-
2010-12-16
مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ -داۋامى Memet Awaq Heqqide Parang -Dawami
مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ -داۋامى
Memet Awaq Heqqide Parang -Dawami
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى
ئوتنى دەسلەپ مەمەت يېقىپ بېرىپتۇ. يېزىلىقلارمۇ يېقىپتۇ. ئۇلار ياققان ئوت باشقا يېزىدىكى تىكەنلىكلەرگىمۇ تۇتىشىپتۇ. ئوت كېچىچە كۆيۈپتۇ. تىكەنلەر كۆيۈپ بولغان يەر قاپقارا بولۇپ ئېچىلىپتۇ. كېيىن يىراقتىكى ئەلى تېغىنىڭ چوققىسىمۇ يورۇپتۇ . بىر پارچە ئاپپاق يورۇقلۇق تاغنىڭ چوققىسىدا ئۇزۇنغىچە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
يەرگە ئىگە بولغان دىخانلار ناغرا چېلىپ ئۇسۇل ئويناپتۇ.-بىزنىڭ مەمەت ئاۋاق!
-بىزنىڭ مەمىتىمىز!
-ئۆكۈزلەرمۇ بىزنىڭ بولىدۇ!
-مەمەتنىڭ بۇنداق ئادەم بولىشى كىچىكىدىنلا مەلۇم ئىدى!
--ئەمدى ئاچ قالمايمىز!
-قىشتا ئىتتەك يالۋۇرۇپ ئابدى ئاغىنىڭ يېنىغا بارمايمىز!
--بىزنىڭ مەمەت بالىمىز!
-خەدىچەمۇ تۈرمىدىن چىقىدۇ!
بەش يېزا بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىمىز!
خەدىچەنىڭ ئۈستىدىن يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلەر تۆۋۋا قىپتۇ. مەمەت ئۇلارنى كەچۈرۋېتىپتۇ.دەگىرمەن ئولۈك چۈشلەردىكىدەك پار-پۇر پارقىرايدىكەن. مامۇقتەك كۈن نۇرى چېچىلىپتۇ. دەرەخلەر يورۇقلۇق ئىچىدە ئىغاڭلاپتۇ........
ئەلى تۆكۈر قىلغان ئىشىدىن پۇشايمان قىلىپ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن مەمەتنىڭ مەخپى خەۋەرچىسى بولۇشقا نىيەت قىلغان ئىكەن. بۇنى بىر مەمەت بىر ئۆزى ۋە خۇدا بىلىدىكەن. بىرەيلەن ئەلى توكۇر كېلىۋاتىدۇ دەپ مەمەتكە خەۋەر قىپتۇ.
ئەلى تۆكۇرنىڭ يۈزى سارغىيىپ قورۇلغان بولۇپ نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئون بەش ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىكەن. مەمەت نىمە بولدى دەپ سوراپتۇ. ئەلى گەپ قىلالماپتۇ. مەمەت قىستاپتۇ. ئەلى ناھايىتى تەستە ئاغزىنى يىرتقاندەك ئېچىپ،
ئۇ كاپىر ئوتتىن قۇتۇلۇپ كېتىپتۇ......دەپتۇ.
ئەسلىدە ئابدى ئاغىنى، ھۈسەيىن ئاغىنىڭ بۇقىدەك يوغان خوتۇنى يوتقانغا ئوراپ ئوتتىن سىرتقا ئېلىپ چىققان ئىكەن. مەمەت بۇ خوتۇننى يوتقان-كۆرپىلىرىنى توشۇۋاتىدۇ دەپ كارى بولماپتىكەن.
بۇنى ئاڭلاپ، مەمەت سارغىيىپ كېتىپتۇ....
دۇرمۇش ئەلىنىڭ خوتۇنى نالە قىلىشقا باشلاپتۇ. تەسەللىمۇ كار قىلماپتۇ. بۇ خەۋەر يېزىغا تارقاپ كېتىپتۇ. ھەممە ئادەم ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىپتۇ. كوچىدا ھېچكىم قالماپتۇ. خۇددى ۋارقىراشلارنى، توۋلاشلارنى، مۆرەشلەرنى، ھەممىنى تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈن بېسىپ كەتكەندەك بىراقلا يوقاپ كېتىپتۇ. ئادەم ئىشەنگۈسىز جىمجىت بولۇپ قاپتۇ. كوچىدا بىرەر توخومۇ قالماپتۇ. بايىلا بۇ يېزىدا بايرام بولغان ئىدى دىسە ھېچكىم ئىشەنمەيدىكەن. كالامۇللا تۇتۇپ قەسەم قىلسىمۇ ئىشەنمەيدىكەن. جىمجىتلىق چۈشتىن كېيىنگىچە داۋاملىشىپتۇ....
دىگەرگە يېقىن بىر خوراز قىغ دۆۋىسى ئۈستىگە چىقىپ پەيلىرىنى پارقىرىتىپ چىللاپتۇ. ئىتلارمۇ ھاۋشىشىقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئادەملەرمۇ ئۆيلىرىدىن چىقىپتۇ. ئۇ يەر بۇ يەرگە توپلىنىپتۇ. غۇدۇراشلار باشلىنىپتۇ.
-ئادەم بوپ قاپتۇ...
ئىبرايىم گاداينىڭ ئوغلىغۇ ئۇ... !
ئۆزىچە ئابدى ئاغىمىزنىڭ يەرلىرىنى بۆلۈپ تارقىتىپ يۈرۈيدۇ تېخى.
ۋاي قەلەندەرەي.
-قاراقچى بوپتىمىش تېخى.
--پوچىلىقىنى..
-يارىماس تۇڭگۇز ! بىر كۈنى تۇتۇلىدۇ.
-تۇرمىدە چىرىيدۇ.
-بىزنىڭ ئاغىمىزنى ئۆلتۈرمەكچىمىش.
-ئاغىمىز ئۇنداقتىن نەچچە يۈزىگە تېتىيدۇ.....
مەمەت بىلەن جاپپار يېزىلىقلارغا قورقماڭلار، ئەمدى ئابدى كېلەلمەيدۇ دەپتۇ. بۈگۈن ئۆلمىگەن بولسا كېيىن ئۆلىدۇ. چوقۇم ئۆلتۈرىمىز دەپ بېقىپتۇ. مىڭلارچە قەسەم ئىچىپتۇ. پايدىسى بولماپتۇ. ئۈركۈپ كەتكەن پادىغا پايدىسى بولماپتۇ.
بەزى يېزىلىقلار ئابدى ئاغىنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىپتۇ. ئابدىنىڭ خوتۇنلىرى بالىلىرى بىلەن ھال-مۇڭ قىلىشىپتۇ. غەيۋەت-شىكايەت كېچىچە داۋاملىشىپتۇ......
مەمەتنى قوللايدىغانلار ئۆيلىرىدىن چىقماپتۇ. دۇرمۇش ئەلى بىلەن خوتۇنى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئابدىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىگە غەزەپلىنىپتۇ. مەمەتكىمۇ گەپ قىلماپتۇ. ئۇلارنىڭ ياكى خۇداغا ياكى مەمەتكە ۋە ياكى ئابدى ئاغىغا غەزىۋى كېلىۋاتقانلىقى بىلگىلى بولمايدىكەن. ئەمما ئۆزىگە غەزىۋى كەلمىگەنلىكى ئېنىق ئىكەن.
مەمەت بىلەن جاپپار يېزىدىن بېشىنى سالغىنىچە چىقىپ كېتىپتۇ. يېزىدىن چىققاندا ئىككى ئىت ئۇلارغا قاراپ قاۋاپتۇ. مەمەت بۇنىمۇ تۇيماپتۇ. جاپپار ئۇلارنى قوغلىۋېتىپتۇ.
مەمەت دىكەنلى تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا تۈزلەڭلىكنىڭ نېرىقى تەرىپىگە كۆزىنى پىچاقتەك قىلىپ قاراپ "خەپ ئابدى" دەپتۇ.........
ئابدى ئاغىنىڭ يالماۋۇزنىڭكىدەك يەتتە جېنىدىن يەنە بىرى چىقىپتۇ. ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈپتۇ. بۇ قېتىم ئالدىنقىدىن بەكرەك تۈگۈشۈپ كېتىپتۇ. ھالسىزلىنىپ كېتىپتۇ يېزىغىمۇ بارالماپتۇ. ئۆيىنى، ئىگەللىۋالغان يەرلىرىنى، ئوتاقچىلىقىنى قىلىدىغان دىخانلارنى قەرەللىك تەكشۈرەلمەپتۇ. ئۇلارنى ئىلگىركىدەك ۋاقتى-ۋاقتىدا ئەدەپلەپ تۇرالماپتۇ. مەمەتنىڭ سەۋەبىدىن يىغىۋالىدىغان ئاشلىقلىرى، سېلىقلىرى ۋاقتىدا يىغىلماپتۇ.
نىمە قىلارىنى بىلمىگەن ئىت ئىتتىن سوراپتۇ. دىگەندەك ئۇ ئەلى ساپاباينى ئىزدەپتۇ.ئەسلى ئەلى ساپا باي ئەنقەرەگە بېرىپ قانۇن ئوقۇغان ئىكەن. ئادۇۋكات بولماقچى ئىكەن. نىمە ئۈچۈندۇر بۇ زىيالىيچاق ئادۇۋكات بولماي يېزىغا قايتىپ كەپتۇ. يەرگە قىزىقىپ قاپتۇ. دىخانلارنىڭ يېرىنى ھەر-خىل ئۇسۇلدا ئىگەللەشنى باشلاپتۇ. ئەنقەرەدە ھىلىنىڭ ھەر-خىل نامدىكى مەكتەپلىرىدە تەربىيلەنگەن بۇ ئادەم ئەلۋەتتە ياماندە. يېزىلىقلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كېلەلەمدۇ ؟!
يېزىدا تونۇش ئادەملەر ئارا ھىلە بولمايدىكەن. ئىت-مۈشۈك توخولىرىمۇ تونۇش كوچىدا ھىلىگە ئورۇن چىقامدۇ. كۈندىلىك سالام-سائەت بىلەن خوشنىدارچىلىق ئۇنىڭغا ئورۇن قالدۇرمايدىكەن. ھىلە-مىكىر دىگەن ناتونۇش ئادەملەر جىق يەردە تولا بولىدىكەن. شۇڭا شەھەردە قايسىلا دوقمۇشتا تۇرساڭ مىڭ ھىلە-نەيرەڭ كۆرۈشكىلى كېلىدىكەن. ئەلى ساپا ئەشۇنداق چوڭ شەھەرلەردە چوڭ مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەپتىكەن.
ئۇ بىراقلا يەرگە قىزىقىپ قاپتۇ. سودىنىڭ، تەرەقىياتنىڭ دادىسى بولغان يەرگە قىزىقىپ قاپتۇ. تىرىشىپتۇ. جان-جەھلى بىلەن تىركىشىپتۇ. ئىشنى ۋاي ۋاي يېزىسىدىن باشلاپتۇ. نۇرغۇن يەرگە ئىگە بوپتۇ. ئەمما يەنىلا ئارزۇسىدىكى يەرگە يەتمەپتۇ. قانماپتۇ. ئۈگەنگەن ھەممە ھىلىسىنى ئىشلىتىپ بوپتۇ. ئەمدى يېڭى ھىلە تاپمىسا يېرى كۆپەيمەيدىكەن.
ئۇنىمۇ تېپىپتۇ. ئوسمان قەلەيچى دەپ بىرىنى تېپىپتۇ. تاغقا چىقىرىپ قاراقچى قىپتۇ. جاھىل دېھقانلارغا قەلەيچىنى ساپتۇ. بۇلىتىپتۇ. ئۆلتۈرۈپتۇ. دىخانلار قەلەيچىدىن قورقۇپ سىرتقىمۇ چىقالمايدىغان بوپتۇ. ئەلى ساپانىڭ يېرىگە يەنە يېڭىدىن يەرلەر قوشۇلۇشقا باشلاپتۇ......
ئەلى ساپا باي ئەنقەرەگە بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ بۇسىنىمۇ چىقارمايدىكەن. كىملا ئەرز قىلسۇن ئۇنىڭ بىلىشىدىن نېرى بولمايدىكەن. باستۇرۋالىدىكەن. بۇلارنى قىلالايدىكەن. چۈنكى ئۇ ھۆكۈمەت بىلەن دىخانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولنىڭ كۆۋرىكىدە ئولتۇرىدىكەن. ئەنقەرەمۇ بۇ تەرەپلەدە چوڭ ئىش چىقمىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا كۆز يۇمىدىكەن. چۈنكى دۆلەتنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالى كۆزىنى يۇمۇشقا مەجبۇرلايدىكەن..
بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە قارشىلاشقان، تالاشقان، قانۇن-دەۋادىن خەۋىرى بار ئادەملەر ئۇنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىكەن. ئاتا دۈشمىنىدىنمۇ بەكرەك دۈشمەنكەن. ئۇ قارا دۈت يېزىسىدىكى بەكرى ئەپەندىنى يوقىتىپتۇ. ئۇنى ئوسمان قەليچىگە ئاتقۇزۇپتۇ. قەلەيچى بەكرى ئەپەندى بىلەن بىر نەۋرىلەردىن بولسىمۇ ئۇنى ئېتىپتۇ. مەيلى قارا جاھىللىق قىلغان دىخانلار ياكى قانۇن دەۋاسى قىلغان بەكرى ئەپەندىدەكلەر بولسۇن ھەممىسىنى بىر ئامال قىلىپ يوقىتىپتۇ. مەنپەئەت دىگەن نەرسە بۇ كۈرەشتە تۇققاننى يات. ياتنى تۇققان قىپتۇ. ئابدى ئاغا ئەلى ساپاباينىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. ئۆزىگە تۇتاشقان ئوتنى ھەمدە بۇ ئوتنىڭ ئۇنىڭغىمۇ تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈپتۇ.
ئەلى ساپاي ئۇنىڭسىزمۇ مەمەت ئاۋاق توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلاۋېتىپتىكەن. ئۇ قاراقچىنى قاراقچىنىڭ قولى بىلەن يوقىتىش ئۈچۈن ئوسمان قەلەيچىنىڭ ئەترىتىنى ئىشقا سالماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئادەم ئېۋەتىپتۇ. قەلەيچىنى چاقىرتىپ نۇرغۇن پۇل ۋەدە قىپتۇ ۋە قوراللىرىنى يېڭىلاپ بېرىپتۇ.
قەلەيچىلىكتىن زېرىكىپ قاراقچى بولغان بۇ قەلەيچى مەمەتنى ئۆلتۈرەلمەپتۇ. مەمەت ئۇنى ئىككى ئادىمى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۋېتىپتۇ. ئىتقا لايىق، ئىتلا بوپتۇ. قاراقچى بولالماپتۇ.....
بۇ خەۋەر قەدىرلىدىن كوزانغىچە، جەيھاندىن ئاداناغىچە، ھەتتا ئوسمانىيەگىچە تارقىلىپتۇ...چوقۇر ئوۋادا، تورۇس تاغلىرىدا مەمەتنىڭ ئىشلىرى سۆزلىنىدىكەن. ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچىدىكەن. تاغلىقلار مەمەتنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنى بىراقلا ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنى خەتەرگە قارىماي قوغداشقا ئالدىراپتۇ. بولۇپمۇ ئەلى ساپاباي ۋە قەلەيچى ئەترىتىنىڭ بەكرەك زىيىنىغا ئۇچرىغان ۋاي ۋاي يېزىسىدىكىلەر قەلەيچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قۇلاق ئاڭلىمىغان خوشاللىققا چۆمۈپتۇ. خەۋەر كېچىدە كەلگەن بولسىمۇ يېزىنىڭ ئىچى دەگىرمەن ئولۈك يېزىسىدىكى بايرامدىن نەچچە باراۋەر ئېشىپ كېتىپتۇ..........
ۋاي ۋاي يېزىسىدىكى ئاقساقال ئوسمان چوڭ ئۆزىنىڭ بۇ شۇڭقارىنى، كۆزى كۆرۈپ باقمىغان بۈركۈتىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن دەگىرمەن ئولۈك يېزىسىغا كەپتۇ. دۇرمۇش ئەلى بىلەن خوتۇنى ئۇنىڭغا مەمەتنىڭ ئىشلىرىنى، مەمەتنى پاراڭ سېلىپ بېرىپتۇ. يېزىدىكىلەرنىڭ مەمەتكە قىلغانلىرىنى داتلاپ بېرىپتۇ. ئەلى توكۇر ئوسمان چوڭنى باشلاپ چىچەكلىك جىلغىسىغا باشلاپ بېرىپ مەمەت بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ. ئوسمان چوڭ مەمەتنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ كونا تۈركمەن ئادەتلىرى بويىچە پۇراپتۇ، يىغلاپ تۇرۇپ سۆيۈپتۇ. خۇددى جىرجىس ھاجى خوجىنىيازنى پۇراپ قۇچاغلىغاندەك قۇچاغلاپتۇ. ۋاي ۋاي يېزىسىدىكىلەر يوللۇق قىلغان پۇللارنى مەمەتكە بېرىپتۇ. ھەر ئايدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قاراقچىسىنى يوقلاپ تۇرۇشقا قەسەم قىپتۇ. جاپپار بۇلارنى كۆرۈپ بۇ خەلق سېنى ياخشى كۆرۈپ قالسىلا قىيامەتكىچە قاراقچىلىق قىلساڭمۇ ئەرزىيدىكەن دەپتۇ.............
مەمەت خەدىچەنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن شەھەرگە كىرمەكچى بولۇپتۇ. بۇ گەپ تاغلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تارىلىپتۇ. بىراق ھۆكۈمەت ئادەملىرىگە، ئەمەلدار بايلارنىڭ بىرىگىمۇ ئاڭلانماپتۇ. تاغلىقلار مەمەتنىڭ قورقۇمسىز تەلۋىلىكىگە ھەيران قاپتۇ. ھەم ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىپتۇ. خەلىقلەرنىڭ ئەندىشىسى ئورۇنسىز ئەمەسكەن. مەمەتتىن ئايرىلىپ قالسا ئۆزلىرى نىمە كۈنگە قالىدۇ. ئاتا كۆرمىگەن خوشاللىقى، بالىسى كۆرىدىغان ئاراملىقى بۇزۇلمامدۇ. چۈنكى بۇ تاغلار بىنا بولغاندىن بۇيان بۇنداق قاراقچىنى، بۇنداق مەمەت ئاۋاقنى كۆرۈپ باقماپتىكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ دىگەن مەمەت ئاۋاق تۇرسا !
ئەمما مەمەت ئاۋاق خەدىچەنى كۆرۈشكە يەنىلا بېرىپتۇ. مەسنى قويۇپ بەرمەي بولامدۇ. مەس يىقىلغىچە ماڭمىسا ئۇنىمايدۇ. مەمەتكە ئىشتىياق كىرگەن ئىكەن. ماڭسۇن. قالغىنىنى خۇداغا قويسۇن.
شۇ ۋاقىتتا خەدىچەلەرنى كوزانغا يۆتكەش بۇيرىقى كەلگەن ئىكەن. خەدىچە بىلەن ئىراز بىزنى كوزانغا ئېلىپ بېرىپ سوتلايدۇ ھەمدە گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىدۇ دىگەن خىيالدىكەن. بىراق قويۇپ بەرسە چوقۇر ئۇۋادىلا قويۇپ بەرمەمدۇ. كوزانغا باردىڭ دىگەن گەپ گۇناھىڭ ئېغىر رەسمى سوتقا كىرىسەن دىگەن گەپكەن.مەمەت ئاۋاق ھىچكىمگە بىلدۈرمەي تۈرمىگە بېرىپتۇ. شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپتۇ. ژاندارما ساقچىلارنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپتۇ. مەمەتنىڭ رىۋايەتلىرى ۋە مەمەتنىڭ ئوي-خىياللىرىنى دورا قىلىپ تىرىك ياشاۋاتقان خەدىچە بىلەن ئىراز مەمەتنى كۆرۈپتۇ. قېتىپلا قاپتۇ. كەسسە بىر تامچە قان چىقمايدىغاندەك قېتىپ قاپتۇ........
مەمەت ئۇلارنى كوزان تۈرمىسىگە يۆتكىگەندە قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ قايتىپتۇ. بۇرنىمۇ قانىماستىن ھۆكۈمەتنىڭ يۈرىگىدىن قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق چىقىپ كېتىپتۇ. خۇدا ئۇنى ساقلاپتۇ، قوللاپتۇ. ئىككى مەزلۇمغا، قالغان مەزلۇملارغا ئىچى ئاغرىپتۇ........
مەمەتكە ئېرىشمىگەن خوشاللىق نېسىپ بوپتۇ. ژاندارمىلارنىڭ قولىدىن خەدىچە بىلەن ئىرازنى بۇلاشنى پىلانلاپتۇ. ھەمرالىرى ئۇنى ئەيىپلەپتۇ. بۇ ئۆلۈمگە ماڭغانلىق دىيىشىپ ئۇنى تىللاپتۇ. ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ياردەملىشىپتۇ. ئاۋاققا پەرۋا قىلماي بولامدۇ. مەمەت خەدىچەنىڭلا مەمىتى بولمىسا يە،
مەمەت ناخشا ئېيتىپتۇ. شۇ چاغلاردا يېشى توقسەندىن ئاشقان ئىسمائىل غوجا دەيدىغان بىر كونا تۈركمەن بار ئىكەن. ئۇنىڭ نەچچىلىگەن خوتۇنلىرىدىن نەچچە ئونلىغان بالىلىرى-نەۋرىلىرى بار بوۋايكەن. تۈۋى يېيىلغان ئۈچى ئۇزارغان ئاقساقالكەن. ئۇ داۋاملىق :چىقتىم كوزان بېشىغا،
تىزىمغىچە قار كېچىپ.
يارام ئاقتى كۆز بولۇپ.
تېپىلارمۇ بىر تىۋىپ.
دىگەندەك كونا تۈرۈكمەن ناخشىلىرىنى ئېيتىدىكەن.
مەمەتمۇ ناخشا ئېيتىپتۇ. مەمەتنىڭ ناخشا ئېيتقىنى ھىچكىم ئاڭلىماپتىكەن. قوي-كالىلارمۇ ئاڭلىماپتىكەن. تاشلارمۇ ئاڭلىماپتىكەن. ئەمما
بۈگۈن ناخشا ئېيتىپتۇ.ئېيتقاندىمۇ شۇنداق ياخشى ئېيتىپتۇ. )ئامۇت شاختا پىشىپتۇ
قۇياشمۇ نۇر چېچىپتۇ.
ئانىسى يوتقان بەرمىگەچ،
ئاق ئەمچەكلەر ئۈشۈپتۇ....خەدىچە بىلەن ئىراز چارشەنبە كۈنى ژاندارمىلارنىڭ يالىشى بىلەن كوزانغا يولغا چىقىپتۇ. ئەمما بىزنىڭ مەمەت ئاۋاق ئۇلاردىن ئىككى كۈن بۇرۇنلا كىچىك چىنار يېزىسىنىڭ يېنىدىكى قومۇشلۇقتا پىستىرما قۇرۇپ كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ ساقچىلارنى يارىدار قىلىپ، ئاياللارنى بۇلاپتۇ.
خەدىچە بىلەن ئىراز قېنىپ بىر نەپەس ئاپتۇ. تۇنجى قېتىم ھاۋانى ئۆپكىسى توشقىدەك خاتىرجەملىك بىلەن سۈمۈرۈپتۇ.............
بۇ ۋەقە ھۆكۈمەتنى چۆچۈتۈپتۇ. ئاددى بىر قاراقچىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن مەھبۇس بۇلىشى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش ئىكەن. "مەمەتنىڭ يا ئۆلىگى ياكى تىرىگىنى تېپىپ كېلىش، بولمىسا !...
بۇيرۇق قاتتىق ئىكەن. مەمەتنى تۇتالمىسا جاۋاپكارلىقىنى ھېچكىم ئۈستىگە ئالالمايدىكەن. بەزى ۋاقىتلىرىدا ھۆكۈمەتتە شەرەپنى ئالىدىغان مەيدىلەر جىق بولغان بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئالىدىغان مۈرىلەر بولمايدىكەن. نۇرغۇن ئەمەلدارلاردا مەن دەپ ئۇرىدىغان مەيدە بولغان بىلەن كۆتۈرەيچۇ دەيدىغان مۇرە بولمايدىكەن. مۇرىسى يوق خورازدەككەن.......خورازدەككەن...
بۇيرۇق ئالغان ساقچىلار قايسى تاغلىق يېزىغا بارسا شۇ يېزىدا قىيامەت بولۇپتۇ. قىيامەت بۇ قېتىم بىراقلا كەلمەي نۆۋەت بويىچە كەپتۇ. تاياق يىمىگەن ئادەم قالماپتۇ. قىرچىندەك كىچككىنە بالىلاردىن تارتىپ، قاقشال تاياقتەك قېرى مومايلارغىچە تاياق يەپتۇ. بىراق ھېچكىم مەمەتنىڭ تۇرغان يېرىنى بىلمەيدىكەن. ژاندارمىلارغا يول باشلىغانلار يول باشلاۋېتىپ ئېزىپ قالىدىكەن. ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا ئېزىپ قالغاندەك ئېزىپ قالىدىكەن...........
مەمەتنىڭ گۇناھسىز خەدىچەنى، دەرتمەن ئىرازنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقى ، قەلەيچىنى ئۆلتۈرۈپ، ئارمىيەنى ساقچىلارنى كولدۇرلىتىۋاتقانلىقى پاراڭلارنىڭ پارىڭى بوپتۇ. ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن ئابدى ئاغىنى ئىزدەۋاتقانلىقى تاغلىق يېزىلاردا ، ئۇنىڭ يېزىسى دەگىرمەن ئولۈكتە تىللاردا داستانغا ئايلىنىپتۇ. ھەممە ئادەم ئىشلىرىنى تاشلاپ مۇشۇ ھەقتە پاراڭلىشىدىكەن. باشقا ناخشا ئېيتماي مۇشۇ ھەقتە قوشاقلار توقۇشىدىكەن.
ساقچىلار دەگىرمەن ئولۈك يېزىسىغا بېرىپتۇ. دۇرمۇش ئەلىنى، خوتۇنى ھۆرى موماينى پالاققا تارتىپتۇ. كالتەكلەپتۇ. ياغاچتىن ياسالغان پالاق خۇددى ياغاچقا تەگكەندەك ئاۋاز چىقىپتۇ. پايدىسى بولماپتۇ. ئىككى قېرىنىڭ ئېغىزى تۇغۇلىشىدىنلا ئېتىكلىكتەك زۇۋان چىقماپتۇ. يېزىدىكى باشقىلارنىمۇ ئۇرۇپتۇ. ئەھۋال ئوخشاش، زۇۋان چىقماپتۇ. ساقچىلار ھېرىپ كېتىپ دىخانلارنى بىر بىرىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. ساقچىمۇ ئادەمدە ئۇلارمۇ چارچايدۇ-دە. ئەمما ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش بوپتۇ. دىخانلار بىر-بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىشكە رازىكەن. زۇۋان سۈرمەيدىكەن.
شۇنداق قىلىپ مەمەت ئاۋاقنىڭ دەستىدىن چوقۇر ئوۋا يېزىلىرىدا تاياق يىمىگەن ئادەم قالماپتۇ................
مەمەت ئاۋاقلار ئەلى تېغىغا بېرىۋالغان ئىكەن. خەدىچەسى بىلەن ئىراز ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەن. قاراقچىنىڭ خوتۇنى بولماق ئاسان ئەمەسكەن. ئاپتاپ سۇنۇپ خاتىرجەم ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن. مۆكۈپ-قېچىپ يۈرگەن ئادەم ئەينەككە قاراپ چاچمۇ تارىيالمايدىكەن. ئوق تەگمىگەندىمۇ، يۈزلىرىگە قىياقلار، شاخلار سۈرۈلۈپ يارا قىلىپ تۇرىدىكەن. ئەمما قاراقچىلىقتا خاتىرجەملىكنى ئىزدىيەلەيدىكەن. تاپالمىسىمۇ يەنىلا ئىزدەشكە بولىدىكەن. ھىچنىمىنى ئىزدىگىلى ، تاپقىلى بولمايدىغان تۈرمىگە ئوخشىمايدىكەن. ئىراز بىلەن خەدىچە چوڭ كەچۈرۈمدىن ھېلىمۇ ئۈمۈتۋاركەن. خەدىچەگە خاتىرجەم تۇرمۇش كېرەككەن. مەمەتلا كېرەككەن. مەمەت كالا باقامدۇ ياكى تېرىقچىلىق قىلامدۇ بەرىبىركەن. تىنىچ ياشىسىلا بولىدىكەن. تۈرمىدىكى چېغىدا مەمەتنىڭ قاراقچىلىقى خەدىچەنى خوش قىلىپتىكەن. ئەمدى ئۇنداق بولماپتۇ. چۈنكى خەدىچە ئازات بوپتۇ. زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپتۇ. قاراقچىنىڭ خوتۇنى بولسىلا قاراقچىلىقنى خالامدۇ، خالىمايدۇ-دە . چۈنكى مەمەتنىڭ جاپاسىنى خەدىچەلا تارتىۋاتسا، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى باشقىلار كۆرۈۋاتسا.
ئىراز ئاچىسى ئۇنداق ئەمەسكەن. قاراقچىلىقنى تاشلىغىلى بولمايدىكەن. يەر تېرىيدىغان،كالا باقىدىغان ئادەم ئازمۇ. بىراق مەمەتتەك قاراقچىدىن نەچچىسى بار دەيسىز. زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئادەم تېخى كۆپ. شۇڭا مەمەت ھازىر يەر تېرىسا بولمايدىكەن. خەدىچە ئۆزىنىلا ئويلىمىسۇن. مەمەت قاراقچىلىقنى تۈگەتسۇن، ئاندىن قاراقچىلىق قىلمىسۇن. شۇچاغدا يەر تېرىسىمۇ بولىدىكەن، كالا باقسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما ھازىر قاراقچىلىق قىلمىسا بولمايدىكەن. قاراقچى بولمىسا ئۆلتۈرىدىكەن. ناۋادا كەچۈرۈم ئېلان بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە كەچۈرۈم دەپ يېزىپ قويامدۇ. ياق ئەشۇ كەچۈرۈمنى ئۆزىنىڭ قۇلىقى بىلەن ئاڭلىشى كېرەك. ئۆلگەندە كەچۈرگەن ساخاۋەت، تىرىكلەرنى ئالداش، ئۆلگەنلەرنى مەسخىرە قىلىشقۇ. شۇڭا كەچۈرۈم كەلگۈچە قاراقچىلىق قىلىپ ئۆزلىرىنى قوغدىشى كېرەك.
چىداش كېرەك. كەچۈرۈم ھامىنى كېلىدۇ. ھەر چوققىنىڭ ئۈستىدە بىردىن يورۇقلۇق پەيدا بولىدۇ. ئەتراپ يوپ-يورۇق بولۇپ كېتىدۇ.
خەدىچە بىلەن ئىراز ئاچىسىنىڭ يۈزلىرى يورۇپ كېتىپتۇ. خۇددى ئەتراپتىكى چوققىلار يورۇۋاتقاندەك.........
دەگىرمەن ئولۈكتىكىلەر بۇزۇلۇپتۇ. ئابدى ئاغا ئېۋەتكەن ئادەملەرگە ئۇنىڭ ھەققىنى بەرمەپتۇ. يېرىنى تېرىپ ئالغان ئاشلىقتىن ھەققىنى بەرمەپتۇ. دىخانلار ھوسۇل ئالالمىدۇق دەپتۇ. باشقا يىللاردا تېرىغان ئۇرىقىنى ئالالمىسىمۇ مول-ھوسۇل ئالدۇق دەيدىغان دىخانلار، بۇ يىل شۇنداق نۇرغۇن ھوسۇل ئالسىمۇ، ھوسۇل ئالالمىدۇق دەپتۇ. ھۆكۈمەت ئادەملىرى ئارىلىشىپتۇ. دىخانلارنىڭ ئاشلىقلىرىنى يەنىلا تاپالماپتۇ. خۇددى ئاشلىق تېرىپ باقمىغاندەك ھېچنىمە تېپىلماپتۇ. بېزىرىپ تۇرۇپتۇ. ئاشلىق بولسا بېرەتتۇق. گۈلدەك ئاغىمىزنى ، ئابدى ئاتىمىزنى نائۈمۈت قويمايتتۇق. دىيىشىپ يالغاندىن كۆزلىرىنى ئۇۋىلىشىپ قويۇپتۇ.ھۆرى ئانا بۇ ئىشتىن شۇنداق خوشال بولۇپتۇ. بەش يۈز يىل ياشىسىمۇ كۆرۈش نېسىپ بولمايدىغان بۇ قىلىق ئۇنى شاتلاندۇرۇپتۇ. دىخانلاردىن سۆيۈنۈپتۇ. تاياق يارىلىرى ساقايمىغان تېنىنى سۆرەپ يۈرۈپ يېزىنىڭ كوچىلىرىنى پۇراپتۇ. پۇراپ باقمىغاندەك پۇراپتۇ. ئەسكى تاملىقلارغا ، كوچىدىكى ئۇششاق تاشلارغا قەدەر مۇھەببەت بىلەن قاراپتۇ. ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغاندەك قاراپتۇ. كۆڭلىدىكى ئادىمىدىن ئەلچى كەلگەن قىزغا ئەسكى تاملىقمۇ چىرايلىق كۆرۈنگەندەك ئىش بوپتۇ.......
مەمەتتىن قورقۇپ شەھەرگە كىرىۋالغان ئابدى ئاغا ئۇچرىغانلا كىشىگە سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ..... دىمىدىممۇ مانا، ئەشۇ مەمەتنىڭ كاساپىتى، تۇغۇلمىغان موزىيىنىمۇ بېرىشكە تەييار دىخانلار بۇزۇلدى. كاللىسىغا بىر خىيال كىرىپ قالدى. مەن شۇنداق خىيالنىڭ كىرىپ قېلىشىدىن قورققان. مەمەتنى يوقاتماي بولمايدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇلار ھۆكۈمەت بولىۋالىدۇ. پۈتۈن چوقۇر ئوۋادىكى يەرلەرنى دىخانلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ.....
شەھەردىمۇ مەمەتنىڭ گېپى، يېزىدىمۇ مەمەتنىڭ گېپى، تاغلاردىمۇ مەمەتنىڭ گېپى، ھەممىنىڭ ئېغىزىدا مەمەتنىڭ گېپى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى مەمەتنى تۇتالمىغانچە مەسخىرىگە قاپتۇ. بىر-بىرىگە تاپا-تەنە قىلىىشپتۇ. ئەشۇ مۇشتۇمدەك بالىنى-ھە......تۇتالمىدۇقما.....
ساقچىلار، ژاندارمىلارنى ئاسىم چاۋۇش يەنە باشلاپ مېڭىپتۇ. مەمەتنى ئىزدەپتۇ. ئىبراھىم قارىدەك ئاغىلارنىڭ قارا ئىتلىرىمۇ قوشۇلۇپتۇ. يالغان قاراقچى بولىۋالغانلارمۇ قوشۇلۇپتۇ. مەمەتنى ئىزلەپتۇ.
ئۈستى-بېشى قان دىخانلار، يارىسىنى تېڭىۋالغان پادىچىلار ساقچىلارنىڭ ھەركىتىدىن مەمەتنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىدىكەن.يېرىم يىل ئىزلەپتۇ. كۈز كەپتۇ، قىش كەپتۇ، قارا قىشتا مەمەتنى يەنىلا ئىزلەپتۇ. ھەر بىر دىخاننىڭ ، تاغدىكى پادىچىنىڭ ھەتتاكى ھەر تۈپ قارىغاينىڭ تۈۋىدە ژاندارما بار ئىكەن. مەمەتنى مارايدىكەن. جاھاننى ساقچى بېسىپ كەتكەندەك ئىش بوپتۇ.
تورۇس تاغلىرىنىڭ ھەر بىر تېشىدەك نۇرغۇن ئەسكەرلەر، چوقۇر ئوۋانىڭ كوچىلىرىدىكى ئىتلاردەك نۇرغۇن ساقچىلار
توختىماي ئىزلەپتۇ.
ئاپپاق قارلىق ئەلى تېغى چوققىسى،
سوغۇق چۈشتى يېتىپ بولماس كېچىسى.
قاراقچى ئۈچۈن دوزاق بولىدىغان قارلىق تاغدا ئۇلارنى يەنىلا تاپالماپتۇ. بۈركۈتلەر ياشايدىغان غارغا كىرىۋالغان مەمەتلەرنى تاپالماپتۇ.
نومۇسقا قاپتۇ. پۈتۈن ۋىلايەت تەۋرەپ مەمەتنى تۇتالمىسا، بۇ قانداق نومۇسلۇق ئىش-ھە. باشلىقلىرىنىڭ، خوتۇنلىرىنىڭ، دوس-بۇرادەرلىرىنىڭ يەنە ئاللىقانداق بىرنىمىلىرىنىڭ تەنىسى مەسخىرىسى ئەسكەرلەرنىڭ، ساقچىلارنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ............
مەمەت ھەپتىدە بىر غاردىن چىقىدىكەن. تۇرمۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئالغىلى پەستىكى يېزىلارغا بارىدىكەن. قايتىپ كەلگۈچە ئىزىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قارىغاي شاخلىرىنى سۆرەپ ماڭىدىكەن. ئىراز ئاچىسى، مەمەتتىن قورال ئېتىشنى ئۈگۈنۈپتۇ. شۇنداق مەرگەن بولۇپ كېتىپتۇ. خەدىچە قورالدىن قورقىدىكەن. ئىراز قورقسا بولمايدىكەن. بىر كۈنى مەمەت بىلەن ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالغىلى بارىدىكەن. قىساسىنى ئالمىسا ئۇ دۇنياغا خاتىرجەم بارغىلى بولامدۇ ؟! ئوغلى رىزانىڭ قىساس ئازابىدىن قۇتۇلماي قانداقمۇ ئۆلگىلى بولىدۇ ؟ ئوغلىنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدۇ........
مەمەت غاردىن پەستىكى يېزىلارغا چۈشكەندە گاھىدا ژاندارمىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىكەن. يوشۇرۇنغان يېرىمىزنى بىلىۋالمىسۇن دەپ ئۇلارنى ئالداپ باشقا ياققا قاچىدىكەن. خۇددى ئوۋچىنى كۆرسە ئۇۋىسىدىن باشقا ياققا ماڭىدىغان بۆرىدەك، ئۇۋىسىنى قوغداپ ئۇلارنى ئېزىقتۇرىدىكەن. ئاتىدىكەن. قاچىدىكەن. يارىدارمۇ بولىدىكەن. يەنە قايتىپ كېلىپ ئاتىدىكەن، يەنە قاچىدىكەن. قورشاۋغا چۈشۈپ قالسا جاپپار كېلىپ قالىدىكەن. ئەسكەرلەرنى ئالداپ مەمەتنى قاچۇرىدىكەن. ئىككى دوست، ئىككى قاراقچى بىر-بىرىنى كۆرمەستىن شۇنداق ھەمكارلىشىدىكەن......ئۇلار پەقەت ئاتقان ئوقىنىڭ ئاۋازى بىلەن تىرىكلىگىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىكەن. تىرىكمۇسەن، ئامانمۇسەن دەپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا ۋاقىت يوقكەن. قاراقچى بولسا شۇنداقكەن..............
خەدىچنىڭ ئاي-كۈنى يېقىنلاپ قاپتۇ. مەمەت ئاۋاق بالىلىق بولىدىغان بوپتۇ. ئاتا بولىدىغان بوپتۇ. ئاتا بولۇپ ئاتا-ئانىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش نېسىپ بوپتۇ. ئەمما ھۆكۈمەت ئادەملىرى ئۇلارنى ئىزدەشنى جىددىيلەشتۈرۈپتۇ. خەدىچەنىڭ تۇغۇتى يېقىنلىغانچە، ژاندارمىلارمۇ يېقىنلاپ كەپتۇ. بۇرنىنىڭ ئاستىنىدىنلا ئۇلارنى ئىزدەپ ئۆتىدىكەن. ئامال يوق، ئادەم بالىسى نەدە ئۆلىدىغىنىنى بىلمىگەندەك نەدە تۇغۇلۇشنىمۇ بىلمەيدۇ-دە.
ئەگەر بىلسە، كىمنىڭمۇ يۇمشاق كۆرپە، ئىسسىق ئۆيدە تۇغۇلغۇسى كەلمەيدۇ. كىمنىڭمۇ خاتىرجەم ياشايدىغىنىنى ياشاپ، بالىلىرى، نەۋرىلىرى، خۇدا بېرىپ قالسا چەۋرىلىرىمۇ چۆرىدەپ ئولتۇرغان كارۋاتتا ئۆلگىسى كەلمەيدۇ .
بۇمۇ بوپتۇ. مەمەتنىڭ بالىسى غاردا تۇغۇلىدىكەن. ھەممە ئادەم ئۆيدە تۇغۇلسا، بۇ بالا غاردا تۇغۇلىدىكەن. بۇمۇ بىر تەلەي. ھەممە ئادەمگە ئۇچرىمايغان ئىشنى تەلەي دەيمىز. مىليون ئادەمنىڭ بىرى ياكى ئىككىسى بۇنداق تەلەيگە يولۇقىدۇ. تەلەينىڭ كۈلكىسىمۇ ۋە يىغىسىمۇ بولىدۇ. بۇ كۈلكىنى نۇرغۇن ئادەم كۈلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ يىغىسىغا نۇرغۇن ئادەم چىدىيالمايدۇ. كۆتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا بىز ياراتقۇچىدىن تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان سىناقلارنى بېرىشتىن پاناھ تىلەيمىز. ياراتقۇچىمۇ ناھايىتى ئاز ئادەملەرگىلا بۇنداق تەلەينى بېرىدۇ......ئىراز ئاچىسى ئالدىراپتۇ. مەمەت ئالدىراپتۇ. خەدىچەنىڭ تۇغۇتىغا لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئەكەلمىسە بولمايدىكەن. ئامال يوق خەدىچەنى بىرەر يېزىغا ئاپىرالمايدىكەن. بىرەر قولى يېنىك تۈركمەن مومايغا تاپشۇرالمايدىكەن. بولمىسا چوقۇر ئوۋادا كىممۇ مەمەتنىڭ بالىسىنى تۇغدۇرمايدۇ دەيسىز. جان دەپ قوبۇل قىلاتتى. ئەمما مەمەتلەر بارالمايدىكەن. تۇتۇلۇپ قالىدىكەن. شىۋىرغاندىن بەكرەك قۇتراپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئۇلارنى تۇتىۋالىدىكەن. مەمەت يالغۇز بولسۇغۇ مەيلىتتى. ئەمما كۈنى توشۇپلا قالغان خەدىچە سىلىق تامدەك تاغنىڭ يامزىلىدا ماڭالامدۇ ؟ گاھىدا ئۆمىلەپ گاھىدا يۈگرەپ قاچالامدۇ ؟
غاردىكى ئوتنىڭ ئىسىدا، غارغا ئۇرىلىۋاتقان قار-شىۋىرغاندا ئۈچەيلەننىڭ ئازراقلا ئادەم شەكلى قاپتۇ. خەدىچە بىلەن ئىرازنىڭ چىرايلىق چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. مەمەتنىڭ چاچلىرى بىلەن ساقىلى ئۆسۈپ ئارىلىشىپ كېتىپتۇ.قايسىسى ساقال قايسىسى چاچ بىلگىلى بولمايدىكەن....
ئوزۇق-تۈلۈك ئۈزۈلۈپتۇ. خەدىچەگە لازىملىقلارنى تەييارلىمىسا بولمايدىكەن. ئۈچەيلەن ئالدىراپتۇ. مەمەت ئالدىراپتۇ. ئۇلار ئالدىرمىغان بىلەن قوساقتىكى بالا ئالدىراپتۇ. ئۆزى تۈغۈلىدىغان يەرنىڭ سوغۇق غار ئىكەنلىكىنى، ئەتراپتا قۇرتتەك ساقچى-ژاندارمىلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك، تۇغۇلۇشقا ئالدىراپتۇ.
بەلكىم ئاپىسىنىڭ تار قىسىلچاق قوسىقىدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلاۋاتقاندۇ. ئاپىسىنىڭ قوسىقىدىن ياخشى يەرنىڭ يوقلىقىنى ئۇ نەدىن بىلسۇن. ئاپىسىنىڭ باغرى قۇچاغلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن تار بىلىنىدىغانلىقىنى، ئىسسىق مېھرىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن دىمىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. كۆرمىگەندىكىن بىلمەيدىكەن. پەقەت تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇلارنى بىلىدىكەن. ئىسىت دەيدىكەن. نىمىشقا ئاپامنىڭ باغرىدا توقسەن توققۇز يىل ياتمىغاندىمەن دەيدىكەن........
مەمەت ئىككەيلەننى خۇداغا تاپشۇرۇپ، پەستىكى يېزىلارغا قاراپ ئالدىراپ مېڭىپتۇ. ئۆزىنى ئېتىپتۇ.
ئىككى ئايال، ئۆزلىرىدىن باشقا ھىچكىم، ھەتتا ئانىسىمۇ تونۇيالمىغىدەك بولۇپ قالغان ئىككى ئايال غاردا قاپتۇ. بىرى يۈرەكنى يېرىپ تۇغۇپ باققان، ئەمما بالىسى ئۆلۈپ كېتىپ يەنە بىر قېتىم يۈرىكى يېرىلغان ئانىكەن. يەنە بىرى، بالىسى ئۈچۈن يۈرىكىنى يېرىشقا تەييارلانغان ئانىكەن. ئىككى ئايالكەن.
مەمەت بۇ قېتىم ئالدىراشچىلىقتا ئىزىغا يۇلغۇن سۆرەپ مېڭىشنى ئۇنتۇپتۇ. ئىزىنى يوشۇرۇشنى ئۇنتۇپتۇ. كوزا كۈندە سۇنمىسىمۇ كۈنىگە يەتكەندە سۇنىدىكەن. سۇنمايدىغان كوزا بولمايدىكەن. مەمەتنىڭ ئىزى قاردا ئوچۇق قاپتۇ. قىستاپ كەلگەن بالىسى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. ئاۋاق ئۇنتۇپتۇ. كۆزىگە تۇغۇلىدىغان بالىسىلا كۆرۈنۈپتۇ. ھېچنىمە كۆرۈنمەپتۇ. مەمەتنىڭ ئاپپاق قار ئۈستىدە خۇددى قارغۇمۇ كۆرگىدەك ئوچۇق ئىزى قاپتۇ. ئىراز ئاچىسى كەينىدىن چىقىپ، ئىزنى كۆرۈپ مەمەت دەپ ۋاقىراپتۇ. مەمەت ئاڭلىماپتۇ. شىۋىرغاندا ئىرازنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئۆزىگە ئاڭلانمىسا، مەمەتكە ئاڭلىنامدۇ....
بولىدىغان ئىش بوپتۇ. مەمەت ئەتىسى خۇپتەن بىلەن قايتىپ كەپتۇ. تەستە قايتىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ چۈمىلىدەك ئەسكەر، ساقچىلارمۇ ئەگىشىپ كېلىپتۇ. غارنى قورشىۋاپتۇ. شۇنداق قاتتىق قورشىۋاپتۇ. ساقچىلارنىڭ جىقلىقىدا قۇلاقلىرىمۇ بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇرىدىكەن.
ئاسىم چاۋۇشنىڭ، ژاندارمىلارنىڭ، ساقچىلارنىڭ يۈرەكلىرى قىسىلىپ كېتىپتۇ. تۇنجى قېتىم مەمەتنى قولى بىلەن قويۇپ قويغاندەك تېپىۋاپتۇ. ئاسىم چاۋۇشقا خىزمەت كۆرسىتىدىغان پۇرسەت كەپتۇ. ئەسكەرلىرىگە شۇنداق دەپتۇ. بۇنداق ئولجىغا ئالدىرماسلىق كېرەك. چىۋىنمۇ قاچالمىسۇن. شىۋىرغان ئۆتكۈدەكمۇ يوچۇق قالمىسۇن. يىلغا يېقىن تارتقان ئەلەمنى چىقرىدىغان چاغ كەلدى. قېنى ئەزىمەتلەر تەييارلىنايلى دەپتۇ.
بىراق مەمەتلەر غارنىڭ ئىچىدىكەن. يۈگۈرۈپلا كىرىدىغان ئۆزۈڭنىڭ ئۆيى بولمىسا ئۇ. مەمەت بار غارغا كىم كىرەلەيدۇ. چىۋىننىڭ كۆزىنىمۇ تاللاپ ئاتىدىغان ئاۋاق ماراپ ياتسا......
ئاسىم چاۋۇش مەمەت تەسلىم بول دەپتۇ. كېچىرىم بولىدۇ دەپتۇ. ساقچىلار ئامالسىز ئەھۋالدا دەيدىغان ھەممە ياخشى گېپىنى دەپتۇ. خوتۇنىغا دىمىگەن يۇمشاق گەپلىرىنىمۇ دەپتۇ. مەمەت ئىشەنمەيدىكەن. يېقىن كەلمەڭلەر دەپتۇ. يېقىن كەلگەننىڭ ئوشۇقىغا ياكى تىزىغا ئاتىدىكەن. ئاسانلىقچە ئۆلتۈرمەيدىكەن. ساقچىنىڭمۇ بالىسى باردۇر، ئانىسى باردۇر. ئۆلمىسۇن. قايغۇ مەن بىلەنلا كەتسۇن دەيدىغاندۇ.
ئاسىم چاۋۇش مەمەتنىڭ قاچمىغانلىقىغا ھەيرانكەن. ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم قورشىۋالسىمۇ قوينىدىن، ساقىلىنىڭ ئاستىدىن چىقىپ كەتكەندەك چىقىپ كېتىپتىكەن. چاۋۇش ساقچىلارنى قورشاۋنى تارايتىشقا بۇيرۇپتۇ. قېنى مەمەتنىڭ ئوق ياسايدىغان زاۋۇتى يوقتۇر. تۈگىمەيدىغان ئوقى يوقتۇر. ئاتسۇن، كېرەك يوق ھامىنى تۇتىمىز.........
مەمەت بىلەن ئاچىسى ئىراز غارنىڭ ئېغىزىدا تۇرۇپ ساقچىلارنى يېقىن كەلتۈرمەپتۇ. ئىراز ئاچىسى مىلتىقنى ئوقلايدىكەن. مەمەت ئاتىدىكەن. ئېتىۋېرىپ قىزىپ ئوق ماڭمايدىغان بولۇپ قالغان قورالنى ئىراز ئاچىسى سوۋىتىدىكەن. مۈزدەك توپىغا سۈركەيدىكەن. يەنە ئوق سېلىپ بېرىدىكەن. تولغاق يەۋاتقان خەدىچەنىڭ ئاۋازى ئۆزگۈرۈپ قالسا،ئۇنىڭ يېنىغا يۈگرەيدىكەن. يۆلەيدىكەن.
سوغۇق غارنىڭ ئىچىدە تەرلەپ سۇ بولۇپ كەتكەن مەمەت، خەدىچە ۋە ئىرازلار ئۇياندىن-بۇيانغا يۈگرەيدىكەن. توختىماي ئاتىدىكەن، تولغاق دەردىنى تارتىدىكەن، بۈگۈن توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتقان كۈن بوپتۇ. ئاچىسى ئىراز ئادەم بالىسى مۇشۇنداق كۈندىمۇ تۇغامدۇ دەپتۇ. بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش يەر مۇشۇ غارنىڭ ئىچى بوپتۇ....ئاخىرى مەمەتنىڭ ئوقى تۈگەپتۇ. ئۇنىڭ ئوق ياسايدىغان زاۋۇتى يوقكەن. تۈگىمەس ئوقىمۇ يوقكەن. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ تۈگىمەس ئەسكىرى بارئىكەن. مەمەتنىڭ ئوقى تۈگەپتۇ. خەدىچەنىڭمۇ تولغاق نالىسى تۈگەپتۇ. مەمەت ئاۋاقنىڭ ئوغلى تۇغۇلۇپتۇ.
ئىراز ئاچىسى ئوغۇلكەن دەپتۇ. كونا ئادەت بويىچە كىندىكىنى كېسىپ، تۈز سۈيىدە يۇيۇپ زاكىلاپتۇ...
مەمەت ھېرىپتۇ. ئوغلى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدە شۇنداق ھېرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. بالا تۇغۇلغاندا ئاندىن بۇنى ھېس قىپتۇ. چىرايىدە شۇنداق بىر خاتىرجەملىك، ھەممە ئىشىنى تۈگىتىپ بولغان ئادەمنىڭ چىرايىدەك بىپەرۋالىق پەيدا بوپتۇ......
مەمەت پەستىكى ساقچىلارغا مەن تەسلىم بولىمەن دەپتۇ. ساقچىلار ئىشەنمەپتۇ. ھۆكۈمەتنى شۇنداق ئاۋارە قىلغان قاراقچى مەمەت ئاۋاق تەسلىم بولىمەن دەيدىغۇ. بۇ مۇمكىنمۇ دىيىشىپ كېتىپتۇ. بىرەيلەننى غارغا كىرگۈزۈپتۇ. كىرگەن ساقچى غاردىكى ئەھۋالنى، ئىككى ئايالنى، مەمەتنى، قۇچاقتىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆرۈپتۇ. ئاندىن ئىشىنىپتۇ. مەمەتنىڭ تەسلىم بولغانلىقىغا ئاسىم چاۋۇشمۇ ئىشىنىپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھېلىغۇ مەمەت ئاۋاقكەن ، گېزىك تۇرانمۇ تەسلىم بولاتتى دىيىشىپتۇ. ئۇنىڭ نىمىشقا بۇ قېتىم قاچمىغانلىقىنى ئەمدى بىلىپتۇ.
ئىراز قەپەزگە سولىۋالغان چىشى شىردەك ھەممىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپتۇ.
ھەي ئاسىم چاۋۇش، سەن مەمەت ئاۋاقنى تۇتالايدىغان ئادەمما، سىلەرنىڭ مېنىڭ مەمىتىمنى تۇتالىغۇدەك ھالىڭلار بارمۇ ؟ ئىسىت سەندەك ئەركەكلەرنى، قايسى ئەخمەق خوتۇن سىلەرنى ئەر دەپ قوينىغا سالار. مۇشۇ بالا بولمىسا بىز بىلەن تىرىك كۆرۈشەلەمتىڭ.....تەلىيىڭلار شۇنچىلىككەن، تولغاق يەۋاتقان خوتۇن سىلەرگە پۇرسەت بولدى. بۇ ئەر كىشىگە يارىشىدىغان پۇرسەتمۇ.....ئىسىت....سىلەرنى كۆتۈرگەن يەرگە، سىلەرنى باققان ئانىغا... ئىسىت دەپتۇ. ساقچىلار مىلتىقلىرىنىڭ قونداقلىرى بىلەن ئىرازنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇپتۇ. ئىراز قان ئېقىۋاتقان ئاغزى بىلەن تىللاشنى توختاتماپتۇ.
