مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 917 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ، بولۇپمۇ ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى سېمىز ئاياللاردا ئۆتكە تاش چۈشۈش نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ؟

   1. تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىش ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل . چۈنكى ، تاماق يېمىگەن ۋاقىتتا ، ئۆت ئىچىگە ئۆت سۇيۇقلۇقى توشقان ھالەتتە تۇرىدۇ ، ئۆت خالتىسى شىللىق پەردىسى سۇنى سۈمۈرۈۋېلىپ ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرىۋېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ ، ئۆت لېيىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئەگەر، تاماق يېسە ، يېمەكلىك 12 بارماق ئۈچەيگە بارغاندا ، رېفلېكس خاراكتېرلىك ئۆت خالتىسى قورۇش ماددىسى ئاجرىلىپ چىقىپ ، ئۆت خالتىسىنى قورۇيدۇ . بۇ ۋاقىتتا كۆپ مىقداردىكى قويۇق ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۈچەيگە چىقىرىلىدۇ . شۇڭا ، تەرتىپلىك ئوزۇقلانسا ، ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 

   2. يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش . يۇقىرى ئاقسىللىق ، يۇقىرى ياغلىق ، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىپ ، تەركىبىدە سېللۇلوزا مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا ، خولېستېرىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ياخشىلاپ ئۆتتە تاش شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . يەنە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسە ، ئۆتنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى ھەم ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 

   3. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، ئۆتكە تاش چۈشۈش ئىرسىيەت خاراكتېرلىك ئىكەن . شۇڭا جەمەتىدە ئۆتكە تاش چۈشۈش تارىخى بارلار مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ خىل كىشلەر قەرەللىك ھالدا قورساق قىسمىنى B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ، قان يېغىنىمۇ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ئۆتكە تاش چۈشۈشنى بالدۇر بايقاپ ، بالدۇر داۋالىغىلى بولىدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.