Wine 1.5.8 ئېلان قىلىندى
Wine 1.5.8 بولسا لىنوكىس سىستېمىلاردا ۋىندوس سىستېمىلارنىڭ دېتالىرىنى ئىجىرا قىلىش ئۈچۈن قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان دېتال بۇلۇپ بۈگۈن بۇ دېتالنىڭ يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپتۇ.
چ چ ،شۈنلى چۈشۈرگۈچ ،ئۇيغۇر ئىدكتور قاتارلىق نۇرغۇنىلىغان دېتاللارنى مۇشۇ دېتالنى قاچىلاش ئارقىلىق ئۇبۇنتۇدا ئىجىرا قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.
قىزقىقۇچىلار قاچىلاپ سىناپ بېقىڭلار.لىكىن مەن بۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن.
Linuxmint13 ۋە Ubuntu12.04 لار ئۈچۈن تىرىمىنالدا قاچىلاش :
ctrl+alt+t بىرلا ۋاقىتتا باسىڭىز تىرمىنال ئىچىلىدۇ.ئىچىلغان تىرمىنالغا تۈۋەندىكى ھەر بىر قۇردىكى بۇيرۇقنى ئايرىم ئايرىم كىرگۈزىسىز.بىرىنچى قۇر بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چەكسىڭز مەخپى نۇمۇرنى سورايدۇ.مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ يەنە ئىنتىرنى چەكسىڭز PPA مەنبەسنى قېتىپ بىرىدۇ بۇ جەرياندا مەخپى نۇمۇرنى توغرا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چىكىڭ بۇ يەردە كىرگۈزگەن مەخپى نۇمۇر كۈرۈنمەيدۇ.بەزىلەر مەخپى نۇمۇر كۈرۈنمىسە قايتا قايتا كىرگۈزۈپ قىلالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.مەخپى نۇمۇر كۈرۈنمەيدۇ .شۇڭا توغرا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چېكىڭ.
sudo add-apt-repository ppa:ubuntu-wine/ppa
sudo apt-get update
sudo apt-get install wine1.5
باشقا لىنوكىس سىستېمىلار ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادىرېسى: