-
2010-12-16
مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ Memet Awaq Heqqide Parang
مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ
Memet Awaq Heqqide Parangئابدۇرېھىم ئابلەتخان
مەن ئىلگىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، ياشار كامالنىڭ "مەمەت ئاۋاق" ناملىق رومانىنى ئوقۇغان ئىدىم. دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى بۇ بىباھا
رومان ماڭا ئانا تەبىئەتنىڭ مېھرىنى، ئىنسان روھىنىڭ ماھىيىتىنى ئەڭ يېقىن شەكىلدە تونۇتقان ئىدى.
روماننى ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ نادىر رومان ھىساپلايتتىم. مەزكۇر رومان ھازىر مېنىڭدىمۇ يوق. شۇنداقلا خەلقىمىز ئارىسىدىنمۇ تاپقىلى بولمىدى. ياشانغان ئاپامغا بىر ئوقۇپ بەرسەم دىگەن ئارزۇيۇم بۈگۈنگە قەدەر ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇڭا روماندىكى ۋەقەلەرنى ئېسىمدە قالغانلىرى ئاساسىدا ئاپامغا سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن يېزىپ چىقتىم.
ئاپتور ياشار كامال ۋە تەرجىمان تۇرسۇنئاينىڭ بۇ ئېغىر خاتالىقىمنى كەچۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان مەڭگۈلۈك ئەمگەكلىرىگە خۇدادىن رەھمەت تىلەيمەن.
بۈگۈن ئالدى بىلەن روماننىڭ بىرىنچى قىسمىنى سۆزلەپ بەردىم. ئىنشائاللاھ قالغان ئۈچ قىسمىمۇ داۋاملىق سۆھبىتىمىزدە بولغۇسى.
قېنى ئەمىسە يىللارنىڭ چاڭ-توزاڭلىرى ئاستىغا كۆمۈلگەن ئەشۇ ۋەقەلەرنى ئەسكە ئالايلى.......
تامنىڭ تۈۋىدە رەسىمگە تارتتى،
ئاق قەغەز ئۈستىدىن تونۇڭلار مېنى.بۇنىڭدىن يۈز يىللار، ياق يۈز يىل چىقمايدىكەن. ئىككىنچى جاھان ئۇرىشىدىن كېيىنكى ۋاقىتلار ئىكەن.
تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاۋۇ چېتىدىكى ئاق دېڭىز دەيدىغان دېڭىزنىڭ بويلىرىدا. بۇ ئاق دېڭىز خەرىتىدىكى قارا دېڭىز شۇمىكىن دەيمەن. خەرىتە دىگەن قىززىق نىمە . ھەپتىلەپ قارىساڭمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
ئۇرۇق-تۇققانچىلىقنىڭ، ئورتاق ھېسداشلىقنىڭ خەرىتە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بۇ ھىكايىغا خەرىتىنى ئارىلاشتۇرمايلى.
گېپىمىزگە كەلسەك شۇ ئاق دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرىدا، تورۇس تاغلىرىدا ، چوقۇر ئوۋا ۋىلايىتىدە شۇنداق ۋەقەلەر بولۇپتىكەن. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بۈگۈنگىچە كېلىشىدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر قاراقچى، مەمەت ئاۋاق دىگەن ئاجايىپ بىر قاراقچى بار ئىكەن ..........
تورۇس تاغلىرىنىڭ ئېتىگىدىكى چوقۇر ئوۋا دىگەن ۋىلايەتتە دىكەنلى دەيدىغان بىر تۈزلەڭلىك بار ئىكەن. تۈزلەڭلىكتە تۇرۇپ تورۇس تاغلىرىغا قارىسا ئۇنىڭ قارلىق چوققىسى قول ئۇزارتسا يەتكۈدەك يەردىلا كۆرۈنىدىكەن.
چوقۇر ئوۋانىڭ تىكەنلىرى توپان بالاسىدىن كېيىنكى چاغلاردىكىدەكلا شۇنداق قويۇق ئۆسىدىكەن. دىكەنلى دىگىنى تىكەنلىك دىگىنىمىز شۇغۇ. توغرا تىكىنى بەك جىقكەن.
بۇنداق تىكەنلەر بۇرۇن بۇ يۇرتلاردىمۇ نۇرغۇن ئىدى. يۇرتنىڭ ئەتراپىدا كۆز يەتكۈسىز ئىدى. تىكەنلىكلەردىن ئۆتكەندە ئۈستى تەرىپى قارا-ئالا تاشلىق، ئاقچۇق سېيى بىلەن تۇتاش سايلىقلار ئىدى. ئۇ سايلىقتىن ئۆتكەندە تەڭرى تاغلىرىنىڭ يېنىغا بارغىلى بولاتتى. يېزىمىزدا تۇرۇپ تەڭرى تېغىغا قارىسا ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئاق باش چوققىسى قول سۇنسا يەتكۈدەك يەردە كۆرۈنەتتى. ھەممە يېزا شۇ ھەيۋەتلىك ئاق باش چوققىنىڭ، يۇرتنىڭ بەرىكىتىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ۋە بۇ تەرىپىگە جايلاشقان ئىدى.
ھازىر بۇنداق تىكەنلەرنى بۇ يۇرتلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. يەر ئېچىش بالاسى بىلەن بۇنداق تىكەنلەر تامامەن يوقالدى. تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئاق چوققىسىمۇ بۇرۇنقىدەك قول سۇنسا يەتكۈدەك يەردە ئەمەس. ئاخىرقى ئاق مۇزلۇق مۇشتۇمدەك كىچىككىنە كۆرۈنىدۇ. خۇددى ئەتە ياكى بۈگۈن كەچقۇرۇنلا يوقاپ كېتىدىغاندەك.....
دىكەنلى تۈزلىڭىدىكى بەش يېزا ئابدى ئاغىنىڭكەن. يەرلىرى ئابدىنىڭ، سۇلىرى ئابدىنىڭ ، ئادەملىرى ئابدىنىڭ، ھاۋاسى بىلەن قۇرۇت-قوڭۇزلىرىمۇ ئابدى ئاغىنىڭكەن. يېزا دىگەندە يېرى يوق ئادەمنىڭ ھىچنىمىسى بولمايدۇ. يېرىڭ بولمىسا ئوزۇقۇڭ بولمايدۇ. باقىدىغان كالا-قويلۇرۇڭ بولمايدۇ. يەرنىڭ ئاستىدىكى قۇرت-قوڭۇز بىلەن ئۈستىدىكى ئاسمان ھاۋامۇ سېنىڭ بولمايدۇ.
بەش يېزا ئىچىدىكى دەگىرمەن ئولۇك يېزىسى ھەممىدىن چوڭكەن. ئۇ چەتتىكىلەر تۈگمەننى دەگىرمەن دەيدىكەن. بىز تەرەپتىكىلەر تۈگمەن دەيمىز. ئوتتۇرىدىكىلەر تېگۈرمەن دەيدۇ. ئىشقىلىپ ئۇستىخىنى بىرنىڭ تىلىمۇ بىر .
ئابدى ئاغا دەگىرمەن ئولۇكتە تۇرىدىكەن. بىز سۆزلىمەكچى بولغان مەمەت ئاۋاق شۇ يېزىدا تۇغۇلۇپتىكەن. مەمەت ئاۋىقىمىز، گۆر ئوغلىدەك گۆردە تۇغۇلماپتىكەن. ئۇنى ئاپىسى دۆنە ئۆزىنىڭ ئەسكى ئۆيىدە تۇغۇپتىكەن. دادىسى ئىبراھىم بولسا مەمەت كىچىك چېغىدا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن. ئىبراھىم شۇنداق بىر مۆمىن بولۇپ، قۇرۇتقىمۇ ئازار بەرمەيدىكەن. مەمەتمۇ ئاتا بالىسى بولغاچقا تۇغۇلۇشتا يۇۋاش تۇغۇلۇپتۇ.
بىزنىڭ قاراقچىمىزغا، دادىسى مەمەت دەپ ئىسىم قويغان ئىكەن. ھەرگىزمۇ ئافراسىياپ، تۇران، چىڭگىزخان.... دىگەندەك ھەيۋەتلىك ئىسىملارنى قويماپتىكەن. ئىسىم دىگەن ھىچنىمە ئەمەس. بالىنىڭ دادىسى ئابروي خۇمارىنى باسىدىغان نەرسىغۇ-ئۇ. مەمەت دىگەن ئىسىم ھەيۋەتلىك ئەمەسكەن. ئەمما مەمەت ئۆزى ھەيۋەتلىك ئادەم بوپتۇ.
