ئالمىتى: باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئايلىنىش، قۇسۇش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، ھەزىمى بۇزۇلۇش، رەڭگى سارغىيىش، ئۆت خالتىسى بار جاي قىزىش بولىدۇ. ئۆت تېشى ئۆت يوللىرىغا ئۆتكەندە تۆش ئاستى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىق ھەتتا ئوڭ تەرەپ تاغاقلىرىغىچە تارقىلىپ ئاغرىيدۇ. كېسەل بىر تۇتقاندىن كېيىن كېسەل بىر ئاز سارغىيىپ بىردەمدىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ، باش تولا ئاغرىيدۇ. بەدەن ئورۇقلايدۇ. كۆز سېرىققا مايىل ئاق بولىدۇ.
سەۋەبى: قاتتىق سەپرانى قوزغاتقۇچى ھەم پەيلەرنى چىڭىتقۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغانلىقتىن، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاشىدۇ، ئۆت خالتىسى ۋە ئۆت يوللىرى بىراقلا قىسقىراش نەتىجىسىدە ئېسىلىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭلاشقا سەپرانى قوزغاتقۇچى ھەم توختاتقۇچى نەرسىلەرنى بىرگە ئىستېمال قىلمىسۇن.
12 بارماق ئۈچەي يارىسى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈچەيگە كېلىشىنى توسۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن جىگەر ھەم جىگەرنى تۇتۇپ تۇرغۇچى گۆشنى ئېچىتىپ، چىرىتىپ ئىششىق پەيدا قىلىدۇ.
بۇنىڭ ئالامىتى: چۈشتىن كېيىن قورساق ئېسىلىش، خام كېكىرىش، قاتتىق ئۇسسۇزلۇقلار بۇنىڭ ئالامىتىدۇر ھەمدە بەدەن ئورۇقلاش، سۈيدۈك گۆش يوغان سۇدەك كېلىشلىرى بۇنىڭ ئالامىتىدۇر.
بۇنىڭ ئىلاجى: ئالدى بىلەن 12 بارماق ئۈچەي توسالغۇسىنى ئېچىش لازىم. ئۆت كېسىلى پەيدا بولغان كىشىلەر، ماي، ھەسەل، قوغۇن، تۇخۇم قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمىسۇن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.