ ئادەمنىڭ خۇشال يۈرىدىغان كۈنلىرى كۆپ، خاپىلىقى ئاز بولىدۇ.
                                - روللان
    يامان نەپسىڭنى سەن ئەدەبكە قۇل قىل،
    ئەدەبسىزنى ئەدەب بىلەن قايىل قىل.
                       - خۇسراۋ دېھلىۋى

    31.ئەرنىڭ مھمانلىرىنى كۈتۈۋېلىشتىمۇ سەۋىر- تاقەت بولۇش كېرەك

   جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگىلا خىرىس ۋە رىقابەت تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل خىرىس، رىقابەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلەرنىڭ ھەر قاندىقى ئىنتايىن ئالدىراش، ھەتتا ئۇخلايدىغان، تاماق يەيدىغان ۋاقىتىمۇ يوق چېپىپ يۈرۈۋاتىدۇ.
   قېينىنىمنىڭ بىر كۈنى مۇلۇم رېستۇرانغا چاقىرساق كېلىپلا:
   - توۋا، سىلەر تېخى مۇشۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىپ، ۋاقتىڭلارنى بىكار ئۆتكۈزۈپ يۈرەمسىلەر؟ بولدى، مەن بىر تەخسە پولۇغا تويىمەن، شۇنى يەپلا ماڭاي،- دەپ ئون مىنۇتنىڭ ئىچىدە مېھمان بولۇپ كەتكىنى ماڭا بەكلا تەسىر قلغان ئىدى.
   چەت ئەللەردە خەقلەر مېھمان چاقىرماقچى بولسا چوقۇم ئالدىن كېلىشىۋېلىپ، ئاندىن خوتۇنىغا ئېيتىپ، بىر كىشلىك تاماقنى ئارتۇق تەييارلىتىپ ئاندىن ئۆيگە ئاپىردىغانلىقى، خالىغان ۋاقىتتا گۈلدۈرلەپلا مېھمانلار ئولتۇرىشى قىلدىغانغا ۋاقىتنىڭ يوقلقى، تەييار تاماقلارنى ياكى بولكىلارنى يەۋېلىپلا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇردىغانلىقىنى... ئاڭلاپ ھەيران قالاتتىم. ئەسلىدە بۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. لېكىن، ئۇيغۇرلاردا مېھماندارچىلىق، ئولتۇرۇش، بەزمىلەر خۇددى تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىدەك تېخىمۇ تەرەققى قىلماقتا، تۈرلىرى يىلسېرى ئاۋۇماقتا.
   مۇتلەق كۆپچىلىك ئەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئادەتتە ئارلىشىدىغان دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن بەزىدە ئۇنىڭكىدە، بەزىدە بۇنىڭكىدە ئولتۇرۇپ، ھاراق- شاراپ ئىچىشىپ، تاماكا چېكىشىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل چۈشەندۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئالدىراش ئەرلەرمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بەزى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇنداق سورۇنلار بەك كۆپ بولماي مۇۋاپىق بولسىلا ئاياللار چوقۇم ناھايىتى ئىللىق مۇئامىلە، پىشقان ھۈنىرى بىلەن ئېرىنىڭ دوستلىرىنى كۈتېۋىلىشى، مېھمانلار كەتكەندىن كېيىن قالايمىقان « جەڭ مەيدانى» نى يىغىشتۇرشى كېرەك.
  ئەرلەر ئۈچۈن نام – ئابروي جېنىدىنمۇ مۇھىم، بىر ياخشى ئايال ھامان ئائىلىسى ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز تەقدىم قىلىدۇ، مېھمان چاقىرىش، سوۋغا تەقدىم قىلىش، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش قاتالىقلار ئاياللارنىڭ چېچەن ياكى ئەمەسلىكىنى سىنايدىغان ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە.
   « مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن» ، ئەرلەرنىڭ ھەمنەپەسلىرى بىلەن يىغىلىشنى ياخشى كۆرۈشى ئۇلارنىڭ تەبىئىتى.
  مۇھەببەت ھېچنەرسە تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. ئۇ ھەمىشە ئازاپ چېكىدۇ، لېكىن شىكايەت قىلمايدۇ،
                                    - گەندى
  بۇ كەڭ ئالەم دوستۇ- يارەن بىلەن خۇش ،
  باغۇ- بوستان، گۈلۈ- رەيھان بىلەن خۇش.
                             - خۇسراۋ دېھلىۋى

  32. ھەرگىز كوتۇلدىماڭ

  ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەرلەر كۆپ دەيدىغان گەپ:
  « ئاسماندىنمۇ، زېمىندىنمۇ قورىقمايمەن، خوتۇنۇمنىڭ كوتۇلدىشىدنى قورقىمەن» دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن.
  مەلۇم پىسخولۇگ:
  - بىر ئەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولۇش- بولماسلىقىدا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مىجەزى ۋە كەيپى باشقا ھەرقانداق ئىشتىنمۇ مۇھىم. ئايالى جىمى جاھاندىكى ھەممە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى چۇس، كوت- كوت، قۇسۇر ئىزدەيدىغان ۋە خاراكتېرى غەلىتە بولسا، ئۇنىڭ باشقا ھەممە گۈزەل ئەخلاقى نۆلگە تەڭ بولىدۇ، - دەپ يازغان.
  مەشھۇر پىسخولوگىيىلىك ئىلمىي تەتقىقاتلاردا يەكۈنلىنىشىچە، كوتۇلداش، قۇسۇر ئىزدەش ئاياللارنىڭ كەمچىللىكلىرىنىڭ بىرىنچىسى بولغان، باشقا ھەرقانداق خاراكتېرلار كوتۇلداش ۋە قۇسۇر ئىزدەشكە ئوخشاش ئائىلە تۇرمۇشىغا ئۇنچىۋالا زىيان- زەخمەت كەلتۈرەلمەيدىكەن.   ئايالىنىڭ ئېرىگە كوتۇلدىشى تامچە تاشنى تەشكەنگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئەڭ يۇقرى قان چىقارماي، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۇسۇل.
   دەرد ئېيتىش، ئاغرىنىش، سېلىشتۇرۇش، مەنسىتمەسلىك، زاڭلىق قىلىش، توختىماي ۋالاقلاش- كوتۇلداش ۋە قۇسۇر تېپشقا ئامراق ئاياللار مۇشۇ دەھشەتلىك پىسخىك قىلىق ئىچىدە يا بىرىگە ئۇستا بولىدۇ، يا ھەممىسىگە ئىگە تولۇق قابىلىيەتلىك بولىدۇ، ئۇنى ئادەت يېتىشتۈرگەن.
  لېكىن مەن ئاياللار كوتۇلداش بىلەن ئېرىنىڭ بويىنى ئون سانتىمىتىر ئۆستۈرگەنلىكىنى ياكى كوتۇلداش بىلەن ھاراقتىن، قىماردىن، تالاغا قاراشتىن توسۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، بەلكى زىيادە كوتۇلداش سەۋەبىدىن دائىم تاياق يەپ، ئۇيەر- بۇ يېرىنى كۆكەرتىپ يۈرگەنلىكىنى ياكى يارا قىلىۋالغانلىقىنى ۋە ياكى ئۆيدىكى نەرسە – كېرەكلەرنىڭ چېقىلىپ زىيان تارتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەنمەن.
   مېنىڭ بىر كىچىك ئاپام ناھايىتى ئىشچان، تېتىك، ئوچۇق – يورۇق، مەرد ھەم پاكىز. ئاياللىق ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن ئېيىتقاندا خېلى- خېلى ئاياللارمۇ ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ، بىراق بىر ئەيىبى ئاچچىقى يامان، كوت- كوت. ئېرى ھاراق خۇمار، ئەگەر ئېرىنىڭ ئاغزىدىن ھاراق پۇرىقىنى پۇرىسىلا ئاغزى ئېچىلىدۇ، گەرچە ئەرنىڭ خاتا بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ بۇ بىچارە كىچىك ئاپام كوتۇلداش بىلەن ئېرىنى ئۆزگەرتەلمىدى، تېخى يېقىندا 6000 يۈەنگە سېتىۋالغان خەيئېر ماركىلىق 34 دىيۇملۇق تېلېۋىزۇرنى كوتۇلداشقا چىدىمىغان ئەر كۈلدان بىلەن بىرنى قويۇپ چېقىۋەتتى. مەنمۇ بىر قىتىم ئارتۇق سۆزلەپ قويۇپ، پولۇ ئېتىدىغان شۇنداق چىرايلىق بىر قازىنىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ، كوتۇلداش ئارقىلىق ئېرىڭىزنى ئۆزگەرتەلىدىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىز زىيان تارتتىڭىزمۇ؟
  كوتۇلداش ئاياللاردىكى ناچار ئادەت، شۇنداقلا نىكاھنىڭ بىرىنچى قاتىلى، كوتۇلدىماسلىق ئاياللارنىڭ پىشىپ يىتىلىشىكە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ بىرىنچى قەدىمى.
  نىكاھ مەسىلىسى مۇتەخخەسسىسلىرى مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ: بارلىق ئاياللار تۆۋەندىكى ئۇقۇملارنى ھەرگىز ئارلاشتۇرۋالماڭلار: ياش ئايال دېمەك تەتۈرلۈك ئەمەس؛ ئاياللار باراۋەرلىكى دېمەك قالايمىقان چېچىلىش ئەمەس؛ شوخلۇق يەڭگىلتەكلىك ئەمەس.
   ئەرلەرگە بېرىدىغان تەكلىپ:
   ئاياللار كوتۇلدىغان چاغدا قۇلىقىڭىزغا پاختا تىقىۋىلىڭ!
   ئەگەر بىر ئايال بىر ئەرگە ھەمراھ بولغاندا ئۆزىدە ئاياللىق خۇسۇسىيتىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىسا، ئۇ ھالدا بۇ ئەر بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۈردە چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ. ئەكىسچە، بىر ئەر بىر ئايالغا ھەمراھ بولغاندا ئۆزىنى بىر جاسارەتلىك ئەركەك دەپ ھېس قىلالىسا، ئۇ ھالدا بۇ ئايال بىلەن بىللە ئۆتۈشنى خالايدۇ. ئەگەر ئەر كىشى ئۆيگە كىرىشى بىلەن ھامان تۈگىمەس- پۈتمەس ئەيىبلەش، كوتۇلداش، تىل- ھاقارەتكە ئۇچرىسا، بۇ ئەرنىڭ بارا- بارا ئۆيگە قايىتقۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ- دە، كۆڭۈل خوشلۇقىمۇ بارا- بارا ئۆيدىن تالاغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ.
                                     - ئۇسبىن
    يامان خۇلقتىن يامان سۈرەت ياخشىراق،
    يامان سۆزدىن يامان ئەخلەت ياخشىراق.
                                 - ئابدۇلمەجىد سەنايى

   33. ئۆيىڭىزنى پاكىز تازلاپ تۇرۇڭ

   چاچلىرى پاخپىيىپ، يۈز- كۆزى مەينەتلىشىپ كەتكەن ئەرنىڭ يۇقىرى ساپالىق بولۇشىدىن ھەرگىز ئۈمىد كۈتمەڭ؛ ئائىلە مۇھىتىنى رەتسىز قىلىۋەتكەن بىر ئايالدىنمۇ ئوخشاشلا پەزىلەتلىك بولۇشنى تەمە قىلىماڭ.
   ئەرەب خەلقىنىڭ مۇنداق ماقالى بار: ئۈچ نەرسە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، كەڭ ئۆي، يۈگۈرۈك ئات ۋە چاققان ئايال.
   قازاق مىللىتىنىڭ ماقالىدا: ئۈچ نەرسە ئادەمنى قېرىتمايدۇ، يورغا ئات، ئۆتكۈر پىچاق ۋە ياخشى خوتۇن.
  ياپۇنلاردا بولسا: ياخشى خوتۇن ئىش بىلەن، يامان خوتۇن تىل بىلەن دېيىلگەن.
  دېمەك، پاكىزلىق ئايال كىشى ئۈچۈن خۇددى ئەخلاققا ئوخشاشلا مۇھىم بىر زىننەت. سىز ئۆينى خەق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىز ، ئېرىڭىز ۋە باللىرىڭىز ئۈچۈن تۇتىسىز. ئۆيىڭىزنىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئەڭ كىچىك، ئەڭ كىچىك يەرلىرىدىنمۇ گۈزەللىك، پاكىزلىق چىقىپ تۇرسا، ئۆزىڭىزنىڭمۇ كۆڭلى ئېچىلىپ ، كەيپىمۇ چاغ بولۇپ قالىدۇ، ئېرىڭىزمۇ خۇش بولىدۇ، باللىرىڭىزمۇ سىزدىن ئۈلگە ئالىدۇ. باشقىلارمۇ سىزنى ماختايدۇ.
   ماددى جەھەتتىكى بايلىق ۋە نامراتلىق سان ئۆزگىرىشى ياساپلا قالماستىن، بەلكى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، روھى جەھەتتىكى بايلىق ۋە نامراتلىق ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى بىر نەچچە ئاي، بىر نەچچە يىل، ھەتتا بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئاندىن تاماملىنىدۇ.
   ياخشى خوتۇنلارغا بېرىلىدىغان پايدىلىنىش ئۆلچىمى: ساغلاملىق، ئاددىي ساددىيلىق، پاكىزلىق، خۇشخۇيلۇق.
   ئېسىل پەزىلەتلىك بىر ئايالنىڭ سۈپۈرگە بىلەن يەر سۈپۈرۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، شۇ سۈپۈرگىنىڭ ھەربىر بۆلۈكىنىڭ كۆزىمىز ئالدىدا قۇياشتەك نۇر چاقنىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن.
                                       - تاگور
   ئاسانلىقچە كەلمەس شادلىق، پاراغەت،
   ئەمگەكسىز قازانماس ھېچ كىشى شۆھرەت.
                                  - پەخىرىددىن گۇركانىي

  34. ئۆتكەن ئىشلارنى ھەرگىز تەگىمەڭ

   بىر ئوچۇق- يورۇق ئايال ئەرلەرنىڭ « كونا ھېساب- كىتابلىرى » غا نىسبەتەن كۈلۈپلا قويۇشتىن ئىبارەت قائىدىنى بىلمەي قالىدۇ.
  تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش دېگىنىمىز، ئەر- ئايال ئورتاق ياشاش، تۇرمۇشنى چۈشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئەپۇ قىلىش، يېڭى تۇرمۇش يارتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   « يارسىز يىگىت بولماس، نۇقسانسىز ئەر ( بولماس) » دېگەندەك نىكاھلىق ئەرلەرنىڭ قىسمەتلىرىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىدىغان بىر شەرەپسىز تارىخى بولىدۇ. گەرچە بۇ خىل يولدىن چىقىپ كېتىش ئايال كىشىنى ئىنتايىن ئازاپلىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆتكەنگە سالاۋەت دېمەي ئامال يوق.
  ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشى ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەنلىكتىن، ئايال كىشىنىڭ تالاغا قارىشى ئۇنىڭ تۇغما بۇزۇق ئىكەنلىكىدىن ئىكەن، ئەرلەر ئاياللاردەك كەڭ قورساق ئەمەس، ئەرلەر ھەرگىز ئاياللارنىڭ شەرەپسىز تارىخى بولۇشنى خالىمايدۇ. ئادەتتە بىر ناھايىتى ياخشى قىز بالا ئىلگىرى ئەسكىلىكىتە نام چىقارغان بىر ئەرگە تېگىشى مۈمكىن، ۋەھالەنكى، بىر ئەر ئىلگىرى ناھايىتى ئەسكى، ئەمما ھازىر تۈزۈلۈپ كەتكەن بىر ئايالنى ئېلىشى ناتايىن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نىكاھىدا تۇرۇپ باشقا ئەرلەر بىلەن نامى چىقىپ قالغان ئايالنىمۇ ناھايىتى تەستە كەچۈرۈۋېتىشى مۈمكىن.
   ئايال ئەسلىدىنلا ئەرلەرگە قارىغاندا نۇرغۇن ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرىشتەك كەڭ قورساق قىلىپ يارالغان. ئەگەر شۇنداق كەڭ قورساقلىق بىزدە بولمايدىكەن، دۇنيادا ئاجرىشىدىغانلارنىڭ نىسبىتى توي قىلىدىغانلارنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشكەن ۋە تىرىك يېتىم بالىلار ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتكەن بولاتتى.
  شۇڭا، ھازىرقى زامان ئاياللىرى مۇنداق قائىدىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى لازىم:
  « ئۆتمۈشۈڭگە پەرۋا قىلمايمەن، پەقەت ھازىرنىلا سۈرۈشتۈرىمەن».
  كەچۈرۈش مۇھەببەتنىڭ زۆرۈر ۋاستىللىرىدۇر. سۆيگۈنىنى بىر قېتىممۇ كەچۈرمىگەن ئادەم، بىلىڭكى، ئۇنىڭ سۆيىمەن دەپ ئېيتىشىغا ھەققى يوق.
                                              - چوڭ دىيۇما

   35. ئېرىڭىزنىڭ يۈز – خاتىرسىنى قىلىپ قويۇڭ

   ئەرلەرنىڭ يۈز- خاتىرسى ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىل ئۇ ئۆزى تىرشىپ « تىكلىگەن»؛ يەنە بىر خىل باشقىلار « باش قاتۇرۇپ » سوۋغا قىلغان «يۈز- خاتىرە». ئەرلەر ئىككى خىل «يۈز- خاتىرە» نىڭ ھەرئىككىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار سوۋغا قىلغان ھېلىقىدەك ئەڭ ئەرزان باھالىق « يۈز- خاتىرە» نى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
   يۈز- خاتىرسىنى قىلىش بۇ نەقەدەر مۇھىم – ھە!
  ئارىمىزدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلىشىدىغانلار بەكمۇ ئاز، بىز ھەمىشە باشقىلارنىڭ ھېسسياتىغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ قارىشى بويىچە باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەيمىز. باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرىمىز، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا باللىرىمىزنى ۋە ئېرىمىزنى ئەيىپلەيمىز، ئۇلارنىڭ غورۇرىغا ئازار بەرگەن – بەرمىگەنلىك بىلەن كارىمىز بولمايدۇ!
  ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئابرۇيىغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاتا- ئانىسى، ئۇرۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرى، خىزمەتداش ۋە قولۇم – قوشنىلىرى ئالدىدا يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى پەقەتلا خالىمايدۇ. ئايالىنىڭ مۇشۇنداق تۈرلۈك سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ يۈز- خاتىرسىنى قىلىپ قويۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا، ئۆيدە ياۋاش- يۇمشاق، ھەتتا « خوتۇنىدىن قورقىدۇ» غان ئەرلەرمۇ تالاغا چىققاندا «يولۋاس» قا ئايلىنىدۇ. ئاياللار بەلكىم ئەرلەرنىڭ بۇخىل ئىككى ياقلىمىلىق مىجەزىگە ھەيران قېلىشى مۈمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ باشقا نەرسە ئەمەس، دەل ئەرلەردىكى « يۈز- خاتىرە» مەسىلىسى .
  دوستلار يىغىلىشى، تونۇش- بىلىشلەر بىلەن بولغان كېلىپ- كېتىشلەر، كوللېكىتىپ پائالىيەتلەر، توپلىشىپ ساياھەتكە چىقىش... قاتارلىقلار «يۈز- خاتىرە» ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدىغان پەيىتلەردۇر. شۇڭا، مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئېرىڭىزنىڭ تازا « يۈز- خاتىرىسى» نى قىلىپ قويۇڭ، ئۇ ئەركىلەپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتسىمۇ، خەقنىڭ ئالدىدا چىداڭ، ئۆيگە كىرگەندە ئانچە- مۇنچە « تاناۋى» نى تارتىپ قويسىڭىز بولىدىغۇ!
  ئەقىللىق ئايال ئېرى بىرەر خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغاندا ئۆز ۋاقتىدا سەمىمىيلىك بىلەن ئېرىنى مەدھىيىلەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
  ئاياللار شاللاق كۆرۈنۈشتىن، ئەرلەر سالاھىتى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ.
                                    - پۇشكىن
  يار شۇدۇر كۆنسە گەر يار جاپاسىغا،
  ئارزۇسىنى كۆندۈرسە يار رىزاسىغا.
                        - سەئىدى شىرازى

   36. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەرغىپ قىلىڭ

  نۇرغۇنلىغان ئەرلەر دائىم ئۆزىنىڭ ھەممە جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر نىكاھ ئىشىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىيەلمىسە، ئۇلار ئۆزىنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئايالىنىڭ مۇلايىم ۋە كەمتەر بولۇشىنى، تۇرمۇشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئائىلىگە قارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار شۇنداق بولغاندا ئايالىم تاشقى مۇھىت بىلەن بارا- بارا ياتلىشىدۇ- دە، ئۆزۈم ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيمەن، دەپ قارايدۇ. ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغان ئاياللار بولسا، ھامان ئېرىنىڭ دوستىلىرى ياكى خىزمەتداشلىرىدىن ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ياخشى ياكى يامان، ھەق – ناھەق نۇقتىسىدىن ھۆكۈم قىلىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئېرىدىن نارازى بولغان تەرەپلىرىنى، مەسىلەن: ئىقتىدارسىزلىقىنى، باشقا ئەرلەردەك ئەركەك مىجەز ئەمەسلىكى، قورقۇنچاقلىقى، پۇل تاپالمايدىغانلىقى... نى سۆزلەپ يۈرىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئېرىنى ئۆيدە قانداق ئەدەبلەيدىغانلىقى، ئۇرغالىرى، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئورنىنىڭ ئېرىدىن يۇقرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ماختىنىشتىن يانمايدىغان ئاياللارمۇ بار.
  ئۆز ئېرىڭىزنى « ئەسكى» دېسىڭىز، خەق ئۆزىنىڭ « ياخشى » ئېرىنى سىزگە بېرىپ تۇرمايدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيدە ھەممىلا جەھەتتىن ئېرىڭىز ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز، ئىناۋىتىڭىز ئۆسۈپ قالمايدۇكى، ئەر- خوتۇن ئىككىڭلارنىڭ خەقنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشىدۇ.
  ئېرىڭىزنىڭ دوستىلىرى سىزنىڭ دوستىڭىز ئەمەسلىكى، ئېرىڭىزنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ سىزنىڭ خىزمەتداشلىرىڭىز ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىشىڭىز كېرەك. باشقا ئاياللارغىمۇ ھەرگىز ئۆز ئېرىڭىزنىڭ ئارتۇق گېپىنى قىلىپ يۈرمەڭ، ئەر ئۆزىڭىزنىڭ ئېرى بولغاندىكىن ئىمكان بار ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەڭ!
  تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ، بالا- قازامۇ ئېغىزدىن چىقىدۇ. بۇ سۆزنى نىكاھنى قوغداشنىڭ ئالىي رېتسېپى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق بىر ئادەم سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئېرىڭىزنىڭ گېپىنى قىلسا ئېرىڭىزنى ماختايدىغان گەپلەرنى قىلىڭ، بولمىسا «ھە» لا دەپلا قويسىڭىز بولىدۇ.
  يوشۇرۇن يىڭنە سانجىيدىغان ياردىن، ئاشكارا ئوق ئاتىدىغان رەقىبلەر ياخشى، ئىككى يۈزلىمە سۆزلەيدىغان زالىم دوستلاردىن قارشى مىجەزلىك دۈشمەنلەر كۆپ ياخشى.
                                   - خۇسراۋ دېھلىۋى

  37. ئۆيدە ئېرىڭىزگە پات- پات « زىياپەت» بېرىپ تۇرۇڭ

   « بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە ھامان ئۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ئايال بولىدۇ».
  گەرچە بۇ گەپ بەك كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن « ياخشى دورا قىرتاق» بولغىنىدەك بۇ گەپنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەيلى ئېرىڭىز قانداقلا ئىشتىن ئازراق نەتىجە قازانسۇن، ئۇنىڭدا سىزنىڭمۇ تۆھپىڭىز بار.
  ئېرىڭىزنىڭ خىزمىتىگە قارىتا غۇدۇراش ۋە كەلسە- كەلمەس تەنقىد قىلىش، شۈبھسىزكى ئۇنىڭ ئىقدىدارىغا بولغان چەكسىز گۇمانلىنىش ۋە ئىنكاردىن ئىبارەت. قايسى ئەر بۇنىڭغا چىداپ تۇرالايدۇ.
   رېئال تۇرمۇشتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەرلەر ئىمكان بار ئۆزىنىڭ خوتۇن باللىرى، ئائىلىسى ئۈچۈن تىرشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان چاغدا ئۇنىڭغا زىياپەت بېرىپ، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرماسلىققا نېمە سەۋەبىڭىز بار؟
  ئەر كىشىنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى، ئۇلاردىن تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، يەنى ئۇنى تەقدىرلەش ۋە ماختاش، ئۇنىڭ كۆرسىتەلەيدىغان تالانتىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
  رىغبەتلەندۈرۈش ئەرلەر ئۈچۈن خۇددى يېقىلغۇ ماتۇر ئۈچۈن مۇھىم بولغىنىدەك، بولۇپمۇ، ماتۇر ئوت ئالمىغان چاغدىكىدەك مۇھىم. ھەربىر ئەر كىشى مۇھىت قارشىلىق كۆرسەتكەندە، ئۇنى قوغدايدىغان ئايالغا مۇھتاج.. چۈنكى ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئاشۇ مۇۋاپىقىيتىنى ئايالىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ. سىزنىڭ ئۇنىڭ كىچىككىنە نەتىجىسى ئۈچۈن چەكسىز ھاياجلانغانلىقىڭىزنى كۆرسە، ئېرىڭىز سىز ئۈچۈن مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا تېخىمۇ تىرشىدۇ.
   سۆيۈش دۇنيادىكى بارلىق ياخشىلىقلارنى سۆيگەن ئادىمىگە راۋا كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئاتا قىلىش دېمەكتۇر.
                                 - ئارىستوتېل
   دۇنيادا ھەر جىنىسكى ھايۋان نامى بار،
   ھەممىسى ئۆز جىنسى بىلەن بىر ئارامى بار.
                                  - خۇسراۋ دېھلىۋى

   38.ئۆي تۇتۇش ماھارىتىڭىزنى يۇقرى كۆتۈرۈڭ

   بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا جەمئىيەتتە ساھىبجامال كېسەل كۆرپىسى لىن دەييۈنى خوتۇن قىلىشقا رايىڭلار بارمۇ ياكى ساغلام ، تولغان ساھىبجامال باۋ چەينىمۇ دېگەن مۇنازىرە بولغاندا نۇرغۇن ئەرلەر لىن دەييۈدىن ھوزۇرلىنىشقىلا بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ساغلام باۋچەينى خوتۇن قىلىپ تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
   كورىيە كۆپ قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى « يەنە بىر كۆرسەم» دىكى يۇنجۇ خانقىزنىڭ ئۆي تۇتۇش، تاماق ئېتىش، ئېرى ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش... تەك پەزىلەتلەرى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خوتۇن دېگەن كومجۇدەك ساھىبجامال بولسا، يۇنجۇدەك ئىش بىلەر بولسا نېمىدېگەن بەخىت دەپ ئويلىغان بولىشى مۈمكىن. ئەگەر ھازىر جەمئيەتتە يەنە ساھىبجامال،لېكىن قولدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان كومجۇنى ئېلىشنى خالامسىلەر ياكى يېقىملىق، ئىشچان، ئەقىللىق، ئىدىتلىق، خۇشخۇي، ئىشچان، ساغلام... يۇنجۇنىمۇ دېگەن مەسىلە مۇنازىرە قىلىنىپ قالسا مېنىڭچە ئەرلەر چوقۇم يۇنجۇنى خوتۇنلۇققا تاللايدۇ، ئەگەر مەنمۇ ئەر بولۇپ قالسام يۇنجۇنى خوتۇنلۇققا ئالاتتىم.
   سىزنىڭمۇ ئېرىڭىزگە ياخشى كۆرىنىدىغان « مەخپى قورال»لىڭىز بارمۇ؟
   ئازراق باغۋەنچىلىك بىلىملىرى، ئۇۋلاش تېخنىكىلىرى، تاماق ئېتىش ماھارەتلىرى... پەقەت ئېرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرشەلەيدىغانلا بولسىڭىز، ئۆي تۇتۇشقا كېرەكلىكلا بولسا ئۆگىنىپ قويغىنىڭىزنىڭ زىيىنى يوق.
   « ئايال خوجايىن» لارنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن كۆپ، بالا باققۇچى، كىرچى خوتۇن، ئاشپەز ئۇستام، سېستىرالار باشلىقى، مېھمان كۈتكۈچى، ئۇششاق – چۈشەك ئىشلار مۇتەخسسىسى، قوشۇمچە شوپۇر، كاتىپ ۋە ھېسابچى، مال سېتىۋالغۇچى مۇتەخسىس، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، ئايال خوجايىن، كادىرلار باشقۇرغۇچى، مەسلىھەتچى، غۇدۇڭشىشنىڭ ئوبىيېكتى، باش دېرىكتور ۋە ئاساسىي باشقۇرغۇچى... بولۇشى كېرەك.
   مانا مۇشۇنداق چاچتىن تولا ئىشلارنى مۇۋاپىق، رەتلىك، ئىدىتلىق ئورۇنلاشقا ماھارەت كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە چاقناپ تۇرغان نۇر ئىكەنلىكىڭىزنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ سېھرى كۈچىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز كېرەك.
   ئۆز ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى تۈرلۈك ئوخشاشمىغان شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇلارنى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قىياپەتكە كىرگۈزىدۇ.
                                   - تاگور
   باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن،
   باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن.
                      - خۇسراۋ دېھلىۋى

    39.ئېرىڭىزگە ئۇششاق – چۈشەك ئىشلارنى قىلغۇزماڭ

    ئەرلەر بازار ئايلىنىش، نەرسە – كېرەك سېتىۋىلىش، ھەتتا ئالدىن كېلىشىۋېلىپ ئۇچرىشىش قاتالىق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇ خۇددى ئاياللار پۇتبول ئويناش، مىلتىق ئېتىش، ئات مىنىشنى ياخشى كۆرمىگەندەكلا بىر ئىش.
  مەن ھېچقانداق بىر ئايالنىڭ ئاغزىدىن مېنىڭ ئېرىم مەن بىلەن بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم ( مېنىڭ ئېرىممۇ شۇ) . شۇنداقلا مەن بازاردا خوتۇنىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، خوتۇنىنىڭ كەينىدىن بارلىق داڭلىق ماگىزىنلارنى ئارلاپ يۈرگەن ئەرلەرنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ چىرايىنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەجبۇرلانغان ئەرلەرنىڭ، بىتاقەتلىك، ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان چىرايلاردىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
   ئايالىغا ياكى سۆيگۈنىگە ھەمراھ بولۇپ ماگىزىن ئارىلاش ھەممە ئەرلەر ئۈچۈن بىر خىل باش ئاغرىقى. نەرسە- كېرەك سېۋالسۇن- سېتىۋالمىسۇن بىكاردىن بىكار بىر قانچە سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ماگىزىننىڭ ئاستىنىقى قەۋىتىدىن ئۈستۈنكى قەۋىتىگىچە ھەممە يەرنى تەپسىلى بىر قېتىم ئارلاپ چىقىدۇ. بۇنداق قىلىمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ.
  « چوڭ» ئەرلەرنىڭ « چوڭ- چوڭ» ئىشلارنى قىلىشى بۇزۇلماس ھەقىقەت، بىر ياخشى خوتۇن ھەرگىزمۇ « چوڭ» ئىشلارنى تەۋرىتىش ئىرادىسى بار ئەرلىرىنى «ئۇششاق- چۈشەك» ئىشلارغا سالمايدۇ. ئۇلارنى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىغاندىن كۆرە، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى ئۆزىڭىز قىلىغىنىڭىز تۈزۈك.
    « ھەر كىمنىڭ ھەۋىسى باشقا» ئېرىڭىزنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇڭ! ئەگەر سىزنىڭ ئىززەت- ئابرويىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىش بولمىسىلا!
   ئۆيلىنىش – ئۆز ھوقۇقلىرىڭنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش ۋە مەسھۇلىيتىڭىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
                                     - شاپېنگائوئېر
   ئىللىقلىق بىلەن تولسۇن روزىغارىڭ،
   قوپاللىق بۇزمىغاي سەبرۇ- قارارىڭ.
                       - ئابدۇشۈكۈر بەلخىي

    40.باشقىلار بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتىڭىز بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسۇن

   مەلۇم بىر مودا ئەر – ئاياللار ژورنىلىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، توي قىلىپ بولغان ئاياللار ئىچىدىكى مۇنداق ئۈچ خىل ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىكەن:
   نامى چىقىپ قالغان ئاياللار؛ كىچىك ئىشنى چوڭ قىلىۋېتىدىغان، دائىم كوتۇلدايدىغان ئاياللار؛ تېلېفوننى قولىغا ئېلىۋالسا سائەتلەپ سۆزلىشىدىغان ئاياللار.
    بەزى ئاياللار مەيلى ئۆزى تېلېفون قىلسۇن ياكى باشقىلاردىن تېلېفون كەلسۇن تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتى ئاز دېگەندە 40 مىنۇت بولمىغىچە تېلېفوننى قويۇۋەتمەيدۇ. بىر گەپنى تەكرار نەچچە ئېيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىۋېتىدۇ. ھەتتا يەنە بەزى قىلىقسىز ئاياللار باركى، خەقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ توختىماي ئۇياق – بۇياققا تېلېفون قىلىپ ساھىبخاننى قان قىلېۋىتىدۇ. ھەتتا خەقنىڭ ئۆيىگە ئۆلۈم پەتىسگە بېرىپ، ھازىدارنىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىپ چاي ئورۇنلاشتۇردىغان ئاياللارمۇ بار.
   ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر ئايال ھەرگىزمۇ ئىش بولسۇن- بولمىسۇن باشقىلار بىلەن تېلېفوندا ئەھمىيەتسىز گەپلەرنى تەكرار- ەكرار ئېيتىپ، سائەتلەپ سۆزلىمەيدۇ. ئاشۇنداق تېلېفوننى قولىغا ئېلىۋېلىپ قويۇۋەتمەيدىغان ئايال پەقەت مۇنداق ئۈچ خىل نەتىجىگە ئېرىشىدۇ:
  (1) ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلىدۇ؛
  (2) باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالىدۇ؛
  (3) ئېرىنىڭ كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرۋېتىدۇ؛
  ئۇنىڭدىن سىرت، تېلېفوندا مۇنداق ئۇزۇن سۆزلىشىدىغان ئاياللار باشقىلاردىن كەلگەن تېلېفوندىمۇ شۇنداق ئۇزۇندىن – ئۇزۇن سۆزلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسىلىدە بىر ئوبدان ياخشى كۆڭۈل بىلەن ئەھۋال سوراپ ئۇرۇلغان تېلېفوننى تېتىقسىزلاشتۇرۇپ، قايتا تېلېفون ئۇرۇشتىن قورقىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
   تېلېفون ئۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالماسلىق، گەپ بولسا گېپىنى تۈگىتىپلا خوشلىشىش، مۇھىم ئىشى بولمىسا قىسقىلا ئەھۋاللىشىش زۆرۈر، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلاردا، يەنى دوست- بۇرادەر، يېقىن يورۇقلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، بېشىغا قايغۇ كەلگەن چاغلاردا، ھېيت- بايراملاردا، تەبىرىكلەش زۆرۈر بولغاندا، سېغىنغاندا... تېلېفون ئۇرۇپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن ۋاقىت كونترول قىلىنىشى كېرەك.
   تۇرمۇشۇمنىڭ شۇ قەدەر ئاددىي ئۆتۈۋاتقانلىقىغا ھەرگىز كۆڭلۈم يېرىم بولمايدۇ، بىردىنبىر ئەپسۇسلىنىدىغىنىم بىر كۈننىڭ تولىمۇ قىسقىلىقى ۋە شۇ قەدەر تېز ئۆتۈپ ېتىۋاتقانلىقى.
                                - كىيۇرى خانىم
   سۆز تىنىق كېلىدۇ كۆڭۈلگە زىلال...
   تەكراردىن كېلىدۇ كۆڭۈلگە مالال...
                    - ئاندۇراخمان جامىي

    41.دائىم ئېرىڭىزنىڭ يالغۇز ئۇخلاشقا مەجبۇر قىلماڭ

    ئۆزئارا پاراڭلاردا بەزى ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز:
  - ئېرىمنىڭ قاچان قايتىشىم بىلەن كارى يوق، ئىشقىلىپ ئۆيگە بارساملا بولدى.
  - مەن بالام بىلەن ئۇخلايمەن، بالام مېنى پۇرىمسا ئۇخلىيالمايدۇ.
  - دائىم تېلېۋىزور كۆرۈپ يېرىم كېچىلەردە ياتىمەن، ئېرىم ئۆزى ئۇخلاۋېرىدۇ.
  - ئىككىمىز ئىككى ئۆيدە ياتىمىز. بىللە ياتسام كۆنەلمەيدىكەنمەن.
  ... ... ... ... ...
  ئەرلەر مۇنداق بەش تۈرلۈك نەس ئىشقا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىدۇ:
  (1) ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەسلىك؛
  (2) مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش؛
  (3) خوجايىنى زەھەرخەندە بولۇش؛
  (4) قەرىزگە بوغۇلۇش؛
  (5) خوتۇنىنىڭ « كېچىدە لاغايلاپ يۈرىدىغان» بولۇپ قېلىشى؛
  ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكى تەكىتلىنىپ، ئاياللار ئازاد بولۇپ، ئاياللار نۇرغۇن جەھەتتە ئەركىنلىككە ئېرىشتى. بۇرۇنقىدەك بېشىنى تۆۋەن ئېگىپ قۇللاردەك تۇرىدىغان ھالەتلەر ئۆزگەردى . بىراق، بۇ ئاياللارنىڭ ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئۇنتۇپ قالسۇن دېگەنلىكىتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەرقانچە ئەركىن بولغاندىمۇ ، لېكىن ئېرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى مۇنداق « چەكسىز» ئەركىنلىك نىكاھتىكى قەرەرلىك بومبىدۇر. ئەگەر ھەر ۋاقىت ئېرىڭىز ئاشۇنداق يالغۇز ئۇخلاۋېرىدىغان بولسا، ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق سۆز- ئالاقە، چۈشىنىش بولمايدۇ – دە، بارا- بارا زېرىكىش كەيپىياتى پەيدا بولۇپ، ئەر كىشى كۆڭلىدە سىزدىن نارازى بولۇشقا باشلايدۇ. چۈنكى ئەرلەر يالغۇزلۇقتىن، يالغۇز ئۇخلاشتىن قورقىدۇ. شۇڭا، ئېرىڭىزنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، يەنىلا ئۆزىڭىز بىلگەنچە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى، ئېرىڭىز ئاغزىدا سىزدىن رەنجىگەنلىكىنى ئىپادىلىمىگەن بولسىمۇ، كۆڭلىدە ئاللىقاچان سىزدىن خاپا بولغان بولىدۇ.
   نىكاھلاشقانلار ئۆزلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىن ھېس قىلشسا، مۇھەببەت ئۆلىدۇ.
                           - سېنانكۇر
   ئەگەر ئۆزۈڭ سوغۇق تاشتەك سوغۇق بولساڭ،
   ئىسسىتالماس ئاتاڭ تەپتى، قانچە قىلساڭ.
                       - ناسىر خىسراۋ

   42. سۈرەتلەرنى تەرتىپى بىلەن رەتلەپ قويۇڭ

 ئائىلە دېگەن نېمە؟ ئائىلە- كونا ئۆي، كونا ئائىلە سايمانلىرى، كونا جاھازىلار، كونا چىراغ، كونا ئادەت، كونا سۈرەت، كونا يول، كونا دەرەخ، كونا قۇدۇق، كونا... دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئاي يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئادەملەرمۇ ئۆزگىرىدۇ. تۇنۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان تارىخىڭلارنىڭ شاھىدى دەل سىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چۈشكەن سۈرەتلەردۇر.
  سۈرەتلەرنى تېزىپ، بىر ياقتىن كۆرۈپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىشىپ، ئۆزۈڭلاردىكى مىسىلسىز ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىش، ھېسسىياتىڭلارنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان ئوتلار، ئۇنتۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ۋەقەلەر، سەل قارىلىشقا باشلىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە قايتىدىن سەپ سېلىش، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ باشقىدىن جانلىنىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. سۈرەتلەرنى رەتلەش ئەمەلىيەتتە بىرخىل كەيپىياتنى رەتلەشتىن ئىبارەت.
   ئېرىمىز ئىككىمىزدىكى يەنە بىر ئورتاق ھەۋەس سۈرەتلەرنى زىرىككەن چېغىمىزدا چۇۋۇپ قايتىدىن رەتلەش ۋە سۈرەت پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئىككىمىز ھەر قېتىم يىل تەرتىپى بويىچە رەتلەنگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا تۈرلۈك ئىشلار يادىمىزغا كېلىدۇ. ئەينى چاغدىكى ئوتتەك قىزغىن، ئاتتەك جۇشقۇن ئۆتكەن كۈنلەر بىزگە باشقىدىن ھاياتىي كۈچ بىغىشلايدۇ. تۇرمۇشىمىزدىكى بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكىلەرنىڭ ئورنىنى قىزغىن ھېسسىياتلار ئىگىلەيدۇ.
  قېنى سىلەرمۇ شۇنداق سىناپ بېقىڭلار! ھازىرقى سىلەر بىلەن« ئەينى چاغدىكى » سىلەرنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار! كۆز ئەتراپىدا بىر نەچچە تال قورۇق كۆپەيگەندىن باشقا يەنە نېمىنى بايقىدىڭلار؟ بىر پارچە كونا سۈرەت سىلەرنى « ئىلگىركى » قايناق ھېسسىياتقا چۆمگەن، مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىڭلارغا باشلاپ باردىمۇ؟
   مۇھەببەتكە خىلمۇخىل ھېس- تۇيغۇلار يەنى قايغۇ- ھەسرەت، ھوزۇر- ھالاۋەت، خۇشاللىق، ھەتتا غەزەپ- نەپرەتمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
                         - ئۇشنىسكى
   مىڭ ئاشىقلىق مەشۇقىغە دىل بەرمىگىن ،
   دىلىڭ بەرسەڭ تېگى بىلەن ئۈزۈپ بەرگىن.
                             - سەئىدى شىرازى

    43. ئېرىڭىزگە دائىم سوۋغات بېرىپ تۇرۇڭ

   ئادەملەردە بىر تەبىئىي خۇسۇسىيەت بار. ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرشىشنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت. پادىشاھلار ۋەزىرلىرىنى پۇل، ماددىي بۇيۇم، ئەمەل ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تاتۇقلايدۇ؛ ئاتا- ئانىلار باللىرىنى ئويۇنچۇق، كىيىم – كېچەك، كەمپۈت قاتالىقلار بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. بىر ئادەم مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن مۇشۇنداق « تارتۇق- مۇكاپاتلار» ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
  مۇھەببەت بىر ئابىستىراكت ئۇقۇم، ئەگەر ئۇ يېيش، ئىچىش، كىيىش، ئۇخلاش، پۇل ساناش... قاتالىق كونكىرېت نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، مەڭگۈلۈك بولالماي قالىدۇ. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز چەكسىز مۇھەببىتىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق بىر بىچارە ئاشىققا تېگىپ بېقىڭ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىز قانچىلىك داۋاملىشىدىكىن. دېمەك، ئەرلەرمۇ خوتۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم بىر نەرسە ئارقىلىق مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنى ئارزۇ قىلىدۇ. گەرچە ئاغزىدا ئېيىتمىسىمۇ، لېكىن ئېرىڭىزنىڭ سىزنىڭ سوۋغىڭىزنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كۆزىگە قارىسىڭىزلا، ئۇنىڭ قانچىلىك خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز.
شۇڭا، ئېرىڭىزگە دائىم چاقماق، بەلۋاغ، پورتمال، پايپاق، كىيىم – كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ تۇرۇڭ. سىزنىڭ بەرگىنىڭىز تامچە بولسا، ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بېرىدىغىنى مەڭگۈ قۇرىماس بۇلاق بولىدۇ.
  « سۆيگۈنۈڭ بىلەن بىللە بولساڭ، كەپىدىمۇ جەننەتتىكىدەك ياشايسەن» دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتمە، نىكاھ پەقەت مەنىۋى بىرلىشىشلا ئەمەس، يەنى ماددىي بىرلىشىشتۇر. ئائىلە قۇرۇشقا ئىنتىلگەن ئىكەنسەن، ماددىي جەھەتتىن قانچىلىك تەمىنلىيەلىشىڭنى، ئائىلەڭدىكىلەرگە باشپاناھ بولۇش- بولماسلىقىڭنى ئويلاپ قوي.
                                        - سوخۇملىنىسكى
  قازى يېسە گەر بەش تەرخەمەك پارە،
  يۈز دەررە ھۆكمىگە تاپىدۇ چارە.
                - سەئىدى شىرازى

    44. ئېرىڭىزگە كىيىم ئالسىڭىز سۈپەتلىكىنى ئېلىپ بېرىڭ

  توزنىڭ قىرغاۋۇلدىن ئېسىل بولۇشى، سۇمرۇغنىڭ بۈركۈتتىن ئىقتىدارلىق بولۇشى، ئەينەكنىڭ مۇز پارچىسىدىن سۈزۈك بولۇشى ناتايىن. نېمىشقا بەزى ئەرلەر قارىماققا ھامان « ئېسىل سۈپەت» كۆرۈنىدۇ؟ بەزى ئاياللار قارىماققا ئانچە چىرايلىق ھەم ئۇز ئەمەس، لېكىن ئادەمنى ئۆزىگە « مەھلىيا» قىلالايدۇ؟
  «ئادەم سەتى ئەمەس، كىيىم سەتى» . كۆزنى يۇمۇشقا بولمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى،كىشىلەر ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بېرىدۇ. ئىتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى كىشىلەر ئادەمگە قانچىلىك پۇلى بارلىقىغا قاراپ باھا بېرىدۇ. كىم پۇل تاپالىسا، شۇنىڭ ئىقتىدارى بار دەپ قارىلىدۇ ھەم جەمئىيەتنىڭ  ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
  مەن بىر قېتىم، كىيىم ئادەم ئۈچۈن زادى قانچىلىك مۇھىم؟ دېگەننى سىناق قىلىپ باقتىم. يەن بىر تويغا قەستەن ئىنتاينى ئاددىي بىر كۆينەكنى كىيىپ باردىم، مەن بىلەن بىللە بارغان يەنە بىر ئايال ئەلۋەتتە ئېسىل كىينگەن ئىدى. ئۆيدىن چىقىشىمغىلا ئۆزۈمنىڭ سەل بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم سىناق نەتىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ بولدۇم. شۇنداقتىمۇ ھەقىقى سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەردانە ھالدا زالغا كىردىم. ئەلۋەتتە مەن باشقىلارنىڭ ئازراقمۇ دىققىتىنى قوزغىيالمىدىم، دېمەك، ئاخىرقى نەتىجە، سىزنىڭ قانچىلىك بىلىملىك، پەزىلەتلىك، ياخشى بولۇپ كېتىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، باشقىلارغا ئالدى بىلەن چېلىقىدىغىنى تاشقى قىياپەت، كىيىم- كېچەك، باشقىلار جەلىپ قىلارلىق تاشقى قىياپەت ئارقىلىق ئاندىن سىز بىلەن يېقىنلىشىدۇ، مۇئامىلە قىلىدۇ.
   دېمەك، «چوڭ» ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئەرلەرنىڭ كىيىم- كېچىكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى، سودىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ۋە باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ئېرىڭىزگە كىيىم ئالسىڭىز سۈپەتلىكىنى ئېلىپ بېرىڭ ( گەرچە ئانچە قىممەت بولمىسىمۇ) . 
  ئەركەكلەر ئۆزىنىڭ غەيرىتى ۋە ھىممىتى بىلەن ئەرلەر قاتارىدا تۇرالايدۇ، زىبۇزىننىتى بىلەن پەخىرلەنگۈچىلەر ئەر ئەمەس.
                                     - ئەلشىر نەۋائىي
    ئەتلەس ۋە يۇڭدىن لىباس ئەمەس ئادەمنىڭ شەۋكىتى،
    بۇ ماتالار ئەكىسچە ئوت يالقۇنىنىڭ زىننىتى.
                                 - ئابدۇقادىر بېدىل

     45.كۈندە ئورۇقلاش جېدىلى قىلماڭ

   مېنىڭ بىر قوشنام ناھايىتى سېمىز، سېمىز بولغاندىمۇ باشقا يېرى ئەمەس، قورسىقى ئوڭ تەرەپكە تومپىيىپ چىققان سېمىز. مەن بەزىدە تېلېۋىزوردىن كۆرگەن ئورۇقلاش دورىلىرىنى ئۇ قوشنامغا تونۇشتۇرۇپ كېتىمەن، خىيالىمدا ئۆزىنىڭ سېمىزلىكىدىن چوقۇم كۆڭلى يېرىم بولىدۇ دەپ ئويلىسام كېرەك، راست گەپنى قىلسام، مەن ئەگەر ئۇ قوشنامنىڭ ئورنىدا بولسام بەلكىم كۈندە قايغۇ- ھەسرەت ئىچىدە يۈرگەن بولاتتىممىكىن. بىراق، بۇ قوشنامنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ساغلاملىقى مېنى ئىنتاينى ھەيران قالدۇردى، ئۆزنىڭ سېمىزلىكىدىن ئۆزىنى ياراتمايدىغان ئىشنى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ماس كېلىدىغان پوسۇنلاردا شۇنداق چىرايلىق كىيىم تىكتۈرۈپ كىيىۋالىدىغان بولسا كۆزلىرىمگە بەزىدە ئىشەنمەيلا قالىمەن. سېمىزلىكىدىن ئىش خۇشياقمىسا بولاتتى، بىراق ھەرقانداق يەرگە بارسا ئايىغى يەرگە تەگمەي ئىش قىلىپ، يارىدەملىشىپ، ساھىبخاننىڭمۇ، مېھمانلارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالىدۇ، يولدىشىنىڭ ئامراقلىقىچۇ تېخى!
   ھەممە ئادەم گۈزەللىكىنى سۆيىدۇ، ئاياللار ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقى ۋە چىرايلىق فىگورىسىنىڭ بولۇشىنى، مەڭگۈ قېرىماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، جەزبىدارلىقىنى ئۆزىڭىزنىڭ ساپارىڭىز ئارقىلىق ساقلاپ قالسىڭىزمۇ، لېكىن قېرىماسلىققا، ئىرسىي سېمىزلىككە ھەقىقەتەن ئامال يوق.
   ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق كەلگىنى ئەڭ ياخشى بولغىنى، ئېرىڭىزنىڭ تولغان ئاياللارنى ياخشى كۆردىغىنىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ سېمىزرەك بولۇپ كەتسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ كۈندە ئورۇقلىسام بولاتتى دەپ جېدەل قىلىشنىڭ ئورنىغا مېنىڭ قوشنامدەك ئۆزىڭىزنى خۇشال – خۇرام تۇتسىڭىز تېخىمۇ ئوماق كۆرۈنمەمسىز؟
   ياش چاغدىكى ئەر- خوتۇن قېرىغاندا ھەمراھ دەپتىكەن، ئېرىڭىزنىڭ ئاۋازىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىش، ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى قاندۇرۇش، مۇرادىنى ھاسىل قىلىش- مۇھەببەتنىڭ نامى بىلەن نىكاھىڭلار ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاقىلانە ئەڭ جەلىپ قىلارلىق، ئەڭ گۈزەل تاللاشتۇر.
   سىزنىڭ  بۈگۈندىن ئىتىبارەن ئۆزىڭىزنىڭ تېنىڭىزنى كەمسىتمەيدىغان بولغىنىڭىزنى تەبىرىكلەيمەن.
   بىر ئايال پەرداز بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ بىر مەھەل ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىشى مۈمكىن، بىراق باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى يەنىلا ئۆزنىڭ ئەخلاقى- پەزىلىتىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرىدۇ. ھەققىي گۈزەللىك گۈزەللىكنىڭ ئۆزىدە نامايان بولۇپ تۇرىدىغان روھىي تېتىكلىكتە.
                                              - روسسۇ
    كىشى ئۆزلىكىدىن ياخشى يە يامان،
   قەدىرلىك خار ۋە زار، غەمكىن، شاد-خۇرام،
   ئەقىل ئېيتار: بۇلارنى پەلەككە ئارتما،
   پەلەك سەندىن ئاجىز بىچارە ھامان.
                           - ئۆمەر ھەييام

     46. ئۆزىڭىزگە خاس بىر ھەۋەس يېتىلدۈرۈڭ

   يىللار ئۆتكەنسىرى ئادەم تەننىڭ قېرىپ، ماغدۇرسىزلىنىۋاتقانلىقىنى، گەپلەرنىڭ تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بارغانسېرى سولۇۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. پەقەت بىرلا نەرسە بار، كۈنلەرنى يېڭى ھەم مەزمۇنلۇق قىلىدىغان. ئۇ بولسىمۇ- ئورتاق ھەۋەس ۋە قىزىقىش.
  ئەرلەرنىڭ ھەممىسى « ئاياللىق پۇرىقى» بار ئاياللارنى ياقتۇرسىمۇ، بىراق بۇخىل « پۇراق» نىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىگە ئۆزىمۇ بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيدۇ.
   ھەر قانچە گۈزەل بولسىڭىزمۇ، فىگۇرىڭىز ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن سىزدە مۇشۇلاردىن باشقا نەرسە بولمىسا، قېرىغانسىرى سىزدىكى گۈزەل چىراي ۋە فىگۇرىلار يوقايدۇ. ئۇ چاغدا سىزدە ھېچنىمە قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرمۇ پەقەت ئۆي ئىشىنى قىلىپ، تاماق ئېتىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، ئىچكى دۇنياسى قۇپقۇرۇق، ھېچقانداق ھەۋەس، قىزقىشى يوق بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈشى ناتايىن.
   شۇڭا، ئېرىڭىز ئىككىڭىلارغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدىغان تۇرمۇشۇڭلارنى بېيتىپ، سىلەرنى زېرىكتۈرمەيدىغان بىرەر ھەۋەس سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۆزىڭىزنىڭ ساپايىڭىزنى ئۆستۈرۈش، دەل ئۆزىڭىزدە « پۇراق» پەيدا قىلغانلىقىڭىز ئەمەسمۇ؟
  ۋاقىتنى پەرداز بىلەن قورۇقلىرىنى يېپىپ، ئاق چاچلىرىنى بوياپ، فىگۇرىنى ساقلاپ قېلىشقا سەرپ قىلغان ئاياللارنى مەغلۇپ بولغۇچى  دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نىشانى ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق نەرسىنى خام- خىيال قىلىشتۇر.
                                    - سوفىيە روللان
   جاھان باشتىن ئاياغ ھېكمەتقۇ ھېكمەت،
   نېمىشقا غەپلەت بىزگە بولۇپتۇ قىسمەت.
                      - ئوبولقاسىم فىردەۋىس

     47. بەخت نەدە؟ ئۇ سىز بولسىكەن دېگەن يەردە

   مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئوقۇپ يىغلاپ كەتكەنىدىم. ھازىر مۇشۇنى يېزىۋېتىپمۇ يەنە يىغلىغۇم كېلىپ تۇرىدۇ، دېمەك بۇ ھىكايە ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلغان بولسا كېرەك.
  بىر جۈپ ئەر – ئايال بار ئىكەن، ئايالى ئېرىدىن پەقەتلا رازى بولمايدىكەن، ئۆزىنى بەك شور پىشانە ھېس قىلىدىكەن. ئېرى كېلىشى بىلەنلا تۈگىمەس تاپا- تەنە، نارازىلىقلىرىنى ياغدۇرۋېتىدىكەن، لېكىن ئېرى ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ قارىشى گەپ قىلمايدىكەن. سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا، مەن خاتا قىپتىمەن دەيدىكەن. بىر كۈنى ئۇ خوتۇن زادى چىدىغۇچىلىكى قالماي ئېرى ئىشتىن كېلىشىگىلا ئۇنى ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
   - مېنىڭ زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، بۈگۈن بىز بىر- بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى ئۆزئارا سۆزلەپ چىقايلى ۋە شۇنىڭغا قارىتا تۈزىتەيلى، قېنى كىم باشتا سۆزلەيدۇ؟
  ئېرى تاماكىسىنى پۇقىرتىپ چەككىنىچە:
  - قېنى ، سىز باشلاڭ، - دەپتۇ.
  ئايال بارماقلىرىنى پۈكۈپ بىر باشتىن ساناشقا باشلاپتۇ:
  (1) سىزنىڭ پۇتىڭىز پۇرايدۇ؛ (2) پايپىقىڭىزنى ۋاقتىدا يۇمايسىز؛(3) ھەممىلا يەردە بىر نەرسىللىرىڭىز چىچىلىپ تۇرىدۇ؛(4) تاماكا چېكىپ ئۆينىڭ تاملىرىنى ئىسلىتىۋېتىسىز؛(5) ئۆيگە كىرگۈچە ئايىقىڭىزنىڭ تېگىنى پاكىز سۈرتۈپ كىرمەيسىز... دېگەندەك 28 خىل يېتەرسىزلىكنى ساناپ چىقىپتۇ ۋە ھېرىپ كېتىپ توختاپتۇ-دە، ئېرىگە:
  - قېنى ئەمدى سىز ئېيتىڭە، مېنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكىم بار؟- دەپتۇ.
  ئېرى تاماكىنىڭ ئىسلىرى كۆزلىرىگە كىرىپ، كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرغىنىچە خوتۇنىغا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
  - قەدىرلىكىم، ھەر قانچە ئويلاپمۇ سىزنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكىڭىز بارلىقىنى بىلەلمىدىم.
  ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئېرىنى قۇچاقلىغىنىچە ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە شۇندىن ئېتىبارەن ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدىمەيدىغان بوپتۇ.   مانا بەخت دېگەن، بۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت، بارلىق تەرەپلىرىنى ياخشى كۆرۈش، ئۆزى ياخىشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنىمۇ ياخشى كۆرسە، كەڭ قورساقلىق قىلالىسا ئاندىن ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولىدۇ. قانچىلىك ئايال مۇشۇنداق مەھەببەتكە سازاۋەر بولالايدۇ؟ قانداق ئايال مۇشۇنداق مۇھەببەتنى، بەختىنى ھېس قىلالايدۇ؟
  ئادەتتە رېئال تۇرمۇشتا ھامان باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشتىكى «بەخىت» لىرىگە تىكىلپ تۇرىۋالىمىز، باشقىلارنىڭ بىزدىن «ئېشىپ» كەتكەن تەرەپلىرىنىلا كۆرۈپ، ئۆزىمزنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز، « بەخت ئىچىدە تۇرۇپ، بەختنى كۆرەلمەيمىز».
   بىر كۈنى يولدىشىم بىلەن ئىككى بالامنى ئېلىپ سىرتتا تاماقلانغاچ سەيلى قىلىپ كەلدۇق، ئالدىمىزدا ئىككى بالىمىز قىيغىتىپ، سەكرىشىپ، بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، شۇنداق خۇشال ئويناپ يۈرەتتى، تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، بەخت پەقەت بىز ھېس قىلالىغان يەردىكەن ئەمەسمۇ؟
   مۈشۈكچە مۇھەببەت بولمىسا ئەسلا،
   كۈچۈكتىن ئۈگەنگىن تەرىقىي ۋاپا.
                           - خۇسراۋ دېھلىۋى
   ئىشقىدۇر ئەبەدىيلىك ئەۋجىدە ئاپتاپ،
   ھايات چىمەندە بەختتىن خىتاپ،
   بۇلبۇلدەك نالە قىلماق ئىشىق ئەمەس،
   ئىشىق- نالە قىلماسلىق، ئاڭا يۈز قاراپ.
                              - ئۆمەر ھەييام

     48. ئېرىڭىزنىڭ ئۆيىدە سىزگە قىلغان ئانچە- مۇنچە يارىدەملىرىنى ھازىرغىچە ماختاڭ

   ئاياللار قىلىدىغان ئىشنىڭ كۆپلىكىدىن ھەممە ئىشقا يېتىشىپ بولالمايدۇ،بەزىدە چارچىغىنىدىن بىر ۋاخ تاماق ئېتىشمۇ خۇشياقماي قالىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا، بەزى كۆيۈمچان ئەرلەر ئايالىنىڭ ھېرىپ كەتكنىگە قاراپ ئىچى ئاغرىپ:
   - بولدى، سەن يېتىۋالغىن، بۈگۈنكى كەچلىك تاماقنى مەنلا ئېتىۋېتەي،- دەيدۇ. مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى.
  دېمەك، ئۇنىڭ تاماق ئېتىش- ئەتمەسلىكى پوزىتسيە مەسىلىسى، تامىقىنىڭ ئوخشاش – ئوخشىماسلىقى تېخنىكا مەسىلىسى، ياخشى ئاياللار ھامان ئېرىنىڭ تېخنىكىسىغا ئەمەس، بەلكى پوزىتىسىيىسگە ئېتىبار بېرىدۇ، ئەخمەق خوتۇنلار ھەر ئىككىسىگە ئېسىلۋالىدۇ-دە، توختىماي كوتۇتۇلداشنى باشلايدۇ:
   - تۇزىنى سەل ئۆتكۈزىۋېتىپسىز، شېكەرنى جىق سىلىۋېتىپسىز، رەڭگى سەت بولۇپ قاپتۇ، قازان بېشىنى نېمىدىگەن مەينەت قىلۋەتكەن، ۋاييەي ئۆزۈملا قىلغان بولسامچۇ! بەرىبىر ئاشخانىنى ئۆزۈم بېسىقتۇردىكەنمەن!
  قايسىبىر ئادەم قىلغان ئەمگىكىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئىنكار قىلىنىشىنى، سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراشنى ياقتۇرىدۇ؟
  ئەگەر ئايال ئەرنى سۆيمىسە، ھەممە نەرسىنى ھەتتا ئىلىگىرى ئۆزى قىلغان ناز- كەرەشمىلەرنىمۇ ئۇنتۇيدۇ.
                                - لابىريويېر
  سۆيۈلسە كىشى ئەيىبى- پەزلى سېزىلۇر،
  سۆيۈلمىسە پەزىلى قۇسۇر تۇيۇلۇر.
                     - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

     49.ئېرىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىگە خۇشاللىق بىلەن قېتىلىڭ

  ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتتە باردى- كەلدى قىلىش، ئۇچرىشىش، گەپ- سۆز، مېھماندارچىلىق، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما بۇ ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ جەريانى، مەزمۇنى شۇ ئادەمنىڭ مەلۇماتى، تەربىيلىنىشى، ماھارىتى، نەزەر دائىرسى قاتالىقلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى دەۋىر رىقابەت دەۋرى. شۇڭا، ئىجتىمائىي ئالاقە رىقابەت جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا، ھەتتا، ھەل قىلغۇچ ئامىل دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
  بىر ئايالنىڭ بىر ئەرنى چۈشىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى يول ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن تونۇشۇش. « مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن» دېگەندەك بىر ئادەمنىڭ ئارلاشقان ئادەملىرىگە قاراپلا ئۇنىڭ ئەخلاقىغا، ئىستىقبالىغا، ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىغلى بولدۇ.
   پەيلاسوپلارنىڭ قارىشىچە: دۇنيادا بىر – بىرىگە تامامەن ئوخشايدىغان ئىككى تال يوپۇرماق بولمىغىنىدەك، بىر- بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان ئىككى ئادەممۇ بولمايدۇ. شەك- شۈبھىسىزكى، ئەرلەر تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بولغان ھۆرمەت، قوللاش ھەمىدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تىرشىپ ماسلىشىش ئاياللارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر تېخنىكىلىق مەسىلە.
  بىر ئايال ئۈچۈن مۇلايىم، سەمىمىي پوزىتىسيىدە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر خوتۇنى ئادەتتە چىقىشقاق بولسا، كۆرۈشكەن ئادەمگە سالام بىرىپ، پەيتى كەلگەندە ئىككى ئېغىز گەپ قىلالىسا، ئۇنداقتا بۇ ئەرنىڭ ئابرويىغىمۇ، ھەتتا مۇۋاپىقىيىتىگىمۇ پايدىسى بار.
  ئادەتتە ئۆيلەرگە مېھمان كېلىش – كەلمەسلىكى، بىر ئەرنىڭ مەرد – سېخىيلىقىغا باغلىق بولسا، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ ئەرنىڭ خوتۇنىنىڭ مۇئامىلىسىگە باغلىق بولىدۇ. ئەگەر خوتۇنىنىڭ باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى ياخىشى بولسا، شۇ ئۆيدىن مېھمان ئۆكسىمەيدۇ. ئەكىسچە بولسا ئۇنداق ئۆيگە ھېچكىممۇ يولىمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ئابرويى، خىزمىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇش- بولماسلىقى، نەتىجە قازىنىش پۇرسىتىنىڭ كېلىش- كەلمەسلىكى زور دەرىجىدە خوتۇنىنىڭ كىشىلىك ئالاقىگە ماھىر بولۇش- بولماسلىقىغا بېرىپ تاقىشىدۇ.
  ئېرىنىڭ كىشىلىك ئالاقە چەمبىرىكىگە كىرىش، شۇ دائىرە ئىچىدىكى « داڭدار شەخس» بولۇش نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدىكى ئەڭ ئاقىلانە چارە.
  ئېرى ۋە بالىلىرىنى سۆيۈشنىلا بىلىپ، باشقا ئىشقا قىزىقمايدىغان ئايال، خۇددى خوتۇنى ۋە بالىلىرىنى سۆيۈشنىلا بىلىدىغان ۋە شۇنىڭغىلا كۈچى يېتىدىغان، باشقا ھېچنەرسىنى ئەپلەشتۈرەلمەيدىغان ئەرلەردەك كۈلكىلىك ۋە ئېچىنىشلىقتۇر.
                                   - بېلىنىسكى
   چىرايلىق دېمە، خۇلقى ئۇزنى دە،
   كى خۇلقى ياخشى بولسا، يورۇتقاي سىنى.
                          - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    50. خىزمەت تەلۋىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ

    جاھان ئۆزگىرىپ، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئوقۇش، خىزمەت قىلىش، ئەمەل تۇتۇش، سودا- سېتىق بىلەن شۇغۇلىنىش ھازىرقى جەمئيەتتە ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. بۇ ئاياللارنىڭ زىھنىي كۈچى ۋە فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە ئەرلەردىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. دېمەك، ئاياللارمۇ ئەرلەر قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ.
   لېكىن، شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، ئەگەر بىز ئەرگە تېگىپ، ئۆي تۇتۇپ، بالىلىق بولۇشنى تاللىغان ئىكەنمىز، مۇشۇ مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئالدى بىلەن ياخشى ئادا قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاندىن خىزمىتىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك. بولمىسا بەخىتلىك ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش تەسكە چۈشىدۇ.
   خىزمەتكە بېشىچىلاپ كېرىپ « خىزمەت تەلۋىسى» بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە پەقەت ۋەزىپە، باشلىق، تور، مائاشلا بولىدۇ، « كۆڭۈل ئېچىش تەلۋىسى» بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە پەقەت لاغايلاپ يۈرۈش، غىدىقلىنىش، مەنىسىزلىكلا بولىدۇ.
   ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال، قانداقلا ئىش بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان مۇنداق زامانىۋى «راك» لارغا گىرىپتار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
   زامانىۋى ئاياللارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بىر ئازاپ؛
   خىزمەت بولمىسا بولمايدۇ، پەقەت خىزمەتلا بولسا تېخىمۇ بولمايدۇ.
  ئاياللار پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ، مۇۋاپىقىيەتكە ئىنتىلسە بولىدۇ. بىراق شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ ئەركەكلىشىش يولىغا مېڭىشى ھاجەتسىز.
                                    - لۇئىس رومىس
    ئاڭلا ئاچچىق مەسلىھەت بەرسە دوست كىشىنىڭ،
    ئاخىر لەززەتلىك بولىدۇ ئىشىڭ.
                               - ناسىر خىسراۋ

      51.ئېرىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشىغا يارىدەم قىلىڭ

   كۈنلەر دائىم خۇشال ئۆتىۋەرمىگىنىدەك، ئەرلەرمۇ پات- پات رەنجىپ تۇرىدۇ. ھەرقانچە دۆت خوتۇن بولسىمۇ ئېرىنىڭ رەنجىپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ھەرقانچە ئەقىلىق ئايالمۇ ئېرى رەنجىپ قالغاندا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.
  جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بارغانسىرى ئەرلەرنى خاپىغان قىلىپ قويىۋاتىدۇ، پۇل تاپقۇسى كەلسىمۇ تاپالماسلىق، مائاشىنى يەتكۈزەلمەسلىك، خوتۇن – بالىلىرىنى باشقىلارغا ئوخشاش راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمەسلىكتىن قورقۇش، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەرنىڭ ئۆزىدى ئېشىپ كېتىشى، خىزمەت ئورنىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرشەلمەسلىك، باشلىقىدىن  ياكى باشقىلاردىن كۆڭلى رەنجىپ قېلىش، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كەلگەندە دەردىنى ئۆيدىكىلەردىن ئېلىش- خېلى بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانماقتا. بەزى تۇغما خاپىغان كىشىلەرمۇ بار، پسخىكىسى تازا ساغلام ئەمەس، ھەممىلا ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلاش، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلچىلىك ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنىمۇ كۆتۈرەلمەسلىك، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دېيىش، ئېچىلىپ كەتكەندە ھەممىلا ئادەمگە چاقچاق قىلىپ، خوتۇن – بالىلىرىنىمۇ خۇش قىلىپ، تۇتۇلۇپ قالغاندا ھېچكىمگە قاراپمۇ قويماي بۇقىدەك ئۆتۈپ كېتىش- بۇنداقلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى.
  « سۈزۈك سۇدا بېلىق بولماس، رەنجىگەكنىڭ دوستى» دېگەندەك، ھەممىلا ئادەم بۇنداقلاردىن بىزار بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشى تېخىمۇ يۈرۈشمەي، ئۇ تېخىمۇ رەنجىپ، ئۆيدىكىلەرنىمۇ پاراكەندە قىلىۋېتىدۇ.
  ئېرىڭىز مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن رەنجىگەن بولىشىدىن قەتئىنەزەر سىز ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشقا يارىدەملىشىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.
   بىر ئەقىلىق، مۇنەۋۋەر ئايال ئەرلەرنى قانداق تېزگىنلەشنى ئوبدان بىلىدۇ. بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ قالايمىقان رەنجىشىگە يول قويمايدۇ، ئەرلەرنىڭ غەزىپىنى، ئاچچىقىنى چېقىرىۋېتىشكە ئەمەلىيەتتە ئانچە كۆپ ماھارەتنىڭ لازىمى يوق، ياخشى ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە ئايان، ئەرلەر رەنجىپ قالغاندا سۈكۈت قىلىش- ئالتۇن بىلەن باراۋەردۇر.
    زامانىۋى ئاياللارنىڭ ئوسال مىجەزلىك ئەرلەرنى ئۆزگەرتىشىدىكى بەش چوڭ تەدبىر:
   (1) ئۈندىمەسلىك.
   (2) ئۈنسىز كۆيۈنۈش.
   (3) ھەرگىز مۇرەسسە قىلماسلىق.
   (4) ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىش.
   (5) سۆرەلمىلىك قىلىش.
   ياخشى خوتۇن بولۇشنى ئويلىغان ئاياللار ئېرىنىڭ مىجەزىگە باقمىسا بولمايدۇ. ئۇ قانداق قىلغاندا ئېرىنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويماسلىقىنى، شۇنداقلا ئۇششاق ئىشلارغا قېيداپ قالماسلىقىنى بىلىشى كېرەك.
                                          - بالزاك
   كىم غەملىك كۈندە يار ۋە مۇڭدىشىڭ بولار،
   شادلىق كۈنۈڭدە يەنە يولدىشىڭ بولار.
                              - پەرىددىدىن ئەتتار

   52. ئېرىڭىزگە يارىدەملىشىپ، ئۇ خالىمايدىغان مېھماندارچىلىقلارنى سىلىق قايتۇرۋېتىڭ

 زامانىۋى تۇرمۇشتا مېھماندارچىلىقلارنىڭ بولماسلىقى مۈمكىن ئەمەس. مۇۋاپىق دەرىجىدىكى مېھماندارچىلىق ئەر كىشىنىڭ خىزمىتى ۋە سودىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ، لېكىن چارچاپ كەتكەندە بەزى مېھماندارچىلىقلار ئەرلەرنىڭ بېشىنى بەكلا ئاغرىتىدۇ. پەقەتلا بارغۇم يوق؟ قانداق قىلارمەن؟ دەپ ئولتۇرغاندا يەنە تېلېفون سايرايدۇ، مۇشۇنداق چاغدا ئاۋازىڭىزنى ئادەتتىكىدىنمۇ سىلىق چىقىرىپ، قارشى تەرەپكە ئېرىڭىزنىڭ پەقەتلا مىجەزى يوقلۇقىنى ياكى ئىنتايىن زۆرۈر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ياكى ئۆيگە جىددىي مېھمان كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەپۇ سوراپ، ئېرىڭىز ئۈچۈن باش ئاغرىقىنى يوقىتىپ بەرسىڭىز، ئۇ چوقۇم ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.
  ئەرلەر ھامان سىرتقا چىقسا بىر خىل، ئۆيگە كىرسە بىر خىل رولنى ئالىدۇ. چوڭ ئەركەك دەپ ئاتىلىدىغانلار پەقەت كۆپچىلىكىنىڭ ئالدىدىلا « چوڭ ئەر»، لېكىن ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلسىلا « ئادەم بالا» غا ئايلىنىپ قالىدۇ.
  مەيلى ئۇ چوڭ ئەركەك بولسۇن ياكى « ئادەم بالا» بولسۇن، ئۇ سىزنى شۇنداق چوڭ كۆرۈۋاتقان يەردە، ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، بىزار قىلىدىغان مېھماندارچىلىقلارنى ئۇنىڭغا يارىدەملىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن.
   ياخشى خوتۇنلار ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ۋە غەم – غايغۇلىرىنى چۈشىنىدۇ، ئۇنىڭغا يارىدەملىشىپ، ئۇ ياقتۇرمايدىغان مېھمانلدارچىلىقلارنى قايتۇرۋېتىش بىر ياخشى خوتۇننىڭ قىلشقا تېگىشلىك ئىشى.
ئەگەر ئايال كىشى مۇھەببەتتىن بەھر ئالالىسا، شۇنداقلا غەرەز ئۇق
دىغان ، پىشىپ يېتىلگەن ئايال بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ئېرىنى خۇشال قىلىش، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئانىلارچە غەمخورلۇق قىلىدۇ.
                                               - ۋاسلېيوۋ   شۇنداقنى يار ئەتكىن ساڭا جان قوشسۇن،
   ھەر نەپەس ئۆمرى ئەبەدىي بولسۇن.
                           - خۇسراۋ دېھلىۋى

    53. بىر ياخشى ئانا، ياخشى كېلىن بولۇڭ

   بالىغا نىسبەتەن ئۇ ئانىلىق خۇشاللىقى ۋە قانائەتچانلىققا تولۇپ – تاشقان بولىدۇ. قېيناتا، قېينانىغا نىسبەتەن ئۇ جاپادىمۇ، تاپا- تەنىلەردىمۇ قورىقماي ئىشلەيدىغان، ئاياللىق ئەقىل- پاراسىتى ۋە چىدامچانلىققا تولۇپ- تاشقان بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئايالغا نىسبەتەن مەيلى ئۇ ياش، قىران چاغلىرىدا بولسۇن ياكى قېرىپ مۈكچەيگەندە بولسۇن، سىزگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولماي باشقا تاللاش يوق.
   بىر ياخشى ئايال ھامان كۆپ روللارنى ئالىدۇ- ياخشى خوتۇن، ياخشى ئانا، ياخشى كېلىن... مەيلى قانداقلا جاپا- مۇشەققەت تارتسۇن ئىچىدىلا بىلدۇ. شۇڭا بەزىلەر ئۇھ تارتىپ: ئادەم بولماق تەس، ئايال بولماق تېخىمۇ تەس! دېگىنى بىكار ئەمەس.
    بىر ئائىلىدە ياخشى خوتۇننى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى ئۇنىڭ قېيناتا، قېينانىسغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت.
   بىر ئائىلىنىڭ بەختلىك، ئىناق، خۇشال- خۇرۇم ئۆتۈشىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېگىشلىك مەسھۇلىيتى بولسىمۇ، لېكىن ئانىنىڭ ئائىلىدىكى مەسھۇلىيتى مۆلچەرلىگۈسىزدۇر. بالزاك ئانا توغرىسىدا توختىلىپ: « مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلار قولىدا» دېگەن ئىدى. بۇ ئانىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، ھەتتا بىر پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى زور مەسھۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئانا ھەر دائىم ئۇلۇغلىنىشى، قەدىرلىنىشى، ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. لېكىن، بۇنداق ئۇلۇغلىنىشقا ئانا بولغۇچى پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغاندىلا ئاندىن ئېرىشەلەيدۇ. ئانىلىق بۇرچى دېگىنىمىز، ئانىلارنىڭ بىلىشكە ۋە ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىدۇ.
  (1) قېيناتا، قېنانىڭىزنى، ئۇلارنىڭ بىر تۇغقانلىرىنى، قۇلۇم- قوشنىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىشقا تىرشىڭ.
   (2) تېجەشلىك بولۇڭ، ئسراپچىلىق قىلماڭ، لازىملىق نەرسىلەرنى زايا قىلىۋەتمەڭ.
   (3) بارىغا قانائەت قىلىڭ، تاقەتسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر. كېلىن، بالىلىرىڭىزغىمۇ ياسانچۇقلۇق، ئابرۇيپەرەسلىك قىلماسلىق، بارىنى تېجەش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆتۈشنى ئۆگىتىڭ ۋە ئادەتلەندۈرۈڭ.
  (4) سىزنىڭمۇ قىزىڭىز بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارغا كېلىن بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا كېلىنىڭىگە مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز قىزىڭىزدەك كۆرۈڭ، كېلىنىلىرىڭىزنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن قۇسۇر تاپماڭ، پۇرسىتى كەلگەندە ئوغۇللىرىڭىزغا يامان كۆرسىتىپ چاقماڭ، ۋات-ۋات تەبىئىتىڭىزنى، ناچار خۇلق- مىجەزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.
   كېلىن ئىككى ئائىلىگە تەۋە بولۇپ، قۇدىلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە بىۋاستە رول ئوينايدۇ، بۇ كېلىنىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.
  (1) كېلىن بولغۇچى قېيناتا، قېينانىڭىزنى، ئېرىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ قېرىنداشلىرىدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەڭ، ئۇلارغا مېھرىبان، شەپقەتلىك بولۇڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىتائەتمەن بولۇڭ، بۇيرۇغانلىرىنى « خوش » دەپ تۇرۇپ ئورۇنداڭ، سىزنىڭ توغرا بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ گەپ تالاشماڭ، جاۋاب قىلماڭ، شېرىن سۆزلۈك بولۇڭ، بولۇپمۇ قېنانىڭىزنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈپ ھۆرمەت قىلسىڭىز، كۈنلەردىن بىر كۈنى كېلىنىڭىزمۇ سىزنى شۇنداق ھۆرمەت قىلىدۇ. چۈنكى « نېمە تىرىساڭ شۇ ئۈنىدۇ» ئەمەسمۇ؟ ئىشەنمىسىڭىز مۇنۇ ھىكايىگە قۇلاق سېلىڭ:
  بىر ئائىلىدە ئەر، ئايال، بالا، بوۋاي تۆتەيلەن ياشايدىكەن. بوۋاينىڭ كۆزى ئەما، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا مەينەتكەن، ئەر- خوتۇن بىر كۈنى مەسلىھەتلىشىپ، بوۋاينى ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىنى كولاپ كۆمۈۋېتەيلى دەپ، يەرنى چوڭقۇر كولاپ، ئەپكەشكە بوۋاينى تېڭىپ، ئورىغا سالاي دەپ تۇرىشىغا ئوغلى يۈگۈرۈپ كېلىپ:
   - توختاڭلار، بوۋامنى كۆمسەڭلار كۆمۈڭلار، ئارغامچا بىلەن ئەپكەشنى كۆممەڭلار،- دەپتۇ.
   - نېمىشقا؟
   - سىلەر بۇ ئەپكەش بىلەن ئارغامچىنى كۆمۈۋەتسەڭلار، سىلەر قېرىغاندا مەن سىلەرنى نېمە بىلەن كۆمىمەن؟
   شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بوۋاينى تارتىپ چىقىرىۋىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى بېقىپتۇ.
   (2) كېلىن بولغۇچى قېيناتا- قېينانىڭىزنىڭ، ئېرىڭىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مېجەز- خاراكتېرى، تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ماسلىشىڭ.
   (3) سەۋىر- تاقەتلىك بولۇڭ، يول قويۇشنى بىلىڭ.
   (4) چېقىمچى، غەيۋەتخور بولماڭ.
   (5) قولىڭىز ئەپچىل، ئايىغىڭىز چاققان، ھەركىتىڭىز سىلىق بولسۇن.
   (6) شەرمى- ھايالىق بولۇڭ.
   (7) پاكىز، رەتلىك بولۇشقا ئادەتلىنىڭ.
   ئايال- پۈتۈن ئالەمنىڭ ئانىسى، ئۇ پەرزەنت تۇغۇپ بەرگىنى ئۈچۈن ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، ئىنساننى تەربىيلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ھاياتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ خۇشاللىقلىرىنى بەخش ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغلاپ « ئانا » دەيمىز.
                                       - گوركىي
    خەزىنە ئېپكەلگەن كېلىندىن، ئەسلى –
    توغرا، راستچىل كېلىن مىڭ ھەسسە ياخشى.
                            - خۇسراۋ دېھلىۋى

    54. بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەققىللىقىڭىزنىمۇ ئىپادىلەپ تۇرۇڭ

   دوستۇم 3 ئىكىس ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە، سىنىپتا كۆزنىڭ يېغنىنى يەيدىغان، ئىنتايىن شوخ، تېتىك، كۈلكىسى جانان چىنىنى ئەسلىتىدىغان، ئوغۇللارغا بوزەك بولمايدىغان، خاراكتېرى ئۆزگىچە، ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئەقىللىق قىز ئىدى. كېيىن ئۆزى چەكسىز ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەرگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى ئۆزگىچە خاراكتېرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، ئېرى نېمە دېسە گېپىدىن چىقمايدىغان، ئېرى قارىنى ئاق دېسە شۇنداق دەيدىغان، ئېرى ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغان تاماكىنىمۇ ئالماي، دوستۇمنى چاقىرىپ ئېلىۋەت دېسە، ھەرگىز قارشىلىق كۆرسەتمەي ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، تاماكىنى ئېلىپ قولىغا بېرىپ كىرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.
   شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەر تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، خوتۇنى پۇت- قولى يەرگە تەگمەي ئىشلىسىمۇ نارازى بولىدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان بولىۋالدى. كېيىن دوستۇم ئەقلىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي خاسلىقىنى يوقىتىپ، ئېرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدىغان ماشىنا ئادەمدەك بولۇپ قالغانلىقى ئۆزىنى مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كېيىن تاياق يېسىمۇ قارشى تۇرىدىغان ئىشلارغا قارشى تۇرىدىغان بولدى. ئادەم دېگەنمۇ غەلىتە بولىدىكەن، ئەمدى بۇ ئەر دوستۇمنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان بولۇپ قالدى.
   شۇنداق، نىكاھنىڭ ماھىيتى ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىش ئەمەس، دەل ئەكىسچە مۇۋاپىقىيەتلىك نىكاھ دائىم خاسلىق بايرىقىنى تۇرمۇش ئاسمىنىدا ئېگىز پۇلاڭلاتقان بولىدۇ.
   ئادەم بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاسلىقى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ خاسلىققا ئىگە بولمىسا جەلىپ قىلش كۈچىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا، بەزى- بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇشىڭىز، ئېگىلىدىغان چاغدا ئېگىلىپ، كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشقا تېگىشلىك بولغاندا مىت قىلماي تىكىلىپ تۇرۇشىڭىز، بەزى ئىشلاردا قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە ئىككىلەنمەي، يۈرەكلىك قارار چىقىرىپ، ئېرىڭىزنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرۇشىڭىز كېرەك.
   بۇ يەردە مەن ئاياللارنىڭ ئۆزى بىلگەنچە ئىقتىساد ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىللىقىڭىزنى ئىپادىلەپ، ئېرىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزنى تاشلاپلا، ساياھەتكە چىقىشقا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىڭ دېمەكچى ئەمەسمەن. بەلكى روھىي ۋە ھەركەت جەھەتتىكى مۇستەقىللىق ئېرىڭىزنىڭ كۆزلىرىنى تېخىمۇ ئالچەكمەن قىلىۋېتىدۇ.
   شۇڭا، ئىمكانىيەت بولسا ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى، ئۆزىڭىز قىلىشنى خالىغان ئىشنى قىلىشقا تىرىشىڭ.
   ئەرلەر ئاياللار ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتسا ياكى بۇيرۇقۋازلىق قىلسا، ئاياللار باش ئەگمەسلىكى، ئەرلەر قاپىقىنى تۈرسە، ئاياللار كۈلۈمسىرىمەسلىكى، ئەرلەر تىكىلىپ قارىسا ئاياللار يەرگە قارىۋالماسلىقى لازىم. چۈنكى بۇ خىل ئىتائەت قىلىش ھەرىكەتلىرى ئەرلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويىدۇ.
                                    - كېسىلىن سىتچىگىن    ئايال، بىل، لۇتپۇ ھىممەتكە سازاۋەر،
    گۆدەكتەك مېھىر- شەپقەتكە سازاۋەر.
                     - ناسىر خىسراۋ

     55.ئېرىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىڭ

   دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئىنسان يوق. ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەن يەردە ئېرىڭىز ھەر قانچە بىلىم- مەلۇماتلىق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنە خىزمەت، ئۈگىنىش، تۇرمۇشتا بەزىبىر خاتالىقلاردىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. ياخشى ئاياللار ئېرىنىڭ خاتالىقلىرىغا نىسبەتەن ئەپۇ قىلىش پوزىتىسيىسىنى تۇتالايدۇ.
  مېنىڭچە ئەرلەر ساقلىنىشقا تېگىشلىك مۇنداق ئەڭ چوڭ تۆت خاتالىق بار.
   (1) ھاراقكەشلىك؛ (2) قىمارۋازلىق؛ (3) بۇزۇقچىلىق؛ (4) زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىش.
   مۇشۇلارغا بېرىلىپ قالغان كىشىنى خۇدا كۆڭلىگە ئىنساپ بەرمىسە، باشقا ئاددى ئادەملەرنىڭ تىللاپ- قارغاشلىرى، ئۇرۇپ- دۇمبالاشلىرىمۇ كار قىلمايدۇ. مۇشۇنداق ئەرگە تېگىپ قالغان ئاياللارنىڭ ھالىغا ۋاي ھەممە ئاياللارغا بەخت تىلەيمەن!
  ئەگەر ئېرىڭىزدە يۇقىرىقى كەچۈرۈش تەس بولغان خاتالىقلار بولمىسلا، مېنىڭچە ئۆزىڭىزنى بەخىتلىكمەن دەپ ئويلاپ، شۈكرى- قانائەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇششاق- چۈشەك خاتالىقلار بۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس.
   شۇڭا، كەڭ قورساق، سەۋرىچان بولۇپ، ئېرىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشكە پۇرسەت بەرسىڭىز، كەچۈرۋەتسىڭىز، ئېرىڭىز سىزدىن چوقۇم تەسىرلىنىدۇ.
   ياخشى ئات يولدىن ئازمايدۇ، ياخشى خوتۇن ئەيىپلەپ كەتمەيدۇ.
                                        - يوھان گىراي
   ئاشىق جاراھەتكە مۇپتىلا،
   مەشۇق زىكىرى ئۇ جاراھەتكە شىپا.
                      - ئەلشىر نەۋائىي

   56. قېيناتا، قېنانىڭىزغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىڭ 
 
   كىچىك ۋاقىتلىرىمدا يۇرتىمىزنىڭ دىرامىچىلىق سەنئىتى تازا گۈللەنگەن ئىدى. شۇ چاغلاردا كۆرگەن « ھەسەن ئاكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىقمۇ؟» دېگەن دېرامما ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلغان، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئېرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئايال قېينانىسىنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى، ياراتمايدىغانلىقى، كېيىنكى بىر قېتىملىق ئەمەلىي تەربىيىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىغانلىقىدەك ناھايىتى تەسىرلىك ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيتى كۈچلۈك مەزمۇن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى.
   دېمىسىمۇ سىز ياخشى كۆرىدىغان ئەر ئەگەر قېيناتا، قېينانڭىز بولمىغان بولمىسا بۇ دۇنياغا كەلمەيتتى  ھەم سىزنى مەپتۇن قىلغۇدەك جەلىپكارلىققىمۇ ئىگە بولمايتتى. ئېرىڭىزنىڭ شۇنچىلىك ياراملىق بولۇپ چىقىشىغا، قېيناتا، قېينانىڭىزنىڭ زور ئەجرى سىڭىگەن. ئېرىنى سۆيۈشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا- ئانىسىنى ياخشى كۆرۈشنى، ھۆرمەتلەشنى بىلىشى زۆرۈر. گەرچە ئۇلار قېرى، ئاجىز، كېسەلمەن، كەمبەغەل ياكى مىجەزى ئوسال، ئادەمنى بىزاار قىلغۇدەك بولسىمۇ، لېكىن كېلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇلارنى يوقلاپ تۇرشىڭىز، ھەر ھەپتىدە تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ ئەھۋال سوراپ تۇرۇشىڭىز، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، خىزمىتىنى قىلىپ قويۇشىڭىز كېرەك.
    ياشانغانلارنىڭ مۇنداق گېپى بار: ئوغلۇڭنىڭ ياخشىلىقى ھېساب ئەمەس، كېلىنىڭ ياخشى بولسا ھېساب.
   بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايال بولۇش بىر ئىلىم، كېلىن بولۇش بىر سەنئەت.
   بىر كۈنلەردە سىزمۇ قينانا بولغاندا، كېلىنىڭىزدىن خۇددى سىز ئەينى ۋاقىتتا قېينانا، قېيناتىڭىزغا تۇتقان مۇئامىلىنى كۆرىسىز، شۇڭا قېرىغاندا بەخىتلىك ئۆتەي دېسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىڭ.
   ھەر قانداق ئادەم ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىسا، باشقا كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئەسلا ئادا قىلالمايدۇ. مۇنداق ئادەم ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان يامان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. يامان ئادەمگە باشقىلارنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمۇ دۇرۇس ئەمەس.
                                             - قابۇس
    قېرىلارنى ئەزىزلەپ قىلساڭ ھۆرمەت،
   سېنىمۇ قېرىغاچ قىلىشار ئىززەت.
                         - پەرىدىددىن ئەتتار

   57. « ئۈچىنچى شەخش» قىستۇرۇۋالغاندا ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىڭ

    « ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان سىرلىر» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن:
   ئەگەر نىكاھلىق بىر ئەر تالاغا قاراپ قالغان بولسا، ئۇ شۇ ئەرنىڭ ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، ئەگەر نىكاھلىق بىر ئايال تالاغا قاراپ قالغان بولسا، ئۇ شۇ ئايالنىڭ بۇزۇق ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەرلەر راستىنلا: بىز تۇغۇلىشىمىزدىنلا مۇشۇنداق ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يېڭۋاشتىن ئۈزۈل – كېسىل يۇيۇشقا يارىدەملەشكەندىلا ئۇلار ئۆزگىرىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار ئۆمۈرۋايەت مۇشۇنداق ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋېرىدۇ.
   ئەرلەرنىڭ ساداقەتسىز ھەركەتلىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە تۈگىگىنى يوق. گەرچە يېقىنىقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بۇ خىل ئەھۋاللار ئاياللاردىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما سان جەھەتتىن قارىغاندا، ئەرلەر يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ ( بىراق، ئوبدان ئويلايدىغان بولسىڭىز، بىر ئەر بۇزۇقچىلىق قىغان يەردە چوقۇم بىر ئايال بار ئەمەسمۇ؟). بۇ خىل ساداقەتسىزلىك ھەركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي ئەخلاققا يات قارىلىپ، جامائەت پىكىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ ئارقىلىق ئائىلە، ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان سۈركىلىشلەر ئۆزىگە، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە غايەت زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ.
  بىراق، ئەمەلىيەتتە « ئوۋ» ئوۋلاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئەرلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئەركەكلا بولىدىكەن، كۆپىنچىسىنىڭ مۇشۇنداق سىناپ بېقىش ئويى بولىدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، كۆپ قىسىم ئەرلەر ئايالىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئاياللار بىلەن توي قىلمايدۇ. چۈنكى ئايالىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئانىنىڭ مېھرىگە ئوخشاش مېھرىبانلىققا ئېرىشەلەيدۇكى، بۇنداق مېرىبانلىقنى ئۈچىنچى شەخسنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلالىشى مۈمكىن ئەمەس.
   شۇڭا ئايالىغا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۇلار ھەردائىم دەككە – دۈككىدە يۈرىدۇ. سىرىتلاردا « تازا ياشاپ» ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئايالىغا ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلپ كېتىدۇ. ئەگەر ئايالى ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ شۇئانلا قەتئىلىك بىلەن رەت قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ مۇنداق قىلىشىمۇ بۇ ئائىلىنى بۇزۇشنى خالىمايدىغانلىقىدۇر. ناۋادا ئۆزىنىڭ قىلمىشى ئەڭ ئاخىر يەنىلا ئاشكارلىنىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئائىلىنى ئويلاپ، ئايالىنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ گۇناھىنى گەدىنىگە ئالىدۇ.
     ئەگەر بۇ ئەھۋاللار سىزنىڭ ئېرىڭىزدىمۇ سادىر بولۇپ قالسا، ئەگەر توغرا بىر تەرەپ قىلىش پوزىتىسيىسى قوللانماي، بەلكى ھەدېسىلا ئېرىڭىزنى ئەيىبلەۋەرسىڭىز، ئەكىسچە ئېرىڭىزنى پۈتۈنلەي ئاشنىسىنىڭ قوينىغا ئىتتىرىپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈزۈل- كىسىل ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن.
   ئومۇمەن، ئېرىڭىزنىڭ ساداقەتسىزلىكىگە قارىتا ھەم زىيادە چالۋاقاپ كەتمەسلىكىڭىز ھەم بىپەرۋالىق قىلماسلىقىڭىز لازىم. ئەڭ ياخشىسى سەۋرىچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن تۈزۈك.
   ئەگەر باشقا ئاياللار ئېرىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، پىنھان ئاشىق بولۇپ يۈرگەن بولسا، بۇ نۇرمال ھادىسە، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ .
    ئەگەر سىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئۈستىدىن تۇتۇۋالغان بولسىڭىزمۇ غەزەپلەنمەڭ، بۇنداق ئەر ئاللىقاچان سىزنىڭ ئېرىڭىز بولۇش سالاھىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. « ۋاپاسىز ئەرنى خۇددى پاشنىسى چۈشۈپ قالغان ئەسكى ئاياقنى چۆرۈۋەتكەندەك تاشلىۋېتىڭ. چۈنكى ئۇ سىزنى بىر تېپىپ يىقىتىۋەتتى ئەمەسمۇ؟» ( تايلور)
    شۇنداق، باشقا ئىشلارنى « ۋىجدان سوتى» ۋە « خەلق سوتى» بىر تەرەپ قىلسۇن. داۋلىلىرىڭىز بولسا ۋارقىراپ كېتىشنىڭ، بىر ئادەمنى جازالىغاندا بېشىنى يېرىپ، قېنىنى تۆكۈشنىڭ ھاجىتى يوق.                                   
   نىكاھلاشقانلار نىكاھلاشقۇچە كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ بىر- بىرىنى كۆزىتىشى، نىكاھتىن كېيىن بىر كۆزىنى قىسىپ ياشىشى لازىم.
                                   - سىلكيۇدېرى
    زەۋق- ساپا قوغلاشما، قاتتىقتۇر جازا،
    ساپانىڭ جاۋابى پاتقاقتۇر تازا.
                       - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

   58. ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا « دۆت» رەك بولىۋېلىڭ

    ئاڭلاشلارغا قارىغاند «دۆت» رەك خانىملار ئەرلەرگە تېخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ، ئەرلەرنىڭ ئىچ – ئىچىدىن مۇلايىملىقى ۋە قوغداش ئېڭىنى قوزغىتىدىكەن. تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، كۆپ قىسىم ئەرلەر ئايالىنىڭ گۈزەل چىرايىغا، ئېسىل ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا نىسبەتەن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىدا بولىدۇ، ۋاھالەنكى ئايالىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، شۇنىڭدەك تەربىيلىنىشى ئۆزىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئىقرار قىلىشنى خالىمايدۇ.
   ئوقۇش تارىخى ئۈستۈن، قابىلىيەتلىك ئاياللار ئالدىدا، ئەرلەر دائىم ئالاقزادە بولۇپلا يۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت باغلاش ئىقتىدارى ئۆزىنى بېسىپ چۈشىدۇ- دە، ئۆزى بارا- بارا پەسكويغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق ئاياللار جەمئىيەتتە ئوڭايلا باشقا ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، بۇنىڭ باشقا ئەرلەرنى ئېرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىدۇ- دە، ئەرلەر تېخىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆزىدىن ئەقىللىق بولۇپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمىشقا بىر نەچچە قېتىم «دۆت» بولۇۋالمايسىز؟
   بىراق، مۇنەۋۋەر ئاياللار شۇنىمۇ بىلىشى كېرەككى، بەك ئۇزۇن «دۆت» بولۇۋالماڭ، بولمىسا « چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويىسىز».
    ئاياللار گەرچە ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئازراق زىيان تارىتسىمۇ، بىراق ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە تېخىمۇ كۆپ كۆيۈنۈشكە ئېشەلەيدۇ، زىيانغا سېلىشتۇرغاندا، « دۆت» خانىم بولۇشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق.
    ئۆزىڭىزدىكى ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ كەتمەڭ، ئەرلەر گىپستا قاتۇرۇپ قويغاندەك ساھىبجامالنى ئېلىشقا خۇشتار ئەمەس.
                                 - كىركىسلىر
   كەمتەرلىكىتىن كېلەر ئىززەتۇ- ئىكرام،
   كىبىرلىكىتىن يامان بولغان ياخشى نام.
                         - ناسىر خىسراۋ

   59. ئېرىڭىزنى ھەيران قالدۇرۋېتىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

    نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتىكىدەك تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتيدۇ، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. بىر كۈنى، سىز مۇشۇ رامكىلاردىن قۇتۇلۇپ، تۇيۇقسىز ئېرىڭىزگە خۇشاللىق، ھەيرانلىق ئاتا قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا ئايال، خوتۇن بولغان سىز ئەسلىدىكىدىنمۇ بەكرەك يۇقرى ئىمتىيازغا ئىگە ئىرشەلەيسىز.
   ئۇنداقتا ئېرىڭىزنى قانداق ھەيران قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟
   تۇيۇقسىز ئېرىڭىزگە گۈل تەقدىم قىلامسىز؟
   رومانتىك كىنو بېلىتىدىن ئىككىنى ئەكىلىپ، ئېرىڭىزنى ھەپتە ئاخىرىدىكى كۆڭۈل ئېچىشقا تەكلىپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟
   تورت ئەكىلىپ، شام يېقىپ، چىراقنى ئۆچۈرۋېتىپ، رومكىلارغا مېۋە ئىچىملىكلىرىنى قۇيۇپ، ئېرىڭىزنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتامسىز؟
   ئېرىڭىزگە ئۇقتۇرماي دوستلىرىڭىز بىلەن مەسلھەتلىشىپ، تۇغۇلغان كۈنىنى تۇيۇقسىز ئۆتكۈزۈپ، ئېرىڭىزنى ھەيران قالدۇراي دەۋاتامسىز؟
   ياكى...
   ئاياللارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى چەكسىز، ئەگەر سىز ئازراقلا كاللا قاتۇردىغان بولسىڭىز تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ رومانتىك، يېڭى ھېس- تۇيغۇلارغا باي قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز. ئەگەر دائىم ئەرلەرگە مۇشۇنداق ھەيرانلىق ۋە يېڭىلىق ئېلىپ كېلەلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىڭىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
   ئاياللار ئەرلەرنى كۆرگەنسىرى چۈشىنىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنى كۆرگەنسىرى قايمۇقۇپ قالىدۇ. قايمۇقۇپ قالغانسىرى شۇ ئايالغا بولغان مۇھەببىتى كۈچىيىدۇ.
   ئاياللارنىڭ جەزبىدارلىقى قەيەردە؟ گۈزەل ھۆسنىدىمۇ؟ ئەقىل- پاراسىتىدىمۇ؟ گەپ – سۆزلىرىدىمۇ؟ كۈلكە- چاقچاقلىرىدىمۇ؟ شۇنداق، مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە، شۇنداقلا باشقا جەھەتلەردە.
                                     - مۇنىر ناسوۋ
    كىمدە يوق ئىكەن ئەقىل، ھىممەت، تەدبىر- پەم،
    دېمەك بۇ سارايغا چۈشمەس ھېچ ئادەم.
                                - سەئىدى شېرازى

    60. ئېرىڭىزنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە تىرشىڭ

    جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ، ئېغىر كۈنلەردىمۇ بىللە بولغاندا، مېھر – مۇھەببەت مەڭگۈ ساقلىنىپ تۇرىدۇ، ئىنسانلاردا نىكاھلىنىش شەكىلى بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، مۇشۇنداق ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇش مۇۋاپىقىيەتلىك نىكاھنىڭ تىپىك ئۈلگىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلدى . ئېرى ناخشا ئېيتسا، خوتۇنى جۆر بولغان نىكاھ ھەرگىزمۇ ئەرلەر زوراۋانلىقىنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھنىڭ زۆرۈر نەتىجىسى.
    « ئاياللار يېرىم دۇنيا» دېگەن پەقەتلا بىر شۇئار ئەمەس، بەلكى بىر مەسھۇلىيەت. فېئوداللىق بويۇنتۇرۇقلار ئىچىدىن ئويغانغان ئاياللار « يېرىم دۇنيا» لىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ « يېرىم دۇنيا» لىق مەسھۇلىيتىنى ئادا قىلىشى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسھۇلىيەت.                                                           جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارغا زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مەھەللە كويلاردا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقان ئەر- ئاياللارنى، كوچا- رەستىلەردە ھاراق ئىچىۋىلىپ، يىقىلىپ يېتىپ قالغان ئەرلەرنى تولا كۆرەتتىم. ھازىر قارىسام ھەممىلا ئادەم ئالدىراشلىقنىڭ، ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈۋاتىدۇ.جەمئىيەتنىڭ شاللىۋېتىشىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشمىساق بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. دېمەك، بۇ خىل رىقابەت، خىرىس ھەممىلا ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ بېسىمى ئېغىرلاشقا باشلىدى. بۇرۇن خىزمىتىنى ئىشلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى تولۇق ئالالىسىلا، ئۆزىنى خاتىرجەم، بەخىتلىك ھېس قىلىدىغان زامان كېتىپ، ئەرلەر قانداق قىلىپ تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا تېخىمۇ ياخشى يول ئېچىپ بىرەلەرمەن دەيدىغان نىشان بويىچە ياشاۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ تۈرىتكىسىدە تۈرلۈك قىينچىلىقلارغا، مەغلۇبىيەت، توسالغۇغا ئۇچراپ تۇرۇۋاتىدۇ.
    بىر ياخشى ئايال ھامان ئېرىنىڭ بېسىمىنى ئۆزىنىڭ كۈرەش قىلىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ. پەقەت يۈكسەك غايە بلسىلا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق. نۇرغۇنلىغان مۇۋاپىقىيەتلىك نىكاھلار بۇنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى.
   ئايالنىڭ ۋەزىپىسى- ئەرنىڭ قەلبىدىكى كۈچ- قۇۋۋەتنى جۇشقۇنلىتىش، ئالىيجاناپ ھېس- تۇيغۇلارنى كۈچەيتىش، مەسھۇلىيەتلچانلىقنى يۈكسەكلىككە، ئۇلۇغلۇققا ئېلىپ چىقىش ۋە ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت.
                                  - بېلىنىسكى
   ھەر يارۇ دوست ئەمەس ۋاپادار،
  بەلكى ياردىن يارنىڭ پەرقى بار.
                   - خۇسراۋ دېھلىۋى

    61.كونا مۇھەببەت يالدامىلىرىنى يوقىتىۋېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق

   مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەرلەرنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن شېرىن مۇھەببەت تارىخى بولىدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەسىلەن: يۇرىتنىڭ يىراقلىقى، ئاتا- ئانىسىنىڭ قوشۇلماسلىقى، يىغىپ ئېيىتقاندا رىزقىنىڭ قوشۇلماسلىقى سەۋەبىدىن، بۇرۇنقى سۆيگىنى بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، سىز بىلەن توي قىلغان. لېكىن، ئېرىڭىزنىڭ ئالبومىدىن بورۇنقى قىز دوستى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلەرنى، مۇھەببەتلەشكەن تارىخىنى، ئەسلەش خاتىرىسىدىن قىز دوستىنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئازاپلىق قوليازمىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالىسىز. مۇشۇلارغا نىسبەتەن سىز قانداق مۇئامىلە قىلدىڭىز؟ ھەممىنى يىرتىپ كۆيدۈرۈۋەتتىڭىزمۇ؟ ئېرىڭىز بىلەن سوقۇشتىڭىزمۇ؟ دائىم تەگەپ تۇردىڭىزمۇ؟
   بىر دوستۇمدىن مۇشۇ مەسىلىنى سوراپ باقتىم. ئۇ دوستىمىمۇ دەل يۇقىرقىدەك « تەدبىر» قوللىنىپتۇ.
   مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئارتۇقچە. ئەگەر ئۇ بۇرۇنقى سۆيگۈنىنى ئۇنتۇيالمىغان بولسا، سىز ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى، خاتىرلىرىنى يىرتىپ،كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتسىڭىزمۇ ئېرىڭىزنىڭ كاللىسىدىن، قەلبىدىن چىقىرىۋېتەلمەيسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئالبۇمغا چىرايلىق، رەتلەپ سېلىپ، خاتىرسىنى كىتاب ئىشكابىغا تىزىپ قويۇپ، ۋاقتىڭىلار چىققاندا، بىللە كۆرۈپ، بىللە ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىنى ئادەتتىكى پاراڭ تېمىسى قىلىۋالسىڭىز بولمىدىمۇ؟ بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەسەبىلەرچە قىلغان ھەركىتىڭىزدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ. سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىڭىز، كەڭ قورساقلىقىڭىز، ئېرىڭىزنى مەستخۇش قىلىدۇ. سىزدەك بىر ئايال بىلەن توي قىلغىنىدىن مەڭگۈ ئۆكۈنمەيدىغان بولىدۇ. چۈنكى ئەرلەر مۇلايملىق ۋە كەڭ قورساقلىق ئالدىدا مەڭگۈ تىز پۈكىدۇ.
   ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇق ئاياللار قۇرۇق ھەيۋە قىلىشنى، تېركىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
                              - تۇرگىنېۋ
    توغرا، سەۋر ئاچچىق، لېكىن ئاقىۋەت،
    تاتلىق مېۋە بېرەر ھەم كۆپ مەنپەئەت.
                           - جالالىدىن رۇمى

   62. قېينانىڭىزنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ

   ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى، مۇكەممەل، نۇقسانسىز، كۆيۈمچان ئانا، ئۆزىنى باشقا بالىلىرىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئانىسى ھەرگىز خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ، شۇڭا، ئانىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۆلچەيدۇ. ئايالىغا قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ئايالىنى ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ. قىسقىسى، سىز ئېرىڭىزنىڭ بۇ كۆز قارشىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيسىز.
   مەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، چېچىمنى ياساتقىلى بىر ساتىراچخانىغا كىرىپ، چېچىنى ياسىتىۋاتقان 60 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن بىرەر سائەتتەك پاراڭلىشىپ قالدىم.
   - تېخى يىڭى توي قىلىپسىز قىزىم، قېينانىڭىزنى چوقۇم ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ،- دېدى ئۇ ئايال ماڭا،- چۈنكى ئەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسى ھەرقانداق ئادەمدىنمۇ مۇھىم، ئەگەر قېينانىڭىز سىزنى كېلىنلىككە يارايدىكەن دېسە،سىزنى ئېرىڭىز تاشلىۋېتىمەن دەپمۇ تاشلىۋېتەلمەيدۇ؛ ئەگەر قېينانىڭىز سىزنى بولمايدىكەن دېسە ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىمۇ سىزنى ساقلاپ قالالمايدۇ. سىزنى ئېرىڭىز قويۇۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ، قېينانىڭىز « قويۇۋېتىدۇ». مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئېرى ئۆيدىكى 11 بالىنىڭ چوڭى. شۇڭا، ئۇمۇ شۇ ئۆيدىكى قېينانىسىدىن قالسىلا ئانا ھېسابلىناتتى. ئۇ ساۋاقدىشىم بارلىقىنى شۇ ئۆيگىلا ئاتىۋەتكەن. ئۇنىڭ قېينانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆرسىڭىز، ئۇلارنىڭ قېينانا- كېلىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز. ئېرى 40 ياشقا كىرگەندە قوشنا مەھەللىدىكى ئېرى بار بىر ئايالغا بۇزۇلىۋېدى، ئۇ ساۋاقدىشىم بىر نەرسە دېمەي، ئەكىسچە قېينانىسى بىر كۈنى ئوغلى ئاشۇ خوتۇننىڭ يېنىدىن كېلىشىگىلا، بىر كالتەكنى كۆتۈرۈپ:
    -تۈزەلمىسەڭ سەندەك ئوغلۇم يوق، بۇ ئۆيگە كىرگۈچى بولما!- دەپ كالتەك بىلەن مەھەللىدە قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇۋېدى، ئۇ ساۋاقدىشىمنىڭ ئىككىنچىلەپ ئۇ بۇزۇقنىڭ يېنىغا يولىمىدى. ھازىر ئىككىسى نەچچە نەۋرىلىك بولۇپ ناھايىتى بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ، مانا قاراڭ قىزىم، سىز ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن خاتىرجەم، بەخىتلىك ياشاي دېسىڭىز قېينانىڭىزنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ.
   ئون نەچچە يىللىق تۇرمۇشۇمدا ئاشۇ ئايالنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى نەچچە قېتىملاپ چۈشىنىپ يەتتىم. سىزمۇ بولسا قېينانىڭىزنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ.
   يىقىلىپ چۈشسەم كىم مېنى يۆلەپ قويىدۇ؟ ماڭا كىم قىززىق ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟ ئاغرىپ قويغان يېرىمگە كىم سۆيۈپ قويىدۇ؟- ئانام.
                                            - تاگور
    ياشلىق تەلۋىلىكنى تاشلاپ بېشىڭدىن،
    ئانا خىزمىتىدە بولغىن يېشىڭدىن.
                           - ناسىر خىسراۋ
  63. ئېرىڭىز بۇرۇن ياشىغان، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جايلىرىنى بىللە بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ

    مەن ھەر يىلى غۇلجىغا بارغىنىمدا قېيناتام بىزنى ئېلىپ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسى، چوڭ بولغان ئۆيىنى، دوست – بۇرادەر، ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى، ئۆزنىڭ ئىگىلىك تىكلىگەن، جاپا تارتقان يەرلىرىنى كۆرسىتىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئىككى – ئۈچ كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆتكۈزگەن بارلىق تۇرمۇشنى ئىنتاينى قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق، تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىدۇ. بەزىدە كۈلۈپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتسە، بەزىدە ئېچىنىشلىق ئۆتكەن كۈنلىرىدىن ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ. مېنىڭ ئىنتايىن قىزىقىش، ھەيرانلىق، پەخىرلىنىش، قايىل بولۇش نەزەرىدە ئاڭلىغىنىمنى كۆرسە قېيناتام تېخىمۇ خۇشال بولۇپ:
   - ئاپىڭىز مەن ياشىغان يەرلەرنى كۆرگۈسى كەلمەيدۇ قىزىم، سەھرا دەپ ياراتمايدۇ، كېلەر يىلى كەلگىنىڭلاردا سىلەرنى يەنە ئاچىقىمەن،- دەيدۇ.
   شۇنداق، ئون نەچچە يىلدىن بىرى قېيناتامنىڭ قەدىم جايلىرىنى ئۇدا كۆرۈپ، ھېكايە- يۇمۇرلىرىنى توختىماي ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا قېيناتام مېنى خۇددى ئۆز قىزىدەك ياخشى كۆرىدۇ.
   دېمەك، ئادەم ئەسلەش ئىچىدە ياشايدىغان مەخلۇق، ئېرىڭىز بىلەن ئۇ بۇرۇن تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۆگەنگەن ۋە خىزمەت قىلغان جايلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېرىڭىزنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىش جەريانىنى قايتىدىن ئەسلىشىپ بەرسىڭىز، ھەرقانچە قەيسەر، ئېگىلمەس ئەركەكمۇ سىزنىڭ پەزىلىتىڭىز ئالدىدا تىز پۈكىدۇ.
  بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا ھامان ئەسىگۈدەك نۇرغۇن جايلار بولىدۇ. مەسىلەن: يۇرتى، ئانا مەكتىپى، تۇنجى قېتىم مۇھەببەتلەشكەن چىغىر يول قاتارلىقلار. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى ئۇنى تەربىيلىگەن مۇھىتتىن، ھەمدە ئاشۇ مۇھىتتىكى ئادەم ۋە شەئىلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئېرىڭىز بىلەن بىللە ئۇنىڭغا تونۇش بولغان ھەم ئۇ قىزغىن سۆيىدىغان كونا جايلارغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ. بۇنىڭ سىلەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشۇڭلارغا ناھايىتى زور يارىدىمى تېگىدۇ.
   بىر ئادەم دوستلىرىغا، مۇھەببىتىگە خائىنلىق قىلىشى مۈمكىن، بىراق بىردىنبىر خائىنلىق قىلالمايدىغان نەرسە ئۆزىنىڭ قەلبى.
    يار ئۈچۈن كۆيمىگەن، جان پىدا قىلالمىغان كىشىنى ھەققىي ئاشىق دېگىلى بولمايدۇ.
                              - موللا بىلال نازىمى
    ھەر ئىشتا گەر ئىنسان كۆرسەتسە ھىممەت،
    تىكەنمۇ گۈل دەستە بولار ئاقىۋەت.
                       - سەئىدى شىرازى

     64. ئېرىڭىز بىلەن ساياھەتكە چىقىڭ

    سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش بىر خىل پايدىلىق پائالىيەت بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق جىددىي كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نەزەر دائىرىنىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ساياھەت قىلىش ئارقىلىق ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈش ھازىرقى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ، بولۇپمۇ شەھەر ئاياللىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى بىر قەدەر يۇقرى بولغان ئاياللارنىڭ بىر خىل ئورتاق پىسخىك خاھىشى بولۇپ قالدى.
  ئەگەر بىر ئادەم ئۇزۇن مەزگىل ئۆزگىرىش كەمچىل مۇھىت ئىچىدە ياشىسا، كۆڭلىدە ئاسانلا نارازىلىق پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان خىزمەت، ئۆي ئىشى ئادەمنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىپ، ھارغىنلىق ۋە نارازىلىق چېكىگە يەتكەندە ئۇنى جەڭگە- جېدەل ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى- مۇھىتنى ئۆزگەرتىش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت سىرتقا چىقىپ، ساياھەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
   لېكىن، ساياھەت قىلىشقا بىرىنچىدىن، پۇل؛ ئىككىنچىدىن، ۋاقىت؛ ئۈچىنچىدىن، جىسمانىي كۈچ كېتىدىغان گەپ. ئەگەر سىزدە مۇشۇ شارائىتلار ھازىرلانغان بولسا ئېرىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان جايلارنى كۆرۈپ كېلىڭ. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ساياھەت جەريانىدا ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك، يۇمۇرلۇق، بەزى ئاچچىق- چۈچۈك ئىشلار كېيىنكى بىر مەزگىللىك تۇرمۇشۇڭلارنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالىدۇ- دە، كۈنلىرىڭلار خېلى بىر مەزگىلگىچە مەنلىك ئۆتىدۇ.
    سەپەر قىلمىغان كىشىگە نەدىمۇ ھۇششيارلىق يەتسۇن؟! خىزرمۇ سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەمراھىدۇر. بوسۇغىدىن پۇت ئالمىغان كىشى ھېنىمىدىن خەۋەردار بولالمايدۇ. ئۆز كۆڭلىگە ئازادىلىك بېرىپ، مەخسەت يولىدا سەپەر قىلغانلار ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر.
                                    - ئەلشىر ناۋائىي
   يىگىتتە بولسىمۇ ئەقىل گۆھىرى،
   تەجىربىسىز جۇلالانماس ھۈنىرى.
   تېتىپ كۆرۈش كېرەك ياخشى- ياماننى،
   ھاياتتىكى شېرىن، ئاچچىق ناداننى.
                          - ئوبولقاسىم فىردەۋىسى

    65.ھەرگىز شۇم ئېغىزلىق قىلماڭ

   مۇنداق بىر يۇمۇر بار ئىكەن:
  ئىككى ئاكا – ئۇكا بىر مەھەللىدە تۇرىدىكەن ھەمدە دائىم كىرىش- چىقىش قىلىپ، ئىناق ئۆتىدىكەن.
  بىر كۈنى ئاكىسى كېچىدە غەلىتە چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ ۋە ئەتىسى ئايالىغا:
   - ئاخشام غەلىتە چۈش كۆرۈپتىمەن،- دەپتۇ.
   خوتۇن: قېنى دەپ باقسىلا، مەن ئۆرۈپ باقاي.
   ئېرى: مۇنداق ئۈچ چۈش كۆرۈپتىمەن. بىرىنچى چۈشۈمدە: ئىككى پۇتۇم بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ قاپتۇ.
   خوتۇنى: ياخشىغۇ، بۇندىن كېيىن قەدەممۇ- قەدەم ئۆرلەيدىكەنلا!
   ئېرى: ئىككىنچى چۈشۈمدە: ئىككى مېيىت ساندۇقى ئۈستى- ئۈستىگە قويۇقلۇق تۇرغۇدەك.
   خوتۇنى: بۇمۇ ياخشى، ئەمەللىرى ئۆسكۈدەك.
   ئېرى: ئۈچىنچى چۈشۈمدە: دېرىزەمنىڭ سىرتىدا كاناي ياڭراۋاتقۇدەك.
   خوتۇنى: ۋاھ، تېخىمۇ ياخشى، ياخشى نام- شەرىپىلىرى جاھانغا پۇر كەتكۈدەك.
   بۇ تەدبىردىن ئەرنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇكىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ خوتۇنىغا:
   يەڭگىمىز ئاجايىپ ئەقىللىق ئىكەن، ئاكامنىڭ چۈشىنى شۇنداق ياخشى ئۆرۈپ بېرىپتۇ،- دەپتۇ.
   خوتۇنى: ئۇ قانچىلىك ئىشتى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئۆرىيەلەيمەن.
   كېچە ئۆتۈپ ئەتىسى سەھەردە، ئۇكىسى خوتۇنىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، ئاكىسىنىڭ چۈشىنى خوتۇنىغا ئۆزۈم چۈش كۆردۈم، دەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ.
  - ئاخشام كۆرگەن بىرىنچى چۈشۈمدە، ئىككى پۇتۇم بىر ئۆتۈككە تېقىلىپ قاپتۇ.
   خوتۇنى: ئاپلا چاتاق بوپتۇ، بۇندىن كېيىن ئىشلىرى پەقەت ئىلگىرى باسمايدىكەن.
   ئەر: ئىككىنچى چۈشۈمدە، ئىككى مېيىت ساندۇقى ئۈستى- ئۈستىگە قويۇقلۇق تۇرغۇدەك.
   خوتۇنى: تېخىمۇ چاتاق، پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىكەنلا.
   ئەر: ئۈچىنچى چۈشۈمدە، دېرىزەمنىڭ سىرتىدا كاناي ياڭراۋاتقۇدەك، بۇغۇ ياخشىدۇ؟
   خوتۇنى: ھەي، تېخىمۇ چاتاق بوپتۇ، سىلى ئۆلسىلە بىز ھازا ئاچىدىكەنمىز.
   مانا قاراڭ، بۇ ئىككى ئېپى- يەڭگىنىڭ چۈش ئۆرۈشىدىنلا ئىككىسىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە ئېرىگە قانچىلىك پايدىسى تېگىدىغان- تەگمەيدىغانلىقىغا، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئالالايدىغان- ئالالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىغىلى بولىدۇ.
  شۇڭا، تۇرمۇشڭىزنى تېخىمۇ خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزەي، ئېرىمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتاي دېسىڭىز، ھەرگىز شۇم ئېغىزلىق قىلماڭ.
   ئەقىل- پاراسەتلىك ئايال- بايلىق، ئەقىل پاراسەتلىك ئايال – كۈچ.
                                   - مېرېدىت
    يا ئويلاپ سۆزلە ئىنسان مىسالى،
    يا جىم ئولتۇر ھايۋان مىسالى.
                       - سەئىدى شېرازى

   66. ئېرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىسىڭىز، نىشان بەلگىلىشىپ بېرىڭ

   نۇرغۇن مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇرۇن قول ئىلكىدە بار ئاتا- ئانىسىنىڭ بولۇشى ناتايىن. قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەرمۇ نۇرغۇن، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنالىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەپ، ئۇلاردا بىر بۈيۈك مەقسەت، يۆلىنىش بار. ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
   مەقسەتسىزلىك- مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغانلارنىڭ ئەپسۇنى. ئۇلار قارىسىغىلا خىزمەت ئىزدەيدۇ؛ قارىسىغىلا تۇرمۇش قۇرىدۇ. ئۇلار ۋاقىتنى زايە قىلىدۇ. ئەھۋال ئۆزگىرىپ قالار، خۇدايىم بېرەر دەپ تېڭىرقىغان ھالدا تىلەيدۇ، كۈتىدۇ، خىزمىتىنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىمەيدۇ، نارازى بولۇپلا يۈرىدۇ. كۆڭلىدە ئېنىق ئارزۇ ۋە غايە يوق.
     ياشاشتا چوقۇم مەقسەت بولۇش كېرەك. شۈكرى- قانائەت قىلىش ياخشى ئىش ، بىراق، خۇدا: يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارىلىشىڭ ئۆزۈڭدىن دېيىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى ھەركەت قىلشقا، ئەقىلي قۇۋۋىتى، ئىمكانىيتى يار بېرىدىغانلا ئىش بولسا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھام بېرىۋاتقان يەردە، يەنە تەييارتاپلىق قىلىپ ياشاش ئادەم ئۈچۈن ھاقارەت.
   بىر خوتۇننىڭ ئېرىگە ھەمكارلىشالايدىغىنى ئېرىگە يارىدەملىشىپ، ئۇنىڭغا ياشاشتىكى ئارزۇ – ئارمىنىنى تېپىشىپ بېرىشتىن ئىبارەت. شۇندىلا بۇ خوتۇن ئېرى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ھەمكارلىشىپ، بۇ غايىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بايلىق، نام- ئاتاق، ئامانلىق، ھوقۇق، كۆپچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزدە بولىدۇ. ئۇ چاغدا تۇرمۇشىڭىز يەنە مەنىسىزلىك ئىچىدە ئۆتەمدۇ؟ ياق، تېخىمۇ يېڭى نىشانلار، تېخىمۇ غايىلىك ئىشلار سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، سىز ئېرىڭىزنىڭ تېخىمۇ يېڭى نىشانلارنى بەلگىلىشىگە يارىدەملىشىڭ، مەڭگۈ ئالغا باسىدىغان ئەر بولۇشىغا يارىدەم بېرىڭ.
   مۇۋاپىقىيەتلىك داغدام يولدا يول بويى ئەرلەرنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشىدىغان ئاياللار تولۇپ تۇرىدۇ.
                                      - دۇئېل
    بولمىسا قۇلاق ۋە كۆڭۈلدە دىت- پەم،
    بار ئۇلار ئېشەكتە، قېچىردىمۇ ھەم.
                           - خۇسراۋ دېھلىۋى