دادىسى ئىبراھىم ئۆلۈپ كەتكەندە ئابدى ئاغا ئۇلارنىڭ يېرىنى، ھەممە نىمىسىنى تارتىۋاپتۇ. ئابدى ئاغىنىڭ نۇرغۇن يوللۇق سەۋەپلىرى بار ئىكەن. باشقىلارنىڭ يېرىنى ھەر-خىل ئاماللار بىلەن تارتىۋالىدىكەن. تۇل خوتۇنلارنىڭ يىتىم ئوغۇللارنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىش ھەممىدىن ئاسانكەن.
بۇ چاغلاردا ئابدى ئاغىدەك ئادەملەر ئۇ يەرلەردە جىقكەن. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن ئىدىغۇ. ئىلگىركى ۋاقىتلاردا قازاننىڭ قۇلىقى ئەشۇنداق يۇرتلاردىمۇ تۆت بوپتىكەن.
ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ تېنچلىق دەۋرى كەلگەندە يەر بايلىق بولىدىكەن. ئىلگىرى ۋەتەن ئۈچۈن دۈشمەندىن يەر تالىشىپ ئۇرۇشقان ئەسكەرلەر، ئەمدى يەر ئىگەللەپ بېيىش ئۈچۈن دىخانلىرىدىن تالىشىدىكەن. ئابرۇيىغا تايىنىپ تارتىدىكەن. ئىلگىرى بىر سەپتە تۇرغان ھوقوقدار تونۇشلىرى ئارقىلىق تارتىدىكەن. تارتىۋالايچۇ دىسەڭلا ئامال تولا. تارتىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىش قانچىلىك ئىشتى.
مەمەتلەرنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالغاچقا ئۇلارنىڭ جان باقىدىغان ھىچنىمىسى يوقكەن. شۇڭا يېرىنى تارتىۋالغان ئابدى ئاغىنىڭ دىخانچىلىقىنى قىلىدىكەن. ئوتاقچىلىقىنى قىلىدىكەن. باش كۆتۈرمەي ئىشلەيدىكەن. كۈن ئولتۇرىۋاتامدۇ ياكى ئاي ئولتۇرىۋاتامدۇ كارى يوق ئىشلەيدىكەن. مەمەت يېزىدىكى ئەڭ ياخشى پالۋانكەن. ئۇچۇۋاتقان قۇشنىڭ كۆزىگە ئاتالايدىكەن. ئابدى ئاغىنىڭ ئاسماندىكى زىمىندىكى ياۋايى جانلىقلىرىنى ئوۋلاپ ئۇنىڭغا تاپشۇرىدىكەن. ئۇ دىگەن ئىبراھىمنىڭ بالىسى تۇرسا. شۇنداق ئىشلەپ ئاغىنىڭ قولىدىن ئالغان نەچچە تال دان بىلەن تۇل ئانىسى ئىككىسى جان ساقلايدىكەن. بىراق ئۇزۇن قىشنىڭ يامان يېرى كەلگەندە شۇ نەچچە تال دانمۇ قالمايدىكەن. مەمەتلەرنىڭ ئوزۇقى يەتمەيدىكەن. بىر ھىكايىدە بارغۇ. ئوغۇزخان ئانىسىنى ئەممەي خام گۆش يەپتىكەن. بىزنىڭ قەھرىمانىمىز مەمەتكە خام بولسىمۇ نەدە گۆش دەيسەن. تۈگمەن تۈۋىدىكى ئۇندىن قىلغان قوتۇرماچلا باركەن. سۇيۇقلىقىدىن چىشنى ئاجراتماي سۈمۈرگىدەك يارما بار ئىكەن. ھەتتا شۇمۇ تويغىدەك يوقكەن. ئۈزۈلۈپ كېتەي دىگەن پوتىسىنى چىڭىتىۋېرىپ بېلىنى تاياقتەك قىلىۋەتسىمۇ ئوزۇق يەتمەيدىكەن.
چىللىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئابدى ئاغىنىڭ يېنىغا بارىدىكەن. يالۋۇرۇدىكەن. قەرزگە ئوزۇق ئالىدىكەن. ئىشقىلىپ ئۆلۈپ قالماي شۇنداق ياشايدىكەن. ھەر يىلى شۇنداق ئۆتىدىكەن.ئانىسى دۆنە" داداڭ بولسا ياخشى بولاتتى" دەپ قويىدىكەن. ئەمما دادىسى بار بالىلارمۇ شۇنداقكەن. ھەممىلا ئادەم مەمەتلەردىن پەرقسىز ياشايدىكەن. پەرقى مەمەت بەك كىچىكلا ئېغىر ئەمگەككە كىرىپ قاپتۇ. شۇڭا بويى كىچىك، ئورۇقكەن. بۇنداق بالىلارنى بىز ئىنجىمارۇق دەپ قويىمىزغۇ. ھە شۇنداق ئىنجىمارۇق چوڭ بوپتىكەن.
ئابدى ئاغا چوڭلارنىغۇ ئۇرىدىكەن، بالىلارنىمۇ ھەر كۈنى ئۇرۇپ تۇرۇشقا ئامراقكەن. ئىشنى ياخشى قىلمىدىڭ، قۇشتەك ئۇچۇپ، مايمۇندەك تۇتۇپ ئىشلىمىدىڭ دەپ ئۇرىدىكەن.
مەمەت ئاۋاق يىلدا بىر ياكى ئىككى نۆۋەت ئابدى ئاغىغا گەپ ياندۇرۇپ قويىدىكەن. ئابدى ئاغا ئۇنى كۈندە بىر ياكى ئىككى نۆۋەت ئۇرىدىكەن. مەمەت تۇغۇلىشىدىن يۇۋاش بولسىمۇ بارا-بارا شۇنداق گەپ ياندۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئابدى ئاغىغا يىراقتىن، يەرنىڭ تېگىدىن قارايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
ئابدى ئاغا گەپ ياندۇرغانلارنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. يېزىنىڭ باشلىقىغا، چوڭىغا گەپ ياندۇرغاننىڭ كۈنىنى بىلەمسەن. تازا تاياق يەيدىكەن. بەزىدە ئېتىزلىققا باغلاپ تاشلىۋېتىدىكەن. كېچىدە بۆرىلەر يەپ كېتەي دىگەندە، ئانىسى دۆنە كېلىپ قالىدىكەن. مەمەتنى يېشىۋېلىپ ئەكىتىدىكەن.
مەمەت تۇغۇلۇپ، ياخشىلىق دىگەننىڭ تىرناقچىسىنى كۆرمەپتۇ. ئەمما تەلىيىگە يامانلىقنىڭ ھەممە نىمىسىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ كۆرمىگەن يامانلىقنىڭ تاياقتەك قاتتىقلىرى، ئاچلىقتەك ئاچچىقلىرى، شىۋىرغان ۋە تومۇزدەك ئېچىتقۇلىرى بىرى قالماپتۇ. ئىشقىلىپ ھەممىنى كۆرۈپتۇ.بۇ تەلەينى كىمدىن كۆرگۈلۈك ؟
ھىچكىمدىن. خۇدادىن خوشناڭدىن، كۆرگىلى بولمايدۇ دە. ئەمما مەمەت بۇنى ئابدى ئاغىدىن كۆرىدىكەن. ناماز ئۆتەپ زاكات بېرىدىغان ئۆچكە ساقال ئابدىدىن كۆرىدىكەن.
ئابدى مەمەتنى ئۇرۇشقا ھەممىدىن ئامراقكەن. بەكرەك ئۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. مەمەت چىدىماپتۇ. ئىبراھىم يۇۋاشنىڭ ئوغلى چىدىماپتۇ. يېزىسىنى، ئانىسىنى تاشلاپ يىراقلارغا قېچىپ كېتىشنى ئويلاپتۇ. ئابدىنىڭ تايىقى بارالمايدىغان يەرلەرگە كېتىشنى ئويلاپتۇ.
ئۇ قېچىپتۇ. بىر كۈن توختىماي قېچىپتۇ. كەسمە يېزىسىدىكى سۇلايماننىڭ ئۆيىگە قېچىپ بېرىۋاپتۇ. سۇلايمان ئادەم ئۇرمايدىكەن. مەمەت ئۇنىڭ ئۆچكىلىرىنى باقىدىكەن. سۈت ئىچىدىكەن. پىشلاق يەيدىكەن.كۆچە ئىچىدىكەن. ھەممىسىنى تويغىدەك، كىكىرىپ كەتكۈدەك ئىچىدىكەن، يەيدىكەن. مەمەت سەمىرىپ كېتىپتۇ.....
مەمەتنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەپتۇ. يېزىلىقلار مەمەتنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ دىيىشىپتۇ. دۆنە ئىشىنىپ قاپتۇ. مەمەت قاچماقچى بولسا ئانىسىغا دەيتتىدە.
دۆنە ، قىيىنچىلىققا زارلىمىغان دۆنە، ئاچلىق بىلەن زىمىستاندىكى سوغۇققا پەرۋا قىلمىغان دۆنە زار-زار يىغلاپتۇ. مەمەت ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئاپتىۋى، تومۇرىدىكى قېنى، ئورۇق قاقشال تېنىدىكى جېنى تۇرسا بۇنىڭغا چىدىغىلى بولامدۇ. دۆنە ئۆرە يۈرىشىدىن تىرىكتەك، ئەمما ئىككى كۆزى ئۆلۈكتەك بولۇپ قاپتۇ. ئۇ مەمەتنىڭ جەسىدىنى بولسىمۇ پۇرىۋالاي دەپ يۈرۈپتۇ. نەدە ئايلىنىپ يۈرگەن ساقارا كۆرۈنسە شۇ يەرگە يۈگرەپتۇ. ئېقىن سۇنىڭ قاينىمىدىن جەسىدى چىقىپ قالارمۇ دەپ كۈنلەپ ئولتۇرۇپتۇ. قاينامدىن سۇ توختىماي بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرىدىكەن. ئەمما دۆنەنىڭ كۆزى قۇرۇپ كېتىپتۇ. ئازراقمۇ نەم قالماپتۇ.......
كەسمە يېزىسى بىلەن مەمەتلەرنىڭ يېزىسىنى بىر دۆڭ ئايرىپ تۇرىدىكەن. بىر قېتىم يېزىلىقى پانجار ھۆسۈك مەمەتنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ ئالدىراپ بۇ خەۋەرنى مەمەتنىڭ ئانىسىغا يەتكۈزۈپتۇ.
پانجار ھۆسۈك مەمەتنىڭ تىرىكلىكىنى دۆنەگە دەپتۇ. يېزىلىقلارغا دەپ قويۇپتۇ. ئابدى ئاغا مەمەتنى تېپىۋاپتۇ.
سۇلايماننىڭ ئۆيىدىن ئاتنىڭ ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ كەپتۇ. قىززىق يېرى ئۇ مەمەتنى ئۇرماپتۇ. ھەتتا تىللاپمۇ قويماپتۇ.
ئەمما ئۇرغاندىن تىللىغاندىن بەكرەك ئەدىۋىنى بېرىپتۇ.
ئابدى ئاغا يېزىلىقلاردىن تېرىغان ئاشلىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىىسىنى ئالىدىكەن. خۇددى ئۆشرىسىنى ئايرىۋالغاندەك كۈرىلەپ ئالىدىكەن. يۈز كىلو ئاشلىقنىڭ ئاتمىش ئالتى كىلوسىنى ئالىدىكەن. ئەمما دۆنەدىن بۇ قېتىم تۆتتىن ئۈچىنى ئاپتۇ. يۈز كىلو ئاشلىقنىڭ يەتمىش بەش كىلوسىنى ئاپتۇ. توققۇز كىلونى جىق ئاپتۇ. توققۇز كىلو ئاشلىق ئازمۇ. بۇ بىر ئائىلە بىر ياكى ئىككى ئاي يەيدىغان ئاشلىقتە.
دۆنەنىڭ ئۆيىدە ئۆزى بىلەن مەمەت ۋە بىر موزايلىق كالىسى بار ئىكەن. موزاي ئورۇق بولسىمۇ مەمەتتەك ساغلام ئىكەن. كالا شۇنداق ئاجىز بولسىمۇ دۆنەدەك تىرىك ئىكەن.دۆنە كالا بىلەن موزاينى ئامالسىز ئابدى ئاغىغا ئازراق ئاشلىققا تېگىشىپتۇ. ئابدى ئاغا مەمەتلەرنىڭ مۇشۇ كالىسىنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭغىمۇ ئېرىشىپتۇ.
دۆنە بىلەن مەمەت بۇ يىلمۇ ئۆلۈپ قالماي، تىرىك قاپتۇ. بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى قاراقچىمىز يەنىلا تىرىك قاپتۇ. ياراتقان ئىگىسى مەمەتنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشىنى خالىماپتۇ...........مەمەت بىر كۈنى ئاغىينىسى مۇستافا بىلەن شەھەرگە بېرىپتۇ. بۇ يېزىنىڭ ئادەملىرى سىرتقا چىقمايدىكەن. قىزىقمايدىكەن. قوساق تويمىغان ئادەمگە ئارتۇقچە خىيالنىڭ نىمە كېرىكى. ھەممىسى قۇرۇق ئىش.
ئەمما مەمەت بىلەن مۇستافا شەھەرگە يەنىلا بېرىپتۇ. بىر كۈن مېڭىپتۇ. يولدا ئۇلارغا پىشانىسىدە مېڭى بار بىر بوۋاي ئۇچراپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ يېزىسىنى، ئابدى ئاغىسىنى پاراڭ سېلىپ بېرىپتۇ.
بۇ بوۋاي بىر زامانلاردا ئەخمەت چوڭ دەپ داڭ چىقارغان قاراقچى ئىكەن. بىر قېتىم ئابدى ئاغىنىڭ خوتۇنىنى باشقا قاراقچىلار بۇلاپ كەتكەندە مۇشۇ ئەخمەت چوڭغا پوتلىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ كەپتىكەن. ئەخمەت چوڭ ئادىمەتچىلىك قىلىپ ئابدىنىڭ خوتۇنىنى ئەكىلىپ بېرىپتىكەن. ئابدىنىڭ زۇلمىنى ئاڭلاپ بۇ ئىلگىركى قاراقچى ئابدى ئاغىنى تىللاپ كېتىپتۇ. بۇنداقلىقىنى ئىلگىرى بىلگەن بولسام ئۇ توخو يۈرەكنى شۇ چاغدا ئۆلتۈرۋېتەتتىم. ئەشۇ قورقۇنچاق، يارىماس ئۆچكە ساقال بەش يېزىنى يەيدىغان يالماۋۇز بوپ كېتىپتۇ....ئىسىت دەپتۇ.
مەمەت ھەيران قاپتۇ. مۇستافامۇ ھەيران قاپتۇ . ئۆلتۈرۋېتەتتىم دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ. چۈنكى يېزىلىقلار بۇنداق گەپ تۇرماق خىيالمۇ قىلىپ باقماپتىكەن. ھەتتا ئابدى ئاغىنىڭ پوتلىسىنى ئېقىتىپ يىغلايدىغانلىقىنى، باشقىلارغىمۇ يالۋۇردىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەن.
بالىلار ئەخمەت چوڭدىن ئابدىنىڭ ئەدىۋىنى ھازىر نىمىشقا بەرمەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئەخمەت چوڭنىڭ ئاق ساقاللىق ئىڭىكى كۆكسىگە تېگىپتۇ. ئاق بېشى ئېگىلىپتۇ. خۇددى ئۆزىگە پىچىرلاۋاتقاندەك "ئەخمەت چوڭ ئۆلۈپ كەتتى. قاراقچى ئەخمەت چوڭ ئۆلۈپ كەتتى" دەپتۇ.
بامداتتا يېزىدىن ماڭغان مەمەتلەر خۇپتەندە شەھەرگە يېتىپ بېرىپتۇ.
كېچىدە يېتىش ئۈچۈن بىر دەڭنى تېپىپتۇ.
دەڭدە ھەسەن ئون بېشى دەيدىغان بىر چار بازارچى بىلەن بىللە يېتىپتۇ. كېچىدە جىق پاراڭلار بولۇپتۇ. مەمەت ھەسەن ئون بېشىدىن بۇ شەھەرنىڭ ئاغىسى كىم دەپ سوراپتۇ. ھەسەن ئون بېشى شەھەرنىڭمۇ ئاغىسى بولامدۇ ؟ بۇ شەھەردە ئاغا دىگەن باي ئاكا دىگەن جىق . كىمنىڭ پۇلى بولسا شۇ ئاغا. ھەممىسى ئۆزىگە ئاغا دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. مەمەتلەر ھەيران قاپتۇ. ئابدى ئاغىنى دۇنيادىكى بىر-دىن بىر ئاغا دەپ ئويلايدىغان ئادەملەر ھەيران قالمامدۇ ئەمىسە.
ھەسەن ئون بېششىنىڭ كۆرمىگەن يېرى قالمىغان ئىكەن. ماراش، كونيا ۋە ئۇ يەردە ئۆتكەن مەۋلانىنى، شامنى ،بېيروتنى ئەسىر چۈشۈپ بېرىپ قالغان كاپكازنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. نۇرغۇن ئادەملەرنى، مەمەتنىڭ يېزىلىقلىرى بىلمەيدىغان ھەتتا ئابدى ئاغىمۇ ھەيران قالىدىغان ئادەملەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
دۇنيانى دەگىرمەن ئۆلۈك، ئەڭ يامان ئادەمنى ئابدى ئاغا دەپ بىلىدىغان مەمەت ھەيران قاپتۇ. مەمەت جاھاندا ئابدى ئاغىلا بولماي، باشقا ئاغىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئابدىنىڭمۇ شۇلاردەك ئاددى بىر ئاغىلىقىنى بىلىۋاپتۇ. مەمەتنىڭ نەزىرىدىكى ھەيۋەتلىك ئابدى ئاغا كىچىكلەپ ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ. پۇلى بار، يېرى بار. يولسىزلىقنىلا بىلىدىغان، گاھىدا پوتلىسىنى ئېقىتىپ يىغلايدىغان، باشقىلارغىمۇ يالۋۇرۇپ باقىدىغان ئاددى ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ.
مەمەتلەر شەھەردە كاۋاپ يەپتۇ. ئالتۇندىن ياسىغان تۇڭلاردىكى شەرۋەتلەردىنمۇ ئىچىپ بېقىپتۇ. ئانىسىغا ئىسسىق نان بىلەن ھالۋا ئاپتۇ. خەدىچەگە بىر ياغلىق ئاپتۇ. كۈلمەڭلەر. بۇ نامرات ئاۋاقنىڭ يېرىنى، كالىسىنى تارتىۋالغان بىلەن كوڭلىنى تارتىۋالغىلى بولمايدۇ دە. مۇھەببەت دىگەن كونا كىيىم كىيەمسەن ياكى ئاچ-توق ياشامسەن چاتىقى يوقكەن. ياشلىق مەزگىلىگە كىرسەڭلا چاپلىشىدىكەن. ئەمدى شۇنىڭغىمۇ چىدىمامسىلەر.
خەدىچە ئوسماننىڭ قىزى ئىدى. ئوسمان شۇنداق يۇۋاش ئادەم. ئەمما خەدىچەنىڭ ئاپىسى بەك يامان، سوقۇشقاق ئايالكەن. يېزىدىكى ماجرا ئۇنىڭسىز قىززىمايدىكەن. خەدىچە بولسا چىرايلىقكەن. يۈزى تۆۋەنكەن. بىزنىڭ بۇ يۇرتلاردىمۇ يولدىشى يۇۋاش، ئايالى يامان ئۆيلەرنىڭ قىزلىرى شۇنداق ئوڭلۇق، نومۇسچان كېلىدۇ. چىرايلىق كېلىدۇ. خەدىچەمۇ شۇنداقكەن.
مەمەتلەر تاڭ ئاتارغا يېقىن يېزىسىغا قايتىپ كېلىپتۇ
ياغلىقنى خەدىچەگە بېرىپتۇ. شەھەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. خەدىچەنى، ئاپىسىنى ئېلىپ شەھەرگە قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. خەدىچەگە ئون كۈندىن كېيىن ئون بىرىنچى كۈنى قېچىشنى ئېيتىپتۇ. كېيىنچە باشقا خوشنىلىرىنىمۇ شەھەرگە ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىشنىمۇ ئۇنۇتماپتۇ. ئاخىرى ئابدى ئاغا يېزىدا يالغۇز قالىدىكەن. تېرىقچلىق قىلالماي ئاچلىقتىن ئۆلىدىكەن..... مەمەتنىڭ كۆز ئالدىغا ئابدى ئاغىنىڭ ئاچلىقتىن تىترەپ يىقىلىپ قالغانلىقى كېلىپتۇ.....ئىچىدە، خۇدا جاجاڭنى بېرىدىغۇ دەپ كۈلۈپ قويۇپتۇ. ئاپىسىغىمۇ شەھەر توغرىلىق سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئاپىسى دۆنە شەھەر توغرىسىدا نۇرغۇن ئادەملەردىن ئاڭلىغان ئىكەن. ھىچكىم مەمەتتەك چىرايلىق سۆزلەپ بەرمەپتىكەن. دۆنە مەمەتنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قاپتۇ. شەھەرنى بۇنداق چىرايلىق سۆزلىگەن ئوغلىغا قاراپلا قاپتۇ.............
مەمەتلەرنىڭ يېرىنى، ئەمگىكىنى، موزايلىق كالىسىنى تارتىۋالغان ئابدى ئاغا مەمەتنىڭ خەدىچەسىنى جىيەنىگە ئېلىپ بەرمەكچى بوپتۇ. خەدىچەلەرنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلەر كەپتۇ. ئەلچىلەرنىڭ ئىچىدە ئابدى ئاغا بىلەن يېزىنىڭ مائارىپ مۇدىرىمۇ بار ئىكەن. ئابدى ئاغىنىڭ، مۇدىرنىڭ كەينىدە ھۆكۈمەت بار ئىكەن. ھاكىم بار ئىكەن. ساقچى باشلىغىمۇ بار ئىكەن. بۇنداق ئەلچىگە ھېلىغۇ بىر قىزكەن مىڭ قىز بولسىمۇ بېرىدۇ-دە.
خەدىچەگە چاي ئىچۇرۇپتۇ. كۆيۆئوغۇل تەرەپنىڭ رەخمىتىنى ئاپتۇ. دادىسى ئوسمان يۇۋاش بولسىمۇ قىزىنى ئۇلارغا بەرگۈسى يوقكەن. نامراتنىڭ مارجىنى باينىڭ بوينىدا تۇرمايدىغىنى بىلىدىكەن. ئۇ خوتۇنىنى تىللاپتۇ...خەدىچەنىڭ ئانىسىنىڭ كارى بولماپتۇ. مارجان بوينىدا تۇرمىسىمۇ ئاپتاپتا قالغان گەدەندە تۇرغاندىن ياخشى دەيدىكەن. ھېچ بولمىسا ئېتىزغا چىقمايدىغان يۇمشاق يۇڭلۇق پۇتىدا تۇرسىمۇ ياخشى دەيدىكەن. كۆز ياشلىرى تۆكۈلىۋاتقان، كىچىكلەپ، قۇرۇپ كېتىۋاتقان خەدىچە بىلەن كارى بولماپتۇ. ئانا دىگەن قىزىم جاپا تارتمىسا دەيدىكەن.
يېزىلىقلار قايناپ كېتىپتۇ. سالىدىغانغا پاراڭ چىقىپتۇ. كانايلىرىنى قىرىپ، ئېغىزلىرىنى ئۇشلاپ سۆزلەپتۇ.
مەمەت قىزنى ئەپ قاچسا بولاتتى...
-نەگە كېتەلەيدۇ. ئابدى ئاغا ئۇنى تاپالايدۇ.... كەينىدە ھۆكۈمەت بار.
--مەمەتنىڭ قولىغا قورال چىقىپ قالمىسۇن ؟
..ئۇ تازنىڭ جېنى چىقىپ كەتسىكەن...
--مەمەتنىڭ كۆزلىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ.
--ئابدىنى بىر نىمە قىلىۋېتىدىغاندەكلا......
-خەدىچە ئۆلسىمۇ ئۇ تازغا تەگمەيدۇ...ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.
--قىز ئۆلسە مەمەتمۇ ياشىمايدۇ....
-بىچارە دۆنە ، ياش تۇرۇپلا ئېرىدىن ئايرىلدى، ئەمدى بالىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالمىسىكەن.
-ئوغۇلسىز قالمىسىكەن... يېزىنىڭ ھەممە ئادىمى مۇشۇ ھەقتە سۆزلىشىدىكەن. مەمەت بىلەن خەدىچەنىڭ ئىشى ئۇلارغا بىر دەرت بوپتۇ. ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ، قويلىرىنى سۇغۇرىۋېتىپ. بالىلىرىنىڭ كىيىمىنى ياماۋېتىپمۇ، نەۋرىلىرىنىڭ پوقىنى ئادالاۋېتىپتۇ مۇشۇ توغرىلىق سۆزلىشدىكەن.
غەيۋەت ھارام، بىراق زالىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش دۇرۇس دىيىلگەندەك، ئابدى يوق يەردە ھوزور بىلەن ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىدىكەن.
ئادەملەر ئاجايىپ، ئۇلار ئابدىغا شۇنچە ئۆچمەنلىك قىلسىمۇ ئۇ مىنگەن ئاتنىڭ تېزىكىدىنمۇ ئايلىنىپ ئۆتىدىكەن. مىڭلىغان يېزىلىقلار يالغۇز ئابدى ئاغىدىن ئەشۇنداق قورقىدىكەن.مەمەتكە ئاپىسى مىڭلارچە نەسىھەت قىپتۇ.
-خەدىچەدىن باشقا قىز جىق دەپتۇ.......
مەمەت ئۈندىمەپتۇ.
-بىر كۈن بولسىمۇ تېچ ياشايلى بالام. سەندىن ئايرىلىپ قالماي، خەدىچەدىن باشقا قىزلارنى تاللا دەپتۇ..........
مەمەت شۇنداق ئۈندىمەي ئولتۇرىۋېلىپ بىر چاغدا ئاپىسىغا،
خەدىچەدىن باشقا قىز يوق دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىلىق ئانا-بالا سۆزلەشمەپتۇ.
چۈنكى دۆنە مەمەتنىڭ كېسىپ گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىماپتىكەن. مەمەت يېرىنى تارتىۋالسا مەيلى دەپتۇ. ئۇرۇپ-تىللىسا مەيلى دەپتۇ. خەدىچەگە كەلگەندە مەيلى دىمەپتۇ.
شائىرلار خەدىچە مەمەتنىڭ بارلىقى دەيدىكەن. قاراقچىلار خەدىچە مەمەتنىڭ نەيزىسىنىڭ پۆپىگى دەيدىكەن. بىز قاراقچىلار توغرىلىق سۆزلىشىۋاتىمىز. شائىرلار توغرىلىق سۆزلەشمىدۇق. پوپىگى يوق نەيزىلەرمۇ بار ئىكەن. ئەمما پوپىگى بار نەيزە ھەقىقى نەيزىكەن.ئىشقىلىپ مەمەتنىڭ دەردى قىرىق توققۇز ئىكەن. خەدىچە ۋەقەسى بىلەن ئەللىك بوپتۇ. نەدىلا بولسۇن ئەللىك توشسىلا دۇنيادەك كەڭ سەۋرى قاچىمۇ توشىدىكەن.
مەمەت خەدىچە بىلەن ياغلىق بەرگەندە كېلىشكەندەك ئون بىرىنچى كۈنى كېچىسى بېرىپتۇ. خەدىچەلەرنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا ئۇنى ساقلاپتۇ. بىر قولىدا ئىڭىكىنى يەنە بىر قولىدا قوينىدىكى تاپانچىسىنى تۇتۇپ خەدىچەنى ساقلاپتۇ......
يېزىنىڭ ھەممە نىمىسى ئۇخلاپ كېتىپتۇ. ئادەملەر، كالا-توخولار، ئۇچار قاناتلار ھەتتا ھاۋادىكى ھاشارەتلەرمۇ ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. ھەممە جانلىق تاتلىق ئۇيقىدا شېرىن چۈشلەردە لەيلەپ يۈرگەن ئىكەن. ئۇلار شېرىن چۈشلەر بىلەن ھەپلىشىدىكەن. دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىكنىڭ ئۈستىنى، مۇھەببەت-نەپرەتلەرنىڭ ئۈستىنى، قورقۇنۇچ-باتۇرلۇقنىڭ ئۈستىنى قېلىن بىر قەۋەت ئۇيقۇ باسقان ئىكەن. دۆنەمۇ ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. مەمەت ئاپىسىنى قېچىشقا قايىل قىلالماپتۇ. ئۆزىنىڭ راستىنلا قاچىدىغانلىقىغا دۆنەنى ئىشەندۈرەلمەپتۇ. دۆنە ھەممە ئىشنىڭ ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئەمما مەمەتنىڭ قاچىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. مەمەت دۆنەنىڭ ئالدىدا يەنىلا بىر بالا تۇرسا.بىر چاغدا خەدىچە ئۆيىدىن چىقىپتۇ. ئاپىسى ئۇخلاپ كەتكەندە، دادىسىمۇ ئۇخلاپ كەتكەندە ئۆيدىن چىقىپتۇ.
مەمەت بىلەن خەدىچە ئۇيقۇ بېسىپ كەتكەن يېزىسىنى،خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان يېزىلىقلىرىنى تاشلاپ قېچىپتۇ.
ئەتىسى خەدىچەنىڭ ئاپىسى ئۇلارنىڭ قاچقانلىقىنى بىلىپتۇ. دادىسىمۇ بىلىپتۇ. خوپ قىپتۇ دەپتۇ. خەدىچەنىڭ ئاپىسى بەك قايغۇرۇپمۇ كەتمەپتۇ. ئەسكى بولسىمۇ ئۆز ئاپىسىدە، تاتلىق ئۈمۈت بىلەن ماڭغان بالىسىنى قاغامدۇ، ئانا دىگەن.
بىز ئەسكى دىگەن ئاپىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق. بالىلىرى يېنىدا چاغدا ياخشى كۆرمەيدىغاندەك بىلىنىدۇ. ئەمما بالىلىرى يېنىدىن ئايرىلسا چىدىمايدۇ. ئوتى چىداتمايدۇ. ئىچىدە دۇئا قىلىپ جېنىم بالام دەيدۇ.
خەدىچەنىڭ ئاپىسى، ئابدى ئاغىغا خەۋەر قىپتۇ. خەقنىڭ رەخمىتىنى ئالغان تۇرسا، قۇدىلىققا ماقۇل دىگەن تۇرسا خەۋەر قىلماي بولامدۇ.
ئۆرە تۇرغان ئابدى ئاغا ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ئۆمرىدە ئۇچرىمىغان بۇ ھاقارەت شۇنداق ئېغىر كەپتۇ.
ئابدى ئادەملىرىنى ئېلىپ مەمەتلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. قىيامەتنڭ تۇنجىسى دۆنەنىڭ ئۆيىدە باشلىنىپتۇ. ئابدى ئاغا ئۇنى دەسسەپتۇ. قېلىن چەملىك ئۆتۈك بىلەن دەسسەپتۇ. قۇرۇق توپىدا دومىلىتىپ تېپىپتۇ. دۆنە غىڭ قىلماپتۇ. ھەممە يېرى لاي بولۇپ كېتىپتۇ. ئېقىۋاتقان قان بىلەن قۇرۇق توپا ئارلىشىپ لاي بولۇپ كېتىپتۇ. ئابدى ئاغا ھېرىغاندا جىيەنى كېلىپ دەسسەپتۇ. ئۇنىڭمۇ ئۆتىكى يېڭىكەن. چەملىرى پۇختىكەن. دۆنەنىڭ ئاغزىدىن ئاققان قان ئايىقىدىن ئۆتۈپ يەرگە سىڭىپتۇ. دۆنەدىن ئاققان قاننىڭ رەڭگى قىزىل ئەمەسكەن. قاننىڭ قىزىل ۋە زەرداپنىڭ سېرىق رەڭلىرى قوشۇلۇپ ھالرەڭ كۆرۈنىدىكەن.
كامالەتكە يەتكەن ئىككى ئەر، نىمجان بىر ئاسلاننى دەسسىگەندەك ئۇنى دەسسەپتۇ . قاقشال بىر تاياقنى سۇندۇرغاندەك، ئۇستىخانلىرىنى سۇندۇرۇپتۇ.
بۇ دۆنەنىڭ ھاياتىدا تارتقان ئازاپلارنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قاپتۇ. ياراتقان ئىگىسى دۆنەنى ئەمدى ئازاپ چەكمىسۇن دەپتۇ. يېتەر ئەمدى ئارام تاپسۇن دەپتۇ.
مەمەت ئۈچۈن جاھىللىق بىلەن چىداپ ياشىغان دۆنە، مەمەت ئۈچۈن بۇ قېتىممۇ لام-جىم دىمەستىن، ئۈنىنىمۇ چىقارماستىن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
مەمەت ئاۋاقنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئىككى ئادىمىنىڭ بىرى ئەشۇنداق ئۆلۈپ كېتىپتۇ. مەمەت نەچچە مىڭ يىللار ياشىسىمۇ، ئونلىغان خوتۇنلارنى ئالسىمۇ، يۈزلەپ بالىلىق بولسىمۇ، دادىسىدەك، ئانىسىدەك ئادىمى مەڭگۈ تۇغۇلمايدىكەن............
ئابدى ئاغا بىلەن جىيەنى ئادەملىرىنى باشلاپ مەمەتلەرنى قوغلاپتۇ. مەرگەنلەرنى توپلاپتۇ. ئىزچى ئەلى توكۇر يول باشلاپتۇ.
ئەلى توكۇر مەمەتلەرنىڭ ئىزىنى تېپىۋاپتۇ. ئاتىسىنىڭ ئىزى بولسىمۇ ئىزنىلا كۆرسە تاپىدىغان بۇ توكۇر ، ھاۋادىكى قۇشنىڭ ئىزىنى تاپالايدىغان بۇ ئىزچى ئەلى توكۇر ئۇلارنى تېپىپتۇ.مەمەت ئالدىنقى قېتىم سۇلايماننىڭ ئۆيىدىن ئابدىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ماڭغاندەك يۇۋاشلىق قىلماپتۇ. ئىككى تەرەپ ئېتىشىپتۇ. مەمەت ئابدى ئاغا بىلەن ئۇنىڭ جىيەنىنى چەنلەپ ئېتىپتۇ. ئىككەيلەننىڭ ياۋا چوشقىدەك چىقىرىغاندەك ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئوق ئىككىسىگىلا تېگىپتۇ.
مەمەت خەدىچەگە سەن يېزىغا قايتىپ تۇر، مەن ياخشى بىر جايغا ئورۇنلىشىپ بولۇپ سېنى. ئاپامنى ئالغىلى كېلىمەن. دەپتۇ. خاتىرجەم بول ئابدى بىلەن ئۇنىڭ جىيەنى ئۆلدى. ئەمدى سىلەرنى ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ. دەپ خەدىچەنى خاتىرجەم قىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەمەت قاراقچى بوپتۇ. دۆنە بىلەن ئىبراھىمنىڭ ئوغلى شۇنىڭدىن باشلاپ قاراقچى مەمەت ئاۋاق بوپتۇ.
مەمەت شۇ كېچىسىلا ئۇدۇل كەسمە يېزىسىدىكى ھېلىقى سۇلايماننىڭ ئۆيىگە ئىككىنچى قېتىم بېرىپتۇ. قىلغانلىرىنى دەپ بېرىپ سۇلايماننىڭ دۇئاسىنى ئاپتۇ. سۇلايمان مەمەتنى تۇمان تېغىدا قاراقچىلىق قىلىدىغان تۇردى تەلۋە دىگەن تۇققىنىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ.ئۇ چاغلاردا قاراقچى بولۇش مودىغا ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغان ياكى خوتۇنىغا خاپا بولۇپ قالغانلارمۇ مىلتىقتىن بىرنى تېپىپ تاققا چىقىپ كېتىدىكەن. تۇردى تەلۋىمۇ شۇنداق قاراقچىلاردىن ئىكەن. ئەمما بىزنىڭ مەمەت ئاۋىقىمىز ئوخشىمايدۇ. ئۇ دىگەن ئابدىدەك زالىملارنى ئۆلتۈرۈپ قاراقچى بولغان. ئۇ كوزان ئوغلىدەك، كۇرت رەشىتتەك قاراقچى بولىدۇ.
ئوخشىمايدىغان مىجەز، ئوخشىمايدىغان كويغا سالىدۇ. مەمەت كېيىچە تۇردىنىڭ ئەترىتىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. كېلىشەلمەپتۇ. تۇردى مەنپەئەت ئۈچۈن قاراقچى بولغان ، مەمەت ھەقىقەت ئۈچۈن قاراقچى بولغان. ئەلۋەتتە كېلىشەلمەيدۇدە.
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ جاپپار بىلەن رەجەپ چاۋۇش دىگەن ئىككى قاراقچىمۇ چىقىپ كېتىپتۇ. مەمەت بىلەن ئۈچ كىشىلىك ئەترەت بوپتۇ.
تاغلارغا چىققان قاراقچىلار تۈركمەنلەرنىڭ قىزىل فەس(يۇمۇلاق دوپپا)ىنى كىيىدىكەن. قالپاق ياكى شەپكە كەيمەيدىكەن. بەلكىم تاغدىكى قاراقچىلار ئىستانبولدا شىلەپە ئىنقىلاۋى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپمىغان بولسا كېرەك. قاراقچىلار مۇستاپا كامالنىڭ فەسنى چەكلىگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلىدىغان ئادەممۇ يوقكەن.
مەمەتمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ قىزىل فەسنى مەھكەم كىيىپتۇ. ھەقىقى تۈركمەن قاراقچىلارغا ئوخشاش بوپتۇ..............
مەمەت ئابدىلارنى ئاتقاندا ئۇنىڭ جىيەنى ئۆلۈپتۇ. ئابدى ئاغا يارىلىنىپ جېنى ساق قاپتۇ. ھەممىزنىڭ خەۋىرى بار، يالماۋۇزنىڭ يەتتە جېنى بارغۇ. ھە توغرا ئابدىنىڭ جېنىدىن پەقەت بىرىلا چىقىپتۇ.
ئابدى ئاغا ساقچىلارغا خەۋەر ماڭدۇرۇپتۇ. سوتچىلارغا خەۋەر ماڭدۇرۇپتۇ.
قانۇن ئادەملىرى كېلىشتىن ئىلگىرى مەمەتنى قوغلاشقا چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپتۇ. ئەلى توكۇر كەلمەپتۇ. قىلغان ئىشىدىن، مەمەتنى تېپىپ بەرگەنلىكىدىن خىجىل بوپتۇ. خۇدانىڭ ئالدىدا، خالايىقنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قاپتۇ. شۇڭا پۇشايمان قىپتۇ.
ئابدى ئاغا يىغىلغانلارغا جىيەنى ۋەلىنى خەدىچە ئۆلتۈردى دەپ ئۆگۈتۈپتۇ. بۇنى گۇۋاھچىلارنىڭ ھەممىسى تەپسىلى يادلىۋاپتۇ.
ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئادىمىگە يېزىدىكى بىرەر ئىش توغرىلىق جاۋاپ لازىم بولسا، ئابدى ئاغا ئادەملىرىنى چاقىرتىپ نىمە دىيىش كېرەكلىگىنى تەپسىلى ئۈگۈتۈپ قويىدىكەن. ئۇلار ئۈگەنگىنى بويىچە تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا بۇلبۇلدەك سايرايدىكەن. سوئال سورىغۇچىلار بۇ بۇلبۇللارنى كىم سايرىتىۋاتقانلىقىنى ئىچىدە بىلىدىكەن. ئەمما ئىنچىكلەپ كەتمەي، ئابدى ئاغىنىڭ ئۆيىدە قانغۇچە مېھمان بولۇپ، سوغا-ئېھسانلار بىلەن قايتىدىكەن.بۇ قېتىممۇ شۇنداق بوپتۇ.
گۇۋاھچىلار ئىللا-بىللا، خەدىچەنىڭ ئاتقىنى ۋەلى شېھىدۇتۇللا دەپ ياش تۆكۈپ گۇۋاھلىق بېرىپتۇ. سوتچىلار خەدىچەدىن سوراپتۇ. شۇ يېشىغىچە بىر يېزىنىڭ ھاۋاسى، بىر ئېرىقنىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچكەن بۇ يېزىلىقلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى خاتىرجەم تۇرغان خەدىچەنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. ئانىسىنىڭ قىزىم قورالدىن قورقىدۇ. ئۇ تاپانچىنى قانداق تۇتۇشنىمۇ بىلمەيدۇ، دىگەن نالىلىرى پايدىسىز بوپتۇ. سوتچى بىر قاراپلا خەدىچەنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلىپتۇ. ئەمما بۇ يېزىغا بىكارغا كەلسە بولمايدۇدە. بىرەر ھۆكۈم ئېلان قىلىپ پەقەت گۆشلا بار بەدىنىنى يوشۇرۇپ تۇرغان ماۋۇ ھەيۋەتلىك كىيىملىرىنىڭ سۆلىتىنى نامايەن قىلمىسۇنمۇ.
ئابدى ئاغا كىچىككىنە بولسىمۇ مۇرادىغا يېتىپتۇ. مەمەتتىن ئۆچىنى ئالالمىغان بولسىمۇ مۇنۇ قىزدىن ئاچچىقىنى بېسىپ تۇرۇپتۇ. ئەجەل ئۇنىڭغا قىلغان ئىشىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ بارا-بارا يېقىنلاپ كەپتۇ.
يېزىلىقلار كۇسۇرلىشىپ كېتىپتۇ. بۇرۇنقىدەكلا ئۇلار يوق يەردە ئادالەت پەريادىنى يەتكۈچە قىلىپتۇ. ئەمما بىرەرسىمۇ خەدىچەنى گۇناھسىز دىيىشكە پېتىنالماپتۇ.
خەدىچەنىڭ ۋەلىنى ئاتقانلىقى يەتتە نەپەر گۇۋاھچى تەرىپىدىن مۇقىملىنىپ تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلىپتۇ......
ئەمدى خەدىچە بىلەن بىر كامىرغا سولانغان ئىراز توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي
جەسەتنى ئەپ چۈشتى ھېلىت تۈزىگە،
بېشى يوقتۇر قارىسام، ئۇنىڭ يۈزىگە.
مەندىن سالام ئېيتىڭ بەگنىڭ قىزىغا،
ئىراز موماي باشلاپ چىقسۇن تاغنىڭ ئۈستىگە، ;
دىلىم قانسۇن گۈزەل يۈزى، ئاھۇ كۆزىگە.......
چىرايى قارا قۇمچاققىنە، يوغان كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان، ئەگىم قاشلىرى ۋە كەڭ پىشانىسىگە چۈشۈپ تۇرغان بىر تۇتام چېچى بىلەن تېگى-تېگىدىن مېھرىلىك بىلىنىدىغان، چىرايلىققىنە ئۇزۇنچاقراق ئىڭىگى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ساكار يېزىسىدىكى ھۈسەيىننىڭ ئايالى ئىراز، يىگىرمە يېشىدا قۇچۇغىدىكى توققۇز ئايلىق بالىسى بىلەن تۇل قاپتۇ.ئۇ ئېرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ھېلىقى ئاققۇ دىگەن جانىۋاردەك ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆلگەن ھەمراھىغا قارىلىققا ئاتاپتۇ. ئېرىنىڭ جەسىتىنىڭ ئالدىدا "ھۈسەيىن ياتقان يەردە ھىچكىمنى ياتقۇزمايمەن" دەپ قەسەم ئىچىپتۇ.
ئېرىنىڭ قېرىنداشلىرى ھۈسەيىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىرازدىن يەرنى تارتىۋاپتۇ.شۇنداقتىمۇ ئىراز يالغۇز خوشاللىقى بولغان ئوغلى رىزانى بېقىپ قاتارغا قوشۇپتۇ. تىرىك جان بولغاندىكىن يەرسىز بولسىمۇ رىسقىسىز قالماپتۇ. رىزا چوڭ بوپتۇ.
ئۇ ئەرز قىلىپ يۈرۈپ دادىسىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن يېرىنى قايتۇرىۋاپتۇ. ئەمما ئاچكۆز تۇققانلىرى رىزانى ئۆلتۈرۋېتىپتۇ..........
رىزا ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئۇ تۇققانلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەن ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىگە گۇۋاھچى يوق ئىدى.
مەيلى ئىراز ياكى يېزىدىكى باشقىلار بولسۇن، رىزا بىلەن نەۋرىلەر بولىدىغان ئەلىنىڭ يەر ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى بىلىدىكەن. سودىيە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەر مەسىلىسىنى تەپسىلى يېزىۋاپتۇ، ھەمدە تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلىنى قاتىل دەپ تۇتۇپتۇ.
ئېتىزلىقتا، ئۈستىگە يېشىل چىۋىنلار ئولاشقان رىزانىڭ جانسىز ئۆلىكى، كالىلىرى قېچىپ كەتكەن قۇرۇق ساپان، يىغلاۋېرىپ كۆزلىرىنىڭ نۇرىمۇ قالمىغان ئانا يالغۇز قاپتۇ........ئىراز ئەلىنى ئەمدى دارغا ئاسىدۇ دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئەمما ئىككى كۈندىن كېيىن ئەلى قوللىرىنى سالغان ھالدا يېزىغا خاتىرجەم قايتىپ كەپتۇ. چۈنكى ئەلى رىزا ئۆلتۈرۈلگەندە تۆت سائەتلىك يول يىراقلىقتىكى باشقا يېزىدا تويغا قاتناشقانلىقىنى گۇۋاھچىلار بىلەن ئىسپاتلاپتۇ. قاتىل جازالانماپتۇ.
بىچارە ئانا بۇنداق ھاقارەتنى كۆتۈرەلمەپتۇ. ئادەملەردىن كەلگىنىغۇ مەيلى، قانۇندىن كەلگەن بۇ ھاقارەت ئۇنى گۆرگە تىرىك كۆمۈلگەن ئادەمگە ئايلاندۇرۇپتۇ. ئۆيىدىكى پالتىنى قولىغا ئاپتۇ. دۇنيادىكى خوشاللىقىنى يوقاتقانلار بىلەن تەڭلا يوقىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئەمما ئەلى ئۆيدە يوق ئىكەن. ئىراز غەزەپ بىلەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېقىۋاتقاندا ئەلى كېلىپ قاپتۇ. ئىرازنىڭ قولىدىكى پالتىنى تارتىۋېلىپ ئۇنى دەسسەپ-چەيلەشكە باشلاپتۇ. يېزىلىقلار چارەك جېنى قالغان ئىرازنى ئۇنىڭ ئايىقىدىن تەستە تارتىۋاپتۇ. شۇ كېچىسى ئىراز ئۆمىلەپ بېرىپ ئەلىنىڭ ئۆيىگە ئۆت قويۇپتۇ........
ئەلى ساقچىلارنى باشلاپ كەپتۇ. غەزەپلىك ئانا ھەممىنى مەن قىلدىم. ئەلىنى كۆيۈپ ئۆلسۇن دىدىم دەپتۇ.
بۇ ۋەقە باشلانغاندىن ئاخىرلاشقانغا قەدەر پەقەت ئىراز دىگەن مۇشۇ ئاجىز ئاياللا راس گەپ قىپتۇ. ئۇ ئەلىنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتكەندە باشقا يېزىدا تويدا ئىدىم دىمەپتۇ ئۇنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن گۇۋاھچىلارمۇ كەتمەپتۇ. ساقچىلار قانۇن بويىچە ئىرازنى تۇتۇپتۇ.
ئىراز قولغا ئېلىنىپتۇ. بىر دۆلەتكە، بىر مەملىكەتكە تەڭ قىلمايدىغان چىناردەك ئوغلى ئۈچۈن قاتىلنىڭ ئۆيىگە ئوت قويغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپتۇ.
ئىراز بىلەن خەدىچە بىر كامىرغا قامىلىپتۇ....
ئىراز تۈرمىنىڭ بۇلىڭىدا قېتىپ ئولتۇرىدىكەن. قارغۇلارنىڭ كۆزىدىمۇ ئەتراپقا ئىنتىلىش بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھىچنىمە يوق. پاڭلارنىڭ قۇلاقلىرىدىمۇ بىئاراملىق، تېڭىرقاش ۋە ئىنتىلىش بولىدىكەن. ئىرازدا بولسا بۇلارمۇ يوق. ئۇنىڭغا قاراشنىڭ ئۆزىمۇ بىر دەھشەت ئىكەن. خەدىچەنىڭ دەردى بىر يانغا قايرىلىپ قاپتۇ. بۇ ئايالنىڭ دەردى ئۇنىڭغا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. سۆزلەپتۇ، سىلاپتۇ، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ يىغلاپتۇ. قېرىندىشى بولسىمۇ بۇنچە قىلماس، ئاستا-ئاستا ئىراز بىلەن خەدىچە بىللە يىغلايدىغان، بىللە كۈلىدىغان بوپتۇ.ئىرازنىڭ يورۇق دۇنيا بىلەن تەغدىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان ھېچنىمىسى يوقكەن. ئەمما خەدىچەنىڭ باردە. ئوغلى رىزانىڭ قىساسىچۇ ؟ توغرا، يورۇق دۇنيادا قالغان ئوغلىنىڭ قىساسى بار ئىكەن. ئىراز بۇلارنى ئويلىغاندا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدىكەن. بۇ ئاغرىق ئوغلى رىزانىڭ قىساسىنى ئېسىگە سالىدىكەن. چىشلىرىنى كىرىشتۈرىدىكەن.
مەمەتنىڭ قاراقچىلىقى تۈرمىگىمۇ ئاڭلىنىپتۇ. ئۇنىڭ باشقا قاراقچىلارغا ئوخشىمايدىغان قاراقچىلىقى توغرىسىدا سۆزلەر بولۇپتۇ. دۇنيادىن ھىچ بىر خوۋلۇق كۆرمىگەن، شۇنچە ئادەملەردىن ھىسداشلىققا ئېرىشمىگەن بۇ ئىككى ئايال ھەتتا ئۇچار قاناتلارنىڭمۇ قۇرت-قوڭۇزلارنىڭمۇ چاتىقى بولمايدىغان بۇ ئىككى ئايال بىر ئۈمۈتكە ئېرىشىپتۇ. ئۇلار مەمەتنىڭ خىيالى بىلەن ھاياتلىق ئارزۇسىدا قىمىرلاشقا، مىدىراشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ قاراقچىلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلار بىلەن توختاپ قالاي دىگەن يۈرىگىگە قان تولۇقلاپتۇ. ئەدلۇ-ئادالەت ئەخلاق-دىيانەت ئۈمۈدى بىلەن ئەمەس بەلكى بىر قاراقچىنىڭ ئۈمۈدى بىلەن ھايات قاپتۇ.
ئادالەت ياكى دىيانەت دىگەننى خەت بىلەنلا يازغىلى بولىدىكەن.ئۆزىنىڭ مۇقىم شەكلى يوق ئىكەن. بۇ خەتلەرنى قىزىل رەڭ بىلەنمۇ ياكى قارا رەڭ بىلەنمۇ يازغىلى بولىدىكەن. بىرلىككە كەلگەن رەڭگىمۇ يوق ئىكەن. مەمەت ئوخشىمايدۇ. ئۇنى خەت بىلەن يازمىسىمۇ ئۆزىنىڭ مۇقىم قىياپىتى بار ئىكەن. سەمەت ياكى ئەمەت ئۆزىنى مەمەت دىيەلمەيدىكەن...........
ئۈمۈت دىگەن ئاجايىپ نىمە . ئۈمۈت بولسا قارا تاشنىڭ ئىچىدىكى قۇرتمۇ تېشىپ چىقىدۇ. ئۈمۈت بولمىسا بىپايان ئاسماندىكى بۈركۈتمۇ پالاقشىپ چۈشىدۇ.
ئىراز ئۆلگەن ئوغلى رىزا مەمەت بولۇپ تىرىلىپ بىپايان ئاناۋارزادا ئات چېچىپ ئاغىلارنى، سوتچى-ساقچىلارنى تىترىتىپ، يۈرگەندەك خوشاللىققا ئېرىشىپتۇ. ھاردۇقى چىقىپتۇ. قىساس ئوتىغا تەسەللى سۈيى تېمىپتۇ.........
