مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 878 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەنگىلىيەلىك ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتىگە تاش چۈشكەن بارلىق 20-35 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ كېچىدە ئاچ قورساق تۇرۇش ۋاقتى باشقا ئوخشاش ياشتىكى ساغلام ئاياللارنىڭكىدىن ئۇزۇن ئىكەن. بۇ بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى كۈندە ئەتىگەندە ناشتا قىلمايدىكەن ياكى ئازراقلا قەھۋە ئىچىپ بولدى قىلىدىكەن. ئاچ قورساق ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆتكە تاش چۈشۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئاچ قورساق  ۋاقىتتا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلايدۇ ھەمدە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئۆت كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئاز، خولېستېرىننىڭ مىقدارى ئۆزگەرمىگەچكە، بىر خىل يۇقىرى خولېستېرىنلىق ئۆت سۇيۇقلۇقى شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل ئاچ قورساق يۈرگەندە، خولېستېرىن ئۆت سۇيۇقلۇقىغا چۆكۈپ، تاشنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاچ قورساق ۋاقىتتا ئۆت سۇيۇقلۇق چىقارمىغاچقا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆت ئىچىدە يىغىلىپ قېلىشىمۇ تاش چۈشۈشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ناشتا قىلمايدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن زۆرۈر.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.