     67.ئېرىڭىزنىڭ خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيسى قانداق؟

    مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەرلەنىڭ ئاغزىدىن تۇرمۇش نېمىدېگەن مەنىسىز؟ ئەتىگەندە تۇرىدىكەنمىز، مەكتەپكە كېلىدىكەنمىز، چۈشتە تاماق يەيدىكەنمىز، يەنە ئۆتسەك يەنە شۇ دەرىس، ئويناي دېسەك يانچۇقتا پۇل يوق، يا قىلىدىغانغا ئىش يوق... دېگىنىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن. بىرەر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلاي دەيدىغان ئىستەك بولمىسا، قانداقمۇ ئەر ھېسابلىنىدۇ؟ بەلكىم مېنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەلىپىم بەك ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندۇ، بىراق مېنىڭچە ئەر بولغاندىن كېيىن ھەممىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشۇم، ھەممە ئىشتا بىرىنچى بولۇشۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرشىشىم كېرەك، دەيدىغان ئاڭ بولۇشى، پەس، چاكىنا ئارزۇ- ھەۋەسلەرنىڭ كەينىدە يۈرمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەش، نەتىجە قازىنىش كېرەك.
    قىزغىنلىق دېگەن سۆز ( ئېنگلىز تىلىغا) گرېك سۆزىدىن كىرگەن بولۇپ، « ئىلاھنىڭ ۋەھىيىسىنى ئالغان» لىق دېگەنلىككەن. ئۇنداقتا، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتقانلارنى، خىزمەتكە قىزغىن پوزىتىسيە تۇتمايۋاتقانلارنى ئىلاھمۇ يۆلىمەيدۇ. شۇڭا، ئۇنداقلارنىڭ تۇرمۇشى ھامان ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈشى تۇرغانلا گەپ.
   ئۇنداقتا سىزمۇ شۇنداقمۇ؟ ئېرىڭىزنىڭ خىزمەتكە تۇتقان پوزىتىسىيىسىدىن رازىمۇسىز؟ ئەگەر رازى بولمىسىڭىز، ئېرىڭىزنى خىزمەتكە قانداق قىزىقتۇرۇشنى ئويلاپ كۆرۈڭ، لېكىن ئالدىنىقى شەرت- تاپا- تەنە قىلىپ ئېرىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. تۇرمۇشىدا خوتۇن، خىزمىتىدە كاتىپ بولۇڭ.
    ئالدىراش بىر ئەرنىڭ خوتۇنى بولۇش ئىنتايىن بەخىتلىك ئىش، ھالبۇكى ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان ياكى ئائىلىسىنىڭ بايلىقىدىن كۈن بويى قىلارغا ئىش تاپالماي يۈرىدىغان ئەرلەر  ئاياللار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر يۈك.
                                            - بالزاك
    كىشىنىڭ بولسا گەر ياخشى ئايالى،
    دېمە خوتۇن، دېگنى ئەرنىڭ كامالى.
                           - ئالىمەت ئۇل بەنات

    68. بالىلىرىڭىزغا پات- پات پۇل بېرىپ تۇرۇڭ ھەم قانداق خەجلەشنى ئۆگىتىڭ

   مەن ئادەتتە ئىككى بالامغا قىلغان ئىشىغا قاراپ ھەق بېرىمەن. مەسىلەن: ئوغلۇم ئاياقلارنى سۈرتۈپ، ئاياغ ئىشكابىنى رەتلەپ قويسام ماڭا بىر كوي بېرەمسەم، دەيدۇ. مەن ماقۇل بولىمەن. ئۆزىنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلشقا قاراپ پۇل بېرىمەن. قىزىمغا مۇقىم ھەپتىلىك مائاش بېرىمەن. مەسىلەن: قاچا يۇيۇش ۋە ئاشخانىنىڭ پوىنى سۈرتۈش دائىملىق خىزمىتى. ئۇنىڭدىن سىرىت، ماڭا يارىدەملىشىپ قىلغان ئىشلىرىغا يەنە ھەق قوشۇپ بېرىمەن. شۇڭا ئىككى بالام بىرەر ئىشنى قىلامسىلەر دېسەم ھەرگىز ياق دېمەيدۇ. تەرلەپ – پىشىپ ئەمگەك قىلىپ، كەينىدىن پۇل تاپىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەيدۇ.
   بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ پۇل ئېڭىنى ئانچە – مۇنچە سېڭدۈرۈشنىڭ يامان يېرى يوق. لېكىن، بىزدە بالىلار پۇل بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كەتسە مىجەزى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ دەيدىغان بىر گەپ بىلەن ھەر قانداق ئىشنى خالىس قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل تەربىينىڭ ياخشى تەرەپلىرى كۆپ. بىراق بۇنداق تەربىيلەنگەن بالىلاردا ئىقتىسادىي كاللا تازا ئوچۇق بولمايدۇ، قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.
   بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر ئىقتىدار تېخىمۇ تەكىتلىنىدىغان، ئقتىدارسىزلار شاللىنىپ كېتىدىغان، ھەمدە پۇل تېپىشنى بىلىدىغان ئىقتىسادىي كاللىسى بارلار تېخىمۇ ئەتىۋارلىنىدىغان دەۋر بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارغا پۇل توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش، قىلغان بەزى ئىشلىرىغا مۇۋاپىق ھەق بېرىش، ھېيت- بايراملاردا ھېيتىلىق پۇل بېرىش ھەمدە ئۇنى قانداق يىغىش، قانداق خەجلەش توغرىسدا تەربىيە بېرىش ئىنتاينى مۇھىم.
   بالا تەربىيلەش ئانىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۈشكۈل بىر مەسىلە. كەلگۈسىدە باللىرىمىزنىڭ تۇرمۇشنىڭ قانداق بولۇشى بىزنى ئۇلارغا سىڭدۈرگەن تەربىيلىرىمىزگە زور دەرىجىدە باغلىق بولىدۇ.
   ھەر كىمگە ئاتا- ئانىسى، ئەدەپ- تەربىيە ئۈگەتمىسە، زامان ئۇنىڭغا تۈرلۈك جەبىر- جاپالار ئارقىلىق تەربىيە بېرىدۇ. پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش ئاتا- ئانىلىق مەجبۇرىيەتتۇر.
                                       - قابۇس
   تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز- ئوغۇل،
   ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.
                        - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

   69.ھەر ئايدا بېر قېتىم ئېرىڭىز بىلەن كىنو كۆرۈپ كېلىڭ

   توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەر- خوتۇنلار تۇرمۇشىدا قىلىدىغانغا گەپ قالمىغاندەك زېرىكىشلىك بىر خىل تۇيغۇ شەكىللىنىدۇ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھەلەكچىلىكى، تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن پالاقلاپ يۈرۈپ، بۇ خىل مەنىسىزلىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا، ھەتتا ئەر كىشى باشقا ئاياللار بىلەن مۇڭدىشىش ئارقىلىق غىدىقلىنىشقا مۇھتاج بولىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئەگەر بۇ خىل مۇڭدىشىش داۋاملىشىۋەرسە، ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا ئاخىرى بېرىپ نىكاھىڭىزدا ئۈچ بۇرجەكلىك مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ. پىسخولوگلار يۇقىرقىدەك دوسلۇقتىن ھالقىپ كەتكەن، ئاشنىدارچىلىقتىن يېنىكرەك تۇرىدىغان، پىكرى بىر يەردىن چىقىدىغان مۇنداق ھېسسىياتنى « تۆتىنچى خىل ھېسسىيات» دەپ ئاتىغان. ئەگەر بۇ خىل ھېسسىيات ۋاقتىدا كونترول قىلىنمىسا، ئائىلە تۇرمۇشىدا ئېغىر بۆھران يۈز بېرىدۇ.
   مۇھەببەت پەرۋىشكە مۇھتاج. قىزغىن ھېسسىيات ئىجادقا، مۈرىنى- مۈرىگە تېرەپ، مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىڭلاردا بارىدىغان كىنوخانىلارغا بېرىپ كىنو كۆرۈڭلار؛ مۇھەببەتلىشىپ ماڭغان يوللارغا قايتىدىن قەدەم بېسىڭلار؛ بىر قېتىم باللىرىڭىلارنى ئېلىپ سىرتتا ئوپچە تاماقلىنىپ كېلىڭلار، بۇنداقتا، كۈنلەرمۇ، ھېسسىياتىڭلارمۇ يېڭىچە تۇيۇلىدۇ.
    قانچە ھارسىڭىزمۇ خىزمەت قىلمىسىڭىز، قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئېرىڭىزگە ھەمراھ بولمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇ زامانىۋى ئاياللارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن بولغان ئىككى تاللاش بولۇپ، پەقەت ئۆزىڭىزلا بۇنى ھىس قىلالايسىز، تەڭپۇڭلاشتۇرالايسىز. ئالدىراشلىق ئىچىدىن بوش ۋاقىت چىقىرىپ، ئېرىڭىزنىڭ ئامراقلىقى ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
   خوشال بولغاندا تەڭ خۇش بولىدىغان، قايغۇرغاندا تەڭ قايغۇرىدىغان ئەر- خوتۇنلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.
   ئوت چاقناپ تۇرغان شائىرانە مۇھەببەت- ھاياتىمىزنىڭ گۈل تاجى، ياشلىقنىڭ ئالىي ئارزۇسىدۇر.
                             - بىلېنىسكى
   باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا،
   دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا.
                          - نىزامىدىن گەنجەۋىي

   70. ئېرىڭىز بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇڭ

    ئۇلۇغلار ئېتىدۇكى: ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ قېلىش، ئەگەر ئۆزىڭىزدە قايناق ھېسسىيات، غايە ھەم ساپلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا كىتاب ئوقۇڭ. كىتاب ئىنسانلارنى ئالغا باستۇردىغان پەلەمپەي، شۇنداقلا مۇھەببەتنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىدىكى تۇپراق.
   بىلىملىك ئايال دېگىنىمىز، بىلىمىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۋەتكەن. بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىددىيە ۋە ساپاغا ئىگە بولغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پادىشاھلارنى كۆرسىمۇ مىت قىلىپ قويمايدىكەن، ئەرلەرنى كۆرسىمۇ بېلىنى ئەگمەيدىكەن.
   ئادەم كىتابتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكىن تۈزىتىدۇ، ئارتۇقچىلىقىنى بايقايدۇ؛ كىتاب ئارقىلىق ئادەم ئۆزىنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە سىزنىڭ قانداق كىتاب ئوقۇشىڭىز ۋە قانداق ئوقۇشىڭىزدا.
   بەزىلەر مەن كىتاب ئوقۇمىساممۇ، يەنىلا خەقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايمەن دەپ پو ئېتىشى مۈمكىن. بىراق بۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى، ئەگەر مەڭگۈ ئىچىڭىز قۇرۇق پېتى كېتىۋەرسىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەلكىم ئېرىڭىزنى جەلىپ قىلىدىغان، ئېرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ھېچنىمىڭىز قالماسلىقى مۈمكىن.
   كىتاب- كەلگۈسى ئاياللارغا ھەققىي ئايال بولۇپ چىقىشنى ئۆگىتىدۇ.
                                      - سولوۋىچىك
  گەر كىمگە بولمىسا ئەقىل، بىلىم يار،
  قوشما ئۇنى ئادەم سانىغا زىنھار.
                   - ئابدۇلمەجىد سەنائى

   71. ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئۆسۈملۈكنى ئۆستۈرۈڭ

   گۈل-گىياھ بېقىش، ساز چېلىش، شاھمات ئويناش، رەسىم سىزىش، ھۆسنىخەت يېزىش، ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش، مۇزىكا ئاڭلاش يەنىلا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىر خىل خۇشاللىق.
   گۈل-گىياھ، ئۆينىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە ھۆسىن قوشۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەشكىمۇ پايدىلىق. ياپيېشىل مەنزىرە ياكى رەڭگارەڭ ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈللەر ئادەمنىڭ چارچىغان نىرۋىلىرىنى ئارام ئالدۇرۇشنىڭ ياخشى دورىسى. ئېرىڭىز خىزمەتتىن چارچىغان مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن، سىز يوپۇرماقلىرىنى سۈرتۈپ پاقىرتىۋەتكەن ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، رەڭگارەڭ ئېچىلدۇرىۋەتكەن گۈللەرنى سىيلاپ، پۇراپ، تۇرمۇشنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكىنى، تەبىئەتنىڭ جەلىپكارلىقىنى، ئايالىنىڭ قولىنىڭ تولىمۇ چېۋەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ- دە، تۇرمۇشتىن يەنە بىر قېتىم تولۇق رازى بولىدۇ.
  گۈل بېقىشنىمۇ بىلمەيدىغان بىر ئايالدىن ياخشى بىر ئەرنى يېتۈشتۈرۈپ چىقىشنى قانداقمۇ ئۈمىد قىلىغىلى بولىدۇ؟
   بىر تەشتەك پىكوس، ياپۇنىيە كامبليەسى، بىر توپ يېتەكگۈل، شاھزادىگۈل، ئانارگۈل... ئىشقىلىپ نېمىلا بولسا بولىدۇ. ئېرىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر تەشتەك گۈل بولسىمۇ بېقىپ قويۇڭ.
   پەيلاسوپلار شۇنداق ئېيتىدۇكى:
   « ئاياللار بىلەن تېگى پەسلەرنى بېقىش تەس».
   قەددىنى رۇسلاپ خوجاينىلىق ئورنىدا تۇرىۋاتقان ئاياللار بولسا مۇنداق دەيدۇ: « بىز گۈل باقىدىكەنمىز، ئەمما بىز باققان گۈللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تىكىنى بار ئىكەن ئەمەسمۇ!»
   قىزىقىش، ھېسسىيات، مىجەز-خۇلق ۋە خاراكتېر جەھەتتىن بىر- بىرىگە ماس كېلىشكە قاتتىق تەلەپ قويۇش لازىم. بىر- بىرىگە ماس كەلگەن مۇشۇنداق ئەر- خوتۇنلار يۈز بېرىش ئىھتىمالى بولغان بارلىق تۇيۇقسىز زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئۇلار بىرلىكتە نامراتچىلىقتا ياشىسىمۇ، مال- مۈلىكى ئېشىپ – تېشىپ تۇرغىنى بىلەن كۆڭلى بۆلەك ئەر- خوتۇنلاردىنمۇ بەخىتلىك ياشىيالايدۇ.
                                             - روسسو
    ھۈنەر بىلەن ئەقلىڭ بىرلەشكەن ھامان،
    ھەر ئىش بۇ جاھاندا يۈرۈشەر راۋان.
                            - ئوبولقاسىم فىردەۋىس

  72. ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭ

   ئالاقە ئىنسانلاردىكى ئورتاق قوغلىشىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسانلاردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي پائالىيەت. ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىجتىمائىي قىممەت قارشىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتكە ماسلىشىش قابىلىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈمىدۋار كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى شەكىللەندۈرۈپ، خاراكتېرىڭىزنىڭ ساغلام تەرەققىيى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىز ۋە ئالاقىڭىز توسالغۇغا ئۇچرىسا، پىسخىكىڭىزنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئائىلىدە ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار سىزدە مەۋجۇت بولسا، دەرھال تۈزىتىپ، ساغلام پىسخىكا شەكىللەندۈرۈڭ.
   (1) شەخسىيەتچىلىك – بۇ خىل ئالاقىدىكى ئېغىر بولغان پىسخىك توسالغۇ، شەخسىيەتچى كىشىلەر بىرەر ئىش قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەنپەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. باشقىلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنى بىلەن كارى بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى، تەجىربىسى بويىچىلا مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇ. جاھىل، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىدا قارىغۇلارچە چىڭ تۇرىۋالىدۇ. بۇنداق ئادەمدىن ھەممىلا كىشى قاچىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ پىكرىنىمۇ قۇبۇل قىلىشى، باراۋەر ئارلىشىشى كېرەك.
  (2) ئىزا تارتىش- ئۆزىنىڭ سۆز- ھەركىتىنى ھەددىدىن زىيادە چەكلەپ، ئۆزىنىڭ ئىددىيسىنى تولۇق ئىپادىلىيەلمەسلىكتىن ئىبارەت. ئەسلىدە بىر ئادەمدە ئىزا تارتىش پىسخىكىسىنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، لېكىن بۇ ئىزا تارتىش باشقىلار بىلەن بولغان نورمال ئالاقە ۋە دوسلۇقنى بەرپا قىلشقا توسالغۇلۇق قىلسا، ئاخىر بېرىپ ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇرۇش ۋە تەنھالىق كېلىپ چىقىپ، ئاجىز ۋە سوغۇققان بولۇپ قالىدۇ. بۇنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆزىدىكى بوپىنى تاشلۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئالاقىلىشىشنى ئۈگىنىۋېلىش، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
   (3) ئۆزىنى كەمسىتىش- بىر ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيلىك يېتەرسىزلىكى ۋە پىسخىك يېتەرسىزلىكى ھەمدە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش بولۇپ، ئۆزىنى مەلۇم تەرەپتىن باشقىلارغا يېتەلمەيمەن دەپ قارايدىغان كەيپىيات تۇيغۇسى، بىر ئادەمدە مۇشۇنداق ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ قالىدىكەن ، شۇ ئادەمنىڭ ئالاقە پائالىيىتىگە ئېغىر توسالغۇلۇق قىلىپ، يالغۇز، تەنھا قىلىپلا قالماستىن، ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە شان- شۆھرەت تۇيغۇسىنىمۇ تېزگىنلەپ، قابىلىيتىنىڭ تەرەققىياتىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمدە ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، ئۆزىنى كۆزگە ئىلماسلىق قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلىنىپ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە ۋە جەمئىيەتكىمۇ بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى كەمسىتىدىغانلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى، ئالاقە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، باشقىلار بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا يېقىنلىشىشى، قورقۇنچاقلىق ۋە ئىزا تارتىشىنى يېڭىپ، ئوچۇق- يورۇق بولۇشقا جۈرئەت قىلشى زۆرۈر.
   (4) ھەسەتخورلۇق- باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن قوقۇش ۋە ئەنسىرەشتەك پىسخىك ھالەت بولۇپ، باشقىلار ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەندە، قارشى تەرەپنى ئاجىزلىتىش ۋە چەتكە قېقىشقا ئۇرۇنىدىغان بىر خىل ھۇجۇم خاراكتىرلىك پاسسىپ خاسلىق پەزىلەت. ھەسەتخورلۇق پسخىكىسى پەيدا بولغاندا باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈش، باشقىلاردىن نەپرەتلىنىش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش، ھەتتا ئۆچ ئېلشتەك ھەركەتلەردە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشلەر ئارسىدىكى دوسلۇققا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاۋۋال باشقىلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشنى يوقىتىش، باشقىلارنىڭ غەلبىسىنى ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيتى دەپ قارىۋالماسلىق، ھەسەتخورلۇقنى ئۆزىگە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلپ، باشقىلارغا يېتىشىۋېلىش، ھەتتا ئېشىپ كېتىش، دىققىتىنى شۇ كىشىلەرگىلا مەركەزلەشتۈرۈۋالماي، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش كېرەك.
   (5) كىشىگە ئارلاشماسلىق- كۆپرەك ئىچ مىجەزلىك كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ، ئەتراپتىكىلەرگە نىسبەتەن بىزارلىق ۋە ئەيىپلەش پىسخىسىدا بولىدۇ. گۇمانخور، ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئەھمىيتى يوق دەپ قارايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئالاقە ئېھتىياجى قانائەتلەنمەيدۇ، كىشىلەر ئارسىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتنى ھېس قىلالمايدۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر بۇ مىجەزنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىشى، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى، پائالىيەتلەر جەريانىدا ئوچۇق- يورۇق خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى، دوست تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىشى، تۇرمۇشتىكى قىينچىلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
   (6) ئارىلىشىۋېلىش( مۇداخىلە قىلىش) – ھەممىلا ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراشقا رۇخسەت قىلمايدىغان ماكانى بولىدۇ، بۇ خىل ماكان تۇرمۇش ماكانى بولماستىن، بەلكى پىسخىك ماكانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ شەخسىيتىنى مەخسۇس تىڭتىڭلاپ، باشقىلارغا يەتكۈزۈپ شەخسىيتىگە ئارلىشىۋالىدىغان ئادەمنى  ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئادەمگە خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇسى بىرىپلا قالماستىن، دائىم ئادەمنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھەر قانچە يېقىن دوست بولغان تەقدىردىمۇ، قارىشى تەرەپنىڭ شەخسىيتىگە ئارىلاشماسلىقىڭىز كېرەك. شۇڭا كۆپرەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىڭ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تىكىلىپ تۇرۇۋالماڭ.
   (7) رول بىرىكىشى- كىشىلىك تۇرمۇش بىر چوڭ سەھنىگە ئوخشايدۇ، سىز بۇ سەھنىدە ھەر خىل روللارنى ئالىسىز. ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا سىز پەرزەنت، قېيناتا، قېينانىڭىزنىڭ ئالدىدا سىز كېلىن، ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا سىز ساۋاقداش ياكى دوست، ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا سىز خوتۇن. ھەر بىر رولنىڭ بەلگىلىك ھەرىكەت ئەندىزىسى بولىدۇ، ئەگەر ھەربىر ئادەم ئۆزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ قىلىقىنى تەڭشەپ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ تۇرمىسا بولمايدۇ، مانا بۇ رول بىرىكىشى،
   مەسىلەن: ئاتا- ئانىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئەركىلىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن قېينانا، قېيناتىڭىزغا ۋە ياكى باشقا ئەرلەرگە ئەركىلىسىڭىز چوقۇم ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا، قانداق چاغدا قانداق رول ئېلىشنى چوقۇم ئېنىق پەرىقلەندۈرۋېلىشىڭىز كېرەك.
    مەن ئۆز ۋىجدانىمنى يەتتە قېتىم نەزەرگە ئىلمىدىم، شان- شەرەپكە ئېرىشش يولىدا قەستەن تەكەللۇپ قىلغاندا؛ سەمىمىيەتتىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالغان ۋاقتىمدا؛ جاپا- مۇشەققەت ۋە راھەت- پاراغەت ئوتتۇرسىدىكى تاللاشتا كىيىنكىسىنى تاللىغاندا؛ خاتا ئىش قىلىپ قويۇپ يەنە تېخى باشقىلارمۇ شۇنداق قىلدى دەۋالغان ۋاقتىدا؛ ئىتائەتچانلىق بىلەن بويسۇنغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى قەتئىي بولدۇم دەۋالغان ۋاقتىدا؛ئەسلىدىنلا ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن نىقابلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاشۇ سەت يۈزىنى مەنسىتمىگەن ۋاقتىمدا؛ ئۆزىگە مەدھىيە ناخشىسى ئوقۇغان ھەمدە ئۇنى ئېسىل ئەخلاق دەپ قارىغان ۋاقتىمدا.
                                      - جىبران
   يادىڭدىدۇر بەلكى سەن تۇغۇلغان كۈن،
   ھەممە كۈلگەن ئىدى، سەنلا يىغلىغان.
   شۇنداق ياشىغىنكى كېتەر چېغىڭدا،
   ھەممە يىغلاپ قالسۇن، سەن ماڭغىن خەندان.
                                - ئابدۇراخمان جامىي

   73. ئېرىڭىز ئۆز ئۆيىنى راھەت ھېس قىلسۇن

   ئېرىڭىز بىر كۈن ئالدىراش ئىشلەپ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە كۆرگىنى قانداق بىر خىل كەيپىيات؟ قانداق ئائىلە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تىرشىپ ئىشلەيدىغان قىلالايدۇ؟ بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئېرىڭىزنىڭ ئىش ئوقىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولىشىغا تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىنمۇ بەك مۇناسىۋەتلىك.
   مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئېرى ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىدىغان بولىۋالدى، بەزىدە تېخى خوتۇنىنى قاتتىق ئۇرۇپ سالىدۇ. دەسلەپتە مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قالدىم ، چۈنكى ئۇ دوستۇم شۇنداق چىرايلىق، رەتلىك، پاكىز، خىزمەتتىمۇ خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن. ئەجىبا مۇشۇنداق بىر ئايال ئۇ ئەرگە يەنە تېتىمايۋاتقانمىدۇ دەپ خاپا بولدۇم، بىر كۈنى ئىككىسى يەنە قاتتىق ئۇرۇشۇپتۇ ۋە ئەر يەنە دوستۇمنى ئۇرۇپ، يۈز- كۆزىنى كۆكەرتىپ، بۇرنىنى قانىتىۋېتىپتۇ. دوستۇمنىڭ ئېرى ماڭا تېلېفون قىلىپ، بىر كېلىپ كەتسىڭىز دېگەندىن كېيىن ، مەن دەررۇ تاكسى بىلەن ئۇلارنىڭكىگە يېتىپ بارسام، ئۇ ئەر غەرق مەسىت، دوستۇم بۇرنىغا پاختا تىقىۋالغان، يەرلەر قان بولۇپ كەتكەن. بۇ ئەھۋالدىن نېرۋام ئۆرلەپ، چېچىلىپ كېتىپتىمەن. لېكىن ئەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم.
   ئەسلىدە ئۇ دوستۇم زىيادە پاكىزلىقىدىن ئېرى ئۆيگە كېرىپ بولغۇچە ئايىغىڭىنى ئېيتمىدىڭ، ئۆيدە تاماكا چېكىپ، تاملارنى ئىس قىلىۋەتتىڭ، بىزنى زەھەرلىدىڭ، پايپىقىڭىنى قالايمىقان تاشلىدىڭ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى بۇزىۋەتتىڭ، سەن بولساڭلا ئۆي قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ... دەپ كوتۇلدايدىكەن. ئەر ئۆيگە بىرەر دوستىنى باشلاپ كىرىپ بولغىچە، پول سۈرىتكۈچنى كۆتۈرۈپ، پولنى سۈرتۈشكە باشلايدىكەن. سافانىڭ ياستۇقلىرىنى كىر قىلىۋېتىدۇ دەپ ياتاق ئۆيگە ئەكىرۋېتىدىكەن، ھەممە نەرسە چېچىلىپ كەتتى، ئۆيۈمنى ئاران تازلاپ قويسام بۇزۇۋەتتىڭلار دەپ خاپا بولىدىكەن... ئىشقىلىپ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ دېمىم سىقىلىپ، نەپەس ئالالمايلا قالدىم. ئۆي دېگەن ئەر- خوتۇن ئىككەيلەننىڭ تۇرسا، ئېرىڭىز ئۆز ئۆيىدە راھەت ئولتۇرالمىسا، ئۇ نەگە چىقىپ ئولتۇرىدۇ؟ باشقا خوتۇنلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئولتۇرسا خۇش بولامسىز- يە؟
   ئەرلەرگە يېنىك، ئازادە، رەتلىك، ئۆزى خالىغانچە ھەركەت قىلىدىغان، گېزىت، كۈلدانلىرىنى تاشلايدىغان، پۇتلىرىنى ئەركىن قويىدىغان ئۆي كېرەككى، ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئەركىن ھەركەت قىلالمايدىغان ئوردا- ساراي كېرەك ئەمەس. شۇڭا، ئېرىم تاشلاپ كەتمىسۇن دېسىڭىز ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىنى راھەت ھېس قىلدۇرۇڭ.
  ئەر بىلەن مۇرەسسە ۋە مادارادا ياشاش ئۈچۈن ئاياللىرىمىز تۆۋەندىكى ئىككى ئىشقا ئەمەل قىلىش زۆرۈر: بىرىنچى، ئەرنىڭ تەبىئىتى، مىزاجى ۋە خۇلقىنى بىلىش ھەم ئۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش لازېم. ئەرنىڭ ئادىتىنى بىلىش ۋە شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ئىش قىلىش- ئىناقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر؛ ئىككىنچى، ۋاپادار، ساداقەتلىك، ۋە ئىش بىلەرمەن ئاياللار توغرىسىدىكى ھېكايە، شېئىر، داستانلارنى كۆپ ئوقۇش، يامان، خۇلىقسىز ۋە ھاياسىز ئاياللرنىڭ قىلمشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئېلىش ۋە تېگىشلىك خۇلاسىلەر چىقىرىشى كېرەك.
                                      - ئالىمەت ئۇل بەنات
   پەرىلەردەك پاكتۇر ياخشى پەزىلەت،
   يامان خۇلق دىۋىدەك ھەممىگە ئاپەت.
                          - ئەسەدىي تۈسىي

   74. ئىككىڭلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالمىسۇن

   جەمئىيەتتە ئەر- ئاياللار باراۋەر دېگەن شۇئار توۋلىنىپ، ئاياللارمۇ ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىپ، ھەتتا بەزىدە ئەرلەردىنمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. تېخى ئۆيگە قايتىپ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ، كەچتە ئۇخلىغان چاغدىلا، ئاندىن ئارام ئالالايدۇ، ھەقىقەتەنمۇ ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر.
  بۇنى ھېس قىلپ، خوتۇنىغا ئانچە- مۇنچە يارىدەملىشىپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەرلىرىمىزمۇ بار، بۇ بىر ئەقەللىي ئادىمىيلىك، نورمال ئىش. لېكىن، ئەر- ئاياللىق خىزمەت تەقسىماتى پۈتۈنلەي ئالمىشىپ قالغان ئەرلىرىمىزمۇ كۆپىيشكە باشلىدى.
   مەسىلەن: ئەتىگەندە ناشتىلىق تەييارلاش، چۈشتە خوتۇنى ئىشتىن كەلگۈچە تاماقلارنى ئېتىپ تەييار قىلىۋېتىش، بالىنى بۆشۈككە بۆلەش، سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرۇش، قورسىقىنى تويغۇزۇش، ئاخشىمى بالا يىغلاپ كەتسە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىنى « ئېمىتىپ» بەزلەپ ئۇخلىتىش، كىر- قات يۇيۇش، ھەتتا خوتۇنىنىڭ ئىچ- كىيملىرىنىمۇ يۇيۇپ بېرىش، دەزمال سېلىش... ئىشقىلىپ بەزى ئەرلەر جىنسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىزلىقىتىن ئەر بولۇپ ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ كىشىگە. خوتۇنى يېتىشەلمىگەندە يارىدەملىشىش بىر گەپ، كۈندە خوتۇن كىشىدەك مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ، خوتۇنى ئوڭدىسىغا يېتىپ تېلېۋېزور كۆرىدىغان ھالەت مېنىڭچە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركەك دېگەن نامىمىزغا تازا باب كەلمەيدۇ. بەلكىم ئۇ ئەرلەر ئۆزى خالاپ قىلىۋاتقان ئىشتۇ، لېكىن مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر ئەرلىرى بارغانسېرى ئەركەكلىك سالاھىتىنى يوقىتىپ، مىللىتىمىز تېخىمۇ كاردىن چىقارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالىمەن بەزىدە.
   ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىسىڭىز، مەن كىيملەرگە دەزمال سالالمايمەن، قولۇمدا يىڭنە توختىمايدۇ، بالىنى بۆشۈككە بۆلىيەلمەيمەن، تاماقنى ئېرىمدەك ئوخشىتىپ ئېتەلمەيمەن... دېگەندەك گەپلەر. بىز بۇنىڭدىن بالىلىرىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىن تەربىيلەشتە بەزى نەرسىلەرگە دىققەت قىلامدۇق – قانداق؟ بالىلىرىمىزنى تەربىيلەشتە مەسىلە بارمۇ نېمە؟ دەپ ئويلىماي تۇرالمايمىز.
   ئەگەر مۇشۇنداق تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئېرىڭىزنى چىرماپ قويسىڭىز، ئۇ قانداقمۇ نەزەر دائىرسى كەڭ، ئىجتىمائىي ئالاقىگە پىشقان، خىزمەتنى بېرىلىپ ئىشلەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىنىمۇ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىپ، خوتۇن- بالىلىرىنى ياخشى ياشىتالايدىغان ئەر بولالايدۇ؟
   باشقىلار مېنى زايە بولۇپ كېتىۋاتىسەن، ئەسلىدە ماگىستىر، دوكتۇر دېگەن شەرەپلىك ئۈنۋانلارنى ئالالايتىڭ، ئۆزۈڭنى پەقەت ئايىمىدىڭ دەپ ئەيىبلەيدۇ، توغرا، مەن ئاللىقاچان شۇنداق ئۈنۋانلارغا ئېرىشەلىگەن بولار ئىدىم، بىراق مەن ئوقۇسام بالىلىرىمغا كىم قارايدۇ؟ ئاخشىمى كىم ئۇلارغا ھىكايە ئوقۇپ بېرىپ ئۇخلىتىدۇ؟ ئۆيۈمنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟ ئېرىممۇ كەسپىگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتسە، مەنمۇ چەت ئەللەردە ئوقۇيمەن دەپ يۈرسەم بۇ ئۆي ئۆي بولاتتىمۇ؟
   مېنىڭچە، ئاياللار ئېرىنىڭ كەسپى ئۈچۈن، ئەگەر توغرا كەلسە قۇربان بېرىش كېرەك، دەپ قارايمەن. چۈنكى بىر ياخشى ئەرنىڭ كەينىدە ھامان بىر ياخشى ئايال بولىدۇ، ئېرىڭىز نەتىجە قازانغاندا ئەلۋەتتە بۇنىڭ يېرىمى سىزگە ھېساب.
  كۆڭۈلدىكىدەك ئايالى بار ئەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتى باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.
   خوتۇن ئالساڭ ئالغىن ئۆزۈڭدىن تۆۋەن،
   ئېسلما ئېگىزگە ئەسىر بولۇرسەن.
                          - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

     75.ئېرىڭىز ئەمەلدار بولسا، تېخىمۇ سەگەك بولۇڭ

   « ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دەيدىغان ماقال بار، ئەگەر ئەمەلدارلاردا رەھبەرلىك سەنئىتى بىلەن بىللە ئايالىنى باشقۇرۇش سەنئىتىمۇ بولمىسا، ئۇ چاغدا بۇ ئەمەلدە ئۇزۇن ئولتۇرالمايدۇ ھەم كىشىلەر ئالدىدىمۇ ئىناۋىتى بولمايدۇ؛ ئەمەلدارنىڭ ئايالىدىمۇ ئېرىگە توغرا يول كۆرسىتىش ۋە قانائەتچانلىق بولمىسىمۇ، نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش.
   ئادەم نېمە ئۈچۈن خۇشامەتنى ياخشى كۆرىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. بولۇپمۇ ئەمەلدارلاردا بۇ خىل ئارزۇ، ئېھتىياج تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن، ھەتتا يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، خۇشامەتچىلەرنى يەنىلا ئەتىۋارلايدىكەن. بۇ ئارقىلىق بەلكىم ھۆرمەتلىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرسە كېرەك، ئەسلىدە ئەمەلدارلارنىڭ خوتۇنلىرىدا چوقۇم سەگەك كاللا بولۇشى، ئېرىنى ھەر ۋاقىت بەزى ئىشلاردا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى لازېم ئىدى، لېكىن ئەمەلدار خانىملار ئەرلىرىدىنمۇ ئېشىپ، تېخىمۇ تاماخور بولۇپ كېتىدىكەن، ھەتتا بىر ۋاخ تاماققىمۇ.
   بەزىلەرنىڭ ئاغزىدىن:
  - ھەي، ئاشۇ خوتۇن ئېرىنى كاردىن چىقاردى جۇمۇ!
  - ئاشۇ خۇتۇننىڭ سەۋەبىدىن ئېرىنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئىناۋىتى قالمىدى!
  - ئاشۇ خوتۇن بولمىغان بولسا، بۇ ئادەم ئەسلى تېخىمۇ ئۆسەتتى، ھەي!- دېگەندەك گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ تۇرىمىز ھەمدە ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنداق ئىشلارنى ئۇچرىتىمىز.
  شۇنداق، خوتۇن دېمەك ئۆينىڭ رولچىسى دېمەكتۇر، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەرقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس. تارقىمايدىغان زىياپەت بولمايدۇ، ئېرىڭىزنىڭ ئىستىقبالىنى ھەمدە ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىنكى ھاياتىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتىشىنى ئويلىسىڭىز، ئېرىڭىزگە دائىم توغرا يول كۆرسىتىڭ، مەيلى كىشىلىك مۇناسىۋەت، مەيلى ئادەم ئىشلىتىش، مەيلى سوۋغا قوبول قىلىش ۋە باشقا جەھەتلەردە بولسۇن، ھەر ۋاقىت يىراقنى كۆزلەڭ.
   كۆپلىگەن ئەرلەر ئۆزىى تۆۋەن چاغلىغاچقا، خۇشامەتنى ياقتۇرىدۇ، ھالبۇكى، بۇنىڭ ئەكسچە، ئاياللار ئۆزىنى چوڭ تۇتقاچقا، خۇشامەتنى ياقتۇرىدۇ.
                                  - سىۋىفىت
   كىمكى ئۆز نەپسىگە بولۇپتۇ پەندە،
   ھېچ كىشىدىن ئالقىش ئالماس ئالەمدە.
                             - ئوبولقاسىم فىردەۋىسى

   76. ئائىلىڭىزنىڭ مالىيىسىنى ياخشى باشقۇرۇڭ

   ئېتىراپ قىلمىسىڭىز بولمايدىغان بىر پاكىت- زامانىۋى ئائىلىلەردىكى مۇھىم مەسىلە يەنىلا ئىقتىساد مەسىلىسىدۇر.
  « پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ». ئادەملەر ئىنتايىن رەھىمسىز، سىزنىڭ ئورنىڭىز، پۇلىڭىز، ھوقۇقىڭىز بار چاغدا سىزگە قارشى تۇرىدىغان ئادەم ئاساسەن يوق، لېكىن مۇشۇ نەرسىلەردىن بىردىنلا ئايرىلىپ قېلىڭ، شۇ چاغدا ئەتراپىڭىزدا « پايپېتەك» بولۇپ يۈرگەن « ئادەم» لەرنى چۈشىنىسىز.
   كىشىلىك ھايات ئىنتايىن رەھمىسىز، ئەگەر سىزنىڭ خېلى چىرايلىق بىرەر ئىككى قۇر كىيىمىڭىز، يانچۇقىڭىزدا تۆت تەڭگە پۇلىڭىز بولمىسا، ھايات سىزگە تەتۈر قارايدۇ.
   سىز گەرچە مېنىڭ ھازىرقى كۈنۈم ئۆزۈمگە تازا مۇۋاپىق، مۇشۇنداق ئاددىي- ساددا ياشاپ، كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ كەتسەم بولدى، دەپ ئويلايسىز. لېكىن باشقىلار، جەمئىيەت سىزنى ياشىغىلى قويمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزنى يەنىلا بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز.
  ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ھەقىقەتەن دەل شۇنداق، ئالقىنىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا، نۇرغۇن گۈزەل غايىللىرىڭىز، قىزقىشلىرىڭىز، خۇشاللىقلىرىڭىز، قۇرۇق قوللىرىڭىزغا قاراپ ئاھ ئۇرۇش بىلەن تۈگەيدۇ.
   ئۆتكەندە « تەرمىلەر» ژورنىلىغا بېسىلغان تۆۋەندىكى ھېكايە ماڭا ئىنتايىن تەسىر قىلدى:
   قىشنىڭ سوغۇق بىر يەكشەنبە كۈنى، چېركاۋنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانى ناھايىتى تېزلا ماشىنىلار بىلەن تولدى. مەن ماشىنامدىن چۈشۈۋېتىپ، ئىبادەتچىلەرنىڭ چېركاۋغا كېرىپ كېتىۋېتىپ، نېمىلەرنىدۇر پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم. چېركاۋغا كېرىپ قارىسام، بىر ئەر چېركاۋنىڭ تىمىغا دۈمبىسىنى يىقىپ يەردە يېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن ھەربىي چاپان، بېشىدىكى كونا شەپكىسى يۈزنى توسۇۋالغان ئىدى. 30 يىل كىيگەندەك كۆرۈنىدىغان كونا ئاياغ پۇتىغا كىچىك كېلىپ قالغان، تۆشۈكلىرىدىن بارماقلىرى چىقىپ تۇراتتى.
   مەن ئۇ بىر مۇساپىر بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ چېركاۋغا كېرىپ كېتىۋەردىم، ئىبادەتچىلەر بىلەن ئۇياندىن، بۇياندىن پاراڭلاشقاندىن كېيىن بىرەيلەن سىرىتتىكى ھىلىقى ئەرنى تىلغا ئالدى. ھەممىمىز جۈملىدىن مەنمۇ ئۇنى مازاق قىلىپ كۈلۈشتۇق، ۋەھالەنكى، بىرەرىمىز چىقىپ ئۇنى چېركاۋغا كېرىشكە تەكلىپ قىلىمىدۇق. بىر ھازادىن كېيىن ئىبادەت باشلاندى، ھەممىمىز باستېرنىڭ ئىبادەتنى باشلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق، دەل شۇ چاغدا چېركاۋنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى.
   كىرىپ كەلگىنى سالاپەتلىك باستېر ئەمەس،دەل ھىلىقى مۇساپىر ئىدى. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، يەرگە قاراپ كېتىپ باراتتى. ئىبادەتچىلەر ئاچچىقىدا غۇتۇلدىشىپ، چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرەتتى. ئۇ ئالدىرىماي مۇنبەرگە چىقىتى ۋە شەپكىسىنى ئېلىپ، چاپىنىنى سالدى. شۇ دەقىقىدە داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئالدىمىزدىكى مۇساپىر دەل باستېر ئىدى.
   ئەمدى سىز بىر ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى، ئايال غوجىدار بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئائىلىنىڭ كېرىم- چىقىمىنى، مالىيسىنى قانداق باشقۇراي دەۋاتىسىز؟ قولىڭىزدىكى ھوقۇقتىن قانداق پايدىلىناي دەۋاتىسىز؟
  ئائىلىدە مالىيە باشقۇرۇش قانۇنى: ئاياللار ئاز يېرىمىنى، ئەرلەر كۆپ يېرىمىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت.
   ھەرقانداق ئايال مەيلى چوڭ ئايال ياكى ياش قىز بولسۇن، ياتلىق بولغان ياكى بولمىغان بولسۇن، پۇل ۋە مال- دۇنيا مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ۋە قامداشنى ئۈگىنىۋالمىسا، كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قەرەرلىك بومبا ئورنىتىۋالدىم دەۋەرسە بولدۇ.
                                 - پونىلوپ روسئانوۋ
    قانداقلىكى بىرەر ئىشنى ئىشلەشتە،
    ئاخىرنى ئويلاپ كۆر، قالما تەشۋىشتە.
                           -ناسىر خىسراۋ

     77. يۇقىرى ئىستېمال ھەۋىسىڭىزنى كونترول قىلىڭ

    ئاياللار كىچىكىدىنلا كىيىم – كىچەككە، مودا قوغلىشىشقا، يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىشقا ئامراق. باھاسىنى چۈشۈرۈپتۇ دېگەننىڭ ھەممىسىنى ئالغۇسى كېلىدۇ، تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىش نىسبىتى ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىلا ئەللىك نەچچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا %90  سودا- تىجارەت ئاياللارغا قارتىلغان بولۇپ، ئاياللار بولمىسا سودا – سارايلارنىڭ %99 ى ۋەيران بولىدىكەن. « سىزنىڭ كۆزىڭىز مال تونۇيدىكەن، بۇ ئۇزۇنغا قالماي مودا بولىدىغان پوسۇن. بوي – تۇرقىڭىزغا تولىمۇ باب كېلىدۇ، سىزنى ياش كۆرسىتىدۇ...» دېگەن گەپلەرگە ئاياللار ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ.
   مودا قوغلىشىش پىسخىكىسىنى مۇنداق ئۈچ خىلغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرى، قىزىقىش سەۋەبىدىن مودا قوغلىشىش؛ يەنە بىرى، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىپ مودا قوغلشىش؛ ئۈچىنچىسى، باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىماسلىقىتىن مودا قوغلىشىش. بۇنىڭغا يەنە باشقا ئاياللارنى كۆرۈپ چىدىماي ئۆلۈۋالسۇن دەپ مودا قوغلىشىدۇ، دېگەن تارماقنى قوشۇپ قويۇش كېرەك.
   مۇشۇنداق تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پۇلى بارلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالىسىمۇ، لېكىن مائاشقا قاراشلىق ئائىلىلەردە جەڭگە- جىدەل قۇرىمايدىغان، ئاياللار مەن نېمدېگەن شور پىشانە دەپ ئالەمنى مالەم قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپ.
   « يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىمايدۇ»، شۇڭا ئاياللار يۇقىرى ئىستېمال ئارزۇسىنى كونترول قىلىشنى بىلىشى، پىلان بويىچە مالىيە باشقۇرۇپ، نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىشى، بازارغا چىقىشتىن بۇرۇن كېينىكى كۈنلەردە قانداق قىلىمەن؟ باللىرىم چوڭ بولىۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئوقۇتۇشقىمۇ، ئۆي- ئوچاقلىق قىلىشقىمۇ پۇل كېرەك. ئازراق پۇلنى نېرى قىلىپ قوياي دەپ ئويلىشى كېرەك. بىر ياخشى خوتۇن بىر ئائىلىنىڭ مالىيە مۇتەخەسسى بولۇشى لازېم، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى كونترول قىلىشى بولسا، مۇۋاپىقىيەتلىك مالىيە باشقۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى.
   ئاياللارنىڭ مال سېتىۋېلىش قانۇنى: ئاياللاردا پۇل بولغانسىرى مال سېتىۋالغاندا ئاقىلانە بولۇپ كېتىدۇ؛ ئاياللاردا پۇل بولمىغانچە مال سېتىۋېلىشقا شۇنچە ھېرىسمەن بولۇپ كېتىدۇ.
   چىقىمى كىرىمىدىن ئىشىپ كەتكەن كىشى ئادەمنى كۈلدۈرەلمەيدۇ، ئۇ ئەڭ يامان تەۋەككۈلچى؛ كاللىسى گاراڭ، دۆلەتپەرەس، ئىسراپخور خوتۇنمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ، مەپتۇن قىلالمايدۇ، ئۇ ئەرنىڭ شىللىسىدىكى ئېغىر يۈك.
   ئېرىڭىزنىڭ غەلبە قازىنىشىغا يارىدەملىشىشىنىڭ مۇھىم بىر ئۇسۇلى قانداق قىلىپ ئۇنىڭ كىرىمىنى دەل جايىغا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇ پۇل تېپىپ تېجەشنى بىلمىسە، سىز ئۇنىڭ ھەميانىنى چىڭ تۇتۇشىغا يارىدەملىشىڭ، ئەگەر ئۇ بۇرۇندىنلا تېجەپ كېلىۋاتقان بولسا سىزمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىڭ.
   ھەققىي گۈزەللىك – گۈزەللىكىنىڭ ئۆزىدە نامايەن بولۇپ تۇرىدىغان روھىي تېتىكلىكتە. مودا قوغلىشىش ياخشى ئادەت ئەمەس، چۈنكى سىزنىڭ چىرايىڭىز، مودا قوغلىىشىش بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.
                                            - روسسو
    قولۇڭ ئۇزارت، ئەندازىڭغا قارا بىراق،
    يوتقىنىڭغا قاراپ ئۇزاتقىن ئاياغ.
                       - ئابدۈشكۈر بەلخىي

     78.ئېرىڭىزنىڭ يېقىن دوستىلىرىغا يارىدەم بېرىشىنى قوللاڭ

   ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ، ئادەملەرگە خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ھەمراھ. ئادەم خۇشال ۋاقتىدا ھەممىلا نەرسە ئۆزىگە كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك، دۇنيا ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ھەتتا بوران چىقىپ، چاقماق چېقىپ تۇرسىمۇ،ئۇنىڭغا دۇنيا ئۆزىنى ئالقىشلاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. بۇنداق چاغدا خۇشاللىققا ھەممىلا ئادەم ئورتاقلىشالايدۇ؛ لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ بىشىغا دەرد كېلىپ، يارىدەمگە مۇھتاج بولغاندا ئاساسەن جانغا ئەسقاتىدىغان دوستلارنى تاپقىلى بولمايدۇ. « پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەندەك ھەمتاۋاق « دوست» لارمۇ كۆپ. بىراق دوست دېگەن خۇشاللىققىمۇ، قايغۇغىمۇ شېرىك بولالىسا، ئۇ ھەقىقىي دوست ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەزەرىينى سۆزلەيدىغانلار، بىلىدىغانلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئادەم بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
   يېقىن دوستلار قېيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، يارىدەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ، تەسەللى بېرىڭ، ھەمدەمدە بولۇڭ. ئادەمگەرچىلىك مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ!
   باشقىلارنىڭ قىينچىلىقىغا يارىدەم بېرىش بەلكىم سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا توسالغا ئېلىپ كېلىشى، ئادەم قۇتقۇزۇش ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزىىش مۈمكىن. ئەمما، دۇنيادا ھېسسىداشلىققا باي قەلب، مېھرىبانلىققا تولغان ھېسسىيات يەنىلا كىشلىك تۇرمۇشتىكى بىر خىل مەنزىل، باي، كەمبىغەلگىمۇ تۇغقان لازېم، ئادەمگە دوست.
   كىشىلەر قىينچىلىققا يولۇققاندا، ئەرلەر يارىدەم قولىنى سوزىدۇ، ئاياللار ھېسداشلىق قىلىدۇ.
                                 - روسسو
    دوست دېمە گەر نازۇ- نېمەت ئۈستىدە،
   ئۇرسا لاپ: « دوستۇمسەن ئەزىز مېھرىبان».
   دوست شۇدۇر، دوستىغا سوزار قولىنى،
   دوستى بولغىنىدا نامرات، ناتۋان.
                         - سەئىدى شىرازى

     79. ياخشى ئانا بولۇڭ

    ئانا بولماق ئاسان، لېكىن ياخشى ئانا بولماق تەس. ئاتا- ئانا بىرىنچى ئوقۇتقۇچى، ئائىلە بىرىنچى مەكتەپ. بالا تەربىيلەش مەسلىسى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سەنئەت تەلەپ قىلىدىغان، ھەرقانداق قىيىن ئىشتىنمۇ تەس بىر مەسىلە. ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك تەرەققىياتى قانۇنىيەتلىك جەريان. ئەگەر مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىنمايدىكەن، بالىلارنى ھەرئىككىلا تەرەپتىن ساغلام قىلىپ يېتىلدۈرۈش تەسكە چۈشىدۇ، شۇڭا مۈمكىن بولسا ھامىلە تەربىيسىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ تەربىيلەش تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ تۇغما ساپاسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئىنتايىن پايدىلىق.
    يىڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاق خۇددى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، بۇ ئاق قەغەزگە چىرايلىق خەت يېزىش ياكى پۇچۇركىسىمۇ سەت، ئىملاسىمۇ خاتا خەتلەر بىلەن تولدۇرۇۋېتىش ئاتا- ئانىغا باغلىق. ئەلۋەتتە بۇنداق ساپ، پاكىز بولغان ئاق قەغەزگە ھەرگىز ئۆز بىلگىنىڭىزچە ئىش تۇتۇشىڭىزغا بولمايدۇ، بەلكى مۇناسىپ ھالدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك.
   بىر ياخشى ئايال، ياخشى ئانا بالىسىنىڭ تەربىيە مەسىلىسىدە ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرۈپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەيدۇ، بەلكى بالا تەربىيلەشكە دائىر كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئەتراپلىق يېتىلىشگە ئاساس سالىدۇ. ھەرۋاقىت ئۆزى ئۈلگە بولىدۇ، ئاتا- ئانىنىڭ بىر ئېغىز سۆزى، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پوزتىسيسى، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىسى، مىجەز- خۇلقى... ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى بالىغا ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە بالىڭىزنى ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقسۇن دېسىڭىز، سىزمۇ چوقۇم ياخشى، لاياقەتلىك ئانا بولۇڭ.
   كۆچەتنى پۇتاپ تۇرمىسا دەرەخ بولمايدۇ، بالىنى تەربيلمىسە ئادەم بولمايدۇ.
   ئانا- مەنىۋى دۇنياسى ئىنتايىن مول بولغان، مەدەنىيەتلىك، ئىجتىمائىي قىزىقىشى كەڭرى، غورۇرى بار، ئېرىگە مېھىر- مۇھەببەتلىك، يامان ئىشلارغا يول قويمايدىغان ۋە مۇرەسسە قىلمايدىغان، ئائىلىدە ئەدەپ- ئەخلاق ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى خوجايىن ۋە ھۆكۈمران بولۇشى كېرەك.
                                     - سوخومىلىنسكى
    ئوغۇل- قىزغا ئۈگەت بىلىم ۋە ئەدەب،
    بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ.
                          - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

      80.بالا تەربىيلەشتە ئېرىڭىز بىلەن پىكرىڭىز بىر يەردىن چىقسۇن

   شەخس، ئائىلە، جەمئىيەت بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تەربىيە بالىنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىدىكى دېئالىكتىك بىرلىك، نۇرغۇن تەربىيىلەر بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلىپ، نۇرغۇن بالىلار ئاشۇنداق ئەخمەقلەرنىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ كەتتى. مۇشۇنداق ئەخمىقانە تەربىيىنىڭ بىر ئىپادىسى ئاتا- ئانىنىڭ پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەسلىكى، يەنى ئەر تاغدىن گەپ قىلسا، ئايال باغدىن سۆزلەش؛ بىرسى شەرىقتىن گەپ قىلسا، يەنە بىر غەرىپتىن چۈشۈش؛ ياكى دادا بوش قويۇۋېتىپ، ئانا چىڭ تۇتۇش ۋە ياكى بۇنىڭ ئەكىسچە تەربىيلەشتىن ئىبارەت.
بىر – بىرىنىڭ گېپىنى يېمەي، بىر- بىرىگە قارىشى تۇرۇپ، بالا زادى كىمنىڭ توغرا بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىپ، بالىلار بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.
   بىر كىچىك دادام ئىككى ئوغلىغا قارىغاندا قىزىنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىك سەۋەبلىك، كىچىكىدىنلا ئۇنىڭغا ھېچكىمىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئانىسىنىمۇ ئارتۇق گەپ قىلغۇزمايتى. كىچىك ئاپام تەربىيە قلسا، دائىم ئارىغا چۈشۈپ، قىزىغا بولۇشۇپ، ئاپىسىنى تىللايتتى. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولغانلىقتىن، بوۋا، موما،تاغا،ھامما، ئاتا- ئانا تەرەپ- تەرەپتىن بىر- بىرىگە ئۇقتۇرماي پۇل بېرىپ، نەۋرە سىڭلىمىنى يامان ئۈگىتىپ قويدى. دادىسىنىڭ ھېلىقىدەك ناتوغرا تەربىيسى نەتىجىسىدە ئەسلىدە ناھايىتى ئىستىقباللىق بولىددىغان سىڭلىم شۇنداق بەتخەج، ئۆز بېشىمچى بولۇپ كەتتىكى، مانا ئەمدى گەدەنگىچە قەرزگە بۇغۇلۇپ، بۇ قەرىزلەرنى تۆلەپ بولالمىغان ئاتا- ئانا ئېغىر چارچاش نەتىجىسىدە ھېلىدىن ھېلى دوختۇرخانىدا يېتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئېغىر ھالغا چۈشۈپ قالدى.
   بۇنى كىمىدىن كۆرۈش كېرەك؟ ئاتا- ئانا بالىنى تۇغۇش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىنى تاللاش ئىمكانىيتى يوق. شۇنداق ئىكەن، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئاتا- ئانا بولغۇچى گۇناھكاردە؟
   شۇڭا، ئەر- خوتۇن بالا تەربىيلەشتە ياخشى ھەمكارلىشىپ، پىكىر جەھەتتىن بىرلىككە كېلىپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
    ئائىلە- ھېسسىياتنىڭ تۇنجى مەكتىپى، ھالبۇكى پەقەت ئاشۇ سەمىمىيەت، ئىللىقلىق، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ئۆزئارا ئىززەت- ھۆرمەت ھېسسىياتى بار ئائىلىلەردىلا بۇ خىل سەمىمىي كەيپىيات مەۋجۇت. لېكىن، بۇ خىل ھېسسىيات تەبىئىي ھالدا شەكىللەنگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاتا- ئانىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئەمگىكىنىڭ جەۋھىرىدۇر.
                                                - ئىلىنا
    قولنى قولغا بېرىپ بولمىساق ھەردەم،
    شادلىق ئايىغىدىن پەشۋا يېمەس غەم.
                              - ئۆمەر ھەييام

     81. ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ

    يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىركلەش ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغىمۇ سىڭىپ كېرىپ، خۇددى ئەزەلدىن بىزنىڭ ئىجادىتىمىزدەك بولۇپ قالدى. بۇنىڭمۇ ئىجابىي جەھەتتىكى ئەھمىيتىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى تەبىرىكلەشنىڭ ئىچىگە تۈرلۈك تىلەكلەر، ئارزۇ- ئۈمىدلەر، يىغىپ ئېيتقاندا چەكسىز مېھىر- مۇھەببەت سىڭگەن بولىدۇ، ئەگەر بۇ ئۆز لايىقىدا، يەنى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا، بىر دانە تورت ۋە شام، ئوخشىتىپ ئېتىلگەن بىر ۋاخ تاماق، خۇشال – خۇرام ھالدا بىر مەيدان كىنو كۆرۈش، ئاددىي، لېكىن ئەھميەتلىك سوۋغاتلارنى بېرىش بىلەن تەبىرىكلەنسە، تۇرمۇشقا مەزمۇن قوشىدۇ، بىر- بىرىگە بولغان ھۆرمەت، مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچىيدۇ.
   بەزى ئائىلىلەردە ئەرلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، ئەگەر ئەر- خوتۇن بىر- بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئويلايدىكەن، بىر- بىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
   ئايال خوجايىن دېمەك، ئائىلىنىڭ خوجايىنى دېمەكتۇر، پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى ھوقۇقنى سىزگە بەرگەندىكىن، مۇناسىپ مەسھۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىش سىزنىڭ بۇرچىڭىز. ئۇلارنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى ئاز پۇل خەجلەپ تېخىمۇ رومانتىك، ئېسىڭلاردىن چىقمىغۇدەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ، چىن دىلىڭىزدىن تەبىرىكلەڭ.
   خوتۇنسىز ئۆي جانسىز تەن، قايسى ئۆيدە خوتۇن بولمىسا، چىرىغى يوق بەزمىگە ئوخشىشىدۇ. ھەر كىملەرنىڭ ئېيتىشلىرىچە ، خوتۇنى يوق ئەركەك تۇترۇقسىز، يەڭگىل نەرسىگە ئوخشايدۇ، بۇنداق ئەرنىڭ ھېچيەردە تۇرالغۇسى بولمايدۇ. ھايات گۈلدەستىلىرىنى باغلاپ تۇرغۇچى شىراز ۋە ھايات چىمەنىنى ياشنىتىپ تۇرغۇچى گۈل – ئايالدۇر.
                              - مۇھەممەت جەۋھەر زەمىندار
    قانچە كۆپ قاينىسا قىيام قەنت سۈيى،
    ناۋىتى شۇنچىلىك سۈزۈك بولغۇسى.
                          - خۇسراۋ دېھلىۋى

