ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ئۇلۇغ ئاياللاردۇر.ئۇلار قاتمۇ-قات جاپالار،تۇرلۇك ئىزىتقۇلار،ھەرخىل تەنىقىت-ئەيىپلەشلەر،ناتوغرا سىقىپ چىقىرىلىشلار، ئۆز ئىقتىدارىدىن يۇقىرى تەلەپ ۋە رىقابەتلەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ بىر خىل قەيسەر روھىنى قۇچاقلاپ كەلدى.ئەسلىدىن ئاجىز تۇرۇپمۇ ئۇلارغا تەشنا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ باغرىنى ئاۋۇندۇرۇپ مىھرى بىرىپ كەلدى.يۇكسەك ۋە شىرىن ئارزۇلارنى يادلاپ كەلدى.كەلگۇسىگە ئۇمىت بىلەن قاراپ كەلدى.ئۇلار قەدىرلەشكە،ھۇرمەتلەشكە سازاۋەر.ئۇلار باشقا ھەرقانداق مىللەت ئاياللىرىدەك خۇشال ۋە بەخىتلىك ھالدا ياراملىق جەمىئەت ئەزالىرىنى تەربىيلەش ،تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش ،تىللاردا يادلىنىشقا ئەرزىيدۇ!!!
_____ تاھىر ئىمىن
بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئانىلارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۇرۇلسە ،ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولغان بىزنىڭ ئورنىمىزمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇلىدۇ.ئەمما بىز بۇنى بۇ يەردە يىزىپ،سۆزلەپ ھەل قىلىپ بولالمايمىز.بۇنداق مەسللەرنى غەرپ دۆلەتلىرى ۋە نۇرغۇن ئسلام ئەللىرى قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇپ ،ئەمەلى ئىجرا قىلىپ يولغا قويدى.شىنجاڭدىكى ھۆكۇمەت ئاياللار خىزمىتىنى ئشلەشكە پەقەت فۇنكسىيەلىك رولى ئنتايىن ئاجىز بولغان،شەھەرگە مەركەزلەشكەن، ئاياللىرىدىن يىراق بولغان ‹‹ئاياللار بىرلەشمىسى››ئورنىنى قۇرغان .ئەمما ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئشلىرى قۇرۇق تەشىۋىقات،مىڭ بىر جاپا چىكىپ ئۇتۇق قازانغان ئاياللارنى ‹‹يارايسىز››دەپ تەقدىرلەپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالدى.ھۆكۇمەت بۇ ئورۇنغا تىخىمۇ چوڭ ھوقۇق بىرىشى ،بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغا قەدەر چوڭقۇر چۆكۇشى كىرەك.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى ئىنتايىن ئىغىر!
مەن ئۆتكەن بىر يىلدىن ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونلۇق 2-دوختۇرخانا ،تىببى ئۇنىۋرستتى دوختۇرخانىسى،جوڭگۇ تىبابىتى دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارغا كىسەل يوقلاپ ئون قىتىمدىن كۆپرەك باردىم.بۇنىڭ ئىچىدە تاغامنىڭ يۇرەك كىسلى ئوپىراتىسيەسىدىن باشقا ھەممىسى ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ۋە يىقىن ئۆتىدىغان دوسىتلىرىمىنڭ تۇققانلىرى بولۇپ،يوقلاپ بارغىنىم ئاياللار ئىدى.مەن دەسلەپتە ھىس قىلماپتىمەن.ئەمما ئاخىرقى قىتىم كىسەل كۆرگىلى بارغاندا نەۋرە سىڭلىم :‹‹،بۇ دوختۇرخانىلاردا ئۇيغۇر بىمارلار بەك كۆپ ئىكەن.بولۇپمۇ ئاياللار كۆپكەن.بىزنىڭ تۇققانلار ئىچىدىمۇ ئاياللار بەك ئاغرىپ قالامدۇ-نىمە؟ كىسەل سەۋەبىدىن تۇگەپ كەتكەنلەرمۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتتى ››دىۋىدى،شۇئان 20يىل ئىلگىرى كىسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن مەرھۇم ئانام (ئۆپكە تۇبىر كۇليۇزى،28ياش ئىدى) ،داۋلاش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن چوڭ ئانام،ياش تۇرۇپ قازا قىلغان ئىككى ھاممام، ئاكامنىڭ قىينئانىسى قاتارلىقلار بىردىن-بىردىن كىچىشكە باشلىدى..................................
جەنۇبى شىنجاڭدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ناھايتى كەسكىن ئىجرا قىلىنىدۇ.پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالا نىكاھسز تۇغۇلغان بالىدىنمۇ بەك قوپال ۋە ئىغىر مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ.تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بولسا ئانىنڭ سالامەتلىكى بىلەن ھىسابلاشماستىن ئەڭ ئىپتىدائى ئۇسۇل بىلەن چۇشۇرۇپ تاشلىنىدۇ. ھامىلە بولسا تاكى تۇغۇلمىغۇچە ئۆلتۇرۇپ تاشلىنىدۇ .مەركەزنىڭ چىرايلىق سىياستى ئۇ يەردە ناھايتى قورقۇنچلۇق ھەم ۋەھشى ئىجرا قىلىنىدۇ..ئاندىن جەرىمانە ئىلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىچارە ئاياللار كىسەللىك،ئىغىر ئەمگەك ،نامراتلىق،بالىغا قاراش ،جانىۋارلارنى بىقىش،ئۆي ئىشى قاتارلىق تۇگىمەس ئشلار بىچارە ئانىلارنى چىرماپ قاماق ئاستىغا ئالىدۇ.داۋالاشتا ئىتىبار سىياسەت قوللىنىش –ئنتايىن تولا رەسمىيەتلەرنى بىجىرگەندىن كىين بولىدىغان بولغاچقا ،نۇرغۇن ئاياللار نەق پۇل تاپشۇرالمىغانلىقى ئۇچۇن ئادەتتىكى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغىنى بولغان.كىچىك كىسەللىرى ئىغىرلاشقىنى ئىغىرلاشقان.
شىنجاڭدا تاشقى بۆلۇم ئوپىراتسىيەگە مەسئۇل ئۇيغۇر دوختۇرلىرىنىڭ سەۋىيسى باشقا مىللەت دوختۇرلىرىدىن ئىلغار بولغاندەك .داۋالىنىۋاتقان ئۇيغۇر بىمارلىرنىڭ كىسەللىرىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن خىلىلا ئىغىر.
ئاپتونۇم رايونلۇق ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلىمىنڭ مۇدىرى گۇلسارە خانىم مۇنداق دىگەن:ئۇيغۇر ئاياللىرىدا بالىياتقۇ بوينى راكى تۇخۇمدان راكى،سىرتقى جىنسى يول راكى قاتارلىق ئىغىر كىسەللەر خەنزۇلارغا قارىغاندا 6% كۆپ بولۇپ،ئۆلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىسەللىك مەنبەلىرى يەنە:ئىچىملىك سۇيىنىڭ پاك بولماسلىقى،ئوزۇقلۇق سۇپىتىنڭ ياخشى بولماسلىقى،ياخشى كونتىرول قىلىنمىغان زەھەرلىك چىكىملىك،قالايمىقان جىنسى ئالاقىدىن كىلىپ چىققان تاناسىل كىسەللىكلەر،ئارام ئىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى،
،ئۆلۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.بۇنىڭ سەۋەبلىرى ،تۇرمۇش ئادەتلىرى،روھى بىسىم،ئىقتىسادى ئامىللار،
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى-ھامىلدارلار ئاياللار ئۇچۇن ئنتايىن زىيانلىق .شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ،مۇھىتنىڭ سۇپىتى ئۆلچەمدىن تۆۋەن.نوپۇسنىڭ قانۇنىيەتسىز جايلىششى ،سانائەتتىكى كىرەكسىز گاز قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىكى ئۇچۇن يەنە چوڭ بىر كىرزىس.
خىزمەت مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە قىزلىرىمىز ئامالسز قالماقتا...
ئۇرۇمچىدىكى ئاشخانا،رىستۇران، كىچىك دۇكان ،مىھمانساراي، قاتارلىق نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرىدا ئون مىڭلىغان قىزلىرىمىز300-800يۇەنگىچە تۆۋەن ئش ھەققى بىلەن تۇرمۇش كەچۇرىدۇ.تىخى نۇرغۇن قىزلار ئىش ئورۇنلىرىدا تۇرلۇك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن جازالىنىدۇ.ئىش ھەققى تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان ئەمما ئىزچىل ئىش ئىزلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھىلىھەم تەمتىرەپ يۇرىدۇ.ئاسپىرانىتلىققا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش ئوقۇش مۇشكۇل ئىش تۇرۇپ،يەنە پۇرسەتنىڭ تار بولۇشى –قىستاپ يار لىۋىگە ئەكىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ كۇتىدىغان مۇئامىلىسمۇ ئوخشىمايدۇ.ئاياللىرىمىز ھۇرمەتكە ،ئوچۇق-يورۇقلۇققا مۇھتاج.نسبەتەن قىزغىن بولغان خىزمەت مۇھىتىغا مۇھتاج.مىللى ئەنئەنە ئىجرا قىلىنىش شارائىتى بولغان خىزمەت ئورنىغا مۇھتاج.
باراۋەرلىك ئشقا ئاشمىدى.چەتكە قىقىلىش ھىلىھەم مەۋجۇت.ئاياللىرىمىزنىڭ ئوخشاش ئىقتىدار ھازىرلاش پۇرسىتى كەمچىل.ئوخشاش ئىقتىدارى بولغاندا .ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلىشش پۇرسىتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس.
نوپۇسنىڭ كۆپلەپ يۆتكەپ كىلىنىشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئشقا ئورۇنلىشش ،نورمال ۋە باراۋەر پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى تار دائىرىگە چەكلەپ قويماقتا.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىششقا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بۇنداق شەرتلەر ناھايتى كۆپ.ھەممىسى بىر ئورۇنغا قويۇلمىسمۇ ،ئەمما نۇرغۇن قىزلار مۇشۇنداق سىقىپ چىقىرىلماقتا.چەتتە قالماقتا.ئوقۇپ تۇرۇپمۇ جسمانى ئەمگەككە،بەدەن ۋە چىرايغا تاينىپ جان باقىدىغان قوشۇمچە ئەمگەككە سىلىنماقتا.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىشسىزلىق دەرىجىسى ئىنىق تەكشۇرۇلۇشى كىرەك.ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىشسىزلىق سەۋەبى تەكشۇرۇلۇپ ھەل قىلىنىشى كىرەك.ئىشلەشنى خالاپ تۇرۇپمۇ ئىش تاپالماسلىق-جەمئەتنىڭ تىخى قالاق،چۇشكۇن ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.‹‹ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدۇ››دىگەننى نىشان قىلغان جەمىئەتنى ھامان ئىقتىساد ئۆزى ۋەيران قىلىدۇ.چۇنكى ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن تۇزۇملەرنى ئاچكۆزلۇك ۋە رەھىمسزلىك،شەخسىيەتچىلىك پاچاقلاپ تاشلايدۇ.بۇ دەل بىر كۆرىۋاتقان رىئاللىق.
قىزلار ئىدىيدىسى ئوچۇق بولۇشى كىرەك.(ئويۇن-تاماششادا ئاكتىپ بولۇشى كىرەك دىگەنلىك)
كۆپلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرى چىرايى سەۋەبلىك خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بەزى شىركەتلەر ئۇلارنىڭ بەدەن تۇرقى ،چىراي گۇزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قوشۇمچە ئشلارغا ،جۇملىدىن مال سىتىش ،مىھمان كۇتۇش،ئوبراز خادىمى بولۇشقا ئوخشاش ئشلارغا سالىدۇ.ھەتتا پەقەت نامراتلىق سەۋەبلىك بىشىغا كۇن چۇشكەن ئاياللىرىمىزنى ئاستا-ئاستا دۇرۇس بولمىغان قانۇنسىز ،نومۇسىز تىجارەتلەرگە باشلايدۇ.............
تولۇق كۇرس ئوقۇپمۇ ئشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقان قىزلارنىڭ مەسلىسىنى ،سەۋەبىنى ئويلىشش كىرەك.
خەنزۇ تىلىغا راۋان تۇرۇپمۇ ئشقا ئورۇنلىشالمىغان قىزلارنىڭ مەسلىسنى ،سەۋەبىنى ئويلىشش كىرەك.
