• 2011-02-23

    مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ2-قىسىم Memet Awaq Heqqide Parang 2-qisim

    مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ
    2-قىسىم 

    Memet Awaq Heqqide Parang 2-qisim
    ئابدى كەتتى، ھەمزە كەلدى.
    ئابدۇرېھىم ئابلەتخان 

    1-قىسىمىنى كۆرۈش

    1-قىسىمنىڭ داۋامىنى كۆرۈش


    بەزىلەر ئەلى ساپا باينى  مىللى كارخانىچى دەيدىكەن. بەزىلەر ئۇنى بىر پۇرسەتپەرەس دەيدىكەن. باشقىلار نىمىلا دىمىسۇن، ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىدە "ئەلى ساپا باي - ئۇرۇش قەھرىمانى" دەپ يېزىلغان ئىكەن. 
    كونىلارنىڭ دىيىشىچە ئەلى ساپا باي مىللى ئازاتلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە تورۇس تاغلىرىغا چىقىپ ئازاتلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. ئىسمى كونا قەھرىمانلارنىڭ ئىسمىدەك ھەيۋەتلىك بىلىنمىگەنمۇ كېيىن ئۆزىنى "تايپۇنباي" دەپ ئاتاپتۇ. فىرانسۇز تاجاۋۇزچىلىرى شەھەر-يېزىلارنى بۇلاپ يۈرگەندە بىزنىڭ بۇ تايپۇنباي فىرانسۇزلارنى ئىزدەپ بارماپتۇ. فىرانسۇزلارمۇ بۇ تايپۇن باينى ئىزدەپ تاغلارغا چىقماپتۇ. چۈنكى فىرانسۇزلار ئۆزىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئادەمنى دۈشمەن ھىساپلىمايدىكەن.  مانا شۇنداق قىلىپ، ئەلى ساپا باي (تايپۇنباي) تۈرك مىللىتىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنى بىرمۇ دۈشمەن بىلەن ئۇچىرىشىپ قالماي بىخەتەر داۋاملاشتۇرۇپتۇ. مەملىكەت ئازات بولۇپ يېڭى تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سېرىق باش(مۇستاپا كامال)نىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭمۇ چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جەڭچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپتۇ ھەمدە تۈرك مىللىتى نامىدىن تەشەككۈر بىلدۈرۈپ مېدال بىلەن تەغدىرلەپتۇ.   
    ئەلى ساپا باي شەھەر تۇرمۇشىغا كۆنەلمەيدىكەن. يېزا-سەھرا تۇرمۇشى ياقىدىكەن. شۇڭا ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاناۋارزاغا يوتكىلىپ رايون باشلىغى بوپتۇ. ئۇ يېڭى كەلگەندە بىر غېرىچمۇ يېرى يوق ئىكەن. ئۇ تىرىشىپتۇ. قانداق قىلىپ ئازاتلىق قەھرىمانى بولغان بولسا يەنە شۇنداق قىلىپ يەر ئىگىسى بوپتۇ. نۇرغۇن يەرگە ئىگە بوپتۇ.
    ھەممە ئادەمنىڭ خۇمارى بولىدۇ. تاماكا خۇمارى، كەپتەر خۇمارى، ئايال خۇمارى، ئىت خۇمارى، كىتاپ خۇمارى ...دىگەندەك. ئەلى ساپا باي خۇمارلارنىڭ ئىچىدە يەر خۇمارىنى ھېچقايسىسى بىلەن تەڭ قىلمايدىكەن. ئاناۋارزادا ھېچكىمنىڭ، ھەتتا ئون ئەۋلات يەر تېرىغان دىخاننىڭمۇ ئەلى ساپانىڭكىدەك يەر خۇمارى يوق ئىكەن. بىپايان تۈرك زىمىنى ئارىسىدا ئاناۋارزانىڭ يېرى ئەڭ ياخشىكەن. ئەلى ساپا باي بۇنى بىلىدىكەن. بۇ زىمىن كۆيگۈدەك، سۆيگۈدەك زىمىنكەن.
    ئەلى ساپا باي داۋاملىق "ئادەم كۈرەش ئىچىدە ياشىشى كېرەك " دەيدىكەن. ئۇ "كۈرەشلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى يەر ئۈچۈن قىلغان كۈرەش. بۇ كۈرەش مۇقەددەستۇر " دەيدىكەن. ۋاقىت ئۆتكەنچە ئۇنىڭ كۈرەشلىرى بارا-بارا تەسلەپ كېتىپتۇ. ئىلگىركىدەك، بەش كىلو تۇزغا ياكى بىر ئۆچكىگە، بىر ئىشەككە بىر پارچە يەرنى تېگىشىۋالىدىغان دەۋرلەر كەلمەسكە كېتىپتۇ. ئۇ چاغلاردا يىگىرمە مىڭ كويغا بىر يېزىنى، يېزىنىڭ يەرلىرىنى، سۇلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. پۈتۈنلەي سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. ئەمما ھازىرچۇ ؟  
    ھازىر دىخانلارنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قاپتۇ. ئەلى ساپانىڭ يەر ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى يەرنىڭ قىممىتىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويۇپتۇ. بىراق كېرەك يوق. كۈرەش كەسكىنلەشسە ئاندىن ئادەمگە لەززەت بېغىشلايدىكەن. 
    ئەلى ساپا باينىڭ خانىمىمۇ چىداپتۇ. ئىستانبول، ئەنقەرەدىكى زامانىۋى تۇرمۇشقا يارالغان مەلىخە خېنىمنىڭ ئاپپاق پاچاقلىرىنى پاشا-كۈمىتىلەر چېقىپ ھۈررەك قىلىۋېتىپتۇ. يوتىلىرىغىچە  چېقىپ يارا قىلىۋېتىپتۇ.  ھەممە يېرىنى چېقىپ بوپتۇ. بىراق چىداپتۇ.  باي دادىسىنىڭ چوڭ شەھەرگە كۆنگەن ئارزۇلۇق قىزى كۈندە ئۈستى-بېشى پاسكىنا دىخانلارغا چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن قاراشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ئىسىت ! شەھەرگە يارالغان شۇ كۆزلەر. تېخى ساۋاتسىزلارنىڭ سالاملىرىغا سالام قايتۇرىدىكەن. ئوقۇغان يۇقۇرى مەلۇماتلىق  مەلىخە خېنىمنىڭ كۈنىمۇ بۇ !  ئەمما ئۇ چىداپتۇ. ئېرىنىڭ مۇقەددەس كۈرەشلىرى ئۈچۈن چىداپتۇ.
    ئەلى ساپا باي كۈرەشنى دەسلەپ ۋاي ۋاي يېزىسىدىن باشلاپتۇ. چۈنكى ۋاي ۋاي يېزىسى باشقا يېزىلاردىن چوڭراقكەن. چوڭنى يىقاتسا، كىچىكى ئۆزى يىقىلىدىكەن. ئەمما چوڭىنى يىقىتماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن. يېزىنىڭ دىخانلىرى ئەلى ساپانىڭ كۆزىگە قادالغان مىقكەن. كىچىككىنە  مىقى ئەمەس، يوغان ئورۇس مىقىكەن. ئەسلى يېڭى ئىش باشلىغاندا سەل ياخشىكەندۇق. كىتەي مىقىكەندۇق. ئەمما ھازىر ھەممىسى ئۆزگۈرۈپتۇ. ھازىر ئۇلار يا خۇدادىن قورقمايدىكەن ، ياكى چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى، ھۆكۈمەتتىن تارتىنىشنى بىلمەيدىكەن. يا قاراقچىدىن قاچمايدىكەن. ئىشقىلىپ ياخشى ياماننى پەرقلەندۈرمەيدىغان بولۇۋاپتۇ. ئورۇس مىقىدەك تۇرىۋاپتۇ.
    يېزىلىقلارنى ئالداشنىڭ ھەر خىل چارىلىرى تۈگەپتۇ، چىرايلىق گەپنىڭ خالتىسىلا قاپتۇ.
    ئويلىساڭ، تىرىشساڭ ئامال بولىدىكەن. ئەمدى ھىجىيىپ تۇرۇشنى قاپاقنى تۈرۈشكە ئۆزگەرتىپتۇ. تېرورچىلىقنىڭ ئۇسۇللىرىنى تېپىپتۇ. قەلەيچىدەك قاراقچىلارنى ئىشقا سېلىپتۇ. دىخانلارنى بۇلىتىپتۇ. ئۇ يەر بۇ يەردە يوشۇرۇن ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈنىمىنىمۇ كۆرۈپتۇ. يەردىن تويۇپ ئەلى ساپا بايغا ئېلىشىغا سېتىپ كەتكەنلەرمۇ بولۇپتۇ. مەمەت ئاۋاق  قەلەيچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن بۇ چارىنىڭمۇ قۇيرىقىنى قۇم بېسىپتۇ. يېزىلىقلارنىڭ ئاخىرقى جاھىللىرى يېزىغا، يېزىدىكى بىر پارچە يېرىغا چاپلاشقىنىچە تۇرىۋېرىپتۇ. 
    ئەلى ساپا باي بىلەن خوتۇنى ئۇلارغا ئېچىنىدىكەن. ئۇلۇغ تۈرك دۆلىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا توسالغۇ بولىۋاتقان بۇ دىخانلارغا ئاچچىقلىنىدىكەن. تۈرك مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تارتىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىغا ئاھ ئۇرىدىكەن. شۇ ۋاي ۋاي يېزىسى قولغا چۈشكەن بولسا،  ھەي ئىسىت !  ئەلى ساپا پۈتۈن ئاناۋارزانى پوپايكىنىڭ يىپىنى سۆككەندەك سۆكىۋېتەركەن. ئۇمۇ بولار. بىر كۈنى بولار. نائۈمۈت بولمىسۇن......
    تىرىشساڭلا تاشتىن ياغ چىقىدۇ، دىگەندەك ئاخىرى ئەلى ساپا باي ۋاي ۋاي يېزىسىنى قولغا كىرگۈزىدىغان ئامالغا ئېرىشىپتۇ. ناھىيىلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىر ئامال تېپىپتۇ. ئىككىسى بۇ چارىدىن ھەيران قاپتۇ. بۇ پىلان ئۈچۈن بىر پارچە يەر كېرەك بولىدىكەن. بۇ يەرنى قولغا ئالغاندىلا پىلانى ئەمەلگە ئاشىدىكەن. بۇ يەر يوباز ئوغلى ھەسەن دىگەن دىخاننىڭ ئىكەن. بۇ يەرنىڭ خېتىنى قولغا ئېلىپ ئازراق ئۆزگەرتىپ قويسىلا يەرنى، ئەتراپىغا قانچىلىك كېڭەيتىش كېرەك بولسا شۇنچىلىك كېڭەيتكىلى بولىدىكەن. رېزىنكىدەك سوزغىلى بولىدىكەن. پۈتۈن ۋاي ۋاي يېزىسىنىڭ  بۇ دائىرىگە قانداق كىرىپ قالغانلىقىنى ھىچكىم بىلەلمەي قالىدىكەن.  
    پىلان بولار شۇنچىلىك بولار. ئەلى ساپا باي بۇ پىلاننى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ھېلىقى باشلىققا شۇ سورۇندىلا مىڭ كوي سۈيۈنچە بېرىپتۇ. قۇچاغلاپ قويۇپتۇ. ئايال زاتىنىمۇ ئۇنداق قۇچاغلاپ باقماپتىكەن. ھاياجانلىنىپ ئۈچ كۈنگىچە ئۇيقىسىمۇ كەلمەپتۇ.
    باي ھېلىقى يەرنىڭ ئىگىسى ھەسەننى چاقىرىپتۇ. ئۇنىڭغا يېرىنى ئۆزىگە بېرىپ،  خالىغىنىنى ئېلىشنى ئېيتىپتۇ. قانچىلىك پۇل ياكى باشقا يەردىن قانچىلىك يەر سورىسا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ھەسەن ئۈندىمەپتۇ. ئىلگىرى 40 كويغا  سورىغان يەرنى ئەمدى تۆت يۈز كويغا سورىسىمۇ خالىماپتۇ. يوباز ئوغلى يېرىنى سېتىشنى خالىمايدىكەن. ئۇ دىگەن يېزىلىق دىخانكەن. ھەممە نىمىنى سېتىۋېرىدىغان شەھەرلىك چار بازارچى ئەمەسكەن. ھەسەن خالىمىغان سودىغا نىمە دىيىشنى بىلمەپتۇ. ياخشى كۆرۈدىغان نەرسىسىنى ساتقۇسى كەلمەيدىكەن. تار يەرگە قىسىلىپ قالغاندەك ئىششىپ ئولتۇرۇپتۇ. "باي ئاكا، لازىم بولسا يەر سېنىڭكى،..." دەپ مازىرەت قىلىپتۇ. "ئەمما شۇ...." دەپ چىرايلىقچە رەتمۇ قىپتۇ. ئەلى ساپا بايمۇ زورلاۋېرىپتۇ. "..سورا...خالىغىنىڭنى....."دەپ قىستاۋېرىپتۇ. .
    يوباز ئوغلى ئاخىرى بىر ئامال تېپىپتۇ. باينىڭ بەرمەيدىغىنىنى  سوراپتۇ.  
    - بەرگۈڭ بولسا تورۇقنى بەر. باشقا نەرسە كېرەك ئەمەس! 
    ھەسەن ھېچنىمە سورىماپتۇ.  ئەمما شۇنداق بىر نىمىنى سوراپتۇ. سوراپ بولۇپ باينىڭ جاۋابىغا قارىماي چىقىپ كېتىپتۇ. 
    باي خېلىغىچە ئېسىگە كېلەلمەپتۇ. بىر چاغدا ئېسىگە كەپتۇ. بۇ چاغدا ھەسەن يېنىدا يوق ئىكەن. ئۇنىڭ قاچان چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمىگەن ئىكەن.
    ھەسەن سورىغان تورۇق ئاتنى بىر يىل بۇرۇن ئەلى ساپا باينىڭ دوستى ئۇرفادىن ئۇنىڭغا ماڭدۇرۇپ بېرىپتىكەن.ئىككى ياشلىق تايچاقنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى بار ئىكەن. كىنىشكىگە تايچاقنىڭ ئىسل نەسىللىك ئاتلىقىنى ئەسكەرتكەن ھۆججىتىنىمۇ چاپلاپ قويغان ئىكەن. تايچاق ئات بولغاندا داڭقى مەشھۇر بوپتۇ. ئاتنى كۆرۈشكە كوزاندىن، ئادانادىن ئەمەلدارلار، بايلار كېلىپ تۇرىدىكەن.
    باي ئادىمىزات ياكى ھايۋانىزاتتىن بولسۇن ھىچقايسىسىنى بۇ ئاتتەك ياخشى كۆرمەپتىكەن. ئاتنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىكەن.  ئاتنىڭ ئۈستىگە چىقسا ئۆزىنى باشقىچىلا ھېس قىلىدىكەن. تومۇرىدىكى تۈرك قېنى قايتىدىن ئۇرغۇيدىكەن. كۆزلىرى قىسىلىپ ئېغىزلىرى مەھكەم يۇمىلىدىكەن. بارماقلىرى چۇلۋۇرنى قاتتىق سىقىمدايدىكەن. ئوتتۇرا ياشتىن ئۆتكەن ئادەمگە بۇنداق قىرانلىق ھوزۇرنى نىمە بېرەلەيدۇ. ھېچنىمە بېرەلمەيدىكەن. شۇ تورۇقلا بېرەلەيدىكەن. ھەسەن تەپتارتماي باينىڭ ئەشۇ تورۇق ئېتىنى سورىغان ئىكەن. باينىڭ جېنىنى سورىغان ئىكەن. 
    باي ئېسىگە كەپتۇ. ئاچچىقتىن كىيىشىپ كېتىپتۇ.
    ھەسەننىڭ چىقىپ كەتكىنى ياخشى بوپتۇ. بولمىسا  ھەسەنگىمۇ ياخشىلىق يوقكەن. شۇ چاغدا بولغان بولسا باي ئۇنى نىمىلا قىلىۋەتكەن بولسىمۇ دەردى چىقماسكەندۇق. تەلىيى بار ئىكەن.