      82.ماسلاشقان جىنسىي تۇرمۇش نىكاھنىڭ ئاساسىي ئامىلى

    ئىنسان دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ زېمىندا تېرىقچىلق قىلدى، ئىشلەپچىقاردى، بىنا قىلدى ۋە گۈللەندۈردى. دېمەك، ئىنسانلار زېمىننى گۈللەندۈرۈشتەك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلدى. بۇ ۋەزىپىنىڭ تولۇق ئورۇندىلىشى ئۈچۈن ياراتقۇچى ئىنسانلار ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قىسم ئىچكى تۈرتكە ۋ تەبىئەتلەرنى ئىنسانغا سىڭدۈرۋەتكەن .
   مەسىلەن: ئىنساندا ھاياتنى ساقلاپ قالىدىغان يېمەكلىكىنى ئېزدەش تەبىئىتى بار، ئىنساندا يەنە نەسلىنى ساقلاپ قىلىش تەبىئىيتى بار. بۇ ئىنساندىكى ئىنتايىن  كۈچلۈك تەبىئەت بولۇپ،ئىنسانلار بۇ تەبىئەتنىڭ ئۇسسۇلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر جۆرىگە مۇھتاج ھەمدە مۇنداق ئۈچ خىل پوزىتىسيسىنىڭ بىرىنى تۇتۇشقا مەجبۇر.
   بىرىنچى پوزىتىسيە: دىن ۋە ئەخلاق- پەزىلەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، چەكسىز ئەركىنلىك تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئېقىملاردەك دېن، ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت چەكلىمىسىنى قايرىپ قويۇپ، جىنسىي ئارزۇ- ھەۋەسنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىشى، قانداق خالىسا، قەيەردە خالسا ۋە كىم بىلەن خالسا، جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش، ئىنسان بۇنداق ئەھۋالدا ھايۋان دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ، نەتىجىدە شەخس، ئائىلە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
   ئىككىنچى پوزىتىسيە: جىنسىي ئارزۇ- ھەۋەسنى پۈتۈنلەي بوغۇپ تاشلاپ، خۇددى مانى دىنى ۋە راھىبلىق ئېقىمىلرىدەك ئۆزىنى مەھرۇم قىلىش ۋە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈش، بۇ جىنسىي ئارزۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى تىرىك كۆمۈۋېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ھەمدە بۇ ياراتقۇچىنىڭ ھېكمىتىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە بۇ تەبىئەتنى ئىنسانىيەت نەسلىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھايات قانۇنىيتىگە قارشى تۇرغانلىق بولىدۇ.
   ئۈچىنچى پوزىتىسيە: جىنسىي ئارزۇ- ھەۋەسكە چوڭ چېگرا سىزىپ، ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپمۇ قويماي، بولۇشىغا قويۇپمۇ بەرمەي، ئۇنى ئاشۇ دائىرە ئىچىدە قالدۇرۇش، مانا بۇ نىكاھلىنىشنى يولغا قويۇپ، زىنانى چەكلىگەن ساماۋى دىنلارنڭ تۇتقان يولىدۇر، يەنى ئىسلام دىنىنىڭ يولىدۇر.
   مانا بۇ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئورتاق ۋە نورمال يولدۇر، ناۋادا توي قىلىش يولغا قويۇلمىغان بولسا، جىنسىي تەبىئەت ئىنسان نەسلىنى ساقلاپ قېلىش رولىنى ئوينىمىغان بولاتتى. ئەگەر زىنا چەكلەنمەي، بىر ئايال بىر ئەرگە مەخسۇس قىلىنمىغان بولسا، دوستلۇق، مېھىر- شەپقەت ۋە سۆيگۈ قاتارلىق ئالىيجاناپ ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانى ھېس تۇيغۇلارنى يېتىلدۈرىدىغان ئائىلىلەر قۇرۇلمىغان بولاتتى. ناۋادا ئائىلە بولمغان بولسا، جەمئىيەتمۇ بولمىغان ۋە تەرەققىي قىلمىغان بولاتتى.
   ئەرلەر ئېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئازدۇر-كۆپتۇر رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان جىنسىي خام –خىياللار بولىدۇ، جىنسىي غىدىقلىنىش ۋە يېڭىلىق ئىزدەش ساغلام ئەر كىشىلەردە بولىدىغان نورمال پىسخىك پائالىيەت. جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇش- بولماسلىقى كۆپ ھاللاردا نىكاھ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇش- بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
   نىكاھقا بېسىم بولىدىغان ئۈچ چوڭ تاغ:
   (1) ئۈنۈملۈك ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرالماسلىق؛
   (2) ئىقتىساد ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەر؛
   (3) ماسلاشمىغان جىنسىي تۇرمۇش؛
    يېيىش- ئىچىش ئەر- ئاياللارغا مۇھىم بولغىنىدەك، ئەر- خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ماسلاشقان جىنسىي تۇرمۇشنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئوخشاشلا باش تارتىپ بولمايدىغان ئىش.
   مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىشىمىزدىكى سەۋەپ- تەبىئەت كىشىلەرگە بەخىتلىك ياشاش، كۆپىيىش ۋە ئىنسان نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ گۈزەل ھېسسىياتنى ئاتا قىلغان.
                                       - بېلىنسكى
   خۇدا ھەر جىنسىنى مەخلۇق ئەتتى پەيدا،
   بىرىنى بىرىگە ئاندا قىلدى شەيدا.
                       - مۇھەممەت ئىمىن خىرقىتى

   83. بالىلىرىڭىزنى پات- پات سەھرالارغا ئاپىرىپ تۇرۇڭ

   قىزىم – ئىككى- ئۈچ ياش چاغلىرىدىمۇ ئەيتاۋۇر يۇرتىمىزغا ئۆتۈشىمىزدە، تۇرپاندا چۈشۈپ، تونۇشلارنىڭكىدە ھايال بولۇپ قالدۇق. شۇ ئارلىقتا ھويلىدا بىر خورازنى كۆرگەن قىزىم:
   - ئاپا، قارا كالا كېلىۋاتىدۇ،- دېگەن ئىدى، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم.
   يۇرتىمىزغا بېرىپ قايتىشىمىزدا، ئاپام قىزىمغا بىر جۈپ ئاياغ سوۋغا قىلدى، ئاياغنىڭ تېگىدە بۈركۈتنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن:
   - قىزىم قاراڭ، بۈركۈت باركەن، - دېسەم، قىزىم يەنە بىر ئاياغنى ئېلىپ تېگىگە قاراپلا:
   - ياق ئاپا، بىر كۆت ئەمەس، ئىككى كۆت بار ئىكەن، - دېگەن ئىدى، نەچچە يىللاردىن بۇيان مۇشۇ گەپنى ئويلىساملا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كېتىمەن.
   مانا شەھەر بالىلىرى، پارنىكتا ئۆسكەن كۆكتاتلار. ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى نەرسىلەرنى رەسىملىك كىتابلاردىن، تېلېۋېزورلاردىن كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، مۇشۇنداق يۇمۇرلۇق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
   پارنىكتا ئۆسكەن گۈل قانچە كۆزىنى چاقناتسىمۇ، ئۇ يەنىلا « قۇدۇق ئاستىدىكى گۈل» ، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا دۇنيانى مۇشۇ قۇدۇقنىڭ ئاغزىچىلىكلا دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك، شەھەر بالىلىرىمۇ ئەگەر تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇلمىسا، ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. يىلىكى توق بولمايدۇ، ئىككى بال شامالغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
   بالىلىرىڭىزنى تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ، ئۇلار پاقىنىڭ كوركىراشلىرىنى، تومۇزغىلارنىڭ چىرىلداشلىرىنى ئاڭلىسۇن. تاماق ئەتكەندە چىقىدىغان بۇسلارنى، گۇگۇم پەيتىنى، ئاياللارنىڭ تونۇرغا قانداق نان ياقىدىغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرىنى، سەھرا بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ باقسۇن، بۇلار بالىلارنىڭ مىجەزىنى تاۋلاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى پاكلايدۇ.
   بەزىلەر: « بالا دېگەن بەرىبىر بالا!» دېيىشىدۇ- يۇ، « بالا چوڭ بولۇپ، ئادەم بولىدۇ» دېگەننى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىر بالىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىمۇ ئانىنىڭ مەڭگۈ قىلىدىغان خىزمىتىدۇر.
                                     - بوناپارت
    كىمگە ياشلىقىدا بەرمىسە تەلىم،
    چوڭايغاچ بولىدۇ، بەخىتسىز، دىلى غەش.
    ھۆل نوتا ئېگىلەر قاياققا ئەگسەڭ،
    قۇرۇقنى توغرىلار پەقەت ئوت- ئاتەش.
                              - سەئىدى شىرازى

   84. ئالقىشقا سازاۋەر ئايال بولۇڭ

   بىر ياخشى ئايال ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە، شۇ ئۆپچۆرىدە ھامان ياخشى مۇناسىۋەت، ياخشى نامغا ئېرىشىدۇ.
   دائىم « يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دەيمىز، شۇڭا ئۆزىڭىز ئارلىشىدىغان خىزمەتداشلىرىڭىز، قۇلۇم- قوشنىلىرىڭىز بىلەن ئىجىل- ئىناق ئۆتۈڭ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭ. كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە، ئىززەت- ھۆرمىتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدىغان گەپ- سۆز، ئىش – ھەركەتلەردە بولماڭ. ئەگەر ھۆرمەت تاپاي دېسىڭىز، ئالدى بىلەن باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىڭ، « ئوتنى چوقىلىساڭ ئۆچىدۇ، قوشنىنى كوچىلىساڭ كۆچىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ھەرگىزمۇ غەيۋەت شىكايەت قىلىپ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان، كىشىلەرنىڭ شەخسىيتىگە ئارىلىشىدىغان، تۇرمۇشىنى نېرى- بېرى دەيدىغان، ھەتتا ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سالىدىغان پەس ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ.
   مەن تونۇيدىغان بىر ئايال ئېرىنىڭ خېلى نام- ئابرويى بارلىقىغا، ئۆزىنىڭمۇ يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا قارىماى دائىم زىتخورلۇق قىلىدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ قارشى تەرەپنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزى دېگەن گەپلەرنى مېنى دېدى دەپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدۇ. ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىماي، پالانچىنىڭ ئۆيىگە تارتىۋالغان پەردىسىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەرگە سالغان گىلىمىچۇ؟ كىيىۋالغان كىيىمىنى قاراڭلار، نەق سەھرالىقنىڭ ئۆزى. ئەتكەن تامىقىنىڭ لاۋزىلىقىچۇ تېخى، ئادەمنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرىدۇ. پەقەت ئۆي تۇتۇشنى بىلمەيدۇ، ئېرى قانداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالغاندۇ؟ ئۇنداق خوتۇننى قويۇۋەتمەي... ھەتتا، بىرەرى توي قىلىدىغان قىزىنى باشلاپ كەلگەن بولسا بۇ قىز بىلەن توي قىلغۇچە تاشلىۋېتىڭە بولدى. مەن سىزگە چېكىپ تۇرۇپ، تىرناقتا توختىغىدەك قىز تونۇشتۇرۇپ قويىمەن...
   مانا مۇشۇنداق ئاياللار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ سەۋر قاچىسىنى تولدۇرۇپ، نېرۋىلىرىنى چىڭ تارتىلغان كىرىچتەك قىلىپ قويىدۇ، ئادەم دېگەن قىزىق مەخلۇقكەن، شۇنداقلارنىڭ گېپىنىڭ يالغانلىقىنى بېلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن شۇ يالغان گەپلەر ئادەمنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىدىكەندە، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
    ياخشى دەپ ئاتالماق تەس، لېكىن يامان نامغا قېلىش بىردەملىكلا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يامان نام مەڭگۈ يوقالمايدۇ.
   « ئەينەككە كۈلۈپ قارىساڭ، ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ».
   ياخشى ئاياللارغا ئايان، تاتلىق، تىنىچ تۇرمۇش ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئايرىلالمايدۇ. دال كارنېگ ئەپەندى مۇنداق دېگەن: « ئەگەر ھەسەل يەي دېسەڭ، ھەسەل كۆنىكىنى بۇزىۋەتمە.»
   كائىنات ئاياللارغا: ئەگەر سەن گۈزەل بولساڭ، دەرۋەقە بەك ياخشى؛ ئەقىللىق بولساڭ، ھەممەيلەن ئىززەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئەڭ مۇھىمى باشقىلار ھۆرمىتىڭىنى قىلىدىغان بولسۇن دەپ خىتاب قىلىدۇ.
                                         - بوماش
    بۇرادەر، بۇ دۇنيا ھېچكىمگە قالماس،
    قالار ياخشى نامىڭ جاھاندا، شۇ بەس.
                            - ئوبولقاسىم فىردەۋىسى

    85.  ئائىڭىزدىكىلەر ئاغرىپ قالغاندا، چوقۇم يېنىدا ھەمراھ بولۇڭ

   ياخشى ئايال، مېھرىبان ئانا دېگىنىمىز، ئېرىنىڭ ئالدىدا ياخشى خوتۇن، بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ياخشى ئانا، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا جاپاغا چىدايدىغان ئۆكۈز دېگەندىن ئىبارەت. ئائىلىڭىزدىكىلەر تەسەللىگە مۇھتاج بولغاندا، ئۇلارنىڭ  يېنىدا ھەمراھ بولۇپ، دورا ئىچۈرۈڭ، قايناق سۇ بېرىڭ، بېشىغا لۆڭگە قويۇڭ، شورپا سېلىپ بېرىڭ، بەدەنلىرىنى سىيلاپ قويۇڭ، ئاغرىۋاتقان يەرلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويۇڭ، ھەرگىز تاپا- تەنە قىلماڭ ھاياتلىق ئەسلىدىنلا غەمخورلۇق ئىچىدىلا ئاندىن چوڭقۇر بەخىتكە ئېرىشەلەيدۇ.
    زامانىۋى جەمئىيەت ھەممىلا ئادەمنى، بولۇپمۇ شەھەر ئاياللىرىنى پۇت- قولىنى يەرگە تەگمەس قىلىۋەتتى، ئالدىراشلىقتا ھەتتا بىر- بىرسىنىڭ چىرايىغا ئۇزاقراق « قارايدىغان» ۋاقتىمۇ يوق بولۇپ قالدى، شۇڭا خۇدا ئىنسانلارنىڭ بىر- بىرىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىسۇن دەپ ئادەملەرگە ئانچە- مۇنچە ئاغرىق سېلىپ تۇرامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.
   دېمىسىمۇ، ئائىلىدىكىلەر ئاغرىپ قالغان چاغلاردىلا ئاندىن ئۇلار بىلەن يېقىن تۇرالايمىز گاھىدا. شۇڭا، مۇشۇنداق «ياخشى» پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن مېھر- مۇھەببىتىڭىز بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولۇڭ، جىسمانىي جەھەتتىكى ئاغرىق، روھىي جەھەتتىكى تەسەللىگە ئېرىشكەندە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئوكۇل- دورىنىڭكىدىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
   تەڭرىم ئىنسانلارغا ئۆز مەرھىمىتى ۋە سوۋغىسى سۈپىتىدە مۇلايىم، ئىتائەتچان، مېھرىبان، پاك، مۇقەددەس ھەمدە ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ماھىر ئايالنى ئاتا قىلغان. سەن ئۇنىڭ بىلەن تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىن، بارلىق مال- دۇنيارىڭ، جۈملىدىن ئۆز ۋۇجۇدۇڭ ۋە ھاياتىڭنىمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن.
                                          - مارتىن لۇتېر 
   مەدەت بەر ھەممىگە، ھەق يار بولغاي،
   پۈتۈن ئالەم ساڭا مەدەتكار بولغاي.
                      - ناسىر خۇسراۋ

   86.  بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىڭ

   ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تەنتەربىيە ھەركەتلىرىگە قىزىقىدۇ، ئۇلار خوتۇن- بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ تونۇشقان كۈنى، توي قىلغان خاتىرە كۈنى دېگەندەك « ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك» خاتىرە كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇكى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، توپ مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ياشلىرىمۇ، قېرىلىرىمۇ ئوخشاش.
   ئېرىڭىز تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە شۇنچە قىزىقىۋاتقان يەردە، سىزنىڭ ئۇنىڭغا يول قويماسلىققا ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەن چىنىقتۇرۇشقا قاتناشماسلىققا قانداق سەۋەبىڭىز بار؟
    ئۇنىڭ ئۈسىتىگە تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاز ئوزۇقلىنىش، ئاز ئەمگەك قىلىدىغان ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا كەم بولسا بولمايدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن، بولۇپۇ ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت بېسىمى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى بۇرۇقتۇرمىلىق ئاستىدا تۇرغان ئەرلەرگە نىسبەتەن  ئېيىتقاندا، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، شۈبھسىزكى، بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ۋە ئۆز ھېسياتنى چىقىرىشنىڭ شىپالىق دورىسىدۇر.
   ئۆي كىچىك بولسىمۇ، ئوبدان سەرەمجانلاشتۇرۇلسا، ئېتىز كىچىك بولسىمۇ، ئوبدان تېرىقچىلىق قىلىنسا، خوتۇن  نامرات بولسىمۇ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالالىسا بايلىق دېگەن شۇ.
                                    - يوھان لېر
    مال دۇنيا توپلاش ھۈنەر ئەمەس ئەسلا،
    قولۇڭدىن كەلسە گەر بىر دىلنى ئاسرا.
                            - سەئىدى شىرازى

     87.بالىلىرىڭىزنى مۇزېي، پەن- تېخنىكا كۆرگەزمىلىرىگە ئاپىرىپ تۇرۇڭ

    بالىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلار ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان نەرسە ئويۇن، دەل ئاشۇ « ئويۇن» ياخشى بالىلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ. دائىم بالىلىرىڭىزنى مۇزېيخانا، پەن- تېخنىكا كۆرگەزمىلىرى، ھەرخىل، ھەر ياڭزا خاتىرىلەش سارايلىرىغا ئاپىرىپ تۇرۇڭ، ھەر يەرنىڭ شەرت- شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كونكېرىت ئوبىكتقا قاراپ تەربىيلەش كېرەك. بالىلارغا « ئويۇن» غا بولغان قىزىقىش جەريانىدا بەزى ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى ئۆگىتىڭ ۋە تونۇتۇڭ.
   ئېدىسون كىچىك چېغىدا ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ تولۇق ئوقۇمىغان، بىرىنچى سىنىپتا ئۈچ ئاي ئوقۇپلا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ « دۆت ئېشەك» دەپ تىللاپ ھەيدىۋېتىشى بىلەن ،مەكتەپكە ئىككىنچىلەپ كەلمىگەن. لېكىن ئېدىسوننىڭ ئانىسى ئەقىللىق، ئوقۇمۇشلۇق ئايال بولۇپ، ئېدىسۇننىڭ قولىدىن يېتىلەپ، دالىلارغا ئەچىقىپ، ئاخشاملىرى ئاسماندىكى ئاي- يۇلتۇزلار، كۈندۈزى قۇياش ۋە يەر شارى، دەل- دەرەخ توغرىسىدا. ياز كۈنى چاقماق، بوران- يامغۇرلار، قىش پەسلىدە ئاپئاق قار، كۆك مۇزلار توغرىسىدا ناھايىتى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئېدىسۇننىڭ قەلبىدە تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان مۇھەببەت، كائىناتتىكى سىرلىق ھادىسىلەرگە بولغان قىزىقىشنى پەيدا قىلىپ، ئاخىر ئىلىم- پەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببەتنى قوزغاتقان.شۇنىڭ بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىنىمۇ تولۇق ئوقۇمىغان ئېدىسۇن ئۆز ئۆمرىدە 3000 دىن ئارتۇق نەرسىنى كەشىپ قىلىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا زور بەخىتلەرنى ئېلىپ كەلگەن كەشپىياتچىغا ئايلانغان.
    بالىنى ياخشى كۆرۈش، بالىنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئەتراپلىق، تەڭپۇڭ تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بىر ياخشى ئانا ھەرگىزمۇ بالىلىرىنى ئەركىلىتىدىغان، پارنىكقا سولاپ قويمايدۇ، ئۇ بالىلىرىنى زامانىۋى بىلىم ۋە زامانىۋى تۇرمۇش ئېقىملىرىغا قوشۇلۇپ كىرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، يول كۆرسىتىدۇ، بالىلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.
   بالىلار، ئەتىگە، كەلگۈسىگە تەۋە. بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بۈگۈنكى تەربىيە ۋە يىتەكلەش بەلگىلەيدۇ. بىر ياخشى ئانا ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە ئېغىر ۋەزىپىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشنى بىلىشى زۆرۈر.
    بالىلار كەلگۈسىدە قانداق ئىش قىلىشنى، كىچىكىدىن باشلاپ ئىشلىشى لازېم دەپ قارايمەن، قانچىلىغان ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بېرىۋاتقان « تەربىيسى» نى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم. ئۇلار پەقەت ئادەتتىكىچە بولۇشقا زورلاپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل شەيئىلەرنى يارىتلايدىغان ھەرقانداق پۇرسەتلىرنى تارتىۋالىدۇ.
                                             - دونىكان
    كىچىك چاغدا ئىنسان بىلىم ئۆگىنۇر،
    چوڭايسا ئۇنىڭلە تىلەككە يېتۇر.
                       - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    88. ھەرگىز غەزەپلەنمەڭ

    غەزەپلەنگەن ئادەملەر ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش كەيپىيات ھالىتىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزلۈك ئېڭى بولمايدۇ، ھەتتا ئىدراكنى يوقىتىش دەرىجىسىگە بارىدۇ، ئىرادىسى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، سىرتقى كۈچلۈك غىدىقلاشلارنى ئىككىلەنمەستىن، ئىلغىماستىن قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە بىردەملىك ھاياجانلىنىش بىلەن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويىدىغان ئىنكاستا بولىدۇ. تېبابەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قاتتىق غەزەپلىنىش جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ. جىگەر كېسىلى بارلار يەنى جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىشتىن قورساققا سۇ يېغىلىش، ئۆت ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلى، جىگەر راكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار چوقۇم ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتورول قىلىشقا قاتتىق دىققەت قىلىشى زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم غەزەپلەنگەندە، كەيپىيات ھاياجانلىنىپ، يۈرەك سېلىشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، ئاسانلا ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، يۇقرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسلى، نېرۋا ئاجىزلىشش قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىپ، مېڭىگە قان چۈشۈپ، ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.
    ئەرلەر ھامان مۇنداق « ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەر» ئارقىلىق بىر ئايالنى سىنايدۇ:
   (1) كۆڭلىدە ئويلىغاننى دېيىشى ناتايىن؛
   (2) دېگىنىنى قىلىشى ناتايىن؛
   (3) قىلىدىغىنىنى دېيىشى ناتايىن؛
   ھېلىقىدەك ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايدىغان ئاياللار جېدەل- ماجرا چىقىشتىن بۇرۇن، ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىۋالىدۇكى، ھەرگىزمۇ غەزەپلەنمەيدۇ.
   گۇمانخورلۇق ئاياللارنىڭ تۇغما تەبىئىتى، لېكىن بارلىق تۇغما تەبىئەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەرلەرنگە نىسبەتەن « مىڭنى خاتا ئۆلتۈرسەم ئۆلتۈرىمەنكى، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويمايمەن» دەيدىغان ئاياللارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغان ئاياللاردۇر.
   ھازىرقى مودا گەپ: گەپ بولسا ئاستا- ئاستا دېيىشمەمدۇق!
   غەزەپنى چىقىرىشنىڭ مۇنداق بەش خىل يولى بار:
   (1) چىرايلىرى قىزىرىپ، گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ، چىشلىرى كاراسلاپ كېتىش، لېكىن ھۇجۇم قىلماسلىق؛
   (2) ئۆز- ئۆزىنى ئۇرۇش، جازالاش؛
   (3) ئاڭسىز ھالدا ئۆچ ئېلىپ، دەردىنى چىقىرىش، مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنى تىللاپ، ئاچچىقىنى چىقىرىش؛
   (4) ۋارقىراش، ھۆركىرەش، يىغلاش، جېدەل قىلىش، تىللاپ قارغاش، ئۇرۇش؛
   (5) بۇ نۇرمال بولغان ئىپادە بولۇپ، ئاچچىقى كەلگەندە راسا يىغلاپ، ئاچچىقىنى بېسىش.
   بۇلاردىن باشقا تېخىمۇ ئاقىلانە بولغان نورمال غەزەپ چىقىرىش ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ نارازىلىقى ۋە ئازابلىرىنى يوشۇرماي، دوستلىرى ياكى يېقىنلىرىغا ئېيتىپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىش.
    ئادەم ھەم ئىدراكلىق ھەم ھېسسىياتلىق مەخلۇق، قايسى بىرىگە سەل قارىسىڭىز ئوخشاشلا پىسخىك توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. دائىم ئىچىڭىزگە سېلىپ يۈرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى كېسەل قىلىپ قويىسىز، دائىم غەزەپلىنىپ يۈرسىڭىز، كىشنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويىسىز. ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق، ئۆزىڭىزنىڭ گۆشىنى ئۆزىڭىز يېگۈدەك بولۇپ كېتىسىز. « چىنە سۇنسا قاداق تۇتمايدۇ»، شۇڭا ئېرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھەرگىز غەزەپلىنىپ، نىكاھىڭلارغا دەز كەتكۈزىۋەتمەڭ.
   ئاچچىقى يامان ئايال پېتىقلىنىپ بۇلغانغان بۇلاق سۈيىدەك بارلىق گۈزەللىكىنى يوقىتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن لەۋلىرى گەز باغلاپ كەتكەن ئادەمنىڭمۇ ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇمنىمۇ ئاغزىغا ئالغۇسى كەلمەيدۇ.
                                      - شېكىسپىر
    قېرىنداش بولسىمۇ جاھىل، كېچىپ كەت،
    راھىتىدىن كۆپ ساڭا زىيان- زەخمەت.
                                  - ناسىر خسراۋ

     89.ئېرىڭىز نەگە بارسا سايىدەك ئەگىشىۋالماڭ

    ئەرلەر ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئۈچ خىل ئايالنىڭ تەرتىپى مۇنداق ئىكەن:
   (1) توختىماي كوتۇلدايدىغان ئاياللار؛
   (2) نەگە بارسا سايىدەك ئەگىشىۋالىدىغان ئاياللار؛
   (3) ئۆز گېپنىلا يورغىتىدىغان ئاياللار؛
   سىز قايسى خىلغا كىرىسىز؟
   ئەرلەرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قائىدىلىرى بولىدۇ، يەڭلىرىنى شىمايلىشىپ، ئىچىشىپ، ئاغزىدا شەھەر ئالىدۇ. كېچىچە ماجاڭ، قەرت ئويناپ، تاڭ ئاتقۇزۇۋېتىدۇ. « ھېلىقىدەك ئىشلار» توغرىسىدا ئېچىلىپ- يېيىلىپ، سۆزلىشىدۇ... سىز ئۇنداق سورۇنغا بېرىۋېلىپ نېمىمۇ قىلىسىز؟ ئۇنداق سورۇننىڭ نېمە قىزىقى بولسۇن؟
   ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز، كىتاب ئوقۇسىڭىز، تېلېۋىزۇر ياكى د،ۋ،د پىلاستىنكىلىرىنى كۆرسىڭىز، بالىلىرىڭىزنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا يىتەكچىلىك قىلسىڭىز... سىز قىلىدىغان ئىش ساماندەك.
   « موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە»، « ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ». سىز ئېرىڭىزنىڭ سايىسى بولىۋالسىڭىزمۇ، لېكىن ئۇنى يۈرىكى، مېڭىسىنىڭ سايىسى بولالامسىز؟ قايسى بىر قەدىمىي كىنودا بىر پومېشچىكنىڭ بېشىنى توخۇ كاتىكىگە تىقىۋېلىپ دېگەن مۇنداق بىر گېپى يادىمدا: « قوڭۇڭنى بۆرە يېسە يېسۇن، كۆزۈم كۆرمىسۇن». ئەمدە يەنە ئېرىڭىزگە سايىدەك ئەگىشىۋالامسىز، ئەگىشىۋالمامسىز ئۆزىڭىز ئويلىشىپ قارار قىلىڭ!
   سۆيگىنىڭدىن يىراق تۇرۇش سەن ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە پايدىلىقراق، كۆزۈڭ كۆرمەيدۇ، كۆرمىگەندىكىن دىلىڭ رەنجىمەيدۇ.
                                - « مىڭ بىر كېچە» دىن
   زۇلۇم چەكسەڭ، كىيگىن چىدام ئۆتۈكنى،
   يۇمشاقلىق ياپىدۇ، ئۇرۇش ئىشىكىنى.
                         - سەئىدى شىرازى

    90.باشقا ئەرلەرنىڭ سۆيگۈ ئىزھارىنى رەت قىلىڭ

   ئاياللار ئازادلىقى ئەر- ئاياللارنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا بىر- بىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە ئەر- خوتۇنلارنىڭ قىلىشىدىغان گېپى قالمىسىمۇ، لېكىن سىرتتا باشقا ئەر ياكى ئايال بىلەن ئەركىن – ئازادە، سائەتلەپ پاراڭلىشىدىغان ئەھۋاللار كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. نورمال يوسۇندىكى سۆھبەت، ئالاقە ئەر- ئاياللارنىڭ نىكاھ ئىشىغا تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ،  لېكىن ئالدىنقى تېمىلاردا ئېيتىپ ئۆتكەن « تۆتىنچى خىل ھېسسىيات» ئەر- ئايال ئىككىلا تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر ئازاپلارنى، ھەتتا قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان نىكاھ كىرزىسىنى ئېلىپ كېلىپ، سەبىي بالىلارنى مۇشۇنداق مەسھۇلىيەتسىز ئاتا- ئانىلارنىڭ قۇربانلىرى بولۇشقا مەجبۇر قىلماقتا.
   « ئەرلەرگە نىسبەتەن ھېسسىيات ۋىجداندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەن ئىدى كىمدۇر بىرى. ئەگەر ھەقىقەتەن باشقىسى بىلەن نىكاھلىق تۇرۇپ، ئىككىنچى بىر نىكاھلىق ئايالنى ياكى ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسا ھەمدە ئىككىلا تەرەپ مۇشۇنداق ھېسسىياتتا بولسا، مېنىڭچە دەرھال نىكاھىدىكى ھەمراھى بىلەن ئاجرىشىش كېرەك. بالىلىرىمنى يېتىم قىلمايمەن دېگەننى باھانە قىلىپ، يوشۇرۇن ھالدا ئاشنا ئويناپ، بىر- بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ يۈرۈش، « بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش» تولىمۇ شەرمەندىچىلىكتۇر.
   ئەگەر ئېرىڭىزنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا باشقا ئەرلىرىمىز سىزگە « سۆيگۈ» ئىزھار قىلغان بولسا، سىزگە دەرھال ئوچۇق پوزىتىسيە تۇتۇش تەكلىپى بېرىمەن . ھەرقانداق بىر ئەر كىشىنىڭ ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ياقتۇرىدىغان- ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىدۇ، ناۋادا ئەرلەرنىڭ قىز دوستى ياكى ئايالى بولغان بولسا، بولۇپمۇ ئۇلار قارىشى ھەمراھىنى قىزغىن سۆيسە، كۆپ ھاللاردا باشقا ئاياللار بىلەن يېقىنلىشىشنى ئويلىمايدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ جەلىپكار ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ كۆرۈش ئويى بەزى چاغلاردا ئۇنى باشقا ئاياللارغا « قول سېلىش» قا ئۈندەيدۇ. بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق خائىشتۇر، شۇڭا بىزنىڭ ئايالارغا ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىنى كۆپرەك ئېگىلەشنى يەنە بىر قېتىم تەۋسىيە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، سىز ھەرقانداق ئىشلارغا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلالايسىز. دېمەك، ئاخىرقى گەپ، بەزى ئەرلەرنىڭ سىزگە « سۆيگۈ» ئىزھار قىلىشى پەقەت ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىقىنى سىناپ باقماقچى بولغانلىقى، ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، سىز ئۇنىڭ « سىناق بويۇمى» غا ئايلىنىپ قالغان، بۇنى ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
   باشقا ئەرلەرنىڭ « سۆيگۈ» ئىزھار قىلىشىنى رەت قىلىشتا سەمىمىي، كەسكىن پوزىتىسيە تۇتۇشىڭىز كېرەك، بۇ سىزنىڭ ئېرىڭىزگە بولغان ھۆرمەتتۇر.
   ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك ئايال پانىي ئالەمدىكى جەننەت.
                                      - رومىن روللان
   ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،
   ھاياسىز يۈز باشسىز جەسەتكە ئوخشاشتۇر.
                          - ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا

   91. ئائىلىڭىزنى ئورتاق باشقۇرۇڭ

   ئائىلە- ئىجتىمائىي بەخت- سائادەت ياكى تۇرمۇش پاراكەندىچىلىكى ئىپادىلىنىدىغان مەركىزى ھالقا. كىشىلىكنىڭ پۈتۈن ئۇتۇقلىرى، ھەربىر شەخىسنىڭ پۈتۈن مۇۋاپىقىيەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا مەيلى ئۇ پادىشاھ ياكى پۇقرا، سەركەردە ياكى ئەسكەر بولسۇن، ئوردا- تەخىتلەردە، جەڭ- بارىگاھلىرىدا ئەمەس، ئائىلىدە ئىنسانىي بەخت- ھالاۋەت، پەخرى ئىپتىخار قىممىتىنى تاپىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئائىلە ياخشى باشقۇرۇلسا، ئەر ياكى ئايال ئائىلىدە ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلسا، ئۇنىڭ باشقا بارلىق ئىشلىرى بىر مەنىۋى يۆلەنچۈككە ئېرىشىدۇ.
   مۇھەببەت، نىكاھ، تۇغۇت، ئائىلە تەربىيسى، كۈندىلىك مەئىشەت، كېسەل كۈتۈش، قېرىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قىز چىقىرىش، ئوغۇل ئۆيلەش، ئۆلۈم- يېتىم، ئائىلە زىددىيەتلىرى، ئائىلە دەۋالىرى، مېھماندارچىلىق، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، ئۇرۇق- تۇققانلىق نەسەپدارچىلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىنىڭ جىددىي ھەرىكەتتە تۇرىدىغان ئىجتىمائىي مېخانىزىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، مۇشۇ ئىشلارنى باشقۇرۇش ئەر- ئاياللارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئورتاق ۋەزىپە.
   قانداق باشقۇرۇش- بارلىق ئائىلىۋى مەسىلىلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. يېيش، ئېچىش، يېتىش، قوپۇش، ئەمگەكتە بىللە بولۇش « بەرپا قىلىش» دېيلىدۇ، بىللە قارار چىقىرىش، بىللە تىزگىنلەش، بىللە ھوزۇرلىنىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش بولسا ئائىلىدە ھەققىي ھېسسىياتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، چىنلىقنىڭ بارلىقىنىڭ ئىپادىسى.
   يېڭى تەپەككۇر: ئاۋۋال ئائىلەڭدىكى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، ئاندىن جاھانغا نەزەر سال.
   يەنە بىر خىل مودا: ئەرلەر پۇل تاپىدۇ، ئاياللار خەجلەيدۇ. ئەرلەر پۇل خەجلەپ نەتىجە چىقىرىدۇ، ئاياللار پۇل خەجلەپ ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ.
   سىرتتىكى ھەرقانچە چوڭ بەخىتمۇ ئائىلىدىكى بەخىتكە يەتمەيدۇ، مەيلى پادىشاھ ياكى دېھقان بولسۇن، ئائىلىدە ئىناق بولغىنى ئەڭ بەخىتلىكتۇر. ئىناقسىزلىق ئائىلە تىرىكلەر كۆيۈپ ئازاپلىنىدىغان دوزاخ، دۇنيانى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندىلا، ئۆز ئۆيىدىن ئوبدان جاينىڭ يوقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
  ئائىلە تۇرمۇشنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئەر- ئايال ئىككىيلەننىڭ ئورتاق تىرشىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇنى ۋەيران قىلىمەن دېسە، بىرلا ئادەم بولسا كۇپايە.
                                             - بېلىنىسكى
    ئايالى ئەقىلىلىق، ئېرى ئىش بىلەر،
    دېمەك بۇ ئائىلە كۈندىن كۈن گۈللەر.
                             - خۇسراۋ دېھلىۋى

     92.تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ئائىلىڭىزنى قامداڭ

   ھەرقانداق نەرسە ئاز بولسا بولسۇن، پۇل ئاز بولمىسۇن. ئىلگىرى نامراتلىق پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ئىدى، ھازىر نامراتلىق بىر خىل جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
   ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ، ئاياللار مۇستەقىللىقى، خوجايىنلىقى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.
   ئاياللار پۇل ئىشلىتىدىغان جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن كۆپ، كىيىم- كېچەك، زىبۇزىننەت، گىرىم بويۇملىرى، قورۇق يوقىتىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش سۇيۇقلۇقلىرى، توي- تۆكۈن، ئادىمەتچىلىكىلەر، ھەتتا ئايدا بىر قېتىم ئەڭ ئاز دېگەندە ئون يۈەن خەجلەپ « ھېلىقى نەرسە» نى ئالمىسىڭىز تېخى بولمىغان، ئەگەر يېنىڭىزدا ئەڭ ئاددىي، نورمال تۇرمۇش كەچۈرگىدەك پۇلىڭىز بولمىسا، بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىش. ھەر قېتىم ئەردىن پۇل سوراش، كىشىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدۇ.
   ساق بولسىڭىزمۇ مەيلى، ئاغرىپ قالسىڭىزچۇ؟ ئۆتكەندە « كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگىراممىسىدا زىيارەت قىلىنغان ئىككى ( خوتەنلىك ) ياش ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۈمكىن، ۋاقتانى ۋاق كەلگەندە ئەرلەر سىزنى بىر تىپىك بىلەن ئەسكى پايپاقنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىشتىن يانمايدۇ، شۇڭا ياش، ھۇشىڭىز بار چاغدا بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ،ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇشقا تىرىشىڭ.
   بىر ئايال پۇلنى قانچىكى ئۆز ئىرادىسى بويىچە خەجلىيەلىسە، ئۆز قەدىر- قىممىتىنى شۇنچە بىلەلەيدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەرپا قىلىشىڭىزغا ئىنتايىن يارىدەم بېرىدۇ.
                                      - پونىلوپ روسئانوۋ
   ھېچكىمگە يېلىنماس ھۈنەرلىك ئادەم،
   رىزقىنى بېغىدىن تاپىدۇ ئادەم.
                         - سەيدانە سەبىي

   93. ئېرىڭىز بىلەن سوقۇشماڭ

   ئائىلىلەردە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان زىددىيەتلەرنى كۆپ كۆرۈۋېرىپ، كۆزگە سىڭىشىش بولۇپ كەتتى. ئائىلە نامرات چاغدا مۇرىنى- مۈرىگە تىرەپ، قىينچىلىقنى يېڭىپ كەلدۇق، ئەمدى پۇل بار چاغدا ھەرقايسسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خىيالى، يېڭىدىن يېڭى ئارزۇ- ئارمانلىرى چىقىپ، يەنىلا توقۇنۇشتىن ساقلانغىلى بولمايۋاتىدۇ.
   كونىلارنىڭ دېيىشىچە، « سوقۇشقان ئۆيدە بەرىكەت بولمايدۇ»، ئېرىڭىز بىلەن سوقۇشقان چاغدا بالىلىرىڭىزنىڭ چىرايىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟ بىچارە بالىلار كۆزلىرىنى بىردە سىزگە، بىردە دادىسىغا تىكىپ، قورقۇش ئىچىدە بۇلۇڭغا كىرىپ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتقان ھالىتى سىزنى ئازاپلىغاندۇ؟ مۇشۇنداق جەڭگى- جېدەل ئازاپ ئىچىدە چوڭ بولغانلارنىڭ روھى قانداقمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولالايدۇ؟ قانداقمۇ ئۆزىگە ئىشىنەلەيدۇ؟ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى، ئۆگىنىشىنى قاندااقمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى قانداق بولماقچىدى؟
   قىزىمنىڭ مەكتىپىگە ئاتا- ئانىلار يېغىنىغا بارغىنىمدا دائىم بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ تەنقىدلەنگەنلىكىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ بىرەر قېتىممۇ ئاتا- ئانىلار يېغىنىغا كېلىپ باقمىغانلىقىنى ئاڭلايتىم. بالىلارمۇ ئۇ بالىنى ناھايىتى ئەسكى. كەچكىچە خەقلەرنى بوزەك قىلىدۇ دەيتتى. ئۆتكەن قېتىمقى ئاتا- ئانىلار يېغىنىدا شۇ بالىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سوراپ كېلىشنى بىر خىزمەتدىشىمغا ھاۋالە قىلىپ، ئائىلە باشلىقى يەنە ئۆزى كەلمەپتۇ، مەن بۇنىڭغا قىزىقىپ، ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن سورىسام، بۇ بالىنىڭ ئانىسى دوختۇر، دادىسى ساقچى ئىكەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ دائىم ئۇرۇشۇپ، ئاخىر ئانا دەردىنى ئوغلىدىن چىقىرىدىغانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان ئۇ ئەرنىڭ ئۆيگە قايىتماس بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بىچارە بالا، ئەسلىدە بالىدا گۇناھ يوق، بەلكى ئاتا- ئانىسى بۇ بىچارە بالىغا مېھىر- مۇھەببەت ئاتا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي، ئۇرۇشۇپ يۈرگەن ئىكەن. مەيلى ئۇ ئەر- ئايال قانداق سەۋەبتىن سوقۇشسۇن، بۇ ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس.
   ياخشى ئاياللارغا ئايان، ئىقتىسادىي مەسىلە ياكى باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان چۈجە- خورازدەك سوقۇشۇپ، ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىش ھەم ئائىلىنىڭ بەخىتسىزلىكى، شۇنداقلا شەخىسكە نىسبەتەنمۇ نومۇس.
   كۈن ئۆتكۈزۈش قانۇنى: ئېلىشنى ئازراق ئېلىپ، مۇھەببەتنى كۆپرەك ئاتا قىلايلى! تېجەپرەك خەجلەپ، ئىقتىسادچانراق بولايلى! كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئازراق سوقۇشايلى!
   نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئەدەب- قائىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن جورا تاللاشتىن كېيىنلا تۇرىدۇ، ياش چوكانلارنىڭ ئېرى ئالدىدا مېھماندەك ئەدەپلىك بولۇشى لازېم. جاۋىلداق خوتۇندىن ھەرقانداق ئەر ھەزەر ئەيلەيدۇ.
                                        - دانلوچ خانىم
   كىم بىراۋ دىلىنى زۇلۇمدا تىلدى،
   ئۇ ئۆز ۋۇجۇدىنى يارىدار قىلىدى.
                      - پەرىدىددىن ئەتتار

    94.تۇرمۇشىڭىزغا ئاكتىپ پوزىتىسيە تۇتۇڭ، ھەر ۋاقىت خۇشال ياشاڭ

   كورىيە 50 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « كۈل قىز» نى بۇلتۇر پلاستىنكىسىنى ئارىيەت ئېلىپ كىرىپ بەش كۈندە كۆرۈپ تۈگەتكەن ئىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلېۋىزوردىن يەنە ئۈچ قېتىم كۆردۈم، ھەر قېتىم كۆرگەن چېغىمدا بۇ تېلېۋزىيە تىياتىرى ماڭا خۇددى يېڭىدىن كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھەر قېتىمدا ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن يۇمۇرىستىك ۋەقەلەر مېنى كۈلدۈرسە، ئازاپلىق كۆرۈنۈشلەر مېنى يېغلىتىدۇ. بولۇپمۇ باش قەھرىمان لى شەنيۇنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتىسيىسى، ھەرقانداق چاغدا كۈلۈپلا تۇرۇشى، قىينچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئۆز- ئۆزىگە: ھېچقىسى يوق شەنيۇ، سەن چوقۇم يېڭەلەيسەن! قەيسەر بول دەپ مەدەت بېرىشى، شۇنداق جاپا تارتسىمۇ كۈلۈپلا يۈرۈشى مېنى تولىمۇ مەھلىيا قىلىدۇ ھەم ماڭىمۇ ئۇنىڭ روھى ئۆتۈۋاتقاندەك بولىدۇ.
   ئەسكى قىز شېڭشىننىڭ ئاخىرقى ھېسابتا نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە چۈشكەنلىكىنى بۇ فىلىمنى كۆرگەن ئادەم بىلىۋالالايدۇ، ئۇنى ۋەيران قىلغان دەل ئۇنىڭ ئىددىيسى. تۇرمۇشقا پاسسىپ، سەلىبي تەرەپتىن قارىشى، ھەسەتخورلۇقى، ئىچى تارلىقى ۋەھاكازالار.
   بەلكىم تەقدىر- پىشانە شۇنداقتۇر، لېكىن خۇدا ئادەملەرنىڭ خۇي- پەيلىگە قاراپ كۈن بېرىدۇ، سىز دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمىكىن، باشقىلار ماڭا ئامراق دەپ ئويلىسىڭىز، راستىنلا ھەممە ئادەم سىزگە ئامراقتەك ھېس قىلىسىز. ئۇ ماڭا ئۆچ دەپ قارىسىڭىز، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ قىلغان ھەرقانداق گەپ- سۆز، ئىش- ھەركىتى سىزگە ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ پەقەت سىزنىڭ قانداق ئويلىشىڭىزغا، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا، تۇرمۇشنى قانداق چۈشىنىشىڭىزگە باغلىق. ئەگەر خۇشال- خۇرام، بەخىتلىك ياشاي، ھەربىر كۈنۈمنى مەنىلىك ئۆتكۈزەي دېسىڭىز، تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتىسيە تۇتۇڭ ئۈمىدۋار بولۇڭ، خۇشال ياشاڭ، مۇنداق ياشىسىڭىز پۇلىڭىزنىڭ ئاز- كۆپلۈكىمۇ، ھېرىپ- چارچاش، دەرد- ئەلەملىرىڭىزمۇ بىلنمەيدۇ.
   ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ بېقىڭ: ئۆيىڭىزدە ئېرىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز بىلەن بىللە خۇشال- خۇرام ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ باقمىغىنىڭىزغا قانچە يىل، قانچە ئاي، قانچە كۈن بولدى؟
   شاد- خۇراملىق ئۈمىد چېچىكى، ئۇ ئاياللارغا كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى بۇ ھاياتلىقتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى قىلچە قورىقماي، ھاياتقا توغرا قارىيالايدىغان قىلىدۇ.
                                       - بالزاك
   ئۆتۈپ بارار ئەجەپ ئۆمۈر كارۋىنى،
   قولۇڭدىن چىقمىسىمۇ شادلىق ماكانى.
                          - ئۆمەر ھەييام

    95.مەڭگۈ « ئائىلە» ڭىزنى مەركەز قىلىڭ

   قاچانلاردا باشلانغانلىقى نامەلۇم، « ئاياللار ئۆي ئىچىنىڭ ، ئەرلەر تېشىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە ئاياللارنى «ئۆيدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن ئورۇنغا مەھكەم مىخلىۋەتتى. ئۆي رەتلىنىشكە،ماسلاشتۇرۇشقا مۇھتاج، ئاياللار تۇغما بولغان مۇلايىملىقى بىلەن بەلكىم ئائىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ مۇۋاپىق كەلسە كېرەك.
   « ئۆي ئىشىمۇ ئىش» دېگەن تېلېۋىزىيە فىلىمىدە، ئاتاقلىق ئارتىسىمىز فىردەۋىس ئەزىزى ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشى دېگەن قانچىلىك ئىشتى دەپ، خوتۇنى بىلەن ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، بىر كۈنلۈك «خوتۇن» بولۇپ، خوتۇنىنىڭ بىر كۈندە قىلىپ تۈگىتىدىغان ئىشلىرىنى ئەپلەشتۈرۈپ قىلالماي، يۈز- كۆزلىرى مەينەت، قوللىرى پىچاقتا كېسىلگەن، بالىسىنىڭ تەرىتى ئىشتىنىنى بۇلغىۋەتكەن، چاچلىرى چۇۋۇلغان... ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئىنتايىن يۇمۇرلۇق ھەم مۇۋاپىقيەتلىك ئورۇنداپ، كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى.
   دېمىسىمۇ ئاياللار بىر كۈندە قىلىدىغان ئىشىنى، شۇنداقلا مۇشۇنداق ئۆلگۈچە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئىشلارنى ئەرلەرنىڭ چىداپ قىلالىشى مۈمكىن ئەمەس، بۇ جەھەتتە ئەرلەر ئاياللارغا مېدال تاقاشقا، بېشىدا كۆتۈرۈشكە ھەقلىق.
   ياخشى ئاياللارنىڭ قەلبىدە ھەر دائىم ئائىلىسى مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولىدۇ، ئىشنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى بولمايدۇ، ئاياللار ئائىلىنىڭ غوللۇق ئارتىسى، ئائىلە ئاياللارنىڭ سەھنىسى.
   ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەڭگۈشتەرى: ئەمگەكچانلىق، ئىقتىسادچانلىق، ئىناقلىق، كۆيۈمچانلىق.
   ئاياللارنىڭ ئېرىگە ۋە بالىسىغا شۇنى ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، ناۋادا ئۆيىڭىزدە ئايالىڭىز ياكى ئانىڭىزنىڭ ئېغىر ئەمگىكى ۋە تەر ئاققۇزۇشى بەدىلىگە كەلگەن جەۋھەر بولمىغان بولسا، سىزنىڭ يەيدىغىنىڭىزمۇ، كىيىدىغىنىڭىزمۇ بولمايدۇ.
                                  - چىتىيەن دازو
    مۇشەققەت چەكمىگەن تاپماس خەزىنە،
    تۈن كەينىدىن كېلەر كۈندۈز ھەمىشە.
                               - سەئىدى شىرازى

    96. ئەخلاق- سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەڭگۈشتەرىڭىز

   ئاياللارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى، ئەركىنلىشىپ، ئەخلاق جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇرۇن ئەرلەرنىڭ يۈزىگە قارىسا نامەرەم بولىدۇ دەيدىغان قاراشلار ھازىر يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىغا چۆرۈۋېتىلدى.
   زامانىۋىلىشش ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىغا تېخىمۇ كەڭ دەرۋازا ئېچىپ بەرگەندەك قىلىدۇ، ھازىر كىمگىلا قارىسىڭىز يان تېلېفون، ھەممىلا ئۆيدە دېگۈدەك كومپيۇتېر بار. ئاياللار ھەرقانداق چاغدا ئۆز ئېرىدىن باشقا بىر ئەر بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشسە، مۇھەببەتلەشسە، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللىسا بولىۋېرىدىغان، كومپيۇتېردىكى خەت ساندۇقى ياكى مىكرافون ئارقىلىق مەخپىي ئالاقىلىشىدىغان، سۆزلىشىدىغان ئوڭايلىقلار تۇغۇلدى، ھەتتا بەزىلەر ئوچۇق- ئاشكارا سورۇنلاردا، قىلغان ئىشىدىن پەخىرلىنىپ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدىغان، بەزى تېخىمۇ ئەخلاقسىز ئاياللار ئېرىنى ئالداپ كوماندىروپكىغا چىقىمەن، يىغىنغا بارىمەن دەپ قويۇپ، ئاشنىسى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك ياتاق ئېچىپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ھازىر بۇ ئاشنىسى يوق ئاياللارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى يوقلۇقىدىن دېرەك بېرەرمىش.
   توۋا، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ ئەرنىغۇ ئويلىمايلى، لېكىن بالىلارغا ئەخلاق- پەزىلەتلىك، كىشلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى نام – ئابرويى بار ئانا كېرەكقۇ ئاخىر. « پاختا ئىچىدە ئوت ساقلىغىلى، ئېتەك بىلەن ئاينى توسقىلى» بولمايدۇ.
   مومام شۇنداق دەيدىغان: ئاخىر زامان بولغاندا بالام، ئاياللار كوچىغا چىقىپ كىتەرمىش دەپ. مۇنداق تېز ئاخىر زامان بولۇشىنى پەقەتلا خالىمايمەن، چۈنكى بالىلىرىم بار ئەمەسمۇ؟
   بالزاك « مىللەتنىڭ تەقدىر ئانىلار قولىدا» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتقان. ئەگەر ئاياللىرىمىز مۇشۇنداق بۇزۇقچىلىق (ياخشى ئاياللر يەنلا كۆپ) بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك مەسھۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولسا، بىزنىڭ مىللىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ تۈگەشمەي قالمايدۇ. سىز بىر ئايال، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئانا. ئەخلاق سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەڭگۈشتەرىڭىزگە ئايلانغاندا، ئاندىن سىزمۇ گۆھەر دەپ قەدىرلىنسىز.
   بۇزۇق ئايالدىنمۇ يىرگىنچلىك نەرسە يوقتۇر، ئىپپەتلىك ئايالدىنمۇ گۈزەل نەرسە ھەم يوقتۇر.
                                      - ئولپىرمىس
    ھايا- نومۇس ئىمانغا دەلىلدۇر،
    ھاياسىز دائىما خارۇ- زەلىلدۇر.
                       - ئابدۇللا ئەۋلانى

      97.ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىنى يېتىلدۈرۈڭ

    ئاياللار ئۆزىنىڭ سەت بولۇپ قېلىشىدىن، قېرىپ كېتىشىدىن ئەڭ قورقىدۇ. ئەگەر چىرايلىق بولسا خۇددى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان كاپىتالغا ئېرىشكەندەك ھېس قىلىدۇ، چىراي تۇرقى ئادەتتىكىچە، ھەتتا سەت ئاياللار دائىم ئۆزىنى باشقىلاردىن پەس كۆرۈپ، خۇدانىڭ ئۆزىگە قىلغان ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ، ئازاپلىنىپ ياشايدۇ. شۇڭا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇپا- ئەڭلىك ۋە مودا، قىممەت پۇللۇق كىيىم- كېچەكلەر بىلەن ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاياللارنى ھەقىقىي جەلىپ قىلش كۈچى ھەرگىزمۇ كېلىشكەن چىرايى ئەمەس ۋە كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان تاشقى قىياپەتتىلا ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ سالاپىتى ۋە خاراكتېر گۈزەللىكىدە بولىدۇ. سىزنى تۇغما ساپارىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، پەقەت ھازىردىن باشلاپ تىرىشسىڭىزلا، چوقۇم جەلىپ قىلارلىق ئايال بولالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
   (1) يۈزىڭىز پاكىز، تازا بولسۇن. بۇ قېنىق گىرىم قىلىنغان يۈزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق بولىدۇ.
   (2) ساغلام، شوخ، تېتىك، قىلىقىڭىز تەبىئىي بولسۇن. راۋۇرۇس قىياپەت، سەمىمىي كۆرۈنۈش، قىزغىن كۈلۈمسىرەش، يەڭگىل ئاۋاز قاتارلىق گۈزەل قىلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنى ماگىنىتتەك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.
  (3) ئەقىللىق، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان، ئۆزلۈكسىز ئۆزىڭىزنى تولۇقلاپ تۇرىدىغان بولۇڭ. ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان گۈزەل چىراي ئۆزىگە ئىشىنىدىغان سەت چىرايدەك ئادەمنى ئۆزىگە تارتالمايدۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم چىرايلىق بولالايسىز.
   (4) ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، بۇنداق ئاياللار تەمكىن، قىياپىتى تەبىئىي، يۈرۈش- تۇرۇشى سېھرىلىك بولىدۇ.
     (5) ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم بولۇڭ، باشقىلارغا يېقىملىق مۇئامىلە قىلىڭ.
   مۇلايىم، يېقىشلىق، ھېسداشلىققا باي ئاياللار سېھرىي كۈچكە تولۇپ- تاشقان بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۆزىگە خاسلىق، بىلىم ۋە ئالغا ئىلگىرلەش روھى قوشۇلسا، گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك بولىدۇ.
   (6) ئاددىي ئاياللىق قەلبىڭىز بولۇشى كېرەك.
   ھازازۇللۇق قىلماڭ، ھەرقانچە ئىقتىدارلىق ۋە گۈزەل بولۇپ كېتىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىي بىر ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز، بۇرچىڭىزنى تىرىشىپ ئادا قىلىشىڭىز كېرەك.
   (7) يۇمۇرىستىك، ئوچۇق- يورۇق بولۇڭ.
   يۇمۇرنىڭ گرېكچە مەنسى «خانىم قىزلار سۇيۇقلۇقى». يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ئادەمنى جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياشنىتىدۇ. خانىملار ھەرگىزمۇ يۇمۇرلۇقىنى يوقىتىپ قويماسلىقى لازېم.
   يۇقىرقىلارغا دىققەت قىلسىڭىز، چوقۇم جەلىپكار ئايال بولالىشىڭىزدا گەپ يوق.
   خانىم – قىزلارنىڭ ئەڭ زور تەسىرى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچى پەلسەپىچىلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا يېقىن يولاتماسلىق تەسىرى، مەلۇم ئارىلىق ساقلاش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ ئەزەلدىن تۈپ ئاساس ۋە ئەڭ مۇھىملىققا تەۋە بولغان ئارىلىقتۇر.
                                          - نېس
   چېھرى كۈلگەن گۈزەلنىڭ بارچىسى دىلبەر ئەمەس،
   ئەينىكى بار كىشىلەرنىڭ بەرى ئىسكەندەر ئەمەس.
                              - ھاپىز شىرازى

       98.نەچچە ئون يىللىق تۇرمۇشىڭىزدا ئەسلىگۈدەك نېمە بارئىكەن؟

   نەچچە ئون يىل بىللە ياشاش، ئەسلىدە پەقەت تونۇشمايدىغان ئىككى ئادەم چىقىشىپ بىللە ئۆتۈش، بەزىدە تاتلىق، بەزىدە ئاچچىق، بەزىدە خۇشال، بەزىدە ئازاپىلىق مۇساپىلەردە قانچىلىك مۇھەببەت- نەپرەت، ياخشى كۆرۈش، ئۆچمەنلىك، قايغۇ- خۇشاللىق، ئايرىلىش، جەم بولۇشتەك ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈڭلار؟ بىر ئويلىساڭلار خۇددى نەچچە يۈز يىل ياشىغاندەك، بىر ئويلىساڭلار تېخى تۆنۈگۈنكى ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدىغان تۇرمۇش، نىكاھ. سىز ھېس قىلغاندا تۇرمۇشنىڭ قايغۇ- ھەسرىتىنى، ھاياتلىقنىڭ ئاجىزلىقى، نازۇكلۇقىنى ئېرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىڭ! ئەرلەرنىڭ مۈرىسى ئەسلىدىنلا ئاياللارنىڭ يۆلىنىشى ئۈچۈن ئاشۇنداق مۇستەھكەم يارالغان.
   قەلبىڭىزنى ئاشكارلاپ، ھەر دائىم ئېرىڭىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشۇڭلاردىكى ئاچچىق- چۈچۈكلەرنى، ھاياتىڭلاردىكى ئەگرى- توقايلىقلارنى سەمىمىي ھالدا سۆزلىشىڭ. پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، شۇندىلا سىز ئەرلەرنىڭ سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك قەيسەر ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.
   ھەربىر ئادەمنى ئاتا- ئانا تۇغۇپ بېقىپ، قاتارغا قوشىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئازاپلىرى، خۇشاللىقلىرى، نەپرىتى ۋە ئاداۋىتى... ئاياللار بىلەن ئوخشاشلا ناھايىتى تەسىرلىك.
   ھەر قانداق مۇشەققەتنىڭ ئاخىرى راھەتتۇر، مۇشەققەت چەكمىگەن راھەتكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. تاماق مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاستىسى، ئەمما ئۇ ئوتنىڭ مۇشەققىتىنى تارتمىسا، خام پېتى قالىدۇ. ئالتۇن كىشىەرنىڭ دىلكىشىدۇر، ئۇ پەقەت ئوتتىلا غەلدىن- غەشتىن خالاس بولىدۇ. ئوت قانچە يالقۇنلۇق بولسا، ئالتۇن ئېرىش جەريانىدا شۇنچە پارقىرايدۇ.
                                     - ئەلشىر ناۋائى
   زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان،
   ئۇ ئاچقۇچ قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.
   سەرۋىدەك باشنى تىك كۆتۈرەر مەغرۇر،
   بارلىقى ياخشى سۆز، ئەقىل تەپەككۇر.
   ئەقىل بىلەن ئىدراك پەقەت ئاڭا يار،
   پۈتۈن تىلسىز ئالەم پەرمانىغا زار.
                        - ئوبولقاسىم فىردەۋىسى

     99.بالىلىرىڭىزنى تىرىك يېتىم بولۇشىغا مەجبۇرلىماڭ

   كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كوچىلاردا بالىلار ئاتا – ئانىسى بىلەن خۇشال، ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ « ئايرۇپىلان» ئۇچۇپ ماڭغىنىنى، دادىلىرىنىڭ بالىلىرىنى سۆيۈپ قويغانلىقىنى، ئەركىلەتكەنلىكىنى كۆرسەم كۆڭلۈم بۇزۇلاتتى، باشقا بىر نەۋرە تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭلا دادىسى بار، پەقەت ئاكام ئىككىمىزنىڭلا دادىمىز يوق ئىدى. ئۇنداق بەخت بىزنىڭ پېشانىمىزگە پۈتۈلمىگەن ئوخشايدۇ.
  چوڭ بولغانچە « نېمىشقا ھەممىسىنىڭ دادىسى بار، مېنىڭ يوق» دەپ ئويلايدىغان، ئاشۇ دادىلارنىڭ بىرەرسى مېنىڭ داداممىدۇ- يە؟ دەپ خىيال قىلىپ قالىدىغان بولدۇم.
   قىسقىسى، بىزدەك دادىسىز ياكى ئانىسىز تېرىك يېتىم بالىلارنىڭ يۈرىكىدىكى ئۇنداق ئازاپنى تۆت كۆزنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغانلار مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ، بىزدىكى « كەيپىيات ئاچارچىلىقى» نى مەڭگۈ ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.
   تۇرمۇش دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزدىكى پاراخوتقا ئوخشايدۇ، ئۇ بەزىدە قاتتىق بوران- چاپقۇننىڭ، قار- يامغۇرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ، بەزىدە كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ چېقىشىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ؛ دولقۇن كۈچلۈك كەلگەن چاغلاردا قىڭغىيىپمۇ قالىدۇ، ھەتتا دۈم كۆمتۈرۈلۈپمۇ كېتىدۇ، بەزىدە سەللا بىخەستەلىك قىلىسىڭىز « تىتانىك ناملىق پاراخوت» تەك خادا تاشقا سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ كېتىشىمۇ مۈمكىن.
   تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا بەزىدە غۇرۇرىڭىز ئازار يەيدىغان، ھەممىدىن ھەتتا ھاياتىڭىزدىنمۇ ۋاز كېچىشنى ئويلايدىغان چاغلار بولىدۇ. لېكىن دەل مۇشۇنداق چاغدا كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىپ ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، چۈنكى بالىلىرىڭىز سىزنى مېھر- مۇھەببىتىڭىزگە، تەربىيلىشىڭىزگە، بېقىپ چوڭ قىلىشىڭىزغا مۇھتاج. ئۇلارغا دادىنىڭمۇ، ئانىنىڭمۇ مېھرى، ئەركىلىتىشلىرى، قۇچىقى كېرەك. « پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالىدىغان » ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ ، كېيىن ھەرقانچە پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلتۈرەلمەيسىز. چوڭلارنىڭ مۇنداق گېپى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇن:
   « توي قىلغۇچە ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئاچ، تويدىن كېيىن بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال».
    ھەر سەۋىرنىڭ ئاخىرى زەپەر،
    ئەر ئاچچىقىنىڭ ئاخىرى شېكەر.
                         - جالالىدىن رۇمى
 

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر