ئۇبۇنتۇ 12.04كە VirtualBox 4.1.18 نى قاچىلاش ئۇسۇلى
VirtualBox بولسا ئىقتىدار ئىنتايىن ياخشى بولغان لىنوكىس سىستېمىلاردا مەۋھۇم كومپىيوتىر قۇرۇش دېتالى.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
ubuntu 12.04 ئۈچۈن قاچىلاش :
ئاۋۋال تۈۋەندىكى ھۆججەتكە قارىتا تەھىرىلەش ئىلىپ بارىمىز.
gksudo gedit /etc/apt/sources.list
يۇقىردىكى بۇيرۇق ئارقىلىق ئىچىلىغان ھۆججەتكە تۈۋەنكى بىر قۇر بۇيرۇقىنى ئەڭ ئاستىغا قوشقاندىن كېيىن ساقلاپ چىكىنىمىز.
deb http://download.virtualbox.org/virtualbox/debian precise contrib
ئۇبۇنتۇ 11.10 ئۈچۈن تۈۋەندىكى بۇيرۇقىنى ئەڭ ئاستىغا قۇشۇپ ساقلاپ چىكىنىمز.
deb http://download.virtualbox.org/virtualbox/debian oneiric contrib
ئاندىن تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق دېتال ئىشلىتىش ئاچقۇچىغا ئىرشىمىز.
wget -q http://download.virtualbox.org/virtualbox/debian/oracle_vbox.asc -O- | sudo apt-key add -
ئاندىن سىستېمىنى بىر قېتىم يېڭلايمىز.
sudo apt-get update
تۈۋەندكى بۇيرۇق ئارقىلىق رەسىمى ھالدا VirtualBox نى قاچىلايمىز.
sudo apt-get install virtualbox-4.1
DEB ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىەتكۈچىلەر ئۈچۈن (قوش چېكىپ ياكى تىرىمنال ئارقىلىق قاچىلاش ئىلىپ بارسىڭز بۇلىدۇ.):
https://www.virtualbox.org/wiki/Linux_Downloads