رىسالەت مەردان بلوگى
باغداش چۆچىكى-6
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/132664445.html
6-قىسىم
ئالتەيلەن شۇ كېچىسى خۇددى بوۋاقتەك خاتىرجەم ئۇخلاپتۇ، ھەتتا سەبىي بالىلىق چاغلىرىنى، ئۆزىنىڭ بوۋاق ۋاقىتلىرىنى چۈش كۆرۈپتۇ. ئۆزلىرىنى يۆگەكتە، بۆشۈكتە ياتقاندەك ھېس قىلىپ، شېرىن تۇيغۇ ئىچىدە ئەللەيلىنىپتۇ. ئەتىسى تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ، تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپتۇ، نىمە تەييارلىق بولاتتى، ئىلىم توپىدا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئۆتەپتۇ، كۆكتۈرۈك ئۆزىنىڭ خىزمەت كۆرسىتىش پۇرسىتنىڭ كەلگىنىدىن خوش بولوپ، سومكىسىدىكى يەر شارى ئورن بەلگىلەش سېستىمىسىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئايالىغا مەلۇم قىپتۇ، يانچۇقىدىكى سەۋزە تۈرمىلىنى كۆپچىلىككە ناشتىلىققا سۇنۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن توخۇتۇرمۇ توخۇ گۆشى قېزىلىرىنى داستىخانغا تاشلاپتۇ. ئىلىم بولسا سومكىسىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى تاشئالمىلارنى تاشلاپتۇ. ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ چوڭقۇر بىر تىنىپ، بىر ئېغىزدىن ::‹‹ ماڭايلى!!!›› دەپلا سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
يول بۇرۇنقىغا ئوخشايدىكەن، ئۇلارنىڭ جىددىيلىكى تۈگەپ، ئالغا قاراپ مېڭىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قۇملار ئىچىدە سىيرىلىپلا بىر يەرگە كىرىپ كىتىپتۇ. ھەممەيلەن توۋلىشىپ، يىغلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشپ، رازىلىق سورىشىپتۇ. بىر كەمدە قارىسا، ئۆزلىرىنىڭ قۇم ئاستىدىكى بىر شاھانە ئۆيگە كىرگەنلىكىنى بىلىپ ھەيرانلىقتىن ھەس بولۇشۇپ، ئەقلى ھوشىنى يوقىتىپ قويايلا دەپتۇ.
-يائاللا، بىز بۇ ئۆيگە نەدىنمۇ كىرىپ قالغاندىمىز،-دەپتۇ ئىلىم تاملارنى سىيلاپ بېقىپ، ئەمدى ئۆلمەيلا گۆرگە كىرىپ كەتتۇقمۇ نىمە؟
-ئاغىزىڭىزنى ئۈششۈتمەڭە ئىلىم موللا،-دەپتۇ توخۇتۇر تەمكىنلىك بىلەن،-ھەر بىر ئىشتا ھېكمەت باردۇر. سەۋىرچان بولۇڭ، قاراپ باقايلى، كىمدە سەرەڭگە بار؟
-مەندە بار، تاماكا چەكمىسەكمۇ ئېلىپ قويغانمىز.-كۆكتۈرۈك يانچۇقىدىن چاقماق چىقىرىپتۇ. ئۇلار چاقماق يورۇقىدا بىر شامداننى تېپىپ، ئۇنى يورۇتقانكەن، ئۆينىڭ ئىچى كۈندۈزدەك يورۇپ كىتىپتۇ.
ئۆي بەئەينى ئامىرىكا فىلىمى ‹‹دۆلەت خەزىنىسى ››دىكى ئالتۇن ساقلانغان ئۆيگە ئوخشايدىكەن. ئالتۇن ھەيكەللەر، كۈمۈش جاھازىلار، مەرۋايىت، ياقۇت، گۆھەرلەرنىڭ بىرىمۇ كەم ئەمەسكەن. –خۇدايىم بەردى دىگەن شۇ، ئۆتىگەن نامازلىرىمنىڭ بەركىتى ...-ئىلىم شۇنداق دەپ، ئۈستىدىكى مەللە رەڭ تونىنى سېلىپ، ئىككى ئاغىزىنى بوغۇپلا ئىچىگە ئالتۇن قاچىلاشقا باشلاپتۇ، ئوغۇزخان قارا دۆۋىدىكى لىۋەن يارى ئۈچۈن تويلۇققا بىر يۈرۈش ئالتۇن جابدۇق ئاپتۇ. ئىۋىرغول بولسا يانچۇقىغا بەشتال گۆھەر ساپتۇ. توخۇتۇر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ ئالتۇنلارنى بانكا ھېساباتىغا كىرگۈزسە قانچىلىك سۇ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپتۇ، كۆكتۈرۈك بولسا تۆرىگە قويۇلغان رىيىلغا قويۇقلۇق تۇرغان كىتابنى ھەجىلەپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ.
‹‹بۇ ئۆينى تىلسىم دەرلەر، كىرگەنلەر نەپىسىنى دەسسىيەلمىسە، بۇ ئۆيدە مەڭگۈ قالۇرلەر.››
-ئاغىنىلەر، چاتاق، بۇ بايلىققا تەگمەيلى، چىقىپ كىتەلمەيمىزكەن.
-يوق گەپنى قىلماڭە، بۇ دىگەن ئاللا ئاتا قىلغان بايلىق. –دەپتۇ ئىلىم ھەسرەپ ھۆمۈدەپ تۇرۇپ.
-ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس بايام بىز بۇ ئۆينىڭ مورىسىدىن كىرگەن، بەخۇدۇك چىقىپ كىتەلەيمىز.-دەپتۇ ئوغۇزخان. بۇ گەپتىن ئىلھام ئالغان كۆكتۈرۈك قەدىمىي كىتاب، ۋەسىقە، پۈتۈكچىلەرنى يىغىشقا باشلاپتۇ، ئىچىدە بولسا‹‹بۇنى ئېلىپ چىقىپ كىتەلىسەم خىزمەتنى تاشلاپ، پۈتۈن ئۆمرۈمنى مۇشۇنى يىشىشكە ئاتايمەن›› دەپتۇ. بۇنى ئۇققان كىتابلار ۋاراقلىرىنى سىلكىپ، مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپتۇ.
ئۇلار يىغقان بايلىقلىرىنى سومكىلىرىغا سېلىپ، چىقىپ كىتەيلى دەپ مېڭىپتۇ، قات-قات ئۆيلەردىن ئۆتۈپ، مىڭلىغان تام رەسىملىرىنى تاماشا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرى كىرگەن مورىنى قەتئىي تاپالماپتۇ. ئۇلارنىڭ قوساقلىرى ئېچىپ، سومكىلىرىدىن بايام پىقىرىتىپ تاشلىغان نانلارنى غاجاپتىكەن، نانلار تاشقا ئايلىنىپ قاپتۇ، ئىچىدىغان سۇلار بەتتام سېسىق سۇغا ئالمىشىپتۇ، ئۇلار بايلىقتىن كەچكۈسى كەلمەي، يۈگرۈپ يۈرۈپ چىقىش يولى ئىزدەپتۇ، لېكىن ھېچنىمىنى تاپالماي، قوساقلىرى پىياز بولۇپ، تىللىرى ساڭگىلاپ كىتىپتۇ.
-مەن چىدىمىدىم، -دەپتۇ كۆكتۈرۈك،-ھەممەيلەن قولىمىزدىكى نەرسىلەرنى جايىغا قويۇپ قويايلى، ئاندىن چىقىش يولى ئىزدەيلى.
-ماقۇل، مەن قۇشۇلىمەن،-دىيىشىپ ھەممەيلەن ئالغان نەرسىلىرىنى جايىغا قويۇپتۇ. شۇندىلا ھېلىقى مورا ئاغىزى ئېچىلىپتۇ. ئۇلار ئالدى كەينىگە قارىماي چىقىپ كىتىپتۇ. شۇندىلا ئۇلارنىڭ نان-چايلىرى ئەسلىگە كېپتۇ، ئۇلار چۈشلۈك تاماقلىرىنى يەپ، يەنە سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار كەچ كىرگۈچە مېڭىپ، بىر قونالغۇغا كەپتۇ، قول-قولچە قۇرۇپ قالغان يۇلغۇن كۆتەكلىرىنى يىغىپ ئوت قالاپ، تۇشقان تۇتۇپ يەپ،ئۆزلىرىنىڭ كۆنگەن ھاياتىغا ئوخشاشمايدىغان تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بوپتۇ.
-توۋۋا دەيمەن جۇمۇ،-دەپتۇ توخۇتۇر توخو پېيىگە ئوخشاش ساقىلىنى سىقىمداپ تۇرۇپ،-كىشىنىڭ ھەققىگە چېقىلسا بولمايدۇ، دەپ ئاڭلاپتىم، ئەمەلغۇ قىلغان، لېكىن نىمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، موشۇ ئادەمسىز يارداڭلىق-چۆلدە كىشىلەرنىڭ ھەققىگە كۆز قىزارتىپتىمىز، تاس قالدۇق شۇ يەردە تاشقا ئايلىنىپ قالغىلى. ئەمدى بۇ پۈتۈن ئۆمرۈمگە ساۋاق بولدى، يولدا بىر تاغار ئالتۇن كۆرسەممۇ كۆز قىرىمنى سالمايمەن.
