ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىش
كۆپ قىسىم ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتقانلانىڭ ھەممىسى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئىنايىن ياخشى قوللايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئوبۇنتو سېستىمنىڭ كۈرۈنمە يۈزنىڭ 95% ئۇيغۇچىلىشىپ بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بۇلۇشى مومكىن. ئوبۇنتۇ سېستىمىسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزىمىتىگىمۇ ماناھەش پەش دىگۈچە 5 يىلغا يېقىن ۋاقىت بوپ قاپتۇ بۇ جەرياندا ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىرىندشلىرىمىز جان پىدالىق بىلەن تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىپ ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشماقتا.مەن ئالدى بىلەن شۇ مىللەت سۈيەر قىرىنداشلىرىمىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئوبۇنتۇ سېتىمسىنى ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا توغۇرلاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سېستىمىنىڭ دېتال مەركىزىدىن ئۇيغۇر (uyghur)دەپ ئىزدەپ ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە دېتالنى قاچىلايمىز.تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدك :
رەسىمدىكى 1 -ئۇرۇندىن سېستىمىغا قاچىلانغان دېتاللا بار ئۇرۇنغا كىرشكە بۇلىدۇ بۇ يەردىن ئۈزىمىزگە لازىملىق دېتاللارنى قوزغىتىپ ئىشلىتىمىز.
2 -ئۇرۇن سېستىما قاتتىق دىسكا رايۇنى (د ،ئف ،ئى قاتالىق دىسكا رايۇنى)
3-بولسا ئوفىس يۇمشاق دېتالى
4-تور كۆرگۈ
5-بۇ ئەڭ مۇھىم ئۇرۇن بۇلۇپ سىز مەلۇم دېتالنى قاچىلىماقچى بولسىڭز مۇشۇ يەردىن كىرىپ قاچىلىماقچى بولغان دېتال ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ ئاندىن قاچىلاش ئىلىپ بارسىڭز بۇلىدۇ (تۈۋەندىكى ئىككىچى رەسىم دەل مۇشۇ يەر شۇ)
6 -بىز دائىم تىلغا ئىلۋاتقان تىرىمىنال شۇ (بۇ يەردە بىز بۇيرۇق ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلالايمىز مەسلەن : سېستىمىنڭ يېڭلاش بۇيرۇقى دېگەندەكلەر مۇشۇ يەردە يۈرگۈزىلىدۇ.)
7 -ئوبۇنتۇ تەۋىك دىتالى بۇ دېتال ئارقىلىق سېستىمىغا قارىتا تەڭشەش ۋە سېستىما قالدۇق ھۆججەتلىرىنى تازلاش ئىشلىرى ئىلىپ بىرلىدۇ ئەگەر بۇ دېتالىنى قاچىلىغان بولسىڭز 1- ئۇرۇندىن كىرىپ قۇزغىتىپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ.
رەسىمنى چۈشۈرۇپ كۈرۈڭ ياكى رەسىمنى چەكسىڭز ئەڭ ئۇچۇق ھالاتتىكى كۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىرشەلەيسىز.
ئاندىن سېستىما تەڭشىكىدىن قوللايدىغان تىلللار دېگەن جايدىن تىل تۈرنى قاتىمىز.
يەنى ئاستىنقى ئىككىنچى رەسىمدىكى 语言支待 دىن تۈۋندىكى رەسىمدىكى ئۇرۇنغا كىرىمىز.
ئاندىن بۇ ئۇرۇندىن چەمبەر ئىچگە ئىلىنغان ئۇرۇنى چىكىپ تىل تۈرى قاتىدىغان يەرگە كىرىمىز.
ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى قسىمدىن سېستىما تەڭشىكى دېگەن يەردىن كىرىپ سېستىما تەڭشىكىدىن ئىشلەتكۈچىدىن بىرنى قۇرىمىز.
تۈۋەندكى رەسىمد 用户帐号 دېگەندىن ئىشلەتكۈچىدىن بىرنى قۇرىمىز.
كىرگەندىن كېيىن بۇ يەردە ئىشلەتكۈچى نامى ئىشلەتكۈچى مەخپى نۇمۇرى ،ئشلەتكۈچى تىل تۈرى دېگەنلەرنى بەلگىلەيمىز.
بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم نوقتا ئاشۇ ئىشلەتكۈچى تىل تۈرى ئۇنى قايسى تىلغا تاللسىزڭز سېستىمى قايتا قوزغىتىپ كىرگەندىن كېيىنكى كۈرۈنمە يۈز تىل شۇ تىل يېزىقتا بۇلىدۇ.
ئاندىن كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىپ ھازىرىقى قۇرغان ئىشلەتكۈچى نامىدا كىرسەكلا ئىش تامام.
قىلالمىسىڭز ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
ئۈستى تىزىملىكتىكى تىل تاللاش سىنبەلگىسى كۆرۈنمەي قالدى، بىراق كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق تىل ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈشۈم كېرەك؟ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قەيەردىن چۈشۈرىمەن؟ رەھمەت!
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانتىم خەتلەر بىر-بىرىگە ئۇلانماي، بەكلا قالايمىقان كۆرۈمسىز بولۇپ قالدى. قانداق قىلسام بولار؟
ئۇيغۇرچە فونىت ھۆججىتىنى قاچىلاڭ ئەمسە…..بىلوگدا چۈشۈرۈ ش ئادىرىسى بار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن ئوبۇنتۇ 10.10نى ئىشلىتىۋاتقان ، بۇنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ 11.10 كومپىيۇتېرىمنىڭ تور كارتىسى بىلەن چىقىشالمىدى، شۇڭلاشقا 10.10بى ئىشلىتىشقا مەجبۇر بوپقالدىم. رەھمەت . ھازىر 10.10 دا تورغا چىقىپ سىزگە خەت يېزىۋاتىمەن.
ئەلۋەتتە بۇلىدۇ ،نىمىشقا بولمىغۇدەك ئۇ تخى بەك ياخشى قوللايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئوبۇنتۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن. لېكىن «بوغچا باشقۇرغۇچ » نىڭ خېتى نورمال ئەمەس، «تەڭشەك» تىن تەڭشەي دېسەم مەن قاچىلىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى كۆرۈنمىدى، باشقا يەرلەر نورمال . يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز رەھمەت .
ئوبۇنتۇ تەۋك دېگەن دېتال ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشلىتىڭ شۇ توغۇرلۇق بىر يارما بار بىلوگدا…………
قېنى بىر ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز