ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، ئۆتكە تاش چۈشمەيدۇ. چۈنكى، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىن، ئۆت كىسلاتاسى ۋە لېتسىتىنلارمۇ مۇئەييەن نىسبەتتە بولىدۇ. خولېستېرىن ئېرىش ھالىتىدە بولۇپ، چىقرىپ تاشلانمايدۇ. لېكىن، ئۈچىنىڭ نىسبىتى بۇزۇلغاندا، خولېستېرىن مۇتلەق ياكى نىسپىي تويۇنۇپ، خولېستېرىن كىرىستالىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئاندىن مۇتسىن بىلەن بىرىكىپ تاش ھاسىل قىلىدۇ. ئۆتكە تاش چۈشۈش ئالدىن بىلەن يېمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: مول ئاقسىللىق، مايلىق ۋە يۇقىرى ئىسسىقلىقىتىكى يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارى زىيادە تويۇنۇپ، ئاسانلا خولېستېرىنلىق تاش قاتمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاقسىل تەركىبى تۆۋەن، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا ئۆت پىگمېنتلىق تاش قاتمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.