ئاسىم چاۋۇش ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ئۇ ئەسلىدە مەمەتنىڭ بۇنداق تۇتىلىشىنى خالىمايدىكەن. ئۆزىنىڭ نامىغا يارىشا ھەقىقى مەيداندا تۇتۇشنى خالايدىكەن. چاۋۇشقا نىمىشقىمۇ ھەقىقى شەرەپ نېسىپ بولمايدىغاندۇ. ماۋۇ خوتۇننىڭ گەپلىرى ئەتىلا پۈتۈن چوقۇر ئوۋاغا تارايدىكەن. ئاسىم چاۋۇشنىڭ يۈزىگە سەت بولىدىكەن. كىشىلەر ئاسىم چاۋۇشنى كۆرگەندە ئەنە، مەمەت ئاۋاقنى خوتۇنى تولغاق يەۋاتقاندا تۇتىۋالغان باتۇر چاۋۇش كېلىۋاتىدۇ دىيىشىدىكەن. بالىلىرىنى ھېلىقى قەھرىمان چاۋۇشنىڭ بالىلىرى دەپ مەسخىرە قىلىدىكەن.......ئاسىم چاۋۇش ئۆزىگە پۇرسەت ئەمەس، مەسخىرە بولغان بۇ غەلبىگە ئۆلگۈدەك بوپتۇ. مەمەتكە ياكى ماۋۇ خوتۇنغا ياكى ھەمرالىرىغا ئەمەس. ئۆزىنىڭ بۇ كاج تەلىيىگە شۇنداق ئۆچلىكى كەپتۇ. شەرەپ بىلەن نومۇس ئۇنى مەسخىرە قىپتۇ. قايسىسى شەرەپ قايسىسى نومۇس....... كاللىسى قېتىپلا قاپتۇ. بۇرۇنقى ئۆمرىدىغۇ شەرەپ نېسىپ بولماپتۇ. كېيىنكى ئۆمرى نومۇسقا چىلىىشىپ قالۇرمۇ .....چاۋۇش سەسكىنىپ كېتىپتۇ.
مەمەت، مەن سېنى ئوبدان بىلىمەن. سەن ئەزەلدىن بىزنى ئۆلتۈرۈش غەرىزىدە بولمىدىڭ، ئۆلتۈرگىدەك پۇرسىتىڭ بولسىمۇ ئۆلتۈرمىدىڭ. مەن دۇنيادا خالىمايدىغان ئىش، مېنىڭ چاۋۇش بولۇپ قالغانلىقىم سېنىڭ قاراقچى بولۇپ قالغانلىقىڭ. مەن خالىمايتتىم. مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما خىزمىتىم ھېچنىمىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. سەن كەت، ھازىرلا ئاياللارنى ئېلىپ كەت دەپتۇ. كەت دەپتۇ.
چاۋۇشنىڭ ئېغىزىدىن شۇ گەپ چىقىپتۇ. خۇدا ئاختا قوشقارغا مۈڭگۈزمۇ بېرىدىكەن. خۇدايا توۋۋا ! ساقچىنىڭ ئىچىدىمۇ، ژاندارمىنىڭ ئىچىدىمۇ مەرتلىكنى ئەلا بىلىدىغان ئادەم بولىدىكەن. توۋۋا، قۇلاق ئاڭلاپ، كۆز كۆرمىگەن ئىشقۇ بۇ. قۇدرىتىنىڭ چەكسىز...پەرۋاردىگار.
مەمەت ئاۋاق چاۋۇشقا باشقا گەپ قىلماپتۇ. شۇنداق بىر نەزەردە قاراپتۇ. خۇددى سۇلايمان چوڭغا، ھۆرى ئانىسىغا قارىغاندەك قاراپتۇ. مەن كەتتىم چاۋۇش، ئۆزەڭنى ئاسرا دەپتۇ.......
چوقۇر ئوۋانىڭ قىش كۈنلىرى سوغۇق بولىدۇ. تورۇس تاغلىرىمۇ سوغۇق بولىدۇ. ئەمما كۈندۈزى تاغ ئىچى كۈنگە يېقىن بولغاچقىمۇ ئىللىق بولىدۇ. بىزنىڭ تاغلارمۇ شۇنداق. ئادەم قىشلىقى سوغۇقمىكىن دەپ ئويلايدۇ. ئەمما شۇنداق ئىللىق يەرلىرىمۇ بار. شەھەرنىڭ تۇمانلىرى كۈننىڭ ئىللىق نۇرىنى ئۆتكۈزمەيدۇ. ئەمما تاغلاردا ئىس-تۇمان بولمىغاچقا، كۈن ئىللىق نۇرىنى خالىغانچە چاچالايدۇ. جاھاننى ئىللىتالايدۇ............
خەدىچە توغۇت ئازابىدىن، ئۇزۇن ۋاقىتلار ئاچ-توق يۈرگەنلىكتىن ئەسلىگە كېلەلمەپتۇ. دۇنيانىڭ خوۋلىقىنى، چوقۇر ئوۋادا سېتىۋالماقچى بولغان يەرلىرىنى، قىزىل رەڭلىك ئىنىكىنى، تېرىيدىغان ئىككى قۇر پىيىزىنى كۆرەلمەپتۇ. يامان كۈنلەردە مەمەتكە ھەمرا بولغان خەدىچە، كېيىنكى كۈنلەردە ھەمراھ بولالمايدىغان بوپتۇ. ئوغلىنى، ئاچىسى ئىرازنى تاشلاپ كېتىپتۇ. چاقىلىقتىكى ھېلىقى تۇردى يىڭجاڭنىڭ ئايالى، كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە ھاشىخان تۇەنجاڭ، ئوغلى ئىسمائىلنى تۇغۇپ ئۆلۈپ كەتكەندەك ئۆلۈپ كېتىپتۇ. قىسقىغىنە ئۆمرىدە لەززەتلىك كۈنلەرنىمۇ، ئىنسان چىدىمايدىغان مۇشەقەتلەرنىمۇ كۆرۈپتۇ. تۆھمەتنىمۇ، مۇھەببەتنىمۇ، ئازاپ-خوشاللىقنىمۇ كۆرۈپتۇ. ئەمما ئىسسىق ئۆيدە، خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بالىلىرى ۋە ئېرى بىلەن بىر قېتىم تاماق يىيەلمەپتۇ. بىر قېتىم بولسىمۇ ئەتتىگەندە ھاي ئورنىڭلاردىن تۇرۇڭلار، چاي تەييار بولدى دىيەلمەپتۇ. ھەرقانداق ئايال زاتىغا نېسىپ بولىدىغان شۇنچىلىك ئاددى تۇرمۇشمۇ خەدىچەگە نېسىپ بولماپتۇ. دۇنيادا ئادەم كۆتۈرگۈسىز ئازاپلاردىن چارچاپ كەتكەن خەدىچە ئورنىدىن ئاخىرقى قېتىم تۇرالماپتۇ. ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە ۋەلىنىڭ قاتىلى خەدىچە ئۆلۈپ كەتتى دەپ يېزىلىپتۇ..............
تاغلىقلار ياكى دىخانلار بولسۇن شۇندىن كېيىن مەمەتنى كۆرمەپتۇ. مەمەت خۇددى ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندەكلا يوقاپ كېتىپتۇ. يەرگە كىرىپ كەتمەپتۇ. بولمىسا بىرەر ئىنسان كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولاتتىكەن. ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى كىمدىن سورايسىز. ئۇ دىگەن يىلتىزى يوق قاراقچى تۇرسا. ياراتقان ئىگىسىنىڭ يېنىغا كەتمىگەن بولسىلا يۈرۈيدىغاندۇ.ئابدى ئاغا مەمەت يوقاپ كەتكەندىن كېيىنمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە يېزىغا كېلەلمەپتۇ. ماراپتۇ. كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا شۇنداق پاراڭلار ئېقىپ يۈرۈيدىكەن....مەمەت ئاۋاق چوقۇر ئوۋانى تاشلاپ كېتىپتۇ.... بالىسىنى ئېلىپ ھېچكىم بېرىپ باقمىغان يەرلەرگە كېتىپتۇمىش.... چوقۇر ئوۋاغا قارىمايمەن.... يېقىنلىرىمنى ئۆلتۈرگەن يەرلەرگە ئەمدى كەلمەيمەن دەپتۇ... بالامنى باقاي دەپتۇ.............
ئابدى ئاغا دەگىرمەن ئولۈككە قايتىپ كەپتۇ. يېزىغا قايتىپ كەپتۇ. دىخانلارنىڭ چۈشتەك كۈنلىرى ئاخىرلىشىپتۇ. ئابدى ئاغا مەمەتنىڭ دەستىدىن بىر يىل يىغالمىغان ئاشلىقلىرىنى، مەمەت سەۋەبىدىن تارتقان زىيانلىرىنى قوشۇپ ھېساپلاپ چوقۇر ئوۋادىكى بەش يېزىنىڭ ئادەملىرىگە چېچىپتۇ. ھەممىسى ئۈچ يىللىق سېلىققا تەڭ بوپتۇ. مەمەتكە يېقىنچىلىق قىلغىنىنى بۇرنىدىن چىقارماقچى بوپتۇ. دىخانلار خېلى ۋاقىت تاياق يىمىگەچكە دۈمبىسىدىكى تاياق يارىلىرى ساقىيىپ قالغان ئىكەن. ئارام تېپىپ قالغان ئىكەن. قايتىدىن تاياق يىيىش باشلىنىپتۇ. بىر قاراقچى جاھاننى ئۆزگەرتەلەمتى. ھۆكۈمەت دىگەن يەنىلا ھۆكۈمەتتە. مەمەت ئاۋاقنىڭ ھىكايىسى كونا تۇرمۇشىغا قايتقان دىخانلار، تاغلىقلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپتۇ. تۇرمۇش ئىزىغا چۈشۈپتۇ. ئابدى ئاغا يەنىلا ئاغا بوپتۇ. يېزىلىقلار يەنىلا ئۇنىڭ دىخانچىلىقىنى قىلىپ جان بېقىشنى باشلاپتۇ. بۇ قېتىمقى جان بېقىش ئىلگىركىلەردىن بەكرەك تەسكە توختاپتۇ. تېخىمۇ يامان كۈنگە قاپتۇ.....بەزىدە دىخانلار پاراڭلىشىپ قالسا، مەمەت ئاۋاق ئۆلگەنمىدۇ دىيىشىپ قويىدىكەن.....
چوقۇر ئوۋانىڭ ياز پەسلى بۇ يەرلەرگە ئوخشاشلا سالقىن باشلىنىدىكەن. كېيىن بىراقلا ئىسسىپ كېتىدىكەن. ئوخشاشكەن. تومۇزدا يېرىم كېچىدىن كېيىن ئازراق سالقىن بولىدۇ. كۈندۈزى يەنىلا تىنجىق ئىسسىق. ئىسسىقتا ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئىسسىق دەپ ئىشلىمەي بولامدۇ. ئەمما ئىسسىقتا ئۇخلىغىلى بولمايدۇ. تىنجىق دەستىدىن ئۇيقا قاچىدۇ. كېچىنىڭ تەڭ يېرىمى ئۆتۈپ ھاۋا ئازراق سالقىنلىغاندا ئاندىن ئازراق ئۇخلىغىلى بولىدۇ..........
ئەمدىلا كۆزى ئۇيقىغا بارغان ھۆرى ئانا، بىرسىنىڭ ھۆرى ئانا دەپ چاقىرغىنى ئاڭلىغاندەك بوپتۇ. يۈرىكى قوزغىلىپتۇ. قۇلاق ساپتۇ. راستىنلا بىرى چاقىرىۋاتقان ئىكەن. ئىشىكنى ئېچىپتۇ. ئىشىك ئالدىدا بىر ئاتلىق ئادەم تۇرغىدەك. ئاپپاق ئاينىڭ نۇرىغا چىلىشىپ بىر ئاتلىق تۇرغىدەك. مۇرىسىگە ئېسىۋالغان مىلتىقىنىڭ ئۇچى ئاي نۇرىدا يالت-يۇلت قىلىپ تۇرغىدەك.
-ھۆرى ئانا . مەن مەمەت ئاۋاق......
ھۆرى ئانىنىڭ پۇتلىرى يۇمشاپ كېتىپتۇ. ئۆزىنى كۆتۈرەلمەپتۇ. بىر يىلدىن تارتقان ئازاپلىرى، ئېرى دۇرمۇش ئەلىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى... ھەممە دەردى مەمەتنى كۆرۈپ ئېسىگە كەپتۇ. ھەممىسى بىراقلا ئۇنى بېسىپ يىقىتىپ قويۇپتۇ. يېقىنىنى ، ئاۋىقىنى، شۇڭقارىنى كۆرۈپ ئېسىگە كەپتۇ. يۇمشاق بولۇپ ئولتۇرۇپلا قاپتۇ.
مەمەت ئاتتىن چۈشۈپ ئۇنى يۆلەپتۇ. نۇرغۇن گەپلەرنى قىپتۇ. ھۆرى ئانىنىڭ قۇلىقىغا كىرمەپتۇ. قۇلىقىغا ئۆزىنىڭ بۇقۇلداپ يىغلاۋاتقان ئاۋازىلا ئاڭلانغۇدەك.
بىر چاغدا مەمەت ئابدى ئۆيىدە بارمۇ دەپ سوراپتۇ. ھۆرى ئانا ئېسىگە كەپتۇ. ئابدىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئېسىگە كەپتۇ. بەدەنلىرى قاتتىق بوپتۇ. قانلىرى شىددەت بىلەن ھەركەتلىنىپتۇ.
ئابدى بار . جېنىم بالام ئۇ بار. ئاپاڭنىڭ قاتىلى، تاغاڭنىڭ قاتىلى، خەدىچەنىڭ قاتىلى، يېزىلىقلارنىڭ قاتىلى ئۆيىدە بار. ئۇ تېخىچە ياشاۋاتمامدۇ.... دەپتۇ.مەمەت بولدى ئانا سەن قال. مەن بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ھېساپلىشىمەن دەپتۇ.
مەمەت ئابدىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. تاغدىن كەلدىم. ئاغامغا يەتكۈزىدىغان گەپ بار دەپ ئىشىكنى ئاچتۇرۇپتۇ. ئابدى ئاغا كىمسەن دەپ كۆرۈشكىلى چىقىپتۇ. مەمەت،-مەن، مەمەت ئاۋاق دەپتۇ.
داۋامىنى ئىنكاستىن ئوقىغايسىز.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论
مەمەت ھۆرى ئانىنىڭ يېنىغا كەپتۇ.
-ھۆرى ئانا مەندىن رازى بول. مەندىن رازى بولۇڭلار دەپتۇ.
مەمەت ئاي يورۇقى بىلەن كېچە قاراڭغۇلىقى ئارىلىشىپ كەتكەن يولدا ئۇزاپ كېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن مەمەتتىن خەۋەر بولماپتۇ. .....
بۇ قېتىم ئابدى ئۆلۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۆلىكى ئەتىسى دىگەرگىچە مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپتۇ. خوتۇن-بالىلىرىمۇ يېققىن كەلمەپتۇ. يىغلاپمۇ قويماپتۇ. يېزىلىقلار بىرلەپ-ئىككىلەپ يىغىلىپتۇ. ئادەم ئۆلۈكىگە قارىغاندەك قارىماپتۇ. يىرگىنىپ قاراپتۇ. خۇددى سېسىپ كەتكەن تۇڭگۇزنىڭ ئۆلىكىگە قارىغاندەك قاراپتۇ. چىرايلىرىنى پۇرۇشتۇرۇپ قاراپتۇ. بەزىلەر يەرگە تۈكۈرۈپتۇ. ئۇلار ئابدى ئاغا بار يەردە تۈكۈرۈپ باقماپتىكەن. تۇنجى قېتىم ئابدى ئاغا بار يەردە تۈكۈرۈپتۇ. بىرنەچچەيلەن ئابدىنىڭ ئۆلىكىنى ئاپىرىپ كۆمۈپ قويۇپتۇ.
كوچىدىكى ئادەملەر توپىنىڭ ئىچىدە كۈمۈش چاچ تەڭگىلىرىنى تاقاپ، ياغلىقىنى چېكىلەپ تېڭىۋالغان ھۆرى خاتۇنمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭ كۆڭلىكى يېنىك لەپىلدەپ تۇرىدىكەن. يىراقتىن خۇددى يېڭى تويى بولغان قىزدەكلا كۆرىنىدىكەن............
يېزىدىكىلەر يەرلىرىنى تېرىيدىغان بوپتۇ. ئابدى ئاغىنىڭ يەرلىرىنى ئەمەس، ئۆزىنىڭ يېرىنى تېرىيدىغان بوپتۇ. تېرىقچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى دىخانلار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، چىرايلىق ياسىنىپ مەيدانغا يىغىلىپتۇ. ئابدال ئوغلى بايرام ناغرىنى شۇنداق شوخ چېلىپتۇ. چوقۇر ئوۋادا ھىچقانداق ئابدال ئۇنىڭدەك چالالمايدىكەن. جۈمە سۇناي چېلىپتۇ. ئۇلار چالغان كۈيلەرنى ئولتۇرۇپ تىڭشىغىلى بولماپتۇ. كىملا بولسا ئورنىدىن كېتىپتۇ، غۇلاچلىرىنى كېرىپ ئۇسۇل ئويناپتۇ.
يېزىلىقلار شۇنداق بايرام خوشاللىقى بىلەن چېقىر تىكەنلىككە بېرىپتۇ. ئالدى بىلەن يۇرتنىڭ چوڭلىرى مەمەت ئاۋاق ئوت ياققاندەك تىكەنلەرگە ئوت يېقىپتۇ. چېقىر تىكەن شۇنداق تېز كۆيىدىكەن. دەسلەپ ئازراق يەرگە ئوت يېقىلسىمۇ بىر پەستە ئۆيدەك، خاماندەك جايغا كېڭىيىدىكەن. ئوت كېچىچە كۆيۈپتۇ. يېزىلىقلار ئوت يورىقىدا ئۇسۇل ئويناپ ناخشىلار ئېيتىپتۇ. چېقىر تىكەنلىككە ئوت يېقىلغاندا يىراقتىكى ئەلى چوققىسىدىمۇ بىر يورۇق پەيدا بولۇپتۇ. خېلى كۈنلەرگىچە چوققىدىكى يورۇق ئۆچمەپتۇ.
چوقار ئوۋادا ھەر يىلى تېرىقچىلىق باشلاشتىن ئىلگىرى چېقىر تىكەنلەرگە ئوت يېقىش بايرامغا ئوخشاش ئادەتكە ئايلىنىپتۇ. ئەلى تېغىدىكى يورۇقلۇقمۇ ھەر يىلى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ...........
شۇنداق قىلىپ مەمەت ئاۋاق رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمى تۈگىدى. ئىككىنچى قىسمىنى ئىنشائاللا، كېيىنكى قېتىم سۆزلەپ بېرەي.
2010يىلى 11-ئاينىڭ 10 كۈنى.
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت..
Abdurehim ablathan
مەزكۇر يوللانما يازما ئىگىسى ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ تەۋسىيىسى بىلەن چەۋەندازلار بلوگىغا يوللاندى.
يازما ئاپتورى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان تور خاتېرىسى
http://ablathan.blogbus.com/