• 2008-11-06

    شىئە مەزھىپىنىڭ بارلىققاكىلىش تارىخى Shie mezhipining barliqqa kilish tarixi - [تارىخ]

    شىئە مەزھىپىنىڭ بارلىققاكىلىش تارىخى

    Shie mezhipining barliqqa kilish tarixi

    ئسلام خەلىپىلىرىدىن4-خەلىپە ئەلى ھىجىرىيەنىڭ35-يىلىغىچە ،يەنى مىلادىنىڭ656-يىلىدىن661-يىلىغىچە خەلىپە بولدى؛مىلادىنىڭ661-يىلى 1-ئاينىڭ24-كۇنى سەھەردە كۇفە شەھىرىدە خاۋارىچ(بۆلگۈنچى)لاردىن ئابدۇرەخمان ئبنى مۇلجەم تەرىپىدىن زەھەرلىك شەمشەربىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

    خەلىپە ئەلىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئەرەپ ئسلام تارىخىدا ناھايتى مۇرەككەپ ئاقىۋەتكە سەۋەپ بولدى ھەم دەۋىر بۆلگۈچ ۋەقە بۇلۇپ قالدى.

    632-يىلى ئەبۇبەكرىدىن تارىپ 661-يىلى ئەلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆتكەن دەۋىر ئەرەپ ئمپىرىيىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت دەۋىرى ئدى.ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇئاۋىيە ئەلى ھەققىدە بۆھتان تارقىتىپ ۋە ھەربى كۈچىگە تايىنىپ،ئروسالىمدا ئۆزىنى خەلىپەدەپ ئلان قىلدى ھەمدە ئوغلى يەزىتنى خەلىپە قىلىپ بىكىتتى. نەتىجىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن سايلام ئارقىلىق يولغا قويۇلۇپ كەلگەن خەلىپىلىك تۈزىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،ئاتىدىن بالىغا بىۋاستە مىراس قالىدىغان پادىشاھلىق تۈزىمى مەيدانغا كەلدى.
    ئەلىنىڭ ئوغوللىرى(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى)دىن ئمام ھەسەن سۈيقەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈلدى؛ ئمام ھۈسەيىن كۇفە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دەشىت كەربالادا مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىت تەرىپىدىن پاجەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلدى. بۇكۈن ھىجىرىيەنىڭ 61-يىلى(مۇھەررەم) نىڭ 10-كۈنى(مىلادىنىڭ680-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنى) ئدى.مەلۇم ئجدىمائي ئاساسقا ئىگە شىئە مەزھىپى شۇ كۈنى قۇرۇلدى ۋە سۈننى مەزھىپىگە قارشى بايراق كۆتۈردى، ئسلامىيەت دۇنياسىدىكى يۇشۇرۇن زىددىيەت ئاشكارلىنىپ ۋە تېخىمۇ كۈچىيىپ،ناھايتى زور بۆلۈنۈش مەيدانغا كەلدى.مانا بۇدەل ئسلامىيەتنىڭ بۆلۈنىشىدىكى چوڭ ۋەقە كەربالا پاجئەسىنىڭ ئلىپ كەلگەن ئاقىۋىتى.

    بىز بۇ مەزھەپلەر توقۇنىشىنىڭ مەڭگۈلىككە ئا ياغلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. (ئامىن!!!)
    جورجى زەيدان(لىۋان) <رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى> دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us