چەتئەلدىكى كاماندۇروپكىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن پەزىلەت مۇتەللىپ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، ئۇرۇق – تۇققان، دوسىتلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالدى. ئۇچۇردا ئاساسەن دېگۈدەك: <سەن توردىكى داڭلىق شەخىس بولۇپ كەتتىڭ، تورداشلار سېنى - ئاز ئۇچرايدىغان ھەم قابىلىيەتلىك ھەم گۈزەل ئارخىتېكتور- دەپ ماختىدى> دىگەن مەزمۇندا ئىدى.
بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن پەزىلەت مۇتەللىپ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش – لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىدىكى ئاكادىمىك ۋاڭ شياۋدۇڭ قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ ئارخىتېكتورى. ئۇ قەشقەر كوناشەھەردىكى ئاخۇ كوچىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى بويىچە تارقىتىدىغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى مۇكاپاتىغا ئەسىرى قاتناشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ بىر پارچە رەسىمى بىلەن ئۇتۇقىنى بىرسى سىنادىكى بلوگىدا ئېلان قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە، بۇ بلوگ يازمىسى 500 قېتىمغا يېقىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان، 150كە يېقىن كىشى بۇنىڭغا ئىنكاس قالدۇرغان.
سىنادا يازما ئېلان قىلغان كىشى جۇڭگو قۇرۇلۇش ۋاستىچىلىك مۇكاپاتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى جاۋ دۇڭشەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق يازىدۇ: < مەن تېخى شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۇرتىدىكى يولداشلار سۈرەتنى خاتا ئەۋەتىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. كېيىن بىلسەم، رەسىمدىكى بۇ گۈزەل قىز ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو قۇرۇلۇش ۋاستىچىلىك مۇكاپاتى تۇرالغۇ قۇرۇلۇش ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئەسىرى قاتناشتۇرۇلغان – قەشقەر كوناشەھەر رايونى ئاخۇ كوچىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشدىكى ئارخىتېكتورلارنىڭ بىرى – پەزىلەت مۇتەللىپ ئىكەن. ئۇ يېقىندا شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۇرتىغا ۋاكالىتەن مۇكاپات قوبۇل قىلىدۇ. > بلوگنى كۆرگەن كۆپ ساندىكى تورداشلار: < ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ھەم قابىلىيەتلىك ھەم گۈزەل ئارخىتېكتور ئىكەن > دەپ باھا بەرگەن. كېيىن ياشىن تورىنىڭ مۇخبىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن.
12- چىسىلا، مۇخبىر شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۇرتىدا پەزىلەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىڭ تەبئىي ھالدا قويۇپ بېرىلگەن ئۇزۇن چاچلىرى، بەدىنىگە خوپ ياراشقان كۈمۈش رەڭلىك چاپىنى، پادىچىلار ئىشتىنى ۋە راھەت ئايىقى، مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدىدىكى پەزىلەتنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھالىتىنى نامايەن قىلغان ئىدى. توردىكى پاراڭلار ھەققىدە گەپ بولغاندا پەزىلەت : < بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن > دېدى.
پەزىلەت دالىيەن لىگۇڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. <ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا تىل ئۈگىنىۋاتقىنىمدا، بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە، مەكتىپىمىزنىڭ قۇرۇلۇش فاكولتىتىدا ساۋاقداشلار لايىھەلىگەن قۇرۇلۇش مودىللىرىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە بىر ئوت تۇتاشتى، ئىككىنچى يىللىققا چىقىپ كەسىپ تاللىغاندا مەن قۇرۇلۇش فاكولتىتىنى تاللىدىم> دەيدۇ ئۇ. 2008- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۇرتىدىكى ئاكادىمىك ۋاڭ شياۋدۇڭنىڭ قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىشخانسىدا ئىشلىگەن.
< ئاكادىمىك ۋاڭ شياۋدۇڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان؛ مەن بۇ يەردە ئىشلىگەندىن تارتىپ ئۇ ماڭا نۇرغۇن يول كۆرسەتتى ھەمدە مېنى قەشقەر كوناشەھەر رايونى ئاخۇ كوچىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە قاتناشتۇردى > دەيدۇ پەزىلەت.
بۇ يىل 3- ئايدا، پەزىلەت تىل بىلىشتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن قەشقەر كوناشەھەر رايونىدا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرۇپ، ۋاڭ ئاكادىمىكنىڭ ئۆزگەرتىش تۈرىدىكى 30 نەچچە ئائىلىلىكنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنى لايىھەلەش خىزمىتىگە ياردەملەشتى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بىر ئارخىتېكتور بىرلا ئۆزگەرتىش تۈرىگە مەسئۇل بولاتتى. لېكىن پەزىلەت قەشقەر كوناشەھەر رايوندىكى ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە 30 ئائىلىنىڭ ئىشىنى قىلدى، يەنى ئۇ 30 تۈر ھېسابلىنىدۇ. < ھەر بىر ئائىلىنىڭ لايىھىسىنى ئاز دېگەندىمۇ بەش، ئالتە قېتىم ئۆزگەرىتتىم،ھەتتا بىر ئۆينىڭكىنى 10 قېتىم ئۆزگەرىتتىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆي ئىگىلىرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن بولدى.> دەيدۇ -ئۇ . قەشقەر شەھىرى يەر تەۋرەش بەلبىغىغا جايلاشقان بولغاچقا، قەشقەر كوناشەھەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئارخىتېكتورلار لايىھە تۈزگەندە، بىر تەرەپتىن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسى ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆينىڭ يەر تەۋرەشكە بولغان چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى. < لايىھە جەريانىدا، ئەگەر ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىنىڭ ئىشىك – دەرىزىلىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، بىز ئاۋال ئۇلارنى ئۆلچىۋېلىپ ئاندىن لايىھەلىدۇق، بۇ ئارقىلىق ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق بىلەن كوناشەھەر رايونىنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتۇق >. دېدى پەزىلەت. پەزىلەتنىڭ ئانىسى دوختۇر، دادىسى بولسا ئۇنۋېرستىت ئوقۇتقۇچىسى، ئۇلار ئۈچ ئاچا -سىڭىل. تۇرمۇشتىكى پەزىلەت ئۆزى بىلەن تەڭتۇش باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئاددى ھەم يېقىملىق بىر ئۇيغۇر قىزىدۇر.