نىكاھ ۋە مۇھەببەت
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ توي قىلىش مەسىلىسگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئىقتىسادى بىسىم تۇپەيلى ،ئۆي ئىلىش ،توي چىقىمى قاتارلىق سەۋەبلەر توي قىلىش يىشىنى كىچىكتۇرۇشكە،كۆڭۈلدىكىدەك ياشتا پەرزەنىتلىك بولۇشقا ،ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشنى بۇرۇنراق باشلاشقا توسالغۇ بولماقتا.
نىكاھلىق تۇرمۇشتا –يىزا ئاياللىرىنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان مەسللىرى تىخىمۇ كۆپ.ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش،ئۆي ئىشنى قىلىش،بالا بېقىش،ئىتىزلىق ئشلىرى،........
مۇھەببەت مەسىلىسى-توي قىلىش يىشىدىكى شوخ،ھىسياتچان ئۇيغۇر قىزلىرى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرگە مۇھتاج.ئۆزىنى ساپ ياخشى كۆرىدىغان راستچىل ئوغۇللارنىڭ مۇھەببىتىگە،دوسىتلىرى ئارسىدا قەدىرلىنىشكە،چىرايلىق ۋە رەتلىك ياسىنىپ يۇرۇشكە،ئىجتىمائى سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە،زاماننىڭ يىڭىلىقرىدىن بەھرلىنىشكە مۇھتاج.ئەمما ئوغۇللارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ئىقتىدارسىزلىقى ئۇلارنى ھەممىدىن مەھرۇم قويىدىغان ئاساسى سەۋەبلەردىن بولۇپقالغان.ئۇرۇمچىدە ئۇزۇن مەزگىل تەكشۇرۇش ئىلىپ بارغان قاھىرە ئۇنىرىۋىتستىدا ئسلام-ئەرەب تارىخ تەتقىقاتچىسى ھۇسەيىن ئبنى ئابدۇللا ماڭا مۇنداق بىر سۆزنى قىلغان ئىدى:ئاراڭلاردا ئاياللار ناھايتى ھەرىكەتچان ،جانلىق ئىكەن.ئەرلەر بولسا ئاجىز ھەم مەسئۇلىيەتسىز ئىكەن.ئسلام ئىتىقات يولى بويىچە ئىيتقاندا،بىر جەمىئەتنىڭ دىنى ئەقىدىدىن دىنسىزلىششكە قاراپ يۇزلنىشى مەسئۇلىيتى ئاياللاردا ئەمەس،ئەرلەردە بولىدۇ.چۇنكى خۇدا ئەرلەرنى بىر مەرتىۋە ئۇستۇن ھوقۇق،بىر مەرتىۋە كۇچلۇك ،بىر مەرتىۋە يۇقىرى ئەقىل بىلەن ياراتقان بۇ يەردە ئەرلەر ئۇنى تارتقۇزۇپ قويۇپتۇ.›››
كۆپلىگەن ئەركەك ئۇيغۇر ئىزلەنگۇچىلەر شۇنداق ئورتاق قاراشقا كەلدىكى،ئاياللارنى ئەيىپلەش ئاقمايدۇ.پەقەت ئۆزىمىز- ئەرلەر- كۇچلۇك بولۇپ،ئۇلارغا مەسئۇل بولساق ئاندىن بىز ئۇمىت قىلغاندەك بولىدۇ.
ئىتىقات
ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئىتىقات مەسىلىسى ئنتايىن زىدىيەتلىك بىر دەۋىرنى باشتىن كەچۇرۇپ تۇرۇپتۇ.ئىقىمغا ئەگىشش،مودا قوغلىشش بىلەن ئىتىقاتنى ھىمايە قىلىش ،ئەسلىنى ئۇنۇتماسلىق...
دىنى كىتابلار ئنتايىن ئاز بولۇپ ،دىنى بىلىم ئىلىش بوشلۇقى يوق.رادىئو ياكى تىلىۋىزىيە ‹‹دىن ۋە تۇرمۇش ››دىگەندەك بىرەر سەھىپىمۇ ئاچمىغان. مەشرەپتەك مىللى سورۇنلارغىمۇ ياغلىق ئارتىپ كىرگەن ئاياللار قارشى ئىلىنمىغان.تىلىۋىزۇرلاردا كۆرسىتىلىۋاتقىنى پەقەت يات مەدەنىيەت نۇمۇرلىرى بولۇپ،ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا مايىللىق ،دىنسىزلىق،ئۆزىنى ئۇنتۇشقا يىتەكلەش خاراكتىرىدىكى پىروگىراممىلار كۆپلەپ قىستۇرۇلغان.ياغلىق ئارتىپ خىزمەت ئىزلىگۇچىلەر رەت قىلىنغان.بۇنى يەرلىك بىر قىسم ھاماقەت ھوقۇق تۇتقۇچىلارنىڭ بىيۇكىرات ،خاتا بولغان رادىكال ئىدىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ،مىللى تىرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ كىلىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ كىلىدۇ.ئاياللارنىڭ ئىبادەت قىلىش،دىنى كىتاب ۋە ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ،دىنى كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىش ھوقۇقى –ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەت،دىنى –ئىتىقاتى ھوقۇقىنى قوغداش ،كاپەلەتكە ئىگە قىلىش پىرىسنپىغا خىلاپ كىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە دىنى ئىتىقاتنىڭ جەمىئەتنىڭ مۇقىملىقى،ئىناقلىقى،پاراۋانلىقى ئۇچۇن ئنتايىن مۇھىم ئەھمىيتى بولۇپ،بۇنى توغرا چۇشىنىشكە سەۋىر تاقەت كىتىدۇ،ئىلمى ئىزلىنىش كىتىدۇ،كۆزىتىش كىتىدۇ.شىنجاڭدا ئىللىق جەمىئەت قۇرۇشتا ئسلام دىننىڭ رولى ئنتايىن مۇھىم.چۇنكى ئۇ ئەخلاقنىڭ ،قانۇن كۇچلىرى ھەل قىلالمايدىغان چىن ئەخلاقنىڭ سەمىمي قوغدىغۇچىسى.
شۇڭا ئىتىقاتسىزلىق ئەۋج ئالغان ۋە ئىتىقاتسىزلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇرلۇك ئىجتىمائى مەسىللەر ،جۇملىدىن ئاشنا ئويناش،ئاجىرىشش،ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالماسلىق،بەتخەجلىق،ھەددىدىن زىيادە مودا قوغلىشش ،ھاراقكەشلىك،زەھەرلىك چىكىملىك....قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئسلام ئىتىقاتى ئنتايىن مۇھىم.بۇنى خەلق قۇرۇلىتىيى ۋەكىللىرى ئاكتىپ تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىشى كىرەك.
بىلىم
ئاياللارنىڭ بىلىم ئىلىش،ئۆگىنىش،ئشلىتىش،تەپەككۇر قىلىش،يىڭىلىق يارىتىش،ئىجات قىلىش ھوقۇقى بار.ئەمما پۇرسەت بارغانسىرى باراۋەر بولۇش ئايرىم گەپ.
جەمىئەتنىڭ ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى بىلشتە ئاياللارنىڭ ساپاسى مۇھىم كۆرسەتكۇچ.
ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىدا كۇنسايىن ئىلگىرلەش،ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش كۆرۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ ،ئەمما بۇ پۇتۇن مىللەت خانىم-قىزلىرىنىڭ يىرىمىغا يەتمەيدۇ.
بۇ توغرىلىق يىتەرلىك مەلۇمات ھازىرلىنىپ،مەسىلىنىڭ سەۋەبى تەكشۇرۇلۇشى ،ھەل قىلىنىشى كىرەك.
كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەسلىدە باشقا ئاياللاردەك تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشى،بەختلىك ھەم ئىللىق ئائىلىنىڭ پەيزىنى سۇرۇشى كىرەك ئىدى.
.
ئۇيغۇرخانىم-قىزلىرى
ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ نۇرغۇن ھوقۇقى بار.ئاللاغا شۇكرىكى،ئۇلار يەنىلا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ھەممىدىن ئەتىۋار ئەڭگۇشتەر.
ئۇيغۇرئەرلىرىدىكى كۇنسىرى ئويغىنىۋاتقان مەسئۇلىيەت ئىڭى –ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمىئەتتىكى رولىنى كۇچەيتىپ ،مەدىنى ،ئىناق ۋە گۇللەنگەن جەمىئەت بەرپا قىلشىقا تۆھپە قوشقۇسى.