ئاياللاركېسەللىكە گىرىپتار بولغانلىقىنىڭ توققۇز بىشارىتى
يوللانغان ۋاقتى: 05:23 20-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاياللارنىڭ كېسەللىكە گىرىپتار بولغانلىقىنىڭ توققۇز خىل بىشارىتى
1.بەل ئاغرىش : بەل دوۋساق ياللۇغى ياكى قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغى تۈپەيلىدىن ئاغرىغان بۇلىشى مۇمكىن ، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ قاننى ، سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈش كېرەك . زۆرۈر تېپىلسا ، دوۋساقنى دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش لازىم .بۇ چاغدا سۇنى كۆپ ئىچىش ، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش زۆرۈر .
2.ئاسان ئاچچىقلىنىش : ئۇششاق-چۈششەك كۆڭۈلسىز ئىشلار ئۈچۈن خاپىلىق تارتىپ يىغلايدىغان بۇلۇپ قالسىڭىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئەسىلىدە ئۇنداق ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم بولىمىسىڭىز ، ئۇھالدا قالقانسىمان بېزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ .چۈنكى ، مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى قالقانسىمان بەز ھورمىنىدا كۆرۈلىدىغان تەڭپۇڭسىزلىققا قارىتا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ . قالقانسىمان بەز ھورمۇنىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلسە ، دەسلەپتە ئاسان ھاياجانلىنىش ، مىجەز ئوساللىشىش ، يىغلاڭغۇ بۇلۇپ قېلىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىشتىھا ياخشى بولىمىسىمۇ ، بىراق كۈندىن –كۈنگە ئۇرۇقلاش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ . ھەيىز قالايمىقانلىشىشىمۇ مۇمكىن .
3.دائىم باش ئاغرىش : قان بېسىمىنى تەكشۈرتۈش كېرك . قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ بېشى ھەمىشە ئاغرىيدۇ، ئادەتتە ئاياللار 35-40ياشتا بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ . شۇڭا. ئاياللار يېمەك-ئىچمىكىنى تەڭشىشى ، پايدىلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ، مەسىلەن : سۇ ئۈزۈشى لازىم .
4.ئەتىگەندە قاپاق سەل ئىششىپ قېلىش : بۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچىغانلىقنىڭ ئالامىتى بۇلۇشى مۇمكىن . ئەگەر بەدەندە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا ، بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك .
5.كەچتە پۇت ئىششىش : بۇ ۋېنا سۇزۇلما قۇرۇش كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى ، بىمار خام كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋېنا دىۋارىنى ئاسرايدىغان تالالار بار .
6.پۇت-قول تارتىشىش : ۋىتامىن د نىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن پۇت-قوللار دائىم تارتىشىپ قالىدۇ ، سۈت مەھسۇلاتلىرى ، ھايۋانات جىگىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك .
7.ئادەتتىكىدىن كۆپ تەرلەش : بۇ ۋېگىتاتىۋ نېرۋىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بۇلۇشى مۇمكىن ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك .
8.بەدەن ئېغىرلىقى ئۆگۈرۈش ، ئېغىز دائىم قۇرۇش : بۇ دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالامىتىگە ئوخشايدۇ . شۇڭا ، قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈش زۆرۈر . ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال بولسا ، تاتلىق ۋە ياغلىق يېمەلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك .
9.چاچ كۆپ چۈشۈش : ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كەڭ دائىرلىك چاچ چۈشۈش (باشنىڭ ھەممىلا يىرىدىكى چاچ چۈشۈش) كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ . چاچ روھىي بېسىم ، يۇقۇملىنىش ياكى ناتوغرا ئۇزۇقلىنىش تۈپەيلىدىن چۈشۈشى مۇمكىن ، بەزى كېسەللىكلەر ۋە تۇغما كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىنمۇ چاچ چۈشىدۇ .
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |
|
|
------分隔线----------------------------