-مەنمۇ شۇ....
ئۇلار ئەمدىلا ياتاي دىيىشىگە، ئۇلارنىڭ ئوتى توساتتىن يالقۇنجاپ كۆيۈپ كىتىپتۇ. خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلار تۇيماپتۇ، ئەمما كىتابلارنىڭ ھەسرىتىدە تولغۇنۇپ ئولتۇرغان كۆكتۈرۈڭ ئوتنىڭ بىر خىل شەكىل چىقىرىپ كۆيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئوت تەنلىك جىنلار بولمىسۇن دەپ قورقۇپ قاپتۇ.
-كىمسەن ؟ ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل، -دەپ ۋاقىراپتۇ ئۇ بۇينىنىڭ ئىچكىرىسىگە ئېسىۋالغان تۇمارنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
- ھا ھا ھا .. بىر كۈلكە ئاۋازى ياڭراپ ھەممەيلەن ھەيرەتتە قاپتۇ.
-كىمسەن ؟ -ئىلىم كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئوقۇپ –ھۈرۈپتۇ، توخۇتۇر كەينىگە داجىپ سۇئال سوراپتۇ، ئوغۇزخان يەنىلاياللىق ھالىتىگە قايتىپتۇ، ئىۋىرۈول بولسا يانچۇقىدىن بىر تال نەيزىنى چىقىرىپ قۇراشتۇرۇپ ئېتىشقا تەييارلىق قىپتۇ.
-پېقىر ئو. ز ئەپەندىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى، ئىش بىجىرگۈچى كاتىبى ئەلنۇر ئالاھىدە خان بولۇرمەن. دەپ ئوتنىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى سىلكىپ ئۇلارغا قاراپ نازلىق كۈلۈپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئىلىمنىڭ كۆزى تاڭسىڭنىڭ كاساياسىنى كۆرگەن ھېلىقى راھىبتەك چىمىرلاپ كىتىپتۇ، ئوغۇزخان ئىچىدە مېنىڭ قارادۆۋىلىك مەبىتىمدەكلا چىرايلىقكەن دەپ ئويلاپتۇ. كۆكتۈرۈك بۇ تاراتىگۈلنىڭ ساۋاغدىىشى ھەجەب بۇ چۆلدە ئىش بىجىرىش ئورنى ئاچقىنىنى، يامانكەندە كاساپەت دەپ ئويلاپتۇ. توخۇتۇر توخۇ باققۇچى ئايالىمغا خىيالىمدىمۇ خىيانەت قىلمايمەن دەپ يەرگە قاراپ پۇتى بىلەن يەرنى سىجاپ تۇرۇپتۇ، ئىۋىرغول بىلەن ئوت يۈرەك ھەي....بۇ ئەلنۇرخاننىڭ سىڭلىلىرى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كىتىپتۇ.
-يالغان، سەن دىگەن ئوت جىن.
-ھەي ئوغۇزخان، ئىۋىرغول، بۇلارغۇ تاشقى دۇنيا ئادەملىرى ئىشەنمىسۇن، سىلەرمۇ ئىشەنمەمسىلەر؟
دەررۇ سۇئالىمغا جاۋاب بىرىڭلار.
-مەيلى، سۇئالىڭغا جاۋاب بىرەيلى، ئەمما جاۋاب بەرسەك قانداق، بەرمىسەك قانداق ؟
-جاۋاب بەرسەڭلار ئو. ز ئەپەندىم ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدۇ، جاۋاب بەرمىسەڭلار مۇشۇ ئوت كاڭغا ئورون تەييارلايمەن، شۇ يەردە تاكى يەنە بىر تىلسىمچى كېلىپ سۇئاللارغا جاۋاب بەرگۈچە ئۇخلاپ تۇرىمىز.
-ئاھ ئوغلۇم ئاقتۈرۈك، سەن خېلى ئەلاچى ئىدىڭ، سېنى ئەكەلسەم سۇئاللارغا جاۋاب بىرەتتىڭ. ھېسابقا مەندىنمۇ ئۇستا ئىدىڭ.-دەپتۇ كۆكتۈرۈك نالە قىلىپ.
-خاتىرجەم بولۇڭ، ھېسابلاش يوق. ئۆزۈڭلارنى سىنامسىلەر ياكى ئاستا كەشىڭلارنى تۇغىرلامسىلەر؟
-جاۋاب بىرىلى، بەرىبىر بارساقمۇ بىزنى باغداش تەۋەسىدىن سۈرۈپ چىقىرىۋەتسە نەدىمۇ يۈرەرمىز.
-سۇئال: قومۇل دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە ؟
-مەن بىلىمەن، قەۋمى مول دىگەن گەپ، بۇنى بوۋام دەپ بەرگەن.دەپتۇ ئوغۇزخان
-قۇممۇل دىگەن گەپ ،بۇنى مەن كىشىلەردىن ئاڭلىغان.-دەپتۇ ئىۋىرغول.
-ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سوراي، قومۇل دىگەن نىمە ؟
-بۇنى مەن دەي، دەپتۇ بۇرۇنقى زاماندا باخشىلارنى قام دەيدىكەن. شامان دىنى زامانسىدا قومۇلنى قاملارنىڭ ئېلى دەپ ئاتىغان.شۇڭا قىسقارتىلىپ قۇمۇل دەپئاتالغان.-دەپتۇ كۆكتۈرۈك يوق كۆز ئەينىكىنى تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇپ.
-نىمە ؟ سىلەرنىڭ تەتقىقاتىڭلار خېلى بىر يەرگە بېرىپتۇ جۇمۇ. توغرا. ئىككىنچى سۇئال، ئۆزى ھارام شورپىسى ھالال، ئۇ نىمە ؟
- نىمىدۇ؟ ھەممەيلەن ئەتراپىغا قاراپ بىلەلمەي قاپتۇ.
-ھى ھى ھى بۇ سۇئالغا مەن جاۋاب بىرەي، بۇ بىر تەمسىل خالاس، ئۇ پاقا، ئۆزى ھارام لېكىن ئۇ ياشىغان سۇدىن ئىچىشكە بولىدۇ.
ئۈچىنچى سۇئال: يۈسۈپ غېرىبىنىڭ ئىككى مىسىرا شېئىرىنى دەپ بىرەلەمسىز؟
-بۇ سۇئالغا مەن جاۋاب بىرەي.
توخۇتۇر بۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىپتۇ. ئىشىكلەر جاراڭلاپ ئېچىلىپتۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يولىنى يوغان بىر كۆتەك تۇسىۋاپتۇ، ئىۋىرغول بىلەن ئوغۇزخان بۇ كۆتەكلەرنى يېرىپ ئوتۇن قىلىپ، بىر موماينىڭ ئىشىكى ئالدىغا دۆۋىلەپ قويۇپ ئالدىغا مېڭىشىغا بىر ساتما ئىچىدىن ئەمدىلا ئويغىنىپ كېرىلىپ تۇرغان، بېشىغا يوغان سەللە، ئۇچىسىغا پادىچىلار كىيىمى، پۇتىغا چورۇق كەيگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. بايامقى نازىنىن بېرىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى تىلسىمدىن ئازات قىلغىلى كەلگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇلار ھۆرمەت بىلەن كەپتۇ، ئو. ز ئەپەندىممۇ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، سالام، ئېھتىرام تەۋەززۇ بىلەن كەپتىكەن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئۆزىنى راھەتباغ يېزىسىنىڭ چاڭغۇ كەنىتىدە كۆرۈپتۇ. دىمەك تىلسىم يىشىلىپتۇ. ئو. ز ئەپەندىم ئۇلار بىلەن چايچى مەھەللىسىدىن كەلتۈرۈلگەن چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ:
-بۇ ياپونىيەدە تەۋرىگەن يەردىن پەيدا بولغان، ياكى ئۇنىڭدىن بىشارەت بىرىلگەن تۇماندۇر، ھازىر تارقاپ كەتتى بولغاي. بىللە بارايلى دەپتۇ.
ئۇلار 7-يولنىڭ ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ، قۇغۇنچى قىز يۆتكىۋىتىلگەن يەردە چۈشۈپ، ئوڭغا يۈز مىتىر، سولغا ئەللك مىتىر مېڭىپ، ئاشۇ يۇمىلاقنى يەتتە ئايلىنىپتىكەن، باغداش مەھەللىسىگە يىتىپ كەپتۇ.
ئۇلارنىڭ ئالدىغا باغداش شاھ، ئەلقۇندى قاتارلىقلار چىقىپ قارشى ئاپتۇ. ئو. ز ئەپەندىم بىرلا سۈف قىپتىكەن، تۇمان تارقاپتۇ، خەلق ئىنكاسنى ئاساس، تېمىنى قوشۇمچە قىلىپ، خاتىرجەم ياشاشقا باشلاپتۇ. ھەممەيلەننى ئوردىغا تېما يوللاش مۇشاۋىرى قىلىپ بىكىتىپتۇ.
بىرىنچى پەسىل تۈگىدى.
收藏到:Del.icio.us