    بايغىمۇ ياخشى بوپتۇ. ئويلىنىشقا پۇرسەت چىقىپتۇ. ئىش بۇزۇلماي قاپتۇ.  ئەڭ مۇھىم پىلانى بۇزۇلماپتۇ. ئوتتۇرىدا يۈزلۈك ئادەملەرنى ماڭدۇرۇپتۇ. باشقا خالىغاننى سورا دەپتۇ. ھەسەن ئۇنىماپتۇ.  "يا تورۇق، يا ھېچنىمە...." بۇ جاھىل تۈركنىڭ جاۋابى مۇشۇكەن. 
    ئاخىرى باينىڭ تورۇققا بولغان ھىسياتىدىن يەرگە بولغان ھىسياتى ئۈستۈن كەپتۇ.
    باي تورۇقنى ھەسەنگە بېرىپتۇ. يەرگە ئىگە بوپتۇ. يەر خېتىنى سىقىمداپ تۇرۇپ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپتۇ. چىش باشقىلارنىڭ بولغان بولسا تۆكۈلۈپ كەتكۈدەك غۇچۇرلىتاركەن. ئامال يوق، ئۆزىنىڭ چىشى. باي "خەپ ۋاي ۋايلىقلار ئەمدى قان قۇستۇرىمەن." دەپ پىچىرلاپتۇ. " 
    ھەسەن تورۇققا ئېرىشىپتۇ. ئېغىزى ئېچىلىپتۇ؛
    - مانا ئەلى ساپا باي جېنىدىن ئېزىز ئېتىنى بىر پارچە شورلۇق يەرگە تېگىشتى. تورۇقتەك ئاتنى شورلۇق يەرگە تېگىشكەن تۈرك بالىسىنى كۆرگەنمۇسىلەر. باي ئۈچۈن شۇ سېسىق يەر مۇھىمكەن...... يەنە بىر پارچە يېرىم بار. ئۇنى باينىڭ خوتۇنىغا تېگىشىمەن. تورۇقنىڭ  كەينىگە خوتۇنىنى مىنگەشتۈرۈپ ئاناۋارزانى ئايلاندۇرىمەن...... 
     
    ھەسەن قىزىل باشلاردىن ئىكەن. قىزىل باشلار مەردانە، مۇھەببەتلىك كېلىدىكەن. ياماندىن ياكى ياخشىدىن يانمايدىكەن. ئەلى ساپا باي ھەسەنگە گەپ ئېيتتۇرۇپ "ئېغىزىنى يۇمسۇن" دەپتۇ. يوباز ئوغلى ئېغىزىنى يۇمماپتۇ. يېرىنىڭ ئاچچىقى ئېغىزىنى يۇمدۇرماپتۇ. ئەلى ساپا باينىڭ يەر ئۈچۈن قىلغانلىرىنى مەسخىرە قىلىپ يۈرىۋېرىپتۇ.......


    ئەمدى مەمەت ئاۋاقنىڭ نەلەردە يۈرگىنىگە دىققەت قىلايلى.
    مەمەت ئاۋاق ئابدىنى ئاغىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن شۇ قاچقىنىچە تۈركمەن يايلاقلىرىغا بېرىپتۇ. ئۇزۇن تۇرالماپتۇ. يەنە قېچىپتۇ. فىرات دەريا بويلىرىغا بېرىپتۇ. يەنىلا تونۇۋاپتۇ. "سەن مەمەت ئاۋاقكەنسەن" دەپ بىلىۋاپتۇ. ھۆكۈمەتنىڭ تۇتۇش بۇيرىقى بىلەن خەلىقلەرنىڭ پاراڭلىرى تېزلىك بىلەن ئەتراپقا تارايدىكەن. "قاراقچى مەمەت ئاۋاق" دىگەن بۇ نام ئۇنىڭدىن بۇرۇن ماڭىدىكەن. ئۇنىڭ نامى بارغانلىكى يەردە ئۇنىڭغا ئاراملىق يوق ئىكەن. بۈركۈتتەك دەرسىم كۇرتلىرىنىڭ ئىچىگە بېرىپتۇ. "مەمەت ئاۋاق" دىگەن ئىسىمنىڭ ئاپىتىدىن قۇتۇلالماپتۇ. ئەشۇ يىراقتىكى كۇرت ۋادىلىرىدىمۇ ئۆزىگە ئاراملىق تاپالماپتۇ. ئۆز ئىسمى-زاتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالماپتۇ. بۇ ئىسىمنى قوغلاۋاتقان ھۆكۈمەت ئادەملىرىدىن قۇتۇلالماپتۇ. ئىچىدىكى قورقۇنۇچ بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن سەگەكلىك ئۇنى بىر مىنۇت ئارامىدا قويماپتۇ. كىچىك چاغلىرىدا ئابدى ئاغىنىڭ تايىقىدىن قاچقان چاغلىرىنى ئويلاپتۇ. "نىمىدىگەن بەخىتلىك چاغلار...ئۇ چاغلاردا ھېچكىم مەمەتنى تونۇمايدىكەن. ئۇنىڭ دۈشمىنى بىر ئابدى ئاغىلىكەن. ئابدىدىن باشقا ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن كارى يوقكەن. ژاندارمىلارمۇ، ساقچىلارمۇ، باشقا ئەمەلدار-بايلارمۇ ئۇنى ئىزدىمەيدىكەن. جاھان كەڭرىكەن. ئەمما ھازىرچۇ....." مەمەت ئاۋاقنى تاغلارمۇ-تاشلارمۇ تونۇپ كېتىپتۇ. ھەممىسى تونۇپ كېتىپتۇ. دۇنيا كىچىكلەپ ئۆزىنى يوشۇرغىدەك جاي تاپالماپتۇ. بۇرۇن ئىسسىق جېنىنى، ئورۇق تېنىنى يوشۇرۇغىلى بولىدىكەن. ئەمما ھازىر جېنىنى ياكى تېنىنى يوشۇرغان بىلەن نامىنى يوشۇرالمايدىكەن. مەمەتنى يوشۇرغىلى بولغان بىلەن "قاراقچى مەمەت ئاۋاق"نى يوشۇرغىلى بولمايدىكەن. مەمەت ئاۋاقنى تونۇيدىغان ئىنسانلاردىن قېچىپ يەنە چۆگىلەپ مەريەمچىل غولىغا، دۇلدۇل تېغىغا كەپتۇ. چۈمۈلىدەك ئەسكەر. يەنە قېچىپتۇ.  قېچىۋېرىپ ئەلى تېغىغا قايتىپ كېلىپتۇ. ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن قۇرۇتتەك قىمىلداپ يۈرگەن ساقچىلار..........
    قاچە ! مەمەت ئاۋاق. ئەمدى نەگىمۇ قاچارسەن. شۇنىڭ بىلەن مەمەتنىڭ قاچىدىغان يەرلىرىمۇ تۈگەپتۇ. 
    ئىختىيارسىز تۈگۈلۈپ قالدىم. ئۆز بالىسى ئۇرۇپ تىللىغان چاغدىكىدەك يالغۇزلۇق ئىچ-باغرىمغا ياماشتى. دۇنيادا يالغۇز قالغان ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. ھەرقانداق تەنھالىق بۇنداق تەنھالىققا يەتمەس.
    ھەي مەمەت ئاۋاق نەگىمۇ بارارسەن. مۇشتۇمدەك بېشىڭنى قەيەرگىمۇ تىقارسەن. ئۆزەڭ خالىماستىن بېششىڭ يوغانلاپ كەتتى. يوغانلىمىسا ياخشىتتى. بىرەر تۆشۈككە تىققىلى بولاتتى. ئەمدى ئامال يوق. بۇ يوغان بېششىڭ ئۈچۈن ھېچكىمگە ئىشەنمەيسەن. چۈنكى بۇ باش ھەرقانچە يوغان ئۆڭكۈرگىمۇ سىغمايدۇ. بۇ باش ھەرقانداق باتۇرنىڭ ئۆيىدىمۇ خاتىرجەملىك تاپالمايدۇ. شۇڭا ئىشەنمەيسەن. بېشىڭنىڭ تاغلاردىنمۇ ئېغىر، كاۋاپتىنمۇ پۇراقلىق ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئىشەنمەسلىككە مەجبۇرسەن. سېنىڭ ھىچكىمگە ئىشەنمىگىنىڭ توغرا. شۇندىلا بېشىڭنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن باشقىلارنىڭ يەنچىلىپ كېتىشىدىن، پۇرىقى بىلەن بالاغا قېلىشىدىن قۇتقۇزىسەن ;
    ئەمما يەنىلا كۆزلىرىڭنى مۆلدۈرلىتىپ ئەتراپقا قارايسەن. ئىنسان زاتىدىن بارماقچىلىك ھىسداشلىقنى كۈتىسەن. ئىلگىرى كۈتكەن ئىدىڭ. ھازىرمۇ كۈتىۋاتىسەن. ئېسىڭدە بولسۇن كەلگۈسىدىمۇ كۈتىسەن. تا ئۆلگۈچە كۈتىسەن.  
    بىراق مەمەت، سېنىڭغا ھېچكىم ئىشەنچ ياكى ھىسداشلىق بېرەلمەيدۇ. قورام تاشلار بىلەن پارچە كېسەكلەر قارا يامغۇردا تەڭ تۇرالامدۇ ؟ بۈركۈت بىلەن قۇشقاچ  بىرلىكتە پەرۋاز قىلالامدۇ ؟!  شۇڭا ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بول، مۇڭداش بول. ئىشقىلىپ ھەممە نىمە بول.  تەغدىرداش بولما. جەڭگاھتا سەپداش بولما. قولۇڭنى ئۇلارغا سۇنما. يالغۇز تاپقان بالاغا يالغۇز تەييارلان. ئاپىتىڭگە، بالايىڭغا شېرىك قىلما.  ھېچكىم سېنىڭغا ھىسداشلىق قىلالمايدۇ. قولىنى ساڭا سۇنالمايدۇ. پەقەت ياراتقان ئىگەڭ قولىنى سۇنىدۇ. يالغۇز خۇدا يالغۇزلارغا يېققىن تۇرىدۇ. بۇنداق يالغۇزلۇققا ئىنسان ھەمراھ بولالمايدۇ. ھەمراھ بولۇشنى خالىمايدۇ. بۇ يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەن. ساڭا تەككەن تەگمىش شۇ. رىسقىڭ شۇ. يوقنىڭ ئارزۇسىنى قىلما. شۇنىڭغا كۆن !
    مەمىتىم، يالغۇزۇم ! ھەممىگە ئىشەنگىلى بولىدۇ. ھايۋانغا، قۇشلارغا، تاشلارغا، توپىلارغا ئىشەنگىلى بولىدۇ. ئەمما ئادەمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ياراتقۇچىمۇ ئادەمگە ئىشەنمەيدۇ. خۇدانى تونۇغان بولسىمۇ، قەسەم بىلەن ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ ئىنسانغا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا ئىمان ئېيتسىمۇ، مىڭلارچە قەسەم قىلسىمۇ يەنىلا شەرىئەت بىلەن باشقۇرىدۇ. ياراتقان ئىگىسى مىجەز-خۇلقىنى بىلىدۇ. ھايۋانلارنى-نەرسىلەرنى قانۇن بىلەن باشقۇرمىسىمۇ ئۆزىنىڭ يولىدىن داجىمايدۇ. قوي ئوت يەيدىغان ھايۋان. شۇڭا ئېزىپ گۆش يىمەيدۇ. بىر قېتىممۇ يىمەيدۇ. "ئېزىپتىمەن" دىمەيدۇ. توپىغا سۇ قۇيسا يۇمشاق لاي بولىدۇ. ھەرگىزمۇ تاشقا ياكى ناۋاتقا ئايلىنىۋالمايدۇ. ئەۋۋىلىدە قانداق مىجەزدە يارىتىلغان بولسا، قىيامەتكىچە شۇنداق مىجەزدە تۇرىدۇ. مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. ئېھتىياتسىزلىقتىن كالىنى ئۇرۇپ سالساڭ ياكى تاشنى پارچىلاپ قويساڭ ئۇلارنىڭ مىجەزى ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ. ئەمما ئادەم ئوخشىمايدۇ. پايداڭنى كۆرسە تىرىلگەن ئاتىسىغا قىلغاندىن ئارتۇقنى قىلىدۇ. ئېھتىياتسىزلىقتىن ئازراق زىيىنىڭ تەگمىسۇن. خۇدا ساقلىسۇن. سېنى بىر تۇتام قوناقچىلىكمۇ كۆرمەيدۇ. ئادەملەرنىڭ مۇناسىۋىتى مەنپەئەت بىلەن كۆكىرىدۇ. زىيان بىلەن بۇزىلىدۇ. بىر قاراقچى، بىر بۇزغۇنچى يالغۇز ئادەمگە قانچىلىك ياخشىلىق قىلالايدۇ ؟!  ياخشىلىق قىلالمايدۇ. ياخشىلىق قىلىمەن دىسە زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدۇ. يېققىن بارما. بارساڭ بالاغا قويىسەن. 
    ھەي قاراقچى مەمەت ئاۋاق ! سەن يالغۇز بىر ئادەمگە ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيسەن. ئەمما بىر دەۋرگە، بىر جەمىيەتكە، بىر كوللىكتىپقا ياخشىلىق قىلالايسەن. جەمىيەتتىكى مىڭلىغان ئادەملەر قىلالمايدىغان ياخشىلىقنى بىر سەن قىلالايسەن. سېنىڭ ياخشىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان كوللىكتىپنىڭ ئىچىدە سېنى ياخشى كۆرۈدىغانلارمۇ، سېنى بىلمەيدىغانلارمۇ ھەتتا سېنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارمۇ بولىدۇ. سېنىڭ ياخشىلىقىڭ قۇياشقا ئوخشايدۇ. قۇياشنىڭ  تەپتىدىن تۈلكىمۇ، توشقانمۇ ئوخشاش ئىسسىنىدۇ. ئوتتەك تەپتىڭدىن ئېرىگەن مۇزلارنىڭ ئاستىدىن ياپ-يېشىل چىغلار، بىدىلەر، چېغىرتماقلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. باشقىلار "ياز كەلگەچكە شۇنداق بولدى" دىيىشىدۇ. ئەمما يازنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ھەممەيلەن پۇت-قوللىرىنى كېرىپ ھوزۇرلىنىدۇ. ئەمما سېنىڭ ئۆمۈر بويى پۇت-قولۇڭنى ئارامخۇدا سۇنۇپ  باقمىغانلىقىڭنى ھېچكىم بىلمەيدۇ......
    مەمەت قورقۇنۇچتىن بىر يەردە تۇرالماپتۇ. قورقۇۋاتقان نەرسىدىن  قۇتۇلۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلىدىكەن. قورقۇنۇچنى يېڭىش ئۈچۈن ئۇنى يوقۇتۇش كېرەككەن. دۈشمەننىڭ بىر شېرىكى بولىدىكەن. ئۇ بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە تۇرىدىكەن. مەمەت ئالدى بىلەن يۈرىكىدىكى قورقۇنۇچنى، دۈشمەننىڭ شېرىكىنى يېڭىش كېرەككەن. قانچە قورقۇنچاق بولغانچە شۇنچە يۈرەكلىك بولۈش كېرەككەن. بولمىسا قورقۇنۇچ يەۋېتىدىكەن. دادامنىڭ دىيىشىچە قاراڭغۇدا ئالۋاستى ئۇچراپ قالسا كۆزلىرىمىزنى چەكچەيتىپ، ئاۋازىمىزنىڭ بارىچە تىللىساق ئۇ قاچىدىكەن. قورقۇپ ئىشتانغا چىقىرىۋەتسەكمۇ چاندۇرماي تىللاش كېرەككەن. بولمىسا ئالۋاستى بىلەن قورقۇنۇچ شېرىكلىشىپ بىزنى يەۋېتىدىكەن.
    مەمەت قاچقانچە قورقۇنۇچ كۈچۈيۈپتۇ. ئادەملەرگە بولغان ئىشەنچ بارغانچە يوقاپتۇ. ئەقىل كۈچىيىپتۇ. ئېھتىياتچان بوپتۇ. ئىسىنىشقا ئوت ياققاندا، بىراۋ بىلەن سالاملاشقاندا ھەتتا كۆچمەن پادىچىدىن سېتىۋالغان قوتۇرماچنى يىگەندىمۇ ئېھتىيات بىلەن يىيىشكە ئادەتلىنىپتۇ. قاراقچى ئەلى غوجىنى مۇشۇ دىخانلار تېخى تۆنۈگۈنلا تۇتۇپ بەرمىدىمۇ. ئاجىزلارنى يۆلەپ، بايلارنى قاخشاتقان ئەلى غوجىنى دىخانلار تۇتىۋېلىپ يۈزلىرىگە تۈكۈرۈپ  پەرۇخ يۈز بېشىغا تاپشۇرۇپ بەرمىدىمۇ.  ئادەمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. كىم بىلىدۇ. دىخانلار مەمەتنى ئىلگىرى "شۇڭقارىمىز"  دىگەنلىرىگە كۈلگىسى كېلىپ يۈرەمدۇ تېخى.
    ئادەم دىگەن شۇنداق مەخلۇقكەن. خوش بولغاندا ھەممە خاپىلىقنى ئۇنتۇيدىكەن. "ئاداۋەت ئۈچ كۈندىن كېيىن ھارام" دەپ ھىجىيىدىكەن. خاپا بولسا، ئەۋلىيامۇ شەيتانمۇ چاتىقى يوقكەن. ياقىسىدىن ئالىدىكەن. "قىساس ھالال" دەپ قاپىقىنى تۈرىدىكەن.  
    مەمەت چاتقاللارغا قاراپتۇ. يۇلغۇنلارغا قاراپتۇ. كۆكۈش ئىزلىرى بار بىر تاشقا قاراپتۇ. بىر تال گىياھ بولغان بولسام، شامالدا خاتىرجەم ئىغاڭلاپ تۇرماسمىدىم دەپ ئويلاپتۇ. بىر تال تاش بولۇپ قالغان بولسام، ئاپتاپقا مەيدەمنى قاقلاپ خاتىرجەملىكنىڭ ھوزورىنى سۈرۈپ ياتماسمىدىم دەپ ئويلاپتۇ.....
    مەمەت نەگە بارىدۇ ؟  بېشىنى خاتىرجەم تىققۇدەك تۆشۈكنى، ئايلاپ ئىسسىق تاماق كۆرمىگەن جېنىنى ئارام تاپقۇزغىدەك قازان بېشىنى نەدىن تاپىدۇ ؟! ئوسمان چوڭچۇ؟ بوۋاينىڭ يېنىغا بارسا قانداق بولار. خىيالىغا ئوسمان چوڭ كەلگەندە ئۇنىڭ مېھىر بىلەن قۇچاغلىغىنى ئېسىگە كېلىپ كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ.    
    بېرىش كېرەك. بوپتۇ. تۇتۇپ بەرسە ئۇنىمۇ كۆرەر. بىر قېتىم قېنىپ ئۇخلىۋالسا، ئىسسىق بىر قاچا تاماق يەۋالسا مەيلى ئەمەسمۇ. بەرىبىر ئۆلۈمغۇ. ئۆلسەممۇ تورۇس تاغلىرىدا، تۇغۇلغان يېرىمدە ئۆلەي دەپ قايتىپ كەلمىدىمۇ......
    يېرىمى خىيال يېرىمى چۈشتەك گاراڭ ئويلار بىلەن ئاخشام كىرىپ ياتقان دەرەخ كاۋىكىدىن چىقىپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپلا ۋاي ۋاي يېزىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ماڭغانچە ئىلداملاپ كېتىپتۇ. ئەندىشىدىن تېز مېڭىش بىلەن قۇتۇلماقچى بولغاندەك، ئۆزىنى ئوتقا ئاتماقچى بولغان پەرۋانىدەك ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپتۇ. ئىلگىرى بىرەر يېزىغا كىرمەكچى بولسا ئاۋال نەچچە كۈنلەپ كۈزىتىدىكەن. بىراق بۈگۈن ئۇنداق قىلماپتۇ. ھەممىدىن قۇتۇلماقچى بولغاندەك ھېچنىمىنى ئويلىماپتۇ. ئويلاۋېرىش، ئېھتىيات بىلەن قەدەم بېسىش ئۇنىڭ جېنىغا تەككەن ئىكەن. ئوي-خىيالدىن مېڭىش بىلەن قۇتۇلماقچى بوپتۇ. كېيىن يۈگرەپتۇ. يوشۇرنۇشتىن، قېچىشتىن، ئاچلىقتىن، يالغۇزلۇقتىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك ئالدىغا قاراپ يۈگرەپتۇ.....

    مەمەت كېچىدە ۋاي ۋاي يېزىسىغا كەپتۇ. ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىنى سوراپ تېپىپتۇ. "خۇدايى قوناق" دەپ ئىشىكنى چېكىپتۇ. دەسلەپ ئوسمان چوڭ مەمەتنى تونىيالماپتۇ. كېيىن تونۇپتۇ. بوۋاينىڭ چىرايى ئۆيىگە خىزىر كەلگەن مۇھتاجنىڭ چىرايىدەك، دەرتمەننىڭ چىرايىدەك ئۈمچىيىپ قاپتۇ. كۆزلىرىدە ياش، قۇچىغىدا مەمەت، ئېغىزىدا "شۇڭقارىم" ......ئوسمان چوڭ دىر دىر تىترەيدىكەن. ئۇنى قۇچاغلايدىكەن. مەمەتكە بۇ قېتىم بوۋاينىڭ قۇچىغى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئىللىق بىلىنىپتۇ:
    - بۇ سەنمۇ، ئاللانىڭ مېھمىنى...مەرھەبا....-دەپتۇ....."مېنى ئانام شىۋى قەدرى كېچىسى تۇققان ئوخشايدۇ.مەمەتنى، شۇڭقارىمنى يەنە كۆرۈش نېسىپ بولدى...ئەمدى خوشال ئۆلىدىغان بولدۇم" دەپتۇ....شۇنداق خوشال بوپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ مەمەت يولدا ئوسمان چوڭدىن ئەنسىرىگىنىدىن خىجىل بوپتۇ. قەمەر ئانىسى يېرىم كېچىدە "پولو سالىمەن" دەپتۇ. مەمەت "بولدى قوسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. نىمىلا بولسا مەيلى، بارنى يەيلى" دەپتۇ. قەمەر ئانا داستىخان ساپتۇ. شورپىنى ئىسسىتىپتۇ، ھەسەل ئارىلاشتۇرغان قېتىق ئەكەپتۇ. ئىسسىق ئوچاق ئالدىدا قاچىدىكى ئىسسىق تاماقنى يەپتۇ. مەمەت ئۈچ يىلدىن بېرى بۇنداق ئىسسىق ئولتۇرۇپ، ھوزور بىلەن تاماق يەپ باقماپتىكەن. تاماقتىن كېيىن قەمەر ئانىسى كونا زاماندىن قالغان چۆگۈندە قەھۋە قاينىتىپتۇ. ئۇلار قەھۋە ئىچىشكەچ پاراڭلىشىپتۇ. مەمەت شۇ قېتىمقى قەھۋەنىڭ تەمىنى ئۆلگىچە ئۇنتالماپتۇ. ھەر قېتىم قەھۋە ئىچكەندە شۇ قېتىمقى قەھۋەنىڭ تەمىنى ئەسلەش ئۈچۈنلا ئىچىپتۇ. 
    ئوسمان چوڭ مەمەتنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يېزىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئەلى ساپانىڭ يەر خېتىنى كۆتۈرىۋېلىپ قىلىۋاتقان ھىلىلىرىنى، تەھدىدلىرىنى ھەممىنى سۆزلەپتۇ. يېزىنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ زۇلۇملىرىغا چىدىماي كۆچۈپ كەتكەنلىكىدىن، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرمىگەنلىكىدىن قايغۇرۇپتۇ.
    بالام مەمەت سېنى خۇدا يەتكۈزدى. ئەلى ساپا دىگەن بۇ ئىت غۇرۇرىمىزنى دەپسەندە قىلدى. ئون ئوغۇل تېپىپتىمەن. توشقاندەك قورقۇنچاق....دىخانلار قورقتى....قورقمىغان مەندەك قېرىلا قالدى. قېرىلىق قانچىلىك بولاتتى...كۈچ يوق...ئوت بار، ئىسسىقى يوق. شۇنداقتىمۇ كوماك ئاغزىم بىلەن سۆزلەپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن توساۋاتىمەن. بىز چىدايلى، ئەلى ساپا چىدىماي يېڭىلگىچە چىدايلى دەۋاتىمەن. خۇدا قورقۇنچاق ئادەمنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن....ھېلىمۇ جاجىسىنى بېرىۋاتىدۇ....ئەمدى سەن كەلدىڭ. خۇدا بىزنى تاشلىۋەتمىدى. ئەلى ساپانىڭ كۆرىدىغىنى بار.......- دەپ ئۈمۈتلىنىپتۇ.
    ئوسمان چوڭ مېھمانخانە ئۆيدىكى ئويۇقنىڭ ئىچىدىكى ئاشلىق ۋە يوتقانلارنى ئېلىۋېتىپ مەمەتكە بىر ئورۇن راسلاپ بېرىپتۇ. ئويۇقنىڭ سىرت تەرىپىگە يوتقانلارنى تىزىپ ھېچكىم بىلەلمەيدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. ئايالى بىلەن ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان مەمەتنى سېمىز، ھەيۋەتلىك ئادەم قىلىپ چىقماقچى بوپتۇ. 
    قەمەر ئانا ئوسمان چوڭغا:  
    - ئەتىلا چىدىماي مەمەتنىڭ كەلگەنلىكىنى يېزىغا يايىسەن. ھېچكىمگە ئېيتمىساڭمۇ، قىلىقلىرىڭ، گەپ-سۆزلىرىڭ بىلەن بىلدۈرىسەن. ئەمدى ئازراق كوتۇلدا...بۇ بالىنىڭ كەينىدە بۇلۇتتەك ساقچى ئىزدەپ يۈرۈيدۇ، ئۇ ئامان بولسۇن. دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ بەختى ئۈچۈن ئامان بولسۇن- دەپتۇ . شۇنداق دەپ بولۇپ بۇ گېپى ئۆزىگە ياقماپتۇ. 
    چۈنكى ھۆكۈمەتمۇ ئەمەلدارلارمۇ مەمەتنىڭ ئۆلىمىنى خالايدىكەن. شۇڭا كەينىگە ئۇلاپلا؛
     
    - زۇلۇم ئاستىدىكى نامراتلارنىڭ بەختىگە خۇدايىم ئامان قىلسۇن- دەپ تۈزىتىپ قويۇپتۇ. مەمەت ئورۇنغا كىرىپلا ئۇيقىغا مۆكلا چۈشۈپتۇ.....
    ئوسمان چوڭ كالپۇكىنى تامشىتىپ بوۋاقتەك ئۇخلاۋاتقان مەمەتنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يۈزلىرىگە، بۇرۇنلىرىغا، قۇلاقلىرىغا ھەتتا سېرىق تۈكلىرىگە قەدەر ھەۋەس بىلەن قاراپ كېتىپتۇ؛
    قارا قەمەر، ھۆكۈمەت مۇشۇ مۇشتۇمدەك بالىنى كۆرسە ئۆزىدىن خىجالەت بولار-ھە. تىترىشىپ كەتكىنىدىن ئۇيۇلار.  ئىسىت! ئۇلار ئۇيۇلۇشنى بىلەمدۇ...ئۇلار خىجىل بولۇشنى بىلسە، ئادەمگەرچىلىكنى بىلگەن بولسا بۇ بالا ئىسيان كۆتۈرەرمىدى- دەپتۇ....................
     
    ئەلى ساپا باي يوباز ئوغلىنىڭ يېرىنى ئالغاندىن كېيىن،  يەر خېتىنى ئۆزگەرتىپتۇ. ۋاي ۋاي يېزىسىنىڭ يەرلىرى ئالقىنىغا كىرىپلا قاپتۇ. يېزىلىقلارغا يەتكۈزۈپتۇ؛
    ئەسلىدە بۇ يەرلەر مېنىڭ ئىدى. مەن ئازاتلىق ئۇرىشى قىلىۋاتقان چاغدا يەرگە قارىغۇدەك چولام يوق. سىلەر تېرىپ تۇرۇپسىلەر. ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم. يەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇڭلار.- يېزىلىقلار غۇدۇراپتۇ. ئازاتلىق ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا مۇشۇ يېزىدا ياشاۋاتقان ئادەملەر ئوسمانىيلار دەۋرىدىن قالغان دىخانلار بۇ گەپلەرگە ئىشىنەمدۇ. ئىشەنمەيدىكەن. يالغان دەيدىكەن. تۆنۈگۈنلا سېتىپ بېرىڭلار دىگەنتى....قاملاشتۇرالماي قەلەيچىنى ئىشقا سېلىپ بۇلىدى... بۈگۈن بۇ ھۈنەرنى چىقاردى." دىيىشىپتۇ....... 
    بىراق ھۆكۈمەت قۇرۇق گەپنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن. ھۆججەت سورايدىكەن. تامغىلىق ھوججەت، ئەلى ساپا باينىڭ بار ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ قانۇنلۇقكەن. يېزىلىقلار دادىسىدىن بوۋىسىدىن مىراس يەرلىرىنى قولغا ئالغان چاغدىلا " قېنى بىر ھۆججەتمۇ يېزىپ بەر" دىسە بولمامدۇ. ياكى بولمىسا دۆلەت قۇرۇلغان كۈنى خەلق مەيدانىدا نايناقشىپ ئۇسۇل ئويناپ يۈرمەي، يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسىدا ئۆچىرەت تۇرۇپ ھۆججەت ئېلىۋالسا بولمامدۇ. كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى كىم بىلىدۇ-دەيسىز. 
    يېزىلىق دىگەننىڭ، قارا قوساق دىخاننىڭ قانۇن ماددىلىرى بىلەن ۋەزخانلىق قىلىدىغان ئىقتىدارى يوقكەن. ياكى نەگە بېرىپ نەدىن ياردەم سوراشنى بىلگۈدەك ئەقىللىق ئەمەسكەن. قىلالايدىغىنى يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ تۇرۇشكەن. "ئۇنداق ئەمەس. بوۋامنىڭ بوۋىسىمۇ مۇشۇ يەرنى تېرىپ جان بېقىپتىكەن" دىگەندەك تەيپىنەم ۋاقتىدىكى گەپلەرنى قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن. بۇنداق ئادەملەرنى ھەيدىۋەتمەكمۇ تەسكەن. يا قانۇن بىلمىسە، يا چىرايلىق گەپنى ئاڭلىمىسا قانداق قىلغۇلۇق. ئەلى ساپا باي قورقۇتۇشقا ئۇستىكەن. ھۈنەر دىگەن تولىكەن. ھەر كېچىسى ئادەملىرىنى ئېۋەتىپ يېزىنى ئوققا تۇتۇپتۇ. چاۋۇش (ساقچىخانە باشلىغى) ئاغىينىسىغىمۇ بۇ ئىش قىززىقارلىق بىلىنىپتۇ. ئازاتلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن مىلتىق ئېتىپ باقماي زېرىكىپ كەتكەندۇ. كېچىدە بېرىپ ئۆي-ئۆيلەرنى ئوققا تۇتۇپ قايتىپ كېلىش راستىنلا كۆڭۈللۈك ئويۇنكەن.  يېزىلىقلار ئۆيلىرىدە تىترىشىپ سىرتقىمۇ چىقالمايدىكەن. ئاخىرى قورقۇنۇچقا چىدىماي بۇلارمۇ يېزىدىن كېتىدىكەن. چاۋۇش بىلەن ئەلى ساپا بۇلارنى ئويلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ.  
    يېزا كۈن ئاتلاپ ئوققا تۇتۇلۇپتۇ. بۇنىڭ ئۈنىمىمۇ كۆرۈلۈپتۇ. يېزىدىن نەچچە ئائىلە كېتىپتۇ. ئەلى ساپا باي بىر كۈنى ئادەملىرىگە يوباز ئوغلى ھەسەننىڭ ئۆيىنى ئوققا تۇتۇپ كۆيدۈرىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ ھەسەن يا ئېغىزىنى يۇمماپتۇ. ياكى يېزىدىن كەتمەپتۇ. باينى مەسخىرە قىلىشنى توختاتماپتۇ. ئەلى ساپا باي، ھەسەننىڭ ئۆي ۋاقىغا قوشۇپ، ئېغىللىرىنى ھەمدە تورۇق ئاتنىمۇ كۆيدۈرۋېتىشنى تاپىلاپتۇ.
    شۇ كېچىسى ئەلى ساپانىڭ ئادەملىرى يوباز ئوغلى ھەسەننىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپتۇ. ئوتنىڭ يورۇقى پۈتۈن يېزىنى كۈندۈز قىلىۋېتىپتۇ. يېزىلىقلار يوتقاندىن چىقىپلا يۈگۈرۈشۈپتۇ. يىغىلىپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى يوباز ئوغلى بالىلىرىنى ئۆيدىن ئېلىپ چىقىۋاپتۇ....... باشقا ھەممە نەرسە، ھەتتا بىر تال پايپاقمۇ قالماي كۆيۈپ كېتىپتۇ. ھەممە نىمىسى كۆيۈپ كېتىپتۇ. ھەسەن ئېغىلدىكى تورۇق ئاتنى باغلاقتىن بوشىتىۋېتىپتۇ. تورۇق بىر كىشنەپلا ئوت ئىچىدىن قارا يىلاندەك سۈغۈرلۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىر پەستە غايىپ بوپتۇ. ئەتراپتىكىلەر "يانغىندىن قاچقان ئات كەلمەيدۇ" دىيىشىپتۇ. يېزىلىقلارنىڭ چىرايى ئوت يورۇقىدا قېنى قېچىۋاتقان ئوپكىدەك تاتىرىشقا باشلاپتۇ. كۆيۈۋاتقان ئوت يوباز ئوغلىنىڭ ئۆيىنى ئەمەس، ئۇلارنى يېزىغا باغلاپ تۇرغان رىشتىنى كۆيدۈرىۋاتقاندەك بىلىنىپتۇ. ئاخىرى مۇشۇنداق بولارمۇ ؟ يېزىنىڭ ئاخىرقى جاھىللىرى كۆيۈپ تۈگەرمۇ ؟ 
    بىر ئوسمان چوڭلا ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئۇيان-بۇيانغا ئايلىنىدىكەن. يېزىلىقلارنى ئارىلايدىكەن. ئۆزىنى خۇددى چاشقانلار ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرگەن شىردەك ھىس قىلىدىكەن. كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ كۈلىدىكەن. يېزىلىقلارغا ئۇنىڭ قىلىقلىرى ئىشەك ئۆلەي دەۋاتسا بىرنىمىسى غىجەك تارتىۋاتقاندەك بىلىنىپتۇ. 
    ئوسمان چوڭ كونا تۈركمەن كىيىملىرىنىڭ ئۈستىگە چاپراس تاسمىلار تارتىۋالغان ئىكەن. خۇددى قەدىمقى بايراملارغا تەييارلانغاندەك. شالۋۇرىنىڭ زەر يىپلىرى بىلەن تاسمىلىرىدىكى مېتاللار پارقىراپ تۇرىدىكەن. كۈن شۇنچىلا ئىسسىق بولسىمۇ بۇ قېرىنىڭ كىيىۋالغىنى قىززىقكەن. گۈس-گۈس دەسسسەپ ئۇيان-بۇيانغا ئايلىنىدىكەن. غاڭزىسىنى ئېغىزىغا قىستۇرۇپ، قولىنى كەينىگە قىلىپ، خۇددى ئەرەپ ئارغىمىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك يېنىك چايقىلىدىكەن. يېزىلىقلارنىڭ كۆزىگە يىراقتىن خۇددى گېپى باردەك تىككىللىپ  كېلىدىكەن. خۇددى ئىگىز چوققىدا تۇرۇپ پەسكە قارىغاندەك قارايدىكەن. يېنىغا كەلگەندە باشقا ياققا قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن. ئۇزاقراق قارىۋەتسەم ياكى سۆزلەشسەم ئىچىمدىكىنى بىلىۋالمىسۇن دىگەندەك قىلىدىكەن.
    بوۋاي كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ قېتىپ قالغان يوباز ئوغلىنىڭ قېشىغا كېلىدىكەن. "بىر مۇسىبەت مىڭ نەسىھەتتىن ئەلا دەپتىكەن ھەسەن . سەن قىزىل باشلاردىن. ئەلى ساپادىن نىمىنى كۈتىمىز. ياخشىلىق يوق. بىز قاراپ تۇرىۋەرسەك ئۇ كۆيدۈرىۋېرىدۇ. بىز بۇ يەردىن يوقالغىچە ئاتىدۇ، كۆيدۈرىدۇ. قورقۇنچاقتىن بىچارە ئادەم بولمايدۇ...."
    يېزىلىقلارغا سۆزلەپتۇ. ھېچكىمنىڭ چىرايىغا قارىماپتۇ. 
    - بۇ قورقۇنچاقلىقىڭلارغا ئاللا بېرىۋاتقان مۇكاپات. بەندە ئەجرىگە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. سىلەرمۇ بۇ مۇكاپاتتىن قۇرۇق قالمىدىڭلار. قورقۇنچاق ئادەم يەردە بولسۇن كۆكتە بولسۇن، سۇدا بولسۇن ئىلگىرى كەلمەيدۇ، راۋاج تاپمايدۇ...بۇ ئوت بىزگە ئاز...بىز ئەتراپتىكى پەسكەشلىكلەرگە كۆنۈپ قالغان ئادەملەرمىز...- دەپتۇ. ھەممە ئادەمنڭ ئارىسىدا ئوسمان چوڭلا كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىكەن. كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ كۈلۈپ تۇرىدىكەن.  
    يېزىلىقلار ئۇنى " ئېلىشىپ قالغانمىدۇ " دىيىشىپتۇ. "بۈگۈن ئوخشىمايلا قاپتىغۇ، نەچچە كۈن ئىلگىرىلا پۇتلىرىنى سۆرەپ، ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ماڭىدىغان بۇ قېرى نىمە يەۋالغاندۇ....." دىيىشىپتۇ. ئوت كېچىچە كۆيۈپ، تاڭ ئاتقاندا ئۆينىڭ، ئېغىلنىڭ ئورنىدا كۆيەڭ پۇراپ تۇرغان قارا-قۇرا نەرسىلەرلا قاپتۇ.
    ئەتىسى ئەتتىگەندە ساقچىلار كەپتۇ. يوباز ئوغلىنى " ئۆز ئۆيىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق يۇرتتا ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان " دىگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇپ ساقچىغا ئەكىتىپتۇ. يېزىلىقلار: 
    ئۆز ئۆيىگە ئۆزى ئوت قويامدۇ، ئادەم بالىسى شۇنداق قىلامدۇ- دىيىشىپتۇ. ساقچىلار: - ئەمىسە ئوت قويغۇچى كىم ؟ ئىسپاتىڭلار بارمۇ ؟ قانۇن ئىسپاتنى ياقلايدۇ. ئۆيىگە ئوت قويۇشقا ئەڭ يېققىن جىنايەت گۇماندارى ئۆزى شۇ- دەپتۇ.
    يوباز ئوغلى ھەسەننى ساقچىخانىغا ئەكەپتۇ. ئىشخانىنىڭ يۇقۇرى تېمىدا مۇستاپا كامالنىڭ مارشاللىق كىيىمى بىلەن ئات مىنىپ تۇرغان رەسىمى بار ئىكەن. ئادەمگە قايغۇلۇق نەزەر بىلەن قاراۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن. ئۈستىدە يېڭى بىر بايراق ئېسىلغان بولۇپ ئۇنىڭ قىسقا سېپىدىكى چىۋىن پوقلىرى رەتسىز چېكىتلەردەك كۆرۈنىدىكەن. سېپى كونىكەن. ئېھتىمال بايراقنى يېقىندىلا ئالماشتۇرغان ئوخشايدۇ. سىرلانمىغان سوراق ئۈستىلىنىڭ يۈزى تاماق قالدۇقىنىڭ ئىزلىرى، تۆكۈلۈپ كەتكەن سىيانىڭ رەڭگى، قالايمىقان جىجالغان ئىزلار بىلەن بېزەلگەن ئىكەن.  
    ھەسەننى ساقچى باشلىغى ئۆزى سوراق قىپتۇ. سوراقتىن بۇرۇن قانۇن خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈن يەرگە ئورنۇتۇلغان ئورۇندۇققا كويزىلاپ قويۇپتۇ.  
    نىمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە ئوت قويدۇڭ- دەپتۇ ساقچى باشلىغى. ھەسەننىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا تىللاشنى باشلاپتۇ:  
    - ھەي ئىتنىڭ كۈچىكى، ياكى خۇدادىن قوقمايسىلەر ياكى بىزدىن تەپتارتمايسىلەر. خيالىڭلار زادى نىمە. سەنلەرنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمەت بارمۇ يوقمۇ ؟! سەندەك تۆت تال چۈپرەندىگە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى يەتمەسمۇ. سىلەرنى ياخشى كۈن كۆرسۇن، تىنىچ تىرىكچىلىك قىلسۇن دىدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشتۇق. ئەمما خەلق ھاكىمىيىتىنىڭ ساڭا ئوخشاش بىر قىسىم دۈشمەنلىرى يەنىلا شۈكرى قىلىشمىدىڭ. ھېلىغىچە تەن بېرىشمىدىڭ-. ھەسەن نىمە دىيىشنى بىلەلمەپتۇ. بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.  باشلىق غەزەپلىنىپتۇ. سوراق دىگەندە جىنايەتچى جالاقشىپ تىتىرەپ تۇرسا ساقچىلارغا ھۆزۇر بېرىدىكەن. توختىماي يالۋۇرۇپ، پوتلىسىنى ئېقىتىپ تۇرسا سوراقنىڭ قىززىقى بولمامدۇ. ئەمما ماۋۇ گۇي، گۆشۈيۈپ ئولتۇرىدىغۇ. باشلىق غەزەپلىنىپتۇ. ئۇنى راستىنى ئېيتىشقا قىستاپتۇ. سوراقتا ئۇرسا بولمايدىكەن. شۇڭا " بۇيانغا قارا " دەپ چاندۇرماي كاچىتىغا ئۇرۇپتۇ. سوراق قىلغاندا ھاقارەتلىسە بولمايدىكەن. ئامالىنى تېپىپ تۈكرىكلىرىنى چاچراتقان بولۇپ يۈزلىرىگە تۈكۈرۈپتۇ. " تۈز تۇر " دىگەن بولۇپ پاچىقىغا تېپىپتۇ. يوباز ئوغلى كۆكىرىپ تۇرىدىكەن. بۇنداق بولسا سوراقنىڭ ئۈنىمى بولامدۇ ؟ كويزىنى يېشىۋېتىپتۇ. ئۇرۇشقا قولايسىزكەن. چۈنكى ھەسەن قانۇن بىلەن قارشىلىشىپ گەپمۇ قىلماپتۇ. قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى گۆشۈيۈپ تۇرۇش بىلەن ھاقارەتلەپتۇ. تىرنىقىنى تاتىلاپ قانۇن خادىملىرىغا پىسخىك ھۇجۇم قىپتۇ. شۇڭا يوللۇق تاقابىل تۇرماي بولمايدىكەن. بېشىنى قاماللىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ دۈمبىسىگە ئۇرۇپتۇ. سۇنمايدىغان رېزىنكە كالتەك بىلەن تازا ئۇرۇپتۇ. تەتۈر قارىتىپ تامغا چاپلاپ كەينىدىن ئۇرۇپتۇ. ئالدىدىن ئۇرسا جىنايەتچى ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدىكەن. يوباز ئوغلى ھەسەن ئۈندىمەپتۇ. كۆزىنى يۇمۇۋاپتۇ. ساقچى باشلىغى ئاچچىقتىن ئۆزىنى باسالماپتۇ. ئۆزى كېلىپمۇ ئۇرۇپتۇ. ھەسەننى تامغا نىقتاپ تۇمشىقىغا نەچچىنى ئۇرۇپتۇ. تامغا قانلار چاچراپ كېتىپتۇ. بايراققىمۇ چاچراپتۇ. بايراق ئەسلىدىنلا قەھرىمانلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان بولغاچقا چاچرىغان قانمۇ بىلىنمەپتۇ. مۇستاپا كامال پاشانىڭ رەسىمىگە چاچراپ كېتىپتۇ. تورۇق ئاتنىڭ قاشقىسىغا چاچراپ كېتىپتۇ. كېيىن ساقچىلار ئۇرۇپتۇ. نۆۋەت بىلەن ئۇرۇپتۇ. ئۇرۇپ تۇرۇپ بېكىتىلگەن جىنايىتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ: 
    سېنىڭ بۇ قىلمىشىڭ، باشقىلارغا ئۈلگە بولسا، باشقىلارمۇ شۇنداق ئۆيلىرىنى كۆيدۈرگىلى تۇرسا، ئۇلۇغ تۈرك ۋەتىنى نىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ ؟ ئېيتە ئىپلاس ؟! يەنە شۇنداق ئۆيۈڭگە ئوت قويامسەن؟ يامان تەسىر پەيدا قىلامسەن؟ قۇتراتقۇلۇق قىلامسەن؟! خەلق ھاكىمىيىتىگە ، تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تۇرامسەن؟! - دەپ چېچىدىن تۇتۇپ يۈزىگە تۈكۈرۈپتۇ.....ئىشقىلىپ يالغۇز ئۆيگە سولىۋالغاندا  بولىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسى بولۇپتۇ........ 
    ئاخىرىدا ئۇنىڭغا: 
    سېنى ئەلى ساپا باينىڭ ئىلتىماسى ۋە يالۋۇرۇشى بىلەن قويۇپ بېرىمەن. ئەمما 
    ئەتىلا بۇ يېزىدىن يوقىلىسەن. ھەسەن دەپ بىر ئادەم ئالدىمغا چىقىپ قالمىسۇن.  بولمىسا بۇ قېتىم ساقچىدىن ئۆلۈگۈڭ چىقىدۇ- دەپتۇ. ئاندىن ساقچىلارغا: 
    بۇنى يولغا ئاپىرىپ تاشلاپ قويۇڭلار ناۋادا ئۆلۈپ قالسا، جىنايىتىدىن قورقۇپ قاچقان ئىدى ئېتىۋەتتۇق دەرسىلەر.  ئۆلمىسە مەيلى- دەپتۇ.........
    ھەسەن بىر پارچە قانغا مىلەنگەن لاتىغا ئوخشاپ قالغان ئىكەن. ئۇ ئاخشام ساقچىلار تاشلىۋەتكەن يېرىدىن مىدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئۆيىگە مېڭىپتۇ. قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرىغا چىلىشىپ كېتىۋاتقان گەۋدىسى نەم  لاتىدەك ئېغىر چايقىلىدىكەن. بېسىپ كېلىۋاتقان سۇس قاراڭغۇلۇقتا بۇ لاتىنىڭ رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىكەن....
    ئەتىسى ئەتتىگەندە ھەسەننى خوتۇنى قولتۇغىدىن يۆلەپتۇ. ئىككى بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپتۇ. خوشنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بىر-بىرلەپ كىرىپتۇ. ئۇلار بىلەن خوشلىشىپتۇ:
    ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى، نارلى قىشلاققا بارىدىغان بولدۇم. ئامال يوق. ھۆكۈمەت بىلەن تەڭ كەلگىلى بولاتتىمۇ. تاجاۋۇزچىلار بىلەن ئون يىل ئۇرۇشتۇق. ھەرقانداق ئۇرۇشتا يۈزىمىز يورۇق بولدى. يېڭىپ چىقتۇق. ئەمما ھۆكۈمەتنى يەڭگىلى بولاتتىمۇ..مېنى ۋەيران قىلدىغۇ...ھۆكۈمەت يەڭدى.....بولدى كەتتىم...خۇدايىمغا ئامانەت - دەپ يېزىدىن كېتىپتۇ. بوۋىسىدىن تارتىپ ياشاۋاتقان يېزىسىدىن چىققىچە ئىككى قولىدا ھېچنىمىسى يوقكەن. بىر-بىرىنى يۆلىشىپ كېتىۋاتقان چوڭ-كىچىك تۆت گەۋدە يېزا يولىدا ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىپتۇ............ئەلى ساپا باي يېزىدىكىلەرنىڭ ئاخىرقى جاھىللىرى نارلى قىشلاققا كۆچمىگەنچە جىلى بولۇپتۇ. ھەسەننىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن يېزىلىقلارنى ئالدىراپ كۆچىدۇ دەپ ئويلاپتىكەن. ئۇنداق بولماپتۇ. زەينەلدىن سۈرۈشتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە يېزىلىقلار يەنىلا تالاش-تارتىش قىلىدىكەن. ئەمما قارارىنىڭ نەتىجىسى يوقكەن. شۇنداقتىمۇ ئىلگىركىدىن كۆپ ئۈمۈتسىزكەن. يېقىندا ئوسمان چوڭدا بىر ئۆزگۈرۈش باركەن. يەرگە چاپلىشىپ قالاي دىگەن بۇ قېرى ئۆزگۈرۈپ قاپتۇ. ھىچكىمنى پىسەنتىگە ئالمىغاندەك كېرىلىپ ماڭىدىغان بولۇپ قاپتۇ. كۆزىگە يېزىمۇ كىچىك كۆرۈنىدىغاندەك بولۇپ قاپتۇ. ئاۋازلىرىمۇ ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ. زەينەلنى كۆرۈپ كۆززىنىڭ ئىچچىگە قاراپ، يەرگە تۈكۈرۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەلى ساپا باي بۇلارنى ئاڭلاپ سەل ئالدىراپتۇ. "بىر ئوسمان چوڭنىڭ ھالى ياخشى. ئەمما بۇ قېرىنىڭ تەسىرى قالغانلارغا يۇقسا، ئىش چاتاق. بۇ قېرىدا زادى نىمە گەپ بار". ئۇ زەينەلگە ئوبدان كۆز-قۇلاق بولۇشنى تاپىلاپتۇ. ساقچى باشلىغى بىلەن ئوسماننىڭ بىرەر ئاجىزلىقىنى ياكى خاتالىقىنى تېپىپ يوقۇتۇشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. شۇ كېچىسى ئادەملىرىنى يەنە يېزىنى ئوققا تۇتۇشقا ئېۋەتىپتۇ.
    ئوسمان چوڭ مەمەت ئاۋاققا يېزىدىكى ئىشلارنى پاراڭ سېلىپ بېرىپ ئەمدىلا ئۇخلاشقا ياتقان ئىكەن. ھېلىقىدەك ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازى يېزىغا بېسىپ كىرىپتۇ. ئاندىن تاراسلاپ ئېتىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا مەمەتمۇ ئاللىقاچان ئورنىدىن تۇرۇپ چەپراس تەييار بولۇپ بولغان ئىكەن. ئوسمان چوڭ:
    بالام سەن جىم يات. تېخى ئەسلىڭگە كېلىپ بولالمىدىڭ. مەن چىقىپ قاراپ باقاي-دەپ ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. ئاندىن كونا نەرسىلەرنى سالىدىغان ئورۇس ساندۇقىنى ئاختۇرۇپ ئىچىدىن كونا تاپانچىسىنى تېپىپتۇ. بۇ تاپانچا، تاپانچا دۇنياغا كەلگەن چاغدىكى تاپانچىلاردىن ئىكەن. ھەم يوغان ھەم ئۇزۇن تاپانچا ئىكەن. ئۇنىڭغا دورىنى چىڭداپ ساپتۇ. سىرتقا چىقىپتۇ. ئۆزىنىڭ كوچىسىدىن يەنە بىر كوچىغا ئۆتۈپتۇ. ئۆزىنىڭ كوچىسىدا ئاتسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما ئەتىلا ئوق ئېتىلغان يەرنى ئېنىقلاپ مەمەتنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپتۇ. ئادەم ئولتۇرمايدىغان بىر ئۆينىڭ ھويلىسىغا كىرىپتۇ. سوقمىدىن ماراپ يېتىپتۇ. بىر چاغدا ئاتلىقلار بۇ كوچىدىن ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. ئوسمان چوڭ كوچىدىن ئۆتۈۋاتقان ئاتلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاپانچىنى توغرىلاپ ئېتىپتۇ. قېرىغاندا ئوبدان نىشانلىغۇدەك كۆز، تىترىمەي ئاتقۇدەك ماغدۇر بولامدۇ. توغرىلاپلا ئېتىپتۇ. گۈمبۈرلىگەن تاپانچا ئاۋازىدىن كېيىن ئەرمۇ ياكى ئايالمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر چىرقىراش ئاڭلىنىپتۇ. ئاتلىقلار يېزىنىڭ سىرتىغا قاراپ بەدەر قېچىپتۇ.  شۇ كېچىسى قايتا كەلمەپتۇ..... 
    ئەتىسى يېزىلىقلار مەيداندىكى چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىپتۇ. ئاخشامقى ئوققا تۇتۇشنى سۆزلىشىپتۇ. سەيپەلى ھەممەيلەنگە: 
    بۇنداق يېتىۋەرسەك بىزنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىدىغان ئوخشايدۇ. ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ باقايلى. ئەلى ساپانىڭ قىلمىشلىرىنى ئېيتايلى- دەپتۇ. ئوسمان چوڭ بىر چەتتە يېزىلىقلارنى كۈزىتىپ تۇرىدىكەن. شۇنداق ئىسسىق بولىشىغا قارىماي كىيىۋالغان تېرە شالۋۇرىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى تىققىنىچە خۇددى ياشلاردەك مەنسىتمەسلىك بىلەن تۇرىدىكەن. دىخانلار غۇدۇرىشىپتۇ: 
    -  بارايلى ناھىيىگە بارايلى.بىزنىڭمۇ ئىگىمىز بار ئادەملەرغۇ، بۇنداق بوزەك قىلىشنى توختاتسۇن.- ئوسمان چوڭ ئۇلارغا: 
    - ئەگەر ساقچى ئىدارىسىمۇ ھەل قىلالمىسا قانداق قىلىسىلەر ؟-ئاۋازىدا يوشۇرۇپ بولمايدىغان بىر مەسخىرە بار ئىكەن. سەيپەلى ئۇنىڭغا؛  
    داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللاندى


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى
    回复چەۋەنداز说:
    ئۇنىڭدىن چوڭ يەرگە بارىمىز. ئەنقەرەگىمۇ بارىمىز. مۇستاپا كامالغا ئېيتىمىز. سەن زادى نىمە بولدۇڭ ؟ ھەي ئوسمان بالا ! نەچچە كۈن بولدى. ئىچىمدىكىنى تاپ دىگەندەك يۈرۈيسەن . بىزنى مەسخىرە قىلىسەن. ھىچكىمنى ھەتتا ئاسماننىمۇ كۆزگە ئىلمايدىغاندەك كېرىلىپ يۈرۈيسەن. سەنمۇ مۈشۈ كۈندە قالدىڭغۇ. بىزدىن پەرقىڭ بامۇ ؟-. ئاچچىقتىن ساقاللىرى تىترەپ كېتىپتۇ. ئوسمان چوڭ كۈلىۋېتىپتۇ. "سىلەردىن پەرقىم بار، مەن كەينىمدە مەمەت ئاۋاق بولغانلىقى ئۈچۈن ھىچكىمدىن قورقمايمەن. شۇڭا ئاخشام بىرىنى ئېتىۋەتتىم. قېرى جېنىم بىلەن قورقماي ئاتتىم. قېنى قايسىڭ شۇنداق قىلالايسەن" دەۋېتىشكە تاس قاپتۇ. ئۆزىنى بېسىۋاپتۇ. دىسە بولمايدىكەن. يېزىلىقلار ئاڭلىسا ئەلى ساپانىڭ ئىتلىرىمۇ ئاڭلايدىكەن. زەينەلدەك ئادەملەر بۇ گەپلەرنى بايغا يەتكۈزىدىكەن. ئوسمان چوڭ تۇرغان يېرىدىن سەيپەلىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. سەيپەلىنىڭ مەھكەم يۇمۇلغان ئېغىزىغا، ئويۇلۇپ تۇرغان قوۋۇزلىرىغا، بۇرۇتىنىڭ ئۇچىغا چاپلىشىپ قالغان تۈكرۈك دانچىلىرىغا قاراپتۇ.كۈلگىسى كەپتۇ. كۈلۈپتۇ. قوساقلىرىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. كۈلگىنىدىن كۆزلىرىدىن ياشلار چىقىپ كېتىپتۇ؛
    ۋاي سەيپەلى، سېنى نادان دەپ ئويلايتتىم. ئەمما بۇنچىلىك ئەخمەقلىقىڭنى، نادانلىقىڭنى ئويلىماپتىمەن. ئەلى ساپا باينىڭ كۈتكىنى مۇشۇ. ۋاي سەيپەلى....راست ئېيتىڭ، قانۇنغا مۇراجەت قىلايلى....بىز قانۇن دىگەن ئىتنىڭ ئۈچىيىدىن چىقىپ بولغىچە يېزا قولىمىزدىن چىقىپ بولىدۇ...ھەي نادان......سەن بۇنداق پەسكەشلەرنى ۋاي ۋاي يېزىسىدىلا بار دەپ ئويلامسەن. ئەنقەرەنى ئادالەتنىڭ ماكانى دەپ ئويلامسەن. ھۇ نادان ئىشەك ! قاچان سۇنىڭ بېشى لاي بولماستىن ئايىقى لاي بولۇپ قالغان. ماقۇل، قېنى ماڭ، ساقچىغىمۇ بارايلى ! ھۆكۈمەتكە تەلمۈرۈپ قالغان بۇ پاقاڭنىمۇ بىر قاندۇرايلى- دەپتۇ. ئوسمان چوڭ، سەيپەلى، پەرھات ئىمام ئۈچىسى ساقچىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ.
    پەرھات ئىمام بۇ يېزىنىڭ ئىمامى بولۇپ، تېگى بۇ يەرلىك ئەمەسكەن. ئۇ رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، مۇرىسىدە بىر خالتىنى كۆتۈرگەن ھالەتتە ئاناۋارزا تەرەپتىن مۇشۇ يېزىغا كەلگەن ئىكەن. خالتىسىدا كىيىملىرىدىن باشقا لىق كىتاپ بار ئىكەن. شۇ كۇنى يېزىدىكى بىر بوش ئۆينى مىچىت قىلىپ دىخانلارنى تاراۋى نامىزىغا چاقىرىپتۇ. شۇندىن باشلاپ يېزىنىڭ ئىمامى بولۇپ قاپتۇ.كېيىنچە يېزىدىكى بىر قىزغا ئۆيلىنىپ ئۇنىڭ يېرىنى تېرىغاچ جاھاندارچىلىق قىلىشقا باشلاپتۇ. بۈدۈر ساقىلى، قىرلىق بۇرنى ۋە كېلىشكەن قەددى بىلەن مۇلايىم تەبلىغى قوشۇلۇپ ئۇنى دىخانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قىلغان ئىكەن.
    ئۇلار ساقچى ئىدارىسىغا چۈشكە يېقىن يېتىپ كەپتۇ. دەرۋازىنىڭ ئۈستىدە يېرىمىغىچە يىرتىلىپ كەتكەن، پۆپۈكلىرى، ساڭگىلاپ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن بايراق مىدىراشمۇ خوش ياقمىغاندەك پولداڭلاپ تۇرىدىكەن. ئۇلار كىرىشتىن ئىلگىرى خۇددى خەلپەتنىڭ ئالدىغا كىرىدىغان تالىپتەك چاپانلىرىنى رەتلىشىپ، تۈگمىلىرىنى تولۇق ئېتىپتۇ. ئىشخانىدا يالغۇز بىر ساقچى ئۈرگىدەپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن چاۋۇش(ساقچى باشلىغى)نى سوراپتۇ. ساقچى پۈرلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ كالپۇكىنى مىدىرتىشمۇ خوش ياقماي خۇددى بوغۇزىدىن چىقارغاندەك؛
    - چاۋۇش يوق- . دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئاخشام قاراقچىلار بىلەن بولغان جەڭدە چاۋۇشقا ئوق تەگكەچكە جىددى داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئوسمان چوڭ كالپۇكىنى ئاجراتماي كۈلىۋېتىپتۇ. چىدىيالماپتۇ. چاندۇرماسلىق ئۈچۈن؛
    پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن يارىدار بولغان باشلىقنىڭ يارىسى تېزراق ئەسلىگە كەلسۇن-دەپ دۇئا قىپتۇ. دۇئا قىلغان بولۇپ قىستاپ كەتكەن كۈلكىنى بوشىتىۋاپتۇ. ھېلىقى ساقچىدىن "چاۋۇشنىڭ نەرىگە ئوق تېگىپتۇ؟ " دەپ سوراپتۇ. ساقچى "ئىپلاسنىڭ ئوقى چاۋۇشنىڭ تىز لىپىگىنى چېقىۋېتىپتۇ." دەپتۇ.
    ئوسمان چوڭ" يامان بوپتۇ" دەپتۇ. ئاندىن "بىز ناھىيىگە ھاكىمنىڭ ئالدىغا بارايلى-ھە سەيپەلى " دەپتۇ. سەيپەلى تەنىنى چۈشەنمەپتۇ. ئۇلار شەھەرگە كىرىپتۇ. ھاكىمنى ئىدارىسىدىن تاپالماپتۇ. ھاكىم تۆۋەنگە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگىلى كەتكەن ئىكەن. ئۇلار ئەنقەرەگە، مۇستاپا كامالغا تېلگىرامما يېزىش ئۈچۈن. خەتتاتقا بېرىپتۇ. يانچۇقلىرىنى كولىشىپ، تەڭگە توپلاپ تېلگىرامما يازدۇرۇپتۇ. تېلگىراممىغا ئوسمان چوڭ "مەن دىگەننى يازسۇن" دەپتۇ. بۇ ئالجىغان قېرى شۇنداق سۆزلەرنى دەپتۇ؛
    ئەي تۈركلەرنىڭ ئاتىسى، غازى مۇستاپا كامال! سەن ۋەتەننى نىمە دەپ قۇتقۇزغان ئىدىڭ ؟ ساقچىلىرىم، ژاندارمىلىرىم، ئەمەلدارلىرىم، ھەر كېچىسى خەلقىمنى ئوققا تۇتسۇن. غۇرۇرىنى ئاياق-ئاستى قىلسۇن دەپ ئازات قىلغانمىدىڭ. يەرلىرىنى تارتىۋالسۇن. ياق دىگەنلەرنىڭ پېيىنى قىرقىۋەتسۇن دەپ قۇتقۇزغانمىدىڭ ؟! گەپنى ئوچۇق قىل ! خەلىقنىڭ ھاكىمىيىتى دەيسەن. ئەمما ھاكىمىيەتنى ئېلىشتا ساڭا ياردەم قىلغان ئەشۇ خەلىقنى كۆزگە ئىلمايسەن، پارتىيەيىڭگە ئەزا قىلىۋالغان چاۋۇشلىرىڭنى، مىللەت قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىۋالغان ئەمەلدارلىرىڭنى، تەرەقىيات ئاۋانگارتلىرى دەۋالغان قىزىل كۆز سودىگەر- بايلىرىڭنى بىزگە سالىسەن. خۇددى ئىتقا تالاتقاندەك تالىتىسەن. يەنە نىمە ئۈچۈن خەلىقنىڭ دۆلىتى دەپ بىزنى ئالدايسەن ؟! بوۋاي تىترەيدىكەن. جالاقلاپ تىترەيدىكەن. خەتتات بىلەن سەيپەلى، پەرھات ئىماملار ئۇنىڭغا قاراپلا قاپتۇ؛
    - سەن بىلەن بىز بىرلىكتە نەچچىلىگەن دۆلەت بىلەن ئۇرۇشتۇق. ھەممىنى يەڭدۇق. ئۇ جەڭلەرنى يالغۇز سەنلا قىلمىغان. پارتىيەيىڭدىكى تۆت تال ئادىمىڭ بىلەن جەڭ قىلالامتىڭ ؟ بىزمۇ بولغاچقا يەڭگەن ئىدىڭ. ئەمما بۈگۈنكى بۇ جەڭدە سەن بارمۇ ياكى ئۆزىمىز يالغۇزمۇ ؟! ئەجەبا پەرەڭلەرنى يەڭگەن غازى مۇستاپا مۇشۇ ئەمەلدارلارنى يېڭەلمەمدۇ ؟! ....- ئوسمان چوڭنى تۇتىۋاپتۇ. تىترەپ تۇرىدىكەن. تەرلەپ كېتىپتۇ. ئەنقەرەگە ئۇنداق تېلگىرامما يازسا بولمايدىكەن. كامال پاشا خاپا بولىدىكەن. خەتاتقىمۇ بالاسى تېگىدىكەن. ئوسمان چوڭ

    - سەن ئىمزا قويمىغاندىكىن. نىمىدىن قورقىسەن ؟ مانا مەن ئىمزا قويىمەن دەپتۇ. خەتتات؛

    ئىمزا قويمىساممۇ خەتنىڭ نۇسخىسىغا قاراپ نەدىن بولمىسۇن تاپىدۇ. سىلەر بىلەن بىر چىنا چاي ئىچىپ باقمىغان بولساممۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتىنى يۈكلەيدۇ. تېنچ بالىلىرىمنى باققىلى قويۇڭلار-دەپتۇ. ئوسمان چوڭ پېشىنى قېقىپ كېتىپتۇ. ئاخىردا خەتتات ئۆزى بىلىپ يازماقچى بولۇپتۇ.
    ئۈچەيلەن يولدا ئىلگىرى-كېيىن مېڭىشىپ يېزىغا قايتىپتۇ.
    يولدا ئوسمان چوڭ ئۇلارغا؛
    كۆردۈڭلارمۇ ساقچىغىمۇ باردىڭلار ، ھاكىمنىمۇ ئىزدىدىڭلەر . كامال پاشاغىمۇ تېلگىرامما سوقتىڭلار. ھەي سەيپەلى خىيالىڭدا قانۇنغا بارساق "ئال پىچاقنى كەس چوچاق"نى دىگەندەك ئەلى ساپانىڭ ئەدىۋىنى بېرىدۇ دەپ ئويلىغانمۇ ؟ ھەي نادان، چاۋۇشنى كىمنىڭ ئاتقانلىقىنى بىلەمسەن ؟ شۇ كېچىسى مەن ئاتتىم. قېرى جېنىم بىلەن چىقىپ ئاتتىم. سەن كېچىدىكى بۇلاڭچىنىڭ ئالدىغا كۈندۈزى ئەرز قىلىپ باردىڭما ؟! تۈفىي! چاۋۇشىڭغا، ھاكىمىڭغا، پاشايىڭغا ھەممىسى بىر پىچاق، ھەممىسى بىر چوچاق ! ئۆزىنى كېسەمدۇ ؟ دەپ باقە ؟! قاچانىكى پىچاقنىڭ ئىگىسى موللا بولسا، چوچاقنىڭ ئىگىسى بالا بولسا ئاندىن كېسىدۇ. قاچقىنى قېچىۋاتىدۇ. ياتقىنى تەلەي سىناۋاتىدۇ. ھەممىمىز مەندەك باستۇرۇپ كەلگەننى ئېتىپ باقايلى. قانداق نوچىكەن ئۇ، يەنە بوزەك قىلىدىغان-. پەرھات ئىمام بىلەن سەيپەلى چۆچۈپ كېتىپتۇ. چىرايىغا ساغۇچ ھودوقۇشتىن كېيىن بىر قىزىللىق بىر خوشلۇق يامىشىپتۇ؛ 
    راستىنلا سەنمىدىڭ ؟ ھەي ئوسمان، شۇ ئىشنى سەن قىلغانمىدىڭ ؟ - قوللىرىغا ئېسىلىپتۇ. شەھەردىن قايتقاندىكى گاراڭلىق، خامۇشلۇقنىڭ ئورنىنى بىر جۇشقۇنلۇق ئىگەللەپتۇ. ئوسمان چوڭ ھەمراھلىرىنىڭ خوشلىقىغا قاراپ تېخىمۇ خوش قىلىۋەتكۈسى كەپتۇ. مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتاي دەپتۇ. ئەمما توختاپ قاپتۇ. "بولدى شۇمۇ يېتەر، ئىنسان بالىسى ھەرنىمە دەپ بولمايدۇ" دەپ ئويلاپ توختاپ قاپتۇ؛
    پەرۋەردىگار بەندىلىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. بىزگىمۇ بىر يۆلەنچۈك ئېۋەتىدۇ. قورقمايلى. قورققانچە ئەلى ساپا خوش بولىدۇ. ئەرز قىلىمىز دەپ ئاۋارە بولمايلى. ئەلى ساپا بىزنىڭ باشقا ئىش قىلماي ئەرز قىلىشىمىزنى خالايدۇ. ئۈمۈت قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاۋاتىمىز. ئۇ باشلىغان قانۇن، دىگەن ئىت ئۈچىيىگە كىرىۋاتىمىز. شۇنداق بىر ئادەم بار. ئۆزى كىچىككىنە بولسىمۇ مىڭلاپ ئارمىيىنى، ساقچىنى قورقۇتۇپ ئۆتىنى تاشتۇرىۋەتتى. ئۇ بىر جېنى بىلەن شۇلارنى قىلالىدى. يېزىمىزدا مىڭ جان بار. بىزمۇ شۇنىڭدەك بولۇپ باقايلى، ئەلى ساپا نمە قىلالايدىكىن. يېزىدىن ۋاز كېچىدۇ.....
    ئىككى ھەمراھى ئوسمان چوڭنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق ساپتۇ. ئىلگىرى ئۇ سۆزلىگەندە كۆزىنىڭ ئۇچىدا قارايدىكەندۇق. ئەمدى ناھايىتى ئىخلاس بىلەن قۇلاق ساپتۇ. "ئوسمان راست ئېيتىڭ" دىيىشىپتۇ. "نىمىشقىمۇ كۆكىرىپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلمىغاندىمىز" دىيىشىپتۇ. ئوسمان چوڭ ئۇلارغا؛
    كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلەيلى. ئۇلار سارىچامغىمۇ تويغاندۇ. شور بېسىپ كەتكەن سايلىققىمۇ تويغاندۇ. ئاتا-بوۋىسىنىڭ جايى كۆزىگە كۆرۈنگەندۇ دەپتۇ. ھەمراھلىرى "شۇنداق قىلايلى" دىيىشىپتۇ. نارلى قىشلاققا يېزىدىن كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مېڭىپتۇ. ئوسمان چوڭ سارىچامغا كېتىۋېتىپ سەيپەلىنىڭ، پەرھات ئىمامنىڭ چىرايىغا توختىماي قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ چىرايىدا يوقالمىغان ناھايىتى سۇس غەشلىكنىڭ سايىسىمۇ بار ئىكەن. ئەمما قەدەملىرى كۈچلۈككەن. قانداقلا بولمىسۇن بۇرۇنقىدىن غەيرەتلىككەن. چاۋۇشنى ئوسمان چوڭنىڭ ئېتىۋەتلىكى ئۇلارغا بەكلا تەسىر قىپتۇ. "توۋۋا !؟ ھەي قېرى، شۇ جېنىڭ بىلەن-ھە." دەپ ئەجەپلىنىدىكەن. پۈتۈن بەدىنى شۇنداق ئەجەپلىنىش بىلەن قىمىرلايدىكەن. قاشلىرى تۇرۇپ-تۇرۇپلا لىكىلدايدىكەن. بىر ئاسمانغا، بىر ئەتراپقا، تۇرۇپلا ئوسمان چوڭغا قاراپ قويىدىكەن. ئوسمان چوڭ " قانداقلا بولمىسۇن بىر ئىشەنچنى ھېس قىلدىڭلار. ئەمدى ياخشى بولدى" دەپ ئويلايدىكەن. كىچىككىنە ئۈمۈتنىڭ ئۇلارنى شۇنچىلىك ئۆزگەرتكەنلىكىگە قاراپ چىدالمايدىكەن. يەنىمۇ چوڭ خوشاللىقنى، مەمەتنىڭ ئىشىنى دەۋەتكۈسىلا كېلىدىكەن. ئۇلارنى ھەممە غەمدىن بارلىق ئۈمۈتسىزلىكتىن بىراقلا قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلايدىكەن. شۇڭقارىنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچى بولىدىكەن. گەپ بوغۇزىغا كەلگەندە كۆز ئالدىغا مەمەتنىڭ تامغا يۆلەپ قويغان، ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن جەسىتى كېلىۋالىدىكەن. جەسەتنىڭ مەيدىسىگە تېگىپ قالغان بېشىنى پۇتى بىلەن ئوڭشاپ قويۇپ رەسىمگە تارتىۋاتقان ساقچىنىڭ قىياپىتى كۆز ئالدىغا كېلىۋالىدىكەن. بوۋايغا مەمەتنىڭ ئىشى بەك ئەلەم قىپتۇ. ئاچچىقىنى ياكى تاتلىقىنى ئوچۇق دەپ ئۆگەنگەن ئادەمگە بۇنداق ئىچىنى سىقىدىغان سىر ساقلاش بەك ئېغىر كەپتۇ. خوشاللىقىنى دىيەلمەسلىك ئۇنى يەتكۈچە قىيناپتۇ.
    ئۇلار نارلى قىشلاققا يېتىپ كەپتۇ. يىراقتىن نە بىر تۈپ دەرەخ ھەتتا ئالقانچە يېشىللىقىمۇ يوق سارىچام كۆرۈنۈپتۇ. بۇ يەردە ئاسمانمۇ كۆپكۆك ئەمەسكەن. ئىسسىقنىڭ رەڭگى بىلەن شورلۇق تۇپراقنىڭ رەڭگى ئاسماننىڭ رەڭگىگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئىكەن...........
    مەمەت، ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىدىكى ئويۇقتا يېتىۋېرىپتۇ. قەمەر ئانا تىقىپ قويغان ئەڭ ياخشى ئوتياش، قۇرۇتقان گۆشلىرى بىلەن تاماق قىلىدىكەن. سۇيۇقئاش ئەتسە بىر تۇتام يۈمغاقسۈت سېلىشنى ياكى سامساق چانىۋېتىشنى ئۇنۇتمايدىكەن. ساندۇقىغا تىقىپ قويغان گۈلقەنت، ھەسەللىرىنى، ياڭاق، جىگدە، چىلانلىرىنى چىقىرىپ ئۇنى يىيىشكە زۇرلايدىكەن. قەمەر ئانىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى بۇلاردىن يەپ بەرگەندە مىجەز تەڭشىلىدىكەن.

    ئوسمان چوڭ ئويۇقتىن ئېغىلغا چىققىلى بولىدىغان ئىشىك ياساپ بېرىپتۇ. مەمەت تەرەت قىلماقچى بولسا ئېغىلغا چىقىپ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىدىكەن. ئىلگىرى ئەندىكىش، چۆچۈش ئىچىدە بىر ئالدى بىر كەينىگە قاراپ تەرەت ئولتۇرغان چاغلىرىنى ئەسلەپتۇ. ھازىرچۇ ؟ يېقىملىق قىغ پۇراقلىرى ئىچىدە، ئېغىلنىڭ تۆۋىسىگە باسقان قوناق شاخلىرىنىڭ ئارىسىدىن قىسىلىپ كىرگەن كۈن نۇرىنى تاماشا قىلغاچ ھۆزورلۇنۇپ ئولتۇرىدىكەن. شۇنداق بىر يېنىكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرىدىكەن.........
    قەمەر ئانىسى پاراڭ سېلىپ بېرىدىكەن. يېزىلىقلارنىڭ نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەلى ساپانىڭ ئويۇنلىرىنى ، شۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرى بىر كۈن ھەممە يېزىلىقنىڭ بۇ يەرنى تاشلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىشقىلىپ ھەممىنى پاراڭ سېلىپ بېرىدىكەن. ئوسمان چوڭنىڭ مەمەت كەلگەندىن كېيىنكى ئۆزگۈرىشىنى، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، خان بالىسىدەك گىدىيىپ مېڭىشلىرىنى، سائىتىنى چىقىرىپ قاراشلىرىنى، يېزىلىقلارنىڭ بۇ قېرىنىڭ غەلىتە قىلىقلىرىغا ھەيران قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن. مەمەت ئۈنچىقماي ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىكەن. كەمسۆزكەن. ئادەتتىمۇ جىق گەپ قىلمايدىكەن. ئوي-خىيال بىلەن ئولتۇرىدىكەن.
    قەمەر ئانا خاپىكەن. ئوسمان شۇنداق قىلىۋەرسە يېزىلىقلار مەمەتنى بىلىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن. ئابدىنىڭ ئىتلىرى بىلىپ قالسا ھۆكۈمەتكە دەپ قويارمۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن.......
    مەمەت ئابدى ئاغىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىنكى ئىشلارنى ،ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقتىن ئابدىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئويلايدىكەن. ھۆكۈمەت ئابدىنىڭ يېزىلىقلارغا قىلغان زۇلۇملىرىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئابدىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھۆكۈمەت نىمە ئۈچۈن چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ توختىماي ئويلايدىكەن. ھۆكۈمەت نىمىشقا مەمەتتەك ئادەملەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدىكەن. ئىلگىرى بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ئاغىلارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ مەمەتتەك ئادەملەرنىڭ ئىشىغا كەلگەندە ئۇيۇل تاشتەك بىرلىككە كەلگەنلىكىگە ھەيران قالىدىكەن....
    مەمەت نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلمەيدىكەن. ھۆكۈمەتمۇ مەمەت توغرىلىق جىق نەرسە بىلمەيدىكەن. ئابدىدەكلەرنى قوغداش بىلەن مەڭگۈ قوغداپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، مەمەت ئاۋاقتەكلەرنى يوقۇتۇش بىلەن مەڭگۈ يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت بىلمەيدىكەن. ھەر يىلى نورۇز ئايلىرىدا كۆكلەپ چىقىۋېرىدىغان چېغىرتماقنى بىلمەمدىغاندۇ !؟ ئادەملەر چىغلارنى، چېغىرتماقلارنى ھەر يىلى ئورۇپ تۇرىدۇ. ئەمما نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇلار ھەر نورۇزدا توختىماي كۆكلەپ تۇرىۋاتمامدۇ !؟ زاماننىڭ ئەۋۋىلىدىن تارتىپ ھەممىلا ھۆكۈمەت مەمەتلەرنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنى نىشان قىلىدىكەن. " ئۇلارنى يوقۇتۇش كېرەك"نىلا ئويلايدىكەن. ئەمما ئەشۇ ئۆلتۈرۈلگەن قاراقچىلارنىڭ كەلگۈسىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدىكەن. ئوخشاشلا ئەشۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ زامان كېمىسىنىڭ رولىنى بۇراشقا مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم سەزمەيدىكەن. مەيلى مەمەت ياكى ھۆكۈمەت بولسۇن قىلغان ئىشىنىڭ ئالدىنى ئويلايدىكەن. كەينىنى ئىككىسىلا ئويلىمايدىكەن. " مانا ياخشى بولار، ئەنە ياخشى بولار " دەپ ئۈمۈتلىنىدىكەن. ........
    ئوسمان چوڭ مۇھەببەتلىك ئادەمكەن. ئوچۇق سۆزلۈككەن. ھەممە ئىشتا يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدىكەن. مەيلى بايرام ياكى قايغۇلۇق كۈنلەردە بولسۇن بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئوچۇق دەيدىكەن. يانمايدىكەن. ھەق سۆزلۈككەن. ئۇلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىلا ئەمەس، قىلىقلىرى، چىرايى ھەممىنى ئاشكارا بىلدۈرۈپ تۇرىدىكەن. ھەممە ئادەم بىر قاراپلا بىلىۋالىدىكەن. مەمەت ئوسمان چوڭنىڭ بۇ تەرىپىنى ياقتۇرىدىكەن. ئەمما ياقتۇرغان نەرسىنىڭ زىيىنىمۇ بولىدۇ. يىگانە ئاللا، ھەممە نەرسىنى جۈپ ياراتقان. ئوسمان چوڭ سىر ساقلاشقا قانداق بولار ؟ ئۇزۇنغا چىدىيالارمۇ ؟ قەمەر ئانىنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى يېزىلىقلار بايقاپ بوپتۇ. ئوسمان چوڭ بىلدۈرۈپ بوپتۇ. يېزىلىقلار بۇ قېرىغا بىر ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بوپتۇ. ياغلىق قاپاقنىڭ ئىچىدىكى ياغ تېشىغا تېپىپ چىقىدىكەن. ھامىنى تېپىپ چىقىدىكەن...........
    ئوسمان چوڭلار نارلى قىشلاققا، سارىچامغا كەپتۇ. شورلۇقنىڭ ئۇ-يەر بۇ يېرىگە نەچچە تال كېسەكنى تىزىپ ياكى ياغاچقا ئارتىپ قويغان پالازلارنى تىكلەپ ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغان يېزىلىقلىرىنى كۆرۈپتۇ. ئورۇقلاپ ساپ-سېرىق بولۇپ قالغان بالىلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئىچى ئۆرتىنىپتۇ. "ئامانمۇسىلەر، تىرىكمۇ سىلەر" دىيىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. شورلۇق سۇدا قايناتقان چايلىرىنى ئىچىشكەچ ئۆتكەن-كەچكەننى پاراڭلىشىپ ھال-مۇڭ قىلىشىپتۇ. ئوسمان چوڭ باشتا سۆزلەپتۇ؛
    سىلەرمۇ كۆرۈپسىلەر، يۇرتىدىن، ۋەتىنىدىن تانغان ئادەم ياخشىلىق كۆرمەيدۇ. بىر پارچە نان ئۈچۈن، خاتىرجەملىك ئۈچۈن مۇساپىر بولدۇڭلار. چىدىمىدىڭلار. قورقتۇڭلار. ئەلى ساپانى قورقۇتالمىدۇق. بىز قورقتۇق، بەدەر قاچتۇق. قېچىپ نەگە بارالىدىڭلار ؟! مۇشۇمۇ كۈنمۇ، ئۇندىن كۆرە يېزىدا تۇرۇپ ئەلى ساپانىڭ زۇلمىدا ياشاش بۇندىن مىڭ مەررە ياخشىتتىغۇ ؟! بىز خۇداغا ئىشىنەيلى. يۈسۈپنى قاراڭغۇ قۇدۇقتىن چىقارغان خۇداغا ئىشىنەيلى.
    دەپتۇ. كونا پاراڭلارنى سېلىپ بېرىپتۇ. قاپسىلىپ قالغان ئادەملەرگە، خۇدا بىر بۆرىنى ئېۋەتىپ يول باشلاپ بەرگەنلىكىدەك قەدىمقى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئېغىزلىرىدىن كۆپۈكلەر قاينىغىچە سۆزلەپتۇ. پەرھات ئىماممۇ سۆزلەپتۇ. شۇنداق چىرايلىق قىرائەتلەر قىپتۇكى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ. ئايەتلەردە دىخانلارنىڭ ئۆز يېزىسىغا قايتىشى كېرەكلىكى سۆزلىنىدىكەن. غەلبە تۇغۇلغان يېرىدە تۇرغانلاردا بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدىكەن. تاڭ ئاتمايدىغان كېچە بولمايدىكەن. ئۇلار توختىماي سۆزلەپتۇ. بىرى توختىسا بىرى سۆزلەپتۇ. چاۋۇشنى كېچىدە بىرسىنىڭ ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئەلى ساپانىڭ چوقۇم يېڭىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەملەر قىلىپتۇ. شۈ كۈنى قىلغان قەسەملىرى پۈتۈن ئۆمرىدە قىلغان قەسەملىرىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. تاكى كەچ كىرگىچە سۆزلەپتۇ. دىخانلار بېشىنى پولداڭلىتىپ جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاپتۇ. كەچ كىرگىچە ئاڭلاپتۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرىمۇ ۋاي ۋاي يېزىسىغا قايتىشقا ئۇنىماپتۇ. "كەچۈرۈڭلار" دەپتۇ. "ئەلى ساپانىڭ تەرىگە قارىغۇمىز يوق" دەپتۇ. ئوسمان چوڭ پەرھات ئىماملار ئاچچىقلاپتۇ. سىغىلىپ قاپتۇ. يېزىلىقلار تەييارلىغان تاماقنىمۇ يىمەي يولغا چىقىپتۇ. "سىلەردەك ئادەملەرنىڭ تامىقى بىزگە ھارام" دەپتۇ. "سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇش چوڭ گۇنا" دەپتۇ. ئوسمان چوڭ ئاچچىقتىن دىر دىر تىترەيدىكەن. "سىلەر ئاللانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان ئىدىڭلار. ئەمدى ئاللانىڭ قاغىشىغا ئۇچرايسىلەر..." دەپتۇ. :

    يولدا ئىلگىرى كېيىن مېڭىشىپ يېزىغا قايتىپتۇ. سۆزلەشمەپتۇ. كىمگە ئاچچىقلىنىشنى

    بىلمەيدىكەن. بىر چاغدا پەرھات ئىمام؛

    - بىز نىمىشقا يېزىدىكى ئەڭ قورقۇنچاقلارغا يالۋۇردۇق-ھە !؟ يېزىدا نۇرغۇن ئادەملەر يەنىلا بار ئەمەسمۇ. بۇ قورقۇنچاقلارغا خاپا بولۇشمۇ ئەخمەقلىق. يېزىغا بارايلى.- دەپتۇ. ئۇلارنىڭ چىرايى شۇنىڭ بىلەن ئاستا ئېچىلىپتۇ. ئوسمان چوڭ پەرھات ئىمامنىڭ سۆزلىرىدىن زوقلىنىپتۇ. ئېغىزى ئاندىن ئېچىلىپتۇ؛
    - توغرا ئېيتتىڭ ئىمام. خۇدا قۇتقۇزالمىغان ئادەملەرنى بىز قۇتقۇزالامدۇق. دىلىغا سالمىسا بىكار. يېزىدا يەنىلا ئادەمدەك ياشاۋاتقانلار بار ئەمەسمۇ. شۇلارنىڭ يېنىغا بارايلى-دەپتۇ. سەيپەلىمۇ " راست، بىز يەنىلا ئاز ئەمەس. ئەلى ساپاغا تېتىيالايمىز. نىمىلا بولساق مەيلى. يېزىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتسىمۇ مەيلى. يالتايمايمىز." دەپتۇ. ئوسمان چوڭ؛
    - تاڭ ئاتمايدىغان كېچىنى كۆرگەنمىدىڭ مۇختار سەيپەلى، يېزىغا باستۇرۇپ كەلگەنلەرنى ھەممىمىز چىقىپ ئاتساق. ئۆيلىرىمىزگە ئوت قويغاندەك بىزمۇ ئەلى ساپانىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويساق، قانداق نوچىكەن ئۇ. بىز بىلەن يەنە قارشىلىشالامدۇ ؟! قورقۇپ ئۆتى تاشىدۇ. ئەمەليەتتە ئەلى ساپا سارىچامدا قالغانلاردىمۇ بەكرەك قورقۇنچاق. ئۇنى ھۆكۈرتىۋاتقان نەرسە ھۆكۈمەتمۇ ئەمەس، بىزدىكى قورقۇنچاقلىق- دەپتۇ. سەيپەلى " ۋاي ئوسمان سەن بارغانچە ئەقىللىق بولۇپ كېتىۋاتىسەن. نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدىغان بولۇپ كېتىپسەن. ئىلگىرى بۇنداق ئەمەستىڭ. مېنىمۇ غەيرەتلىك قىلىۋەتتىڭ" دەپتۇ. پەرھات ئىماممۇ؛
    - راس ئېيتىڭ سەيپەلى، ئوسمان چوڭ ئۆزگۈرۈپتۇ. بۇرۇنقىدەك قۇرۇق جىدەللا قىلماي، ئەقىل كۆرسىتىدىغان بوپتۇ. سەندەك ئادەمدىن نەچچىسىلا بولسا، ئەلى ساپانى يېزىدىن قوغلىۋېتىشىمىزدە گەپ يوق-دەپتۇ. پەرھات ئىمام ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ئەڭ يېققىنلىرى بىلەن ئەڭ خالى جايدا دىيىشىدىغان گەپلىرىنى دىيىشكەندەك زوق-شوق بىلەن سۆزلەپتۇ؛
    - مەن نىمىشقا شۇنداق بولدۇم. ئاستا بىلىسىلەر. مېنىڭ بىر شۇڭقارىم بار. مېنىڭ بىر تېغىم بار. ئىسمەت پاشانى بىلەمسىلەر ؟ ئۇنىڭدىنمۇ يامان بىر ئادىمىم بار. مۇستاپا كامالنىڭ قىلىچى ئىسمەت غازىمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا تىترەپ كېتىدۇ. ئۆيگە بارغاندا بىر بۈركۈتنى كۆرىسىلەر. قىيا تاشلاردا ياشايدىغان بۈركۈتنى كۆرىسىلەر.....

    ئوسمان چوڭ ئاتقا قامچا ئۇرۇپتۇ. ئاستىدىكى قېرى بايتالنى بىلمەيدىغاندەك زەربە بىلەن ئۇرۇپتۇ. ئۇلار يېزىغا قاراپ ئاتلىرىنى چېپىشىپتۇ. ھەمراھلىرى ئوسماننىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەپتۇ. ئەمما بۇ قېرىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىكى سىرىنىڭ ئەمدى ئېچىلىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ كەينىدىن يېتىشىپ مېڭىپتۇ.
    ئوسمان چوڭلار نامازشام بىلەن يېزىغا كەپتۇ. ھېچيەردە توختىماي ئۆيگە كەپتۇ. ئالدىراپ ئاتلىرىنى تۈۋرۈككىمۇ باغلىماي ئۆيگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ؛
    - مەمەت قېنىسەن، پەرھات ئىمام بىلەن سەيپەلى كەلدى. ھازىر ئۇلار مەندەكلا ئىشەنچىلىك. قېنى بالام سەن!؟- دەپ ئويۇققا يۈگرەپتۇ. ئالدىغا قەمەر ئانا چىقىپتۇ؛
    - مەمەت يېزىسىغا كەتتى. كۆرگىسى كېلىپ ساراڭ بوپتۇ. چىدىمىدى. يېتىۋېرىپ يېزىلىقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈسى كەلدى. چىدىمىدى كەتتى.....تاغامغا ئېيت يەنە كېلىمەن دىدى- دەپتۇ. 
    ئوسمان چوڭ كاڭنىڭ گىرۋىكىگە ئارانلا ئىلىشىپتۇ. ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. " ھەي ئىمام ئۇ مۇشۇ يەردە ئىدى. مۇشۇ ئويۇقتا ياتاتتى. كېتىپتۇ. مېنى تاشلاپ كېتىپتۇ" دەپتۇ. قەمەر ئانا ئۇنى بەزلەيدىكەن؛
    - ئۆزۈڭدىن كەتتى، ئوسمان بالا. مەمەتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھەممىگە دەپ بولدۇڭ. كەلدى دىمىسەڭمۇ كەلگەنلىكىنى پۇرۇتۇپ بولدۇق. قىلىقلىرىڭ ھەممىنى دەپ بولدى. ئاناۋارزانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا قەدەر يېيىلدى. بۇنداق ئەھۋالدا بالا خاتىرجەم بولالامدۇ ؟! - ئوسمان چوڭ ئۇنى تىللايدىكەن:
    - ھەي جادى...مېنى بوغۇلدۇرما. مەن دىمىگەندىكىن ھېچكىم بىلمەيدۇ- دەيدىكەن. قەمەر ئانا "دىمىسەڭمۇ قىلىقلىرىڭ بىلەن بىلدۈرۈپ بولدۇڭ" دەيدىكەن...كەچكىچە سوقۇشىدىكەن........
    ئوسمان چوڭ يېتىپ قاپتۇ. ماغدۇرىدىن،كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپتۇ. قولىدىن قانىتىدىن ئايرىلىپتۇ. نەچچە كۈندىكى چاققانلىقى، يىگىتلەردەك چەبدەسلىكى قالماپتۇ. ياتىدىكەنلا. "ئۇ ئەمدى كەلمەيدۇ" دەيدىكەن.پەرھات ئىمام " كېلىدۇ. بىر كەلگەن يەرگە يەنە كېلىدۇ" دەيدىكەن.
    ۋاي ۋايلىقلار مەمەتنىڭ ۋاي ۋاي يېزىسىغا كېلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپتۇ. ئوسمان چوڭنى تىلللاپتۇ. "بىزدىن قىزغىنىپتۇ، ھۇ! قىزغانچۇق قېرى. بىزنى ئۆزىدەك كۆرمەپتۇ" دەپ تىللىشىپتۇ. "شۇڭقارىمىزنىڭ يېزىدا تۇرغانلىقىنى دىمەپتۇ....دىسە كۆرسەك بولمامدۇ...خىزمىتىنى قىلساق بولمامدۇ...." دىيىشىپتۇ. ھەممىسى ئوسمان چوڭدىن يامانلاپتۇ. ئوسمان چوڭ؛

    - كەچۈرۈڭلار قورقتۇم....دەي دىدىم...ئەمما شۇڭقارىمىزدىن ئەنسىرىدىم...-دەپتۇ. ھۆزۇرخالىق ئېيتىپتۇ...يېزىلىقلار قايناپ كېتىپتۇ. ئەلى ساپا باينىڭ قىلغانلىرىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپتۇ. مەمەت ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ھىچكىم كۆرمىگەن ئىكەن. ئەمما ھازىر نۇرغۇن ئادەم كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ يورۇقلۇق ئىچىدە يەردىن بىر غېرىچ كۆتۈرۈلۈپ ئېتىنى ئاستا ماڭدۇرۇپ ۋاي ۋاي يېزىسىغا كىرگەنلىكىنى كۆرگەنلەر بار ئىكەن. ساقچى باشلىغىنىڭ تىزىغا ئاتقان چېغىدىمۇ ئۇنى كۆرۈپ قالغانلار بار ئىكەن. كېيىنچە كۆرگەنلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ....قاراڭغۇ كېچىدە ئاقچاسازنىڭ ئەتراپلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى، كەينىدىن بىر ئاق تۇلپارنىڭ ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلەر بار ئىكەن. يەنە بەزىلەر ئۇنى قىيا تاشنىڭ ئۈستىدە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى، تىزلىرىغا ئاپپاق قۇشقاچلارنىڭ قونىۋالغانلىقىنى كۆرگەن ئىكەن....ھەممەيلەن شۇ ھەقتە سۆزلىشىدىكەن...ئەمما ھىچكىم "مەمەت" دىگەن ئىسىمنى تىلغا ئالمايدىكەن. "ئۇ" ياكى "شۇڭقارىمىز"...دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتايدىكەن. مەمەتنىڭ يېزىغا كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭ يەنە كېلىدىغانلىق خەۋىرى نارلى قىشلاققىمۇ بېرىپتۇ. سارىچامدىكىلەر ئىسىت! دەپتۇ. "نىمىشقا ئوسمان چوڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كەتمىگەندىمىز" دەپتۇ. "شۇڭقارىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرسەك بولمامدۇ" دىيىشىپتۇ. يوباز ئوغلى ھەسەن باشلىق بىر نەچچە ئائىلە قايتىپ كەپتۇ................
    مەمەتنىڭ خەۋىرى ئەتراپقا پۇر كېتىپتۇ. ئەمما ئەلى ساپانىڭ ، ھۆكۈمەتنىڭ قۇلىقىغا كىرمەپتۇ. زەينەلدەكلەر سەزمەيلا قاپتۇ. يېزىلىقلار ھېچكىمگە سەزدۈرمەپتۇ..........
    ھاكىم سېمىز، پاكار بويلۇق، قېلىن قاشلىق مۇز چىراي ئادەم ئىكەن. تېگى-تېگىدىن ئوسمانلى ئىكەن. دوپىسىنى تاشلاپ ياۋروپالىقلارنىڭ قالپىقىنى كىيىۋالغان بولسىمۇ ئەسلىدىنلا تىپىك ئوسمانچى ئىكەن. دوپپاپەرەس ئىكەن. قالپاقپەرەس مۇستاپا كامالغا خاپا ئىكەن. دىخانلارغىمۇ خاپا ئىكەن. سېرىق باشقا ئەگىشىپ سۇلتاننى قوغلاشقا ياردەمدە بولغان بۇ تېگى پەس يېزىلىقلارنى كۆرسە جۇدۇنى ئۆرلەيدىكەن. ھەر كۈنى خۇپتەندىن كېيىن ئۇيقۇسى كەلمەيدىكەن. يالغۇز ئولتۇرۇپ بوغۇلىدىكەن. سۇلتان سەلىمنىڭ، سۇلتان سۇلايماننىڭ، مۇھەممەت پاتىھنىڭ بۇ گۈزەل ۋەتىنى تېگى نامەلۇم كىشىلەرگە، بولشىۋىكلارغا، قاراقچىلارغا قالۇرمۇ دەپ قايغۇرىدىكەن. يىگانە ئاللانىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىغا ، بىر كۈنى ئامىرىكىلىقلارنىڭ، ئىنگىلىزلارنىڭ كېلىپ بۇ تېگى پەسلەردىن ھوقوقنى تارتىۋېلىپ سۇلتانغا، خەلىپىگە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. بەش ۋاق نامىزىدا تىلەيدىكەن. بولشىۋىكلارنى قاغايدىكەن.........
    ئەلى ساپا باي ھاكىم بىلەن يېزىغا بېرىپ ئەلى ساپاغا تەۋە يەرنىڭ دائىرىسىنى يەنە بىر جاكالىماقچى بولۇپتۇ. يەر خېتىنى يېزىلىقلارنىڭ كۆزىگە تىقماقچى بوپتۇ. مىللەت ۋەكىلى ئارىپ سايىم باينىڭ ماشىنىسىنى ئارىيەت ئاپتۇ. يېزىلىقلار ئالدىدا قانچە ئالاھىدە بولسا شۇنچە كۈچلۈك كۆرۈنىدىكەن. چاۋۇشتىن يىگىرمىدەك ساقچىنى ئارىيەت ئاپتۇ.
    ھاكىمغا بۇ ئىش بەك يېقىپتۇ. ئەلى ساپا بايغا ئوخشاش جۇمھۇرىيەتچىلەر تۈركىيەدە جىقكەن. ئۇلار جۇمھۇرىيەتچى بولغان بىلەن جۇمھۇرىيەتنى غاجىلاپ يەيدىكەن. "يەتتە يۈز يىللىق ئوسمانىي دەۋرىدە كۆرمىگەن ئەلى ساپالارنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۆزىگە تەيپۇن باي دەپ ئىسىم قويۇۋالغان بۇنداق يالغان قەھرىمانلارنى ئوسمانىيلاردىمۇ كۆرمىگەن.... بۇلار چىرىتىدۇ. پور كۆتەكتەك چىرىتىدۇ. ئاخىرى بىر كۈن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىپلاس غالچىلار مۇستاپا كامالنىڭ بېشىغا چىقىدۇ......" شۇڭا ئەلى ساپادەكلەرنىڭ ئىشلىرىغا كۆزىنى يۇمۇپ ياردەم قىلىش كېرەككەن. بۇ ئوسمانىي سۇلتانلىقىنى تىرىلدۈرۈشكە قوشقان شەرەپلىك تۆھپە ھىساپلىنىدىكەن. سېرىق باشنى يىقىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش كېرەككەن.

    ئۇلار ماشىنا بىلەن ۋاي ۋاي يېزىسىغا بېرىپتۇ. شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئەلى ساپا باينىڭ يېرىنىڭ دائىرىسىنى ئېلان قىپتۇ. ۋاي ۋاي يېزىسى بۇ دائىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەن. -

    دىخانلار يېزىنى "ئەلى ساپا باي تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئاتا-بوۋىمىزنىڭ ئىدى. ئۇنىڭ يەر خېتى يالغان" دەپتۇ. ھاكىم ئۇلارنى تىللاپتۇ. "ھۇ يالغانچىلار! ئوت-چۆپ بىلەن قۇراشتۇرۋالغان بۇ يېزا يۈز يىللىقما تېخى، ئۆتكەن يىلىلا قۇرۇۋالغانسىلەر تايىنلىق" دەپتۇ. ۋاقتىدا كۆچمىسە ھەممە ئۆيلەرنى بۇزۇپ ئۇلارنى مەجبۇرى بىر تەرەپ قىلىش ھۆكۈمەت قانۇنىدا بار ئىكەن. يېزىلىقلاردا يەر خېتى يوقكەن. ھەتتا ئولتۇرغان ئۆيلىرىنىڭمۇ يەر خېتى يوقكەن. بۇ قانۇنسىزلىق بولىدۇ-دە. ئەلى ساپا باينىڭ يەر خېتى بار تۇرسا ھەتتا ھاجەتخانىسىنىڭمۇ يەر خېتى بار قانۇنلۇق گىراژدان تۇرسا، دۆلەت بۇ ئادەمنى قوغدىماي ئەشۇ يولسىز، كۆكەرمە يېزىلىقلارنى قوغدامدۇ ؟!

    ھاكىمنىڭ دىيىشىچە بۇ دىخانلار، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىگىلىرى دىيىلگەن دىخانلار ئەمەسكەن. بۇلار باشقىكەن. قاراقچىلاركەن. تېگى پەسلەركەن. مۇستاپا كامال داۋاملىق تەكىتلەيدىغان "دۆلەتنىڭ خوجايىنلىرى" دىگەن خەلق بۇلار ئەمەسكەن. ئۇلارغا تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەھكەم قانۇنىنىڭ كۈچى يېتىدىكەن. بۇ بىر قىسىم بۇزغۇنچىلارنى جازالاش تۈرك دۆلىتىنىڭ قولىدىن كېلىدىكەن. بۇ بىر قىسىم بۇزغۇنچى دىخانلاردەك مەدەنىيەتنىڭ دۈشمەنلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرى ھامان يوقىتىلىدىكەن.
    ئۇلار ماشىنا دىگەن نەرسە بىلەن كەپتۇ. ئون-يىگىرمە ساقچىنى ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ. ساقچىلارنىڭ بارماقلىرى قورالنىڭ تەپكىسىدە تۇرىدىكەن. بۇيرۇققا تەيياركەن. دۈشمەن كۈچلەرنى ئۇجۇقتۇرۇپ، خەلىق ھاكىمىيىتىنى قوغداشقا تەيياركەن. ئەلى ساپا باي بىلەن ھاكىمنىڭ سۆزلىرىدىن قانۇننىڭ رەھىمسىز قىياپىتى نامايەن بولىدىكەن. بۇنداق ھەيۋەتلىك ھۆكۈمەتتىن يېزىلىقلار قورقماي قالاتتىمۇ ؟ قورقۇپتۇ. لاسسىدە بوشىشىپ قاپتۇ. توغرا ، يامان يېرىگە كەلگەندە يېزىلىقلار يەر خېتىنى چىقىرالمايدىكەن. ئىلگىرى ھۆكۈمەت ھەر-خىل سەۋەپلەر بىلەن دىخانلارغا يەر خېتى كېسىپ بېرىشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلگەن ئىكەن. شۇڭا يەر خېتى ئالالماپتىكەن.

    يەر خېتىنى ھەممىلا يەردە ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئىدارىسى كېسىدىكەن. يەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسىمۇ يەنىلا كادىرلار كېسىدىكەن. دىخان بوۋىسىنىڭ بوۋىسىدىن تارتىپ تېرىغان يېرىگىمۇ يەر خېتى كېسلمەيدىكەن. ھۆكۈمەت ئادىمى كېسىدىكەن. ھاكىمىيەتنىڭ بۇرۇنقى خوجايىنى ئالماشسىلا بىر پارچە يەرنىڭمۇ خوجايىنى ئالمىشىدىكەن. ئالدى بىلەن ھەممە يەر دۆلەت دىگەننىڭ بولىدىكەن. دۆلەت دىگەن ئۆزى كەتمەن تۇتالمىغاچقا ، بۇغداي ئورالمىغاچقا كادىرلىرى ياردەملىشىدىكەن. بۇ ئادەملەر دۆلەتنىڭ تامىقىنى يىدۈرۈپ، ئىشتىنى كىيگۈزۈپ قويىدىكەن. ئېھتىيات قىلماي ئۇ يەر بۇ يەرگە چىچىپ قويغان پوقىنىمۇ ئادالايدىكەن. بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ كۈچى بىلەن دۆلەتنىڭ يېرىنىمۇ شۇلار تەقسىم قىلىدىكەن. يەر خېتىنىمۇ شۇلار كېسىدىكەن. يەرنىڭ ئىلگىركى ئىگىسى بولغان دىخانغا نۆۋەت ئەڭ كەينىدە تېگىدىكەن. شۇنىڭغىمۇ شۈكرى قىلىشى كېرەككەن. چۈنكى ھۆكۈمەت ئادەملىرى، تايپۇن بايغا ئوخشاش قەھرىمانلىرى ئىسسىق قانلىرىنى تۆكۈپ يېڭى دۆلەتكە ھەسسە قوشقان ئىكەن. ئەشۇ يوقسۇللارنى يورۇقلۇققا چىقسۇن دەپ شۇنچىلا مۇشەققەت تارتقان تۇرسا، شۇنچىلا ئەجرى ئۈچۈن بىر پارچە يەرنى ئالغانغا نىمە بولاتتى ؟!
    ئەلى ساپا باي بىلەن ھاكىم يېزىدىن قايتىپ كەپتۇ. بىرنەچچە كۈن ماراپتۇ. زەينەلدىن يېزىدىكىلەرنىڭ ئەمدى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۆزگۈرۈشنىڭ تايىنى يوقكەن. يېزىلىقلار جىق گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر-بىرىگە ئۇزۇنغىچە قارىشىپ قويىدىكەن. چىرايلىق سالاملىشىدىكەن. ئىلگىرى بېشىنى كۆتۈرۈشمۇ خوش ياقمايدىكەندۇق. ئەلى ساپا باي بۇنى بىر ھىلە دەپتۇ. ۋاقىت بەرمەسلىك كېرەككەن. ئارىسى ئۇزۇراپ كەتسە بۇرۇن بەرگەن دورىنىڭ كۈچى بولمايدىكەن. كونا دەرت ساقايمىغاندا يېڭىدىن دەرت قوشۇلسا ئۈنىمى بولىدىكەن. كونا ھۈنىرىنى باشلاپتۇ. كۈن ئارىلاپ ئادەملىرىنى يېزىغا ئېۋەتىپ ئوققا تۇتقۇزۇپتۇ. يېزىلىق دىگەننى توختىماي ئەدەپلەش كېرەككەن. قورقۇتۇش كېرەككەن. ئارام ئېلىش پۇرسىتى بەرمەسلىك كېرەككەن. بولمىسا ئويلىنىشقا پۇرسەت بېرىپ قويىدىكەن.
    ياغمۇر ئاغا دىگەن ئات ئوغرىسىنى ئېۋەتىپ يېزىنىڭ ھەممە ئاتلىرىنى ئوغۇرلىتىپتۇ. بۇ ياغمۇر ئاغىنىڭ خەلقارالىق ئوغرىلىق گۇرۇھى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئادەملىرى چەتئەلدىن ئات ئوغۇرلاپ دۆلەت ئىچىدە ساتىدىكەن. دۆلەت ئىچىدىكى ئاتلارنى ئوغۇرلاپ چەتئەلگە، ئىران، سۈرىيە تەرەپلەرگە ئاپىرىپ ساتىدىكەن. ئەلى ساپا باينىڭ دىيىشىچە بۇنداق ئايلاندۈرۈش تۈرك ئاتلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. بۇ تۆھپىسى بىلەن ئۇ پات يېقىندا قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن.
    ياغمۇر ئاغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپتۇ. ۋاي ۋايلىقلارنىڭ ئاتلىرىدىن بىرنى قويماي ئوغۇرلاپتۇ. قېرى قىرچاڭغۇ ئاتلىرىنىمۇ قويماپتۇ. 
    يېققىنلىرىنى سانىغاندا ئالدى بىلەن ئېتىنى سانايدىغان دىخانلارنىڭ كۈنى، پۈتۈن بىر يېزىنىڭ ئېغىرچىلىقى ئەمدى نەچچە تال قوتۇر ئىشەككە قاپتۇ...............
    2011-02-23 21:27:30