خەدىچە بىلەن ئىراز كۆزلىرى تېشىلىپ كەتكۈدەك بېرىلىپ كېچە-كۈندۈز پايپاق توقۇيدىكەن. پايپاق سېتىپ تاپقان پۇللىرىنى خەجلىمەي مەمەتكە يىغىدىكەن. مەمەت بىر كۈنى تۇتۇپ كېلىنىدىكەن. تۇتۇلمىغان قاراقچى يوق ئىكەن. ئۇ تۇرمىدە بوينى قىسىلىپ قالسا بولمايدۇ. مۇھتاجلىق تارتسا بولمايدۇ دەپ قارا كۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى نۇرىنى، ئورۇق بارماقلىرىنىڭ ئاخىرقى نازۇكلىقىنى پايپاق توقۇشقا سەرپ قىلىدىكەن.....
تۈرمىدىكىلەر ئەنقەرەدىن يۆتكىلىپ كەلگەن بىر مەھبۇستىن يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ كەچۈرۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. تۈرمىدىكى مۇستاپا تاغىنىڭ دىيىشىچە ھۆكۈمەتنىڭ شەرىپى ئۈچۈن تۈرمىدىكىلەرلا ئەمەس قاراقچىلارمۇ كېچىرىم قىلىنغىدەك.
خەدىچە بىلەن ئىراز بۇ بوۋايدىن مەمەتنىڭ كېچىرىم قىلىنىشىنى نەچچە قېتىم سورىغانلىقىنىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ. مۇستاپا تاغىمۇ ساناپ بېرەلمەيدۇ. ھەر قېتىم مەمەتلا ئەمەس، يىرتقۇچ يولۋاس بۆرىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن.
ئىشقىلىپ مەمەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قارا تام يوق بولىدىكەن. ئۈچەيلەن بىللە خاتىرجەم ياشىيالايدىكەن.خەدىچە بىلەن ئىراز يېڭى پىلانلارنى تۈزۈشۈپتۇ. مەمەت ئۇلارنى شەھەرگە ئەكىرىپ كاۋاپ ئېلىپ بېرىدىكەن، ئۆزلىرى يىغقان پۇللار بىلەن مەمەت تۈرمىگە ئەۋەتكەن پۇللارنى قوشۇپ چوقۇر ئوۋادىن بىر پارچە يەر سېتىۋالىدىكەن . ئۇلارنىڭ يېرى شۇنداق مۇنبەت ۋە كۈنگەي ئىكەن. زىرائەتلەرنىڭ ئوخشاپ كەتكەنلىكىدىن ھەتتا قاپلانمۇ يېرىپ ئۆتەلمەيدىكەن. مەمەت ئۆي سالىدىكەن. خەدىچە قىزىل توپا بىلەن ئۆيىنىڭ ئىچى تېشىنى سۇۋايدىكەن. ئىراز ئاچىسىنىڭ قولىنى سوغ سۇغا تىققۇزمايدىكەن.
گەپلەر تۈگىمەپتۇ. ئۇلار ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى مەجنۇن تال، كۆزلىرى يوغان توق قىزىل رەڭلىك ئىنىگى، بۇغدايلىقنىڭ قىرىغا تېرىيدىغان ئىككى قۇر پىيىزى، ھويلىدىكى باغچىسى، گۈللىكى توغرىلىق توختىماي پاراڭ سالىدىكەن.........
ئابدى ئاغا مەمەتنىڭ قاراقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپتۇ.
ئۆيىدە ئولتۇرالماپتۇ. پاچىقىغا پىت چۈشۈپتۇ. شەھەردىن يېزىغا يېزىدىن شەھەرگە قاتراپتۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئاڭلىتىپتۇ. بىرنى ئون، ئوننى يۈز قىلىشقا تىرىشىپتۇ. مەمەتنىڭ ۋاپاسىزلىقى، تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاققانلىقىنى سۆزلەپتۇ.
توختىماي سۆزلەپتۇ. ئاڭلىغۇچىلار ئېچىنىدىكەن. مەمەت ئاۋاقتىن نەپرەتلىنىدىكەن. ھاكىمى، ساقچى باشلىغى، ساقچىسى،كاتىپلىرى، خىزمەتچىلىرى ئېچىنىدىكەن. بۇ ئاۋاقنى تۇتۇشقا ساقچىلار ماڭىدىكەن. تۇتالمايدىكەن. تۇتالمىغانچە مەمەتنىڭ شۆھرىتى چىقىپتۇ. ئادەملەر ئارىسىدا رىۋايەتلەر تارقىلىپتۇ.
ئابدى ئاغا دەگىرمەن ئولۈككىمۇ كېلەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. مەمەتنىڭ بىر كېچىدە كېلىپلا ئۆلتۈرۋېتىشىدىن قورقۇپتۇ. تۇرۇپ ئۇ يەردە، تۇرۇپ بۇ تۇققىنىنىڭكىدە قونىدىكەن. مۇقىم بىر يەردە ياتالمايدىكەن.
بىر كۈنى مەمەت ئابدى ئاغىنىڭ ئاق تۇزلۇ يېزىسىدىكى ھۈسەيىن ئاغىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالغانلىقىنى بىلىۋاپتۇ. ھەمرالىرى بىلەن كېچىدە قورشاپتۇ. ھۈسەيىن ئاغا ئابدىنى چىقىرىپ بەرمەپتۇ. مەمەتلەر ئۆيگە ئوت قويۇپتۇ. يوشۇرنىۋالغان ئابدى ئاغا ئۆي بىلەن قوشۇلۇپ كۆيۈپ كېتىپتۇ.............
ئابدى ئاغىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكىنى، مەمەتنىڭ ئابدى ئۈچۈن بىر يېزىنى كۆيدۈرۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان دەگىرمەن ئولۈك يېزىسىدىكىلەر كەچ بولغىچە قېتىپ قاپتۇ. پۈتۈن يېزا قېتىپلا قاپتۇ. قۇچاقتىكى بوۋاقلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايدىكەن. ئىتلارمۇ ھاۋشىمايدىكەن.
مەمەت يېزىسىغا كەپتۇ. دۇرمۇش ئەلى بىلەن ھۆرى ئانىغا ئەمدى ئابدى يوق بولدى. ئۇ تارتىۋالغان يەرلەرنى دىخانلارغا بۆلەيلى دەپتۇ.
مەمەتنىڭ ئابدى ئاغا ئىگەللىۋالغان يەرلەرنى دىخانلارغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ مېڭىۋاتقانلارنىڭ پۇتلىرى ئالمىشىپ كېتىپتۇ. ئولتۇرغانلار قوللىرى بىلەن يەرگە تايىنىۋاپتۇ. دۇرمۇش ئەلىنىڭ خوتۇنى خوشاللىقتىن نىمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قاپتۇ. ئۇ يېزىلىقلارنى تىللايدىكەن. نىمىشقا خوشال بولمايدىغانلىقىنى سورايدىكەن.
يېزىلىقلار مەڭدەپ قاپتۇ. ئەزەلدىن ئۇچراپ باقمىغان ھەتتا چۈشلىرىگىمۇ كىرىپ باقمىغان بۇنداق ئىشتا كىم قېتىپ قالمايدۇ دەيسىز. يېزىلىقلار تېخىمۇ قېتىپ قاپتۇ....كېيىن دەسلەپ پىچىرلىشىش ئاندىن ۋارقىراش-توۋلاشلار باشلىنىپتۇ. قېتىپ قالغان ئىتلارمۇ ھاۋشۇپتۇ . خورازلار چىللىشىپتۇ. ئېغىلدىكى ئىشەكلەرمۇ ھاڭراپتۇ. دەگىرمەن ئولۈك يېزىسى بىنا بولغاندىن بۇيان بولمىغان ۋاراڭ-چۇرۇڭ بوپتۇ. بەش يېزىنىڭ ئادەملىرى ئاتىسى تىرىلگەندىنمۇ بەك خوشال بولۇپتۇ.
دىكەنلى تۈزلەڭلىگى قايناپ كېتىپتۇ. يېزىلىقلار يەرنى تېرىشتىن ئىلگىرى تىكەنلەرنى نىمە قىلىشنى بىلمەيدىكەن. پۇتلىرىغا، پاقالچاقلىرىغا تىكەن كىرىپ تۇرسىمۇ يەر تېرىيدىكەن. چىدايدىكەن. مەمەت ئەمدى يەر تېرىشتىن ئىلگىرى تىكەنلەرگە ئوت ياقايلى دەپتۇ. يېزىلىقلار نىمىشقا بۇنى ئويلاپ باقمىغاندىمىز دىيىشىپ قاپتۇ.历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论