قىزلار قانداق قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى: 13:48 25-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
قىزلار قانداق قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالىدۇ؟

ئاياللار ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئەر تاللىۋالالايدىغان بىر دۇكان ئېچىلىپتۇ. بەش قەۋەتلىك بۇ دۇكاننىڭ ھەر قەۋىتىدە ھەر خىل ئەرلەر بار ئىكەن، ئاياللار خالىغىنىچە تاللىۋالىدىكەن.دۇكاندا پەقەت بىرلا قائىدە بار ئىكەن: ھەر بىر قەۋەتكە چىققان ئايال شۇ قەۋەتتىن بىر ئەر ئېلىشى كېرەك ئىكەن، ئەگەر ئۇ قەۋەتتىن ئالماي چىقىپ كەتسە قايتا ئۇ قەۋەتكە كىرەلمەيدىكەن.
بىر كۈنى، بىر قانچە قىز دۇكانغا كەپتۇ ئەر تاللاش ئۈچۈن.
بىرىنچى قەۋەت: ئىشىككە شۇنداق يېزىلغانلىقىنى كۆرۈشۈپتۇ: "بۇ قەۋەتتىكى ئەرلەرنىڭ خىزمىتى بار؛ بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ." قىزلار دەپتۇ: ۋايجان، يوقتىنغۇ ياخشىكەن، ئۈستىگە چىقىپ باقايلى...
ئىككىنچى قەۋەت: ئىشىكتە شۇنداق يېزىلغانىكەن: "بۇ قەۋەتتىكى ئەرلەرنىڭ ياخشى بىر خىزمىتى بار؛ بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ناھايتى كېلىشكەن" قىزلار دەپتۇ: يامان ئەمەسكەن، بوپقويغۇدەك، ئەمما ئۈستىگە بىر چىقىپ باقايلىچۇ...
ئۈچىنچى قەۋەت: ئىشىكتە شۇ خەت تۇرغۇدەك: "بۇ قەۋەتتىكى ئەرلەرنىڭ ناھايتى ياخشى بىر خىزمىتى بار؛ بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ناھايىتى كېلىشكەن؛ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ" قىزلار دەپتۇ: نېمىدىگەن ياخشى، قارىغىنا شۇ شەرتلەرگە... ئەمما ئۈستىدە يەنە قەۋەتلەر بار...
تۆتىنچى قەۋەت: بۇ قەۋەتتىكى ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ياخشى؛ بالىلارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ؛ ئاجايىب كېلىشكەن؛ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ؛ ناھايىتى رومانتىك" دېگەن خەتنى كۆرگەن قىزلار دەپتۇ: كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيۋاتىمەن! ھەر قەۋەت ئۆرلىسەك شەرتلەر پەيزىلىشىۋاتىدۇ، ئەڭ ئۈستىدىكى قەۋەتتە قانداقلىقىنى بىر ئويلىغىنا... يۈر، بىر كۆرەيلى!
بەشىنچى قەۋەت: ئىشىكتە شۇنداق يېزىقلىقكەن: "بۇ قەۋەت بوش، ھېچنېمە يوق. بۇ قەۋەتنى پەقەت ئاياللارنى رازى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەييارلىغان. چىقىش ئىشىكى سول تەرىپىڭىزدە، پەلەمپەيلەردىن ئاۋايلاپ چۈشۈڭ..."
|
------分隔线----------------------------