ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى ـــ پەخرىيەئەشرەپ توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقتى: 01:36 10-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
پەخرىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مۇنداقلا تەلىيى كېلىپ ئەليولئەلا بولۇپ قالغان ئەمەس . ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ

2011–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ماتېماتىكا پەن تۈرىدە تولۇق نومۇر ئالغان ئەليولئەلا — پەخرىيە ئەشرەپ توغرىسىدا


2001–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى) نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن ، ئىنتېرنېتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پەخرىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ، ماتېماتىكىدا تولۇق 150 نومۇر ئالغانلىق خەۋىرى تارقىلىشقا باشلىدى . بۇ ئۇچۇرنى دەسلەپ كۆرگىنىمدە ئاز-تولا گۇمانلىنىش ئىلكىدە مۇنداقلا قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم . ئاخشام تور ئارىلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بارلىق نەتىجىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، جۈملىدىن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكا يەككە پەن نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا پەخرىيەنىڭ تولۇق 150 نومۇر ئالغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەيرانلىقى ۋە قايىللىقىنى قوزغايدىغان ئىش ، بۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىلھام–مەدەت بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈسى ...

  بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللىي تىل يېزىقتا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مەخسۇس ماتېماتىكا يەككە پەن نومۇر چېكى بەلگىلىنىپ ، ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئالاھىدە تۆۋەن نومۇر ئېلىپ تۇرۇپمۇ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىشكە خاتىمە بېرىلگەن . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي نومۇرى يۇقىرى بولسىمۇ ، ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا تۆۋەن نومۇر ئېلىش سەۋەبلىك ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالماي قالغان ، بۇ خىل تۆۋەن نومۇر ئېلىش ھادىسىسى ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە كۆپرەك كۆرۈلگەن . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئىچىدە ئەڭ تۆۋىنى ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى بولۇپ ، ھەممەيلەننىڭ ئېڭىدا ‹‹ماتېماتىكا ئىمتىھانى ئەڭ قىيىن›› دەيدىغان قاراش پەيدا بولۇپ قالغان . مانا ھازىر پەخرىيە ماتېماتىكىدا تولۇق 150 نومۇر ئېلىپ ، بۇ قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى.

  مەن پەخرىيەنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە زىيارەتكە كەلدىم . مەكتەپ ئالدىغا چوڭ قىلىپ ئېسىلغان پەخرىيەنىڭ سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە نەتىجىسى يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى ، دەرۋازا ئۈستىگە پەخرىيەنىڭ نەتىجىسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ پىلاكات تارتىلغان ئىدى . بەزىلەر ئۇنىڭ ئالاھىدە نەتىجىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالسا ، يەنە بەزىلەر ‹‹ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز›› دېيىشەتتى ، يەنە بەزىلەرنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ نەتىجىسىگە بولغان قايىللىق چىقىپ تۇراتتى . بۇ خىل ھەقىقەت ئالدىدا كىممۇ ئۇنىڭغا گۇمان نەزەرىدە قارىيالىسۇن ؟

  شۇ يەردە تۇرغىنىمدا بۇ جىيىڭ ئىسىملىك بىر كىشى كېلىپ : ‹‹مەن ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم ، ئۇنىڭ يۇقىرى نەتىجىسىنى كۆرۈپ بەك خۇشاللاندىم ›› دېدى . ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى يالغۇز مەكتەپ بويىچىلا يۇقىرى ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىرىنچى بولۇپ، ئومۇمىي نەتىجىدە ‹‹ قوش تىل ›› بويىچە تەبىئىي پەن ئەليولئەلاسى بوپتۇ . پەخرىيەنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ساۋاقداشلىرىدىن مەرھابا ، مۇنىرەلەر ئۇنى تەرىپلەپ : ‹‹ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ ، كەمتەر ۋە ئېغىر–بېسىق ، دوستلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدۇ ›› دېيىشتى .

  مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىنۇر ئۆمەرنى زىيارەت قىلدىم . ئۇ پەخرىيە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹پەخرىيە ئەشرەپ تولۇقسىزنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46–ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، 2008–يىلى 8–ئايدا مەكتىپىمىزگە قوبۇل قىلىنغان ، ئۇ شۇ يىلقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە 4–بولغان . ئۇ مەكتىپىمىزگە كىرگەندىن كېيىن ئىزچىل تىرىشىپ ئوقۇدى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى ، تولۇق ئوتتۇرا 1-، 2- يىللىقتىكى نەتىجىسى ئۇدا 1-بولدى . پەخرىيەنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوقۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى ›› .

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نىسبەتەن ئەڭ ھالقىلىق پەيت يەنىلا تولۇق ئوتتۇرا 3–يىللىق مەزگىلى، بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تەكرار قىلمىغاندا ، ئىلگىرىكى نەتىجە ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ . مەكتەپ پەخرىيەنىڭ ئوقۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ، بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا 3–يىللىققا چىققاندا ، مەكتەپ سىنىپ تەڭشەپ ، ئۇنى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە دەرس ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ ھەقتە ماھىنۇر مۇئەللىم : ‹‹پەخرىيەنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن ، مەكتەپ ئۇنى خەنزۇ سىنىپقا كىرىپ ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە دەرس ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ›› دېدى . ئەمما ، ئۇ ‹‹ قوش تىل›› سىنىپىدا بولغاچقا، باشقىلار ئىنگلىز تىلى ئوقۇسا، ئۇ خەنزۇ تىلى ئوقۇشى ، باشقىلار خەنزۇچە ئەدەبىيات دەرسى ئاڭلىسا، ئۇ ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرسى ئاڭلىشى كېرەك ئىدى . بۇ مەسىلىنى قايسى ئۇسۇلدا ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ ؟ ماھىنۇر مۇئەللىم مۇنداق دېدى : ‹‹تولۇق 3–يىللىق 22–سىنىپ پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان تەجرىبە سىنىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ . بىز پەخرىيەنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سىنىپى — تولۇق 3–يىللىق 10–سىنىپ بىلەن 22–سىنىپنىڭ دەرس جەدۋىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن خالىي قىلدۇق ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەدەبىيات ۋە خەنزۇ تىلى قاتارلىق دەرسلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سىنىپىغا كىرىپ ئاڭلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردۇق ›› .

  پەخرىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مۇنداقلا تەلىيى كېلىپ ئەليولئەلا بولۇپ قالغان ئەمەس . ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىلگىرىكىدەكلا تىرىشىپ ئوقۇدى . ئاتا–ئانىلىرىمۇ ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى . مەكتەپ بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى يىراقراق بولغاچقا ، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا 2 –يىللىققا چىققاندا ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە مەكتەپكە يېقىن ئەتراپتىن ئۆي سېتىۋېلىپ كۆچۈپ كەلدى . ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە ، ئۇ ئالىي مەكتەپ مانېۋىر ئىمتىھانلىرىدىمۇ يەنىلا بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى ، ھەتتا ئىككىنچى بولغانلار بىلەن نەتىجە پەرقى 100 نومۇر بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  پەخرىيەنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇسەمەت ئابدۇغەنى مۇنداق دېدى: ‹‹پەخرىيەنىڭ بۇنداق يۇقىرى نەتىجىسى كېيىنكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ . پەخرىيە ئەدەبىيات دەرسىدىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، نۇتۇق قابىلىيىتى يۇقىرى ، رىياسەتچىلىك ئىقتىدارى ياخشى ، يېزىقچىلىقتىمۇ ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ ، ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئۇنىڭ ماقالىسى ئۈلگىلىك ماقالە سۈپىتىدە سىنىپتا باشقا ساۋاقداشلارغا ئوقۇپ بېرىلىدۇ ›› . پەخرىيەنىڭ مىجەزى ئوچۇق–يورۇق، سىلىق–سىپايە ، كەمتەر بولۇپ، ناھايىتى پائالىيەتچان ئىكەن . ئۇنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتىنى ھەممەيلەن بەك ياقتۇرىدىكەن . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى نومۇر مۆلچەرلەش ۋاقتىدا ئۇ ئومۇمىي نومۇرىنى 690 ئەتراپىدا، ماتېماتىكا نەتىجىسىنى 148 دەپ مۆلچەرلىگەن ئىكەن . نەتىجىسىنىڭ مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىقىشىدىنلا ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .

  پەخرىيەنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، باشقا ئىشلارغا ۋاقتىنى زايە قىلمايدىكەن .ئادەتتە تورغا كۆپ چىقىپ كەتمەيدىكەن ، چىققان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاساسلىقى ئۆگىنىشىگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ كۆرىدىكەن ، ئۇ ھازىرغىچە يانفون ئىشلەتمىگەن بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدە پەخرىيە كېيىنكى يىللاردا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئىنى–سىڭىللارغا مۇنۇلارنى دېدى : ‹‹ئىمتىھاندىكى پىسخىكا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، پىسخىكىلىق تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنچىلىك تەس ئەمەس ئىكەن . مېنىڭچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي بىلىملەرنى پۇختا ئۆگەنسە ، ئۆگىنىش جەريانىدا ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرسە ۋە ئۇنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرسا، تولۇق ئوتتۇرا جەريانىدىكى ئۈچ يىل ۋاقىتنى چىڭ تۇتسىلا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە قىيىن ھېسابلانمايدىكەن ›› دېدى . ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى ئارزۇسىغا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا كەسپىنى تاللىغان بولۇپ ، گەرچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇندىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھەقىقەتەنمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر پىسخىكىلىق ‹‹جەڭ››، تىرىشچانلىق بولسىلا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹ بەيگە ›› گە تەييارلىنىۋاتقانلار چوقۇم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى ، بولۇپمۇ ‹‹قوش تىل ››سىنىپىدا ئوقۇغانلار ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئىمكانىيەت يار بەرسە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا ھەرخىل ئىنگلىزچە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىپ ، كېيىنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇل سېلىشى كېرەك .ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ، بەك رايىغا بېقىپ كەتمەي ، قاتتىق تەلەپ قويۇشى ، ئۇلارنىڭ ياخشى مىجەز–خاراكتېر، پىسخىك ساپاغا ئىگە بولۇشىغا كۈچ چىقىرىشى كېرەك . شۇندىلا پەخرىيەگە ئوخشاش پەخىرلىك قىز–ئوغلانلىرىمىز داۋاملىق يېتىشىپ چىققۇسى!!!

ياخشىكەن
(24)
85.7%
ناچاركەن
(4)
14.3%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر