رىسالەت مەردان بلوگى
شېئىر بىر خىل پىسخىك داۋالاش –دىيوڭمىڭ
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/102790363.html
شېئىر بىر خىل پىسخىك داۋالاش –دىيوڭمىڭ
تەرجىمان: رىسالەت مەردان
مەن نىمە ئۈچۈن شېئىر يازىمەن دىگەن تېما توغىرىلىق سۆزلىمەكتىمەن، مەن ئىزچىل شېئىر يېزىشنى بىر خىل داۋالاش جەريانى، شەخسىي تەجىرىبە، شەخىسنىڭ ‹‹ئۆتمۈشى ›› بىلەن باغلىنىشقا ئۇرۇنۇش دەپ قارايمەن. مېنىڭچە شائىرنىڭ ئىككى ئۆتمۈشى بولىدۇ، بىرسى رىئاللىقتىكى ھەققىي ئۆتمۈش، يەنە بىر ئەمەلىيەتتە بىر تونۇپ يەتكەن ئۆتمۈش، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، بىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان، نەزەر سېلىۋاتقان، بىز موھتاج بولغان ئۆتمۈشتۇر. شائىر ئىجادىيەت جەريانىدا، ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئىككىنچى خىل ئۆتمۈشنى ئىجاد قىلىپ چىقىدۇ.
يىگىرمە نەچچە يىللىق ئىجادىيەت جەريانىم مانا شۇ ‹‹ئۆتمۈش›› بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر، نىمىلا يازماي، ئۇ مېنىڭ ئۆتمۈشۈم بىلەن باغلىنىپ كەلدى، ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر يازغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ‹‹ئۆتمۈش››نى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆتمۈش خاتىرىلىرىنى ئۇنتۇش ئىستىكى بولىدۇ، شېئىر بەزىدە مۇشۇنداق پىسخىكىلىق داۋالاش جەريانى بوپ قالىدۇ. ھېچبولمىغاندا مەن مۇشۇنداق قىلىمەن.
مېنىڭ ‹‹ئايال ›› سەرلەۋھىلىك شېئىرلىرىم ئىچىدىكى ‹‹ئانا ››ناملىق شېئىردا مانا موشۇنداق ئەسلىمە بار، ئۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كىشىلىك تەسىراتىم ھەم ئاياللارنىڭ كوللىكتىپ تەجىرىبىسىدىن كەلگەن. بۇنداق ئەسلىمە ئەمەلىيەتتە شەخىسنىڭ ھازىرقى رىئاللىققى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنتۇغىلى بولمايدىغان ئەسلىمىنى شەكىللەندۈرۇدۇ. مېنىڭچە، رىئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقىلا، ئۇ بىر خىل جەلىپ قىلىش، كېرىلىش كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ. بىز ئۆتمۈشنى تەسۋىرلىگەندە، رىئاللىق بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن مۇشۇنداق كېرىلىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. مەناغا تولىدۇ. شۇڭا مەن ‹‹ئايال ›› سەرلەھۋىلىك شېئىرلىرىمنىۇ ئاخىرقى پارچىسىدا ‹‹ئاخىرلاشسا يەنە نىمە بوپتۇ ›› دەپ يازدىم، بۇ مىسىرا مېنىڭ ئەسلىمىلىرىمگە بولغان قارىشىم ئىدى، يەنى بىز ئەسلىمىلەردىن ئايرىلىپ بولالمايمىز، ئەگەر ئۆتمۈشتىكى رىئاللىقتىن ئايرىلسا، روھىمىز قۇرغاقلىشىپ، مەنىسىزلىشىپ كىتىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
评论