ئۆت-ئادەم بەدىنىدىكى نەشپۈت شەكىللىك خالتىسىمان ئەزا بولۇپ، قورساقنىڭ يۇقىرىقى ئوڭ تەرىپىگە، يەنى ئوڭ قانات جىگەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان. شۇڭا، ئۆت ياللۇغى قوزغالغاندا، ھەمىشە قورساقنىڭ يۇقىرىقى ئوڭ تەرىپى ئاغرىيدۇ. ئۆت خالتىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8-12 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3-5 سانتىمېتىر، ھەجمى 40-60 مىللىمېتىر بولىدۇ.
ئۆت خالتىسى-ئۆت ئاستى، ئۆت گەۋدىسى، ئۆت بوينى ۋە ئۆت نەيچىسىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. جىگەر ۋە ئۆت قورساقنىڭ يۇقىرىقى ئوڭ قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يېرىم يۇمىلاق كەلگەن ئۆت ئاستى سول تەرەپكە سوزۇلۇپ، ئۆت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاندىن يەنە ئالدىغا ئېگىلىپ ۋە تارىيىپ، ئۆت بوينىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۆت بوينى ئۇزىراپ، ئۆت نەيچىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۆت بوينىنىڭ يۇقىرىقى قىسمى خالتىسىمان كېڭەيگەن بولۇپ، بۇ خارتمان خالتسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆتكە تاش چۈشۈش دەل مۇشۇ خارتمان خالتىسىدا يۈز بېرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.